قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 453|ئىنكاس: 10
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

نۇرنىڭ تەبىئىتى ۋە يۇلتۇزلار رەڭگى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

4

تېما

15

دوست

3563

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27532
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 1162
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش
            
نۇرنىڭ تەبىئىتى ۋە يۇلتۇزلار رەڭگى
      (ئىنتىلگۈچى)

      

نۇر (light) بولسا تەۋرىنىپ(oscillation) تۇرىدىغان، ئۆزلىگىدىن بوشلۇقتا تارقىلالايدىغان ئېلېكتر-ماگنىت دولقۇنى(self-propagating electromagnetic wave)، ھەم شۇنداقلا كىۋانىت(quantum) دۇنياسىغا نىسبەتەن مەلۇم ئېنىرگىيەنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن مەلۇم ھالەتتە بايقىغىلى بولىدىغان زەرىچە. 1655-يىلى ئىتالىيەلىك ماتېماتىكا ئالىمى فىرانسىسكو گرىمالدى نۇرنىڭ دولقۇنلارغا خاس بولغان دىفىرېنسىيە(diffraction) ھادىسىسىنى قانائەتلەندۇردىغانلىقىنى بايقىغان(1-رەسىم). 1905-يىلى ئالبىرىت ئېينىشتىيىن نۇر-ئېلېكتر ئېففېكتىنى بايقاپ ئىلان قىلغاندىن كېيىن نۇرنىڭ زەرىچە ئىكەنلىكى ھەققىي يۇسۇندا ئىتىراپ قىلىنىپ، نۇرنىڭ زەرىچە-دولقۇن(wave-particle duality of light) ئىككى تەرەپلىمىلىك ئالاھىدىلىكى كەڭ قوبۇل قىلىنىپ ئىشلىتىلىپ كېلنىۋاتىدۇ.

1.PNG

يەرشارىدىكى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نۇرنىڭ(visible light)  ئاساسلىق مەنبەسى قۇياش، كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدىغان نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى 400 نانومېتىردىن 700 نانومېتىرغىچە(nanometer، نانومېتىر ئىنتايىن كىچىك بولغان ئۇزۇنلۇق بىرلىكى، بىر نانومېتىر بىر مىليارد دەن بىر مېتىرغا تەڭ) بولىدۇ. ئادەتتە نۇرلار بىزگە ئاق كۆرۈنىدۇ، ئەمىلىيەتتە ئاق نۇر ئوخشىمىغان رەڭلەرنىڭ بىرىكىشىدىن شەكىللەنگەن، بۇنى نىيوتۇن 1666-يىلى ئۈچ قىرلىق پىرزما ياكى ئەينەك تەجرىبىسىنى ئىشلەپ بايقىغان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئوخشىمىغان رەڭلىك نۇرلارنىڭ ئۈچ قىرلىق ئەينەكتەك بىر مۇھىت ۋاستىسىدىن ئۆتكەندىكى سۇنۇش دەرىجىسى ئوخشاش بولمايدۇ، شۇڭا ئاق نۇرنى تۈزگۈچى باشقا نۇرلار ئۈچ قىرلىق ئەينەكتىن ئۆتكەندە ئوخشىمىغان سۇنۇش دەرىجىسى سەۋەبلىك ئېنىق ئايرىلىپ چىقىدۇ(2-رەسىم). نۇرنىڭ ۋاكۇمدىكى تارقىلىش تىزلىكى 299792458 مېتىر ھەر سېكۇنت بولىدۇ.
2.PNG

  كۆرۈنىدىغان نۇر ئېلېكتر-ماگنىت سپېكترىدا (electromagnetic spectrum)  ئىگەلىگەن ئورنى 3-رەسىمدە كۆرسىتىلگەندەك كىچىك، ئەمما ئۇنىڭ رولى ئىنتايىن مۇھىم بىز ئۇنى كۆزىمىز بىلەن كۆرەلەيمىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئوپتىكلىق تەتقىقات بولۇپمۇ ئوپتىكلىق تېلىسكوپ ۋە ئاستىرونومىيە تەتقىقاتىدا ئىنتايىن مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. 3-رەسىمىنىڭ ئاسىتىدىكى قۇشۇمچە كۆرسىتىلگەن قىسمى ئوخشىمىغان دولقۇن ئۇزۇنلۇقى بۇيىچە ئىنچىكە بۆلۇنگەن كۆرگىلى بۇلىدىغان نۇرنىڭ ئوخشىمىغان رەڭلەردىكى كۆرۈنىشى.
3.PNG


گۈزەل ئايدىڭ كىچىلەردە ئاسماندىكى يۇلتۇزلارنى كۈزەتكىنىمىزدە ھەممە يۇلتۇزلار ئوخشاش ئاق رەڭدەك بولۇپ كۆرۈنىدۇ، ئاددىي كۆزىمىز بىلەن پەقەت چاقناش دەرىجىسى ئوخشىمىغانلىقىنى ھىس قىلالايمىز. ئەمىلىيەتتە بولسا يۇلتۇزلار ھەرخىل رەڭلىك بولىدۇ، بىز بۇنى ئىلغار ئوپتىكلىق تېلىسكوپلار ئارقىلىق يۇلتۇزلار تارقاتقان نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى قاتارلىق ئالاھىدىلىكلىرىنى ئۆلچەپ سپېكترىغا ئىرىشكەندىن كېيىن بىلەلەيمىز ھەم ئۇنىڭ رەسىمىگە ئىرشەلەيمىز، بۇ بىرقەدەر مۇرەككەپ بولغان فىزىكىلىق جەريان ھەم يوقىرى تېخنكا ۋە نۇرغۇن ئىقتىساد مەبلەغ كىتىدىغان ئىش.

بىزنىڭ قۇياش سېستىمىسى (solar system) جايلاشقان سامان يولى گالاكسىسى(milky way galaxy) ۋە باشقا نۇرغۇنلىغان گالاكسىلار مىلىيونلىغان ساناقسىز رەڭگارەڭ نۇرمال يۇلتۇزلار(normal star) بىلەن تولغان. نۇرمال يۇلتۇزلار (قۇياشمۇ بىر نۇرمال يۇلتۇز) كۆيۈۋاتقان گازدىن(burning gas) (ئاساسلىقى ھېدروگىن ۋە گېلىدىن ئىبارەت) تەركىب تاپقان شارسىمان جىسىم، يۇلتۇز ماسسىسنىڭ ئوخشاش بولماسىلىقىغا  (كۆيۈش دەرىجىسى ئوخشىمايدۇ) ئاساسەن يۇلتۇزلارنىڭ تېمپېراتۇرسى ۋە چىقارغان نۇرنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى ئوخشىمايدۇ. تېمپېراتۇرا ۋە نۇرنىڭ كۈچلۈك ئاجىزلىقى ئوخشىمىدى دېگەن گەپ ئۇلار چىقارغان نۇرنىڭ ئېنىرگىيسى ئوخشىمىدى دېگەن گەپ ، بۇ دېگەنلىك چىقارغان نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلىقى ئوخشىمىدى دېگەن گەپ، شۇ سەۋەبتىن يۇلتۇزلارنىڭ رەڭگى ئوخشاش بولمايدۇ.
كۆك رەڭلىك يۇلتۇزلار تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى، ئېنىرگىيسى چوڭ يەنى ماسىسى چوڭ بولغان يۇلتۇزلار، تېمپېراتۇرسى تۆۋەن بولغان يۇلتۇزلار قىزىل رەڭلىك بولىدۇ، قۇياش ئاق رەڭلىك يۇلتۇز بولۇپ تېمپېراتۇرىسى ئوتتۇرا دەرىجىدىن سەل تۆۋەن بولىدۇ. لىكىن بىز ئادەتتىكى تۇرمۇشىمىزدا قىزىل رەڭنى تېمپېراتۇرىسى يۇقىرى كۆك رەڭنى تېمپېراتۇرىسى تۆۋەنگە سىمۇۋول قىلىپ ئىشلىتىمىز، ئەمىلىيەتتە بۇ خاتا. بىزنىڭ ئۇنداق قىلىشىمىز خاتا سىزىمدىن كەلگەن بىزنىڭ تىرىمىز  قىزىل رەڭنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقىنى سۈمۈرەلەيدۇ، ئەمما كۆك رەڭنىڭكىنى سۈمۈرەلمەيدۇ شۇڭا بىز كۆك رەڭنىڭ ئىسقىنى سىزەلمەيمىز ئەكسىچە قىزىل رەڭ ئىسسىق بىلىنىدۇ. فىزىكا نۇقتىسىدىن چىققاندا بولسا كۆك رەڭنىڭ تېمپېراتۇرسى قىزىل رەڭنىڭ تېمپېراتۇرسىدىن يۇقىرى.

يۇلتۇزلارنىڭ رەڭگى، تېمپېراتۇرسى ۋە ئېنىرگىيە ياكى لۇمىنوستىسى (بىرلىك ۋاقت ئىچىدە قويۇپ بىرىدىغان ئېنىرگىيسى،luminosity) ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بىز ئادەتتە خىرتسىپىراڭ-راسسۇال سېخىمىسى (H-R diagram) (بۇھەقتە كېيىن ئايرىم ئىنچىكە چۈشەنچە بىرىپ يازما يېزىشىم مۈمكىن) ئارقىلىق ئىپادىلەيمىز، 4-رەسمدىكىدەك. 4-رەسىمدە ئاق، قىزىل، كۆك، سىرىق رەڭلىك يۇلتۇزلارنىڭ تېمپېراتۇرا-لۇمىنۇسىتى مۇناسىۋىتى ئېنىق كۆرسىتىلگەن. كۆك رەڭلىك يۇلتۇزلارنىڭ تېمپېراتۇرىسى ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى بىلەلەيمىز بۇ رەسىمدىن.
4.PNG
   
  
ھازىرقى ئىلغار ئوپتىكلىق تىلسكوپلار ئارقلىق بىز يۇلتۇزلارنىڭ ئىنتايىن ئېنىق چىرايلىق رەسىملىرىگە ئىگە بولالايمىز. مەن تۆۋەندە دۇنياغا مەشھۇر خابول بوشلۇق تىلىسكوپىدا (Hubble space telescope) تارتىلغان يۇلتۇز، يۇلتۇز ۋە يۇلتۇز تۇمانلىرىنىڭ بىر قانچە رەسىملىرىنى ھۇزۇرۇڭلارغا سۇنىمەن. يۇلتۇزلار شۇنچە گۈرەل ئالەم ۋە ھاياتمۇ ھەم شۇنداق، بىز ئاشۇ گۈزەل جىسىملار ۋە ھادىسىلەرنى قانداق بايقايمىز ۋە قانچىلىك چۈشۈنىمىز، بۇ ھەقتىكى بىلىملەرگە قىزىقسىڭىز مېنىڭ كېيىنكى بىرقاتار يازمىلىرىمغا دىققەت قىلغايسىز.
05.PNG

06.png


2016.5.24  
بېيجىڭ
uyghuray

69

تېما

31

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4372
يازما سانى: 8559
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2608
تۆھپە : 20734
توردىكى ۋاقتى: 8605
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ziya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-24 23:03  

ياخشى تېما.ھارمىغايسىز.
بۇ دولقۇن ئۇزۇنلۇغى ۋە ئىنىرگىيە دىگەنلەريورۇقلۇق زەررىچىلىرىنىڭ سىپىن تېزلىكى بىلەن ئالاقىدار مىقدار بولسا كىرەك.


speedyterahe.jpg


http://phys.org/news/2016-05-speedy-terahertz-based-explosives.html
ــــــــــــــــــــ


4

تېما

1

دوست

1768

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   76.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43591
يازما سانى: 67
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 18
تۆھپە : 566
توردىكى ۋاقتى: 159
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئەجرىڭىزگە رەھمەت!

0

تېما

0

دوست

1397

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   39.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52031
يازما سانى: 113
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 428
توردىكى ۋاقتى: 54
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
يەر
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
مۇشۇنداق ئىلمى ئەسەرلەرنى داۋاملىق يوللاپ تۇرىشىڭىزنى ئۈمۈت قىلىمەن، رەخمەت قىرىندىشىم.
uyghuray

4

تېما

15

دوست

3563

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27532
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 1162
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
5#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:07 |ئايرىم كۆرۈش
ziya يوللىغان ۋاقتى  2016-5-24 22:51
ياخشى تېما.ھارمىغايسىز.
بۇ دولقۇن ئۇزۇنلۇغى ۋە ئىنىرگى ...

رەھمەت. سىزمۇ ھارمىغايسىز، تەتقىقاتىڭىز داۋاملاشقاي. ئەلۋەتتە، سىپىنىڭمۇ تەسىرى بار...

4

تېما

15

دوست

3563

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   52.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  27532
يازما سانى: 71
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 6
تۆھپە : 1162
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
6#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 09:08 |ئايرىم كۆرۈش
Poirot kalbahar ئىككىڭلارغىمۇ رەھمەت، داۋاملىق تىرىشىمەن، بىرلىكتە تىرىشىپ ئالغا باسايلى قىرىنداشلىرىم.

0

تېما

3

دوست

118

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   39.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  59025
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 6
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-25
7#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 13:48 |ئايرىم كۆرۈش
رەڭگارەڭ يۇلتۇزلار بىلەن بىزەلگەن پايانسىز ئالەم ھەقىقەتەن گۈزەل ھەم سىرلىق ئىكەن....

ئەكبەر

8

تېما

2

دوست

3344

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   44.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12786
يازما سانى: 224
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 118
تۆھپە : 947
توردىكى ۋاقتى: 188
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-26
8#
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 15:16 |ئايرىم كۆرۈش
ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپىرىن .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )