جوبس نېمىشقا ئەينى يىلى NeXTنى سېتىۋېلىشتا چىڭ تۇرغان ئىزدەر تەرجىمىسى
ئورېكول شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى لاررىي ئېللىسون يېقىندا، جەنۇبىي كالىفورنىيە ئىشتاتى ئونىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇش پۈتتۈرۈش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا نوتۇق سۆزلىگەن بولۇپ، ئۇ ئەينى چاغدىكى ياخشى دوستى ستېۋ جوبس بىلەن بىللە تۈزگەن ئالما شىركىتىنى قۇتقۇزۇپ قېلىش پىلانىنى ئەسلەپ ئۆتتى. «ھازىر مەن سىلەرگە مېنىڭ ئەڭ ياخشى دوستۇمنىڭ ھېكايىسىنى ئېيتىپ بېرەي. مېنىڭ بۇ ياخشى دوستۇمنىڭ نۇرغۇن تەلۋىلەرچە خىياللىرى بار، ئۇ ئىلگىرى ماڭا ئىنتايىن مۇھىم دەرىس ئۆتكەن.»
«جوبس بىلەن بولغان 30 يىللىق دوستلىقىمىز بىزنىڭ نۇرغۇن قېتىملىق سەيلە قىلىش جەريانىدىكى دىيالوگلىرىمىز ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەگەر ئۇنىڭ مەن بىلەن مەسلىھەتلىشىدىغان ئىشى بولسا، بىز بىر تەرەپتىن سەيلە قىلغاچ، يەنە بىر تەرەپتىن مۇلاھىزە قىلىشاتتۇق. بىز ئىلگىرى بىللە Windy Hill چوققىسىغا ياماشقان، پىيادە مېىڭپ سەيلە قىلغان، يەنە ئىستراھەت كەنتىدىكى ساھىللاردا مېڭىپ باققان.»
«ئەمما شۇنچىلىك كۆپ قېتىم سەيلە قىلىش داۋامىدىكى پارىڭىمىزنىڭ بىرسى ماڭا چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى. چۈنكى ئۇ كۈنى مۇلاھىزە قىلغان مەسىلىلەر ئىنتايىن كۆپ بولغاچقا، بىز ماشىنىغا ئولتۇردۇق، كرىمىنىي جىلغىسىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى Santa Cruz Mountains تاغلىرى ئارىسىدىكى Castle Rock State Park باغچىسىغا قاراپ ماڭدۇق. بۇ 20 يىلنىڭ ئالدىدىكى ئىش ئىدى، 1995-يىلى ستېۋ بىلەن پىكسار «ئويۇنچۇق ئومۇمىي سەپەرۋەرلىكى»ىنى تاماملىماقچى بولدى، شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە NeXTنى باشقۇردى. بۇ كومپيۇتېر شىركىتى جوبس ئالما شىركىتىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن قۇرۇلغان ئىدى.»
« شۇ چاغدا ئالما شىركىتى ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا قالغان بولۇپ، جوبس شىركەتتىن ئايرىلغان 10 يىل جەريانىدا ئالما شىركىتىنىڭ تەرەققىياتى داۋاملىق تۆۋەنگە قاراپ ماقماقتا ئىدى. شۇ چاغدا ئالما شىركىتى ھەقىقەتەن ساقايماس كېسەلگە مۇپتىلا بولۇپ، نۇرغۇن كىشىلەر بۇ شىركەتنى ۋەيران بولىدۇ، دەپ قارىغانىدى. جوبسقا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئالمىنىڭ بىر قەدەم - بىر قەدەمدىن زاۋاللىققا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىغا قاراپ ھېچ ئىش قىلالمىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئازاپلانغان ئىدى. شۇڭا بىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىمىزدىكى سۆھبىتمىز جوبسنىڭ ئالما شىركىتىنى قولىغا ئېلىپ قانداق باشقۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا بولۇنغان ئىدى.»
«مېنىڭ تەكلىپىم ئىنتايىن ئاددىي ئىدى، ئۇ بولسىمۇ ئالما شىركىتىنى سېتىۋېلىپ، دەرھال جوبسنى باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى ۋەزىپىسىگە قويۇشتىن ئىبارەت. شۇ چاغدا ئالما شىركىتى جىق ئەمەس، تەخمىنەن 5 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يارايتتى. بىز ئىككىيلەننىڭ ئىناۋىتىمىزمۇ ياخشى بولۇپ، قەرز ئېلىش ئىشىنىمۇ ئاللىقاچان ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغان ئىدۇق. پەقەت جوبسنىڭ ‹بولىدۇ›دېگەن سۆزىنىلا ساقلاپ تۇرغان ئىدىم.»
«لېكىن، جوبس قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈش تاكتىكىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئاۋۋال ئالما شىركىتىنى NeXTنى سېتىۋېلىشقا قايىل قىلدۇق، ئاندىن جوبس ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىگە كىردى، ۋاقىت ئالما شىركىتى مۇدىرىيىتىگە جوبسنىڭ ئالما شىركىتىگە ماس كېلىدىغان رەھبەر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەردى.»
«مەن مۇنداق دېدىم، ‹بولىدۇ، بۇ چارىمۇ ئېھتىمال ئاقىدۇ، ئەمما ئەگەر بىز ئالما شىركىتىنى سېتىۋالمىساق قانداق پۇل تاپىمىز›. جوبس تۇيۇقسىز قەدىمىنى توختىتىپ، بۇرۇلۇپ ماڭا قارىدى. بىز مۇشۇنداق ئۇدۇلمۇ - ئۇدۇل قارىشىپ تۇردۇق، ئۇ سول قولىنى ئوڭ بىلىكىمگە قويۇپ، ئوڭ قولىنى سول مۈرەمگە قويدى. ئۇنىڭ ئىككى كۆزى قەتئىيلىك بىلەن ماڭا تىكىلمەكتە ئىدى. ئۇ ماڭا شۇ تىكىلگىنىچە مۇنداق دېدى: ‹لاررىي، مانا بۇ مېنىڭ نېمە ئۈچۈن سېنىڭ دوستۇڭ بولغانلىقىمدەك مۇھىم ئىش. سېنىڭ پۇللىرىڭ يېتىپ ئاشىدۇ، ساڭا ئەمدى ئۇنچە كۆپ پۇل بولمىسىمۇ بولىدۇ›. مەن يەنە مۇنداق دېدىم: ‹بولىدۇ، مەن بىلدىم، ئەمما بىزنىڭ پۇلغىلا چىڭ ئېسىلىۋېلىشىمىزنىڭ ھاجىتى يوق. بىز بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىدىن ۋاز كەچسەكمۇ بولىدۇ›، مەن ئازراق نارازى بولدۇم».
«ستېۋ بېشىنى چايقاپ مۇنداق دېدى: ‹مېنىڭ بۇنداق قىلىشىم پۇل ئۈچۈن ئەمەس، شۇنداقلا ھېچقانداق ھەق ئېلىشنىمۇ ئويلاپ باقمىدىم. ئەگەر مەن بۇ ئىشنى قىلماقچى بولسام، ئەخلاق تۈزۈمى يۇقىرى ئورۇندا تۇرۇپ ئىش قىلىشىم كېرەك. ›»
«‹ئەخلاق تۈزۈمى يۇقىرى ئورۇن؟، مەن دېدىم: ‹بۇ بەلكىم دۇنيادىكى باھاسى ئەڭ يۇقىرى ئۆي-مۈلۈك سودىسى بولۇشى مۇمكىن›، گەرچە شۇنداق دېگەن بولساممۇ، بۇ قېتىمقى مۇنازىرىدە داۋامىلىق مۇنازىرە قىلغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم. جوبس ئاللىقاچان بىر قارارغا كېلىپ بولدى، شۇ ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە شۇ جايدا، 1995-يىلى يازدا ئاشۇ باغچىدا، ئۇ ئۆزىنىڭ ئۇسۇلى بىلەن ئالما شىركىتىنى قۇتقۇزماقچى بولدى. »
«شۇ كۈنى ماشىنىغا قايتقىنىمىزدا، ئۇنىڭغا مۇنداق دېدىم: ‹ستېۋ، ئالما شىركىتىنى سەن قۇرۇپ چىققان، ئۇ سېنىڭ شىركىتىڭ، قارار چىقىرىش ھوقۇقى سېنىڭ قولۇڭدا. پەقەت سەن ھايت دېسەڭلا، مەن سەن ئۈچۈن ئوتقىمۇ سەكرەيمەن›. شۇڭلاشقا، كېيىن ئالما شىركىتىنىڭ مۇدىرىيىتىگە كىرىپ، جوبسنىڭ دۇنيادىكى قىممىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان شىركەت قۇرۇپ چىققانلىقىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆردۈم. »
«مېنىڭ بۇ قېتىمقى سۆھبەتتىن ئۆگەنگىنىم ئىنتايىن كۆرۈنەرلىك بولدى. ستېۋنىڭ دېگىنى توغرا. ناۋادا ئىش تەرەققىي قىلىپ مەلۇم دەرىجىگە بارغاندىن كېيىن، ئۇ تەبىئىيلا پۇلنىڭ مەسىلىسى بولماي قالىدۇ. ناۋادا ئاشۇ نۇقتىغا يېتىپلا قالسا، قانچىلىك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشىڭىزدىن قەتئىينەزەر پۇل بىلەنمۇ بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالمايسىز. »
«بىلىمەن، مەنمۇ ئىلگىرى تىرىشىپ سىناپ باققان، ئەمما مۇمكىن بولمىغان. ئەڭ ئاخىرىدا ھەممە نەرسىدىن ۋاز كەچكىلى تاسلا قالغان. ئۇنداقتا، جوبس نېمىشقا ئالما شىركىتىگە قايتىپ كېلىدۇ؟ نېمىشقا ئۆمرىنى خىزمەتكىلا قارىتىدۇ؟ مەن نېمىشقا خىزمىتىمگە شۇنداق بېرىلىمەن؟ ئىشەنچىلىك جاۋاب شۇكى، ھەممىمىزنىڭ قەلبىدە بۇ بىر خىل ئىپتىدائىي ھاياجانلىنىشتۇر، چۈنكى ھەر قانداق ئادەم پۈتۈن ھاياتى كۈچىنى مەركەزلەشتۈرۈپ، چوڭ ئىشلارنى كىرىشىپ قىلىشنى خالايدۇ. »
«ئىككىيلەننىڭ دىيالوگى Walt Isaacson نىڭ ‹جوبسنىڭ تەرجىمھالى› ناملىق كىتابىدىمۇ تىلغا ئېلىنغان. ئەمما، تەپسىلاتلىرى ئوخشىمايدۇ. كىتابتىكى ۋاقىت 1996-يىلىنىڭ ئاخىرى، ئورنى ھاۋايدا، پىيادە سەيلە قىلغان ئەمەس، بەلكى روژدېستۋو دەم ئېلىش مەزگىلىدە سۆھبەتلەشكەن، دېيىلگەن. »
«بەلكىم ئۆزۈمنىڭ ياخشى دوستى جوبس راك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغاچقا، كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پۇل توپلاش كېچىلىكىدە 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىنى يېڭى راك تەتقىقات ئورنىغا ئىئانە قىلغان بولۇشۇم مۇمكىن، بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ مەسئۇلىمۇ ياخشى دوستونىڭ مەسئۇل دوختۇرى Dr. David Agus ئىدى. »
«Dr. David Agus يېڭىدىن راك تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشمۇ يەنىلا جوبس ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا، Dr. David Agus لاررىي ئېللىسون بىلەن سۆھبەتلەشكەندە، ئۇ يېڭىدىن بىر راك تەتقىقات ئورنى قۇرۇش ئويىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا، لاررىي ئېللىسون ئىنتايىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن، كېيىن ئۇ پۇرسەتلا بولسا، بۇ تۈرنى مۇتلەق قوللايدىغانلىقىغا قەسەم بەرگەن. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، لاررىي ئېللىسون ئاخىرى ئۆزىنىڭ ۋەدىسىنى ئەمەلگە ئاشۇردى. »
بۇ تەتقىقات ئورنىنىڭ كەلگۈسى 6 ئاي ئىچىدە خىزمەتكە كىرىشتۈرۈلىدىغانلىقى مۆلچەرلەنگەن بولۇپ، چىن كۆڭلىمىزدىن بۇ تەتقىقات مەركىزىنىڭ بۇرۇنراق زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، راك كېسىلى بېمارلىرىغا ئۈمىد ئاتا قىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
مەنبە: بېتا تورى
رۇخسەتسىز كۆچۈرمەڭ
|