ئاشقازان كېسەللىكىنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
(1)ئاشقازان-ئۈچەي ئىششىقى (ياللۇغى) كېسىلىگە چۈچۈكبۇيا يىلتىزى يېرىم جىڭ(250گىرام)نى پاكىزلاپ قۇرۇتۇپ تالقانلاپ كۈندە ئۈچ قىتىم ھەر قىتىمدا بىر مىسقالدىن تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىشنى داۋام قىلسا ياخشى ئۈنۈم نىرىدۇ ،
(2)تۇخۇم شاكىلىنى لازىملىق مىقداردا ئىلىپ كۈشتە قىلىپ (قورۈپ زەھەرسىزلاندۈرۈش)ئىزىپ تاالقانلاپ ، چوڭلار كۈندە ئىككى قىتىم ھەر قىتىمدا ئىككى- ئۈچ مىسقالدىن تاماقتىن كىيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا،ئاشقازان-ئۈچەي ئىششىقى ۋە يازسىغا ئۈنۈم بىرىدۇ،
(3)ياشراق ئانارنىڭ يۇپۇرمىغى ،تاجىگۇلدىن سەككىز يىرىم مىسقالدىن ئېلىپ ،بىر يېرىم چىنە سۇدا بىر چىنە قالغۇچە دورا تىرىپلىرېىنى ئېلۋىتىپ ،دورا سۈيىنى پاكىز داكىدا سۈزۈپ تەييارلاپ ،چوڭ كىشىلەر بۇ دورا سۈيىنى ئۈچكە بۈلۈپ تاماقتىن كىيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ئۆتكۈر ئاشقازان- ئۈچەي ئىشىقى ھەمدە كۆڭۈل ئېلىشىش ۋە ئىچى سۈرۈش كېسىلىنى ياخشىلاشقا ئۈنۈم بىرىدۇ،
(4)ئىگىر ئىككى سەر چىڭسەي ئۇرۇقى يەتتە يىرىم مىسقال .بۇلارنى تالقانلاپ يالپۇز ياكى پىننىنىڭ تەمى چىقىرىلغان قىيام سۇيۇقلۇقى بىلەن خېمىر قىلىپ ،چوڭراق چىلان ئۇرۇقىدەكتىن كومىلاچ قىلىپ سايىدا قۇرۇتۇپ تەييارلاپ ، چوڭلار ھەركۈنى ئۈچ قىتىم ھەر قىتىمدا ئۈچ دانىدىن ،كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن ئىلگىرى ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان ۋە 12بارماق ئۈچەي كېسىلى قۇسۇش ۋە كۆڭلى ئېلىشىش كېسەللىكىنى دەپئى قىلىشتا ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ،
(5)ئارپىبەدىيان ئۈسۈملۈكى بەش سەر ،چىڭسەي ئىككى يىرىم سەر ،سېرىق ئوت (ئەفتىمۇن)ئىككى يىرىم سەر ،كاسنە ئۈسۈملۈكى بىر سەر ئىككى يىرىم مىسقال ،پىننە ئىككى يىرىم سەر .يۇقىرىقى دورىلارنى 5چىنە سۇدا ئۈچ يىرىم چىنە سۈيى قالغۇچە قاينىتىپ ،دورا تىرىولىرىنى ئىلىۋىتىپ دورا سۈيىنى داكىدا سۈزۈپ تەييارلاپ،چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قىتىم ھەر قىتىمدا بىر سەردىن ،كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن كىيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان ئاغرىقىنى پەسەيتىش ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش سۈيدۈكنى راۋان قىلىشتا ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ .
(6)ئانار ئۇرۇقى بىر سەر ئالتە يىرىم مىسقال يالپۇز ھەمدە ئۈرۈك يىلىمى بىر سەر ئالتە يىرىم مىسقالدىن .يۇقىرىقى دورلارنى تالقانلاپ ،چوڭلار كۈندە ئۈچ قىتىم ھەر قىتىمدا توت بارماقتا بىر چىمدىمدىن ،كىچىك بالىلار ئەھۋالغا قاراپ تاماقتىن كىيىن ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان كېسەللەكى سەۋەپلىك كۈڭۈل ئېلىشىش قۇسۇشنى توختىتىشقا ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ .
(7)كۈك يانتاق چىچىگى ئۈچ يىرىم سەر .بۇنى بىر چىنە قايناق سۇغا دەملەپ ، تەمى چىققاندىن كىيىن تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋىتىپ چوڭلار بۇ دورا سۈيىنى بىر كۈندە ئۈچكە بۈلۈپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان كېسەللىكىدىن بولغان قورساق ئىسىكى ۋە قىزىتمىنى ياندۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ .
(8)كاللەك بەسەينىڭ يىلتىزىنى ئېلىۋىتىپ پاكىزلاپ ،ئىككى جىڭ مىقداردا ئۈگرىدەك توغراپ تۆت چىنە سۇغا سىلىپ .ئۈچ چىنە قالغۇچە قاينىتىپ ،تىرىپلىرىنى ئېلىۋىتىپ ، سۈينى ئوبدان سۈزۈپ ،ئۈستىگە بىر جىڭ ئاق شىكەر سېلىپ يەنە بىر قاينىتىپ تەييارلاپ ئىچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازان ۋە 12بارماق ئۈچەي يارسى كېسېلىگە ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ .
(9)يانتاق چىچىكى ئۇچ يىرىم سەر، جىگدە ياغىچىنىڭ كۆمۈرى ئۈچ يىرىم مىسقال. يانتاق چىچىكىنى پاكىزلاپ قۇرتۇپ، جىگدە ياغىچىنڭ كۆمۈرى بىلەن قوشۇپ سوقۇپ تالقانلاپ ، يالپۇز شەربىتى بىلەن خىمىر قىلىپ بىر مىسقالنى ئالتە دانە كۇمىلاچ قىلىپقۇرۇتۇپ تەييارلاپ ، چوڭلار كۈندە ئۈچ قىتىم ، ھەر قىتىمدا ئىككى دانىدىن ، كىچك باللار ئەھۋالىغا قاراپ يىرىمدىن بىر يىرىم تالغىچە ئېچىشنى داۋام قىلسا ئىشتھاسىزلىق ۋە قورساق ئېسىلىشنى ياخشىلاشتا ئۈنۈم بىرىدۇ .
(10)يالپۇز ئۈچ يىرىم سەر. بۇنى بىر يىرىم چىنە سۇدا بىر چىنە سۇ قالغۇچە قاينىتىپ، ئۇنىڭ تىرىپلىرىنى ئېلىۋىتىپ ،دورا سۈيىنى ئوبدان سۇزۇپ تەييارلاپ ، چوڭلار ھەر كۈنى ئۈچ قىتىم، ھەر قىتىمدا ئىككى قوشۇقتىن، كىچىك باللىلار ئەھۋالىغا قاراپ يىرىمدىن بىر قوشۇققىچە ئېچىشنى داۋام قىلسا قىزىل ئۆڭگەچ ئششىقىنى ياندۇرۇش ، ئاشقازاننىڭ ھەزىم قىلىش ھالىتىنى كۈچلەندۈرۈش ۋە نىرۋىنى تىنىچلاندۇرۇشتا ياخشى ئۈنۈم بىرىدۇ .
(11)پىننە يىرىم جىڭ، ئىگىر بىر سەر يەتتە يىرىم مىسقال، قاپاق ئۇرۇقى بىر سەر يەتتە يىرىم مىسقال ، ئاق شىكەر بىر جىڭ. يۇقۇرقى دورىلارنى ئىككى چىنە سۇدا قاينىتىپ ، بىر يىرىم چىنە سۇ قالغاندا تىرىپلىرىنى سۈزۈپ ئېلىۋېتىپ ،دورا سۇيىنى ئوبدان سۈزۈپ، ئاندىن ئۈستىگە شىكەر قوشۇپ يەنە بىر قاينىتىپ تەييارلاپ، چوڭلار كۈندە ئۈچ قىتىم، ھەر قىتىمدا ئۈچ تۆت قوشۇق، كىچىك باللىلار ئەھۋالىغا قاراپ تاماقتىن كىيىن ئېچىشنى داۋام قىلسا ، ھەر خىل ئاشقازان كىسەللىكلىرىگە ياخشى ئۈنۈم بىرىشتىن تاشقىرى ئىشتىھاسىزلىقنى دەپئى قىلىش ئۈنۈمى ياخشى.
(12) 50دانە ياڭاق مىغىزىنى قۇرۇتۇپ، تۆت سەر قارا شىكەر، تۆت سەر ئاق شىكەر، ئىككىسەر سىرىق موم ، 20دانە چوڭ چىلان(چىلان ئۇرۇقىدىن ئايريپ قۇرۇلىدۇ). يۇقۇرقى دورىلارنى سوقۇپ تالقانلاپ، ھەسەل بىلەن خىمىر قىلىپ، چوڭ كىشىلەر كۈندە ئىككى قىتقم، ھەر قىتىمدا بەش مىسقالدىن تاماقتىن كىيىن ئېچىشنى داۋام قىلسا ئاستھ خاراكتىرلىك ياللۇغنى ياخشىلايدۇ .
(13) ياڭاق مىغىزىنى سىركىگە ئىككى سائەت چىلاپ ئىلىپ، قۇرۇتۇپ سوقۇپ تالقانلاپ، كۈندە ئۈچ قىتىم، ھەر قىتىمدا ئۈچ بارماقتىا بىر چىمدىمدىن تاماقتىن كىيىن ئېچىشنى داۋام قىلسا ئاشقازاننىڭ تاماق ھەزىم قىلىش ئاجىزلىقىنى ياخشىلايدۇ. (ئەسكەرتمە:بىر مىسقال 3گىرام ، بىر سەر 11 مىسقال)
|