مائارىپىمىز توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم (2)
بۇ تېمىنىڭ بىرىنچى قىسىمىدا مائارىپىمىزدىكى تاييارغا ھەييار بولىدىغان نوقتىلىق سىنىپ، نوقتىلىق مەكتەپ ھىلىسىنى بىلەن رەھبىرى ئۇرۇندىكى بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ ئۆزىگە سىياسى دەسمايە توپلاش ئۈچۈن مەكتەپنى قالايمىقان قىلۋاتقانلىقى توغرىسىدا توختالغان ئىدىم. ئۇقۇپ باقمىغانلار تۆۋەندىكى ئۇلىنىشنى چىكىپ ئوقۇپ باقسا بولىدۇ.
./thread-52875-1-1.html
تۆۋەندە بۇ تېمىنىڭ داۋامى توغرىلىق ئۆزەمنىڭ ھىس قىلغانلىرىنى داۋاملىق تورداشلارغا سۇنىمەن.
ئۈچىنچى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاقى ساپاسى زىيادە تۆۋەنلەپ كەتكەن.
مىنىڭ بۇنداق دىيىشىمدە مۇنداق ئىككى سەۋەپ بار. بىرىنچىسى، بىز ئۇقۇۋاتقان چاغلىرىمىزدا كۆپ قىسىم ئۇقۇغۇچىلار مۇئەللىمنى ھۆرمەت قىلاتتۇق ۋە ئەيمىنەتتۇق. . بىراق قاراپ باقساق ھازىر دەل ئەكسىچە ئەھۋال يۈز بەرمەكتە. يەنى مۇئەللىمنى ھۆرمەت قىلىدىغان ، مۇئەللىمدىن ئەيمىنىدىغان ئوقۇغۇچىلار ئاز سانلىققا، مۇئەللىمنى چوڭ بىلمەيدىغانلىقىنى ئاشكارا ياكى يېرىم ئاشكارا ھالدا قورقماي تۇرۇپ دەيدىغانلار ياكى دىمىسىمۇ كۆڭلىدىكىنى سۆز ھەرىكەت بىلەن ئىپادىلەيدىغانلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللىگەن. ئوقۇتقۇچى بىلەن تەڭ تۇرالايدىغان يۈرەكلىك بالىلارنىڭ سانى ھازىر ساماندەك. ھەتتا قىسمەن ئۇقۇغۇچىلاردا ئوقۇتقۇچىنى مەلۇم ئاتالمىش يوللۇق سەۋەپ بىلەن قاتتىق ھاقارەت قىلىدىغان، ئۇلارنى بولۇپمۇ ئايال ئوقۇتقۇچىلارغا مۇش پەشۋا بىلەن ئەدەپلەيدىغان ، ئۇلارنى قورقۇتالايدىغان يىگىت بېشى سۈپەت ئوقۇغۇچىلارمۇ چىقىۋاتىدۇ.
مىنىڭ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەخلاق ساپاسى تۆۋەنلەپ كەتتى دىيىشىمدىكى يەنە بىر سەۋەپ ئىچكىرىدىكى بەزى مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇتقۇچى مۇناىسىۋىتى، ئوقۇغۇچى بىلەن ئوقۇغۇچى مۇناسىۋىتى ، سالام سائەت، ئۇگۈنۈش قىزغىنلىقى... قاتارلىق نۇرغۇن ئەھۋالللىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىزدىكى ساپا بىلەن ئۇلاردىكى ساپانى راستىنلا ئادەم بىلەن مايمۇننىڭ پەرقىدەك دەپ تەسۋىرلەپ ئانچە بەك ئېشىپ كەتمىسە كېرەك.
ئەجەبا شۇ ئوقۇغۇچىلار بىلىم بەرگەن ئۇقۇتقۇچىنى ھۆرمەت قىلمىسا، ئۇلاردىن ئەيمەنمىسە ئۇلار قانداقمۇ بىلىمنى، بىلىملىكنى ھۆرمەت قىلسۇن؟ قانداقمۇ ئەخلاققا، ھەققانىيەتكە، باشقشىلارنىڭ غۇرۇغىغا، مەنپەئەتىگە چىقىلىشتىن ئەيمىنىدىغان ھەققانى كىشى بولالىسۇن؟ ئۇلار ئارىسىدىكى بەزى گەپ سۆزلەرنىڭ ئەخلاقسىز ۋە قوپاللىقى، ئۇرۇش جىدەل، مەنمەنلىك، نىشانسىزلىق، ھورۇنلۇق، قېلىنلىق ئالدىدا بەزى ئوقۇتقۇچىلار ھەقىقەتەن گاڭگىراپ قېلىۋاتىدۇ ۋە ئوقۇتقۇچىلىقتىنلا ئەمەس بۇ مىللەتنىڭ ئىستىقبالىدىن ئۈمۈدسىزلىنىۋاتىدۇ. چۈنكى ئوقۇتقۇچىنى ، مائارىپنى ھۆرمەت قىلىشنى، قەدىرلەشنى، مىننەتدارلىق بىلدۇرۈشنى ئۈگۈتەلمىگەن مىللەتنىڭ بالىلىرىدا نىمە كەلگۈسى بولسۇن؟ بۇنداق مىللەتنىڭ يەنە قانداق كەلگۈسى بولسۇن؟...
بەلكىم بۇ بىز ئوقۇغان زامان بىلەن ھازىرقى زاماننىڭ ئوخشىماسلىقى سەۋەبىدىن كىلىپ چىققان ئەھۋاللاردۇر. بىراق نەزەرىمىزنى يىراقلارغا ئاغدۇرۇپ باشقىلار بىلەن سېلىشتۇرساقلار بىزدىكى مائارىپقا تۇتقان پوزىتسىيە، ئاتا-ئانىلاردىكى ساپانىڭ ئاساسەن يوق ھىساۋىدا ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. شۇنداقلا بۇنداق قاخشاشلار بىلەن بۇ خىل ئەھۋالنى ئۆزگەرتكىلى بولمايدىغانلىغىنى ئۈمۈدسىزلىق ئىچىدە بايقايمىز. مانا بۇ كۆپ قىسىم ئۇقۇتقۇچىلارنىڭ بەزى ئىشلارنى كۆرسىمۇ كۆرمەسكە، بىلسىمۇ بىلمەسكە سېلىپ يۈرشىنىڭ سەۋەبى بولىشىمۇ مۈمكىن.
مىنىڭ بۇ قارىشىمنى ئىنكار قىلىدىغانلارنىڭ چىقىشى مۈتلەق. بىراق مىنىڭ بۇ يەردە تىلغا ئالغان ئەھۋاللارنىڭ كۆپ قىسىم ئۇقۇغۇچىلاردا بار ئالاھىدىلىك ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنى ، بىر قىسىم ياخشى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ يەنىلا بار ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقىنىمۇ قۇشۇمچە ئەسكەرتىشنى لايىق تاپتىم.
داۋامى كىيىنكى قىسىمدا يوللىنىدۇ.
|