- تىزىملاتقان
- 2016-5-12
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-5-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 105
- نادىر
- 0
- يازما
- 5
ئۆسۈش
35%
|
بالىنى نېمىشقا ئۇرىمىز
رۇخسارى ئەكبەر تەرجىمىسى
نۇرغۇن ئاتا-ئانىلاردىن «تاياق بىلەن چوڭ بولغان بالا ۋاپادار بولىدۇ»، «ئاتا-ئانام مېنى كىچىكىمدە ئۇچۇقلاپ تۇرغاچقا، يامان ئەمەس چوڭ بولدۇم»، «بالا دېگەننى ئانچە - مۇنچە ئۇرۇپ قويمىسا بولمايدۇ» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ قالىمىز.
لېكىن، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بىرنەرسىنى ھېس قىلىپ يېتىشى كېرەككى، ھازىرقى ئاتا - ئانىلار بىلەن ئىلگىرىكى ئاتا - ئانىلارنىڭ بالىلىرىنى ئۇرۇشى ئارىسىدا ماھىيەتلىك پەرق بار.
بىز كىچىكىمىزدە، 80-يىللارنىڭ ئالدىدا، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى «كىچىك دوستلارنى بوزەك قىپسەن»، باشقىلارنىڭ دېرىزىسىنى قەستەن چېقىۋېتىپسەن»،«باشقىلارنىڭ ۋېلىسپىتىنىڭ چاقىنىڭ يېلىنى چىقىرىۋېتىپسەن»، «ساۋاقدىشىڭنىڭ بوپىسىنى تارتىۋاپسەن» دېگەنگە ئوخشاش «ئەخلاقسىز قىلمىشلار سەۋەبلىك ئانچە - مۇنچە ئۇرۇپ قوياتتى - يۇ، «دەرسنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىماپسەن»، «خەتنى چىرايلىق يازماپسەن» دېگەندەك سەۋەبلەر تۈپەيلى دائىم ئۇرىدىغان ئەھۋاللار كەمدىن - كەم ئۇچرايتتى. جۈملىدىن، ئەينى چاغدا ئاتا - ئانىلار ئاساسەن بالىلىرىدىكى ئەخلاقسىزلىق تۈپەيلى ئۇلارغا كايىيتتى.
لېكىن، ھازىرچۇ؟ بالىلىرىنىڭ شەخسىيەتچىلىكى، ئەدەپسىزلىكى، ئوپچە سورۇنلاردىكى غەلۋىخورلۇقى، باشقىلارنى سەسكۈندۈرگۈدەك دەرىجىدىكى ئەركىنلىكى سەۋەبلىك، ئۇلارنى ئانچە - مۇنچە ئۇچۇقلاپ قويىدىغان ئاتا - ئانىلار كەمدىن -كەم ئۇچرايدۇ - يۇ، ئۆگىنىش پوزىتسىيەسى، نەتىجىسىنىڭ ئىلگىرىلىمەسلىكى، تاپشۇرۇقنى ياخشى ئىشلىمىگەنلىكى ۋە ئاللىقانداق دەرستىن سىرتقى «تالانت يېتىشتۈرۈش» كۇرسلىرىغا بېرىشقا قېرىقلىق قىلغانلىقى سەۋەبلىك پات - پاتلا تاياق يەپ تۇرۇۋاتقان بالىلار جەمئىيەتتە ئاز ئەمەس.
لېكىن، تارىختىن بۇيانقى مائارىپ تەجرىبىسى ۋە جەمئىيەت رېئاللىقى شۇنى ئىسپاتلايدۇكى، ئەخلاقسىز بالا ئۆگىنىشتە ھەر قانچە ياخشى بولۇپ كەتكەن تەقدىردىمۇ، ئۇ بەرىبىر مەغلۇبىيەتلىك تەربىيەنىڭ مەھسۇلىدۇر؛ ئەكسىچە، ئۆگىنىشتە دېگەندەك ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرەلمىسىمۇ، باشقىلارغا غەمخورلۇق قىلىشنى، چوڭلاررنى ھۆرمەتلەشنى، جۈملىدىن ئادەم بولۇشتىكى ئەقەللىي مىزانلارنى بىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا ئەمەل قىلىدىغان بالا ھەقىقىي ياخشى بالىدۇر.
شۇنداق ئىكەن، بالىلىرىمىزدىكى ئەخلاقسىزلىق، ھاياسىزلىق قاتارلىق ئەجەللىك خاتالىقلارغا كۆز يۇمۇپ، ئاشۇ نارەسىدىلەر ئۆزلىرى تېزگىنلەشكە ئامالسىز ئاتالمىش «سەۋەنلىك»لەر سەۋەبلىك ئۇلارنى ئۇرساق مەسىلە ھەل بولامدۇ؟ يەنە كېلىپ، ئاشۇ بالىلار ئۆزى شۇنداق بولۇپ قالغانمۇ؟ ئۇلار تۇغۇلىشىدىنلا شۇنداقمىدى؟
مېنىڭچە، ئازدۇر - كۆپتۇر ئەقلىي بار ئاتا - ئانا بالىسىغا قول دېۋەيلەشتىن بۇرۇن، «مەن بىر لاياقەتلىك ئائىلە باشلىقىمۇ؟ مەن ئۇنىڭغا قانچىلىك ئۈلگە بولالىدىم؟ دېگەن سۇئالنى ئۆزىدىن سوراپ بېقىپ، ئاندىن قارار چىقىرىشى كېرەك.
مەنبە: ئۇيغۇرچە «تەرمىلەر» ژۇرنىلىنىڭ 2016-يىللىق 3-سانى
|
|