قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3401|ئىنكاس: 73
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

خوجا: روسىيەلىكلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى مۇشۇنچى....

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

1

دوست

686

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   37.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66801
يازما سانى: 33
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 26
تۆھپە : 214
توردىكى ۋاقتى: 19
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
8202b46aa89239b_size29_w600_h401.jpg

روسىيەلىكلەرنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى مۇشۇنچىلىكلا قالدى

خوجا ھاشىم تەرجىمىسى

ئامېرىكا-ياۋروپانىڭ رۇسىيەگە بولغان ئىمبارگوسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ،رۇسىيە ئىقتىسادى ئۈزلۈكسىز پەسكە سىيرىلىپ ماڭدى. ھازىر رۇسىيەلىكلەرنىڭ يانچۇقىدىكى پۇل بارغانسېرى ئاز قېلىۋاتىدۇ.
رۇسىيە پۇل-مۇئامىلە تورىنىڭ 20-مايدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئايلىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان كىرىمى 450 دوللاردىن چۈشۈپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولغان.
«رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئەمگەك كۈچى تەننەرخى جۇڭگولۇقلاردىنمۇ تۆۋەن»؛ رۇسىيە زاپاس ساقلاش بانكىسىنىڭ باش ئانالىزچىسى مىخائىل ماتوفنىكوف مۇشۇنداق بىلدۈردى. ئۇنىڭ تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، نۆۋەتتە رۇسىيەلىكلەرنىڭ ئايلىق ئوتتۇرىچە مائاشى 433 دوللار بولۇپ، سېرۋىيە، رۇمىنىيە، پولشا ۋە جۇڭگو قاتارلىق دۆلەتلەردىن تۆۋەن ئىكەن.
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ رۇسىيەدە زاۋۇت تەسىس قىلغان كۆپلىگەن شىركەتلەرنىڭ سىرتقا مەھسۇلات ئېكىسپورت قىلىشىغا ياكى ئېكىسپورتنى كېڭەيتىشىگە سەۋەب بولغان. مەسىلەن، كىروۋ كەمپۈت زاۋۇتى ياۋروپا، ئاۋسترالىيە، ۋە ياپونىيەگە مال ئېكىسپورت قىلىشقا باشلىغان؛ سانكىت پېتىربۇرگ ماشىنا زاۋۇتى ئىشلەپچىقارغان زامانىۋى ماشىنىلار مىسىرغا سېتىلىشقا باشلىغان.
بۇنىڭدىن ئاۋۋالقى رۇبلىنىڭ دوللارغا بولغان ئايرىۋاشلاش نىسبىتىنىڭ ئېغىر چۈشۈپ كېتىشى بولسا، رۇسىيەلىكلەرنىڭ  مائاشىنىڭ جىددىي تۆۋەنلىشىنىڭ ئەڭ چوڭ سەۋەبى ئىدى. ئەمما يېقىندىن بۇيان ئايرىۋاشلاش نىسبىتى ئاساسەن مۇقىملاشتى. ئېنىقكى،ھازىر باشقا سەۋەبلەر كىرىمنىڭ تۆۋەنلىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە ئىكەن.
رۇسىيە ئىقتىسادى 2015-يىلى ئاۋغۇستتا تۆۋەن نۇقتىغا يەتكەن ئىدى. ئەمما ئەمەلىي ئىقتىسادىي ئېشىش 98-يىلىدىكى ئىقتىسادىي كىرزىستىن كېيىنكى ئەڭ ناچار سەۋىيەدە بولغان. ماتوفنىكوفنىڭ تونۇشتۇرىشىچە، رۇسىيە ھازىر جىددىي ئۆزگىرىشنى كۈتىۋېلىۋېتىپتۇ. مۇۋاپىق ياشتىكى ئەمگەك كۈچى جىددىي كېمىيىۋاتقان بولۇپ، رۇسىيەنىڭ پېنسىيە يېشى چېكى بۇ ئەھۋالنى تېخىمۇ يامانلاشتۇرۇۋېتىپتۇ.
رۇسىيە بولسا دۇنيادىكى پېىنسىيە يېشى چېكى ئەڭ تۆۋەن دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئەرلەرنىڭ پېنسىيە يېشى 60 ياش، ئاياللارنىڭ 55 ياش ئىكەن. ئەمما ئەمەلىي  ئىجرادا تەخمىنەن ئۈچتىن بىر كىشى بالدۇر پېنسىيەگە چىقىدىكەن.
11-ماي رۇسىيە دۆلەتلىك دۇماسى قانۇن ماقۇللاپ، 2017-يىلىدىن باشلاپ دۆلەت مەمۇرلىرىنىڭ پېنسىيە يېشى چېكىنى يۇقىرى كۆتۈرىدىكەن.
كۆرۈۋالالايمىزكى،رۇسىيەدە ئەمگەك كۈچى قىزىل رەقىمى تولىمۇ روشەن بولماقتا، بۇ ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى ئېشىشىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان بىر يوچۇق بولىدۇ. ماتوفنىكوف تولۇقلاپ يەنە مۇنداق دېدى: ئەمگەك كۈچى ئامىلىدىن باشقا يەنە، كوزۇرلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ باھاسى، پېرىۋوت نىسبىتى، چەتئەل سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە مەبلىغى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى رۇسىيەنىڭ كەلگۈسى ئىقتىسادىغا ئېغىر تەسىر ئېلىپ كېلىدۇ.
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى بولسا 6933 يۈەن (تەخمىنەن 1060دوللار) ئىكەن. جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي كىرىمى 10 يىل جەريانىدا %150 كۆپەيگەن. ئەمما بەزى ئىقتىسادشۇناشلارنىڭ قارىشىچە، دەل مۇشۇ سەۋەب جۇڭگو ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ سۈرئىتىنى ئاستىلىتىۋېتىدىكەن.
رۇسىيەنىڭ ئىچكى قىسمىدىمۇ ئوخشاش ئاۋازلار مەۋجۇت بولۇپ، رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىكى كىرزىس جەريانىدا مائاشنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ، ئىقتىسادنىڭ چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەكلىپىنى بەرگەن بولۇپ، 2016-يىلىدىن 2017-يىلىغىچە مائاشنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەيدىغان سىياسەتلەرنى ئىجرا قىلىپ، 2018-2019 يىللىرى تولۇقلىما بېرىش مۆلچەرلىنىۋېتىپتۇ. رۇسىيە ئىقتىسادىي تەرەققىيات مىنىستىرلىكى مىنىستىرى ئالىكىس ئولكايېۋ، بۇ تەدبىرلەر دۆلەتنىڭ نۆۋەتتىكى ھالسىزلىقتىن قۇتۇلىشى ۋە GDP نىڭ ئېشىشىنىڭ  2019-يىلىدىن بۇرۇن %4.5 كە يېتىشىدە كەم بولسا بولمايدۇ، دېگەن.

e6c510d1e9b864c_size46_w689_h460.png

مەنبە: سۇمرۇغ تورى خەلقئارا ئەقىل ئامبىرى
http://pit.ifeng.com/a/20160521/48816534_0.shtml

uyghuray

1

تېما

4

دوست

4938

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.93%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  23932
يازما سانى: 325
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1522
توردىكى ۋاقتى: 251
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   nayip تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-22 11:33  

خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئايلىق كىرىمى بولسا 6933 يۈەن (تەخمىنەن 1060دوللار) ئىكەن. جۇڭگو ئاھالىلىرىنىڭ ئەمەلىي كىرىمى 10 يىل جەريانىدا %150 كۆپەيگەن.

6933 نىڭ بىرلەر خانىسى بىلەن ئونلەر خانىسى ئارىسىدىكى چېكىت چۈشۈپ قاپتۇ. تېما ئىگىسى تۈزىتىپ قويسا بولغىدەك.

روسىيىنىڭ مائارىپ، سەھىيە، تۇرالغۇ قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىدىكى ئەڭ مۇھىم ئامىللارنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئىكەنلىكىنى نەزەردىن ساقىت قىلساق بولمايدۇ. بۇلار روسىيە ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم ھىسابىدىن چىقىرىۋېتىلگەن. جوڭگو ئاھالىلىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسىم كىرىمى دەل مۇشۇ تۈرلەرگە سەرىپ قىلىنىدۇ.

4

تېما

49

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   4.92%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  33927
يازما سانى: 1175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 13
تۆھپە : 3580
توردىكى ۋاقتى: 1172
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تەشۋىقات ئۇرۇشى بىزنىڭ كاللىمىزنى يۇيماسلىقى كىرەك .ئاتا-ئانىلىرىمىزمۇ ئامىرىكىنى تىللاپ ياشىغان ۋاقىتلار ،ھازىرقىلار  بولسا بىزدىكى ئامىرىكا چۈشى ....
   ئەگەر روسلار ھەقىقەتەن ئاشۇنداق قىيىنچىلىقتا بولسا ،ئىشىنىمەن ئۇلار بىزدەك قاراپ ئولتۇرمايدۇ ....

3

تېما

11

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   24.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18896
يازما سانى: 773
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 6390
توردىكى ۋاقتى: 1080
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
يەر
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
nayip يوللىغان ۋاقتى  2016-5-22 11:27
خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇ ...

شۇنى دەيمە ،
مۇتلەق كۆپقىسىم دىھقانلىرىمىزنىڭ ئايلىق كىرىمى 69 يۈەنگىمۇ يەتمەيدۇ .
ئۆزۈمنى مىسال ئالساممۇ ،
خېلى چوڭ تاللا بازىرى ئاچىمەن ، ئايلىق كىرىمىم ئاران 3000 يۈەن ئەتراپىدا بۇلىۋاتىدۇ .
uyghuray

----كىتابخۇمار----

9

تېما

85

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   18.05%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  21561
يازما سانى: 1554
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى: 1035
تۆھپە : 4900
توردىكى ۋاقتى: 1008
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
5#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
turkan0997 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-22 14:29
شۇنى دەيمە ،
مۇتلەق كۆپقىسىم دىھقانلىرىمىزنىڭ ئايلىق ...

مۇشۇ كۈنلەردە كىرىممۇ بارمىدو ؟

3

تېما

0

دوست

7639

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18155
يازما سانى: 690
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2300
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
putin يوللىغان ۋاقتى  2016-5-22 13:04
تەشۋىقات ئۇرۇشى بىزنىڭ كاللىمىزنى يۇيماسلىقى كىرەك .ئ ...

   رۇسلارنىڭ ستېراتېگىيىلىك ئېڭى 2 ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى سەۋىيىدە توختاپ قالغان،ئۇلار زېمىن بىلەن تەبى بايلىقنى ھەممىدىن ئەۋزەل بىلىدۇ،لېكىن پائالىيەت بوشلۇقى دېگەن ئۇقۇمنى بىلمەيدۇ.ئېنگىلىزلار بولسا ھەقى ستېراتېگىيىلىك ئاڭغا ئىگە مىللەت.شۇڭا ئۇلارنىڭ زېمىنى روسىيىنىڭ نەچچە ئوندىن بىرىگە توغرا كەلسىمۇ،لېكىن دۇنيادىكى پائالىيەت بوشلۇقى ۋە تەسىرى روسىيىنىڭكىدىن كۈچلۈك،ئىقتىسادى سەۋىيىسى تېخىمۇ شۇنداق.ئائۇستالىيە،كانادا .يېڭى زىللاندىيە،ئامېرىكا ...قاتارلىق دۆلەتلەر گەرچە ئەنگىلىيىدىن ئايرىلىپ مۇستەقىل بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ،لېكىن بۇ دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى ئەنگىلىيىنىڭ پائالىيەت بوشلۇقىغا تەۋە ھەم كۈچلۈك تەسىر كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە.

2

تېما

12

دوست

4927

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   97.57%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  36190
يازما سانى: 410
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1490
توردىكى ۋاقتى: 614
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
kitabhumar يوللىغان ۋاقتى  2016-5-22 15:24
مۇشۇ كۈنلەردە كىرىممۇ بارمىدو ؟

ئەجىبا كىرىم پەقەت يوقمىدۇ؟

3

تېما

0

دوست

7639

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   52.78%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  18155
يازما سانى: 690
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 9
تۆھپە : 2300
توردىكى ۋاقتى: 419
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
8#
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
   تەبى بايلىققا ،ئۇنىڭ ئۈستىگە باھاسىنى رەقىپلىرى بەلگۈلەيدىغان تەبى بايلىققا قاراشلىق بولۇپ قېلىش ،تېخىمۇ ئېغىرى دۇنيادىكى پەن-تېخنىكا،ئىقتىساد ۋە ھەربى كۈچى جەھەتتە مۇتلەق ئۈستۈن ئورۇندا تۇرىدىغان ئامېرىكا ۋە پۈتكۈل غەرب دۇنياسى بىلەن دۈشمەنلىشىپ قېلىشنىڭ ئۆزى روسىيىنىڭ بەخىتسىزلىككە قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )