قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3730|ئىنكاس: 21
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئوغۇزمۇرات : سۇلتان بەيبارىس ۋە مىسىردا مەملۈكىيلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

6

دوست

961

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  53724
يازما سانى: 10
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 39
تۆھپە : 364
توردىكى ۋاقتى: 24
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-1
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-20 23:31:26 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

سۇلتان بەيبارىس ۋە مىسىردا مەملۈكىيلەر




         موڭغۇل ئىستىلاسى [1] ، تۈركى خەلىقلەر تارىخىغا چۇڭقۇر تەسىرىنى قالدۇردى  . بىر جەھەتتىن موڭغۇل ئىستىلاسى شەرق - غەرب ئالاقىسىنى يىڭى بىر مەۋقەگە كۆتۈرگەن بولسا [2] ، بىر جەھەتتىن ئوتتۇرا ۋە غەربى ئاسىيانىڭ تۈركلىشىشنى [3] ئىلگىرى سۈردى .  بۇ دەۋىردە بىر تۈركۈم دۇنيا تارىخىغا بەلگىلىك تەسىرىنى كۆرسەتكەن ، رايون تارىخى تەرەققىياتىدا مۇھىم رول ئوينىغان لىدىرلار ۋە قۇماندانلار مەيدانغا كەلدى . بۇلاردىن ئەر تۇغرۇل [4] ۋە بەيبارىس سۇلتاننى مىسالغا ئىلىش مۇمكىن.سۇلتان بەيبارىسنىڭ خارەزىمشاھ دۆلىتى [5] موڭغۇل تاجاۋۇزىغا ئۇچىرىغان مەزگىلدە 1223- يىلى ئاتراۋ [6] دا تۇغۇلغانلىقى مەلۇم . موڭغۇل قوشۇنى ئاتراۋنى ئالغاندىن كىيىن بەيبارىسمۇ تۇتقۇنلار قاتارىدا قىرىمغا [7] ئىلىپ كىلىنىدۇ ۋە ۋىزانتىيە سودىگەرلىرىگە قۇللۇققا ستىلىدۇ [8].  ۋىزانتىيە سودىگەرلىرى ئۇنى سۈرىيەدە بىر مەملۈك قۇماندانىغا سىتىپ بىرىدۇ . تەن قۇرۇلمىسىنىڭ يۈكسەكلىكى ۋە ئەقىل پاراسىتى ئۇنى باشقا تۇتقۇن جەڭچىلەردىن پەرقلەندۈرۈپ ئەييۇبىيلارنىڭ [9] ئەڭ ئاخىرقى سۇلتانى سالىھ نىڭ خاس ياساۋۇللىقىغا [10] كۆتۈرىدۇ .
          مەملۈكلەر [11]  تۈركى خەلىقلەر تارىخدا مۇھىم ئورۇن تۇتقان بىر تارىخى ئاتالغۇدۇر . ئەڭ دەسلەپ ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئەسىرگە ئىلىنغان ، تۈركى خەلىقلەردىن بولغان ئابباسىيلار [12] ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان خىل قوشۇنلار كۆزدە تۇتۇلغان . ئابباسىيلار خەلىپىلىكى مەملۈكىيلەرنى ياللانما قوشۇن ۋە يۇقىرى تەبىقە خاس ياساۋۇللىرى سۈپىتىدە بىلدى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تۈركلىرى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئۇلارنى ئالدىنقى سەپتە ئىشلەتتى [13].  ئابباسىيلار بۇ قوشۇننىڭ ئۇرۇشتا يوق بولۇشىنى  ئىستىگەن بولسا ،  ئەكىسچە ئابباسىيلارنىڭ مۇھىم ھوقۇق ئاپاراتلىرى مەملۈكلەرنىڭ قولىغا ئۆتۈشىگە باشلىدى [14] ۋە  << قۇللۇق >> نامىغا ئەكىسى ھالدا ئەمەلى ھوقۇقنى قولدا تۇتقان تەبىقىگە ئايلاندى . بەزى تارىخچىلار مەملۈك سۆزىنىڭ ئىتمولوگىيىلىك مەنىسىگە ئاساسەن ئۇنى << قۇللار>> << قۇل ئەسكەرلەر >> دەپ چۈشۈرمەكچى بولىدۇ . بۇ كۈچى يەتمىگەن دۈشمەنننىڭ قەلەم بىلەن ئىنتىقام ئىلىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس .   ئەكىسچە مەملۈكلۈك ئاقسۆڭەك جەڭچىلەر قاتارىدا يۇقىرى تەبىقىگە تەۋە كىشىلەر توپىدۇر .[15]  << قۇللۇق>> تىن لىدىرلىققىچە بولغان جەريان مەملۈك كىملىكىنىڭ ئەقلى ۋە تارىخى كاپالىتىدۇر. بەيبارىس سۇلتانمۇ مۇشۇ جەرياننى باشتىن كەچۈرگەن بىر تارىخى شەخىستۇر .



( قاھىرەدىكى بەيبارىس جامى )

           مىسىردا تۈركى خەلىقلەرنىڭ ھاكىمىيەت قۇرۇشى يازما ماتىرياللارغا كۆرە تولۇنىيلاردىن باشلىنىدۇ . ئەھمەد تولۇن ئوغلى [16] 875 -يىلى مىسىردا تولۇنىيلارنى قۇردى . ئەھمەدنىڭ دادىسى تولۇن بۇخارالىق تۈرك بولۇپ ئابباسىيلارنىڭ مەملۈك قوشۇنىدا [17] خىزمەت قىلغانىدى . مىسىر ، پەلەستىن ،ۋە سۈرىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بۇ ھاكىمىيەت 905 - يىلى يىقىلدى . تولۇنىيلار مىسىر ۋە ئىسلام مەدەنىيىتى جۇملىدىن سەنئىتىگە بەلگىلىك ئىجابىي تەسىر كۆرسەتتى [18] . مىسىردىكى بىر مەزگىللىك بوش دەۋىردىن [19] كىيىن ، 935  يىلى كىلىپ چىقىشى فەرغانە تۈركلىرىدىن بولغان مۇھەممەد توغاچ ئوغلى [20] مىسىردا ھاكىمىيەت تىكلىدى ۋە ئېشخىدلەر ئاتالدى .مۇھەممەد بىن توغاچمۇ ئابباسىيلارنىڭ مەملۈك قوشۇنىدىن بولۇپ سۈرىيە ۋاليسى ئىدى .ئېخشىدلەر تولۇنىيلارنىڭ دۆلەت دائىرىسى ئاساسىدا مەككە مەدىنە ۋە نۇبىيەنى [21] ئۆز ھامىيسىگە ئالدى ، ۋە 969 - يىلى يىقىلدى . ئېخشىدلەرنىڭ ئورنىنى شىئەلەردىن بولغان فاتىمىيلار [22] ئىگلىدى ، 1171 -يىلى سالاھىددىن ئەييۇبى [23] قۇرغان ئەييۇبىيلار مىسىردا ھۆكۈرمىرانلىق ئورناتتى ، سالاھىدىننىڭ مەركىزى قوشۇنىمۇ مەملۈكلەردىن ئىدى .
           1248 -  يىلى فىرانسىيە پادىشاھى لۇئىس 9  باشچىلىقىدا ئەھلى سەلىب ( خالاچلار ، كىرسىت قوشۇنى ) [24] ياۋروپا بىرلەشمە قوشۇنى مىسىرغا ھۇجۇم قىلدى . بۇ ھەرىكەتنىڭ ئەييۇبىيلارغا سەلبىي تەسىر كۈچلۈك بولدى [25] . 1249 - يىلى سۇلتان سالىھ ئەييۇبى ۋاپات بولدى . ئۇنىڭ خانىشى [26]  ئۇنىڭ ئۆلۈمىنى يوشۇرۇن تۇتتى ۋە ھاكىمىيەتنى تىزگىنلىدى ،ھەربى جەھەتتىن مەملۈكلەرگە ئەگەشتى ۋە مەملۈك قوشۇنىدىن بولغان ئايبەگكە [27] ئۆيلەندى  . ئايبەگ 1250 - يىلى ئەييۇبىيلار خانىشى شەجەر ئەل دۇرنىڭ قوللىىشى ئارقىسىدا << ئەد دەۋلەتۇت تۈركى >> [28] نامىدا مەملۈك دۆلىتىنى قۇردى . بەيبارىس بۇ مەزگىلدە قوشۇننىڭ مۇھىم قۇماندانى سۈپتىدە  ئەھلى سەلىب ئاشقۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇشتا ئىدى . شۇ يىلقى ھەل قىلغۇچ مەنسۇرە ئۇرۇشىدا [29] بەيبارىس ۋە قۇتۇز باشچىلىقىدىكى مىسىر قوشۇنى ئەھلى سەلىب قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلىپ لۇئىس 9 نى تىرىك تۇتىدۇ . بۇ زەپەر قۇتۇز ۋە بەيبارىسنىڭ شۆھرىتىنى تىخىمۇ ئاشۇردى ۋە ئەھلى سەلىب ئاشقۇن پائالىيەتلىرىگە كۈچلۈك زەربە بەردى ، رايوننىڭ سياسى جۇغراپىيىسىنى ئۆزگەرتتى [30] .



         1257 - يىلى ئايبەگ سۇلتان قايتىش بولدى . ئورنىغا ئاتابەگ [31] سەيفىددىن قۇتۇز ئولتۇردى . قۇتۇزمۇ ئوتتۇرا ئاسىيالىق تۈرك بولۇپ جالالىدىن خارەزىمشاھنىڭ [32]  جىيەنى ئىدى .  خۇددى ئايبەگ سۇلتان قۇتۇزنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتكەندەك قۇتۇزمۇ بەيبارىسنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتتى . بۇ دەۋىردە رايون ۋەزىيىتىگە زور تەسىر كۆرسەتكەن بىر ۋەقە يۈز بەردى . 1258 - يىلى موڭغۇل ئىمپىرىيىسى قوشۇنى باغداتنى ئالدى ،قەتلىئام يۈرگۈزدى ۋە ۋەيران قىلدى [33]  . ئىسلام تارىخىدىدكى ئەڭ قاراڭغۇ ۋەقەنىڭ بىرى بولغان بۇ پاجىئەنىڭ  تارىخىتا قانچىلىك سەلبى تەسىر ئىلىپ كەلگەنلىكىنى تەسۋىرلەش قىيىندۇر . باغدات ۋەيرانچىلىقىدىن كىيىن  قۇتۇز موڭغۇل قوشۇنىنىڭ تەھدىد ۋە تەسلىم بولۇش توغرىسىدىكى خىتىنى تاپشۇرۇپ ئالىدۇ [34] . بەيبارىس ھەل قىلغۇچ ئۇرۇش تەكلىبىنى بىرىدۇ . بۇ خىل ئارقا كۆرۈنۈش ئارقىسىدا ، << يىڭىلمەس موڭغۇل قوشۇنى >> [35]  نىڭ ياۋرو - ئاسىيا چۈشىنى  [36] ۋەيران قىلغان بىر بۈيۈك يارىش ئايىن جالۇت ئۇرۇشى باشلاندى.  
         بۇ دەۋردىكى ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتى بىر قەدەر مۈرەككەپ ئىدى . ئانادولۇ تۈركلىرى [37] موڭغۇللار تاجاۋۇزى ۋە ئىچكى ئىشلىرىنى بىر تەرەب قىلىش ھەلەكچىلىكىدە ئىدى . ئىراق ۋە شامنىڭ كۆپ قىسمىنى قولغا ئالغان  موڭغۇل قوشۇنى كەتبۇغا نويان [38] باشچىلىقىدا ئۇرۇشقا تەييارلاندى . بەيبارىس ۋە قۇتۇز باشچىلىقىدىكى مىسىر مەملۈك قوشۇنى 1260 - يىلى 7 - ئايدا قاھىرەدىن يولغا چىقتى ۋە شام زىمىنىدا بىر تۈركۈم بايىربۇجاق تۈركمەنلىرى [39] ۋە ئەرەبلەرنى قوشۇنغا ئالدى . ئىككى تەرەپ 9 - ئايدا پەلەستىندىكى ئايىن جالۇت تۈزلەڭلىكىدە ئۇچىراشتى . موڭغۇل تەرەپتە تەخمىنەن  20000- 10000 ،مەملۈك تەرەپتە تەخمىنەن 3 تۈمەنگە يەتمىگەن ئەسكەر بار دەپ قارىلىدۇ [40]  . موڭغۇل تەرەپ ئۆزىنىڭ ئەمەلى كۈچىگە مۇتلەق ئىشىنەتتى ، چۈنكى غەربكە يۈرۈش ئۇرۇشلىرىدا موڭغۇل قوشۇنى يىڭىلىپ باقمىغانىدى . ئۇرۇش تاكتىكىسدىكى تىررور ئىلمىنىتلار موڭغۇل قوشۇنى يەتكەن جايدىكى ئامما ۋە ئەسكەرلەرگە مەلۇم دەرىجىدە روھى بىسىم پەيدا قىلغان [41].



          مەلۇماتلارغا كۆرە ئۇرۇش 9 - ئاينىڭ 3 - كۈنى باشلاندى  . ئىككى تەرەپ ئوقيا ئىتىشقاندىن كىيىن تۈزلەڭلىكتە گىرەلەشمە ئۇرۇشقا كىرىشتى . بەيبارىس ۋە قۇتۇزنىڭ ئۇرۇش تاكتىكىسى باتۇر تەڭرىقۇت ۋە ئالپ ئارىسلانخان قوللانغان تاكتىكىغا ئوخشاپ كېتىدۇ [42] . مەملۈك تەرەپ شامدا ئەسكەرلىككە ئالغان يەرلىك ئەسكەرلەرنى ئوتتۇرىغا ، تۈرك ئاتلىق ئەسكەرلىرىنى ئىككى تەرىپىگە  ئورۇنلاشتۇرىدۇ ۋە بىر بۆلۈك ئالپ قوشۇننى ئارقىسىغا قويىدۇ [43] . موڭغۇل قوشۇنى مەملۈك قوشۇننىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا  گىرەلەشمە ھۇجۇم باشلىغاندىن كىيىن مەملۈك قوشۇنىنىڭ ئوتتۇرا قىسمى ئارقىغا چىكىنىشكە باشلايدۇ .ئۆزىنى زەپەر ئالدىدا دەپ ئويلىغان موڭغۇل قوشۇنى تىخىمۇ ئىچكىرلەپ كىرىدۇ . مەملۈك تەرەپ بۇ ھالەتتە موڭغۇل قوشۇنىنى ئۈچ تەرەپتىن قورشاۋغا ئالىدۇ  . ۋەزىيەت پىشىپ يىتىلگەندە بەيبارىس ئىىككى تەرەپتىكى ئاتلىق قوشۇننى ھۇجۇمغا چاقىرىدۇ .موڭغۇل قوشۇنى مەملۈك تۈركلىرىنىڭ ئۇرۇش قابىلىيىتىنى سەل چاغلىغانىدى . ئۇچ تەرەپتىن قورشاۋدا قالغان موڭغۇل قوشۇنى گىرەلەشمە جەڭدە بارغانسىرى پاسسىپ ئورۇنغا چۈشۈپ مەغلۇبىيەتكە يۈز تۇتتى ۋە بىر قىسمى قىچىشقا باشلىدى . قالغانلىرى پۈتۈنلەي مەغلۇب قىلىندى [44] . مەغلۇبىيەت خەۋىرى دەمەشىققە يەتكەن ھامان شەھەرنى ساقلاشقا قالغان موڭغۇل قوشۇنى تەبرىزگە قاچتى . [45] . موڭغۇل قوشۇنىنىڭ بۇ قىتىملىق زور مەغلۇبىيىتى ئىمپىرىيىنىڭ تىخىمۇ غەربكە كىڭىيىش خىيالىنى يوققا چىقاردى [46]. بەزى تارىخچىلار بۇ ئۇرۇشنىڭ موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ خاراپلىشىشقا باشلىشىغا سەۋەپ بولدى دەپ قارايدۇ [47] . ئۇرۇش مەغلۇبىيىتى موڭغۇل ئەسكەرلىرىنىڭ << يىڭىلمەس >> ئىرادىسىنى سۇندۇرغانلىقى مەلۇم . مەملۈك تەرەپنىڭ غەلبە قىلىشى كىيىنكى  تارىخىقا چۇڭقۇر تەسىر كۆرسەتتى .  ئىسلام ۋە خىرىستىئان مەدەنىيىتىنىڭ موڭغۇل قوشۇنى قولىدا پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشىدىن ساقلاپ قالدى [48]. دەۋىرنىڭ تارىخى يۈزلىنىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرىتتى . بەيبارىسنىڭ شۆھرىتى بۇنىڭ بىلەن تىخىمۇ ئاشتى . ئۇرۇشتىن بۇرۇن قۇتۇز بەيبارىسقا زەپەردىن كىيىن  ھەلەپ ۋالىيلىقىنى بىرىشكە ۋەدە بەرگەنىدى . ئەمما قۇتۇز ۋەدىسىدە تۇرمىدى ، [49]بۇ ئىش بەيبارىس ۋە قۇتۇز ئارىسىغا سوغۇقچىلىق سالدى . ئەھۋالنىڭ بىنورماللىقىنى سەزگەن بەيبارىس قۇتۇزدىن بۇرۇن ئۇنى قايتىش سەپرىدە ئۆلتۈردى ۋە مەملۈك تەختىگە ۋارىسلىق قىلدى . شۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا موڭغۇل قوشۇنلىرى مەغلۇبىيەتكە تەن بەرمەي قايتا سۇرىيە تەۋەسىگە كىردى [50] . ئايىن جالۇت ئۇرۇشىدىن كىيىن سۈرىيەنىڭ مۇھىم شەھەرلىرى ھەلەپ ۋە دەمەشقىقلەر مەملۈكىيلەر قولىغا ئۆتتى ، ئەمما ھومۇس قاتارلىق رايونلار ئەييۇبىيلارنىڭ قولىدا ئىدى . يىڭى تەشكىللەنگەن موڭغۇل قوشۇنى ئالتۇن ئوردا ۋە ئىلخانلار بىرلەشمە قوشۇنىدىن تەركىب تاپقانىدى[51]  . بەيبارىس قوشۇنى ھەم ئەييۇبىيلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرى ھەمدە موڭغۇل قوشۇنى بىلەن جەڭ قىلدى  .يەنە بىر تەرەپتىن بەيبارىس ئىرۇسالىمنى ئەھلى سەلىب  قولىدىن قايتۇرىۋىلىش ئويىدا ئىدى . بىر قاتار ئۇرۇشلار [52] ۋە ئىستىراگىيىلىك پىلانلار [53] ئارقىسىدا بەيبارىس 1266 - يىلى رەسمى ھالدا ئىرۇسالىمنى ئەھلى سەلىب قولىدىن تارتىپ ئالدى . تاكى 1271 - يىلى 9- قىتىملىق  [54]  ئەھلى سەلىب ياۋروپا بىرلەشمە قوشۇنىنىڭ ھۇجۇمنى چىكىندۇرگەندىن كىيىن بەيبارىس ئەھلى سەلىب ۋە موڭغۇل قوشۇنىنى ۋە ئەييۇبىيلارنىڭ قالدۇق قىسىملىرىنى سۈرىيەدىن تازىلاپ رەسمى غەلبىنى قولغا كەلتۈردى . بۇ جەرياندا بىر تەرەپتىن تۇغۇلغان يۇرتى بولغان ئالتۇن ئوردىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئالتۇئوردا خانىنى ئىسلام دىنىغا ئىتىقات قىلىشقا دەۋەت قىلسا بىر تەرەپتىن ئانادولۇ تۈركمەن بەگلىرىگە ياردەملىشىپ موڭغۇل قوشۇنلىرىنى ئانادولۇدىن ھەيدەپ چىقتى [55] . ۋە ئوسمان ئىمپىرىيىسىنىڭ قۇرۇلۇشىغا مەلۇم دەرىجىدە ئىجابى تەسىر كۆرسەتتى . [56]



( مىسىردىكى مەملۈك ئىمارىتى )
          بەيبارىس تۈركى خەلىقلەر تارىخىدىكى ئەڭ ئاقىل ۋە ئالىپ لىدىرلەرنىڭ بىرىدۇر . ئۇنىڭ تارىخى تۆھپىسىنى مۇنداق بىر قانچە نۇقتىغا يىغىنچاقلاش مۇمكىن . بىرىنچى جەھەتتىن بەيبارىس موڭغۇل قوشۇنىنى مەغلۇب قىلىپ << يىڭىلمەس قوشۇن >> رىۋايىتىنى يوققا چىقاردى ۋە ئىسلام ۋە ياۋرۇپا مەدەنىيىتىنى ۋەيرانچىلىقتىن ساقلاپ قالدى   . ئىككىنچى جەھەتتىن بىر قانچە قىتىملىق ئەھلى سەلىب قوشۇنىنى چىكىندۈرۈپ ئىرۇسالىمنى قولغا ئالدى ۋە ئەھلى سەلىب قوشۇنىنى ئىغىر ھالسىرىتىپ قايتا ھۇجۇمغا تەشكىللىنىشكە ھالسىز ھالەتكە كەلتۈردى. ئۈچىنچىدىن بەيبارىس ئالتۇن ئوردا ، ۋىزانتىيە ۋە ئىلخانلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە ئالتۇن ئوردا ۋە ئىلخانلارنىڭ ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلىشى ، ئىلخانلار ۋە ۋىزانتىيەنىڭ ئانادولۇغا بولغان كىڭەيمىچىلىكىنى توسۇشتا مەلۇم ئىجابى رول ئوينىدى ۋە تۈركمەن بەگلىرىگە ھەربى ياردەم قىلدى  .  مەدەنىيەت ۋە مەرىپەت ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلگەن بەيبارىس مىسىر ۋە سۈرىيەدە كۆپلىگەن بىناكارلىقلارنى ياساتتى كۆپىنچىسى مەدرىس ۋە كۈتۈپخانىلار ئىدى ، مىسىردىن شامغىچە يىڭى پوچتا يولى ياساتتى ، مىسىردىكى قاناللارنى يىڭىلىدى ۋە يىڭى قاناللارنى قازدۇردى . ئومۇمەن بۇ دەۋىر شۇ دەۋىر شارائىتى بويىچە مىسىر ۋە سۈرىيەنىڭ يۈكسەك گۈللەنگەن دەۋىرى بولۇپ قالدى .  بەيبارىس 1277 - يىلى قايتىش بولدى[57]  ۋە ئورنىغا  ئوغلى بەركە [58] ئولتۇردى ئەمما بەركەنىڭ ئىقتىدارسىزلىقىدىن ھوقۇق بەركەنىڭ ئاتابەگى قالاۋۇنغا [59]مەركەزلەشتى . شۇ تەرىقىدە [60]  مىسىردا مەملۈك دەۋىرى 1517 - يىلى ئوسمان ئىمپىرىيىسى مىسىرنى قولغا ئالغىچە داۋاملاشتى [61] .
=========================================================
ئايدىڭلار :
[1].موڭغۇل ئىستىلاسى موڭغۇل ئىمپىرىيىسىنىڭ كىڭەيمىچىلىك ئۇرۇشلىرىنى كۆرسىتىدۇ( ئاساسلىقى غەربكە يۈرۈشى ) . بۇ قوشۇن ئاساسلىقى موڭغۇل ۋە موڭغۇللارغا ئەل بولغان تۈركى خەلىقلەردىن تەركىب تاپىدۇ . بۇ ئۇرۇشنىڭ سەلبى تەسىرى كۈچلۈك بولدى
[2].موڭغۇل ئىمپىرىيىسى ياۋرو - ئاسىيا دالاسدىكى سودا يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ مەخسۇس كارۋان يولى تەسىس قىلغان بولۇپ ، سودا ۋە ئىقتىسادى پائالىيەتلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلگەن.بۇ خىل شارائىت شەرق غەرىبنىڭ ئالاقىسغا مەلۇم دەرىجىدە قۇلايلىق ھازىرلىدى . بۇ مەسلەكتە ئوردىدىكى ئۇيغۇر ۋە پارىس ئەمەلدارىنىڭ تەسىرىنى بىلىش بىر ئىلمىي تەتقىقاتنى تەلەپ قىلىدۇ
[3].موڭغۇل ئىمپىرىيىسى يىمرىلگەندىن كىيىن بۆلۈنگەن ھەر قايسى خانلىقلاردىكى ئاھالىلەر كۆپىنچىسى تۈركلەشتى . بۇنى ئىككى خىلغا ئايرىش مۇمكىن . بىرى موڭغۇللار بىلەن بىللە كەلگەن كۆچمەن ئاھالىلەرنىڭ ، بىرى يەرلىكتىكى تۈرك بولمىغان ئاھالىلەرنىڭ تۈركلىشىشى  
[4].ئەر تۇغرۇلنىڭ ھاياتى توغرىسىدا بىر قانچە خىل قاراشلار مەۋجۇت ،بەزى تارىخچىلار سۇلايمان شاھنىڭ ئوغلى دەپ قارىسا بەزىلەر كۈندۈز ئالپنىڭ ئوغلى دەپ قارايدۇ. ئومۇمەن ئەرتۇغرۇل مەنسۈپ بولغان قايىغ قەبىلىسى ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئانادولۇغا كۆچكەن كۆپلىگەن تۈرك قەبىلىلەرنىڭ بىرىدۇر.1299 يىلى ئەرتۇغرۇلنىڭ ئوغلى ئوسمان غازى ئوسمان ئىمپىرىيىسىنى قۇردى . ئەمما تارىخچىلار ئەر تۇغرۇلنى ئوسمان ئىمپىرىيىسى ۋە ئىدىئولوگىيىسىنىڭ ئاساسچىسى دەپ قارايدۇ.



[5].خارەزىمشاھلار ئەسلىدە سەلجۇقىيلارغا قارام شاھلىق ئىدى ، سەلجۇقىيلارنىڭ دۆلەت كۈچى ئاجىزلىغاندا ئايرىلىپ چىقتى ۋە ماۋەرا ئۈننەھىر ۋە پارىس زىمىنلىرىنى
باشقۇردى. موڭغۇل ئىستىلاسىنىڭ غەربكە يۈرۈشىدىكى ئىستىراتىگىيىلىك غەلبىسى خارەزىمشاھلارنى يىڭىش بىلەن باشلاندى
[6].بەيبارىسنىڭ تۇغۇلغان جايى توغۇرلۇق ئاساسلىقى ئىككى خىل پىكىر بار . ھەر ئىككى تەرەپ مىسىر مەنبەلىرىگە ئاساسلىنىپ بەيبارىسنىڭ بەرش قەبىلىسىدىن ئىكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ .بىرىنچى قاراشتىكىلەر  بەرش قەبىلىسىنىڭ ھازىر قازاقىستان ئاتراۋغا جايلاشقانلىقىنى كۆزدە تۇتۇپ ئۇنى ئاتراۋدا تۇغۇلغان دەپ قارايدۇ  ، بىر تەرەپ ئەينى زامانلاردا بەرش قەبىلىسى قىرىمدا ياشىغان دەپ قارايدۇ . قىپچاق دالاسىدىكى يۆتكىلىشچان بوزقىر تۇرمۇشى << بىر پەسىلدە ئىسسىق كۆلدە ، بىر پەسىلدە قارا دىڭىزنىڭ شىمالىدا >> ئوخشىشتىشغا يىقىن كىلىدۇ . بەرش قەبىلىسىنىڭ قازاقىستاننىڭ غەربىدىن قىرىمنىڭ شىمالىغىچە يۆتكىلىشنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز . شۇ دەۋىردە بۇ زىمىنلار بىردەك قىپچاق يايلىقى دەپ ئاتالغانىدى
[7].بۇ جايدا تىلغا ئالغان قىرىم ، يالغۇز قىرىم يىرىم ئارىلىنىلا كۆرسەتمەستىن بۈگۈنكى ئۇكىرائىنانىڭ جەنۇبىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان قارا دىڭىزنىڭ شىمالى رايونلىرىنى كۆرسەتسە كىرەك
[8].موڭغۇل قوشۇنلىرى غەرىبكە يۈرۈشىدە خىلى كۆپ ساندىكى ئەسىرلەرنى قۇل سۈپتىدە ۋىزانتىيە سودىگەرلىرىگە سىتىپ بەرگەنلىكى مەلۇم . بەيبارىسمۇ ، قۇتۇزمۇ موڭغۇللارغا ئەسىرگە ئىلىنغانلاردىن ئىدى  
[9].1171 - يىلى سالاھىدىدىن ئەييۇبى فاتىمىيلارنىڭ مىسىردىكى ھاكىمىيىتىگە خاتىمە بىرىپ ئەييۇبىيلار دۆلىتىنى قۇردى .  ئەھلى سەلىب قوشۇنلىرىنى مەغلۇب قىلىپ ئىرۇسالىمنى قولغا ئالدى ۋە پايتەخىتنى شامغا كۆچۈردى  
[10].خاس ياساۋۇللۇق خىزمىتى كۈنىمىزدىكى پىرىزدىنىتنىڭ يانقوغدىغۇچىلىرىغا ئوخشاپ كېتىدۇ . ئەمما قەدىمدە خاس ياساۋۇلنىڭ ئەمىلى ۋە ئىمتىيازى ئۈستۈن ئىدى
[11].مەملۈك سۆزى ئەرەپچە سۆز بولۇپ قۇل دىگەن مەنىدە، پارىسچىسى غۇلام بويىچە ئىلىنغان . ئەمما مەملۈك سالاھىيىتى قۇلدىن روشەن پەرىقلىنىدۇ



[12].ئابباسىيلار 750 يىلى شامدا قۇرۇلدى .819 - يىلى پايتەخىتنى باغداتقا يۆتكىدى. سەلجۇقىيلار دەۋرىدە خەلىپىلىك ساقلاپ قالغان ئاساستا سۇلتانلىق تۈزۈمى يۈرگۈزۈلدى . خەلىپلىك موڭغۇل ئىستىلاسىدا رەسمى يىقىلدى
[13].دەسلەپتە قوبۇل قىلىنغان تۈرك ياساۋۇللارنىڭ ھوقۇقى تۆھپىسىگە يارىشا بارغانسىرى ئۆستى . خەلىپىلىك ئۇلارنى خەۋىپلىك ھىساپلاپ ئەسلىدىكى ئالپ ياشلارنى قوبۇل قىلىشنى ، تۈرك باللىرنى قوبۇل قىلىشقا ئۆزگەرتتى
[14].كىيىنكى دەۋىرلەردە مەملۈك قوماندانلىرىنىڭ كۈچى داۋاملىق زورىيىپ باردى . خەلىپە پايتەخىتنى بىر مەزگىل باغداتنىڭ شىمالىغا كۆچۈردى ، ئابباسىيلارنىڭ ئەمەلى ھوقۇقى مەملۈكلەرنىڭ قولىغا ئۆتتى
[15].مەملۈكلەرنىڭ كۆپىنچىسى تۈركى خەلىقلەردىن تاللىناتتى . ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئىجتىمائىي ئورنى مەملۈكلەردىن كۆپ تۆۋەن ئىدى  
[16].ئەھمەد بىن تولۇن يەنى ئەھمەد تولۇن ئوغلى 835 - يىلى باغداتتا تۇغۇلغان دەپ قارىلىدۇ . ئاتىسى تولۇن باشقا مەملۈك تۈركلىرىگە ئوخشاش ئوتتۇرا ئاسىيادىن مەملۈكلۈككە ئىلىنغان بىرى ئىدى . ئەھمەد باغداتتا تەربىيە ئالىدۇ ۋە كىيىنچە مىسىر ۋالىلىيقىغا تەيىنلەنگەن بولۇپ خەلىپە مۇتەمىد بىلەن بولغان ئارازلىقلاردىن كىيىن مىسىردا ھاكىمىيەت قۇرىدۇ
[17].ئوخشىمىغان قاراشتىكىلەر ئەھمەد بىن تولۇننى باغداتتا تۇغۇلغان بولماستىن فەرغانىدىن ئىلىپ كىلىنگەن دەپ قارايدۇ  
[18].مىسىردا ئىبىن تولۇن مەسچىتى ھازىرغىچە ساقلانغان بولۇپ ، ئۇ بۇنىڭدىن باشقا نۇرغۇن ئىمارەتلەرنى دوختۇرخانىلەرنى سالدۇرغانلىقى مەلۇم . ئەمما كۆپىنچىسى دەۋرىمىزگە يىتىپ كىلەلمىدى  
[19].بۇ دەۋىردە سىياسى جەھەتتىن ئابباسىيلارغا باغلىق بولدى دەپ قارىلىدۇ . ئەمما ئاساسلىقى ئۆزىنى ئۆزى باشقۇردى
[20].مۇھەممەد بىن توغاچ يەنى مۇھەممەد توغاچ ئوغلى 882 - يىلى فەرغانەدە تۇغۇلغان دەپ قارىلىدۇ . كىيىنچە مەملۈك قوشۇنىغا قوشۇلۇپ سۈرىيەدە ۋەزىپىدە بولغان ۋە 930 - يىلى سۈرىيە ۋالىيلىقىغا كۆتۈرۈلگەن . دۆلەت نامى بولغان ئېخشىد ئاتالغۇسى بولسا فەرغانەدە شاھزادىلەرگە بىرىلدىغان بىر ئۈنىۋان ئىدى



[21]. نۇبىيە مىسىرنىڭ جەنۇبىدىكى بىر جۇغراپىيىلىك رايون
[22].فاتىمىيلەر 909 - يىلى تۇنىستا قۇرۇلدى ، كىيىنچە مىسىر ۋە سۈرىيەگە كىڭەيدى . شىئە ئىسمائىلچىلار مەزھىپىدىكى دۆلەت ئىدى . ئالپ ئارىسلان مالازگىرىت ئۇرۇشىنى فاتىمىلەر بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئارقا تەرەپتىن كىلىدىغان ۋىزانتىيە خەۋىپىنى يوقىتىش ئۈچۈن قىلغان دەپ قارىلىدۇ



[23].ئەييۇبىيلار ئەھلى سەلىپنىڭ كۆپ قىتىملىق ھۇجۇمىنى چىكىندۈردى . سالاھىددىن ئەييۇبى بۇنىڭلىق بىلەن تارىخى قەھرىمانلىق مەقامىغا ئىرىشتى. ئۇنىڭ كىلىپ چىقىشى توغۇرلۇق تەتقىقاتلار تارىخى ساھەسىنى تولىمۇ قىزىقتۇرىدۇ  
[24].كۆپىنچە تىلىمىزدا ئەھلى سەلىب دەپ ئىلىنىۋاتىدۇ . سۇلتان ئالپ ئارىسلان مالازگىرىت ئۇرۇشىدا رىم قوشۇنىنى يەڭگەندىن كىيىن بۇ خەۋەر ياۋروپانى چۆچۈتتى . بۇ خىل تارىخى شارائىت ئاستىدا پاپا ھەر قايسى كىنەز بەگلەرنى بىر يەرگە يىغىپ << تۈركلەرنى قوغلاپ چىقىرىش ، ئىرۇسالىمنى دىنسىزلار قولىدىن قايتۇرىۋىلىش >> شۇئارىدا قوشۇن تەشكىللەپ ئوتتۇرا شەرىقتىكى مۇھىم رايونلارغا << ئىلاھى >> ھۇجۇم باشلىدى . كىىرسىت قوشۇنىنىڭ ئۇرۇشلىرى نەچچە ئەسىرگە داۋام قىلدى ۋە ئاخىرىدا مەغلۇب بولدى
[25].ئەھلى سەلىبنىڭ بۇ ھەرىكىتى ئاجىزلىشىۋاتقان ئەييۇبىيلار ھاكىمىيىتىنى تىخىمۇ ھالسىراتتى . سۇلتان ئەھلى سەلىبكە قارشى تۇرۇش ئۈچۈن مەملۈك قوشۇنىغا مۇھتاج ئىدى
[26].سۇلتان سالىھنىڭ خانىشى بولغان شەجەر ئەل دۇر سالىھنىڭ ئۆلۈمىدىن كىيىن مۇئەززەم تۇرانشاھنى ئۇنىڭ ئورنىغا ئولتۇرغۇزىدۇ ئەمما كىيىنچە ئۇنى سۈيقەسىت بىلەن ئۆلتۈرۈپ ئايبەگكە ئۆيلىنىدۇ
[27].مۇئىزىددىن ئەل مەنسۇر ئايبەگ سۇلتانمۇ سۈرىيەدە مەملۈكلۈككە ئىلىنغانلاردىن ئىدى . ئەھلى سەلىبكە قارشى ئۇرۇش ۋە سۈرىيەدىكى ئەييۇبىيلارنىڭ قالدۇق كۈچلىرىنى يوقىتىشتا تۆھپىسى بولغانلىقى ئۈچۈن كۆزگە كۆرۈندى ۋە مەملۈك قوشۇنىنىڭ رەھبىرى سۈپتىدە خانىش شەجەر ئەل دۇرنىڭ ياقتۇرىشى بىلەن مەملۈك دۆلىتىنى قۇردى
[28].دولة تركيا  << ئەد دەۋلەتۇت تۈركىييە >> دەپمۇ ئىلىنىدۇ
[29].مەنسۇرە ئۇرۇشى ( مەنسۇراخ ئۇرۇشى ) ئەھلى سەلىب ۋە مىسىر مەملۈكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇھىم ئۇرۇشلارنىڭ بىرىدۇر . بۇ دەۋىردە مىسىر شەرق ( موڭغۇل
قوشۇنى )  ۋە غەربتىن ( كىرىسىت قوشۇنى ) كەلگەن كۈچلۈك قوشۇنلارنىڭ خەتىرىدە قالغانىدى
[30].ناۋادا بۇ ئۇرۇشتا يىڭىلگەن بولسا بۇندىن كىيىنكى ئوتتۇرا شەرق تارىخى تامامەن باشقىچە بولۇشى مۇمكىن ئىدى ، كىيىنكى ئايىن جالۇت ئۇرۇشىدا موڭغۇل قوشۇنلىرىنى يىڭىش مۇمكىنچىلىكىمۇ تۆۋەن ئىدى
[31].سۇلتان ئايبەگ قايتىش بولغاندىن كىيىن ئورنىغا ئوغلى ئەلى مەنسۇر ۋارسلىق قىلدى ،ئەمما ئەمەلى ھوقۇق مەنسۇرنىڭ يىتەكچىسى ئەمىر سەيفىددىن قۇتۇزنىڭ قولىدا بولدى
[32].جالالىددىن خارەزىمشاھ خارەزىمشاھلار دۆلىتىنىڭ ئاخىرقى شاھىدۇر . ئۆمىرىنى موڭغۇل قوشۇنلىرىغا قارشى ئۇرۇشلاردا ئۆتكۈزدى . چىڭگىزخان جالالىددىن
خارەزىمشاھنى تەرىپلەپ << ئۇنىڭدەك ئوغلۇم بولسىكەن>> دىگەنىدى  
[33].باغداتنىڭ ۋەيران قىلىنىشى ۋە كۈتۈپخانىنىڭ كۆيدۈرۈلۈشى كىيىنكى ئوتتۇرا شەرىق ۋە  ىسلام تارىخىغا تەسىرى ئىنتايىن زور بولدى . دىۋانۇ لۇغاتىت تۈرك نىڭ ئەسلى نۇسخىسى مۇشۇ ۋەيرانچىلىقتا يوق بولغان دەپ قارىلىدۇ  
[34].خەتتە تەسلىم بولمىغاندا قاھىرە ۋە شامنىڭمۇ باغداتقا ئوخشاش ئەھۋالغا قالىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت يىزىلغانىدى  
[35].موڭغۇل ئىمپىرىيىسى قوشۇنى چوڭ جەڭلەردە ھىچقاچان يىڭىلمىگەنىدى
[36].موڭغۇل قوشۇنىنىڭ << ياۋرو - ئاسىيا چۈشى >> .كۈن چىقىشتىن كۈن پىتىشكىچە بولغان بارلىق جايلارنى بويسۇندۇرۇش ئىدى  
[37].ئانادولۇ سەلجۇق دۆلىتى موڭغۇللارغا قارشى ئۇرۇشتا مۇتلەق ئۈستۈلۈك قازىنالمىغانلىقى ئۈچۈن خىلى ساندا موڭغۇل قوشۇنى ئانادولۇدا ھەر قايسى تۈركمەن بەگلىرى بىلەن چوڭ كىچىك توقۇنۇشتا بولدى . ئەر تۇغرۇل بۇ دەۋىردە بىر تۈركۈم تۈركمەنلەرنى ئىلىپ ۋىزانتىيەگە تىخىمۇ يىقىن جايلارغا جايلاشتى
[38].رېنى گىروسىتنىڭ پىكىرچە كەتبۇغا بىر نىستورى دىنىغا ئىتقات قىلىدىغان تۈرك قۇماندان ئىدى
[39].سۈرىيە تۈركمەنلىرى ( بايىربۇجاق تۈركمەنلىرى ۋە باشقىلار) ئابباسىيلار دەۋىرىدىن باشلاپ( ئاساسلىقى سەلجۇق دەۋىرىدە كىردى ) سۈرىيەدە ئولتۇراقلىشىشقا
باشلىغان تۈركى خەلىقلەردۇر
[40].قوشۇننىڭ سانى ھەققىدە ھەر خىل قاراشلار بار . موڭغۇل قوشۇنىدا بىر تۈركۈم ئەرمەنلەر بار ئىدى .  ئاساسەن مەملۈك قوشۇنىنى موڭغۇل قوشۇنىدىن كۆپىرەك دەپ پەرەز قىلىنىدۇ
[41].موڭغۇل قوشۇنى ھەر ئۇرۇشتا قارشى تەرەپكە زور روھى بىسىم پەيدا قىلغان . ئىلگىرى قىلغان ئۇرۇشلىرى توغرىسىدىكى پاراڭلار ئاۋامدا تارقالغىنىدا موڭغۇل
قوشۇنىغا نىسبەتەن قورقۇنىچ پەيدا بولغان . تەپسىلاتىنى بۇ جايدا قىسقارىتتۇق
[42].بەيدىڭ مۇھاسىرىسىدە باتۇر تەڭرىقۇت خەن سۇلالىسى قوشۇنىنى يىڭىلگەن قىياپەتتە جىلغىغا باشلاپ كىرىپ قورشىغانىدى . مالازگىرىت ئۇرۇشىدا ئالپ ئارىسلانخانمۇ بۇ ئۇسۇلنى ئىشلەتكەن
[43].موڭغۇل قوشۇنى مەملۈك قوشۇنىنىڭ مەركىزىگە بۆسۈپ كىرگەنسىرى ئۇلارغا يول بىرىلگەن
[44].كەتبۇغا نويانمۇ ئەسىرگە چۈشكەن دەپ قارىلىدۇ
[45].چۈنكى بۇمەزگىلدە ئوتتۇرا شەرىقتىكى موڭغۇل قوشۇنىنىڭ سىياسى مەركىزى تەبرىز ئىدى.ئىلخانىلار 1257  يىل قۇرۇلدى . ئۇزاق ئۆتمەي ئۇلار قايتا ھۇجۇمغا
تەشكىللەندى ، بۇنىڭغا ئالتۇن ئوردا ۋە ئەرمەنلەرنىڭ ياردەم كۆرسەتكىنى مەلۇم
[46].ناۋادا موڭغۇل تەرەپ بۇ ئۇرۇشتا يەڭگەن بولسا تىخىمۇ غەرىبكە كىڭەيگەن بولاتتى.قاھىرەنىمۇ باغداتقا ئوخشاش ۋەيران قىلىشى مۇمكىن ئىدى
[47].بۇ قىتىمقى ئىستىراتىگىيىلىك مەغلۇبىيەتتىن كىيىن موڭغۇل قوشۇنى غەربى ئاسىيادىكى ئۈستۈنلىكىنى يوقاتتى . ئاۋۋال غەربى ئاسىيا ، ئاندىن ئوتتۇرا ئاسىيادا موڭغۇل قوشۇنى ئىگلىگەن زىمىنلار باشقىچە يوسۇندا خاراكتىرلەندى
[48].ناۋادا ئايىن جالۇت ئۇرۇشىدا موڭغۇل قوشۇنى غەلبە قازانغان بولسا ، ئۇلار تىخىمۇ ئىچكىرلەپ شىمالى ئافرىقا ۋە غەربى ياۋروپاغا ئىچكىرلەپ كىرگەن بولاتتى  . خۇددى باغداتقا ئوخشاش بۇ زىمىنلاردىكى مەدەنىيەتلەرنى ۋەيران قىلىش ئىھتىمالى بار ئىدى . موڭغۇل قوشۇنى ئانادولۇغا ئىچكىرلەپ كىرىپ تۈركمەن قەبىلىلىرىنى كونتىرول قىلغان ، ئوسمان ئىمپىرىيىسىمۇ قۇرۇلمىغان بولاتتى
[49].ھەر ئىككىسىنىڭ تۆھپىسى بىر بىرىدىن قىلىشمايىتتى . قۇتۇزنىڭ ۋەدىسىدە تۇرمىغانلىقى بەيبارىسنىڭ كۆڭلىدىن ئۆتمىگەن بولىشى مۇمكىن
[50].بۇ بىرىنچى قىتىملىق ھومۇس ئۇرۇشىدۇر، ئىككىنچى قىتىملىق ھومۇس ئۇرۇشى سۇلتان قالاۋۇن مەزگىلىدە بولدى . ئۇرۇشتىن بىر يىل كىيىن ئىلخانلار خانى ئاباقا خان قايتىش بولدى . ئۇندىن كىيىن تەخىتكە چىققان تەگۈدەر خان مەملۈكلەر بىلەن ئىتتىپاق تۈزدى ۋە مۇسۇلمان بولدى  
[51].بۇ قوشۇندا ئەرمەنلەرمۇ بار دىيىلىدۇ
[52].بۇ ئۇرۇشلار ئىچىدە ئەلبىستان ئۇرۇشى مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ ، بۇ ئۇرۇشتا مەملۈك قوشۇنى ئىلخانلار ۋە ئەرمەن قوشۇنىنى پۈتۈنلەي يىىڭىدۇ . بۇنىڭ ئىلخانلارنىڭ كۈچىنى ئاجىزلىتىپ ئانادولۇغا بولغان باشقۇرۇشىنى ئاجىزلىتىشقا مەلۇم پايدىسى بولدى  
[53].سۇلتان بەيبارىس بىر تەرەپتىن ۋىززانتىيەگە ئەلچى ئەۋەتىپ ئۇنىڭ موڭغۇل قوشۇنى بىلەن ئىتتىپاق تۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئالدى . بىر تەرەپتىن ئالتۇن
ئوردىغا ئەلچى ئەۋەتىپ ئىسلام دىنىغا دەۋەت قىلدى ۋە ئىلخانلار بىلەن بولغان ئىتتىپاقىنى ئاجىزلاشتۇردى . بىر تەرەپتىن ئەرمەنلەرنىڭ قوشۇنىنى يىڭىپ موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئارقا سەپ كۈچىنى زور دەرىجىدە ئاجىزلاشتۇردى
[54].9 - قىتىملىق ئەھلى سەلىب يۈرۈشى ياۋروپانىڭ ئاخىرقى قىتىملىق  چوڭ كۆلەمدىكى يۈرۈشىدۇر . ئاساسلىقى << بەيبارىسنى جازالاش >> ۋە
ئىرۇسالىمنى قايتۇرىۋىلىش ئۈچۈن بولدى . نەتىجىسى بەيبارىسنىڭ غەلبىسى بىلەن ئاخىرلاشتى
[55].بۇ جەرياندا ئانادولۇ بەگلىرى ئىلخانلارنىڭ سىياسى بىسىمىغا ئۇچىرىغان بولۇپ مەملۈكلەرگە قارشى جەڭ قىلىشقا چاقىرىلغان
[56].موڭغۇل قوشۇنىنىڭ ئاجىزلىشىشى ئانادولۇ سەلجۇقلىرىنىڭ تىخىمۇ كۆپ زەربىگە ئۇچىرىشىشىدىن ساقلاپ قالغان . ۋە قايتا باش كۆتۈرۈشىگە شارائىت ھازىرلىغان
[57].بەيبارىس زەھەر سىلىنغان قىمىزنى ئىچىپ قايتىش بولغان دىيىلىدۇ . بەزىلەر بۇنى سۇيقەسىت دەپ قارايدۇ ، مەملۈك مەزگىلىدە ئالدىنقى سۇلتانلارغا سۇيقەسىت قىلى كۆپ كۆرۈلگەن
[58].بەيبارىس ئالتۇن ئوردا خانى بەركەنىڭ ئىسمىنى ئوغلىغا قويغان دەپ قارىلىدۇ ، ئەمما نىمە ئۈچۈنلۈكى توغرىسىدا قايىل قىلارلىق جاۋاپ يوق
[59].قالاۋۇن ئەييۇبيلارنىڭ سالىھ سۇلتان دەۋرىدە قوبۇل قىلىنغان مەملۈك ئەسكىرى بولۇپ بەركە سۇلتان زامانىدا ئەرمەنىلەرنى مەغلۇب قىلغانلىقى سەۋەبىدىن زور قوللاشقا ئىرىشكەن
[60].ئەييۇبىيلار ئوردىسىدا بەھرىيلەر نامىدا قىپچاق تۈركلىرىدىن تەشكىللەنگەن ئاتلىق قوشۇن بار ئىدى . شۇڭا مەملۈكلەرنىڭ ئالدىنقى دەۋرى بەھرى سۇلتانلىقى دەپمۇ ئاتالدى . كىيىنكى مەزگىلىدە قاپقازلاردىن تەشكىللەنگەن قوشۇن ئاساسى ئورۇنغا ئۆتتى . بۇ دەۋىر بۇرجى سۇلتانلىقى دەپ ئاتىلىدۇ



[61].ئوسمانلى مىسىرنى قولغا ئالغان مەزگىلدىكى مەملۈكلەر تۈركى خەلىقلەردىن تەشكىل تاپقان دەۋىردىن پەرىقلىنىدۇ . كۆپىنچىسى چىركەسلەردىن تەركىپ تاپتى
===============================================
پايدىلانغان ئەسەرلەر :
بېرنارىد لېۋىس << تارىختىكى ئەرەبلەر >> ھاجى غوجا ئابدۇلا ئوسمان تەرجىمىسى
كازىم ياشار ، كوپرەمان : ‹‹مىسىر مەملۈكلىرى››
داۋىد ، مورگان  : ‹‹ موڭغۇللار ››
جەسون تومپسون  : << مىسىر تارىخى >> گوزىلىن تەرجىمىسى
مانفىلىد ۋاسولىد : << ئەھلى سەلىب شەرىققە يۈرۈشى >> گاۋجىيەنجوڭ تەرجىمىسى





bagdax

0

تېما

11

دوست

5977

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   19.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  19582
يازما سانى: 466
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1822
توردىكى ۋاقتى: 866
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-15
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-20 23:50:47 |ئايرىم كۆرۈش
       مىھنىتىڭىزگە   رەھمەت.

3

تېما

0

دوست

7328

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 2161
توردىكى ۋاقتى: 345
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-21 01:02:26 |ئايرىم كۆرۈش
قازاقىستاننىڭ دۆلەت باشلىقى نۇرسۇلتان نەزەرباي سۈرىيە پايتەختى دەمەشىقنى زىيارەت قىلغاندا دەمەشىق شەھىرىگە دەپنە قىلىنغان مەملۇقىيلارنىڭ سۇلتانىنىڭ قەبرىسىنى ئاتايەن بېرىپ يوقلىدى، بەشىر ئاساد دېگەن سولتەك بۇ قېتىمقى زىيارەتتە نەزەربايغا باشتىن-ئاخىرى ھەمراھ بولدى، شۇنىڭغا قارىغاندا قازاقىستانلىقلار مەملۇقىيلارنى قازاق دەپ قارايدىكەن، نەزەرباي مەملۇقىيلارنى قازاقلارنىڭ ئەجدادى دەپ قارىدى ۋە مەملۇقىيلارنى قازاق دېگەن كۆز قاراشنى ئىلگىرى سۈردى. مېنىڭچە ئۇلار قازاق ئەمەس، بەلكى تۈرك قۇل ئەسكەرلەردۇر، مەملۇقىيلار بىرلا ۋاقىتتا ئىككى كۈچلۈك دۈشمەننىڭ ئەدىپىنى بەرگەن، يەنى موڭغۇللار بىلەن ئەھلى-سەلىپلەردىن ئىبارەت ئىككى قانخور، تاجاۋۇزچى دۈشمەنلەرنى ئەدەپلەپ تارىختا ناھايىتى يۇقىرى شان-شۆھرەت قازاندى، ئەلۋەتتە بىزمۇ مەملۇقىيلارنىڭ تارىخىدىن پەخىرلىنىمىز.

0

تېما

1

دوست

563

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   12.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  67164
يازما سانى: 53
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 170
توردىكى ۋاقتى: 27
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-9
يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-21 01:40:06 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   jim32 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-21 01:41  

ئەجرىڭىز ئۈچۈن كاتتا مۇكاپاتلار نائىل قىلىنغاي!سىزنىڭ يازمىڭىزنى ئۇقۇپ يوقىتىپ قويغىلى ئۇزۇن بولغان بىر نەرسىنى تاپقاندەك بولدۇم...تېخىمۇ كۆپ يازمىلىرىڭىزنى كۆتىمەن…!
bagdax

14

تېما

0

دوست

3093

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   36.43%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2170
يازما سانى: 59
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 352
تۆھپە : 762
توردىكى ۋاقتى: 548
سائەت
ئاخىرقى: 2016-8-7
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-21 09:56:16 |ئايرىم كۆرۈش
مەملۇكىيلارنىڭ كۆپىنچىسى ئوتتۇرا ئاسىيا رايونىدىن ئېلىپ كېلىنگەن قىپچاقلاردىن تەشكىل تاپقانىدى، ئۇندىن باشقا چەركەز، ئابخاز، ئوغۇز تۈركلىرى، گىرېتسىيەلىك مەملۇكىيلارمۇ بار ئىدى، مەسىلەن مەملۇك پادىشاھلىرىدىن تېمۇربۇقا ۋە خۇشقەدەم قاتارلىقلار گېرىتسىيەلىك ئىدى.

0

تېما

2

دوست

2611

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   20.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52790
يازما سانى: 217
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 798
توردىكى ۋاقتى: 152
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-21 11:28:19 |ئايرىم كۆرۈش
ئايىن جالۇت ئۇرۇشىدا قانچىلىك ئۇيغۇر قوشۇنى مۇڭغۇللار ئۈچۈن جېنىنى سەپ بەرگەن بولغىيدى؟

14

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   2.16%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1286
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3168
توردىكى ۋاقتى: 456
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-26

تۆھپىكار ئەزا

7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-21 16:20:20 |ئايرىم كۆرۈش
sezgvr يوللىغان ۋاقتى  2016-5-21 11:28
ئايىن جالۇت ئۇرۇشىدا قانچىلىك ئۇيغۇر قوشۇنى مۇڭغۇللار ...

ئىشقىلىپ ئاز ئەمەس جۇمۇ ، موڭغۇللارنىڭ قوشۇنىنىڭ خېلى كۆپ قىسمىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلغانىكەن

0

تېما

0

دوست

6462

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30184
يازما سانى: 675
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1914
توردىكى ۋاقتى: 348
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-25
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-21 19:35:28 |ئايرىم كۆرۈش
مەملۈك تۈرۈكلىرى سۇلتان سۇتۇق بۇغراخاندىن 100يىل ئىلگىرى ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغانكەن.ئوتتۇرا ئاسىيادا ۋاقتىدىلا قوبۇل قىلىپ بوپتىكەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )