گوركىيدىكى جانباقتىلىق
دى ما
بوزقىر تەرجىمىسى
ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 20-يىللىرىدا سوۋېت ئتتىپاقىنىڭ سولۇۋېتىس ئارىلىدىكى ئەمگەك بېلەن ئۆزگەرتىش لاگىرىدا مارزاكوف ئىسىملىك جىنايەتچى ئارالدىن ئوڭۇشلۇق قېچىپ چىقىپ،ئەنگىلىيىدە تەرجىمىھال خاراكتىرلىك كىتاب-«دوۋزاق ئارىلىدا»نى نەشىر قىلدۇردى.بۇ كىتاب ياۋروپادا ئىنتايىن كۈچلۈك تەسىر قوزغىدى.بۇنىڭ تەسىرىنى تازىلاش ئۈچۈن سوۋېت ئىتتىپاقى سېياسىي جەھەتتىن ئىشەنىچىلىك ھەم دۇنياۋى تەسىرگە ئىگە بىر يازغۇچىنى ئارالغا تەكشۈرۈشكە ئەۋەتىپ،ئۇنىڭ قەلىمى بېلەن«سېسىق نامى پۇر كەتكەن ئەشۇ چەت ئەل نەشىر ئەفكارى»نىڭ چاۋىسىنى چىتقا يايماقچى بولۇپ،گوركىيغا نەزىرىنى تىكتى.
1929- يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى گوركى كېلىنىنى ئېلىپ، دۆلەتلىك زوڭتۇڭ مۇھاپىزەت ئىدارىسى ئەمەلدارلىرىنىڭ ھەمرالىقىدا سولۇۋىېتس ئارىلىغا كەلدى.تۈرمە نازارەت دائىرلىرىنىڭ كۆڭۈل قويۇپ ئورۇنلاشتۇرىشىغا ئاساسەن ،ئارالنىڭ مۇھىتى ھەمدە كۆزگە چېلىقىدىغانلىكى ئەسلىھەلەرنىڭ ھەممىسىى بىر باشتىن پەردازلاپ چىقىلدى. جۇلدۇر كېپەن جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىنى بىر يەرگە يىغىپ،بىرزېنىت چېدىرلارغا ئورۇنلاشتۇردى.يىراقتىن قارىماققا،خۇددى بىر دۆۋە كېرەكسىز ئەخلەت دۆۋىسىگە ئوخشايىتتى.مەيلى نېمىلا دېمەيلى گوركىي ئۇ يەردىن مەسىلە بايقىماي قالمىدى.ئۇزۇن ئورۇندۇقلاردا يېتىشىپ ئارام ئېلىۋاتقان جىنايەتچىلەر قېتىرقىنىپ گېزىت كۆرىۋاتقاندەك قىلسىمۇ ئەمما،ھەممە گېزىتلەر تەتۈر ھالەتتە تۇتۇلغانىدى.بۇنىڭدىكى مەقسەت ‹‹پۇرولېتارىيات سەنئىتىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ ۋەكىلى››(لېنىن)گە بۇ يەردىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ساقتىلىقىنى بىشارەتلەش ئىدى.ئەپسۇسكى،گوركىي ئۈن-تىنسىز ھالەتتە ئۇلارنىڭ قېشىغا كېلىپ تەتۈر تۇتۇلغان گېزىتلەرنى ئوڭشاپ قويدى.
دەل شۇ چاغدا تۈرمە باشقۇرۇش دائىرلىرى خىيالىغىمۇ كەلتۈرۈپ باقمىغان بىر ئىش يۈز بېرىدۇ.بالىلارنى بېقىش-تەربىيلەش سانىتورىيىسىدىكى 14ياشلىق بىر ئوغۇل بالا رەڭگارەڭ قارشى ئېلىش سېپىدىن بۆسۈپ چىقىپ ،چۈچۈك تىلى بېلەن«گوركىي!بۇ يەردىكى سىز كۆرۈۋاتقان ئىشلارنىڭ ھەممىسى يالغان.ئىشنىڭ ئەسلىنى بىلگۈڭىز بارمۇ؟مەن سىزگە ئېيتىپ بېرەيمۇ؟»دەيدۇ.بۇنىڭدىن چۆچۈپ كەتكەن گوركىي ئۆزىگە ھەمرا بولۇپ كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسىنى چىقىرىۋېتىپ،ھېلىقى ئوغۇل بالىنىڭ دېگەنلىرىنى قاق يېرىم سائەت ئۆزى يالغۇز ئاڭلايدۇ.بۇ بالا تۈرمە نازارەت قىلىش ئورنىدىكى ئاچارچىلىق،سۈيقەسىت،ئۇرۇش ۋە رەھىمسىزلەرچە مۇئامىلە قىلىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىنى بۇ ھەم ئورۇق ھەم ئىگىز بوۋايغا بىرمۇ بىر سۆزلەپ بېرىدۇ. ھەم ئورۇق ھەم ئىگىز بوۋاي لاپاستىن چىققاندا يۈرزىلىرىنى ياش يۇقى بىر ئالغانىدى.
مۇنداقچە ئېيىتقاندا، ئۇنىڭ راسىت ئىشلارنى ئاڭلىغانلىقى،لاپاستىن كۆزى ياش ھالەتتە چىققانلىقى قانداقلا بولمىسۇن مەلۇم راسىت خەۋەرلەرنىڭ ئازاپ تۇيغۇسى كۈچلۈك بولغان بۇ ئورۇق ھەم ئىگىز ئادەمگە تەسىر قىلغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.ئەمما،ھەقىقەتنى بىلگەنلىك ھەقىقەتنى قوغدىغانلىققا باراۋەر ئەمەس.موسكۋاغا قايىتقاندىن كېيىن ئۇ سوۋېت ئىتتىپاقى ۋە دۇنيادىكى ھەر قايسى چوڭ گېزىتلەردە بورانقۇش ۋە دېڭىز قارلىغىچى دېگەن نامدا ماقالە ئېلان قىلىپ،سولۇۋېتىس ئارىلىدىكى خەلقنىڭ تېرورلۇق ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكىنى ،ئۇ يەردىكى جىنايەتچىلەرنىڭ ئىنتايىن بەختىيار ياشاۋاتقانلىقىنى ، ياخشى ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى جاكارلىدى.ۋەھالەنكى،كىشىنى تېخىمۇ ئازاپلايدىغىنى ،بۇ ئىنقىلابى دېڭىز قارلىغىچى ئۇچۇپ كېتىشى بېلەن تەڭلا دېڭىز قارلىغىچى بېلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان ھېلىقى 14ياشلىق ئوغۇل بالا ئېتىپ تاشلانغانىدى.ئەجىبا ئۇ خۇددى ئادۋۇكاتلاردەك جاۋابكارنى ھېمايىسىگە ئېلىشنى بىلمەسمىدى؟ يوقسۇ،ئۇنىڭ گېزىتلەرنى ئوڭشاپ قويغانلىقى، شىكايەتچىدىن باشقىلارنى يىراقلاشتۇرغانلىقىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ دىكتاتۇرا تۈزىمىنىڭ ۋەھشىيلىكىنى بىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ،خالاس.بەلكىم ئۇ ئۇ بالىنى قوغداپ قېلىشقا ئامال قىلالمىغاندۇ ياكى راسىت سۆزلىگەن ئەشۇ بالىنى قوغداپ قېلىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغاندۇ.
دېمەك،ئۇ بالا ئۆلدى ،ئەمما گوركىي ھايات قالدى.ھايات قالغان گوركىي تېخىمۇ كۆپ يالغان گەپلەرنى قىلمىسا،تېخىمۇ كۆپ يالغان يازمىلارنى يازمىسا بولمايىتتى.چۈنكى، ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ جەسەت كۆلى كېرمىل سارىيىنىڭ تېمىغا قويۇلمىسا تېخىمۇ بولمايىتتى.ۋەھالەنكى،1929-يىلى 6-ئاينىڭ 20-كۈنى قۇياش نۇرىنى سېپىپ تۇرغان سولۇۋېتىس ئارىلىدىكى ئەشۇ بالىنىڭ روھى يەتكەن يۈكسەكلىك «پۈتۈن دۇنيا پۇرولتارلىرىنىڭ ئەڭ ئۇلۇغ يازغۇچىسى» يەتكەن يۈكسەكلىكتىن نەچچە ھەسسە يۇقۇرى پەللىدە تۇراتتى.بالا ئېغىزىدا دېگەن ھەقىقى گېپى بېلەن ئۆز كۆڭلىنى ئەمىن تاپقۇزغان بولسا گوركى سېياھ بېلەن يازغان يالغان گەپلىرى بېلەن ۋىجدانى ۋە پاكلىقىنى بۇلغىغان ئىدى.
ئالتە يىلدىن كېيىن ،رومىن.روللان ئىسىملىك بىر يازغۇچى سوۋېت ئىتتىپاقىنى زىيارەت قىلدى ھەم «موسىكۋا خاتىرلىرى»دېگەن كۈندىلىك خاتىرىسىنى يازدى.ۋەھالەنكى،كېيىنكىلەرگە تاپىلىغان بۇ كىتاب ئاپتور ئالەمدىن ئۆتۈپ 50يىلدىن كېيىن ئاندىن نەشىر قىلىندى.مەيلى قانداقلا بولمىسۇن «كېچىككەن ھەققانىيەتنى ھەققانىيەت دېگىلى بولماىس» دېگەن تەغدىردىمۇ ،بۇ كىتابتىن بىز چوڭ تازىلاشتىن قېپ قالغان نۇرغۇن قان داغلىرىنى كۆرەلەيمىز: بىر باي دېھقاننىڭ ئوغلى ئائىلە تەركىبى ياخشى بولمىغانلىقى ئۈچۈنلا بارلىق ئۇنۋېرسىتېت ۋە زاۋۇدلارنىڭ دەرۋازىلىرى ئۇنىڭغا تاقىلىپ قالىدۇ.روللاننىڭ ئايالى ماشا بۇنداق ئادەتلەنگەن كەمسىتىشنى ئىدىيىسى قوبۇل تاپمىغاچقا گوركىدىن سورايدۇ.ئەمما،گوركى ئۇنىڭدىن ئەكسىنچە مۇنداق سورايدۇ:«مۇبادا تاللاشقا دۇچ كەلگىنىڭىزدە ، سىز قايسىسىنى تالايىتتىڭىز؟ئاز سانلىقلارنى قۇربان قىلىشنىمۇ ياكى كۆپ سانلىقلارنى قۇربان قىلىشنىمۇ؟»
ماشا مۇنداق جاۋاب بېرىدۇ:«مۇبادا ئاز سانلىق بولغىنىدا،ئاز سانلىقنى!ئەمما،بۇنداق ئەھۋالدا گېتلىرنىڭ گېرمانىيە نوپۇسىنىڭ مۇتلەق ئاز سانلىقىنى ئىگىلەيدىغان يەھۇدىيلارغا شۇنچە ئۆچ بولۇشىغا قارىتا بىزدە قانداق ھوقۇق بولسۇن؟»
نىھايەت،روللاننىڭ مۆتىدىل پوزىتسىيىسى جىدنى ئۆز ئىچىگە ئالغان زور بىر تۈركۈم داڭلىق شەخىسلەرنىڭ چەتكە قېقىشىغا ئۇچرىدى.شۇ كىتابتا ئۇ ئۆزىنى ئاقلاپ مۇنداق يازغانىدى: «مېنىڭ قوغداۋاتقىنىم سىتالىن ئەمەس،بەلكى سوۋېت ئىتتىپاقىدۇر،مەيلى كىم ئۇنىڭ ئەلباشى بولۇپ كېتىشىدىن قەتئىي نەزەر.»
بۇنى گوركىينىڭ «ئاز سانلىقنى قۇربان قىلىش » ئىدىيسى بېلەن بىردەكلىككە ئىگە دېمەي بولمايدۇ.شۇنچە يىللاردىن بېرى بىز پۈتۈن سەپ بويىچە قۇربان بېرىش ھەققىدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى،ئۇزۇن مەزگىللىك قۇربان بېرىش،دۆلەت ئۈچۈن قۇربان بېرىش دېگەنلەرنى تولا ئاڭلاۋېرىپ قولىقىمىز پىشىپ قالدى.كونكىرىتنى ئادىمىيلىكتىن ئايرىلىپ قالغان «سوۋېت ئىتتىپاقى»ياكى باشقىلار پەقەت ۋە پەقەت لۇغەتلەردىكى بىر ئىسىملا بولۇپ قالدى، خالاس. كېيىنكى تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، بىر ھاكىمىيەت ئۆزىنى ياشناتقان زېمىنغا،شۇ زېمىندا تىرىكچىلىك قىلىۋاتقان كونكىرىتنى ئادەملىرىگە،ئۇلارنىڭ شات-قايغۇلىرىغا،ھوقۇقى ۋە ئىززەت-ئابرويىغا ،شەرەپ-نومۇس تۇيغۇسىغا ۋە ئارزۇ-ئارمانلىرىغا ئاسىيلىق قىلىدىكەن قانداقتۇر «ئۇزۇن مەزگىللىك نىشان»،«ئومۇمىيلىق قارىشى»دېگەنلەر ھېچنېمىگە ئەسقاتمايدۇ.شۇ ھاكىمىيەتمۇ خۇددى قەغەز ئۆيگە ئوخشاش ھامان بىر كۈنى غۇلاپ چۈشمەي قالمايدۇ.فىرانسىيە قەبرىستانلىقىدىكى رومىن.روللاننىڭ قۇربان قىلىش بەدىلىگە قوغدالغان «سوۋېت ئىتتىپاقى»نىڭ قۇتقۇزۇپ قالغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە گۇمران بولغانلىقىنى ئاڭلىسا قانداقراق تەسىراتتا بولىدىغانلىقىغا بىر نېمە دەپ بولغىلى بولماس.بۇنىڭغا جۇڭگولۇقلارنىڭ مۇنداق بىر قەدىمىي سۆزى بېلەن جاۋاپ قايتۇرۇش كۇپايە: رومىن. روللاننىڭ ئۆز قايغۇسىغا چولىسى تەگمىگەن بولسا،كېيىنكىلەر ئۇنىڭ قايغۇسىنى قىلىدۇ،كېيىنكىلەر بۇ قايغۇدىن ئۆرنەك ئالمىسا، ئۇندىن كېيىنكىلەر ئۇنىڭ قايغۇسىنى يەنە تەكرارلايدۇ،خالاس.
«تاللانغان فېليەتونلار»ژۇرنىلىدىن تەرجىمە قىلىندى |