بۇ مائارىپ ئەندىزىسى دەسلەپتەزىھنى ئاجىز بالىلارغا نىسبەتەن ئىلىپ بىرىلغان بولۇپ ، ئۈنۈمى ناھايتى ياخشىبولغانلىقتىن ، 1907ـيىلىدىن باشلاپ ، نورمال بالىلارغىمۇ ، نورمال بالىلار يەسلىلىرىدىمۇقوللىنىشقا باشلىغان . بىر ئەسىردەك ۋاقىتتىن بىرى بۇ مائارىپ تەربىيەسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا قوللانماقتا.
بۇ خىل مائارىپ پەقەت كىچىك بالىلارغىلا ئەمەس 24 ياشقىچە بولغان ياش -ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان.
مونتەسسورى مائارىپى ـ بۇمائارىپ لاھىيەسىنى دەسلەپتە ئوتتۇرغا قويغان مارىيە مونتەسسورى خانىمنىڭ ئىسمىبىلەن ئاتىلىپ كەلگەن .
ئەمدى بۇ قانداق مائارىپدىگەندە ، مونتەسسورى مائارىپىنىڭ تۈپكى ماھىيتى شۇكى :
ئىنسان ئەسلىدىلا تۇغۇلغاندىلا ئۆزلىكىدىن تەرەققى قىلالايدىغان ھاياتى كۈچ بىلەن دۇنياغا كەلگەن بولىدۇ .
چوڭلار يەنى مەيلىئاتا-ئانا ياكى ئوقۇتقۇچى -ئۇستازلار بولسۇن ، ئۇلارنىڭ ئەڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى بالىلارنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى قوغداپ ، ئۇلارنىڭ ئەركىن تەرەققىياتى ئۈچۈن ئارقىدا تۇرۇپ قوللاپ بىرىش ۋە يىتەرلىك شارائىت ھازىرلاپ بىرشتىن ئىبارەت .