مەن ئىلگىرى ئوقۇغۇچى ، كىيىن ئوقۇتقۇچى بولۇپ، ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80-يىلىدىن90-يىلىنىڭ باشلىرىغىچە بولغان ئاساسى مائارىپنىڭ گۇۋاھچىسى بولدۇم، مەن ئەزەلدىن بۇ ۋاقىتنى 1949-يىلىدىن كىيىنكى جۇڭگۇ مائارىپى تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلىدەپ قارايمەن. ئۇچاغلاردا ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىمى ئىنتايىن تۆۋەن ئىدى، بىر يىل يىغقان پۇلىغائاران «يۇڭجۇ» ماركىلىق ۋېلسىپىتتىن بىرنى سىتىۋالغىلى بولاتتى. لىكىن ئۇ ۋاقىتتىكى ئوقۇتقۇچىلار جەمىيەتتىكى ئابرويلۇق كىشىلەردىن بولۇپ، كىشىلەرنىڭ ھۆرمىتىگەئېرىشكەن كەسىپ ئىدى. بىراق ھازىر ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كىرىمى ئىلگىرىكىگەسىلىشتۇرغاندا ناھايىتى چوڭ يۇقىرى كۆتۇرۇلدى، ئەمما جەميەتتىكى ئورنى تۆۋەنلەپ تارىختا كۆرۇلۇپ باقمىغان سەۋىيىگە يەتتى. ئويلىسا كىشىگە بىر ئەسىر ئۆتكەندەك تۇيغۇ بولىدۇ، بۇنىڭغا بىرقانچە يىل بولدىغۇ تىخى ! ئۇۋاقىتتا دائىم مۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلايتتۇق: « مەلۇم ئوقۇتقۇچى مەلۇم مەكتەپ مۇدىرىنى ئۇرۇپ كەتتى»، مەن ھەتتا بىر قىتىم ئۆز كۈزۈم بىلەن مەلۇم مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىر تەرەپتىن قېچىپ،بىر تەرەپتىن «قۇتقۇزۇڭلار !----» دەپ توۋلىغىنىنى، ئارقىسىدىن بىر مۇئەللىمنىڭقىڭراقنى كۆتۇرۇپ قوغلاۋاتقانلىنى كۆرگەن ئىدىم. بۇ خىل ھاىزر بىر كۆرۇش ناھايىتى تەستەكىلىدىغان «ھەيۋەتلىك» مەنزىرە ، خىلى ئۇزاق مەزگىللەرگىچە بىرنىڭ تاماق ئۈستىلىدىكى سۆھبىتىمىز بولغان ئىدى. مەن مۇئەللىمنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى ئۇرۇشى توغرا دىمەكچى ئەمەس، ئەمما مۇئەللىمنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى ئۇرۇشقا جۈرئەت قىلالىشىدىكى ئارقىسىدىكى سەۋەبنى چوڭقۇر ئويلىنىشقا ئەرزىيدۇ. ئۇ ۋاقىتلاردا ، بىر مەكتەپ مۇدىرى قايسى مۇئەللىمدىن نارزى بولسا، ئەڭ ئاخرىدىكى يامان نەتىجە بولسا مائارىپ ئىدارىسىغا بۇ ئوقۇتقۇچى توغرىسىدا دادلاپ تەكلىپ بىرىپ ، مەكتەپنىئالماشتۇرغۇزاتتى، مۇئەللىمنىڭ كىرىمى قىلچىلىك تەسىرگە ئۇچرىمايتتى، ئەكسىچە، ئاتالمىش« دەرەخ ئۆلسىمۇ ئادەم ھايات قىلىۋىرىدۇ»دىگەندەك، ھىلىقى مۇئەللىمگەنىسبەتەن بەلكىم يەنىلا ياخشى ئىش ھىسابلىناتتى، مەكتەپ مۇدىرىنىڭ بىر مۇئەللىمگە نىسبەتەن ياخشى يامان نىيەتتە بولۇشى ئوقۇتقۇچىنىڭ تۆمۈر تاۋىقىغا تەسىركۆرسەتمەيتتى، شۇڭا مۇئەللىملەر مەكتەپ مۇدىرى بىلەن بىلەن زىددىيەت يۇز بەرگەندەموستىنى كۆتۇرۇپ ئۆكتە قوپالايتتى، شۇڭا ئۇ چاغلاردا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تەدبىربەلگىلىشى مۇئەللىملەرنىڭ تەسىراتىنى ئويلاشماي بولمايتتى، مۇئەللىملەرمۇ ئەمەلدارلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش قىلمىسىمۇ بولاتتى، مەلۇم مەنىدىن ئىلىپ ئىيتقاندا ئىدىيە ۋە رۇھىي جەھەتتە مۇستەقىللىنى ساقلاپ قالغان ئىدى، مىنىڭ شۇڭا شۇ ۋاقىتنى دۆلەت قۇرۇلغاندىن بۇيانقى جۇڭگۇ ئاساسى مائارىپى تەرەققىياتنىڭ ئەڭ ياخشى مەزگىلى دىيەلىشىم ھەرگىزمۇ ئاساسسىز ئەمەس ئىدى. ئەپسۇس، ياخشى ھالەت ئۇزۇنغا بارمىدى! تەخمىنەن 90-يىللارنىڭ ئوتتۇرا ئاخىرى مەزگىلىدە «ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇمۇميۇزلۈك تەكلىپ قىلىش تۈزۈم ئىسلاھاتى» باشلاندى. بۇ خىلئىسلاھات لايىھىسىنى تۈزگەن «مۇتەخەسسىس»لەرنىڭ چۈشەندۇرىشىگە ئاساسلانغاندا،«ئوقۇتقۇچىلارنى ئۇمۇميۈزلۈك تەكلىپ قىلىش تۈزۈمى ئىسلاھاتى» مىخانىزىمنى قوزغىتىش بولسا رىقابەتلىشىشكە ئىلھام بىرىش، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ « تۆمۈر تاۋىقى»نى بۇزۇپ تاشلاشتىن ئىبارەت. شۇنىڭ بىلەن، ھەتتا بىر كىچە ئىچىدە ، ئوقۇتقۇچىلارئۆز-ئۆزىدىن خەۋىپسىرەپ، ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى «جىددىيلەشتۇرۇش»بىلەن بىرگە، مەكتەپ مۇدىرى بىلەن ئوقۇتقۇچىلار ئارىسىدكى مۇناسىۋەتكە نازۇكئۆزگىرىشنى ئىلىپ كەلدى __ مەكتەپ مۇدىرى ئەگەر قايسى ئوقۇتقۇچىدىن نارازى بولسا ،ئىلگىرىكىدەك خىزمىتىنى «يۆتكەش» مەسىلىسى بولماستىن، بەلكى « ئىشتىن قىلىش»مەسىلىسى كىلىپ چىقتى. مەكتەپ ئىچىدىكى ھىلىقىدەك بەزى «تىكىنى » بار ئوقۇتقۇچىلاربىر كىچىدىلا ناھايىتى ئازلاپ كەتتى، مەكتەپ مۇدىرىمۇ بارغانسىرى كىشىلەرنىڭ «ھۆرمىتى» گە ئىرىشتى، ئەمەلدارلىق كۆرۇنۇشىمۇ بارغانسىرى تولۇپ ماڭدى. مەكتەپنىڭباشقۇرۇلۇشىدىمۇ غەلىتىلىكلەر ئالمىشىپ تۇردى، ئىسىمدە قىلىشىچە بىر يىلىمەكتىپىمىزگە بىر مەكتەپ مۇدىرى ئالمىشىپكەلدى، بۇ يىڭى ئەمەلدار ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا ئۈچ ئىشنى ئىلىپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر ئىش بولسا ئوقۇتقۇچىلارغاقارىتىلغان« بىر كۈندە ئالتە قىتىم يوقلىما قىلىش» ئىدى . ئوقۇتقۇچىلارنى بۇنداق «باشقۇرۇش» ، ئەجىبا مەكتەپنى تۈرمىگە ئايلاندۇرۇشمۇ؟ نەچچە يىل ئاۋۋال بولسا بىرەرمەكتەپ مۇدىرىنىڭ بۇنداق ئىشنى ئويلاپ چىقىشىنى خىيالغا كەلتۇرگىلى بولمايتى، پەقەت ئۇنىڭ« بەدىنى قىچىشىپ، تاياق يىگۇسى كەلمىسىلا ! » تۇيۇقىسىز خىلى ئۇزۇنغىچە ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپ مۇدىرىنى ئۇرغانلىقىنى ئاڭلىمىغانلىقىمنى بايقىدىم، ھەتتا ھىلىقى «قولاقكەستى» تەنتەربىيە مۇئەللىملىرىمۇ ئۆزلىكىدىن قۇيرۇقىنى قىستى. 2001-يىلى، مەن بىر قىتىملىق ئىمتىھان ئارقىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىلىق ھاياتىمنى ئاخىرلاشتۇردۇم، بىراق مىنىڭ قىيىن كۈنلەرنى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن بۇرادەرلىرىميەنىلا ئوتتۇرا مەكتەپتە بولۇپ، ئۇلار دائىم ماڭا ئوتتۇرا مەكتەپ توغرىلىقخەۋەرلەرنى ئىلىپ كىلىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ دىيىشىچە، ھازىر يەنە ئارىلاپ « ئاۋات» لىقنى كۆرگىلى بولىدىكەن،__ « ئاۋات»لىق بولسا ئائىلە باشلىقىنىڭ مۇئەللىملەرنى ئۇرۇشى بولۇپ،ئۇرۇپ بولغاندىن كىيىنيەنىلا مەكتەپ مۇدىرىنىڭ تاياق يىگەن ئوقۇتقۇچىنى باشلاپ ئائىلە باشلىقرىنىڭئۆيىگە بىرىپ كەچۈرۈم سورىشى. «بارلىقىمىز ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن، ئوقۇغۇچىلارنىڭبارلىقى ئۈچۈن، بارلىق ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن» ھەتتاكى « ئوقۇتقۇلى بولمايدىغان ئوقۇغۇچى يوق، پەقەت ئوقۇتالمايدىغان ئوقۇتقۇچى بار» غىچە قاتارلىقلار « ئىلغارمائارىپ ئىديەسى » سۈپىتىدە مەكتەپنىڭ كۆزگە كۆرۇنگۈدەك ئورۇنغا چاپلاندى. مائارىپ ئەمەلدارلىرى بىلەن مائارىپ «مۇتەخەسسىس» لەرنىڭ تالاش تارتىشى بىھۇدە ئاۋارىچىلىق خالاس. مىنىڭچە، بۇنداق ئاتالمىش « ئىلغار» مائارىپئىدىيەسىنىڭ سودا سارايلىرىدىكى كىلىپ كىتىۋاتقان مىھمانلارغا قارىتىلغان « خېرىدار مەڭگۈ خۇدا، خۇدا ئەزەلدىنخاتالاشمايدۇ» دىگەن شۇئار بىلەن قىلچىلىك پەرقى يوق. ھالا بۇ كۈندە، ئوقۇتقۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى، ئائىلە باشلىقى مۇناسىۋىتى كىشى چۈشەندۇرۇش تەس بولغۇدەك دەرىجىدەبۇرۇلۇش ۋە ياتلىشىش باشلاندى، ئاىلە باشلىقى ۋە ئوقۇغۇچىلار مەكتەپنىڭ «خېرىدارى»، مەكتەپ مۇدىرى بولسا بولسا مەكتەپنىڭ « خوجايىنى» غا ئايلاندى، بىراق ئوقۇتقۇچى بولسا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىستىمالبۇيۇمىغا ئايلاندى ، ئائىلە باشلىقى بۇ ئىستىمال بۇيۇمىغا قارىتا نارازى بولسا ،ئەلۋەتتە بۇ ئىستىمال بۇيۇمىدىن ئاچچىقىنى چىقارسا بولىدۇ، خۇددى سىز بىر قۇتا «كولا» سىتىۋالسىڭىز تەمىنى ياقتۇرمىسىڭىز ئەلۋەتتە ئۇنى بىر تىپىپلا ئاسمانغائۇچۇرىۋىىتىش ھوقۇقىڭىز بار، ھەتتا كەسكىنلىك بىلەن ئۇنى يەرگە ئېتىپ دەسسەپ چەيلىسىڭىز بولىدۇ. باشلانغۇچتىكى ۋاقتىمدا ساۋاقدىشىم جاڭ جاۋشەننىڭ ئانىسى باشقا يۇرتلۇق ئىدى، بىر كۈنى بۇسەھرالىق ئانا بىزنىڭ سىنىپ مۇدىرىمىزنى ئىزدەپ كىلىپ ، بىزگە غەلىتە ئاڭلىنىدىغانيەرلىك شىۋە بىلەن سىنىپ مۇدىرىمىزغا« جاڭ مۇئەللىم، بىزنىڭ جاۋشەن ئەگەر شوخلۇق قىلسا ئۇرۇپباشقۇرسىڭىز بولىدۇ، ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋەتسىڭىزمۇ سىزنى ئىزدىمەيمەن!» دىگەنئىدى، كىيىنچە ، ھەممىمىز جاڭ جاۋشەنگە چاقچاق قىلغاندا ، ئۇنىڭ ئانىسىنىڭ شېۋىسىنى دوراپ « جاڭ مۇئەللىم، بىزنىڭ جاۋشەن ئەگەر شوخلۇق قىلسا ئۇرۇپباشقۇرسىڭىز بولىدۇ، ئۇرۇپ ئۆلتۇرۋەتسىڭىزمۇ سىزنى ئىزدىمەيمەن» دەيتۇق، بۇ گەپمىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپتىكى بىزنىڭ تەكرار قىزىقچىلىقىمىز بولغاچقا ، مىنىڭ ئىسىمگە ئورناپ كەتكەن. بۇگۇۈنكى كۈندە نۇرغۇن يىللار ئۆتۇپ كەتتى، ھەر قىتىم بۇگەپنى ئويلىغان ۋاقتىمدا ، ئېغىزدىن چىقىرالمىغۇدەك ئەلەم ۋە دەردنى ھېس قىلىمەن، بۇندىن 30 نەچچە يىل ئىلگىرى ، ئادەتتىكى سەھرالىق ئايالنىڭ تەبىئىي ،سەمىمىيلىك بىلەنئىيتقان سۆزلىرى ناھايىتى چۈشىنىشلىك ئىدى، ئۇنىڭ ناھايىتى ئاددى ساددا ھالدا ئىيتقان سۆزلىرى بىلىمگە بولغان قەدىرلەش ۋە تەربىيلەشكە بولغان ھۆرمەتنى ئىپادىلەپ بەرگەن ئىدى. بۇگۇنكى كۈندە بۇنداق قەدىرلەش ۋە ھۆرمەتلەر نەدە ؟
فىليەتونلار ئايلىق ژۇرنىلى2016-يىللىق 3-سانىدىن تەرجىمە قىلىندى http://www.hao1111.cn/a/zwyk/80382.html |