ئىشلارنى مۇھىملىق دەرىجىسىگە ئايرىپ قىلىش
ئەليۈكسەل
2016-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى
غەربتە كەڭ تارقالغان بىر ھېكايە بار بولۇپ، ئۇنىڭدا بىر ئوقۇتقۇچىنىڭ سىنىپىدىكى بالىلارغا كۆرسەتكەن مۇنداق بىر تەجرىبىسى بايان قىلىنىدۇ:
ئوقۇتقۇچ بىر چوڭ قۇتا ۋە ئون نەچچە تال چوڭ تاشنى چىقىرىپ، بىر ئاز ھەپىلىشىش ئارقىلىق ھېلىقى تاشلارنىڭ ھەممىسىنى قۇتىنىڭ ئىچىگە سالىدۇ. ئاندىن بىر خالتا ئۇششاق تاشلارنى قۇتىغا تۆكۈپ، چوڭ تاشلارنىڭ ئارىلىقلىرىدىكى بوش ئورۇنلارنى تولدۇرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قۇتىنىڭ ئىچىگە قۇم قويۇپ، قۇتىنى سىلكىپ، چوڭ تاش ۋە ئۇششاق تاشلارنىڭ ئارىلىقلىرىنى قۇم بىلەن تولدۇرىدۇ. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ قۇتىغا سۇ قويۇپ، ئۇنى تولدۇرىدۇ.
يۇقىرىدىكى ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلاردىن: «بۇ تەجرىبە نېمىنى ئىسپاتلايدۇ؟» دەپ سورايدۇ.
بىر ئوقۇغۇچى: «سىزنىڭ تۇرمۇشىڭىز قىلىدىغان ئىشلار بىلەن قانچىلىك توشۇپ كېتىشىدىن قەتئىينەزەر، سىز يەنە ئازراق ۋەزىپىنى ئۆز ئۈستىڭىزگە ئالالايسىز»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
يەنە بىر ئوقۇغۇچى: «بىر ئىشنى قەدەم-باسقۇچلارغا بۆلۈپ ۋە پىلانلاپ ئېلىپ بېرىش ئۈنۈمنى ئەڭ يۇقىرى قىلىشتا ناھايىتى مۇھىم»، دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
ئۈچىنچى ئوقۇغۇچى بولسا: «بۇ تەجرىبە ئىشلارنى ۋە بىر ئىشنىڭ قەدەم-باسقۇچلىرىنى مۇھىملىق دەرىجىسى بويىچە ئايرىپ، ئاندىن ئەڭ مۇھىمىدىن باشلاپ قىلىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىدۇ. ئەگەر سىز چوڭ تاشلارنى ئالدى بىلەن بىر تەرەپ قىلمىغان بولسىڭىز، قۇتا ئۇششاق تاش ۋە ھۆل قۇم بىلەنلا توشۇپ كەتكەن بولاتتى»، دەيدۇ.
يۇقىرىدىكى جاۋابلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئورۇنلۇق تەرەپلىرى بار. ئەمما ئەڭ ئالدىدا چوڭ تاشلارنى تېپىپ چىقىش ۋە ئۇلارنى بىر تەرەپ قىلىش بىزگە بىر ئىنتايىن قىممەتلىك ئەقىلنى ئۆگىتىدۇ.
مەيلى خىزمەتتە بولسۇن ياكى ئۆز تۇرمۇشىمىزدا بولسۇن، ئەگەر بىز قىلىشقا تېگىشلىك ئەڭ مۇھىم ئىشلارنى تېپىپ چىقىپ، شۇلارنى ئەڭ ئالدىدا قىلىپ ياشايدىكەنمىز، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىز تولۇق ۋە نەتىجىلىك بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت، خىزمەت، دىنىي ھايات، قىزىقىش ۋە ساخاۋەت ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى بىزدىن ۋاقىت تەلەپ قىلىدۇ. بىز ئۆزىمىز ئۈچۈن قايسى ئىش ھەقىقىي تۈردە مۇھىم ئىكەنلىكىنى بېكىتمىسەك بولمايدۇ.
بىز كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ئۆزىمىزنىڭ ھەر بىر كۈنىنى كونترول قىلىشتىن، ھەتتا ئۆز ھاياتىمىزنىڭ يۆنىلىشىنى كونترول قىلىشتىنمۇ ۋاز كېچىپ، ئۆزىمىزنىڭ ۋاقتىنى قانداق ئۆتكۈزۈشنى يۈز بەرگەن ئەھۋال ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ بېكىتىشىگە تاشلاپ قويىمىز. شۇنىڭ بىلەن بىز ۋاقتىمىزنى ئالدىمىزغا قايسى ئىش ئەڭ ئالدىدا كەلگەن بولسا شۇ ئىشنى ئالدىدا قىلىش، ياكى كىم كۆزىمىزگە ئەڭ كۆپ كىرىۋالغان بولسا شۇ تەلەپ قىلغان ئىشلارنى ئالدىدا قىلىش بىلەن ئۆتكۈزىمىز.
ئەگەر بىز ئۆز تۇرمۇشىمىزدىكى «چوڭ تاش»، «ئۇششاق تاش»، «قۇم» ۋە «سۇ» لارنى پەرقلەندۈرمەيدىكەنمىز، بىز ئۈچۈن ھەقىقىي قىممىتى بار ئىشلارنى بىر ياققا قايرىپ قويۇشىمىز، ياكى ئۇلارنى ئۇنتۇلۇپ قېلىشىمىز مۇمكىن.
1-رەسىم:
--بىر يىلنىڭ قىممىتىنى مەۋسۇملۇق ئىمتىھاندىن ئۆتەلمىگەن بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراڭ.
--بىر ئاينىڭ قىممىتىنى بالىسى بالدۇر تۇغۇلۇپ قالغان بىر ئانىدىن سوراڭ.
--بىر ھەپتىنىڭ قىممىتىنى بىر ھەپتىلىك گېزىت مۇھەررىرىدىن سوراڭ.
--بىر كۈننىڭ قىممىتىنى 10 بالىسىنى باقمىسا بولمايدىغان كۈنلۈك ئىشلەمچىدىن سوراڭ.
--بىر سائەتنىڭ قىممىتىنى كۆرۈشمەكچى بولۇپ بىر-بىرىنى ساقلاپ تۇرغان بىر جۈپ مۇھەببەتلەشكۈچىلەردىن سوراڭ.
--بىر مىنۇتنىڭ قىممىتىنى پويىزغا كېچىكىپ قالغان بىر يولۇچىدىن سوراڭ.
بىر سېكۇنتنىڭ قىممىتىنى ماشىنا ۋەقەسىدە ھايات قالغان بىر كىشىدىن سوراڭ.
--بىر مىللىسېكۇنتنىڭ قىممىتىنى ئولىمپىك مۇسابىقىسىدە بىر كۈمۈش مېدالغا ئېرىشكەن كىشىدىن سوراڭ.
--ئۆزىڭىزدىكى ھەر بىر دەقىقە ۋاقىتنى قەدىرلەڭ!
پايدىلىنىش مەنبەسى:
[1] Michael Josephson: « Big Rock First»
[2] Unkown author: «TREASURE EVERY MOMENT THAT YOU HAVE!»
|