- تىزىملاتقان
- 2016-5-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 404
- نادىر
- 0
- يازما
- 44
ئۆسۈش
52%
|
ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، بىزنىڭ ھەقىقى مەنىدىكى زاماننىڭ تەقەززاسىغا ماس مائارىپىمىزنىڭ شەكىللىنىپ داۋام قىلىۋاتقانلىقىغا تېخى بىرەر ئەسىرمۇ بولغىنى يوق. بىزدىكى مائارىپ تارىخى ، ئوقۇتۇش تەجرىبىسى، مائارىپنىڭ ئۈنۈمى، مائارىپنىڭ جەمىيەتكە تەسىرى... قاتارلىقلارنى غەرپ ئەللىرىدىكى بىزدىن نەچچە ئەسىرلەپ ھەتتا يۇنان مەدەنىيىتى بويىچە ھىساپلىغاندا مىڭ يىللاردىن بۇرۇن باشلانغان ھەقىقى مەنىدىكى مائارىپقا سېلىشتۇرغاندا مىنىڭچە بىزنى تېخى خېلى بەك تۆۋەن سەۋىيەدە دەپ قاراشقا بولىدۇ.
بەزىلەر بەلكى يۇقارقى پىكىرلەرگە قارىتا ئازادلىقتىن بۇرۇنقى مەدرىس مائارىپنى دەلىل قىلىپ ھەممە ئېتىراپ قىلغان يۇقارقى قاراشنى ئىنكار قىلىشى مۈمكىن. بىراق دىننى تەربىيەنى ئاساس قىلغان مەنىسىز، ئۈنۈمسىز ئەشۇ مائارىپنىڭ پايدىلىق رۇلى ئاساسەن ساۋات چىقىرىشتىن باشقا نەرسە بولغان ئەمەس. بەزى مەدرىسلەردىكى ئەرەپچە، پارسچە تىل ئۈگۈنۈش ۋە كىسلاسسكلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئاندا ساندا ئۈگۈتىدىغان قىسمەنلىكنى ھىساپقا ئالمىغاندا مائارىپنىڭ رۇلى نوقتىسىدىن زامانىۋى مائارىپ بىلەن مەدرىس مائارىپنى سېلىشتۇرۇش خۇددى توشقان بىلەن تاشپاقىنى سېلىشتۇرۇشتىنمۇ بىمەنە بىر ئىش بولۇپ قېلىشى مۈمكىن. بۇ توغرىدا ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ئەينى دەۋىردىكى مائارىپ ھەرىكەتلىرى ۋە ئۇنىڭ تەقدىرى توغرىىسدا مۇنداق يازغان :
پەنگە ماڭساق يول ئېچىپ ، كاپىر جەدىد دەپ قارغاشۇر
بۇ ھاماقەت دەۋرىدە ياش تۆكۈپ يىغلارىمەن.
مانا بۇ شېئىر ئەينى دەۋىردىكى مەدرىس مائارىپى ئەۋىج ئالغان ئۇيغۇر جەمىيىتىدىكى زامانىۋى مائارىپ تەرەپدارلىرىنىڭ ئادەمنىڭ يۈرىكىنى ئىزىدىغان كۆرمىشى ۋە قانلىق ئاھۇ زارى ئىدى ، ئەينى دەۋىردىكى مەدرىس مائارىپى تەرەپدارلىرى زامانىۋى مائارىپنى قاتتىق يەكلەش بىلەن بىلەن بىرگە ئەينى دەۋىر ھۈكۈمىتى ئارقىلىق بۇ مائارىپ تەرەپدارلىرىنىڭ يۇشۇرۇن سىياسى غەرەزلىرىنى ئاكتىپلىق بىلەن پاش قىلىش ، قالپاق كەيگۈزۈش يولى بىلەن ئۇلارنى ئېچىنىشلىق پاجىئەلەرگە دۇچار قىلىپ بىخ ھالىتىدە تۇنجۇقتۇرۇپ يوق قىلغان ئىدى. ئابدۇخالىق ئۇيغۇر، مەمتىلى ئەپەندىلەرنىڭ قانلىق قىسمىتى جاھىلىيەت پاتقىقىغا گالغىچە پاتقان ئەينى دەۋىردىكى موللىلارنىڭ زامانىۋى مائارىپقا قانچىلىك ئۆچمەنلىق قىلىدىغانلىغىنى بىزگە جەدىتچىلەر يەنى يېڭى دەۋىر زامانىۋى مائارىپنى تەرغىپ قىلغۇچىلارنىڭ ئېچىنىشلىق ئۈلۈمى ئارقىلىق نامايىش قىلىدۇ.
ئەمدى ھازىرقى مائارىپ ئەھۋالىغا كەلسەك بۇ خىل مائارىپ ئەندىزىسى ئاۋۋال غەرپ دۇنياسىدا پەيدا بولۇپ جەمىيەت تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە غايەت زور نەتىجىسىگە ئىرىشكەن، شۇنىڭ بىلەن باشقا ئەللەر تەرىپىدىن قۇبۇل قىلىنىپ ئىلىمىزگە ۋە ئازاتلىق ھارپىسىدا رايۇنىمىزدا كىرگەن، كىيىن ئازاتلىقتىن كىيىن پۈتۈن شىنجاڭغا ئۇمۇملاشقان ، بۇ مائارىپ دىيارىمىزدا ئىددىيە ئاقارتىش ، جەمىيەت تەرەققىياتى قاتارلىق جەھەتلەردە ھەقىقەتەن كۆز يۇمغىلى بولمايدىغان تەسىرلەرنى پەيدا قىلدى. بۇ توغرىلىق تەپسىلى توختىلىشنىڭ ھاجىتى يوق. لىكىن بۇ يەردە ئۆزەمنىڭ ھازىرقى مائارىپىمىزدا ساقلانغان بەزى مەسىلىلەر سەلبى تەرەپلەر توغرىسىدا قاراشلىرىمنىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ باققىم كەلدى. چۈنكى كىسەلنى يۇشۇرساڭ ئۆلۈم ئاشكارە دەيدىغان گەپ بار. يەنە دوست يىغلىتىپ دۈشمەن كۈلدۈرۈپ ئېيتىدۇ دەيدىغان ھىكمەتمۇ بار.شۇڭا كۆپچىلىكنىڭ توغرا چۈشۈنىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
بىرىنچى، ھازىرقى مائارىپىمىزدا تەييارغا ھەييار بولۇش ئەۋىج ئېلىپ ھەتتا يىلدىز تارتىپ كەتتى.
بۇ دىگىنىم سىز بىر سىنىپتىكى ئەللىك ئاتمىش بالىغا ئوخشاش دەرس ئۆتسىڭىزمۇ ئاخىرىدا نەتىجىسى ئاسمان زىمىن پەرق قىلىدۇ. سىز كەينىدە قالغان ئۇقۇغۇچىلارنى ھەرقانداق قىلىپمۇ ئاساسەن ئىلگىرى باستۇرالمايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنداق ئارتۇق ۋاقىتمۇ يوق، چۈنكى مەكتەپلەردە تۈگىمەس رەسمىيەت، ئەھمىيەتسىز پائالىيەت، ۋاقىت ئىسراپچىلىقىدىن باشقا نەرسە ئەمەس ھەر خىل ئۈگۈنۈش كىسىلى يامراپ كەتكەن. بۇلارنى دىمىسەكمۇ ئارقىدا قالغان ئۇقۇغۇچىلارنى ئالدىنقى قاتارغا ئۆتكۈزۈپ سىنىپتىكى بالىلارنى ئوخشاشلا ئەلاچى قىلالايدىغان ئوقۇتقۇچى مەۋجۇت ئەمەس، ئۇنداق ئۇقۇتقۇچى مەۋجۇت بولسا ئۇنى بىز ئەۋلىيا دەيمىز. مۇشۇ ئەمىلى قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن دىيارىمىزدا ۋە پۈتۈن جۇڭگۇدا نوقتىلىق سىنىپ، نوقتىلىق مەكتەپ دەيدىغان بىر خىل ئېقىم مودىغا ئايلىنىپ شۇ سىنىپنىڭ ، شۇ مەكتەپنىڭ نەتىجىسى ئالاھىدە يۇقۇرى رىكورىت يارىتىدىغان، ئەلىيۇل ئالالار تۈشمۇ تۇشتىن مەيدانغا كىلىدىغان بىر خىل غەلىتە مەنزىرە بارلىققا كەلدى. ئەپسۇسكى بۇ خىل ئەھۋالنىڭ كىلىپ چىقىشى بىز يۇقۇرىدا دىيىلگەن تەبىئى مائارىپ قانۇنىيىتىگە خىلاپ ئىدى. ئۇنداقتا نىمىشقا ئاسمانۇ زىمىننى تاڭ قالدۇرىدىغان ئەشۇنداق يۇقۇرى نەتىجە ۋە ئاتالمىش ئۇلۇق غەلىبىلەر قولغا كىلىدۇ؟ ئەشۇ سىنىپ ۋە ئەشۇ مەكتەپنىڭ ئوقۇتقۇچىلىرى راستىنلا ئەۋلىيالىق مۇقامىغا يەتتىمۇ ؟ ئۇلار شۇنچە ئىقتىدارلىقمۇ؟ ياق ، ئۇلار پەقەت ئىمتىھان ئارقىلىق ياخشى ئۇقۇغۇچىلارنى تاللىۋالدى خالاس. ناچار ئۇقۇغۇچىنى تەربىيەلەپ ئۆزگەرتىشكە ئامال بولمىغانلىقتىن تەييار ياخشى ئۇقۇغۇچىلارنى بىر سىنىپ ياكى بىر مەكتەپكە يىغىپ ئۆزىمىزنىڭ كارامىتىنى كۆرسەتمەي ئۇلارغا نىمە ئامال دەيسز؟
مانا بۇ مائارىپىمىزنىڭ تەييارغا ھەييار بولىدىغان ، پۈرسەتپەرەس ، ساختىپەز خاراكتىرىدۇر. بۇنىڭ ئاقىۋىتى شۇكى ، ئادەتتىكى سىنىپتىكى ئۇقۇغۇچىلار بىلمىگەننى سورايدىغان، رىقابەتلىشىىدىغان ئوبىكتىلىرىدىن ئايرىلىپ قالدى. سەركىسى يوق پادا نەگىمۇ بارالىسۇن دەيسىز...
ئىككىنچى، مەسئۇل خادىملارنىڭ شەخسى تۆھپە يارىتىش قىزغىنلىقى مەكتەپنى قالايمىقانچىلىق پاتقىقىغا پاتۇرىۋەتتى.
ئۆزىنىڭ سىياسى ئىستىقبالىى ئۈچۈن مەكتەپتىكى ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ مەنپەئەتىگە تىگىپ ئۇلارنى شەنبە، يەكشەنبە تەتىللەردە ھەقسىز ئىشلىتىدىغان، سەككىز سائەتتىن سىرىت ھەر خىل ھەرياڭزا ئەھمىيەتسىز ئۈگۈنۈشكە سالىدىغان، يۇقۇرىدا تىلغا ئالغىنىمىزدەك ئۇقۇغۇچىلارنى نوقتىلىق سىنىپلارغا تەشكىللەپ مائارىپ ئادىللىقىغا ھىچ ئەيمەنمەستىن دادىللىق بىلەن تاجاۋۇز قىلالايدىغان، مەكتەپ مالىيەسىنى مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش ئىشلىرىدىن كۆرە مەكتەپنىڭ سىرىتقى كۆرىنىشى ، تەشۋىقات ۋىۋىسكا قۇرۇلىشىغا بەكرەك ئىشلىتىدىغان، ئوبراز قۇرۇلىشىنى ئوقۇتۇشتىن نەچچە ھەسسە ئەلا بىلىدىغان شەكىلۋازلىق يىلدىز تارتىپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ قىزغىنلىقى تۆۋەنلەپ نارازىلىقى ئاشىدىغان، بۇ خىل نارازىلىقنىڭ دەردىنى رەھبەرلەردىن ئالالمىغاندىن كىيىن ئۇقۇغۇچىلاردىن ئېلىپ دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ تەييارلىمايدىغان ، بولسا بۇلا، بولمىسا ئىزى بولار دەيدىغان قاراشلار باش كۆتۈردى. چۈنكى ھەممە ئۇقۇتقۇچى نوقتىلىق سىنىپقا سىنىپ مۇدىرى ياكى دەرس ئوقۇتقۇچىسى بولىشىشى مۈمكىن ئەمەس،شۇڭا تىرىشسڭىزمۇ شاللىنىپ تاسقاپ سىزگە تەقسىم قىلىنغان ئەشۇ بالىلار بىر نەرسىنى سىزنىڭ تىرىشچانلىقىغا لايىق ئۈگۈنەلمەيدۇ. شۇڭا سىز ھېرىپ چارچاپ توختاپ قالىسىز، تىرىشمايسىز، ئىزدەنمەيسىز... دىگەن گەپ. ئەشۇ ئوقۇغۇچىلار تاسقىلىپ سىنىپلارغا تەقسىم قىلىنىدىغان كىپەك ياكى ئەخلەتتەك ئارتۇقچە نەرسىمۇ؟ قېنى ئەشۇ مائارىپ مۇتەخخەسىسلىرى مائارىپ مەسئۇل خادىلىرىنىڭ ھەر بىر ئوقۇغۇچى بىر مۆجىزە ، بىر گۆھەر .... دىگەن ئەشۇ تاتلىق گەپلىرى؟ بۇنداق گەپلەر نۇتۇقلاردا ، يىغىنلاردىلا سۆزلىنىدىغان، ئەمەلگە ئاشمايدىغان نەزەرىيەمۇ؟ بۇ خىل ئەھۋالنى مائارىپ مەسئۇل تارماقلىرى بىلمەمدۇ؟ ياق، ئۇلار سىزدىن ، بىزدىن بەكرەك ئېنىق بىلىدۇ. بىراق ئۇلار بۇنىڭغا كۆز يۇمىدۇ خالاس. نىمە ئۈچۈن بۇنداق ناچار قىلمىشلارغا ئۇلارنىڭ كۆز يۇمۇۋالىدىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى پېقىرنىڭ ئاددى كاللىسى ھازىرچە ھىس قىلالمىدى...
داۋامى كىيىنكى قىسىمدا يوللىنىدۇ.
|
|