قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2906|ئىنكاس: 11

كەبىگە پەرىشتە چۈشتى دېگەن فىلمنى ئالىملار يالغانلىدى!

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-22 22:46:19 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەبىگە پەرىشتە چۈشتى دېگەن فىلمنى ئالىملار يالغانلىدى!

مەدھىيە ئاللاھقىدۇر.
يېقىندا ئىنتېرنېت Facebook, youku ئىجتىمائىي تورى ۋە فىلم تورلىرىدا كەبە شەرىفكە پەرشتە چۈشكەنلىكى، ئۇنىڭدىن بۇرۇن مەسجىدۇل ئەقساغا ۋە باشقا ماكانلارغا پەرشتە چۈشكەنلىكىنى كۆرسىتىدىغان ۋىدىئولار تارقىتىلدى. مەسىلەن، پەلەستىن ۋە ئېراق خەلقىنىڭ ئىسرائىل ۋە ئامېرىكا تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى كۈرىشىنى قوللاش يۈزسىدىن قىلىنغان نامايىشتا بەزىلەر جەبرائىل پەرىشتەنىڭ ئاسماندىن چۈشكىنىنى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام(ئاللاھ ئۇنىڭغا ئالقىش ۋە ئامانلىق بەرسۇن)نى ۋە ئۇنىڭغا ھەمراھ بولغان نۇرغۇن پەرشتىلەرنىڭ نامايىشقا مەدەت بەرگەن ھالدا كۆرگەنلىكىنى دېيىشكەن. بولۇپمۇ يېقىندا تارقاتقۇچىسى: ھەرەمدە ناماز ئۆتەۋاتقانلارنىڭ ئۈستىگە پەرشتە چۈشكەن، كەبىگە بىر نۇرسىمان جىسىمنىڭ قونغانلىقى ئاندىن نۇرسىمان جىسىملارنىڭ كۆككە ئۆرلىگەنلىكىنى كۆرسەتكەن ھەمدە بۇ نۇرسىمان جىسىملارنى پەرىشتە دەپ دەۋا قىلغان بۇ قىسقىغىنە ۋىدىئو ئىنتېرنېت يۈزىدە تارقىتىلغاندىن كېيىن ئەرەب ۋە ئىسلام دۇنياسىدا چوڭ غەۋغا قوزغىدى. بۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر بۆلۈك دىن ئالىملىرى پەرشتىلەرنىڭ ئىنسان كۆزىگە ئۆز شەكلىدە كۆرۈنۈش ئىھتىماللىقىنى قۇرئان ئايەتلىرى ۋە ھەدىس شەرىفلەر بىلەن ئىنكار قىلدى. ئاخبارات ۋاسىتىلىرنىڭ دوكىلاتىغا كۆرە ئىسلام ئۆلىمالىرىدىن بىرى بولغان ئەزھەر شەرىفتىكى ئالىم بۇ ئىشنى ئەمەلىيەتتىن يىراق سانىغان ھەمدە پەرشتىلەرنى كۆرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
ھەممىگە مەلۇمكى پەرشتىلەر نۇردىن يارىتىلغان، پەيغەمبەردىن بۆلەك ھېچكىمنىڭ ئۇلارنى ھەقىيقى سۈرىتىدە كۆرگەنلىكىنى دەۋا قىلىشقا قەتئىي بولمايدۇ. ئەمما پەرشتىلەر ئادەملەردىن بىرىنىڭ قىياپىتىدە كۆرۈنۈشى مۇمكىن، خۇددى جەبرائىل پەرشتە سابىلەرگە ئادەم سۈرىتىدە كىلىپ ئۇلارغا دىنى تەلىم بەرگىنىدەك، بۇخىل كۆرۈنۈش ئادەتتىكى ئادەملەردىن ھەركىمگە كۆرۈنۈشى مۇمكىن. چۈنكى بۇھەقتە پەيغەمبىرىمىزنىڭ ھەدىسلىرىدە كۆپلىگەن ئەسەرلەر بار، ھەمدە بۇرۇنقى ئۈممەتلەردىمۇ پەرشتىلەرنىڭ ئادەم سۈرىتىدە كۆۈرۈنگەنلىكى ھەققىدە نۇرغۇن بايانلار بار، مەسىلەن: ئىبراھىم ئەلەيھىسسەلامنىڭ مىھمانلىرى، لۇت ئەلەيھىسسەلامغا كەلگەنلەر؛ تاز، ئەما ۋە بەرەس ئۈچ كىشىنى سىناش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن ئادەم سىياقىدىكى پەرىشتىگە ئوخشاش.
ئومۇمەن پەرشتىلەر جىسمى زور نۇرانى خەلق، يەنى نۇردىن يارىتىلغان، نۇر خۇسۇسىيەتلىك يارىتىملار بولغاچقا، ئىنسانلار ئۇلارنى ئىنسانى كۆزى بىلەن كۆرۈش ئاللاھ تەرەپتىن مۇمكىن قىلىنمىغان. پەيغەمبىرىمىزمۇ جەبرائىل پەرشتىنى پەقەت ئىككىلا قېتىم ئاللاھنىڭ ئىزنى بىلەن ئۆز سۈرىتىدە كۆرگەن. ئۆزىنىڭ مۇكەممەل ئەقلى ۋە دىنى بىلەنمۇ ئۇنى ئۆز شەكلىدە كۆرۈشكە تاقەت قىلالمىغان. دەسلەپكە ۋاقتلاردا ئۇنى كۆرگەندە نەچچە قېتىم شۇنداق قورقۇپ كەتكەن ۋە ھەتتا ئۆيگە قايتىپ تىترەكتىن يېپىنچىغا يۆگىنىۋالغان. ھەر قېتىم ۋەھىي ئەكەلگەندىمۇ شۇنداق تەر بىسىپ كەتكەنلىكى ھەدىيس كىتابلىرىدا قەيت قىلىنىدۇ. پەيغەمبىرىمىز بۇ ھالدىكەن، بۇ كۆردۈم دېگۈچىلەر ئۇلارنى كۆرۈشكە قانداق تاقەت قىلالىغان؟
شەيخ ئۆمەر ئەشقەر مۇنداق دېدى:
پەرشتىلەر ئاللاھ ياراتقان نازۇك نۇرانىي بىر خەلقتۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانلار ئۇلارنى كۆزى بىلەن كۆرەلمەيدۇ. خۇسۇسەن ئاللاھ كۆزلىرىمىزگە بۇنى كۆرۈشكە كۈچ-قۇۋۋەت بەرمىگەن. بۇ ئۈممەت ئىچىدە پەيغەمبىرىمىزدىن( ئاللاھ ئۇنىڭغا ئالقىش ۋە ئامانلىق بەرسۇن) باشقا ھېچكىم پەرشتىلەرنى ھەقىيقى سۈرىتىدە كۆرۈپ باققان ئەمەس. ئۇمۇ جەبرائىلنى ئاللاھ ياراتقان ئۆز شەكلىدە ئىككى قېتىملا كۆرگەن. ئايەتلەر ئىنسانلارنىڭ پەرشتىلەرنى پەقەت ئىنسان قىياپىتىگە كىرگەندىلا كۆرەلىگەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. <<عالم الملائكة الابرار ، 11 >>

ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ۋېدىئونى تېختىكا جەھەتتىن ئىلمى ئانالىز قىلغانلار دېدىكى: بۇ ۋېدىئونى تارقاتقۇچى ۋېدېئوغا تەييار رەسىملەرنى كىرۈشتۈرش ئۇسۇلىغا تايانغان، ھەمدە ئايلاندۇرۇش(Transition) ۋە فىلتىرلەش(Filter) تېخنىكىسى، ۋە ئۇ ئىككىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇش، مۇكەممەل بىر كۆرۈنۈش ھاسىل قىلىش ئۈچۈن كۆرمە ئېففېكتى(Visual effects) قوللانغان. شۇنداقتىمۇ بەزى ئەيىبلەرنى يوشۇرالمىغان:  مەسىلەن،  كىشىنىڭ بۇ ۋېدىئودىكى ھالەتتە ئۇ جىسمنى كۆرەلىشى مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى قارىغۇچىغا نىسبەتەن چۈشۈش ۋە ئۆرلەش بۇلۇڭلىرى بۇ مۇساپىنى قاپلىيالمايدۇ. مەسىلەن، سىز بىر ئايرۇپىلاننى كۆرمەكچى بولسىڭىز، ھەئە دەل مۇشۇ رەسىمدىكىدەك كۆرمەكچى بولسىڭىز، قانداق قىلاتتىڭىز؟  ئىلمىي ۋە ئەمەلىي جەھەتتىن ئېيتقاندا ئۇ جىسىمنى بۇ ھالەتتە كۆرۈش مۇمكىن ئەمەس.
ۋېدىئودىكى ئادەم يۈزىنى تۇيۇقسىز بۇرىغاندا، جىسىم تېخى كۆزىگە كۆرۈنمىگەن بولىدۇ،  بەلكى مۇئەييەن ۋقىتتىن كېيىن كۆرۈنىدۇ. ئۇنداقتا ئۇ جىسىمنىڭ كۆرۈنىدىغىنى قانداق بىلگەن؟
خۇلاسە كالام: بۇ فىلىمدىكى كۆرۈنۈش ساختىدۇر، پەرشتە كۆرۈندى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام كۆرۈندى دەپ دەۋا قىلىش قۇرئان ۋە ھەدىس ھۆكمىگە كۆرە خاتادۇر.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئىنتېرنېت تورىدا ئاساسسىز خەۋەرلەرنى تارقىتىشتىن ھەزەر ئەيلەڭلار. چۈنكى پەيغەمبەر(ئاللاھ ئۇنىڭغا ئالقىش ۋە ئامانلىق بەرسۇن) مۇنداق دېگەن: ئىنسانغا، ئىشتكەنلىكى خەۋەرنى تارقىتىشى ئۇنىڭ يالغانچى بولۇشىغا يېتەرلىكتۇر دېگەن.
ئاللاھ بىزنى توغرا ئېتىقادتا، توغرا يولدا تەۋرەنمەي يۈرۈشكە نېسىپ قىلسۇن!


http://4islam.blogbus.com/

1

تېما

0

دوست

65

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   21.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4518
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 65
تۆھپە : 38
توردىكى ۋاقتى: 15
سائەت
ئاخىرقى: 2011-12-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 04:29:09 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يالغانچىلىق ھامىنى ئاشكارلىنىدۇ .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

722

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   44.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4408
يازما سانى: 31
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 170
تۆھپە : 105
توردىكى ۋاقتى: 36
سائەت
ئاخىرقى: 2014-2-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 11:54:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە گاڭگىراپ قالغانتىم ،رەھمەت.
بېشىڭ كەتسىمۇ ھەق سۆزلە!

yahxilik kilalmisangmu yamanl

1

تېما

9

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   3.53%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2771
يازما سانى: 594
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2108
تۆھپە : 2073
توردىكى ۋاقتى: 823
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-7
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 12:07:50 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلكىم بۇنى مۇشۇنداق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى چۇشىنەلەيدىغانلار  تەتقىق قىلىپ، چۇشەندۇرۇپ بەرمىسە بىز قاراپلا ئولتۇرىدىكەنمىز شۇ . يالغان خەۋەرلەرنى تارقاتقۇچىلار خۇدانىڭ جازاسىغا ئۇچراشتىن قورقمايدىغانمىدۇ ؟

1

تېما

0

دوست

4633

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   87.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3746
يازما سانى: 231
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1003
تۆھپە : 738
توردىكى ۋاقتى: 347
سائەت
ئاخىرقى: 2015-2-20
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 12:27:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ توغرىسىدىكى تېمىغا ئىنكاسىمنى يازغانىدىم، قارىسام بەزىلەر ئىشىنىپلا قاپتىكەن، بىزنى قەستەن كولدۇرلىتىش ئۈچۈن، بىر قىسىم كاپىرلارنىڭ قىلغان ئىشى بۇ، ھەممە ئىشقا ياقىمىزنى تۇتۇپ، ئاھ-پاھ دەپ كەتمەي، ئاللانى ياد ئېتىپ ئىلىم ئىگىلەيلى.

251

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35
يازما سانى: 1277
نادىر تېمىسى: 6
مۇنبەر پۇلى: 8342
تۆھپە : 5069
توردىكى ۋاقتى: 1843
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-9

تۆھپىكار باشقۇرغۇچى تۆھپىكار ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 13:19:52 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوقۇرمەنلەر زېرەك بولسۇنكى، تېما پەرشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ھەققىدە ئەمەس ، بەلكى فىلىمنىڭ ساختىلىقى ھەققىدە!!
جەبرائىل ۋە پەرشتىلەرنىڭ چۈشۈشى ھەققىدە سۈرە قەدر 4-ئايەت دەلىل بولۇپ، ھېچكىم بۇ ھەقتە تارتىشماس.
فىلىمدىن كىلىپ چىقىقان مەسىلە: نادان كىشىلەر تەرىپىدىن ئويدۇرۇلغان نۇرسىمان جىسىملارغا پەرشتىلەر دەپ ئىسىم قويۇپ، مۇبارەك كۆزگە كۆرۈنمەس پەرىشتىلەرنىڭ، ھەتتا چوڭلۇقىدىن ئۇپۇقنى قاپلىغان 600 قاناتلىق زور پەرىشتىنى كەبە ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىغا چۈشتى دەپ كىشىلەرنىڭ ئەقلى ۋە ئىمانىنى ئاللاھنىڭ پەرىشتىنى ئۆز سۈرىتىدە كۆرۈنمەيدىغانلىقى، بەلكى كۆرۈنسە ئىنسان قىياپىتىدە كۆرۈنىدىغانلىقىدىن ئىبارەت كالامى ھەققىدە ئىككىلەندۈرۈش؛ ئەقلىمىز تەسۋىرلىيەلمەيدىغان پەرشتىلەرگە يېڭىچە سۈرەت ۋە شەكىل بىرىش ئارقىلىق قۇرئان ۋە ھەدىيستىن ئېرىشكەن پەرىشتە ئوبرازىنى باشقا بىر ئوبرازغا ئۆزگەرتىش ۋەھاكازالاردۇر.
ئەگەر تېخىمۇ بىلەي دېسىڭىز:
http://islamqa.com/ar/ref/70364
http://yamazaj.com/news/84406
http://alhilalnews.net/admin/art ... 7&type=news

1

تېما

0

دوست

314

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4384
يازما سانى: 12
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 75
تۆھپە : 45
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-3-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-23 13:43:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەممىنى بىلگۇچى اللاھ يالغانچىنىڭ قۇيرۇغى بىر تۇتام

0

تېما

0

دوست

5

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   1.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2559
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 3
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2011-11-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 00:19:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەبىگە پەرىشتە چۈشتى دىگەن سۇرەت يوقو ئۇ نەدە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )