بازار پىشىپ يېتىلگەندە سىزنىڭ يەنە پۇرسىتىڭىز بولامدۇ؟
ئاۋۋال مەن سىزگە بىر كىچىك ھېكايىنى سۆزلەپ بېرەي:
بىر بېلىقچى بىر كۈنى كېمىسىنى ھەيدەپ بېلىق تۇتقىلى چىقىپتۇ. ئۇ بىر تەرەپتىن كېمىسىنى ھەيدىگەچ يەنە بىر تەرەپتىن ئىنچىكىلىك بىلەن سۇ يۈزىدىكى كۆپۈكچىلەرنى كۈزىتىپتۇ، چۈنكى دادىسى ئىلگىرى ئۇنىڭغا سۇ يۈزىدە كۆپۈكچىلەر قانچە كۆپ بولسا سۇ ئاستىدا بېلىقنىڭ شۇنچە كۆپ بولىدىغانلىقىنى(بېلىق توپى بارلىقىنى) ئېيتىپ بەرگەنىكەن. تۇيۇقسىز ئۇ سۇ يۈزىدە خۇددى دادىسى تەسۋىرلەپ بەرگەنگە ئوخشاش سۇ كۆپۈكچىلىرىنى بايقاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇ تور تاشلاشقا تەمشىلىپتۇ . لېكىن كۆڭلىدە تەشۋىشلىنىپ، سۇ ئاستىدا بېلىق توپى بارلىقىنى ئېنىقلىماي تۇرۇپ تور تاشلىماسلىقنى قارار قىپتۇ.
لېكىن قانداق قىلغاندا سۇ ئاستىدا بېلىق توپى بارلىقىنى ئېنىقلىغىلى بولىدۇ؟
شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزى سەكرەپ چۈشۈپلا كۆرۈپ باقماقچى بولۇپ سۇ ئاستىغا چۈشكەندە ئۇ يەردە راستتىنلا ناھايىتى چوڭ بېلىق توپى بارلىقىنى كۆرۈپتۇ-دە، دەرھال قايتىپ چىقىپ تور تاشلاپتۇ، لېكىن غەلىتە يېرى بىرتالمۇ بېلىق تۇتالماپتۇ. ئۇ نۇرغۇن ئويلاپمۇ بىرەر تالمۇ بېلىق تۇتالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلەلمەپتۇ. مېنىڭچە ئەقىللىك كۆپچىلىك چوقۇم بىلىپ بولدى، بۇ كۈلكىلىك بېلىقچى تورنى تاشلىسىلا سۇ ئاستىدا بېلىق بار يوقلىقىنى بىلەلەيدىغانلىقىنى ئويلاشمىغان، يەنە تېخى سۇغا چۈشۈپ كۆرۈپ باققان. ئۇنىڭ كەمچىلىكى دەل بىر ئىشلارنى بىلمەيدىغان ئېنىقسىز ھالەت ئاستىدا، ئۆزىڭىزنىڭ تۇيغۇسىغا ئاساسەن يۈرەكلىك ھالدا سىناپ باقمىغان، چۈنكى مۇشۇنداق سىناشنىڭ نەتىجىسى دەل دەسلەپكى تۇيغۇرىڭىزنىڭ توغرا ياكى خاتالىقىنى ئايرىشنىڭ ئاساسى بولىدۇ.
بىر قىسىم كىشىلەر دائىم "چۈشىنىۋانغاندىن كېيىن بىر گەپ بولسۇن " ياكى "پۇرسەت پىشىپ يېتىلگەندە ئاندىن بىر گەپ بولسۇن" دەيدۇ. بۇ خىل كىشىلەر دائىم "سىزنىڭ دېگىنىڭىز ئىنتايىن توغرا ، لېكىن ئەمەلىي سودا ئۇنداق ئاسان ئەمەستە" ياكى "ئەمەلىيەتتە سىزنىڭ دېگىنىڭىز ئىنتايىن توغرا، لېكىن بۇنىڭدا شارائىتقا قارايمىزدە" دېگەندەك قارىماققا شۇنداق ئاساسى بار لوگىكىغا ئۇيغۇن سۆزلەرنى ئۆزىنىڭ دەرھال ھەرىكەتلىنىپ سودىغا كىرمەسلىكىنىڭ باھانە-سەۋەبى قىلىۋېلىشىدۇ. نەتىجىدە ئۇلار پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ. ئۇلار ھەر ئىشتا گەرچە شارائىتقا قارىساقمۇ لېكىن بۇ شارائىتنىڭ توختىماي ئۆزگىرىپ تۇرىدىغانلىقىنى ھەم ئاستا-ئاستا پىشىپ يىتىلىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ. ئەگەر جاھىللىق بىلەن پۇرسەتنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ساقلاپ ئاندىن ھەرىكەتلەنسەك، ئۇنداقتا بىز ھەممىنى چۈشەنگىنىمىزدە پۇرسەت ئاللىبۇرۇن كېتىپ قالىدۇ.
تارىختا نۇرغۇن داڭلىق كىشىلىرىمىز ئۆتكەن، ئۇلار دەل شارائىت پىشىپ يېتىلمىگەن، كەلگۈسى ئېنىق بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا يەنىلا توختىماي تىرىشقانلار! ئەگەر ئۇلارمۇ شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى، ھەممىنى چۈشىنىپ بولۇشنى كۈتكەن بولسا ئاشۇنداق ئاز ئۇچرايدىغان داڭلىق بولالارمىدى؟ پۇرسەت ئۇلارنى كۈتۈپ تۇرارمىدى ؟
ئەگەر سىز مەلۇم بىرىنى سودىدا ھەمكارلىشىشقا تەكلىپ قىلسىڭىز، بەزىلەر ئاساسىي ئەھۋالنى ئىگىلىگەندىن كېيىنلا دەرھال ئۆزىنىڭ ياخشى بولغان تۇيغۇسىغا ئاساسەن سېپىڭىزگە قوشۇلىدۇ، بۇ خىل كىشىلەرنى قولىدىن ئىش كېلىدىغان ، ئىستىقبالى بار كىشىلەر دەپ قارىساق بولىدۇ. گەرچە ئۇلار چوقۇم ئۇتۇق قازانمىسىمۇ لېكىن ئۇلار سودىدىكى %100 پۇرسەتنىڭ يوق پۇرسەت ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. شۇڭا ئۇلار دائىم ھەرقانداق ئىشقا يۈرەكلىك ھالدا تۇتۇش قىلىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىنى ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئۇلاردىكى ئاشۇ تەۋەككۈلچىلىكتىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ.
دىڭلېي تور سودىسىنى قۇرغاندا، ئەجەبا ئۇ ھەممىنى ئېنىق بىلەمتى؟ ئۇلارنىڭ كۆپرەك نەرسىلەرنى ئىگەللەشكە تىرىشىشىمۇ پايدىلىق شارائىتلارنىڭ كۆپىيىشىنى ئۈمىد قىلغىنى. ئەمەلىيەتتە ئۇلار شارائىت پىشىپ يېتىلگەندە بىرنېمە دېگىلى بولمايدىغانلىقىنى ھەممىدىن ئېنىق بىلىدۇ.
ئەڭ كۆڭۈلدىكىدەك شارائىت دەل دۈشمەن سەزمىگەن، ھەتتا قوشۇن بۆسۈپ كىرگەندىمۇ دۈشمەن تېخىچە تاتلىق ئۇيقۇدا ئۇخلاۋاتقان بولۇشى، لېكىن بۇنداق بولۇشى مۇمكىنمۇ ؟ سودىدا ھەمكارلاشقاندىمۇ، دەسلىپىدىكى ئېنىقسىز ھالەتتە سىز قوشۇلماي ، ئەمدى باشقىلار تىرىشىپ چوقۇم پۇل تاپالايدىغانلىقىڭىز ئېنىق بولغاندا ھەمكارلىشىمەن دېسىڭىز، دۇنيادا نەدە مۇشۇنداق ئاسان ئىش باركەن؟
ئەمەلىيەتتە، بەزى شارائىتلار سىز ئاكتىپلىق بىلەن ھەركەتلەنمىسىڭىز پىشىپ يېتىلمەيدۇ، ئەكسىچە سىز توختىماي ئىزدەنگەندىلا ئاندىن شارائىت پىشىپ يېتىلىپ سىزگە پايدا ئېلىپ كېلىدۇ. شۇڭا داڭلىق شەخسلەرنىڭ داڭلىق بولالىشىدىكى سەۋەب دەل ئۇلارنىڭ كۈچلۈك كۆزىتىش ئىقتىدارى ، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى ۋە ئىجرا قىلىش كۈچى بولغانلىقىدا. ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئادەتتىكى بولۇپ قېلىشىنىڭ سەۋەبى ئۇلارنىڭ ھەممىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ھەم شارائىت پىشىپ يېتىلگەندىن كېيىن ئاندىن ھەرىكەتكە كېلىشى .
بىز بۇنى جورا ئىزدەش بىلەن سېلىشتۇرساق، سىز جورا تېپىپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يۈرۈش- تۇرۇشىڭىزغا دىققەت قىلامسىز ؟ لېكىن بەزى كىشىلەرنىڭ كۆزقارىشى دەل ئەكسىچە، ئۇلار ئىلغار بولغان كۆز قاراش ۋە ئىدىيەلەرنى چوڭ تىپتىكى كارخانا ۋە داڭلىق ماركىلارلا قوللىنىدۇ دەپ ئويلايدۇ ، ئەمەلىيەتتە ئۇلار ئاشۇنداق ئىلغار ئىدىيەلەرنى قوللانغاچقا شۇنداق داڭلىق بولالىغان ھەم كىچىكتىن كېڭىيىپ چوڭ كارخانا بولالىغان.
خۇۋاۋېيمۇ دەسلەپتە قۇرۇلغاندا ئاران يەتتە ئادىمى بار بولۇپ ئۇلار شىركەتتە پول ئۈستىدە يېتىپ قوپۇپ ئىشلىگەن ، ئۇلار ئاشۇنداق شارائىتتىمۇ ھازىرقىدەك ئاددىي بولمىغان نەتىجىلەرنى ياراتتى. دۇنيادىكى ئۇتۇق قازانغان داڭلىقلارنىڭ ئەجەبا دەسلەپكى بىرىنچى قەدىمىدىلا مىليارد مەبلىغى بولغانمۇ ؟ دەسلىپىدىلا شۇنداق داڭلىقمىتى؟ ئەمەلىيەتتە ئۇلارمۇ شۇنداق قەدەممۇ-قەدەم تەرەققىي قىلغان ئەمەسمۇ؟ دۆلەت ئىچىدىكى قانچىلىغان داڭلىق ماركا ۋە چوڭ كارخانىلارنىڭ قايسى بىرسى كىچىكتىن چوڭايمىسا، نۇرغۇن كۈرەشلەردىن كېيىن شۇنداق داڭ قازانمىغان . ئۇلارنىڭ شۇنداق تەرەققىي قىلالىشى دەل ئۇلارنىڭ سىناشقا جۈرئەت قىلالىغانلىقى، ئەڭ ئاۋۋال تەۋەككۈل قىلالىغانلىقى، بىرىنچىلىكنى تالىشالىغانلىقىدۇر؛ لېكىن سىز يەنىلا شۇ قالاق ئىدىيە بىلەن تېخىچە باي بولالمايۋاتىسىز چۈنكى ھەرقانداق خەتەرگە تاقابىل تۇرالمايسىز ، ئېنىق چۈشەنمىگىچە ھەرىكەتكە كەلمەيسىز، شارائىت پىشىپ يېتىلمىگىچە ئىككىلىنىپ يۈرىسىز.
ئەمەلىيەتتە، ھەرقانداق بىر داڭلىق ماركا نۇرغۇنلىغان بىرىنچىلەرنىڭ يىغىندىسىدىن ۋۇجۇدقا چىققان. شۇنىڭغا ئوخشاش، مەلۇم بىر كىچىك كارخانا نۇرغۇنلىغان "بىرىنچى" لىكلەرنى ياراتقاندىن كېيىن ئاندىن ئاستا-ئاستا تەرەققىي قىلىپ داڭلىق كارخانىغا ئايلىنالايدۇ. مەسىلەن، ياكى بىرىنچى بولۇپ سەپكە قېتىلغان ياكى بىرىنچى بولۇپ چېكىنىپ چىقىپ كەتكەن؛ ياكى سۈپىتى بىرىنچى دەرىجىلىك ياكى باھاسى بىرىنچى؛ ياكى مال تۈرى كۆپ ياكى تور نۇقتىلىرى ئەڭ كۆپ؛ ياكى ئىشلەپچىقىرىشى بىرىنچى ياكى سېتىپ چىقىرىشى بىرىنچى؛ ھەتتا پەقەت كىچىك دائىرىدە بىرلا خىل مەھسۇلات بىلەنمۇ بىرىنچى بولالىدىڭىز دېگەن گەپ سىز ناھايىتى باي چوڭ بىر دىرېكتور بولالىدىڭىز دېگەن گەپ. دېمەك بىرىنچىلىكنى تالاشسىڭىز ئۇنداقتا چوقۇم بەلگىلىك خەتەرگە تەۋەككۈل قىلىشىڭىز كېرەك.
بۈيۈك شەخس دېڭشىياۋپىڭ مۇنداق دېگەن، يۈرەكلىك ھالدا تاشلارنى تۇتۇپ تۇرۇپ دەريادىن ئۆتۈش. چۈنكى بۇ دەريادىن بۇرۇن ھېچكىم ئۆتۈپ باقمىغان، ھەممەيلەننىڭ تۇنجى قېتىم ئۆتۈشى، ھېچكىم بۇ دەريانىڭ چوڭقۇر ياكى تېيىزلىقىنى بىلمەيدۇ، ھېچكىمنىڭ تەجرىبىسى يوق، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۈشمەنلەر يېتىشىۋالاي دەپ قالدى، شۇڭا تاشلارنى تۇتۇپ تۇرۇپ قەيسەرلىك بىلەن دەريادىن ئۆتۈشكە توغرا كېلىدۇ. بۇنداق قىلىش ئەلۋەتتە خەتەرلىك، ئازراقلا خاتالىق كۆرۈلسە ئېقىپ ئۆلىدىغان گەپ. لېكىن دەريا سۈيى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن ياكى ھەممە سىناقلار ئوڭۇشلۇق بولغاندىن كېيىن ئاندىن ئۆتۈشكە بولامدۇ؟ ئېنىقلا بولمايدۇ، دەريا سۈيى سىزنى ئۆتۈۋالسۇن دەپ ساقلاپ تۇرامتى؟
شۇڭا تاشنى تۇتۇپ دەريادىن ئۆتۈشكە ئەقىل تېخىمۇ بەكرەك غەيرەت كېرەك! دېڭشىياۋپىڭنىڭ بۇ سۆزىنىڭ مەنىسى كىشىلەرنى ئەھۋال ئېنىق بولمىغان، يۆلىنىش ئېنىقسىز، شارائىت پىشىپ يېتىلمىگەن ئەھۋال ئاستىدا دادىللىق بىلەن سىناپ بېقىشقا ئىلھاملاندۇرغان، ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ سۆزىنىڭ مۇھىم نۇقتىسى "تۇتۇش" ۋە "ئۆتۈش" دىن ئىبارەت مۇشۇ ئىككى سۆزدە. تۇتۇشنى بىلەمدۇ؟ توغرا تۇتالامدۇ؟ بۇ تېخنىكىلىق مەسىلە، بۇنداق تېخنىكىلىق مەسىلىنى ھەل قىلىشتا ئەقىل كېرەك؛ ئۆتەلەمدۇ يوق ؟ بۇ غەيرەت قىلىش قىلالماسلىق مەسىلىسى!
ئەلۋەتتە ھەرقانداق ئىشتا غەيرەتكە تايىنىپلا مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ، ھەم ھەرقانداق ۋاقىتتا شارائىتنىڭ پىشىپ يېتىلىشىنى ساقلىمايلا دادىللىق بىلەن ھەرىكەتكە كېلىش كېرەك دېمەكچىمۇ ئەمەس. ئەگەر ھېچنېمىگە قارىماستىن قاراملىق قىلساق ئۇ چاغدا "تاشنى تۇتۇپ دەريادىن ئۆتۈش" بولماي قالىدۇ. قانداق ۋاقىتتا سەۋرچانلىق بىلەن ساقلاش قانداق ۋاقىتتا دادىللىق بىلەن ھەركەتلىنىشنى چوقۇم ياخشى ئىگىلەش كېرەك. قانداق قىلغاندا ياخشى ئىگىلىگىلى بولىدۇ؟ بۇ چاغدا بىز ئۆزىمىزنىڭ تەجرىبىسى ھەتتا باشقىلارنىڭ تەربىيەلىشىگە موھتاج بولىمىز. لېكىن ئەھۋالنى ئاللىبۇرۇن ئىگىلىگەن ھەم تەجرىبىسى مول بولغان ئەھۋال ئاستىدا ئۆزى ھەرىكەتكە كەلسەم بولىدۇ دەپ ھېس قىلغان ئىشتا مەن كۆپچىلىكنىڭ ساقلىماسلىقىنى تەۋسىيە قىلىمەن، ھەم ساقلاشنىڭمۇ ھاجىتى يوق، دەرھال ھەرىكەتكە كەلسىڭىزلا بولغىنى. ئەلۋەتتە بايىمۇ دەپ ئۆتتۇق سىز دەرھال ھەرىكەتكە كەلسىڭىز چوقۇم يېڭىشىڭىز ناتايىن، لېكىن سىزنىڭ بىر قېتىملىق پۇرسىتىڭىز كۆپىيىدۇ. ئەگەر سىز باشتىن ئاخىرغىچە ساقلىسىڭىز ئۇ چاغدا سىز ناھايىتى تەستە تەرەققىي قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىسىز.
خېشۈن تاشقى پېرېۋوت تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى
مەنبە: بايكۈچ تورى (www.baykuq.com)
|