قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 812|ئىنكاس: 9
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

سىزمۇ مۆجىزە يارىتالايسىز

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

27

تېما

4

دوست

2565

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22217
يازما سانى: 48
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 59
تۆھپە : 806
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-22
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

سىزمۇ مۆجىزە يارىتالايسىز

ف.ئوسلېر

لوقمان ئىمىن تەرجىمىسى


   نەچچە يىل ئىلگىرى، نىيۇ يورك شەھىرىنىڭ شىمالىدا ئېمىلى ئىسىملىك بىر قىز تۇراتتى، ئۇ ئۆز-ئۆزىدىن ئۆكۈنۈپ، ئۆزىنىڭ غايىسىنى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشۇرالمايدىغانلىقىنى تەن ئالغان ئدى. ئۇنىڭ غايىسى نېمە؟ ئۇ بولسىمۇ ھەر بىر بويىغا يەتكەن قىزنىڭ ئارزۇسى: يەنى كۆڭلىدىكىدەك كېلىشكەن بىر شاھزادە  بىلەن توي قىلىپ، بىر ئۆمۈر ئۆتۈش ئىدى.
   يامغۇر يېغىۋاتقان بىر چۈشتىن كېيىن، تەلىيى كاج ئېمىلى داڭلىق بىر پىسخولوگنى ئىزدەپ بارىدۇ، پىسخولوگ ئۇنىڭغا مۇنداق دەيدۇ:« ئېمىلى، مېنىڭ ئامالىم بار. بىراق سىز مېنىڭ دېگىنىم بويىچە قىلىشىڭىز كېرەك: ئەتە ئەتىگەندە يېڭى كىيىم سېتىۋېلىڭ، بىراق كىيىمنى ئۆزىڭىز تاللىماڭ، سىز پەقەت پرىكازچىكتىن سوراپ ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە سېتىۋېلىڭ. چۈنكى سىز باشقىلارنىڭ پىكىرىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ ئېھتىياجلىق. ئارقىدىنلا چېچىڭىزنى ياساتقىلى بېرىڭ، چاچ پاسونىنىمۇ ئۆزىڭىز تاللىماڭ، ساتىراشتىنلا سوراپ ئۇنىڭ مەسلىھەتى بويىچە ياسىتىڭ. ئاندىن كېيىن سەيشەنبە كەچتە مىنىڭ ئۆيۈمدە كەچلىك ئولتۇرۇش بار، كېلىپ قاتنىشىڭ...».
   ئېمىلى بېشىنى چايقىدى، پىسخولوگ چۈشەنگەندەك قىلىپ بېشىنى چايقاپ:« سىز كەچلىك ئولتۇرۇشقا قاتناشساممۇ خۇشال بولالمايمەن دېمەكچىمۇ؟ ئەمما مەن سىزنى ياردەملىشىشكە چاقىرىمەن. كەچلىك ئولتۇرۇشقا قاتنىشىدىغانلار كۆپ، بىراق ئۆز ئارا تونۇشىدىغانلار ئاز. سىز كەلگەنكەنسىز ھەممە كىمگە ئەتراپلىق ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك. قايسى بىر يىگىتنىڭ يالغۇز تۇرغىنىنى كۆرسىڭىز ئالدىغا بېرىپ سالام قىلىشىڭىز كېرەك...» دېدى.
«يىگىت؟ سالام قىلىش؟»
   «توغرا، ئالدىغا بېرىپ ئۇنىڭغا سالام قىلىسىز، سىز ماڭا ۋاكالىتەن ئۇنى قارشى ئالىسىز دېيىشكىمۇ بولىدۇ. سىزنىڭ ۋەزىپىڭىز ماڭا ياردەملىشىپ مېھمانلارنى كۈتىۋېلىش. چۈشەندىڭىزمۇ؟»
   ئېمىلى جىددىيلەشتى، پىسخولوگ داۋاملىق مۇنداق دېدى: «كۆپچىلىك تولۇق كېلىپ بولغاندىن كېيىن مېھمانلارغا يەنە نېمە  قىلىپ بېرەلەيدىغانلىقىڭىزغا قاراپ بېقىڭ. مەسىلەن، بەك تىنجىق بولۇپ كەتسە دېرىزىنى ئېچىڭ؛ كىمنىڭ قەھۋەسى بولمىسا ئۇنىڭغا قۇيۇپ بېرىڭ. ئېمىلى، قاراڭ، ماڭا چوڭ ياردەم قىلىشىڭىز كېرەك!».
   سەيشەنبە كۈنى، ئېمىلى چاچ پاسونىنى ئۆز لايىقىدا قىلىپ كىيىملىرى ياراشتۇرۇپ كىيىپ، پىسخولوگنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقماقتا ئىدى. ئۆزىنى ئۇنتۇپ پەقەت باشقىلارغا ياردەم قىلىشنىلا ئويلايتتى. ئۇ تېتىك ، سېخىي بولۇپ، چىرايىدىن يېقىملىق كۈلكە يېغىپ تۇراتتى، ئۇ كەچلىك ئولتۇرۇشتا كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ياقتۇرىدىغان ئادەمگە ئايلاندى. ئولتۇرۇشتىن تارقىغاندا ئۈچ يىگىت ئۇنى ئۆيىگە ئاپىرىپ قويغۇسى بارلىقىنى ئېيتتى.
   ھەپتە ئۆتۈپ، ئايلار ئۆتۈپ بۇ ئۈچ يىگىت ئېمىلىنى قىزغىنلىق بىلەن قوغلاشتى. ئېمىلى ئارىسىدىن بىرەيلەننى تاللاپ، ئۆزىگە تويلۇق ئۈزۈك تاقاتقۇزدى.
توي مۇراسىمىدا بىرەيلەن بۇ پىسخولوگقا:« سەن مۆجىزە ياراتتىڭ» دېدى، پىسخولوگ:«مۆجىزە ھېسابلانمايدۇ، بۇ بەكمۇ ئاددىي: ئادەم دائىم ئۆزىنىلا ئويلىماسلىقى، ئۆزىگىلا ئىچ ئاغرىتماسلىقى كېرەك، باشقىلارنىمۇ ئويلاپ قويۇشى، باشقىلارنىڭ دەردىگىمۇ دەرمان بولۇشى كېرەك. كىم ئۇنى گۈزەللەشتۈردى؟ ئۇ ئۆزى» دېدى.

مەنبە: «ھېكايىلەر»
uyghuray

0

تېما

2

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62901
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
شەخسىيەتچى ئادەم بەخىتلىك بولالمايدۇ .

3

تېما

0

دوست

7639

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18155
يازما سانى: 690
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2300
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
  باشقىلارنىڭ غېمىنى قىلىدىغان ئادەم ھۆرمەتكە سازاۋەر بولىدۇ،باشقىلارنىڭ ياقتۇرۇشى ۋە ياردىمىگە ئېرىشەلەيدۇ،شۇڭا ئىشلىرىمۇ يۈرۈشۈپ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالايدۇ.ئۆزىنىڭلا غېمىنى قىلىدىغان ئادەمنىڭ بايلىقى قانچە كۆپ،ئەمىلى قانچە چوڭ بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ،مۇناسىپ ئابرويغا ئېرىشەلمەيدۇ،ئۇلارغا پەقەت مەنپەئەت تاماسىدىكىلەر غەرەزلىك يېقىنچىلىق قىلىدۇ خالاس.

0

تېما

0

دوست

404

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   52%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  67133
يازما سانى: 44
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 120
توردىكى ۋاقتى: 13
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
شۇ ئۇلۇق پىسخىلوگنىڭ ئاتا ئانىسىغا رەھمەت.
uyghuray

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  68605
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-21
5#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىشىنىش

0

تېما

0

دوست

2851

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30440
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 886
توردىكى ۋاقتى: 244
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر

0

تېما

0

دوست

1397

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52031
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەلۋەتتە ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاش ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئەڭ ئاددى ياشاش،ئومۇملۇققا يۈزلەنگەن ياشاش يولى بولسا،ھەقىقى مەنىدىكى ئۇلۇغلار ياشاش يولىدۇر.ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاش بىزنىڭ ياشاش يولىمىز بولماسلىقى كىرەك،ئەمىليەتتىمى ئۇ بىزنىڭ يولىمىز ئەمەس.

10

تېما

11

دوست

7014

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   40.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 835
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 2038
توردىكى ۋاقتى: 205
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
kalbahar يوللىغان ۋاقتى  2016-5-21 23:26
ئەلۋەتتە ئۆزى ئۈچۈنلا ياشاش ئەڭ تۆۋەن دەرىجىدىكى ئەڭ ئ ...

نادىر ئىنكاس
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )