«سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت» دېگۈچىلەرگە
(«ئەدەبىيات سەنئەتنىڭ مەقسىتى» ناملىق ماقالىگە رەددىيە)
شەمەر
چەتئەلدىكى بىر قسىم تاراتقۇلاردىن بەزى نام چىقارغۇسى كىلىپ كەتكەنلەرنىڭ داڭلىق چولپان، داڭلىق سىياسونلارنى تىللاپ ياكى ئۇلارغا مۇشت ئېتىپ نام چىقارماقچى بولغانلىقىنى كۆرگەن، لىكىن ھىچقاچان ئۆز خەلقىنى ياكى مىللىتىنى تىللاپ نام چىقارماقچى بولغانلارنى كۆرمىگەن. قارىغاندا بۇنداقلار يەنىلا بىزنىڭ ئارىمىزدىن چىقىدىغاندەك تۇرىدۇ.
خەلقىمىز ئەلمىساقتىن بىرى چەتئەل كۆرگەن، ۋە چەتئەلدە ئوقۇغانلارنى چوڭ بىلىپ كەلگەن، ئۇلارنى ئىززەتلەپ ھۆرمەت داستىخىىنىىڭ تۆرىدىن ئورۇن بەرگەن. ھىلىھەممۇ خەلقىمىز ئۆزىنىڭ ئىلىپ ئىزلەپ چەتئەلدە ئوقۇپ نەتىجە قازىنىۋاتقان ئوغۇل قىزلىرىنى پەخىرلىنىپ تۇرۇپ تىلغا ئالىدۇ. ھەم ئۇلاردىن زور ئۈمۈدلەرنى كۈتىدۇ.ئەلۋەتتە بۇ پەخىرلىك ئەۋلاتلار ئۆز بۇرچىنى ئۇنتۇپ قالماي خەلقى ئۈچۈن، مىللىتى ئۈچۈن تىگىشلىك جاۋاب قايتۇرماقتا. لىكىن شۇنداقمۇ تۇزكورلار يوق ئەمەسكى ئۇلار يۇرتىدىن ئايرىلىپ چەتئەلنى كۆرۈپلا ئۆزىنى ئادەم قىلغان، ئۆزىنى چوڭ قىلىپ يىتىشتۈرگەن بۇخەلقنى نادانغا، بىلىمسىزگە چىقارماقتا. ئۇلارچە ئەمدى بۇ خەلىقنىڭ تارتىشقۇدەك يىرى يوق، سۆيگۈدەك يېرى يوق، ئۈمۈد كۈتكۈدەك يېرى يوق. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە ئەمدى بۇ كىشىلەر ئۈچۈن گەپ قىلىشنىڭ، بۇلار ئۈچۈن يېزىشنىڭ، بۇلارنىڭ غىمىنى يىيىشنىڭ تىخىمۇ ئورنى يوق.
مېنىڭ شۇنداق دېگۈچىلەرگە دەپ قويدىغىنىم سىلەر بۇ خەلقنى بوش چاغلاپ قاپسىلەر. خەلقنىڭ ئىچىدە خەلق بار، ئەسكى چاپاننىڭ ئىچىدە ئادەم بار. قارىغاندا سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلارغا خەلق دېسە شاپاق بۆكنى قىڭغىر كىيىۋالغان، كەتمەننى دولىسىغا ئارتىۋالغان، قىر بېىشىدا خىيال سۈرۈپ ئولتۇرغان بىر توپ ساددا گول كىشىلەر كىلىدىغان ئوخشايدۇ. سىلەر خاتالاشتىڭلار، دەۋر ئالماشتى، ھازىر بۇ خەلقنىڭ يىڭى بىر ئۈمۈدلۈك ئەۋلادلىرى، كاللىسى ئوچۇق، يىراقنى كۆرەر سەگەك زىيالىلىرى، مۇتەپپەككۇر، ئالىم ئاكادىمىك يول باشلىغۇچىلىرى بار. ئۇلار ئۆز خەلقى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك بىرلىشىپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ تەقدىرى بىر-بىرى بىلەن چەمبەرچاس باغلانغان، ئۇلارنىڭ بىرى يىغلىسا يەنە بىرىمۇ يىغلايدۇ، بىرى خوش بولسا يەنە بىرىمۇ خوش بولىدۇ. ئۇلارنىڭ ئازابى ئورتاق، خوشاللىقىمۇ ئورتاق، ھەتتا سۈرگەن خىيال، كۆرگەن چۈشلىرىمۇ ئوخشاش. ئۇلار ھەتتا بىر-بىرىدىن يىراق-يىراقتا بولسىمۇ بىر بىرىنىڭ يۈرەك سوقىشىنى ئاڭلىيالايدۇ. دەل مۇشۇنداق بولغاچقا ئۇلار ھازىرغىچە بىرلىك ئىتتىپاقلىقنى، مەۋجۇتلىقىنى داۋاملاشتۇرۇپ كىلەلىدى.
سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دېگۈچىلەر سىلەر ئۆز مەكپۇرۇڭلارنى بازارغا سالساڭلار بولىدۇ. ئەمما جايىڭلارنى تىپىۋىلىڭلار.سىلەرگە خەلقنىڭ باھاسى لازىم بولمىغان ئىكەن، بۇ مەكپۇرۇڭلارنىڭمۇ خەلققە لازىمى يوق.
ئۆز ۋاقتىدا ئۆزى ئۈچۈن جاننى ئاتىغان لۇتپۇللا مۇتەللىپ، ئابدۇقادىر داموللام، مەمتىلى ئەپەندىدەك ئوغلانلار، ئۆز ئوتىدا كۆيۈپ، سۈيىدە ئاققان نۇزۇگۇم، ئاماننىساخاندەك قىز ئاياللارنى يىتىشتۈرەلىگەن بۇ خەلق، بۇ دىيار يەنە ئۇنىڭدىنمۇ ئارتۇق ئوغۇل قىزلارنى يىتىشتۈرۈشكە تامامەن قۇربى يىتىدۇ.
سىلەر گۆھەر ئىزدەپ دېڭىزغا چۈشكەن ئىكەنسىلەر چوقۇم گۆھەر سۈزۈپ چىقىڭلار ھەرگىز خەق تاشلىۋەتكەن ئەينەك پارچىسى بولمىسۇن.
ئاخىرىدا سەنئەت ئۈچۈن سنئەت دېگۈچىلەرگەن سۆزۈمنى يىقىندا ئاخبارات ساھەسىنى زىل-زىلىگە سالغان مۇنۇ خەۋەرنى ئوقۇپ بىرىش بىلەن ئاخىرلاشتۇراي.
« شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى دۇنيا بويىچە تەسىر كۈچى ئەڭ زور بولغان تېلىۋىزىيە مۇزىكا مۇسابىقىسى شىۋىتسىيە پايتەختى سىتوكلىھىمدا يىپىلدى. ئۇكرائىنالىق ئايال ناخشىچى جامالا بۇ قېتىملىق ناخشا مۇسابىقىسىدە ئىلگىرى كىشىلەر چىمپىيون بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارالغان رۇسيىلىك ناخشىچىنى يېڭىپ بۇ قېتىملىق مۇسابىدە چىمپىيونلۇققا ئېرىشتى.ئۇنىڭ ناخشىسىدا سابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ 2-قىتىملىق دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە قىرىمدىكى تاتارلارنى يۇرت -ماكانىدىن قوغلىغانلىقىدەك تارىخ تەسۋىرلەنگەنىدى. مۇسابىقىدىن كېيىن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى پوروشۇنكۇ ناخشىچى جامالاغا پۈتۈن ئۇكرائىنانىڭ چىن رەھمىتىنى تەقدىم ئەتكەن.» (نۇر تورى، 2015-يىلى 5-ئاينىڭ16-كۈنىدىكى خەۋىرى)
يۇرت، مىللەت، ۋەتەن سۆيگۈسى پۈتۈن ئىنسانىيەتكە ئورتاق، ئۇلارنىڭ ئەدەبىيات سەنئەتنى ئۇلۇغلاشتىكى ئاخىرقى مەقسىتىمۇ دەل مۇشۇنىڭ ئۈچۈندۇر.
|