باي بالىسى قانداق قىلىپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدۇ؟
(تەرجىمە ئەسەر )
سىز بۇ ئەسەرنى ئوقۇغاندىن كىيىن توي قىلغاندا نىمىشقا قارشى تەرەپنىڭ ئىقتىسادىنىڭ جەمىيەتتىكى ئورنىنىڭ ئۆزى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرۇشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىكىنى ھىس قىلىپ يىتەلەيسىز . لىكىن بۇنداق دىگىنىم ھەرگىزمۇ" نامراتلىقنى يىڭىپ ئۇتۇق قازىنىش " مۇمكىن بولمايدىغان ئىش دىگىنىم ئەمەس .
قىزىم بىر شەخسى مەكتەپكە ئوقۇشقا كىردى (ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شەخسى مەكتەپ مۇتلەق كۆپ قىسىمنى ئىگەللەيدۇ ) ئۇزاق ئۆتمەي ئۇنىڭ ساۋاقداشلىرىنىڭ ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ ئەھۋالىنى ئاڭلاپ تولىمۇ ھەيران قالدىم .
"دادا ،بىر ساۋاقدىشىمنىڭ ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىدىن 6 سى بار ئىكەن ،ھەتتا تەنتەربىيە دەرسكىمۇ مەخسۇس يىتەكچىسى بار ئىكەن "
" دادا ،بىر ساۋاقدىشىم نىڭ بو دىن خاڭجۇغا كىلىش يولىدا ئۈگىنىش ۋاقىتىنىڭ ئىسراپ بولماسلىقى ئۈچۈن ئۆيىدىكىلىرى ئۆي ماشىنىسى سىتىۋاپتۇ ، ئۇ ئۆي ماشىنىسىدا ئائىلە ئوقۇتقۇچىسىنىڭ يىتەكچىلىكىدە تاپشۇرۇق ئىشلەيدىكەن "
بۇلارنى ئاڭلاپ چىكەمدىن تەرلەر قۇيۇلدى ،" بۇ قانداقمۇ مەكتەپتە ئوقۇش بولسۇن ؟"
باينىڭ بالىسى ئىكەنغۇ ؟ ناھايىتى كەلسە پۇلى جىق شۇ ، سەن ھەرگىز ئۇلاردىن ئۈگەنمە ، دەرسىڭنى ياخشى ئۈگەن !
ئويلاپ قالدىم ، باينىڭ بالىسى دىگەن ئېسىل ماشىنىلارنى غۇيۇلداپ ھەيدەپ ئۇياق بۇياقلاردا سوقۇلۇپ ئىش تىرىپلا يۈرىيدىغان بولمامدۇ ...
بىر كۈنى قىزىمنىڭ مەكتەپتىكى ياتىقىغا ئۇنى كۆرگىلى باردىم . ئۇنىڭ ياتىقىغا كىرسەم قىزىم بىلەن تەڭ دىمەتلىك مەكتەپ فورمىسى كىيگەن بىر قىز پىشانىسىدىكى تەرلەرنى سۈرتكەچ ياتاق تازىلاۋاتاتتى ، ئۇ ياتاقنى تازىلاپ بولۇپلا ئۈستىلىنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن كىتاپ كۆرۈشكە باشلىدى . مەن قىزىمغا " بۇ ساۋاقدىشىڭ بەكمۇ قالتىسكەن ، سەن ئۇنىڭدىن ئۈگەن " " ئۇ دەل مەن ساڭا گىپىنى قىلغان 6 پەندىن ئائىلە ئوقۇتقۇچىسى بار ساۋاقدىشىم " دىدى قىزىم .
كىيىنچە مەن ئاستا ئاستا بۇ بالىلارنى چۈشىنىشكە باشلىدىم . بۇ بالىلارنىڭ ئىنتايىن باي بولغان ئائىلە شارائىتى ئۇلارنىڭ تىخىمۇ تىرىشىشىغا تۈرتكە بولىدىكەن ، دەرستىن سىرتقى ئارتۇقچىلىقىمۇ ئىنتايىن مول بولۇپ خاررى پوتىركىتابىنىڭ ئىنگىلىزچە ئەسلى نۇسقىسىنى كىچىكىدىلا ئوقۇپ كۆرۈپ بولغان ، پىئانىنو قاتارلىق سازلارنىڭ يۇقىرى دەرىجىسگە ئاللىقاچان يىتىپ بولغان بولىدىكەن .
ئۇلارنىڭ مىجەزى ئوچۇق يورۇق ، باشقىلارغا مەرتلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدىكەن ، يەنە تىخى مەكتەپ ئورۇنلاشتۇرغان ھەرخىل پائالىيەتلەرگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىدىكەن ، باشقىلار بىلەن رىقابەتلىشىش پىسخىكىسى تولىمۇ يۇقىرى بولىدىكەن .
يازلىق تەتىلدە ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ بالىلىرى كومپىيوتىر ئالدىدا ئولتۇرۇپ قىزغىنلىق بىلەن ئويۇن ئويناۋاتقاندا بۇ بالىلارنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇلارنى خارۋارد ،ئىيۇرسالىم ئۇنۋىرىستلىرىغا ساياھەتكە ئاپىرىپ ئۇلارغا "بۇ سىنىڭ كەلگۈسىدىكى نىشانىڭ " دەيدىكەن .
ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ بالىلىرى مەكتەپتە" كىم مەكتەپ گۈزىلى " تىمىسىدا مۇنازىرلىشىۋاتقاندا بۇ بالىلاربىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مۇنازىرە مەيدانىنى تەقلىد قىلىپ " ئادالەت دىگەن نىمە ؟ " توغرىسىدا مۇنازىرە ئىلىپ بارىدىكەن .
ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ بالىلىرى تىلۋىزىيە پروگراممىلىرىنى كۆرۈپ قاقاقلاپ كۈلۈپ ئولتۇرغاندا بۇ بالىلار ئىسپانچە ،نىمىسچە ،فىرانسۇزچە ئۈگىنىشكە تۇتۇش قىلىدىكەن ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئەڭ كۈچلۈك رىقابەتچىسى دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن كەلگەن ئالىي مەكتەپ ساۋاقداشلىرى ئىكەن .
كىچىگىمدە ئاتا ئانام ماڭا سەھرادىكى يىراق تۇققىنىمىزنىڭ ئوغلىنىڭ تاغلىق رايۇندا ئوقۇپ نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەنلىك ھىكايىسىنى سۆزلەپ بىرەتتى . ھەم ماڭا " ياخشى ئوقۇش ئۆزۈڭگە باغلىق " دەيتتى .
مەن بۇ ھىكايىنى ئاز دىگەندە ئون يىل ئاڭلىدىم .
بىل گايتىس دۇنيادىكى بىرىنجى باي بولۇشىدىكى سەۋەپنى ئەلۋەتتە ئادۋۇكات دادىسى ۋە بانكىر ئانىسىدىن ئايرىپ قارىغىلى بولمايدۇ ،ئۇ ئوقۇغان شەخسى مەكتەپ 1968-يىلى 3000ئامرىكا دوللىرى چىقىرىپ كومپىيوتىر سىستىمىسى (计算机终端设备)سىتىۋالغان . 1968- يىللىرى بىز سىرتماق بىلەن لاي ئوينايتۇق ،كىم بىلەتتى كومپىيوتىر دىگەن نىمە ئۇ.
ئالدىنقى بىر مەزگىل خاڭجۇدىكى تولۇق ئوتتۇرا 3- يىللىقتا ئوقۇيدىغان بىر قىزنىڭ خارۋاردقا ئالدىن قوبۇل قىلىنغانلىقى خەۋەر قىلىندى . ئادەتتىكى ئائىلىنىڭ بالىلىرى ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلىدۇ خالاس .بىراق ئۇ قىزنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭ MIT نى پۈتتۈرگەن ئىكەن ، دادىسى تىخى داڭلىق پەن تېخنىكا شىركى تنىڭ باش لىدىرى ئىكەن ، ئۇ قىزكىچىگىدىن چەتئەلدىكى يازلىق لاگىرغا قاتنىشىدىغان بولۇپ ،كىچىكىدىنلا پروگرامما تۈزۈشنى ئۈگىنىشكە باشلىغان.
ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ئىشلەنگەن " يىڭى ئەسىردىكى مۇھەببەت " دىگەن كىنۇدا بېل قىز دوستى مەگگىنى ئادەتتىكى تامىقى بەكمۇ ئەرزان بولغان بىر تىز تاماقخانىغا ئاپىرىدۇ ، تاماقخانا ئىشىكى ئالدىدا كىشىلەر ئۇزۇن ئۆچرەتتە تۇرغان بولۇپ ، مەگگى ئوغۇل دوستىنىڭ بەكلا كەمبەغەللىقىدىن ئاغرىنىدۇ ، بېل مەگگىگە "مەن چوقۇم باش كۆتۈرۈپ چىقىمەن " دەيدۇ . مەگگى سوغۇققانلىق بىلەن ئالدىدا ئۆچرەتتە تۇرغان كىشىلەرنى كۆرسىتىپ " ئۇلارنىڭ قايسى بىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىشنى خالىمايدۇ ؟"
كەمبەغەل كىشىلەرنىڭ بالىلىرىنىڭ باش كۆتۈرمىكى ھەقىقەتەن بەكمۇ تەس .
جەمىئەت تەتقىقاتشۇناشلار 1970-1990يىلغىچە بولغان ۋاقىت ئىچىدىكى ئامرىكىلىق 2749 جۈپ ئاتا بالىنىڭ خىزمىتى ۋە كىرىمىنى كۆزەتكەندىن كىيىن ، جەمىئەتتىكى دەرىجە ئېقىمىنىڭ توختاپ قالغانلىقىنى ، بۇ دەۋىردىكى بالىلارنىڭ چوڭ بولغاندىن كىيىن جەمىئەتتىكى ئورنىنىڭ ئاتا ئانىسىنىڭكى بىلەن ئوخشاش تۇرغانلىقىنى ، تۆۋەن قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ بالىلىرى يەنىلا تۆۋەن قاتلامدا ، يۇقىرى قاتلامدىكى كىشىلەرنىڭ بالىلىرى يەنىلا يۇقىرى قاتلامدا ئىكەنلىكىنى خۇلاسىلىگەن .
شۇنىڭغا قارىغاندا بالىلارنىڭ جەمىئەتتىكى ئورنىمۇ ئىرسىيەت قالىدىكەن .
ئەنگىلىيىلىك تەتقىقاتچىمۇ ئوخشاش يەكۈن چىقارغان ، ھازىقى ئەنگىلىيەدە شەخسىي مەكتەپتە ئوقۇغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوكسفورد ۋە كامبرج ئۇنۋىرستلىرىغا ئۆتۈش نىسبىتى ھۆكۈمەت تارمىقىدىكى مەكتەپتىكى ئوقۇغىچىلارنىڭكىدىن 13.47 ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن . ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدىن باشلاپلا ئەنگىلىيە بۇ خىل ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاشقا ئۇرۇنغان ، ھۆكۈمەت مەكتەپلىرىگە كۆپلەپ مەبلەغ سىلىش ، مەكتەپلەر ئامال بار ئارقا تىرىكى كۈچلۈك بولغان ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش قاتارلىق ئاماللارنى ئىشلەتكەن بولسىمۇ يەنىلا مەغلۇپ بولغان .
ئادەتتىكى كىشىلەر ئۇتۇق باش كۆتۈرۈپ چىقالمايدۇ ئەمەس ، بەلكى كۈچلۈك رىقابەتچى ئارىسىدا ئۇلاردىن ئىگىزرەك تۇرۇش ھەقىقەتەن بەك تەس .
ئەمدى تىمىغا كەلسەك ، باي ئائىلىنىڭ بالىسى قانداق قىلىپ مۇتلەق ئۈستۈنلۈككە ئىرىشتى ؟
ئامرىكا مارىلاند ئۇنۋىرسىتېتى جەمىئەت تەتقىقشۇناس ئاننات .لالىيو ئامرىكىدىكى 12 ئائىلىگە ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈش ئىلىپ بىرىپ باي ئائىلە بىلەن نامرات ئائىلىنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىنىڭ تۈپتىن ئوخشىمايدىغانلىقىنى ھىس قىلغان .
كۆپ قىسىم باي ئاتا ئانا بالىلىرىنى ھەر خىل پائالىيەتلەرگە قاتناشتۇرىدىكەن ، ئۇلار بالىسى ئۈچۈن ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ، بىللە ئوينىغان ھەمراھلىرىنىڭ ، تېرىنىرلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىدىكەن .
ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئائىلىنىڭ قىزى كەيتى ناخشا ئېيتىشقا ئامراق بولۇپ دەرستىن چۈشۈپلا ناخشا سىنىپىدا ناخشا ئېيتاتتى . ئۇنىڭ ئاتا ئانىسى ئۇنى بۇ تۈردە تەربىيلەشنى ئويلىمىغان . ئۇلار " قىزىمىز پەقەت باشقىلارغا ئۆزىنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ ، قىزىمىز بۇ ئارقىلىق باشقىلارنى ئۆزىگە جەلىپ قىلماقچى " دەپ ئويلىغان ۋە قىزىقىشىنى تەربىيلەش ۋاقتىنى ئۆتكۈزۈپ قويغان .
ئامرىكا جەمىئەت تەتقىقاتچىسى ماركىم . گىلادۋىر مۇنداق دەيدۇ :
باي دادا باي ئانا بالىسنىڭ ھەممە ئىشىغا ئەستايىدىللىق بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ ، ئۇلار بالىسىنىڭ جۈرئەتلىك بىلەن ئۆزى بىلەن مۇنازىرە قىلىشىنى ياخشى كۆرىدۇ ، باشقىلار بىلەن مۇنازىرە قىلالايدىغان ، ئۆزىنىڭ پىكرىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويالايدىغان جۈرئەتلىك بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .
نامرات ئاتا ئانىلار دەل ئەكىسچە بولۇپ ، بالىسىنىڭ ياۋاش رايىش ، خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغان ، قىل دىگەننىلا قىلىدىغان بولىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ .
باي ئاتا ئانىنىڭ بالا تەربىيلەشتىكى ئىستىراگىتىيەسى " ئۆسۈشكە ھەمدەم بولۇش " دىيىلىدۇ ، ئۇلارنىڭ مەقسىتى " بالىنىڭ قىزىقىشىنى ،ئالاھىدىلىكىنى ، كۆز قارىشىنى يىتىلدۈرۈش ھەم باھالاش " نامرات ئاتا ئانىنىڭ بولسا " ئۆز مەيلىگە قويۇپ بىرىش " .
باي ئائىلىنىڭ بالىسى ئاللىقاچان "ھوقۇق "نىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ بولغان بولىدۇ
نامرات ئائىلىنىڭ بالىسى باشقىلارغا بەرگەن تەسىرى بولسا " تارتىنچاق ، ئۆزىگە بولغان ئىشەنچىسى كەم ، سوغۇق مىجەزلىك " بولىدۇ . ئۇلار ئۆزىنىڭ چىقىش يولىنى تىپىشنى بىلمەيدۇ ، قانداق قىلىپ نىشانىغا يىتىشنى بىلمەيدۇ . چۈنكى ئۇلارنىڭ مىڭىش يولىنى ئاتا ئانىسى بىكىتىپ بەرگەن .
ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، ئەلۋەتتە بىز قايسى دەرىجىدىكى كىشىلەر بولايلى ، باي ياكى نامرات بولايلى بالىلىرىمىزنى ھەرگىز ئۆزمەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكىمىز كىرەك ، ئەكىسچە بالىمىزنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن نۇقتىلىق تەربىيلەش پىلانى تۈزۈپ چىقىشىمىز كىرەك . جەمىئەت دەرىجە قاتلامنىڭ ئۆزگىرىشى توختاپ قالغان بولسىمۇ تۆۋەن قاتلامدىكىلەر ئۆزگەرمەي تۇرىۋىردۇ دىگىلى بولمايدۇ ، خۇددى "يىڭى ئەسىردىكى مۇھەببەت " فىلىمىدەك نامرات بېل ئاخىرى ئۇتۇق قازاندى ئەمەسمۇ ؟
( سەۋىيەمنىڭ چەكلىك بولۇشى تۈپەيلى ماقالە ئانچە باغلاشمىغان بولۇپ قالدى ، ئەسلى نۇسقىسىغا قىزىققۇچىلار تۆۋەندىكى تور بەتتىن كۆرسەڭلار )
مەنبە : http://mp.weixin.qq.com/s?__biz= ... d=0#wechat_redirect
|