شۇنداق بىر قىزنى ساقلاۋاتىمەن.
ھاياتىمنىڭ 20 نەچچىنچى پەلەمپىيىگە كېلىپ قالغان بولساممۇ ھازىرغىچە بىرەر قىزغا تەلەپ قويۇپ باقمىدىم، بەلكى قىزلارنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىپ كەلدىم. چۈنكى مەن شۇنداق بىر قىزنى ساقلاۋاتىمەن.مەن بىلەن مىجەز خۇلقى چىقىشىدىغان، دىيانەتلىك ئەخلاقلىق، توغرا-خاتا، ھەق-ناھەق ۋەتۇرمۇش مەسىلىلىرىگە قارىتا كۆز قارىشىمىزدا مەلۇم ئورتاقلىق بولغان، ئورتاق تەرەپلىرىمىز كۆپ بولغان، ئويۇننى ئويناشنىمۇ بىلىدىغان،كىتاب ئوقۇيدىغان،ئۆگىنىش قىلىدىغان، بىلىملىك،زىيادە جىمغۇرمۇ ئەمەس،ئەمما ئېغىر بېسىق،ھېسسىياتچان ئەمەس،ئەمما رومانتىكىلىقى بولغان، ئۆزىنى باشقىلارنىڭ ئورنىدا قويۇپ ئويلىيالايدىغان، ئەرلەرگىمۇ ئاياللارنىڭ دۇنيا قارىشى بويىچە مۇئامىلە قىلغان ئەمەس، بەلكى ئەرلەرنىڭ دۇنياسىدا تۇرۇپ ئويلىيالايدىغان ئەقىللىق بىر قىزنى ساقلاۋاتىمەن.
قايسى بىر تەتقىقات كىتابىدا كۆرۈشۈمچە، ئەڭ ياخشى بىر جۈپلەر مىجەز- خۇلۇق جەھەتتە بىر- بىرىنى تولۇقلاش تىپىدىكىلەر ئەمەس، بەلكى ئورتاقلىقى كۆپ بولغان ،ئورتاق قىزىقىشلىرى بولغان تىپتىكىلەرنىڭ بىرگە بولۇشى ۋە ئۇزۇن بىللە تۇرمۇش كەچۈرۈش نىسبىتى يۇقىرى بولىدىكەن. شۇڭا يۇقىرىقىدەك مېنىڭ مىجەزىمگە ماس كېلىدىغان بىر قىزنى ساقلاۋاتىمەن.
مېنىڭ نەزىرىمدە لايىق تاللاش مۇھەببەت، نىكاھ، ئائىلە ۋە مەسئۇلىيەتتىن دېرەك بېرىدۇ.مەنمۇ دەل مۇشۇنداق ئويلايدىغان بىر قىزنى ساقلاۋاتىمەن.ئۇ قىز نىكاھتىن بۇرۇن ئوغۇللار بىلەن يېقىنچىلىق قىلمىغان، ئۇلار بىلەن قول ئېلىشىپ ھەرخىل جايلاردا يالغۇز يۈرۈشمىگەن، ئەمما ئۇنىڭمۇ نورمال مۇناسىۋەتتە بولىدىغان ئوغۇل ساۋاقداشلىرى، ئوغۇل تونۇشلىرى باربولغان .بۇ قىز شۇنى چۈشەنگەن بىر قىزكى، قىزلار ئۆزىنىڭ تاشقى قىياپەتتىكى گۈزەللىكى ئىچكى مىجەزىدىكى سىپايىلىقى بىلەن ئوغۇللارنى مەپتۇن قىلسا، ئوغۇللارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقى ، تىرىشچانلىقى ،قىزلارغا قىلغان مۇئامىلىسى ۋە ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتى ئارقىلىق قىزلارنى جەلپ قىلىدىغانلىقىنى بىلگەن قىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ قىزنى نىكاھتىن بۇرۇن ئۆزىنى باشقا ئوغۇللار ئالدىدا شۇنداق پىنھان تۇتىدىكى، ئۆزىنىڭ پۈتكۈل گۈزەللىكى ۋە مېھىر-مۇھەببىتىنى كەلگۈسىدىكى ھالال جۈپتۈم ئۈچۈن دەپ بىلىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ ئۆزىنىڭ گۈزەللىكىنى باشقىلاردىن يوشۇرىدۇ. چۈنكى ئۇ ئۆزىنى پەقەت شۇ كەلگۈسىدىكى ھالال جۈپتۈمگە لايىق دەپ ئويلايدۇ. باشقىلارنىڭ ئۇنىڭدىن ھۇزۇرلىنىشنى، كەلگۈسىدىكى جۈپتى قىلغان خىيانەت دەپ بىلىدۇ.
ئۇ ۋاقىتنى قەدىرلەپ ھاياتىنى سۆيۈشنى بىلىدىغان قىز. ئۆزغايىسى ئۈچۈن تىرىشىش مەزگىلىدە، ئوغۇللارغا سەپسېلىپ يۈرمەيدىغان،كەلگۈسى بەختىمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم دەپ خاتىرجەم ھالدا ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىرىشىشنى بىلىدىغان، ئۆزىنى سۆيىدىغان ،ھاياتنى قەدىرلەيدىغان ،بىكار ۋاقىت ئىسراپ قىلمايدىغان مۇنەۋۋەر قىز.
ئۇ ئۆزىنىڭ قەدىر-قىممىتىنى بىلىدىغان قىز .خالىغان كىشىلەرگە كۆڭۈل بېرىپ يۈرمەيدۇ. ئۆزىنى ئەرزان مال قاتارىدا قىلىۋەتمەيدۇ .لايىق تاللاشتا ئىھتىيات قىلىدۇ ، چۈنكى ئۇ جەمىئەتتە مودا بولىۋاتقان ئاجرىشىش جەمىئىتىنى ياساپ چىققانلارنىڭ قاتارىدا بولۇشنى ،شۇ ئارقىلىق كەلگۈسى ئەۋلاتلانىڭ بەختلىك ياشاش ھوقوقىنى يوققا چىقىرىشنى خالىمايدۇ .ئائىلە جەمىئەتنىڭ ھۈجەيرىسى دېگەن ئۇقۇمنى چۈشىنىدىغان قىز .
ئۇ پۇل-مال ئارقىلىق مۇھەببەتنى ئۆلچىمەيدىغان قىز .تويدا ئالتۇن تاج تاقالمىسىمۇ، غەربچە ئېسىل رېستوراندا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزەلمىسىمۇ، قىممەت باھالىق زىبۇ-زىننەت تاقىيالمىسىمۇ، ئېسىل داچا ،داڭلىق ماركىلىق ماشىنىغا ئىگە بولالمىسىمۇ يەنىلا تويىغا رازى بولىدۇ. ئىلگىرى تويلۇقى بىر تال تۆمۈر ئۈزۈك ،بىر چىنە سوغۇق سۇ، ھەتتا مۇقەددەس كىتابتىن بىر سۈرىنى ئۇنىڭ تويلۇقى ئۈچۈن ئوقۇپ بەرگەن، مۇسلىمەلەر ئەنە شۇنىڭغا رازى بولۇپ توي قىلغان ۋە بىر ئۆمۈر بەختلىك ئۆتكەن. ئۇ قىز ئەنە شۇ تارىخلارنىمۇ بىلگەن قىز.
ئۇ شۈكۈرىنى بىلىدىغان قىز. ئۇ سۇ ئۈستى شەھىرى ۋېنتسىيەگە بېرىپ ساياھەت قىلالمىسىمۇ، ئەمماسەھرادىكى گۈزەل كىچىك ئېرىق بويلىرىدا،شىلدىرلاپ ئېقىۋاتقان سۈزۈك سۇلارغا پۇتنى چىلاپ ئولتۇرۇپ، ھالال جۈپتى بىلەن سۇ چېچىشىپ ئويناشنى زور بەخت دەپ بىلىدۇ.ئالىي رېستورانلاردا ئولتۇرۇپ غەربچە قىممەت باھالىق تاماقلارنى يېيەلمىسىمۇ، ئەمما ئۆيدە ئۆز مۇھەببىتىنى ئۆز ئەجرىنى سىڭدۈرۈپ ئەتكەن بىر ۋاقلىق لەغمەننى ئىككى ئۇچىدىن تارتىشىپ بىللە يېيىشنى ھوزۇر دەپ بىلىدۇ.
بۇ قىز رومانتىكىلىق تۇرمۇشىنىمۇ بىلگەن قىز. ئۇ دەل بۇ ئارقىلىق بىر ئائىلىنى تۇتۇپ قالىدىغانلىقىنى بىلىدۇ.سۈبھىي ۋاقىتلىرىدا ئۇ ھەمراھىنىڭ ئۆزىنى بىردەم ئۇخلىۋالسۇن دەپ ئويغاتماسلىقىنى ئەمەس، بەلكى يۈزلىرىگە سوغۇق سۇ سېپىپ ئويغىتىپ ،ئۇنىڭ بىلەن بىللە ياراتقۇچىدىن بىرسەپتە تۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ مۇھەببىتىنى بىر ئۆمۈر بىر-بىرىگە سادىق ، چوڭقۇر قىلىپ بېرىشىنى تىلەپ دۇئا قىلىشنى زور بەخىت دەپ قىلىدۇ. ھەمراھىنىڭ قۇچىقىدا ئولتۇرۇپ، ئاللاھنىڭ كالامىنى ئوقۇيالايدۇ.مۇڭلۇق قىرائەتلىرى بىلەن يولدىشىنىڭ قەلبىنى لەرزىگە سالالايدۇ.
ئۇ ئىشچان بىرقىز .ناشتىلىقنى سىرتتا قېلىڭ دەپ بۇيرۇق قىلىپ يولغا سالماستىن، ئۆزى ئېسىل ناشتىلىقنى تەييارلاپ، سۆيگىنىنىڭ ئالدىغا قويالايدۇ، ئىشقا ماڭغاندا ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ تۇرۇپ بىرنى سۆيۈپ قويالايدۇ. كۈندىلىك تۇرمۇشىدا يولدىشىنى قەدىرلىكىم دەپ چاقىرىدىغان، ھەمدە ئۆزىنىڭمۇ يولدىشى تەرىپىدىن سۆيۈملۈكۈم دەپ چاقىرىلىشىنى ھەر ۋاقىت ئارزۇ قىلىدىغان قىز.
ئۇ يولدىشىنى قانداق كۈتۈشنى بىلىدىغان قىز .يولدىشى ئىشتىن ھېرىپ كەلگەندە بىر ئىستاكاندا ئىسسىق سۇ، بىر ئىستاكاندا سوغۇق سۇ ۋە بىر تال تاياقنى تەييارلاپ قويىدىغان ۋە ئىچ كىيىملىرى بىلەن ئېرىنى ساقلايدىغان ،ئىشىكتىن كىرگەندە بوينىغا گىرە سالالايدىغان ،توڭلاپ كەتكەن بولسىڭىز ئىسسىق چاينى، ئۇسساپ -تەرلەپ كەتكەن بولسىڭىز سوغۇق سۇنى ئىچىڭ، ئەگەر بىرەر خاپىلىققا يولۇققان بولسىڭىز تاياق بىلەن مېنى ئۇرۇپ ئاچچىقىڭىزنى چىقىرىۋېلىڭ دەپ ئېرىنى بەزلەشنى بىلىدىغان ھەم گۈزەل ھالىتىدە ئېرىنى ئۆزىگە ھەم ئائىلىسىگە جەلپ قىلالايدىغان ،ئۇنى سىرتقا قارىمايدىغان قىلىۋىتەلەيدىغان جەلىپكار قىز. ئەمما سىرتلارغا چىققاندا ئۆزىنى قاتتىق پىنھان تۇتىدىغان ،قاتتىق قوغدايدىغان قىز.
ئۇ بىر كەڭ قورساق قىز. يولدىشىنىڭ تولا ئىشلىرىغا ئارىلىشىۋالمايدىغان،دوستلىرى ئالدىدا ھۆرمىتىنى ساقلايدىغان،كەمچىلىكىنى ئۇلارنىڭ ئالدىدا دېمەيدىغان، ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قىزلاردىن گۇمان قىلىپ ئېرىنى بىزار قىلمايدىغان قىز.
ئۇ ۋاپادار ،كەڭ قورساق قىز.يولدىشىنىڭ ئاتا ئانىسىنى ئۆز ئاتا ئانىسىدەك كۆرىدىغان، ئۇلارغا قوپاللىق قىلمايدىغان ،يولدىشىنى ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆزى ئارىسىدا تەڭقىسلىقتا قويمايدىغان شۇ ئارقىلىق چوڭ ئائىلىنى خۇشاللىق ،بەختكە چۆمدۈرەلەيدىغان ئەقىللىق قىز.
ئۇ بىر بىلىملىك قىز. پەرزەنتنى قانداق تەربىيىلەپ قاتارغا قوشۇشنى بىلىدىغان قىز. كۆپلەپ بىلىم ئالىدىغان،كۆپ كىتاب ئوقۇيدىغان،ئۇنىۋېرسال بىلىمىنى ئۆستۈرۈپ ،پەرزەنتىنى ياراملىق تەربىيلىيەلەيدىغان قىز.پەرزەنتىنىڭ، ئانا ئايروپىلان نېمە ئۈچۈن ئۇچالايدۇ؟دەرەخنىڭ يوپۇرمىقى نېمە ئۈچۈن يېشىل رەڭدە بولىدۇ؟يۇلتۇزلار نېمە ئۈچۈن كۈندۈزى يوقاپ كېتىدۇ؟ دېگەن تالاي نېمە ئۈچۈنلەرگە،تولا گەپ قىلىپ بېشىمنى ئاغرىتتىڭ ،مەكتەپكە بارغاندا ئۆگىنىسەن، مۇئەللىمىڭ دەپ بېرىدۇ ،دەپ بالىنىڭ ئاغزىنى تۇۋاقلاپ قويماستىن، ئۇنىڭغا ئىلمىي چۈشەندۈرۈپ قويالايدىغان،پەرزەنتىنى ھەم ئۆزىنى تېلېۋىزورنىڭ قۇلىغا ئايلاندۇرۇپ قويمايدىغان ، شۇ ئارقىلىق پەرزەنت قەلبىدە بىلىملىك ئانا ئوبرازنى تىكلىيەلەيدىغان قىز.
شۇ تاپتا ئاشۇ قىزمۇ يەنە شۇنداق بىرسىنى ساقلاۋاتقاندۇ.
ياشلىق ھاياتىدا ئۆز غايىسى ئۈچۈن تىرىشقان،قىزلارنىڭ كويىدىلا يۈرمىگەن، قىزلارنى بۇزمىغان، ئۇلارغا بەلكى ئوغۇل بالىلىق مەسئۇلىيىتى بىلەن ئىگە بولالىغان.ئۇلارنى قوغدىغان،ئۇلارغا كۆز قىسمىغان ،كۆز قىزارتمىغان،ئۇلارنىڭ ئىپپىتىنى قوغدىغان،ئەمما مۇھەببىتىم دەپ يەر-يەرلەردە قول تۇتۇشۇپ سۆرىشىپ يۈرمىگەن،ئۆز ئېتىقادىغا ئەمەل قىلىپ كەلگەن،ئاللاھتىن قورقىدىغان ،ئەمما باشقا ھېچنەرسىدىن قورقمايدىغان باتۇر بىرسىنى ساقلاۋاتقاندۇ.
ئۇ قىز تىرىشچان بىرسىنى ساقلاۋاتقاندۇ .يامانلار بىلەن ئالاقە قىلمايدىغان، يامان يولغا كىرىپ كەتمىگەن،ئاتا ئانىسىنى قاقشاتمىغان،ھورۇنلۇقتىن يىراق تۇرغان، ئۆز بەختىنى كوچىدىكى قىزلاردىن ئەمەس، بەلكى دۇئاسىدا ياراتقۇچىدىن تىلىگەن بىر ئىتقادلىق يىگىتنى ساقلاۋاتقاندۇ .
ئۇقىز ۋاپادار بىرسىنى ساقلاۋاتقاندۇ .ناۋادا ئاتا ئانىسى تويغا قوشۇلمىسا قىزنى ئېلىپ قاچمايدىغان، بەلكى ئاتا ئانىسىنى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى بىلەن قايىل قىلىپ ،ئۇلارنى رازى قىلىپ ،قىزنى ھالال ،توغرا يول بىلەن ئۆز ئەمرىگە ئالالايدىغان مەرد يىگىتنى ساقلاۋاتقاندۇ.
ھەر سەھەردە ئۆزىنى ئويغىتىدىغان، چۈشكىچە ئۇخلاپ ياتمايدىغان، ئاغرىپ قالغاندا بېشىدا پايپېتەك بولۇپ ئۆز ھالىدىن خەۋەر ئالىدىغان ،ئۆزىگە بىخەتەرلىك تۇيغۇسى بېرەلەيدىغان،ئالىيجاناب يىگىتنى ساقلاۋاتقاندۇ.
باشقا قىزلارغا كۆز قىرىنى سالمايدىغان، قىزنىڭ ئاتا-ئانىسىغىمۇ ياخشى مۇئامىلە قىلىدىغان،دائىم قىز بىلەن بىللە ئۇنىڭ ئاتا ئانىسىنى يوقلاپ تۇرىدىغان،قىزنىڭ ئەيىبىنى ئاتا ئانىسىغا سۆكمەيدىغان،ئۇنىڭغا تولۇق ئىگە بولالايدىغان مەسئۇلىيەتچان بىرسىنى ساقلاۋاتقاندۇ.
سىرتتىن تەڭ ھېرىپ-ئىچىپ كىرسە، ئۆزى ئولتۇرۇپ، ئايالىنى تاماققا بۇيرۇمايدىغان،بەلكى ئايالى سەي توغرىسا ،ئۆزى گۆش توغرايدىغان. ئاغرىپ قالغاندا ئىسسىق شورپا قاينىتىپ، ئىچۈرۈپ قويالايدىغان،ئالدىراش دەپ ئۇنى تاشلاپ قويمايدىغان، كەينىدىن كېلىپ كۆزىنى ئىتىۋېلىپ،چاقچاق قىلالايدىغان،ئېغىزغا تاتلىق-تۈرۈم سېلىپ قويالايدىغان ، كىچىك بالىلاردەك ئۆزى بىلەن بىللە مۆكۈشمەك ئوينىيالايدىغان، ئۆزىنى ئەركىلىتىپ، قوينىدا پەپىلىيەلەيدىغان ،بىللە يۈگۈرۈپ چېنىقىدىغان،دائىم ئۆزىنى باغرىغا بېسىپ سۆيۈپ تۇرىدىغان، رومانتىكىلىق بىرسىنى ساقلاۋاتىدىغاندۇ.
پەرزەنت تەربىيىلەش ئايالنىڭ ئىشى دەپلا، پەرزەنتنى ئانىغىلا تاشلاپ قويمايدىغان ،ئۆزىنىڭمۇ پەرزەنت ئالدىدىكى ئاتىلىق بۇرچنى ئادا قىلالايدىغان، پەرزەنتىنىڭ ئىشلىرىغا، ئوقۇشىغا، كۆڭۈل بۆلىدىغان، بوينىغامىندۈرۈپ ئەركىلىتەلەيدىغان، سىرتقا ئويناتقىلى ئېلىپ چىقالايدىغان، ئۆزىگە ھەم پەرزەنتىگە ھەرخىل بىلىملەرنى ئۆگىتەلەيدىغان،بىلىملىك، مەسۇلىيەتچان بىرسىنى ساقلاۋاتقاندۇ.....
خىيالىمدا شۇنداق بىر قىزنى ساقلاۋاتىمەن.
غېرىپ-سەنەمنى، تاھىر-زۆھرەنى، پەرھات شېرىننى ماڭا ئوخشاش چۈشۈنىدىغان بىر قىزنى ساقلاۋاتىمەن. ئەخلاقنى ،ھايانى ،پاكلىقنى ،ئىپپەتنى بىر ياققا قايرىپ قويۇپ ،غېرىب-سەنەملەرمۇ ، پەرھاد-شېرىنلارمۇ، تاھىر- زۆھرەلەرمۇ مۇھەببەتلىشىپتىكەن، بىز مۇھەببەتلەشسەك بولىدۇ دەپ، ئۇلارنىڭ پاك مۇھەببەتلىك ئوبرازىنى خۇنۇكلەشتۇرۇۋاتقان ياشلارغا ئوخشاش ئەمەس، بەلكى سەنەم ئۆز بېغىدا، غېرىپ ئۆز بېغىدا ناخشا ئىيتسا، بىر بىرىنىڭ مۇھەببەتلىك كۈيلىرىنى ئاڭلايدىغان، غېرىب سەنەمگە يىراقتىن تەلمۈرسە ،سەنەم چۈمبىلىنى ئارتىۋالىدىغان، ھايا ۋە ئىپپەت پەردىسىگە ئورالغان غېرىپ-سەنەم مۇھەببىتىنى ھەقىقى چۈشىنىدىغان ، ھەمدە زۆھرەگە ئاشىق بولغان تاھىرنىڭ ،زۆھرەدىن باشقا ھېچ بىرسىگە كۆڭۈل بەرمەسلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقىغا كۆز-قىرىىنى سالماسلىقنى، پەقەت زۆھرەنىڭ مۇھەببىتىدە ئۆز ھاياتىنى يالقۇندەك كۆيدۈرەلىگەن، تاھىر-زۆھرە مۇھەببىتىنى چۈشىنىدىغان ، ھەمدە يەنە شېرىننىڭ ئاتىسى پەرھات شېرىننىڭ تويىغا قوشۇلمىغاندا، پەرھات شېرىننى ئاتا-ئانىسىنىڭ رازىلىق سىز ئېلىپ قاچماستىن ،بەلكى شېرىننىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ تەلىپى بويىچە شېرىندىن ئون نەچچە يىل ئايرىلىپ ،تاغلار كېزىپ، تاغلاردىن سۇ باشلاپ كېلىپ يۇرت-خەلقنى تەسىرلەندۈرگەن شۇ ئارقىلىق شېرىننىڭ ۋىسالىغا يەتكەن پەرھات -شېرىن مۇھەببىتىنى چۈشىنىدىغان بىر قىزنى ساقلاۋاتىمەن.
شۇ قىزنىڭمۇ مېنى ساقلاۋاتقىنىغا ئىشىنىمەن.چۈنكى مەن ھېچ قىزغا خىيانەت قىلمىدىم . ھېچبىر قىزنى داغدا قويمىدىم .ھىچبىر قىزنى ئالدىمىدىم .ھەركىم ئۆز قاياشىنى تاپىدۇ. بۇ دۇنيا ئۆتنە ئالەم،ھەم ئادالەتلىك ئالەم.
-ئاچيول .
2016-يىلى 22-ماي نەنجىڭ .
|