- تىزىملاتقان
- 2016-2-8
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-26
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 884
- نادىر
- 0
- يازما
- 63
ئۆسۈش
76.8%
|
بىرلا قېتىم شىئېر يازاي
شەمەر
مەن تەڭرىگە شۇنىڭ ئۈچۈن تەشەككۈرلەر ئىيتىمەنكى ئۇ گۈزەللىكىنى يارىتىپ تولىمۇ توغرا قىلغان. ئەگەر ئۇ گۈزەللىكنى ئاپىرىدە قىلمىغىندا مەن بۇ شىرىن ئازابنى تارتىشقا مۇيەسسەر بولمىغان بولاتتىم. سىلەر بۇ ئازابنىڭ نەقەدەر سۆيۈملۈكىنى ھىس قىلالمايسىلەر، چۈنكى سىلەر ئاشق بولۇپ باقىمىغان، سىلەر مېنىڭ بىچارىلىكىمنى زاڭلىق قىلغاندا مەن ئۆزۈمنىڭ بەختىيارلىقىدىن چەكسىز ھۇزۇر ھىس قىلىمەن، مىنىڭ ھىچنىمەم يوق، ھەتتا مەن جۇل-جۇل تۇرقۇم بىلەن نازىنىن دىلبەر ئالدىدا مۇھەببەت كۈيۈمنى ياڭرىتالايمەن، ئۇنىڭ بىپەرۋالىقى مىنى گاڭگىراتقىنىدا يىڭى بىر شىئېر تۇغۇلىدۇ. سىلەر بۇنىڭ نەقەدەر بەخت ئىكەنلىكىنى بىلەمسىلەر.
مەن خارلىقنى تاللىۋالغىنىم ئۈچۈن پۇلدار بەگزادىلەر گۈزەللەرنى بىزگە مەنسۇپ دەپ قارايدۇ، ئۇلار خاتالاشتى، ئۇلار ئۆزىنىڭ پۇلى بىلەن گۈزەللىكنى سېتىۋالالايمىز دەپ ئويلىدى، لىكن سۆيۈشنىڭ ھەقىقى تەمىنى ھىس قىلدىغىنى ئۇلار ئەمەس.
مىنىڭ بىر قېتىم شىئېر يېزىشىمغا رۇخسەت قىلىڭلار، مەن پاكلىقىمنى يالغانچى دۇنياغا نامايىش قىلىۋالاي، ئىسلزادىلەر مېنى زاڭلىق قىلسۇن، سىياسەت تۈزگىچىلەر، تارىخچىلار مىنى زاڭلىق قىلسۇن. شۇچاغدا مەن پۈتۈن دۇنيانى بىر شىئېرغا ئايلاندۇرۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا تاشلاپ بىرىمەن.
بىر قېتىم شېئىر يېزىشىمغا رۇخسەت قىلىڭلار. ئەي، بىگانە دىلرابا، گۈزەللىكىڭ سەۋەبلىك بۇ يەردە بىر مەيدان پاجىئە يۈز بەرمەكچى. ئۆلۈمگە ھۆكۈمگە قىلىنغان كىشى مەن، جاۋابكارى سەن. شۇندىمۇ خاتىرجەم بول، ھىچكىم سېنىڭ گۈزەللىكىڭگە ئەيىب ئارتالمايدۇ، سەن ھەممە ئەدەپ-قائىدە، قانۇن-تۈزۈمگە خىلاپلىق قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانى قالايمىقانچىلىققا پاتۇرۇپ قويغان تەقدىردىمۇ يەنە كېبىر ۋە تەمەننا بىلەن شانۇ-شەۋكەت تەختىدە مەغرۇر ئولتۇرىسەن.
بىر قېتىم شىئېر يېزىشىمغا رۇخسەت قىلىڭلار، ئۇلار مېنى ساراڭ بوپتۇ دېسۇن، مەن خىيالىمغا كەلگەننى جۆيلىۋالاي. ياقا يىرتىپ مەجنۇنلارچە توۋلاپ ئۆز ئۆزۈمگە قاقاھلاپ كۈلەي، كىملەنىدۇر تىللاپ، كىملەدىندۇر يامانلاپ كىچىك بالىدەك ئۈن سىلىپ يىغلاي.
ئاشىقلىق مېنىڭ تاللىشىم ئەمەس، ئۇ خۇدانىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتى. شىئېرمۇ شۇ، مەن بۇ ئىلتىپاتتىن قانداق ۋاز كىچەي.
|
|