قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1183|ئىنكاس: 3

بۈگۈن پىكىر قىلدىڭىزمۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

5744

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2127
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1316
تۆھپە : 865
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-24 17:51:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈگۈن ئەقلىي تەپەككۈر قىلدىڭىزمۇ؟
ڧونون

 
بۇ توغرىسىدا ئەتراپىمدىكى دوسلار، تۇنۇشلار بىلەن كوپ قېتىم پىكىر ئالماشتۇرغان. باشقىلارنىڭ ھەم ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرىمنى ئوقۇش پۈتكەندىن كىيىن تورغا يازاي دەپ ئويلىغان، لىكىن ساقلاپ ئولتۇرسام باشقىلار يىزىپ بولغۇدەك. بۇيەردە يازغانلىرىم سىز بۇرۇن كۆرگەن يازمىلار، ئاڭلىغان پىكىرلەر، ياكى ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرى بىلەن ئوخشاش بولسا، بۇ <ئاقىللارنىڭ پىكىرلىرى ئوخشاش كىلىدۇ> دىگەن گەپ.
ئىنسان ئۇلۇغ يارالغان. ئەقلىي تەپەككۈر قىلالايدۇ. ئەركىن تاللاش قىلالايدۇ. باشقا مەھجۇداتلاردا بۇ قابىلىيەت بارمىدۇ؟ ئىنسان توغرا ياخشى ئشلارنى قىلالايدۇ. يامان ئىشلارنىمۇ قىلىپ ئۆزى ۋە باشقىلارغا زىيان يەتكۈزۈپ گۇناغا پاتىدۇ
ئالامدىكى مەھجۇداتلارغا، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە ھەيران قالمايمىز. بەلكىم بۇلارنى كۈندە كۆرىۋاتقانلىقىمىز سەۋەبىدىن بۇلۇشى مۇمكىن. مەن دەيمەن بۇ بىزنىڭ بۇلار ئۈستىدە ئەقلىي تەپەككۇر قىلىپ باقمىغىنىمىزدا. بىركىملەردىن پالانى يەردە تاشتا ياكى دەرختە ﷲ دىگەن خەت باركەن دىگەندەك گەپلەرنى ئاڭلىغاندا ياقىلىرىمىزنى چىشلەيمىز. ھەيران قالىمىز. مەن دەيمەن ئالامدىكى مەھجۇداتلار، تەبىئەت قانۇنىيەتلىرى ئالدىدا بۇ قانچىلىك ئش ئىدى؟ كىچىكلىكىدىن تىلغا ئالغۇچىلىكى يوق. بىز ھىسىي تەپەككۇر قىلىشقا ئادەتلەندۇق. پەقەت بىۋاستە ھىس قىلغۇلى بۇلىدىغان ئشلارل بىزگە تەسىر قىلىدۇ. ئەقلىي تەپەككۇر لازىم بۇلىدىغان ئش-ھادىسلەر بىزنى جەلىپ قىلىش كۈچى يوق. بىز باشقىلار بايقاپ ئىسپاتلاپ بولغاندىن كىيىن، بۇ ئەسلى قۇرئاندا بار دەپ سۆزلەشكە ئامراق، لىكىن نىمە ئۇچۈن قۇرئاندا بار بولغان نەرسىنى بىز بۇرۇن بايقاپ ئىسپاتلىيالمىدۇق دىگەننى ئويلىمايمىز. <قۇرئان كەرىم> دىن ئالەمدىكى ھەممە سىرغا جاۋاپ تاپقىلى بولمايدۇ. ئەگەر بۇنداق بولسا ئەقلىي تەپەككۇر قىلالايدىغان مىڭىنىڭ يەنە نىمە كېرىگى؟
ئەقلىي تەپەككۇرنىڭ بىزدىن قانچىلىك يىراقلاپ كەتكەنلىكىنى بىلەمسىز؟ ئەگەر بىرسى يوق نەرسىنى كىتاپتا دىيىلگەن، رۇسۇللاھ دىگەن، ساھابىلار دىگەن دىسىلا، بىز ئەقلىي تەپەككۈرنى تاشلايمىز. قايسى كىتاپ، قايسى ھەدىس، ئىشەنچىلىكمۇ؟ قۇرئان بىلەن ئوخشاشمۇ دىگەنلەرنى ئويلىمايمىز. مەن بىرنەچچە مىسال قىلاي.
<سەن بۇ دۇنيالىقىڭ ئۈچۈن مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك ئىشلىگىن. ئاخىرەتلىكىڭ ئۈچۈن ئەتىلا ئۆلىدىغاندەك ئىبادەت قىل.> بۇ ھەدىس توغرىسىدا ئالبانىي رەھىمەھۇللە: بۇ ھەدىس سەھىھ دەپ تۇنۇلمايدۇ.يەنى رەسۇلۇللەتىن كەلگەنلىكى سەھىھ ئەمەس. كۆپلىگەن ئىماملار بۇ ھەدسنى بەكلا سۆزلەيدۇ. ھەتتا بەزى ‹ئالىملار› ‹ھىدايەت گۈلزارى› دىگەن كىتابتا(جۇڭگۇ مۇسۇلمانلىرى ژۇرنىلىنىڭ جەۋھەر تىمىلىرى جۇغلانغان ئىككى توملۇق كىتاب) بەك ئۇچرايدۇ مۇشۇنداق زەئىپ يالغان ھەدىسلەر. بۇنىڭدىن ئىھتىيات قىلماق لازىم.
.«قانداق بىر كىشى ھەج قىلسا ۋە مەن ئۈلۈپ كەتكەندىن كىيىن قەبرەمنى زىيارەت قىلسا،مىنى ھايات چېغىمدا زىيارەت قىلغان بىلەن ئوخشاش» ئىبنى تەيمىييە‹ئاجىز › دىگەن. ئالبانىي ‹تۇقۇلما› دىگەن.
«مەن ئەرەب،قۇرئان ئەرەپچە،جەننەت ئەھلىنىڭ تىلى ئەرەپچە» بۇ ھەدىس تۇقۇلما.
«ھەقىقەتەن ھەممە نەرسنىڭ يۇرىكى بار. قۇرئاننىڭ يۇرىكى سۈرە ياسىندۇر. سۈرە ياسننى بىر قېتىم ئوقۇغان كىشى قۇرئاننى ئون قېتىم تامام قىلغان بىلەن ئوخشاش»بۇ ھەدىس تۇقۇلما.
«قانداق بىر كىشى ھەر كىچىسى سۈرە ۋاقىئەنى ئوقۇسا مەڭگۈ نامراتلىق يەتمەيدۇ» بۇ ھەدىس زەئىپ.بۇ ھەدىسمۇ خەلقىمىز ئىچىدە ئىنتايىن مەشھۇر.
«ئىلىمنى جۇڭگۇدا بولسىمۇ تەلەپ قىلىڭلار»بۇ ھەدىس تۇقۇلما.بۇ ھەدىسمۇ ئارىمىزدا ئىنتايىن مەشھۇردۇر.


ئىسلام بىلەن پەن زىت ئەمەس. ئەگەر زىت بولغاندەك ھىس قىلسىڭىز، بۇ سىزنىڭ دىننى توغرا چۈشەنمىگىنىڭىز، ياكى پەننى خاتا چۈشەنگىنىڭىز. پەن بىلىمىڭىز اللا ياراتقان مەھجۇداتلارنى توغرا چۈشۈنىشتىن كەلگەن بولسا، بۇ دىن بىلەن زىت بولمايدۇ. ھەر ۋاقىت ئېسىڭىزدە بولسۇن اللاھ ياراتقان نەرسىلار بىر-بىرىگە ھەرگىز زىت بولمايدۇ. ئىسلام كىشىلەرنى ھادىسىلەرگە يۇشۇرۇنغان قانۇنىيەتلەر ئۈستىدە ئەركىن ئەققلىي تەپەككۇر قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىدۇ. مەسىلەن:
سۈرە ئال ئىمران، 191 ـ ئايەت
ئۇلار ئۆرە تۇرغاندىمۇ، ئولتۇرغاندىمۇ، ياتقاندىمۇ اﷲ نى ئەسلەپ تۇرىدۇ، ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ يارتىلىشى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ. (ئۇلار ئېيتىدۇ) پەرۋەردىگارىمىز! بۇنى بىكار ياراتمىدىڭ. سەن پاكتۇرسەن، بىزنى دوزاخ ئازابىدىن ساقلىغىن
سۈرە يۇنۇس، 100 ـ ئايەت
ھەرقانداق كىشى پەقەت اﷲ نىڭ ئىرادىسى بولغاندىلا، ئاندىن ئىمان ئېيتىدۇ، (اﷲ نىڭ ئايەتلىىرى ئۈستىدە) پىكىر يۈرگۈزمەيدىغانلارنى اﷲ ئازابقا گىرىپتار قىلىدۇ
سۈرە نەھىل، 11 ـ ئايەت
اﷲ سىلەرگە شۇ يامغۇر بىلەن زىرائەتلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، زەيتۇن، خورما، ئۈزۈم ۋە تۈرلۈك مېۋىلەرنى ئۆستۈرۈپ بېرىدۇ، چوڭقۇر پىكىر قىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن بۇنىڭدا ھەقىقەتەن (اﷲ نىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر بار.
سۈرە ساففات، 155 ـ ئايەت
پىكىر قىلمامسىلەر؟
(ھەممىنى يازمىدىم، يەنە باشقا ئايەتلەرمۇ بار)
دىمەك ھەركىم قۇرئان، ئەتراپىمىزدىكى شەيئىلەر ئۈستىدە دادىل، ئەركىن ئەقلىي تەپەككۇر قىلسا بۇلىدۇ، ھەم چۇقۇم قىلىشى كېرەك. ھازىرقى مائارىپ تۈزۈمگە كۆپ پىكىرلىرىمىز بار، باللارنىڭ يۈكىنى ئېغىر قىلىۋەتتى، ئىنىق جاۋاپنى بېرىپ ئىجاتجانلىقنى، ئەركىن تەپەككۇر قىلىشنى يوقاتتى دەيمىز. بىلسىڭىز كىشىلارنىڭ دىننى توغرا چۈشەنمەسلىكى ياكى بۇرمىلىشى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجاتجانلىقى، ئەركىن ئەقلىي پىكىر قىلىشى سۇزلاشتى. ئاز كىشىلەر دىننى چۈشەندۈرۈشنى مونوپول قىلىۋالدى. باشقا پىكىر قىلغانلارنى كۇپۇر دىدى. بىلىملىك كىشىلىرىمىزمۇ ئالدىغا كەلگەنلەرگە ئالدى بىلەن دىننى قانداق چۈشۈنۈش، ئاللاھ نى قانداق چۈشۈنۈش، قانداق ھىس قىلىش، قانداق پىكىر قىلىشلەرنى چۈشەندۈرمەيدۇ. بۇ ئەسلى ئىسلامدىكى مۇھىم ئىش ئىدى. ئايەت، ھەدىسلەرنى چۈشەندۇرگەندىمۇ <سەن قانداق ئويلايسەن؟ قانداق چۈشەندىڭ؟ پىكىرىڭ نىمە؟> بۇ ئاساستا بولمايدۇ. بىۋاستە جاۋاپنى بېرىدۇ، كىشىلەرنىڭ پىكىر قىلىپ بېقىشىغا پۇرسەت بەرمەيدۇ. نۇرغۇن سۇئالغا <قۇرئان كەرىم>، ئىشەنچىلىق ھەدىس كىتاپلاردىن جاۋاپ تېپىشقا بۇلىدۇ. لىكىن كىشىلەر تەييار جاۋاپقا ئۈگۈنۈپ كەتتى. ئەركىن تەپەككۇر قىلىشنى تاشلىدى. كىتاپ ئوقۇمايدۇ.
ئەقلىي تەپەككۇرنى تاشلاش، بۇگۈنكى ھالىتىمىزنىڭ بىر ئىپادىسى. توردا كۆرۈلگەن نۇرغۇن مەسىلىلارنى ئانالىز قىلساق، ئەقلىي تەپەككۇر نىڭ ئىنتايىن كەمچىل ئىكەنلىكىنى بايقايمىز. ئەركىن سىدىق ئەپەندى دىگەن ‹ھىسياتچان›، ‹ئالدىراڭغۇلۇق› ھىسسىي تەپەككۇرنىڭ ئىپادىلىنىشى. ئەقلىي تەپەككۇر نى ‹ئېغىر بېسىق بۇلۇش› دەپ ئاددىي چۈشەنسەك بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن. مىسال قىلساق ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنىڭ سەۋەبىنى دىن سۇزلۇشۇش، ئىللەت كۆپ، جۇغراپىيەلىك ئورۇن، خارەكتىر قاتارلىق جەھەتتىن چۈشەندۈرۈش ھەممىسى تۇلۇق ئەقلىي تەپەككۇر قىلماي، ھىسسىي تەپەككۇر قىلىشنىڭ نەتىجىسى. (بۇ توغرىسىدا كىيىنكى يازمىلاردا توختىلىمەن)
ئەقلىي تەپەككۈر قىلىش قابىلىيىتىڭىزنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇڭ،ماقالە، كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇڭ، ئوخشىمايدىغان پىكىردىكى ماقالە، كىتاپلارنى كۆپ ئوقۇڭ.
خۇلاسە!
بۈگۈن ئەقلىي تەپەككۈر قىلدىڭىزمۇ؟ ئەقلىي تەپەككۇر قىلىپ باقامدۇق؟
تۈگىدى(ئىزدىنىش تورىدىن)

25

تېما

0

دوست

6599

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.98%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1327
يازما سانى: 263
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1635
تۆھپە : 928
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2014-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-26 17:28:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزگە ياخشى  بىلىملەرنى  يەتكۈزۈپ  بەرگىنىڭىزگە تەشەككۇر .....   تۇغرا  ، ئىنسان تەپەككۇرسىز  بولسا ، ياكى تەييار تەپەككۇرلەرنىڭ  ئىسكەنجىسىدە  ياشىسا  ، ھاياتنىڭ قىممىتى قانچىلىك بولىدۇ...   تەپەككۇر  ئىنساننىڭ  ئۆزىنى تونىشىدىكى ، ئۆزلىككە يىتىشىدىكى  قۇرالى... سىز  ئۆزىڭىزنى ئىزلەاۋاتامسىز ،، ئۆزلىكىڭىزنى  تونۇشقا  ئىنتىلدىڭىزمۇ... نىمىگە قاراپ  ئوتۇرىسىز .... ئۆزىڭىز  ھەققىدە پىكىر قىلىڭ ..... تەپەككۇر قىلىڭ ..... .....  كاللىڭىز  پاللىدە ئېچىلىپ  توغرا تونۇش بىلەن  ئۆزلىكىڭىزنى  قولىڭىزغا ئالالايسىز .. ...
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

4

تېما

0

دوست

2127

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   4.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4355
يازما سانى: 84
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 518
تۆھپە : 298
توردىكى ۋاقتى: 43
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-11-27 16:29:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىنىمىز ئىسلام ھەرگىزمۇ قارغۇلارچە چۇقۇنۇشنى تەكىتلىمەيدۇ. بەلكى توغرا يۇلىنىشتىكى پاك ئەقىدىنى تەكىتلەيدۇ. جانابى پەيغەمبىرىمىز<<بىلىپ ماڭغانلار كۇندۇزى يول ماڭغان ئادەمگە ئوخشايدۇ، بىلمەي ماڭغان ئادەم كېچىسى ماڭغان ئادەمگە ئوخشايدۇ>> دەپ ناھايتىمۇ توغرا ئېيتىدۇ. تەپەككۇرقىلىپ كۇرۇڭ .كۇندۇزى مېڭىش بىلەن كېچىسى مېڭىشنىڭ پەرقى قانچىلىك؟
ئەلىخان

1

تېما

5

دوست

2884

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   29.47%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  29382
يازما سانى: 353
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 7
تۆھپە : 828
توردىكى ۋاقتى: 38
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-5
يوللىغان ۋاقتى 2014-7-11 19:38:34 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى توغرا ئېيتىلغان گەپلەر ئىكەن ..
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )