تېڭشۈن دەرسخانىسىدىكى دەرسلەرنى ئاڭلاپ، ،مېنىڭدىمۇ مۇشۇنداق بىردەرس سۆزلەپ بېقىش ئارزۇسى بولدى. شۇنىڭ بىلەن تېڭشۈن دەرسخانىسىغا ئوقۇتقۇچى بولۇشنى ئىلتىماس قىلدىم. قايتا – قايتا جاپالىق سىناش ئارقىلىق ئاخىرى تۇنجى دەرسىم << يېقىنقى بەش يىللىق يېڭى دەرسلىك بويىچە مەملىكەتلىك2- يۈرۈش ئالىي مەكتەپ ماتېماتىكا ئىمتىھان سۇئاللىرىنىڭ تۈرلەر بويىچە تەپسىلىي يەشمىسى>> ناملىق سىنلىق دەرسلىك ۋۇجۇتقا كەلدى. ئاخىرى يوللىغان دەرسىم تەستىقلاشلاردىن ئۆتۈپ ئاڭلاشقا بولىدىغان بولدى. دەرسلىك ھازىرچە ھەقسىز. دەرس سۆزلەپ سىنغا ئېلىشمۇ خېلى مۈشكۈل ئىش بولغاچقا، دەرسلىكتە خېلى كۆپ نۇقسانلارساقلانغان بولۇشى تەبىئىي. كەڭ ھەۋەسكارلارنىڭ تەنقىدىي پىكىردە بولۇشىنى، ئاڭلاپ بېقىشىنى سورايمەن…
1.ئامال بار ئەڭ ئاددى يول بىلەن دەرس ئۇيغۇرچە سۆزلەندى. تەلەپ شۇنداق بولغاچ، ئېكراندا خەنزۇچە خەت ئىشلىتىلدى. 2. 2011- يىلدىن 2015- يىلغىچە بەش يىللىق تەبىئىي پەن سۇئاللىرى تۈرلەرگە ئايرىلىپ تەپسىلىي سۆزلەندى. 3.بىر سۇئالنىڭ بىر قانچە خىل ئىشلەش يولى تەڭ سۆزلەندى. 4.تولۇق ئوتتۇرا ماتېماتىكىسىدىكى ئاساسى ئۇقۇم، فورمۇلىلار دەرس سۆزلەنگەچ ئەسكەرتىلدى. 5.بۇ دەرسلىك ئاساسەن دىگۈدەك دەرستە ئوتتۇرھال ئوقۇغۇچىلارنى ئاساس قىلىپ تەپسىلىي سۆزلەندى. 6.دەرسلىكتە سوئاللارنىڭ جاۋابى ئالدىن تەييارلانغان دەرسلىك ئاساس قىلىنماي، نەقمەيداندا بېۋاستە قوليازما قىلىنىپ ئىشلەندى. ئاڭلاشقاماس كېلىدىغانلار: 1. ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان بېرىش ئالدىدا تۇرغان ئوقۇغۇچىلار. 2. تولۇق ئوتتۇرىنىڭ ھەر قايسى يىللىقىدىكى ماتېماتىكىدا نورمال ئاساسقا ئىگە بولغان ئوقۇغۇچىلار. 3. تۈرلۈك كەسپىي شىتات ئىمتىھانىسى، ئالاھىدە شىتاتلىق ئوقۇتقۇچى ئىمتىھانىسى ۋە باشقا ئۆزلۈكىدىن ئۆگىنىش ئىمتىھانىسى بېرىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان، ئىش كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ياشلار. 4. تولۇق 3- يىللىققا يېڭىدىن چىققان، تەكرار قىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان ياش ئوقۇتقۇچىلار. 5. ئوقۇتقۇچىلىق كەسپىي ئىمتىھانى بېرىدىغان ئوقۇتقۇچىلار. 6. ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيەت ئىمتىھانىسى بېرىدىغانلار ۋە باشقا ماتېماتىكىغا قىزىقىدىغان ھەۋەسكارلار. دەرسنى QQ غا باغلاش ئارقىلىق ئاڭلايسىز. |