ھەيران قالارلىق ! ئامېرىكا غەيرىي - يېزا - ئىگىلىك سانلىق مەلۇماتى بەك ناچار چىقتى، ئالتۇن شىددەت بىلەن ئۆرلىدى
ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش قارارىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ ئاخىرقى بىر دوكلات بولغان غەيرىي يېزا- ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى ئېلان قىلىندى ، ئۇنىڭدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆرلىگەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى 38 مىڭ بولۇپ، مۆلچەردىكى 160 مىڭ ئادەم سانىدىن بەكلا تۆۋەن. 5- ئايلىق ئىشسىزلىق نىسبىتى %4.7 كە ئۆرلەپ، 2007- يىلى 11- ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن سەۋىيەگە يەتكەن.
ئامېرىكا غەيرىي يېزا- ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانى گىرافىكى شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ 5- ئايلىق سائەتلىك ئىش ھەققى ئايلىق نىسبىتى %0.2 ئۆرلەپ، مۆلچەردىكىسى بىلەن بىردەك بولغان. ئالدىنقى تۈزىتىلمە قىممىتى %0.3 ئۆرلىگەن؛ ئامېرىكىنىڭ 5- ئايلىق سا.ەتلىك ئىش ھەققىنىڭ يىللىق نىسبىتى %2.5 ئۆرلەپ مۆلچەردىكى بىلەن بىردەك بولغان، ئالدىنقى تۈزىتىلمە قىمممىتى %2.5 .
ئامېرىكىنىڭ ھەپتىلىك ئىش ھەققى ئايلىق نىسبىتى ۋە يىللىق نىسبىتى گىرافىكى ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ 5- ئايلىق ھەر ھەپتىلىك ئىش ۋاقتى 34.4 سائەت، مۆلچەردىكىسى 34.5 سائەت، ئالدىنقى قىممىتى 34.5 سائەت. ئامېرىكىنىڭ 5- ئايلىق ئەمگەك كۈچى قاتنىشىش نىسبىتىنىڭ چۈشۈشى %62.6 بولۇپ يەنىلا ئىلگىرىكى %62.4 نىڭ ئەتراپىدىكى 40 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىكى تۆۋەن نۇقتىدىن يۇقىرى ، ئالدىنقى قىممىتى %62.8 . سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئالتۇننىڭ باھاسى شىددەت بىلەن 30 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى نۇقتىسى 1240.92 ئامېرىكا دوللىرىغا تەگدى، نەق مال كۈمۈشمۇ ئەڭ يۇقىرى 16.37 ئامېرىكا دوللىرىغا تەگدى.
FX168تورى خەۋىرى، بايكۈچ تەرجىمىسى
|