- تىزىملاتقان
- 2016-5-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-20
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 157
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
52.33%
|
رۇسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن مۇناسىۋەت ئورنىتىشتىكى مەقسىتى نېمە؟
رۇسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقىنى خاتىرىلەش باشلىقلار يىغىنى 19-ماي رۇسىيەنىڭ سوچى شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ، ۋېيتنام،كامبودژا، بىرما، سىنگاپور قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر يىغىنغا قاتنىشىدۇ. رۇسىيە تاراتقۇلىرى بۇنى «رۇسىيەنىڭ ئەڭ مۇھىم دىپلوماتىيە ئىشى» دەپ قارىغان.
رۇسىيە غەرب بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغاندا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كۆز تىكىپ، شۇ ئارقىلىق ئۇكرائىنا مەسىلىسىدە غەرب بىلەن بولغان ئىختىلاپنى ياخشىلاشنى ئويلاشقان. ئانالىزچىلار: ۇسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىغا كۆز تىكىشىدە تۆۋەندىكىدەك ئۈچ مەقسەت بار، دېگەن:
بىرىنچىدىن، رۇسىيەنىڭ ئىقتىسادىنى جانلاندۇرۇش. نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ھەم ئىمبارگونىڭ تەسىرىدە رۇسىيە ئىقتىسادىدا ئىچكى ھەرىكەتكەندۈرگۈچ كۈچ كەمچىل بولۇپ قالدى. شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى زور بولغاچقا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەللىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىش ئاقىلانە تاللاش ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە دېپلوماتىيە مىنىستىرى راۋلوف ئاپرېلنىڭ ئاخىرىدا بېيجىڭدا دېپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقاندا، رۇسىيەنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى بىلەن بىردەك ئىقتىسادىي بوشلۇق بەرپا قىلىش ئويى بارلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
رۇسىيە «خەۋەرلەر گېزىتى»نىڭ مۇخبىرى بورس ۋېنوگېرادوف: ئىلگىرى بىر قانچە يىلدا رۇسىيە بىلەن شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىقتىسادىي ھەمكارلىقى كۆپ توسالغۇلارغا ئۇچرىدى، ئاساسلىقى رىقابەت كۈچلۈك، ئىقتىسادىي ئالاقە ئاجىز، دۆلەت ئەھۋالىدىكى پەرق، ئىقتىسادىي كىرزىس قاتارلىق ئەھۋاللار. بۇ قېتىملىق باشلىقلار يىغىنى ئىككى تەرەپ ئىقتىسادىي ھەمكارلىق مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاش، توسالغۇنى تۈگىتىشكە پايدىسى تېگىشى مۇمكىن، دېگەن.
ئىككىنچىدىن، رۇسىيە «شەرققە يۈزلىنىش» سىياسىتىنى ئاساسىي يۆنىلىش قىلماقچى. 2014-يىلى ئۇكرائىنا كىرزىسى پارتلىغاندىن كېيىن، رۇسىيە بارغانسېرى «شەرققە يۈزلىنىش» سىياسىتىنى تىلغا ئالىدىغان بولغان ، ئۇ جۇڭگو، ياپونىيە، ھىندىستان، تۈركىيە قاتارلىق شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، سىبىرىيە ۋە يىراق شەرقنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى ئىقتىسادىي ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ بەرپا قىلىشنى مەقسەت قىلغان.
ئانالىزچىلار: رۇسىيەنىڭ ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىستراتېگىيە نىشانىدىكى ئاساسلىق مۇھىم نۇقتا جۇڭگو. كۆپ كۈچ چىقىرىش نۇقتىسى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى، موڭغۇلىيە، ھىندىستان قاتارلىق ئەللەر. رۇسىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان ئىقتىسادىنىڭ بىر گەۋدىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، رايوندا كۆپ تەرەپلىك تۈزۈلمە مىخانىزمىغا قاتنىشىپ، ئاسىيا –تىنچ ئوكياندا كۆپ مەنبەلىك دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتماقچى،دېگەن.
ئۈچىنچىدىن، رۇسىيە ئاسىيا-تىنچ ئوكيان رايونىدىكى تەسىرىنى كۈچەيتمەكچى. ئامېرىكا ئاسىيا-تىنچ ئوليان رايونىدىكى تەسىرىنى داۋاملىق كۈچەيتىۋاتقان ئەھۋالدا، رۇسىيە پەقەت ئاسىيا-تىنچ ئوكياندىكى مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق بۇ جايدىكى ئورنىنى ئۆستۈرۈپ، بۇ رايوندا سۆز قىلىش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرسە، ئاسىيا-تنىچ ئوكيان رايونىدىكى دىپلوماتىيە ئىستراتېگىيەسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرالايدىكەن.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقى ئەسلىدە رۇسىيەنىڭ دىپلوماتىيە نۇقتىسى ئەمەس، لېكىن مۇشۇ ئەسىرنىڭ بېشىدا دۆلەت كۈچى ئەسلىگە كەلگەندىن باشلاپ، رۇسىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا مەۋجۇتلۇقىنى كۈچەيتىشكە باشلىدى، ۋېيتنام بىلەن ئىقتىساد، ھەربىي، ئېنىرگىيە، خەۋپسىزلىك جەھەتتە ئالاقە ئورنىتىپ، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئىشىكىنى ئاستا-ئاستا ئېچىشقا باشلىدى. ئۇ يەنە ھىندونېزىيە، لائوس، تايلاند، فىلىپپىن قاتارلىق دۆلەتلەر بىلەن ئېنىرگىيە خەۋپسىزلىك قاتارلىق جەھەتلەردە ھەمكارلىق ئورنىتىپ،«رۇسىيە ئامىلى»نى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا رايونىدا كۈچەيتىشكە باشلىدى. ئانالىزچىلار: رۇسىيە شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ كۆڭۈل بۆلىشىگە موھتاج، ئۇ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرى ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئىشەنچلىك ھەمكارلاشقۇچىسى بولۇشنى ئۈمۈد قىلىدۇ،دېگەن.
مەنبە: شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى 20-ماي سانى
|
|