- تىزىملاتقان
- 2016-3-4
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-27
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 7014
- نادىر
- 0
- يازما
- 835
ئۆسۈش
40.28%
|
يۈرەك ئادەتتىكى گۆشمۇ ؟
« ھەقىقەتەن بەدەندە بىر پارچە گۆش بار، ئۇ تۈزەلسە بەدەن تۈزىلىدۇ ، ئۇ بۇزۇلسا پۈتۈن بەدەن بۇزىلىدۇ. ئاگاھ بولۇڭلاركى ئۇ قەلىبتۇر»
يۈرەك ، ھەممىمىزنىڭ نەزىرىدە ئۇ كىچىككىنە بىر پارچە گۆش خالاس ، شۇنداق ئەمەسمۇ ؟ كۆپىنچىمىز مۇشۇنداق قارايمىز ، بەزى ئوقۇمۇشلۇقراقىمىز يۈرەكنىڭ بەدەندىكى قان ئايلىنىش سېستىمىسىنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان قوماندانلىق ئورنى ئىكەنلىكىنى تىلغا ئېلىشىمىز مۇمكىن ، بۇ ئەلۋەتتە توغرا . ئەمما يۈرەكنىڭ ۋەزىپىسى مۇشۇنداق قاننى ئايلاندۇرۇش بىلەنلا ئاياغلىشامدۇ ، ئۇنىڭ باشقا روللىرى بارمۇ يوقمۇ ، بۇ ئىزدىنىش قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان مەسىلە ، ئۇنداقتا بىرلىكتە بۇ مەسىلىگە يۈرۈش قىلايلى ، يۈرەك زادى قانداق ئالاھىدە ئىقتىدارلىق نەرسىكىن .
يۈرەك روھنىڭ مەنبەسى ، ئۇ ئاددىيغىنە بىر چىشلەم گۆش ئەمەس ، بەلكى ئىنساننىڭ يوشۇرۇن ئەقلىدۇر . كۆز كۆرەلمەيدىغان ياكى كۆرۈشنى خالىمايدىغان نۇرغۇن نەرسىلەرنى ۋە ئىشلارنى قەلىب كۆرەلەيدۇ . ئۇ قالتىس سەزگۈر بولۇپ كۆپ ھاللاردا كۆزنىڭ بىۋاستە كۆرىشى قىيىن بولغان كىمنىڭ ساداقەتمەن ، ۋاپادارلىقىنى ۋە كىملەرنىڭ يالغانچى ناكەسلىكىنى ، كىملەرنىڭ قۇۋلۇق بىلەن رەزىل سۈيقەسىتلەرنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى تۇيۇپ قالىدۇ . ھەقىقى كۆرۈش قۇۋۋىتى دىگەن كۆزدىكى كۆرۈش قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى بىلەن ئەمەس بەلكى ئەقلى كۆرۈشنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى بىلەن ئۆلچىلىنىدۇ . < شۆبھىسىزكى كۆزلەرلا قارىغۇ بولمايدۇ ، لېكىن كۆكرەكتىكى قەلىبلەر قارىغۇ بولىدۇ.(يەنى ھەقىقى قارىغۇلۇق كۆزنىڭ قارىغۇلۇقى ئەمەس ، قەلىبنىڭ ،قارىغۇلۇقىدۇر قارىغۇ ئادەم ئىبرەت ئالمايدۇ ۋە چۈشەنمەيدۇ). >
قەلىب ، كۆز ، قولاق قاتارلىقلار ئىنسانغا بىلمىگەنلىرىنى ئۆگۈنۈش ، مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈش ، ئىجادىيەت قىلىش ، مۇشۇ ئارقىلىق زېمىننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن بىرىلگەن كاتتا ئىھسانلارنىڭ بىرى . <ئۇ سىلەرگە شۈكرى قىلىشىڭلار ئۈچۈن كۆز ، قولاق ، قەلىبلەرنى ئاتا قىلدى >. مۇشۇ سىياقتا كەلگەن ئىلاھىي تونۇشتۇرۇشلار ناھايتى كۆپ بولۇپ ھەممىسىدە قەلىبنىڭ چۈشۈنۈش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى ، ئەسلىمىلەرنى ساقلايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن .
سىز بەلكىم يۈرەك راستتىنلا مۇشۇنداق چۈشۈنۈش ئىقتىدارىنىڭ بارلىقى ، ئەسلىمىلەرنى ساقلايدىغانلىقىغا ئوخشاش ئالاھىدە ئىقتىدارلارغا ئىگىمۇ ، بۇ قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن ، ئۇ دىگەن ئادەتتىكى بىر پارچە گۆش تۇرسا دىيىشىڭىز مۇمكىن . ئالدىرىماڭ ، گۇمان ھەقىقەتنى ئىسپاتلاشتا ھېچنىمىگە ئەرزىمەيدۇ ، ھەقىقەتنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن دەلىل پاكىت بولۇشى لازىم .
ئەمدى بىز سۆزىمىزنىڭ پاكىتى سۈپىتىدە تۆۋەندىكى يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتىسيەلىرىگە قاراپ باقايلى!
تۇنجى قېتىملىق يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتىسيەسى 1967 -يىلى ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ بۇ داۋالاش تېخنىكىسى كۈنسىرى تەرەققى قىلىپ بۈگۈنكى كۈنلەردە ھەر يىلى مىڭلىغان بىمارغا يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپراتىسيەسىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولغانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز .
دوختۇرلار يىڭى يۈرەك كۆچۈرۈلگەن بىمارنى كۆزەتكەندە بۇ يەردە بىر ئاجايىپ ئىشنىڭ بارلىقىنى بايقايدۇ ، يۈرەك كۆچۈرۈش ئوپىراتسىيىسى ئېلىپ بېرىلغان بىمارنىڭ ھەركىتى ، ئىدراكى ۋە ئەسلىمىلىرىدە ئۆزگۈرۈش بولىدۇ . مەسىلەن ، قىيادىن چۈشۈپ كېتىپ ياكى ئېغىر قاتناش ھادىسىسدە ئۆلۈپ كەتكەن ئادەمنىڭ يۈرىكىنى باشقا بىر بىمارغا كۆچۈرگەندىن كېيىن يىڭى يۈرەك سەپلەنگەن بىماردا قاتتىق قورقۇش ، بىئارام بولۇش ھادىسىسى كۆرۈلگەن .
يەنە بىر قەسىتلەپ ئۆلتۈرۈلگەن بالىنىڭ يۈرىكىنى ئېلىپ باشقا بىر بالىغا كۆچۈرگەن ، كېيىن ئۇ بالا دائىم چۈشىدە بىرىنىڭ ئۇنى قەستلەپ ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى كۆرۈپ چۆچۈپ بىئارام بولغان ، قىزىق يېرى شۇكى بالا چۈشىدىكى قاتىلنى توپتوغرا سۈپەتلەپ بەرگەن بولۇپ بالىنىڭ چۈشىدىكى قاتىل دەل يۈرىكى ئېلىۋېتىلگەن بالىنىڭ قاتىلى بوپ چىققان .
ئەجەپلىنەرلىك يەنە بىر مىسال شۇكى ، بىر پۇتبۇل مەستانىسىنىڭ (ئۆلۈپ بولغاندىن كېيىن ئىئانە قىلىنغان )يۈرىكىنى ئادەتتىكى بىر ئادەمگە كۆچۈرگەندە بۇ ئادەم پۇتبۇل قاناللىرىنى كۆرۈشكە ئامراق بوپ قالغان . يەنە بىر قېتىم مەلۇم بىر يۈرەك كۆچۈرۈلۈپ بولغان بالىنىڭ سول تەرەپ مېڭىسىدا نورمالسىزلىق كۆرۈلگەن ، دوختۇرلار سەۋەبىنى تەكشۈرگەندە ئەسلى يۈرەك ساھىبىنىڭمۇ سول مېڭىسىدە چاتاق بارلىقىنى بايقىغان .
700 دىن كۆپرەك يۈرەك كۆچۈرۈش ئەمەلىيتى ئېلىپ بارغان دوختۇر «جاك كوبلاند» مۇنداق دەيدۇ < مەن يۈرەكتە بىز ئىنسانلار بىلەلمەيدىغان بىر غەيىپ نەرسىنىڭ بارلىقىنى يىراق سانىمايمەن . > بۈگۈنىمىزدە غەرىپ ئالىملىرىمۇ يۈرەكتە ئەسلىمە ساقلاش ، ئاڭلىغان كۆرگەن نەرسىلەرنى ساقلاش ئىقتىدارى بار دىگەننى كۈچلەندۈرمەكتە......
|
|