قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 1369|ئىنكاس: 22
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

قەيسەر مىجىت: ساقسىزلىقتا - ئاپەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

121

تېما

37

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   14.55%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  8451
يازما سانى: 187
نادىر تېمىسى: 64
مۇنبەر پۇلى: 1014
تۆھپە : 5639
توردىكى ۋاقتى: 340
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1

ئاكتىپ يېڭى ئەزا ھەركەتچان ئەزا قىزغىن ئەزا تېما ماھىرى نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئىجاتكار ئەزا مۇكاپاتى

مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش

ھەر يىلى ئىدارىمىز ئىشچى - خىزمەتچىلەرنى بىر قىتىملىق ھەقسىز ساغلاملىق تەكشۈرۈشكە ئۇيۇشتۇرىدۇ.
بۇ يىلـمۇ شۇنداق بولدى.  بۇ تەكشۈرۈشتە سەھىيە خادىملىرى خىزمەتچىلەرنىڭ قان بىسىمى، بەدەندىكى ماي تەركىۋى، بەدەن ئىغىرلىغى ۋە بوي ئىگىزلىگى قاتارلىقلارنى ئۆلچەيدۇ.

بۇ ساغلاملىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەر بىرىنىڭ ھەر كىشىنىڭ ساغلاملىغى ئۈچۈن ئالاھىدە مەنىسى بار. مەسىلەن، قان بىسىمىنى ئۆلچىگەندە، سىز چوقۇم سىستىرانىڭ 115/74 دەپ  يازغانلىغىنى كۆرگەن.

بۇ قان بىسىمىنى ئۆلچەشتىن كىلىپ چىققان سان بولۇپ 20 ياشتىن يۇقۇرى ساغلام ئادەمنىڭ قان بىسىمى
120/80 ئەتراپىدا بوىدۇ.
يەنى يۇقۇرى قىممەت 120 دىن تۆۋەن، تۆۋەنكى قىممەت 80 دىن تۆۋەن بولسا، بۇ كىشىنىڭ قان بىسىمى نورمال بولغان بولىدۇ.
بىر كىشىنىڭ قان بىسىمى ئۇزۇن مەزگىل  يۇقۇرى بولسا  شۇ كىشىنىڭ بۆرەك كىسىلى، يۈرەك كىسىلى ۋە مىڭىسىگە تۇيۇقسىز قان چۈشۈپ ئۆلۈپ كىتىشنىڭ ئىھتىماللىغى يۇقۇرى بولىدۇ.

بەدەن ئىغىرلىغى ۋە بوي ئىگىزلىگىنى ئۆلچىگەندىن كىيىن ھىساپلاپ چىقىلىدىغان يەنە بىر ساغلاملىق كۆرسەتكۈچى بار بولۇپ  ئۇ بەدەن ئىغىرلىغى كۆرسەتكۈچى دەپ ئاتىلىدۇ. بۇنى ھىساپلاشنىڭ ئۇسۇلى ناھايىتى ئاددى. يەنى ئالدى بىلەن بەدىنىڭىزنىڭ ئىغىرلىغىنى (ئىغىرلىق ئۆلچەم بىرلىگى ئۈچۈن كىلوگرام ئىشلىتىلىدۇ) ۋە بويىڭىزنىڭ ئىگىزلىگىنى ئۆلچەپ( ئۆلچەم بىرلىگى ئۈچۈن  مىتىر ئىشلىتىلىدۇ) ئاندىن بويىڭىزنىڭ ئىگىزلىگىنى ئۆلچەشتىن چىققان  ساننى كۇۋادىراتقا كۆتۈرۈپ بەدەن ئىغىرلىغىڭىزنى بوي ئىگىزلىگىڭىزنىڭ كۇۋادىراتىغا بۆلۈۋەتسىڭىزلا بەدەن ئىغىرلىغى كۆرسەتكۈچىگە ئىرىشسىز.

ئەگەر سىز ئىرىشكەن سان ئون سەككىز يىرىمدىن تۆۋەن بولسا سىزنىڭ ئاۋاقلىغىڭىز بىنورمال دىگەن گەپ. يەنى سىز  يىڭناغۇچتەك ئاۋاق ئادەم بولۇپ بۇ ياكى كىسەللىك تۈپەيلى ياكى تاپقان پۇلىڭىزغا  كىيىملا كەيگەن  ياكى ئايالىڭىز ئۆيدە ئوخشۇتۇپ تاماق ئىتىپ بەرمەيدىغان بىرسى سىز. بۇ سان ئون سەككىز يىرىم بىلەن يىگىرمە بەشنىڭ ئارىلىغىدا بولسا   ئىغىرلىغىڭىز نورمال ، ساغلام ئادەمسىز يەنى سىز بەدەن ساپاسىڭىزغا دىققەت قىلىدىغان ، سالامەتلىگىڭىزگە  كۆڭۈل   بۆلىدىغان ئىنسانسىز، ئەگەر
سىزنىڭ بەدەن ئىغىرلىغى كۆرسەتكۈچىڭىز 25- 30 نىڭ ئارىلىغىدا بولسا سىمىز ھىساپلىنىسىز يەنى «يىگىنى ئىچكەندەك، سوقا سەندەلدەك تۇرىمەن« دەپ ياكى تاماقنى كۆپ يەۋالىدىغان  ياكى ھەركەتنى ئاز قىلىدىغان ھورۇن بىرسى سىز. ئەگەر بۇ سان 30 دىن يۇقۇرى بولسا، سىز چوقۇمكى تولىمۇ كىلەڭسىز، «يەر شارى كۆتۈرەلمەمتى  مىنى:
دەپ بىغەم ياشايدىغان پوداق ئەرسىز ياكى «بودەكلىگىم - -گۈزەللىگىم«  دەپ ئايتىللا ئەلانىڭ ناخشىسىنى غىڭشىپ ئوقۇيدىغان خوشئاۋاز خانىمسىز. ...دىمەك،  كىشىلەرنىڭ بەدەن ئىغىرلىق كۆرسەتكۈچىنىڭ ھەر خىل بولۇشىدا ھەر خىل سەۋەپ بار.

ئۇيغۇرلاردا، تەن ساقلىق بىلەن ئورۇق - سىمىزلىكنىڭ مۇناسىۋىتىنى ، ئورۇق - سىمىزلىك بىلەن تۇرمۇش شارائىتىنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلاپ چۈشەندۈرىدىغان نۇرغۇن ھىكمەتلىك سۆز ياكى ئىبارىلەر بار.

«خوتۇن ياراشسا، ئەر سەمىرىدۇ«
مانا مۇشۇ سۆزنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇن مەنا بار. ئالدى بىلەن ئۇنىڭغا يوشۇرۇنغان مەنا ، دەل كۆلەم ئىگىلىگىنىڭ ئائىلىدە ئۆز ئىپادىسىنى تېپىشىدۇر. يەنى ئىلگىرى ئىيىغا 4000 يۈئەن مۇئاش ئالىدىغان بارات ھالاۋىدىننىڭ چىقىمى 3000 يۈئەن بولۇپ قالغان 1000 يۈئەننى تويى ئۈچۈن ئامانەتكە يىغىدۇ دەيلى، ئىيىغا 4000 يۈئەن ئالىدىغان تۇنىساگۈل خىراجىتىگە 3500 نى چىقىم قىلىپ (500 يۈئەننى نوركا پەلتۇغا يىغىدۇ دەيلى ) مۇبادا بۇ  ئىككىسى تېپىشىپ توي قىلسا توي قىلغاندىن كىيىن ئىككىسىنىڭ ئومۇمى كىرىمى 8000 يۈئەن بولۇپ چىقىمى 5000 يۈئەنگە چۈشۈپ ئامانەت قويىدىغان پۇلى 3000 يۈ.ەنگە كۆپىيىدۇ. نىمىشقا؟ چۈنكى ئەمدى ھەر ئىككەيلەننىڭ تۇرمۇش چىقىملىرى ئاددىسى ئۆي ئىجارىسى، توك، سۇ ۋە تاماق چىقىملىرى تىجىلىدۇ. مانا ئەمدى بويتاقچىلىقتا مۇئاشىنىڭ كۆپ قىسمىنى سىرتتا غىزالىنىشقا سەرپ قىلىدىغان بارات ھالاۋىدىن توي قىلغاندىن كىيىن ئايالى تۇنىساگۈلنىڭ ئوخشىتىپ ئىتىپ بەرگەن دىڭ دىڭ سومەنلىرىنى ، قوينىڭ قۇيرۇغىنى بىسىپ ئەتكەن پولولىرىنى ئىشتىھا بىلەن تويغۇدەك يەپ سەمىرىپ كىتىدۇ. دىمەك، «خوتۇن ياراشسا، ئەر سەمىرىدۇ« دىگەن سۆز ئاددىدەك تۇرغان بىلەن ئۇنىڭغا يۇقارقىدەك مەنا يوشۇرۇنغان.

تەنھا ئادەمگە قارىغاندا، ئائىلە قۇرغان كىشىلەرنىڭ ئىقتىسادى ئەھۋالىنىڭ نىسبەتەن ياخشىلىغىنى تەجىربىچىلىك ئۇسۇلىنى قوللىنىپ تەتقىقات ئىلىپ بارىدىغان ئىقتىسادشۇناسلار ئوتتۇرىغا قويغان. ئەلۋەتتە، بۇ يەردە كۆلەم ئىقتىسادىنىڭ رولى ئالاھىدە گەۋدىلەندۈرۈلگەن. يەنى يۇقارقى مىسالدىكىدەك.
ئەر - ئايال ئىككى تەرەپتىن كىرىم قىلىدۇ، لىكىن ئىككى ئادەمنىڭ چىقىمى  - بىر ئادەمنىڭ چىقىمىگە قارىغاندا سەللىمازالا  يۇقۇرى بولىدۇ مەسىلەن، ئۆي ئىجارىسىنى  بىر ئادەم تۆلىگەندىن ئىككى ئادەم تۆلىسە، ئەرزان ھەم يىنىك توختايدۇ.
پاتاڭ ئادەم - چىداملىق كىلىدۇ دىگەن سۆزمۇ ئورۇق ئادەمنىڭ ساغلام بولىدىغىنلىغىدىن بىشارەت بىرىدۇ. .

  نەچچە يىللار ئىلگىرى مەن خارۋاردتا «ئوخشىمىغان مەدىنىيەتلەردە ساغلاملىق قارىشى« دىگەن مەزمۇندىكى دەرسنى ئاڭلىغان ۋاقتىمدا ماڭا سۆزلەش پۇرسىتى كىلىپ بىزنىڭ مەدىنىيىتمىزدىكى ساغلاملىق قاراشلىرى ھەققىدە سۆزلەپ بەرگىنىمدە سىنىپتا كۈلكىلەرنىڭ كۆتۈرۈلگىنى ۋە ئافرىقا ۋە جەنۇبى ئاسىيادىكى بەزى دۆلەتلەردىن كەلگەن ساۋاقداشلارنىڭ گەپلىرىمنى تەستىقلاپ باش لىڭشىتىشقانلىقلىرى ھازىرمۇ ئىسىمدە.

ئوخشىمىغان مەدىنىيەتلەردە كىشىلەرنىڭ ساغلاملىققا بولغان كۆز قارىشى تۇرغۇن  ئەمەس، ئۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش سەۋىيەسى ، بىلىم قۇرۇلمىسى، ۋە ساغلاملىق ھەققىدىكى چۈشەنچىسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشغا ئەگىشىپ ئۆزگۈرۈپ تۇرىدۇ. مەسىلەن مىنىڭ دادام بويىغا نىسبەتەن خېلىلا سېمىز ئادەم بولۇپ دادامدىكى ئۇ خىل سېمىزلىكنى بىر خىل سالاپەت دەپ ئۇنىڭغا ھەۋەس قىلغان كىشىلەرنى مەن يۇرتتىكى چېغىمدا كۆرگەن. دادامنىڭ بىر تۇققىنى  ئەمىلى يۇقۇرى بولسىمۇ ئەمما ئۆزى ئىشچان، ئەمەلدارلىق كېبىرى يوق، خىزمەتتىن يىنىپ ئۆيگە كىلىپلا ئىتىزلىقتا ئىشلەپ كىتىدىغان ئادەم بولۇپ ھەركەتنىڭ كۆپلىگى ھەم  ئىلمى ئوزۇقلۇنۇشقا ئەھمىيەت بەرگەنلىگى تۈپەيلىدىن ئۆزى ئىنتايىن ئورۇق شۇ ۋەجىدىن بولسا كىرەك  بەكلا ساغلام كىشى ئىدى. (ھازىرمۇ شۇنداق ئىشچانلىق بىلەن ياشايدۇ، بەكلا ساغلام تۇردى دەيدۇ يىقىندا يىنىمغا كىلىپ كەتكەن دادام، ئۇ تاغىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سورىسام)
ئۇ چاغلاردا جەمىيەتتە ئۇنچىلىك ئەمىلى بار كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سېمىز بولغاچقا، «ئەمەلدار« دىسە، كىشىلەرنىڭ كۆز ئالدىغا سېمىزلىكتىن بويۇنلىرى كۆپۈپ يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭ «سىناق مەيدانىدا« دىگەن ھىكايىسىدىكى ھىلىقى «تۆت چوڭ كەشپىياتنىڭ« نىمىلىگىنى بىلەلمەي ئىڭەكلىرىدىكى گۆشلەر تۆۋەنگە  ساڭگىلاپ قالغان ، قوساقلىرى تومپۇيۇپ چىقىپ قالغان ئەمەلدارنىڭ ئوبرازىدەك كىشلەر كىلەتتى. چۈنكى، ماددى ئەشيا كەمچىل ئۇ زامانلاردا پەقەت ئەمەلدارلارلا ئەڭ ياخشى بولغان، ئوزۇقلۇق  قىممىتى يۇقۇرى نەرسىلەرنى ئىستىمال قىلالايدىغىنى ئۈچۈن ئۇلار ئاۋام خەلققە قارىغاندا تىز سەمىرىيەلەيتى.
مەن دادامنىڭ بۇ تۇققىنىنىڭ ئايالىنىڭ بىزنىڭ ئۆيدە دادامغا شۇنداق دىگىنىنى بىر نەچچە رەت ئەڭلىغان ئىدىم:
- مىجىت، سەندە ھاكىمنىڭ سالاپىتى بار جۇمۇ، ئاكاڭغا دەپ قويساڭ، ئىشنى ئاز قىلىپ ئازراق بىر سەمىرىسە.....
ئۇنىڭدىن سېرت مەن يەنە كىچىك چېغىمدا كىشىلەرنىڭ ساق، ئاپپاق چىشلىرىغا بىكاردىن بىكار ئالتۇن قاپلىتىۋالىدىغانلىقلىرىغا دىققەت قىلغان ئىدىم.

نە ھاجەت؟ ھەر نەرسە تەبىى بولغىنى ياخشى دە.... تەبىىلىكنىڭ ئۆزىمۇ بىر بايلىق ئەسلىدە.
ئىسىت، مىتال بىلەن ئارىلىشىپ ئىغىزغا ئەبجەش تېتىغان ئېسىل تاماقلار....

دىمەك، بەزى جەمىيەتلەردە سېمىزلىك ۋە ساق چىشقا ئالتۇن قاپلاشتەك بۇ ئىشلار، بىر خىل ئىجتىماى ئورۇننىڭ، ھوقۇق ۋە بايلىقنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغان. مەن خارۋاردتتىكى دەرسىمدە مۇشۇ گەپنى قىلىۋاتقىنىمدا،نېگىرىيە مەملىكىتىدىن كەلگەن فەمى ئىسىملىك ساۋاقدىشىمنىڭ باش لىڭشىتىپ خېرىلداپ كۈلۈپ كەتكىنىگە قاراپ ئۇنىڭ جەمىيىتىدىمۇ مۇشۇنداق ئىشلار بار ئىكەن دە دىگەن خۇلاسىگە كەلگەن ئىدىم.
لىكىن ھازىرقى شارائىت ئوخشىمايدۇ. كىشىلەرنىڭ ساغلاملىق چۈشەنچىسىدىكى قاراشتىمۇ ئىلگىرلەش بار.
ھازىرقى كىشىلەر ساغلاملىققا دىققەت قىلىدۇ، سېمىزلىككە ھەۋەس قىلمايدۇ.
   ئامىرىكىدا مۇئارىپ مەدىنىيەت سەۋىيەسى يۇقۇرى، تۇرمۇشى ياخشى كىشىلەر ئادەتتە ئورۇق ھەم ساغلام كىلىدۇ. چۈنكى ئۇلار چىنىقىش ۋە ئوزۇقلۇققا ئەھمىيەت بىرىدۇ، ھۆكۈمەتنىڭ قۇتقۇزۇش پۇلىغا تايىنىپ ياشايدىغان كىشىلەر سېمىزرەك كىلىدۇ. بىز بۇ جەمىيەتتە ياشىغان يىگىرمە يىلدىن بۇيان، بىزگە يۇققان نەرسە نىمە دىسە، ئۇلارنىڭ مۇشۇ    ساغلاملىق قارىشى بوپتۇ. بىز ئائىلە بويىچە بەدەن ئىغىرلىغى كۆرسەتكۈچىمىزگە دىققەت قىلىمىز. ئغىرلىقىمىزگە كەلگەندە  ئايالىم ، ئوغلۇم ئىككىمىزنى بىر نەچچە كۈندە بىر قىتىم قوي باققان بوداقچىدەك تارازىغا سىلىپ تۇرىدۇ، باشقىلارنىڭ  ئۆيىگە ئەرنىڭ تۇققانلىرى كەلسە غاژ-غۇژ بولغىنى بىلەن بىزنىڭ ئۆيىمىزدە بالام ئىككىمىزنىڭ ئىغىرلىغى  ئىشىپ كەتسە تولاراق غاژ - غۇژ بولۇپ قالىدۇ، بۇ تەلەپ بالامغا قارىغاندا ماڭا قاتتىقراق..شۇ ڭاشۇنچە چىنىقىپ يۈرۈپ  بەدەن ئىغىرلىق كۆرسەتكۈچۈمنى نورمال نۇقتىغا چۈشۈردۈم ....چۈنكى ھەپتىدە بىر ئىككى قىتىم شورپا سىلىپ گۆش يەۋالمىسام ئۇيغۇرلىغىم سۇسلىشىپ قالغاندەك  بىر ھىسسىياتتا بولۇپ قالىمەن، قوينىڭ قوۋۇرغىسىنى  غاجىلاپ تۇرمىسام، ئىچىم سىقىلغاندەك بولىمەن.

ھەتتا قوۋۇرغا كاۋاپلار ھەققىدە مۇنداقمۇ يىزىپ كەتكەنمەن:

‏قوۋۇرغا كاۋاپ...

‏مەن ھەر قىتىم ئۈچ سائەت ماشىنا ھەيدەپ بىرىپ، 10 يىللىق چۆپقىتىم ئابدۇراخماندىن گۆش ئالىمەن. بوستونغا كەلگەن مەندەك گۆشخۇمار ئۇيغۇرلارنى، ھالال، سۈپەتلىك گۆش يىسۇن دەپ ئابدۇراخمانغا تونۇشتۇرىمەن. مەن ھەر قىتىم گۆشكە بارغاندا، قوزىنىڭ گۆشىنى بەر دەيمەن. قېرى قوينىڭ گۆشىمۇ، قوزىنىڭمۇ، لىكىن تازا بىلەلمەي، نىمە بەرسە قوزىنىڭ دەپ ئىلىۋىرىمەن. ئابدۇراخمان ماينى ئىلىۋىتىپ، گۆشنىڭ قارا يىرىگىلا پۇل ئالىدۇ. كىچىك بالىلىرىنى ئەركىلىتىپ قويسام، خوشلۇقتىن بەزىدە ئارتۇقمۇ بىرىۋىتىدۇ. قوينىڭ قوۋۇرغىسىنى «كاتلىت» دەپ، بەزىدە ئايرىم سىتىپمۇ قويىدۇ. يىڭى قوۋۇرغىلارنى كۆرۈپ، ئىشتىيىم قوزغىلىپ، تىلىم ئۇزۇراپ شۆلگۈيۈم ئاقىدۇ. كىم مىنى ئىت يىلى تۇغۇلسۇن دەپتىكەن؟ ئادەم غاجىلىغاندىن سۆڭەك غاجىلىغان ياخشى. قوۋۇرغۇلاردىن ئىلىپ، ئۆيگە قايتىپ كىلىپ، زەيتۇن مىيى بىلەن، دورا دەرمەكلەر بىلەن، قوۋۇرغا كاۋىپى تەييارلاپ كىتىمەن ئۆزۈم، پىخىلداپ تەرلەپ ئاچكۆزلۈك بىلەن يەپ كىتىمەن. مىنىڭ بۇ ھالىتىمنى كۆز ئالدىڭغا كەلتۈرۈپ، ئەي نازىگۈل چوقۇم قاقاھلاپ كۈلۈپ كىتىسەن!

.... شۇنىڭ بىلەن مىنىڭ بەدەن ئىغىرلىق كۆرسەتكۈچۈم مەسىلىسىدە  بىر قەدەم  ئالدىغا مىڭىپ ئىككى قەدەم كەينىگە چىكىنگەندەك ئىش بوپ قالىدۇ بەزىدە. ...
بىزنىڭ ماقال تەمسىللىرىمىزدە ساغلاملىق ئوزۇقلۇق ۋە ھەركەتنىڭ مۇناسىۋتىنى ياخشى  چۈشەندۈرىدىغان نۇرغۇن ھىكمەتلىك سۆزلەر بار؛ مەسىلەن، «ئاچلىقتىن توقلۇق يامان«، « كالۋا ئادەم كۆپ تاماق يەيدۇ، ھەركەتتە - بەركەت«، ساغلام  تەندە - ساپ ئەقىل، .....«، «
دىگەندەك.....

بۇ ھىكمەتلەرنىڭ گىپىگە يەتكەن كىشىلەرنىڭ بىرسى ئۇيغۇر مىللى تىبابىتى بويىچە كۆزگە كۆرۈنگەن تېۋىپ، ئەخمەتجان  دوختۇر بولسا كىرەك. ئىككى يىلنىڭ ئالدىدا ساياھەت بىلەن بوستونغا كەلگەن بۇ كىشىنى ئۆيگە تەكلىپ قىلسام بارالمىدى شۇنىڭ  بىلەن سېرتتا غىزادا بىرگە بولۇپ قالدىم.
مەن ئىشتىن ئۆيگە قايتىش ۋاقتىدا بۇ ئەپەندىم بىلەن ئۇچراشقاچقا  قوسۇغۇم تازا ئىچىپتىكەن. ئەپەندىمنى تاماقققا تەكلىپ قىلىپ قويۇپلا ئالدىمغا كەلتۈرۈلگەن تاماقنى ئىشتىھا بىلەن يەۋىتىپ ئەخمەتجان دوختۇرنىڭ ئالدىدىكى تاماقنى كىچىككىنە  يەپ قويۇپلا قاراپ تۇرغىنىغا كۆزۈم چۈشتى دە ئەپەندىمنى تاماق يىيىشكە تەكلىپ قىلدىم. .

- دۆت ئادەم تاماقنى كۆپ يەيدۇ دىدى ئەپەندىم ئاستا ھەم بوش ئاۋازدا.
غىققىدە بولۇپ قالدىم. تاماقنى يىمەي دىسەم قوسۇغۇم ئاچ، يەي دىسەم دۆت  بوپ قالىمەن ئەپەندىمنىڭ ئالدىدا.
ئەمما تاماق ئالغان پۇلغا ئىچىم ئاغرىمىدى جۇما...ھۇ ئاتۇشلۇق پىخسىق مۇئەللىم توختاپ قالماي ھەممىسىنى يەۋىتىپتا دۆت بولساممۇ مەيلى دەپ دەپ ئويلاپ قالماڭلا ھە....

ئەخمەتجان ئەپەندىنىڭ سۆزلىرىدە مۇئەييەن ھەقىقەت بار؛
تەتقىقاتچىلار مۇنداق تەجىربە ئىشلىگەن. ئوخشاش خاراكتىردىكى ئىككى گۇرۇپپا چاشقانلارنى ئايرىپ باققان. بىرىنجى گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارنى ناھايىتى ياخشى باققان، ئۇلار ناھايىتى قىسقا مۇددەت ئىچىدە تۇلۇم چاشقانغا ئايلانغان،  ئىككىنجى گۇرۇپپىدىكى چاشقانلارنى بولسا ئاچ قويغان، ئۇلار ئاچارچىلىقتا قىينالغان. ئاز ۋاقىتتىن كىيىن ئۇلار بۇ چاشقانلارغا مۈشۈك كەلگەنلىك سىگنالىنى بىرىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئىنكاسىنى سىنىغان. نەتىجىدە، تۇكۇم چاشقانلار ئىنتايىن ھورۇن بولۇپ ئىنكاسى ئاستا بولغان يەنى «كىلىپ يىسەڭ يىگىنە ، مەن يەيدىغىنىمنى يەپ بولدۇم« دىگەندەك بىپەرۋا ھالەتتە ئىنكاس قايتۇرغان بولسا ئاچ قالغان چاشقانلار بولسا، ئىنتايىن سەزگۈر بولۇپ ئۇ ياق بۇ ياققا دەرھال قىچىشقان. ئىنكاسى تىز بولغان.
گويا ئۇلار «ياق، مەن تېخى بۇ دۇنيانىڭ خوۋلۇقىنى كۆرمىدىم« دىگەندەك....
بۇنىڭدىن چىقارغان يەكۈن شۇ بولغانكى، سېمىزلىك جانلىقلارنىڭ ھەركىتىنى ھەتتا چوڭ مىڭىنىڭ ھەركىتىنىمۇ سۇسلاشتۇرىۋىتىدۇ.
مانا مۇشۇ چاشقان تەجىربىسىمۇ ئاتا بوۋىمىزنىڭ «كالۋا ئادەم كۆپ تاماق يەيدۇ« دىگەن سۆزىنى ئىسپاتلىسا كىرەك، دىمەك بىزنىڭ ئاتا - بوۋىلىرىمىزمۇ دانا....
لىكىن مەن بۇ يەردە ئادەم كالۋالىغىدىن كۆپ تاماق يەمدۇ ياكى كۆپ تاماق يىگەنلىگدىن كالۋا بولامدۇ دىگەن مەسىلە ھەققىدە توختالمايمەن.
يېقىندىن بۇيان بىزنىڭ جەمىيىتىمىزدە كىشىلرەنىڭ ياش ياشلا قازا قىلىپ كىتىۋاتقانلىغىنى ئاڭلاپ تۇرۇۋاتىمىز....
بۇنىڭ سەۋەبىنى نوقۇل تەقدىرگە باغلاپ قويساق ئۆزىمىزنى دۆت كۆرگەن بولىمىز.

ھەددىدىن زىيادە سورۇندارچىلىق، كەيپى - ساپا تۇرمۇش، ئۆز بەدىنىنى ئاسرىماسلىق، كەچ بولغاندا كۆپ تاماق يېيىش، ئۆزىگە، بالىلىرىغا ۋە ئائىلىسىگە مەسۇلىيەتسىزلىك قىلىش قاتارلىقلارنىڭمۇ مۇئەييەن سەۋەپچى بولۇۋاتقانلىغىغا سەل قاراۋاتىمىز. شۇڭا بەدەن ئىغىرلىق كۆرسەتكۈچىمىزنى نورماللاشتۇرايلى، سەمىرىپ كەتمەيلى.
ھەددىدىن زىياە كۆپ تاماق يىيىش ئادەمنى كىسەل قىلىدۇ. چۈنكى ئۇ سېمىزلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، ھەركەتچانلىقنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. يۇقۇرى قان بىسىمىنى پەيدا قىلىدۇ ۋە شۇ ۋەجىدىن مىڭە، يۈرەك ىان تومۇرلىرى كىسەللىگىنى ۋە ھەمدە دىيابىت كىسىلىنى پەيدا قىلىپ ئادەمگە جىسمانى ۋە روھى ئازاپ، ئىقتىسادى جەھەتتىن سورۇقچىلىق ئىلىپ كىلىدۇ. چۈنكى، سالامەتلىگى ياخشى بولمىغان كىشىنىڭ تاپاۋىتى ياخشى بولمايدۇ، تاپقان تۈككىنى دوختۇرخانىدا قالىدۇ. دىققەت چىچىلىدۇ، تۇرمۇشتا خاتىرجەملىك بولمايدۇ، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى، خىزمىتى ۋە كۈندۈلۈك تۇرمۇشىغا تەسىر يىتىدۇ قىسقىسى بىر كىشىنىڭ ساقسىز بولۇشى نەتىجىسدە شۇ كىشىنىڭ  پۈتۈن  پۈتۈن ئائىلىسى سورۇقچىلىق تارتىدۇ. مانا بۇلارنىڭ ھەممىسى بىر شەخسكە، بىر ئائىلىگە ۋە جۈملىدىن بىر خەلققە نىسبەتەن ئاپەتتۇر، شۇڭا مەن دەيمەن، ساقسىزلىقتا - ئاپەت دەپ.

uyghuray

0

تېما

0

دوست

3883

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   62.77%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  34855
يازما سانى: 352
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 1162
توردىكى ۋاقتى: 327
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئىسىل يازما  رەخمەت

0

تېما

0

دوست

2212

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   7.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  20352
يازما سانى: 157
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 670
توردىكى ۋاقتى: 79
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك ياخشى يىزىلىپتۇ.ئىسىل چىقىپتۇ.رەھمەت.

0

تېما

6

دوست

1278

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   27.8%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  43047
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 404
توردىكى ۋاقتى: 310
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-2
يەر
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
تېمىدا دىيىلگىنى بويىنچە ھېساپلاپ باقسام بەدەن ئېغىرلىقى كۆرسەتكۈچى 22.5چىقتى .ساغلامكەنمەن
ياخشى تېمىللىرىڭىزنىڭ بىز بىلەن داۋاملىق يۈزكۆرۈشۈپ تۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز .
uyghuray

0

تېما

0

دوست

3593

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   53.1%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  32503
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 1126
توردىكى ۋاقتى: 231
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-29
5#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
قەيسەرئاكا يوقاپ كەتمەڭ  مۇشۇنداق ياخشى تىمىلارنى يوللاپ تۇرۇڭ.

0

تېما

1

دوست

411

جۇغلانما

ئادەتتىكى ئەزا

ئۆسۈش   55.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66283
يازما سانى: 39
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 124
توردىكى ۋاقتى: 30
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
6#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
ئ‍ايتىللا ئ‍ەلا ناخشا ئ‍ېتماس بوپ كەتتا مەلىم .بەلەن سېمىز ئ‍ايالتى

0

تېما

2

دوست

2951

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   31.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  44993
يازما سانى: 278
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 876
توردىكى ۋاقتى: 132
سائەت
ئاخىرقى: 2016-5-27
7#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
24.5،  دىققەت قىلمىسام بولمىغۇدەك

12

تېما

1

دوست

830

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  66801
يازما سانى: 37
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 34
تۆھپە : 258
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-1
8#
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ئايرىم كۆرۈش
رەھمەت قەيسەر مۇئەللىم.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )