قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 2187|ئىنكاس: 16
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

راسىت يالغان تىرامپ (شى خەنبىڭ)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

2

دوست

3926

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   64.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  22136
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1260
توردىكى ۋاقتى: 247
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

راسىت يالغان تىرامپ
(شى خەنبىڭ)
قۇملۇق بورىنى تەرجىمىسى

  2016-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ، ئامېرىكا فوكېس ئېلان قىلىغان ئەڭ يېڭى ئەلرايى تەكشۇرۇشىدە كۆرستىلىشىچە ، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر نامزاتى تىرامپ (特朗普Donald Trump)نىڭ   نۆۋەتتىكى قوللاش  نىسبىتى %45 بولۇپ، دىمۇكراتلار پارتىيسىنامزاتى ھىلارىنىڭ %42 لىك قوللاش نىسبىتىنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن.  نۇرغۇنلىغان كىشلەر تىرامپنىڭ  ئاستا-ئاستا بۇ قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭپېرىزدىنتىلىك تەختىگە يېقىنلىشۋاتقانلىقىغا ئىشنىدۇ.
      ئۇنداقتا  تىرامىپ كىم ؟
     نۇرغۇنلىغان كىشلەرھەرخىل تاراتقۇ ۋاسىتلەر ئارقىلىق تىرامپىنىڭ ھەددىدىن ئاشقان سۆزلىرىنى ئاڭلىغان بولۇپ، نۇرغۇنلىغان كىشلەر بۇ گەپسۆزلەرگە ئىشنىپ  تىرامپنى « ئەخمەق» ياكى« ھاماقەت » دىيىشىدۇ. ھاكاۋۇرلۇق ۋە كەمسىتىش پۈزۈتىسيىسى بىلەن بىر ئادەمنىمەسخىرە قىلىش ناھايتتى ئاسان، ئەمما بۇ خىل پۇزۇتسىيە بىزگە ئاكتىپ بولغان  پايدىلىق نەرسە ئېلىپ كېلەلەمدۇ –يوق  بۇ بىر مەسىلە .  بىز بىر ئادەمگە ئامراق بولمىساق بولىدۇ، ئەممابىر ئادەمنى ئالدىراقسانلىق بىلەن كەمستىسەك ، مەسخىرە قىلساق بولمايدۇ. چۈنكى بۇخىل پۇزۈتسىيەنىڭ ئۆزىمىزگە بولغان تەسىرى ھەقىقەتەن بەكمۇ  ناچار بولىدۇ. چېكىدىن ئاشقان گەپ –سۆزلەرخۇددى قەۋەت-قەۋەت چۈمپەردىگە ئوخشاش ، تىرامپىنىڭ ھەققى قىياپىتىنى تۇسىۋالغانبولۇپ، تىرامپنى باشقا بىر قىياپەت بىلەن خەلق ئاممىسى ئالدىدا نامايەن قىلغان.ئەمما بۇ بىر ھەققى تىرامپ بولماسلىقى مۇمكىن. ئامېرىكىنىڭ داستان تۈسىنى ئالغانھۆججەتلىك فىلىمى « بىزنىڭ ھېكايىمىز – ئامېرىكا» نىڭ  ماڭا قالدۇرغان تەسىردە ئىككىنىچى قېتىمكۆرۈنگەن باھالىغۇچى دەل تىرامپ بولۇپ، تىرامپقا مۇناسىۋەتلىك كىتاپلار ناھايتتىكۆپ بولۇپ، « سودا ۋە تۇرمۇشتا چوڭ ئويلاپ كۆتىگە تېپىش» (Think Big and Kick Ass in Business and Life ) ، « مىليۇنېرلارنىڭ كىچىك مەبلەغ سالغۇچىلارغا بولغان نەسىھەتى»(Billionaire Lessons For the Small Investor ) ، « ئېلىپ –سېتىشتىكى سەنئەت – تىرامپ » (Trump:The Art of The Deal)قاتارلىقلار بار. مەن بۇكىتاپلارنى تېپىپ ئىنتايىن تەپسىلى ئوقۇپ چىقىتم. بولۇپمۇ  تىرامپنىڭ ئۆز تەرجىمھالىنى تېخىمۇ ئەستايدىلئوقۇپ چىقتىم. بىر قسىم ئىنچىكە نوقتىلار ئارقىلىق ، بىز بەلكىم تىرامپقا قارىتائازراق بولسىمۇ چۇڭقۇرراق چۈشىنىش ھاسىل قىلالىشىمىز مۇمكىن.
تىرامپسودا ساھەسىدىكى ئاجايىپ تالانت ئىگىسى بولۇپ، ئۇنىڭ ئادەتتىن تاشقىرىمۇۋاپپىقىيەت قازىنىش سەرگۈزەشتىسى ئۇنى ئالدىنى ئەسىرنىڭ 80-يىللىرىدىلا ، نۇرغۇنئامېرىكلىقلارنىڭ تەلپۇنىدىغان ئۈلگىسىگە ئايلاندۇرغان.
تىرامپ ئۆز تەرجىمىھالدا مۇنداق دەپ يازىدۇ:  «كىشلەر مىنى قىمارۋاز دەپ قارايدۇ، ئەمىليەتتە ، مەن ئۆمرىمدە قىمار ئويناپباقىمىغان، كىشلەرنى مىنى تەشەببۇسكارلىق ھۇجۇمغا ئۆتىدىغان ئادەم دەپ قارايدۇ،دەل بۇنىڭ ئەكسىچە، قارار چىقىردىغان چاغدا ، مەن ئىنتايىن ئېھتىياتچان ۋە ئېغىربېسىق بولۇپ كېتىمەن. ھەرقانداق بىر سودىنى قىلغان چاغدا ، مەن ئەڭ يامانئەھۋالىنى پىلان قىلىپ قويىمەن. ئەگەر ئەڭ يامان ئەھۋالغا قارىتا تولۇق تەييارلىقكۆرۇلگەندە، ئۇنداقتا يۈز بېرىدىغىنى خۇشخەۋەر ۋە كۆڭۈلدىكىدەك نەتىجىلا بولىدۇ. »
تىرامپنىڭ دەسلەپكى مەزگىللەردىكى ئەڭ تىپىك بولغان مۇۋاپپىقىيەتلىك مىسالى – نيوروك مەركىزىبېكەت ئەتراپىدىن بىر كونا چوڭ مېھمانخانىنى سېتىۋېلىش بولۇپ،  بۇ پىلان ئۈچۈن  تىرامپ 2 يىل ۋاقىت سەرىپ قىلغان. تۆمۇر يولشېركىتىنىڭ دىرىكتورى ، نيوروك شەھىرىنىڭ باشلىقى ،  نيوروك شىتاتىنىڭ ئەمەلدارلىرى ، قەرىزدارلاربىلەن سۆھبەتلىشىپ، موجىزىلىك ھالدا بۇ سودىنى پۈتكۈزگەن. 1974-يىلى نيوروك شەھىرىقىيىن ئەھۋالغان چۈشۈپ قالغان بولۇپ، تىرامىپ بۇ پۈرسەتنى غەنىمەت بىلىپ ، 12مىلىيۇن دوللارلىق باھا بىلەن بۇ كونا مېھمانخانىنى سېتىۋالغان ، مۇۋاپىقىيەتلىكھالدا نيوروك شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئۆزى ئۈچۈن 40 يىللىق باجنى كېمەيتىش ئېتىبارغائېرشكەن. تىرامپ داڭلىق لايھىلىگۈچى ئۇستىلارنى تەكلىپ قىلىپ ،  كونا مېھىمانخانىنى ھەشەمەتلىك – ھايياتمېھمانخانسىغا((Hyatt Hotels Corporation) ئۆزگەرتكەن. 1987-يىلغا كەلگەندە ، بۇ مېھمانخانىنىڭ پايدىسى يىلىغا30 مىلىيۇنلۇق سۈرئەت بىلەن ئاشقان. تىرامپنىڭ ئىشلىرى ناھايتتى مۇۋاپپىقىيەتلىكبولغان، ئۇنىڭ نىكاھ ئشلىرىمۇ « رەڭگا – رەڭ » بولۇپ، ئۈچ قېتىم ئۆيلەنگەن. ھەرقېتىم تاپقان جۈپتى « ئېرىنى باي قىلدىغان » خوتۇن بولۇپ چىققان. ئادەتتە ئەرلەرپۈل خەجلەشكە ئامراق ئاياللارنى ياخشى كۆرىدىغان بولۇپ، بۇ نوقتىدىن قارىغاندا ،تىرامپنىڭ ئادەم تاللاش سەۋىيىسى ئاددەتىكىچە ئەمەس.
تىرامپنىڭ تۈنجى ئايالى چېخ دۆلىتىنڭ قار تېيلىش تەنھەرىكەتچىسى مودىل ئىۋاننا (伊凡娜) بولۇپ ، تېخى توي قىلمىغان ياش تىرامپ بۇ ئاجايىپ ئايالنى تۈنجىقېتىم كۆرىشى بىلەنلا ئۇنىڭ بىلەن توي قىلىشىنى قارار قىلغان. تىرامپ ئىۋاننا بىلەن تويقىلغاندىن كېيىن، خۇددى كالا تىزىكىگە ئۈنگەن گۈلدەك تىز سۈرئەتتە شاخلاپ تەرەققىقىلىپ ، ئشلىرى ئادەمنىڭ كۆزلىرىنى قاماشتۇرغۇدەك دەرىجىدە راۋاجلىنىپ كەتكەن.
13يىلدىن كېيىن ، بىر ئايال تۇيۇقسىز  ئىۋانناغا ئۆزىنىڭ تىرامپ بىلەن باشقىچەمۇناسىۋىتى بارلىغىنى ئېيتىدۇ. ئىۋاننا تىرامپنى 13 يىل تەربىيلەپ يېتىشتۇرگەن چوڭئەرباپ بولۇشقا مۇناسىپلىغى ئۇنىڭ بۇ خەۋەردىن كېيىن تىرامپ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى بىرسودىنى قىلغانلىغىدىن كۆرۋېلىشقا بولىدۇ. (تۆۋەندىكىسى  ئويدۇرما تەسەۋۋۇر)
«   - ئەمسە پۇل بەر،
-سىزمۇ بىلىپ بولدۇڭىز ؟
تىرامپ قايغۇرغان ھالدا،
-  قېنىدەڭ قانچە پۇل؟
-13 يىل ، ھەريىلى 10 مىلىيۇندىن بولسۇن، بوپتۇ ئېتىبار قىلاي ،  50 مىليۇن بولسۇن.
-13يىل ئەر – خوتون بولۇپتىمىز، 25 مىليۇن بولسۇن !
-قۇشۇلدۇم.»
بىر–بىرسىنى بىلشىدىغان سىرداش تەنھەركەتچى سەبداشلار ، ئەركىن ئازادە ھالدا ئورۇنئالماشتۇرشىدۇ. ۋاقىتنىڭ ئۆزى ھاياتتۇر، ئىۋاننامۇ ئۆزنىڭ يېڭى ئىشلىرىنىكەسكىنلىك بىلەن باشلايدۇ. تېلۋۇزۇرىدا بىۋاستە سېتىش ، كىتاب يېزىش ، مەخسۇسسىتون يازغۇچىسى بولۇش... دىگەندەكلەر بىلەن ئۆخشاشلا نام چىقىرىپ، تىرامپدىنمۇبەكرەك جامائەتنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولىدۇ.
تىرامپنىڭئۈچىنچى ئايالى سىلوۋىنىيەلىك مودىل MelaniaKnauss بولۇپ، بۇ ئايال باشقۇرۇش جەھەتتەئالاھىدە تالانتىلىق ، مۇشۇنداق بىر يۇقىرى سەۋىيەلىك باشقۇرغۇچىنى مۇئاش بېرىپتەكلىپ قىلسا قانچە پۇل كېتەر – ھە ؟ !
      تىرامپنىڭ پەرزەنتلىرىمۇ ناھايتتى مۇنەۋۋەر بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلگەن.تەربىيلەش نوقتىسدىن قارىغاندىمۇ ، تىرامپنىڭ ئىقتىدارى سانسىز كېشلەرنى مەغلۇپقىلالايدۇ. مەسىلەن ، تىرامپنىڭ قىزى ئىۋانكا تىرامپ (Ivanka Trump ) ،گەرچە 2 مىليارد دوللارلىق ۋارسلىق قىلىش ھوقۇقى بولسىمۇ ، ئەمما باي ئائىلەپەرزەنتلىرنىڭ نوقسانلىرىدىن ئازراق ئەسەرمۇ يوق ، ناھايتتى تىرشچان ، بۇنداقچىرايلىق ، لاتاپەتلىك قىزنىڭ سايلامغا ياردەمدە بولىشى ، تىرامپ ئۈچۈن ئازبولمىغان نومۇر قوشۇشى ئېنىقلا تۇرغان گەپ .
( تىرامپنىڭ قىزى Ivanka Trump )

    پەرزەنت ئاتا-ئانىلارنىڭئەينىكى . تىرامپنىڭ پەرزەنتلىرى ئىچىدە ، بىرەرسىنىڭمۇ ناچار ئادىتى ياكىسەتچىلىكى يوق ، ھەممىسى ناھايتتى مۇنەۋۋەر باللار. شۇڭلاشقا نۇرغۇنلىغان كىشلەرھەيرانلىق بىلەن تىرامپ پەرزەنتلىرىنى قانداق تەربىيلىگەندۇ – دەپ قېلىشقان. ئەگەربۇ گەپلەرنى دەپ كەلسەك يەنە بىر ئۇزۇن تېما بولۇپ كىتىدۇ. تىرامپنىڭ تەپەككۇرىنورمال ئادەملەرنىڭ تەپەككۈرىدىن ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكەن . مەن بىر تەيۋەنلىك  كىشىنى تۇنۇيتىم، ئۇ سېتىۋالغان ئوينى تىرامپسالغان بولۇپ، ئەينى چاغدا ، تىرامپ شىرىكىتى بۇ كىشىگە ئۆينى ساتماقچى بولغاندامۇنداق دىگەن: بۇ ئۆينىڭ قايسى يەرلىرى ياقمىغان بولسا ، بىز ياردەملىشىپ ئۆزگەرتىپبېرىمىز، ئەگەر پۈتۈنلەي رازى بولمىسىڭىز ، چېقىۋىتىپ قايتا سېلىپ بېرىمىز، تاكىسىز رازى بولغاندا ئاندىن توختايمىز. بۇنداق ۋەدىلەرنى ئاددەتتىكى ئادەملەربېرەلەمدۇ؟  
      تىرامپ ئۆز تەرجىمىھالىدا، ئۆزىنىڭ بىر داچا سېتىۋېلىش جەرىيانىنى بايان قىلىغان. داڭلىق بايلار ئولتۇراقرايونى  پالما دەرىخى ساھىلىدىكى  (PalmBeach ) بىر مەدىنىيادىكارلىق دەرىجىسدىكى داچا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 20 يىللىرى سېلىنغان بولۇپ، 20ئېنگىلىز مو كۆلەمدىكى ئورۇننى ئىگەللىگەن ، ئاتلانتىك ئوكيان ۋە بايلىق كۆلى(Lake Worth)بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ. ئىچىدە 118 ئېغىز ئۆي بولۇپ، داچىنىڭ تاملىرى ئىتالىيىدىنيۆتكەپ كېلىنگەن دولئېن تاشلىرى بىلەن قۇپۇرۇلغان ، يەنە 500 يىللىق تارىخى بارئىسپانىيە چىنە قىشلىرىنى ئىشلىتىلگەن. بۇ داچىنىڭ تالاشتۇرۇپ سېتلىش باھاسى 25مىلىيۇن دوللار بولۇپ ، تىرامپ 1982-يىلى پالما دەرىخى ساھىلىغا بارغاندا ، بۇداچىغا كۆزى چۈشۈپ ، 15 مىلىيۇن دوللارلىق باھا بىلەن سېتىۋالماقچى بولغان. ئۆيئىگىسى بۇ باھانى قۇبۇل قىلىمىغان . شۇندىن كېيىن ساتقۇچى تەرەپ كۆپلىگەن ئالغۇچىتەرەپ بىلەن سودىلاشقان بولسىمۇ ، سودىدا پۈتۈشەلمىگەن.
     بۇۋاقىتتا تىرامپنىڭ نورمال ئادەملەردىن پەرقىلىنىپ تۇرىدىغان ئالاھىدلىكىرى نامايەنبولۇشقا باشلايدۇ.
«ھەر قېتىم سودىدا پۈتشەلمىگەندە ، مەن ساتقۇچى تەرەپكە بىر باھا قويىمەن، بۇ باھائالدىنقى قېتىملىق باھادىن تۆۋەن بولىدۇ. » ئەڭ ئاخىرىدا ، تىرامپ 5 مىلىيۇندوللارلىق باھا بىلەن بۇ داچىنى سېتىۋالىدۇ. يەنە 3 مىلىيۇن دوللار قوشۇپ ، ئۆيجاھىزىلىرىنىمۇ سېتىۋالىدۇ. ( كېينكى باھا مۆلچەرلەشتە كۆرستىلىشىچە ، پەقەت ئۆيجاھىزلىرىنىڭ ئۆزىلا 8 مىلىيۇن دوللاردىن ئارتۇق قىممەتكە يارايدىغانلىغى بىلدۇرۇلگەن.) بۇ داچىغايېقىن ئۆيلەرنى تۆۋەن مۆلچەرلىگەندىمۇ 18 مىليۇن دوللارغا يارايتى.
ئويلاپ باقساق، ئەگەر تىرامپ قويغان باھا ھەرقېتىمقى باھادىن يۇقىرى بولسا ، ساتقۇچىتەرەپ جىددىلىك ھىس قىلماي, داۋاملىق ئارقىغا سوزۈپ تۇرىۋالاتتى. چۈنكى ئارقىغا تارتىپتۇرۋالغاندا،  تېخىمۇ ياخشى باھاغا سېتىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما تىرامپ باھانى قەدەممۇ– قەدەم چۈشۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق  ساتقۇچىتەرەپتە كىرىزىس تۇيغۇسى پەيدا قىلغان.  ئەگەر بۇ باھانى قۇبۇل قىلمىسا ، كېينكى باھانىڭ تېخىمۇ تۆۋەن بولدىغانلىغىنىبىلدۇرۇپ قويغان.تىرامپ ئېلگىرى بىرسى تەرىپىدىن 50 مىليۇن دوللار چىقىرىپ، بىريېڭىدىن قۇرۇلغان نېفىت شىرىكىتىگە پاي قۇشۇشقا كۆندۇرۇلگەن، ئەمما توختامتۈزىدىغان چاغدا ، تىرامپ بۇ مەبلەغ سېلشىنى ئەمەلدىن قالدۇرشنى قارار قىلغان. بىرقانچە ئايدىن كېيىن ، نېفىت باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ ، بۇ شىركەت ۋەيرانبولغانلىغىنى جاكارلاپ، مەبلەغ سالغۇچىلار بارلىق دەسمىسىدىن ئايرىلىپ قالغان.
تىرامپ شۇ سەۋەپتىن ئۈچ تەجرىبە يەكۈنلىگەن( ناھايتتى تىپىك)
بىرىنچى، سىرتقى شارائىت ئادەمنى قانچىلىك جەلىپ قىلىشىدىن قەتئىنەزەر ، چۇقۇم ئۆزنىڭ كۆڭلىنىڭچۇڭقۇر يەرلىردىكى بىر  سۆزىگە ئىشنىش .
ئىككىنىچى،ئادەم چۇقۇم ئۆزى ئىشەنچ قىلالايدىغان ئىشلارنى قىلىشتا قەتئى چىڭ تۇرۇش.
ئۈچىنچى،بەزى چاغدا، مەبلەغ سالماسلىق ئەڭ ياخشى مەبلەغ سېلشتۇر.
بۇتىپىك ئۇچ نوقتىنىڭ يىغىنچاقلىنىشى ، بىزگە ھېلىھەم ئېلھام ئېلىپ كېلىدۇ.

تىرامپمۇبىر ھەققانىيەت تۇيغۇسى بار ئادەم ، ئەلۋەتتە، ئۇ ياخشى ئىشلارنى قىلغان تەقدىردىمۇ ،ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە ئۆزىنىڭ تەسىرىنى كېڭەيتىپ ، ئۆزىنى ھەققى بىر نەپ ئالغۇچىغا ئايلاندۇرغان.
نيوروك شەھىردىكى بىر ئالقىشقا ئېرشكەن رادىئو ئىستانىسى مۇنداق بىر ئشىنى خەۋەر قىلىدۇ:خېل ئەر-خوتوننىڭ دېھقانچىلىق مەيدانى  بانكىغا رەنىگە قويۇلغانلىقسەۋەبىدىن ، ئەۋلاتمۇ – ئەۋلات مىراس قالغان دېھقانچلىق مەيدانىنى ساقلاپ قېلىشئۈچۈن، 67 ياشلىق خېل ئەپەندىم ئۆزىنى ئۆلتۇرۋالىدۇ. خېل ئەپەندىم مۇشۇ ئۇسۇلئارقىلىق ئسىتراخوانىيە تۆلەپ پۇلىغا ئېرشىپ، دېھقانچىلىق مەيدانىنىقايتۇرۋېلىش ئارزۇسىدا بولغان. ئەمما بۇ پۇل يەتمىگەن ، خېل خانىم بۇ ئىش ئۈچۈنتىرشىپ تىپىرلىغان.
ئادەتتىكى ئادەملەر بۇنداق خەۋەرلەرنى كۆرگەندە كۆرۇپلا بولدى قىلىدۇ. ئەمما تىرامپ بۇخەۋەرنى كۆرگەندىن كېيىن، ناھايتتى ئازاپلىنىدۇ. ئۇ خېل خانىمنىڭ بەخىتىسىزلىكىگەھېسىداشلىق قىلىدۇ. ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن خېل خانىم دېھقانچلىق مەيدانىنىرەنىگە قويغان بانكا بىلەن ئالاقىلىشىپ، بانكا مەسئۇلىغا مۇنداق دەيدۇ: « ئوبدانئاڭلاپ قويۇڭلار، ئەگەر خېل خانىمنىڭ دېھقانچىلىق مەيدانىنى قايتۇرۋېلىش ھوقۇقىنىبىكار قىلماقچى بولساڭلار، مەن شەخسى نامىم بىلەن سىنى ۋە سىلەرنىڭ بانىكىنى قاتىللىق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەرىز قىلىمەن، چۈنكى سىلەرنىڭ كاشىلا قىلىشىڭلارسەۋەبىدىن خېل ئەپەندىم ئۆلۈپ كەتكەن. »
بانكائىلاجىسىز مۇرەسسەگە قۇشۇلغان. بۇ ۋاقىتتا ، ياخشى نىيەتلىك بىرىسى خېل خانىمئۈچۈن 40 مىڭ دوللار ئىئانە قىلغان، تىرامپ خېل خانمىغا ۋەدە بېرىپ، ئەگەر يىغىلغان پۇل يەتمىسە ، ئۆز يېنىدىن كەمپۇلىنى چىقىرىپ تولۇقلايدىغانلىغىنى دىگەن.
رىجستوۋابايرىمى كەلگەندە، خېل خانىم بۇ پۇللارغا ئېرشكەن. تىرامپ بۇ ئىش ئۈچۈن تىرامپبىناسىنىڭ (Trump Tower )ئوتتۇرا سارىيىدا بىر تەبرىكلەش مۇراسىمى ئۇرۇنلاشتۇرغان. تىرامپ بۇ ئىشقائارىلاشقاندىن باشلاپ، بۇ ئىشنىڭ قىززىق نوقتىسىغا ئايلانغان . پەقەت مۇشۇنوقىتىدىنلا ، ئېلگىرىكى نۇرغۇنلىغان ياخشى نىيەتلىك كىشلەرنىڭ تىرشچانلىغى تىرامپئۈچۈن شۇتا بولغان . تىرامپ خېل خانىمغا ياردەم بىرش بىلەن بىرگە ، ئۆزنىڭشېرىكىتىگىمۇ ياخشى نام ئاتاق ئېلىپ كەلگەن.
نىمىشقابۇلارنى يازىمەن- دىگەندە، مەن كۆپچىلىكنىڭ بىر ئادەمگە ئۆبېكتىپ باھا بېرىشنىئۈمىت قىلىمەن. توردىكى نەرسلەرنىڭ نۇرغۇنلىرى پارچە –پۈرات نەرسلەر بولۇپ، بۇنداقنەرسىلەرنى كۆپلەپ كۆرگەندە، ئادەمنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ بىر ئەخلەت چېلىكىگە ئايلىنىپ قالىدۇ.ئەخلەتلەرنى كۆپ كۆرگەندىن كۆرە،  جىم –جىت ئولتۇرۇپ بىر كىتاپ ئوقۇغان ئەلا ئەمەسمۇ؟ !
قۇدىرەتلىك دۆلەت ئامېرىكىغا باشلىق بولۇش مۇمكىنچىلىكى بولغان تىرامپقا نىسبەتەن، بىز ئۇنىئەستايدىل چۈشنىشىمىز كېرەك. كەينىمىزگە بىر قەدەم يېنىپ، ئۇنىڭ ئامېرىكاپىرزدىنتى بولالمىغان تەقدىردىمۇ ، مۇشۇنداق بىر ئامېرىكا پېرىزدىنت سايلىمىدا تىزسۈرئەتتە كۆتۈرۇلۇپ چىقىشىغا نسىبەتەن، بىز چۇقۇم ئادىل قارىشىمىز كېرەك.ئشقىلىپ ، تىرامپ ئارقىلىق ئامېرىكىغا بولغان چۈشەنچىمىزنى تېخىمۇ كۆپەيتەلەيمىز.ئەگەر بىز يۇرىكىمىز بىلەن تىرامپنىڭ تارىخىنى چۈشەنگەندە، تىرامپنىڭ نىمەئۈچۈن  ئامېرىكىدا شۈنچىلىك ئالقىشقائېرىشىپ كېتىشىدىن ئەجەپلىنەرلىك ھىس قىلمايمىز. ناھايتتى ئاددى بىر قائىدە، كىممۇبىر ئەخمەقنى ئۆزىنىڭ پېرىزدىنتى قىلسۇن!
قانداق ۋاقتتا بولسۇن، ئوبېكتىپ، ئادىللىق بىلەن باشقىلارغا قارىساق،ئاندىن ئۆزىمىزىگىمۇ ئادىل قارىيالايمىز، ھەم بىز تۇرغان بۇ دەۋىرگىمۇ ئادىل قارىيالايمىز.

مەنبە: http://blog.ifeng.com/article/44811128.html?touping
uyghuray

1

تېما

2

دوست

2995

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   33.17%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33237
يازما سانى: 206
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 914
توردىكى ۋاقتى: 303
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تىرامىپ  مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن زوڭتۇڭلۇققا سايلىنىدۇ،بەخىتكە قارشى ۋەزىپە تاپشۇرۋالغان كۈنى قەستلەشكە ئۇچرىشى مومكىن .ئوباما نىڭ  ھوقۇق تۇتۇش مەزگىلى يەنە ئۇزرايدىغان بولدى .نەتىجىسىنى 11ـئايدا كۆرىمىز

0

تېما

2

دوست

1037

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   3.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  62901
يازما سانى: 116
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 292
توردىكى ۋاقتى: 76
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى تىما ئىكەن .  تىرامپ توغرىسىدا كۆپ ئۇچۇرنى بىلىۋالدۇق .  تىما ئىگىسىگە رەھمەت .

4

تېما

49

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3580
توردىكى ۋاقتى: 1172
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
   تېرامپ ئامىرىكىلىقلار نەزىرىدە دودا قىلىشنى بىلىدىغان سودىگەر ،ئىنتايىن كۆپ بايلىق ياراتقان باي .يەنە كىلىپ نۇرغۇنلىغان ئالىي مەكتەپ پۇتتۇرىدىغان ياشلارنىڭ مەبۇدى .چۈنكى ئۇنىڭ سودا ھاياتى ئىنتايىن بالىلار ھىكايىللىرىدىكى قەھرىمانلاردەك ئۆتكەن ئۈچ قىتىم قاھ -سەنەم بولۇپ ھىچنىمىسى قالمىغان ،يەنە بىيىغان .
    تېرامپ 20يىل ئىلگىرى بىر تىلىۋىزىيە زىيارىتىدە رىياسەتچىنىڭ   نىمىشقا ئامىرىكا ئەلباشلىق سايلىمىغا قاتناشمايسىز دىگەندە
-ئامىرىكا ماڭا مۇھتاج بولغاندا چوقۇم قاتنىشىمەن دەپ جاۋاب بەرگەن ئىكەن .9.11سەنتەبىر ۋەقەسىدىن كىيىن ئامىرىكىلىقلاردا مۇرەككەپ ھىسىيات شەكىللەندە بىرياقتېن ئامىرىكىدە مۇسۇلمانلارغا قارشى كەيپىياتنىڭ يۇقىرىلىشى يەنە بىر تەرەپتىن ئامىرىكىنىڭ ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىشلىرىغا ئارىلىشى نۇرغۇنلىغان ئامىرىكىلىقلارنىڭ قاراش جەھەتتىكى قارىشىلىقىغا سەۋەب بولغان .
     تېرامپ بەلكىم ئامىرىكا ۋە پۈتكۈل ئىسلام دۇنياسىنى قايتا تەرتىبكە سالىدىغان كىشى بولىشى مۇمكىن .چۈنكى ئۇنىڭ مۇسۇلمانلارغا ئامىرىكا قىلماسلىق تەشەببۇسى قارىماققا پارلامىت ۋە ئامىرىكا ھازىرقى ھاكىمىيەت پارتىيىسىدىلەرنىڭ قارىلىشىقىغا ئۇچرىغان بولسىمۇ لىكىن كۆپ قىسىم ئامىرىكىلىقلار قوللىغان .
uyghuray

0

تېما

0

دوست

5561

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   11.22%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30184
يازما سانى: 584
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1644
توردىكى ۋاقتى: 311
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تىرامىپ پىرىزدىنت بولۇپ دۇنيا يەنە  تىرامىپچە قىسمەتكە دۇچ كېلىشى ئېنىق.

51

تېما

0

دوست

4613

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 165
تۆھپە : 1346
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇئادەم ھاكىمىيەت بېشىغا چىقسا يەنە نۇرغۇن گۇناھسىز پوقرانى كىپەنلەندۇ

51

تېما

0

دوست

4613

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  14570
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 165
تۆھپە : 1346
توردىكى ۋاقتى: 207
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئ‍امىرىكا زۇڭتۇڭنى يەھۇدىلا سايلاپ چىقىدۇ دىگەن گەپ  بارئىكەن بۇگەپ راسمىدۇ

0

تېما

0

دوست

2851

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   28.37%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  30440
يازما سانى: 148
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 886
توردىكى ۋاقتى: 244
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تىرامپ ئەل باشىلىققا سايلىنالـمايدۇ . لىكىن ئۇنىڭ سايلام جەريانىدا سۆزلىگەن سۆزلىرى كىيىن  ئامېركىنىڭ مەنپەئەتىگە زۆر پايدىلانى ئەپ كىلىدۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )