- تىزىملاتقان
- 2011-1-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-9
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 35008
- نادىر
- 6
- يازما
- 1277
ئۆسۈش
100%
|
11-ئاينىڭ22-كۈنى قۇمۇل شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدا مۇشۇ ئىش توغرىلىق ئىلان قىلىنغان خەۋەرنىڭ كەسمە سۈرتى
ئاسىيا كىندىكى تورى خەۋىرى(مۇخبىر لىپىڭ李萍) مۇشۇ ئاينىڭ21-كۈنى قۇمۇل ھۆكۈمىتى قۇمۇل شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسىنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىش دېلوسىغا ئوچۇق ئاشكارە جاۋاپ قايتۇردى.
[align=justify]مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە،ئاشۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن قۇمۇل ۋىلايىتى،قۇمۇل شەھىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلىرى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ .ئاشۇ ئىشنى مۇزاكىرلەشكەن.ھەمدە قۇمۇل ھۆكۈمەت تەرەپ تورىدا ئاممىغا ئوچۇق ئاشكارە ئېلان قىلغان .ئېلان قىلىنغان تۆت تۈرلۈك قارار تۆۋەندىكىدەك:
1.ئوقۇتقۇچىنى خىزمىتىدىن ئېلىپ تاشلاپ، ئەدلىيە ئورۇنلىرىنىڭ قانۇن بويۇنچە بىر تەرەپ قىلىشىغا تاپشۇرۇش.
2.مەكتەپ پارتكوم شۇجىسى ۋە ئەخلاق تەربىيەگە مەسئۇل مۇئاۋىن مۇدىرنى ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلاش،مەكتەپ مۇدىرى سەۋەنلىكىنى ئۈستىگە ئېلىپ ئىستېپا بېرىش.شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ۋەزىپىسىنى تەڭشەش.
3.شەھەر رەھبەرلىرى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىن كەچۈرۈم سوراش.
4.ۋىلايەت،شەھەرنىڭ خىزمەت گۇرۇپپىسى مۇشۇ مەكتەپنى تەكشۈرۈش
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم قۇمۇلدىكى مائارىپ تارماقلىرى ئالى ئوتتۇرا تېخنىكوم، ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ مەسئۇللىرىنى يىغىپ مەكتەپلەرنىڭ ئەخلاق تەربىيىسىنى كۈچەيتىش ۋە مەكتەپ بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇش،ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىلىرى توغرىسىدا تەكشۈرۈش ۋە تەتقىق قىلىش يىغىنى ئاچتى .يىغىندا ھەرقايسى مەكتەپلەردىن سەۋەنلىكتىن ئاچچىق ساۋاق ئېلىپ، تۈزۈلمە قۇرۇلۇشى ۋە ئىچكى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش،بولۇپمۇ ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنىڭ ئەخلاق ئىستىلىنى كۈچەيتىش ،ئوقۇغۇچىلارغا بىخەتەر ئۈگۈنۈش ۋە تۇرمۇش مۇھىتى يارىتىش تەلەپ قىلىندى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن توردا >قۇمۇل8-ئوتتۇرا مەكتەپ ئەخلاق تەربىيە باشقارمىسىنىڭ مۇدىرى 徐فامىلىلىك ئوقۇغۇچىلارغا باسقۇنچىلىق قىلىپ تۇتۇلدى<دەپ مىش-مىش پاراڭ بولغان بولۇپ،توردا تارقالغان گەپتە ئو ئوقۇتقۇچى 26ئوقۇغۇچىغا باسقۇنچىلىق قىلغان دېيىلگەن.
مۇخبىرنىڭ ئەھۋالنى بىلىدىغانلاردىن ئىگەللىشچە ئۇ ئەر ئوقۇتقۇچى40ياشقا يېقىنلاشقان بولۇپ،بىر قىزى بار ئىكەن.ئۇ بۇنىڭدىن بۇرۇن مەكتەپنىڭ تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان بولۇپ،كېيىنچە مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيە باشقارمىسىغا مۇدىر بولۇپ،ئوقۇغۇچىلار ئەخلاق تەربىيىسىگە مەسئۇل بولغان.
مۇشۇ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ چىقىپ كەتكەن،ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىرەيلەننىڭ دېيىشچە ئۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ 2008-يىلى تەنتەربىيە ئوقۇتقۇچىسى بولغان ۋاقىتتىن باشلاپلا قىز ئوقۇغۇچىلارغا پەسكەش قىلىقلىرى بار ئىكەن.
بالىسى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بىر ئائىلە باشلىقى مۇنداق دېدى:بۇ ئىش مېنى قاتتىق غەزەپلەندۈردى ھەم كۆڭلۈمنى سوۋىتتى. ئوقۇغۇچىلارغا مەسئۇل بولىدىغان ئوقۇتقۇچى،ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەخلاق تەربىيەگە مەسئۇل ئوقۇتقۇچى تۇرۇپ قىلغان ئىشى مۇشۇ، قىزلىرىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە كىم مەسئۇل بولىدۇ،ئاتا-ئانىلار قانداق خاتىرجەم بولىمىز؟
باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغان ئوقۇغۇچىلار26ئىكەن دېگەن توردا تارقالغان مىش-مىش گەپكە نىسبەتەن قۇمۇل شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى ئىپادە بىلدۈرۈپ:نۆۋەتتە قانچە ئوقۇغۇچىنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس،چۈنكى سوراق قىلىنىۋاتىدۇ.دېدى. قۇمۇل ۋىلايەتلىك پارتكوم ئىپادە بىلدۈرۈپ،دېلونىڭ تەرەققىياتى ۋە بىرتەرەپ قىلىنىش نەتىجىسىنى ۋېلكوم ئادىل ۋە ئوبيېكتىپ ھالدا خەلققە ئېلان قىلىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدۇ، ئەخلاقسىز ئوقۇتقۇچىلارنى چوقۇم قاتتىق جازالايدۇ دېدى.
قۇمۇل شەھەرلىك8-ئوتتۇرا خەنزۇ تىلىدىكى پۈتۈن كۈنلۈك ئوتتۇرا مەكتەپ بولۇپ، قۇمۇل فۇشىڭ يولى11قورود(复兴路)ا،بۇرۇنقى ئىسمى قۇمۇل تۆمۈر يول مەكتىپى بولۇپ،1960-يىلى 7-ئايدا قۇرۇلغان بولۇپ ئۈرۈمچى تۆمۈر يول ئىدارىسى باشقۇرىشىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپ.2004-يىلى قۇمۇل شەھىرىنىڭ باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بېرىلىپ ئىسمى قۇمۇل شەھەرلىك 8-ئوتتۇرا دەپ ئۆزگەرتىلگەن ئىدى.
مەنبە:تېڭشۈن تورى[align=justify]http://www.qq.com/a/20111122/000003.htm?qq=0&ADUIN=811488821&ADSESSION=1321937054&ADTAG=CLIENT.QQ.3067_.0
|
|