قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1178|ئىنكاس: 7
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ﮪﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ: سالامەتلىككە دىققەت قىلىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

11

تېما

0

دوست

1441

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   44.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  51980
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 57
تۆھپە : 586
توردىكى ۋاقتى: 41
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-30
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-26 04:28:32 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

ﮪﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺋﺎﻟﻐﺎ ﻗﺎﺭﺍﭖ، ﺋﺎﻟﻐﺎ ﺑﺎﺱ
(ﮪﯧﺮﺑﯧﺮﺕ ﻧﯧﯟﺗﻮﻥ ﻛﺎﺳﺴﻮﻥ )
ﺗﻪﺭﺟﯩﻤﻪ ﻗﯩﻠﻐﯘﭼﻰ: ﮪﻪﺑﯩﺒﯘﻟﻼ ﺋﺎﺑﻠﯩﻤﯩﺖ

4. سالامەتلىككە دىققەت قىلىڭ

سالامەتلىكنى قوغداش ئۈچۈن بىرىنجى قىلىدىغان ئىش، ۋۇجۇدىڭىزنى بىلىشىڭىز ۋە ئۇنى تونۇشىڭىز لازىم. چۈنكى ئادەملەر ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىلىملەرگە ئىگە بولغانلىرى ناھايىتى ئاز.
ئىنساننىڭ بەدىنى بىر موتورغا ئوخشايدۇ. ئوزىنىڭ ۋەزىپىلىرىنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىچى بىلەن تېشىنى پاكىز تۇتۇشقا توغرا كېلىدۇ. بەدەندىكى ئورگانلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ ئايرىم-ئايرىم ۋەزىپىلىرى بار. بۇ ئورگانلاردىن بىرەسى بۇزۇلسا، ئۇنىڭ ئورنىغا قويىدىغان زاپاس بىرسى يوق. مۇشۇ سەۋەپتىن مېيىپ بولۇپ قىلىشىڭىز مۇمكىن.

ئىنسانلار سالامەتلىككە دىققەت قىلىشى لازىم. ئىشلەش، ئالغا ئىلگېرلەش ۋە ھىزمەت قىلىشنى ئويلۇغان ھەر بىر ئادەم سالامەتلىگىنى قوغداشنى بىلىشى ۋە ئۈگۈنۇشى لازىم.
سالامەتلىگىڭىز ياخشى بولمىسا، مىڭلەرچە ئادەملەر قىلىۋاتقان ئىشلاردا ئارقىدا قالىسىز. خوجايىنلار بۇ ئەخۋالغا قاراپ „سالامەتلىگىڭىز ياخشى بولسۇندە، ئۇ چاغدا مائاشىڭىزنى ئۆستۇرىمىز“ دەيدۇ.

بۈگۈنكى كۈندە بىرمۇنچە ئادەملەر، سالامەتلىگىگە دىققەت قىلمايدۇ، بۇلارنى يارىم ساغلام ئادەملەر دەپ ھەساپلايمىز. بۇلار بەدەننىڭ سالامەتلىگىنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمنەيدۇ. قېرىش سەۋەبىدىن ئۆلىدىغانلار، ئومومى ئۆلۇم نىسپىتىنىڭ ئاران 3% ئىگەنلەيدۇ، سالامەتلىكنى قوغداشنى بىلمىگەنلىكتىن ئۆلۇدىغانلار 97% ئىگەنلەيدۇ. بۇ خىل ئەخۋال بىزنى ناھايىتى مۇھىم بولغان بىر ئەمەلىيەت بىلەن تەمىنلەيدۇ.
ھەربىر ئىنسان 65 ياشقىچە ئۆزىنىڭ سالامەتلىگىنى قوغدىيالايدۇ. داڭلىق سودىگەرلەردىن جوھن ۋاناماكەر 84 ياشقىچە ياشىغان بولۇپ ئۆمرىنىڭ ئاخىرغىچە ئىشلىگەن. گلاندستونە 86 ياشتىمۇ ئئەنگلىيەنىڭ باش ۋەزىرى بولغان. 95 ياشتىكى بىر ئىڭېنىرنىڭ ئىش ئۇستىلىنىڭ ئالدىدا تۇرۇپ چىرتوج سىزغانلىغىنى كۆرگەن مەن.

ئىنساننىڭ بەدەنىدە 200 ئۇستىخان، 400 دەك مۇسكۇل بار. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۆمۇرتقىنى ئاساس قىلىپ ئورۇنلاشقان. ئۆمۇرتقا ئۇستىخىنى 24 پارچىدىن تۇزۇلگەن بولۇپ بۇلار بىر ئېلېكترونلۇق مېڭە تورىغا ئوخشاش تۇتاشقان.

كاللىمىزنىڭ ئىشلىشىنى ئاسانلاشتۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدىغان 20 مۇسكۇل بار. ئومۇرتقىنىڭ ئىشلىشى بىلەن  تەڭپۇڭلىقىنى ساقلايدىغان مۇسكۇللارنىڭ سانى 144 كىچە.

ئۇستىخانلار ئادەم بالىسى 20 ياشقا كىرگۇچە قاتىدىغانلىغى ئۈچۈن. بالىلارنى ئېغىر ئەمگەك ۋە ئۇلارنى چارچىتىشنىڭ ئۆزى توغرا ئەمەس. ئىنساننىڭ بەدىنىنىڭ ئەڭ كۈچلۇك بولىدىغان ۋاختى 25 - 40 ياش ئارلىغىدا.
ئۇستىخان جانلىق بولغان كىچىك ھۈجەيرىلەردىن مەيدانغا كەلگەن. بۇ ھۈجەيرىلەر ئوستە ئوبلاستلار دەپ ئاتىلىدۇ. بۇلاردىن مىڭلارچىنى بىر رەتكە تىزساق ئاران بىر سانتىمېتىر يەرنى ئىگەنلەيدۇ. ئۇستىخان خۇددى بىر ھەرە ئۇۋۇسىغا ئوخشايدۇ. ھەر بىر ھۈجەيرىدە مىليونلارچە ھەرە بار.
ئۇستىخان ھەم كۈچلۇك ھەم يەڭگىل ھەمدە ئۆزىنى ئۆزى ياسايدىغان ھالەتتە يارىتىلغان. ئۇستىخان؛ پولات. تۆمۇر ۋە تاختەيلەردەك ماددىلارنىڭ ھەممىسىدىن بەتەر كۈچ بېرىدىغان بىر ماددىدۇر.

مۇسكۇل مىڭلەرچە كىچىك سىلىندېردىن ۋە ھەر بىر سىلىندېر بولسا  كىچىك قارا ۋە ئاق شارچىلىرىدىن تۇزۇلگەن. بۇ سىلىندېرلار كىڭىيىدۇ ھەم تارىيىدۇ. بۇلار بىر نېرۋىن ئەۋەتكەن بۇيرۇققا ئاساسەن ھەركەت قىلىدۇ. بۇ شارچىلار قانداق قىلىپ بىرلىكتە ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى بۈگۈنگە قەدەر بىلەمىدۇق. بۇ تەبىئەتنىڭ سىرلىرىدىن بىرىدۇر.
مۇسكۇللار بولسا ئۇستىخانغا ئوخشاش كونىرمايدۇ، بۇلار قانچە ھەركەت قىلسا، شۇنچە كۈچلۇنۇپ بارىدۇ.
بىر ئادەمنىڭ كۈچى، بىر ئاتنىڭ كۈچىنىڭ يەتتىدىن بىرىگە( 1 / 7 ) تەڭ. ئەڭ كۈچلۇك بىر ئادەمنىڭ ياراتقان رېكوردى بىر ئات كۈچىنىڭ يېرىمىچىلىك بولۇشى مۇمكىن.

پاچاقلىرىمىزغا كەلسەك، بىر قەدەم بېسىش ئۈچۈن، يېرىم سېكۇنت ئىچىدە 54 دانە مۇسكۇل ھەركەتكە كىلىدۇ. پاچاقلىرىمىزغا بەك ئىشىنىپ كەتمەيلى. چۈنكى قازالارنىڭ كۆپى پۇتلىرىمىزنىڭ قېيىپ كېتىشىدىن ياكى قايرىلىپ كېتىشىدىن كىلىپ چىقىدۇ.

نېرۋىنلار ئىنسانلارنىڭ بەدىنىدىكى ئېلېكترونلۇق مېڭە سېستىمىسىغا ئوخشاشدۇ. پۈتۈن بەدىنىمىزگە تارقالغان نېرۋىن يوللىرى 300000 غا يېتىدۇ. ئىنسان بەدىنىدىكى پۈتۈن نېرۋىنلار سانى 180مىليون، يالغۇز كۆزىمىزدىكى نېرۋىنلارنىڭ سانى 18000.
نېرۋىنلارنىڭ ۋاستىسى بىلەن ئەۋەتىلگەن تېلېگراملار سېكۇنتتىغا 4 مىلى ( 1 مىلى = 1609 مېتېر)، يەنى سائەتىگە 14400 مىلى سۇرەت بىلەن ھەركەت قىلىدۇ. خۇددى ئېلېكترونلۇق تېلېگرامغا ئوخشاش.
مېڭىمىزدىن پۇتىمىزغا بىر بۇيرۇقنى ئەۋەتسە، بۇيرۇقنىڭ يېتىپ بىرىشى ئۈچۈن سېكۇنتنىڭ ئىككى يۈزدە بىرىچىلى (1 / 200 ) ۋاقىت كىتىدۇ. ئوتقا تېگە – تەگمەس قولىمىز ياكى تەككەن يېرىمىزنىڭ كۆيۇپ قىلىشىنىڭ سەۋەبى بۇدۇر.

تېرە بەدەننىڭ ئىسسىقلىق ھارارىتىنى ساقلايدۇ. بەدەندىكى ئىسسىقلىقنىڭ دۆرتەن ئۈچى  تېرە تۆشۇكچىلىرىدىن چىقىدۇ. تەر بەدىنىمىزنى مۇزلىتىدۇ. كۆپ ئەمگەگ قىلغان ئادەملەر نورمال تېرنىڭ 8 ھەسسىسىنى چىقىرىدۇ. ھېچ تېرلىمەيدىغان ئادەم سالامەتلىك تۇقتىسىدىن قارىغاندا ساغلام دىگىنى بولمايدۇ.

يۇرۇكىمىز بىر ئۆمۇر ھەرقانداق ۋاقىتتا بىز ئۈچۇن سوقۇلىدۇ.. يۇرۇگىمىز كېچە ۋە كۈندۇز بىر ئۆمۇر سائاتىگە 4320 قېتىم سوقىدۇ. ئولتۇرغان ۋاختىمىزدا مىنۇتىغا پومپىلىغان قان 5 لىتېر، ماڭغان چاغدا 20 لىتېر بولىدۇ.

بەدەندىكى نېفىت بولسا قېنىمىزدىن ئىبارەت. پەقەت بۇ نېفىت پارتلىماي كۆيىدۇ. ئۇنىڭ قانداق مۇسكۇلنى تەشكىل قىلغانلىغىغا قاراپ باقىدىغان بولساق بۇنى بىلەلەيمىز. بىز بۇنى „ ئوكسپىداسيون“ دەيمىز. پەقەت بۇنىڭ نىمە ئىكەنلىگىنى بىلمەيمىز. مۇسكۇللار قانچىلىك ھەركەت قىلسا  قان ئۇنىڭغا شۇنچىلىك
تېز كىتىدۇ. بۇ بىزنىڭ ھەركەت قىلىشىمىزنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئىكەنلىگىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق چاغدا قان ئايلىنىپ زەھەرلىك ۋە بەدىنىمىزدىن چىقىرىشقا تىگىشلىك بولغان ماددىلار يوقۇلىدۇ.

ئۆپكىمىز بىر مەشكە ئوخشايدۇ. قاندىكى كېرەكلىك ماددىلار كۆيدۇرۇلدۇ. ئۆپكىدە 6 مىليونغا يېقىن ھاۋا ھالتىلىرى بار بولۇپ، تۈبېركوليۇز كىسىلى  ئۆپكىمىزنى ئاسراپ ئىشلەتمىگەنلىگىمىزدىن كىلىپ چىقىدۇ.

خۇلاسلاپ ئېيتقاندا بەدىنىمىز بىر قان زاۋۇتى. ئۇزۇقلۇتىن قان ھاسىل بولىدۇ ۋە ساپ ھاۋا بىلەن ساپ بىر ھالەتكە كىلىدۇ. بەدىنىمىز دۇكانلار ۋە لابوراتۇرلار بىلەن تولغان بولۇپ ئەڭ مۇھىم لابوراتۇر جېگەرىمىز. چۈنكى ئوزۇقلۇقنىڭ سېرنىسى ئېلىپ ئۇنىڭدىن گۆش، قان، ئۇستىخان ۋە مۇسكۇل قىلىش ئۈچۈن يەنە سېرنە تەيارلايدۇ.

شۇنىڭ ئۈچۈنكى ئىنسان ۋۇجۇدى ھېچ توختىماستىن ئىشلەيدىغان موتورغا ئوخشايدۇ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ھېچ ئۆچۇپ قالماي يېنىپ تۇرىدىغان بىر مەش ئەلگە ئوخشايدۇ. پاسكىنا ھاۋادا ياشاپ، ۋىتامىنسىز قالساق مەش ئەلنى پار- پار يانمايدىغان ھالەتتە كۆرىمىز. مەلۇم بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن، دوختۇر سىزنىڭ كىسەل بولغانلىغىزنى ئېيتىدۇ.

بەدىنىمز ئوچاققا كۆمۇر ئېتىپ ياندۇرغان ئوتلارغا ئوخشايدۇ. ئاتىدىغان كۆمۇر ناچار بولسا ئوتنىڭ يانماسلىغىغا ھەيران قالمىساق بولىدۇ.
ئىنسانىڭ بەدىنى بىر ئېنېرگىيە مەنبەسى. سالامەتلىكنىڭ قانۇنىيىتى شۇنداق: ئېنېرگىيە ئېلىش، ئېنېرگىيە بېرىش. بەدىنىمىزنىڭ تۇراقلىغى ئۈچۈن ئېنېرگىيە ئالىمىز شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئېنېرگىيە ئاجىرتىمىز.

بىر كېسەلگە گېرىپتار بولۇشنى توختىتىۋالدىغانلار بەكمۇ ئاز. كېسەل بولدىمۇ ئۇنى تارتماستىن باشقا ئامال يوق. چۈنكى ئۇنى پۈتۈنلەي داۋالايدىغان دورولار بەك ئاز. ئانتىتوكسىنلارنىڭ بوغما كېسىلىگە، قىنىنىڭ بەزگەككە قارشى تەسىرى بارلىغىنى بىلىمىز. ھەر ئەتىگەندە بىر لىمون ياكى يارىم ئىستاكان ئۈزۈم سىرنىسىنىڭ رېماتىزىمغا پايدىسى بارلىغىنى بىلىمىز. ھەرقانداق يارىغا ئوكسىگېن ياكى باشقا تازلاش ئۈچۈن قوللىنىدىغان ماددىلارنىڭ داۋالاشتا ئىشلىتىدىغانلىغى ھەممىمىزگە مەلۇم. پەقەت ئەمەلىيەتتە داۋالاش ئۈچۈن كۆرسەتكەن تىرىشچانلىغىمىزنىڭ كۆپى تەخمىنلەرگە ئاساسەن قاۋاملىشىۋاتىدۇ.

ئەمەلىيەتتە كۆپ دورا ئېچىش ياخشى ئەمەس. چۈنكى بۇلارنىڭ پايدىسى بولغىنىغا ئوخشاش زېيىنىمۇ بار. مېجەزىمىز يوق چاغلاردا چوقۇم ئۆز كەسپىگە پۇختا، تەجرىبىلىك دوختۇرلارغا بېرىپ كۆرۇنىشىمىز لازىم.

سوغاق تېگىپ  يۆتۇلۇپ قالغاندا، كىشىلەر قانداق قىلىشىنى بىلىدۇ. زۇكامنى ساقايتىش ئۈچۈن ئىسسىق لىمون سىقىلغان چاي ئېچىمىز، ۋىتامىنك نى ئېچىپ تەرلىنىپ يېتىشىمىز كىرەك.

ئىنسان بەدىنى 5 نەرسىگە مۇختاج؛ „ئوزۇقلۇق“، „ھەزىم قىلىش“، „ئەمگەگ قىلىش“، „ساپ ھاۋا“، „ئۇيقا“
ئوزۇقلۇق؛ ئىنسان يېمەكلىكلەر بىلەن ۋۇجۇتنىڭ ئىھتىياجىنى قاندۇرىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئوزۇقلۇق ماددىلىرى يۇقۇرى، ۋىتامىن يۇقۇرى بولغان نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلىشىمىز كىرەك.
ئەمگەگ قىلىش بىرمۇچە كېسەللەرنىڭ شىپالىق دورىسى. ھورۇنلۇق ئىنساننى ھەرخىل نېرۋىن كېسەللەرگە گىرىپتار قىلىدۇ. بىكار يۇرگەن ئادەمنىڭ روھى كەيپىياتى ياخشى بولمايدۇ. شۇنداق ھورۇنلار باركى، ئىشلەشنى باشلاپلا كېسەلدىن ساقىيىپ، تەن سالامەتلىگى ياخشى بولۇپ كىتىدۇ. ئىنسان بەدىنىنىڭ ھەممە تەرىپىنى ئىشلىتىشنى ئويلايدۇ. ئىنساننى ئىش ئەمەس بەلكى ھورۇنلۇق بەلگىلىك ۋاقىت ئۆتكەندە ھەركەت قىلىۋاتقان ھۇجەرىلەرنى ئۆلتۇرىدۇ.

ئەگەر بىرسى ئەقىللىق ۋە ئىشچان بولسا تەغدىرلىشىمىز لازىم، ئەقىللىق ۋە ھورۇن بولسا غەپلەتتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ھەركەت قىلىشىمىز لازىم، ئەقىلسىز ۋە ئىشچان بولسا دىققەت قىلىشىمىز لازىم.
ساقلىنىشقا كىرەكلىك بولغان نەرسەن ھورۇنلىق. پەقەت ھەددىدىن ئارتۇق ئىشلەشنىڭ ئۆزىمۇ ھېچ ئىشلىمىگەڭە ئوخشاش ۋۇجۇتقا زېيان بىرىدۇ. قانچىلىك ئىشلىشىمىز توغرىسىدا ئىلىم ئادەملىرىمىز بۇ سۆزنى قىلغان: „ ئىنسان سائەتتە ئىككى مىل ئارلىققا ئۆز ئېغىرلىغىدىن بەشتەن ئۈچىنى توشالايدۇ، ئىنسان بۇنى قىسقا ئارلىقتا قىلالايدۇ“
دۇنيانىڭ ئەڭ كۈچلۇك ئادىمى بولغان تھوماس لەئاچ بىر قولى بىلەن 200 پفۇند (1 پفۇند = 500 گ )  كىلىدىغان نەرسىنى كۆتۇرۇپ دۇنيا رەكوردىنى ياراتقان.
سالامەتلىك نۇقتىسىدىن ئىيتقاندا ئىنساننىڭ كۈچىنى ئاشۇرۇشى بەك مۇھىم.چۈنكى يالغۇز مۇسكۇل سالامەتلىكنى بىلدۇرىدىغان مۇھىم ئامىل ئەمەس. تەنھەركەتچىلەرمۇ باشقىلاردەك ئۇزۇن ياشامايدۇ. ئەسلىدە مۇھىم بولغان نەرسە ۋۇجۇتنىڭ ئىچكى ئورقانلىرىنىڭ ساغلام بولۇشى ۋە كۇچلۇك بولىشىدا.

ئىشلىرىمىزنى ھارغىنلىق ھېس قىلماي قىلىشىمىز ئۈچۈن ئۇنى ئۆزىمىزگە يېقىنلاشتۇرىشىمىز لازىم. بىر ئادەم بىر كۈن كەشكىچە دەم ئالماستىن ئىشلىشى توغرا ئەمەس. ھەر كۈنى ئاز دىگەندە ئىككى سائەتنى دەم ئېلىشقا ئاجىرتىشىنىز لازىم. قانچىلىك كۆپ ئىشلىسەك شۇنچىلىك كۆپ دەم ئېلىشىمىز كىرەك.

ئەمدى ئالدىراقسانلىق، غەزەپلىنىش، قورقۇش، تۇيۇقسىز تېرىكىشتىن ساقلىنىشىمىز لازىم.ئىنساننىڭ كەيپىياتى بۇزۇلغان چاغدا بەدەننىڭ نورماللىغىمۇ تەڭ بۇزۇلىدۇ. چۈنكى كاللا بىلەن ۋۇجۇت بىربىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىزنىڭ بىئاراملىغىمىز ئوخشاش ۋاقىت ئىچىدە باشقا ئورگانلارنىڭ ساغلىقلىقىغا تەسىر قىلىدۇ. مېغە بەدىنىمىزنىڭ فىزىكىلىق ھەركەتلىرىگە قوماندانلىق قىلغۇچىدۇر.
كاللىمىزدا ئويلىغان ئويلار بىلەن پۈتۈن نېرۋىنلارنىڭ ناھايىتى يېقىن مۇناسىۋىتى بار. كاللىمىزنىڭ ساق بولىشى دوختۇرنىڭ ئالدىغا بىرىشنى ئازايتىدۇ. ھەركۈنى بىر ئاز كۆڭۇل ئىچىپ كۈلۇشىمىز ۋە خوشال بولىشىمىز لازىم. بۇلائە قاندا بولىدىغان قېزىل قان دانچىلىرىنى كۆپەيتىدۇ. خوشاللىق ۋە كەيپىيات ئىنساننى كېسەللەردىن قوغدايدۇ.

ھاياتىمىزنى كۈلۇپ، سۆيۇنۇپ ۋە خوشال بىر ھالەتتە ئۆتكۇزەيلى.
ئاللاھ ھاياتنىڭ قىممىتىنى بىلگەشكە، ئىنسانلارغا ھاياتلىق بەرگەن. ئاللاھ  بۇ ياخشىلىقنى بىلمىگەنلەرنى ئەسىرگە ئالغۇچىدۇر.
uyghuray

1

تېما

25

دوست

4082

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   69.4%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32550
يازما سانى: 312
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1241
توردىكى ۋاقتى: 669
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-30
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-26 16:05:25 |ئايرىم كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   satuk25 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-5-26 16:07  

ئاپتۇرنىڭ قۇرۇق شۇئاردىن خالى، پايدىلىنىش قىممىتى يۇقۇرى نادىر تېمىسىغا رەھمەت!

1

تېما

19

دوست

6478

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   29.56%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35011
يازما سانى: 527
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1968
توردىكى ۋاقتى: 338
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-30
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-26 18:59:43 |ئايرىم كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم...تېمىلىرىڭىز بىر-بىرىدىن ئېسىل بولغاچقا،ئەگىپ كېتەلمەي تۇلۇق ئوقۇپ چىقتىم...ھەقىقەتەن بەك ئەھمىيەتلىك تېمىكەن...،ئەمما ئۇچۇرلار زىيادە كۆپ بولغاچقا بىر ئاز چارچىتىپ قويىدىكەن....يەنە بىرسى ئىملانى بىر توغرا يازغان بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن...مەن نۇرغۇن سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئۇقالمايلا قالدىم...
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

0

تېما

0

دوست

1532

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   53.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  52031
يازما سانى: 122
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 470
توردىكى ۋاقتى: 58
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-28
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-26 23:46:04 |ئايرىم كۆرۈش
رەخمەت قىرىندىشىم يوللىغان يازمىڭىزغا،ئەلۋەتتە سالامەتلىكنى ئاسراش قوغداش ئىنتايىن موھىم چۈنكى سالامەتلىگىمىز ياخشى بولغاندىلا ئويلىغان مەنزىللىرىمىزگە غەلىبىلىك يىتىپ بارالايمىز.مىنىڭچە تەننىڭ ساخلىقىنى قوغداش بىلەن بىرگە چوقۇم قەلىپ پاكلىقىنىمۇ قوغداش ئاسراش تىخىمۇ موھىم دەپ قارايمەن چۈنكى ساغلام تەندە ساپ ئەقىل بولۇپلا قالماي بەلكى ساغلام قەلىپتە ساپ ئەقىل بولىدۇ،مۇشۇنداق بولغاندا ھاياتنىڭ ھەر ئىككى دۇنيالىقتا قىممىتىنى تاپقان بولىدۇ.

0

تېما

0

دوست

13

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   4.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69349
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 4
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-27 16:37:55 |ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل  

6

تېما

10

دوست

5433

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   8.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17417
يازما سانى: 424
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 1654
توردىكى ۋاقتى: 257
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-27 21:03:57 |ئايرىم كۆرۈش
satuk25 يوللىغان ۋاقتى  2016-5-26 16:05
ئاپتۇرنىڭ قۇرۇق شۇئاردىن خالى، پايدىلىنىش قىممىتى يۇق ...

0

تېما

0

دوست

155

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   51.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69533
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 32
توردىكى ۋاقتى: 0
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-30
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-5-30 02:09:53 |ئايرىم كۆرۈش
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )