تۈركىيەنىڭ يېڭى باش مىنىستىرى كىم؟
تۈركىيە باش مېنىستىرى داۋۇت ئوغلۇ نىڭ ئىستىپا مۇراسىمىدىن ( نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ كۆز يېشىدىن قارىغاندا بۇنى قايغۇلۇق كۈن دېگىلىمۇ بولىدۇ) كېيىىن، ئەردوغاننىڭ باش مېنىستىرلىق تەختىگە زادى كىمنى ئولتۇرغۇزىدىغانلىقى پۈتۈن تۈركىيەنىڭ دېققەت ئېتىبارى چۈشكەن قىزىق نۇقتىلاردىن بىرگە ئايلانغان ئىدى. 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 22- كۈنى، تۈركىيە جۇمھۇررەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان، قاتناش مېنىستىرى بىنئالى يىلدىرىمنىڭ (كېمىسازلىق مۇتەخەسىسى) تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنىڭ 65- نۆۋەتلىك باش مېنىستىرى ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلدى. بۇ خەۋەردىن كېيىن، بىنئالى يىلدىرىمنى قوللايدىغانلار زالنىڭ ئالدىدا ئۇسسۇلغا چۈشكەن بولسا، داۋۇت ئوغلۇ تەرەپتارلىرى بولسا ماتەملىك كۈن ئۆتكۈزدى. ئۇنداقتا يېڭى باش مېنىستىر زادى كىم؟ تۈركىيەنىڭ ئەڭ قىزىقچى باشلىقلىرىدىن بىرى ھېساپلىنىدىغان بىنئالى يىلدىرىمنىڭ يۇرتى(تۈركلەرنىڭ بىرىنجى بولۇپ قىزىقىدىغىنى، باش مېنىستىرنىڭ يۇرتى) ئەرزىنجان بولۇپ، 1955- يىلى ، 12- ئاينىڭ 20- كۈنى تۇغۇلغان. دادىسىنىڭ ئىسمى تۇرسۇن، ئانىسىنىڭ ئىسمى باھار بولغان، باش مېنىستىر بىنئالى يىلدىرىم، 1973- يىلى تولۇق ئوتتۇرانى پۈتتۈرۈپ، ئىستانبۇل تېخنىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ كېمىسازلىق ۋە دېڭىزچىلىق فاكۇلتېتىغا ئوقۇشقا كىرگەن. 1978- يىلىدىن 1993- يىلىغىچە بولغان جەرياندا تۈركىيە كېمىسازلىق باش ئىدارىسىدە ۋە جامىئالتى پورتىدا باشلىق بولغان. 1990- يىلدىن 1991- يىلغىچە شېۋىتسىيەدىكى ، دۇنيا كېمىسازلىق تەشكىلاتىنىڭ باشقۇرىشىدا بولغان دۇنيا كېمىسازلىق ئۇنىۋېرسىتېتىدا، دېڭىزدا جان ۋە مال بىخەتەرلىكىنى باشقۇرۇش تېمىسىدا مەخسۇس ئىلىم تەھسىل قىلدى. بۇ جەرياندا كېيىنكى ئالتە ئايدا ئەمەلىي مەشىق سۈپىتىدە ئىسكاندىناۋيە ۋە ياۋروپانىڭ ھەرقايسى رايونلىرىدىكى پورتلاردا كېمسازلىق مۇتەخەسىسلىرى بىلەن بىرلىكتە پورت تەكشۈرۈش ۋە باشقۇرۇش خىزمەتلىرىنى ئۆتىدى. 1994- يىلدىن 2000- يىلغىچە بولغان جەرياندا ئىستانبۇل دېڭىز قاتنىشىغا ئائىت تۈرلۈك تۈمەن ئەمەلىي مۇئەسسەسە تۈرلىرىنى روياپقا چىقاردى. 2014- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنى رەجەپ تاييىپ ئرەدوغاننىڭ مەسلەھەتچىسىگە ئايلاندى. 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 1- كۈنى ئىزمىرنىڭ خەلق ۋەكىلى سۈپىتىدە تۈركىيە بۈيۈك مىللەت مەجلىسىگە كىردى. 2015- يىلى 12- ئاينىڭ 24- كۈنى داۋۇتئوغلۇ ھۆكۈمىتى بىنئالى يىلدىرىمنىڭ قاتناش مېنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى جاكارلىغان ئىدى. بىنئالى يىلدىرىم، مېنىستىرلىق جەريانىدا 225 مىليارد لىرالىق مۇئەسسە تۈرلىرىنى ئورۇنلىغان. تۆمۈر يول، يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيول، تونېل، كۆۋرۈك، دېڭىز ئاستى مېترو قاتارلىق خىلمۇ خىل يول قۇرۇلۇشلىرى بۇ قۇرۇلۇشلارنىڭ ئىچىدىكى مۇھىملىرىدۇر. بىنئالى يىلدىرىم تۈركىيەدە نامى چىقىپ كەتكەن پارىخورلارنىڭ ئارىسىدا بولۇپ، ئوغلىنىڭ زادى نەچچە كېمىسى بارلىقى، ئىزدەش سۇپىسىدا ئەڭ كۆپ ئىزدەلگەن تىمىلارنىڭ بىرىگە ئايلانغان. ئەمما بىنئالى يىلدىرىم بۇ خىل سۆزلەرنى ئىزچىل پۈتۈن كۈچى بىلەن رەت قىلىپ كەلگەن. بىنئالى يىلدىرىم 2006- يىلدىن 2013- يىلغىچە بولغان يەتتە يىل ئىچىدە جەمئىي 11 ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ پەخرى دوكتورلۇقىنى ئالغان. بۇلاردىن باشقا ئىستانبۇل ، ئەرزىنجان شەھەرلىرىنىڭ مىللەت ۋەكىلى بولغان. ھازىر نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ بىنئالى يىلدىرىم ئاتلىق بۇ كىشىنىڭ ئۆز دۆلىتىگە باش مېنىستىر بولغانلىقىنى قىلچە قوبۇل قىلالماغلىق. ئەمما بۇ خىل يېتىرقاش ھەرقانداق بىر باش مېنىستىر دەۋرىدە بولۇپ ئۆتكەن بىر ئىش، بۇنىڭغىمۇ كۆنۈپ قېلىشى مۇمكىن. بۇ خىل يېتىرقاشلار مۇستافا كامال ئاتا تۈرك ھۆكۈمىتىدىن كېيىنكى ھەرقانداق بىر باش مېنىستىر دەۋرىدە بولماي قالمىغان. بىنئالى يىلدىرىم تۈرك خەلقى ئۈچۈن زادى قانداق پايدىلىق ئىشلارنى قىلىدۇ، دۆلەتنى زادى قانداق باشقۇرىدۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارغا قانداق پايدىلىرى بولىدۇ، دېگەنلەرنى ۋاقىت بەلگىلەيدۇ. |