شېئىر ۋە شائىر
( نەسرىي شېئىر )
ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر
شېئىر مارجان ئەمەس ، يىپقا تىزىپ قويسا تۇرۇۋېرىدىغان ياكى ئەزان ئەمەس ، قۇلاقنى تۇتۇپ ئېيىتسا بولۇۋېرىدىغان . شېئىر - " ئايەت " ئەمەس ، مەنىسىنى ئۇقماي ئوقۇسىلا بولۇۋېرىدىغان ياكى ماتا ئەمەس ، دۇكان قۇرۇپ توقۇسىلا چىقىۋېرىدىغان . شېئىر - كەشتە ئەمەس ، رەڭدار مەشۇت بىلەن لاتىغا تىكىپ قويىدىغان ياكى سۈرەت ئەمەس ، قەغەزگە سىزىپ قويسىلا بولۇۋېرىدىغان .
شېئىر ھەم ھۆسنى ، ھەم پۇرىقى ، ھەم تىكىنى ، ھەم يوپۇرمىقى بار گۈلگە ئوخشىشىپ كىتىدۇكى ، ھۆسنى بىلەن دىلنى ئۆزىگە مەپتۇن قىلار ؛ پۇرىقى بىلەن جانغا راھەت ۋە ھوزۇر بەخش ئېتەر ؛ ئىشىق ئەھلى ئۇنى قۇلاققا قىسار ياكى گۈلدەستە ياساپ جانانىغا تۇتار !
شېئىر -ئاسماندىكى يۇلتۇز ئەمەس ، كېچىسى پارقىراپ كۆرۈنگەن بىلەن نەئىسسىقى ، نە يورۇقى تەگمەيدىغان؛ شېئىر-خۇددى بىر مەشئەلدۇركى ، كېچە زۇلمىتىدە ئىنسانغا يول كۆرسەتكۈچى ياكى بىر گۈلخاندۇركى پايانسىز دەشىتلەرنى يورۇتۇپ ، سوغدىن تىترىگەن تەنلەرگە ئارام بەرگۈچى!
شېئىر-چۆلدىكى ئالۋۇن ئەمەس ، گاھى كۆل ، گاھى دەريا ، گاھى شەھەر ، گاھى گىياھ بولۇپ كۆرۈنگەن بىلەن قوغلاپ يەتكىلى بولمايدىغان . شېئىر-بىر قاينام بۇلاققا ئوخشىشىدۇكى ، تەشنالارغا ئارام ، دەرتمەنلەرگە داۋا ، بىمارلارغا شىپا ، غەمكىنلەرگە شاتلىق ، ئاجىزلارغا كۈچ ۋە ئۈمىد بەخش ئەتكۈچى!
شېئىر - ھاپىزنىڭ ناخشىسى ئەمەسكى ، ئاڭلىغانسېرى كىشنى مۈگدەك باسىدىغان . شېئىر-بىر گۈلدۈرمامىدۇركى ، ئۇنىڭ ئاۋازى جاھاننى تىترىتىپ ، خامۇش كۆڭۈللەرنى ئويغاتقاي ؛ كىشىنى سەگەك قىلىپ جەڭگە ئۈندىگەي ، ئەبەدىي ھاياتقا چاقىرغاي!
شائىر-قاغا ئەمەس ، كۆرۈنگەن دەرەخكە قونۇۋېلىپ قاقىلداۋېرىدىغان . شائىر -خۇددى تاڭ توخۇسىدۇركى ، كېچە تاڭنى چىللاپ تىنماس ؛تاڭ ئاتقاندا ، ئەلنى ئىشقا ، ھاياتقا ، ئەمگەك ۋە ئىجادقا ئۈندەر . شۇڭا ، كىشىلەرنىڭ "ئالتۇن خوراز ھەققىدە قىسسە -رىۋايەتلەر توقۇشى ، شەھەر دەرۋازىلىرى بىلەن قەسىر -ئايۋان مۇنارلىرىنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ ھەيكىلىنى ئورنىتىشى ھەرگىز تاسادىپىي ئەمەس ،ھالبۇكى جاھان-جاھان بولغاندىن بۇيان ، ھېچكىم قاغىنىڭ ھەيكىلىنى ئورناتقىنى يوق .
شائىر-تۇتىقۇش ئەمەس ، نېمىنى ئۆگەتسە شۇنى دورايدىغان ، ياكى ئۆمۈر بويى دوراشتىن بۆلەكنى بىلمەيدىغان .
بۇ يەردە ئۇلۇغ ئەزەربەيجان شائىرى فۇزۇلىنىڭ مۇنۇ بېيىتىنى ئەسلەپ ئۆتۈش ئورۇنسىز بولماس :
" قاراتاشتىن ئەگەر قان بىرلە رەڭگىم ئەيلىسەڭ ،
رەڭگى تەغيىر بولۇر ، ئەمما لەئلى بەدەخشان ئولماس .
تۇتىغا تەلىمى ئادايى كەلىمات ئەيلىسەڭ ،
نۇتقى ئىنسان بولۇر ، ئەمما ئۆزى ئىنسان ئولماس ."
شائىر چىن مەنىسى بىلەن بۇلبۇلدۇر . بۇلبۇل ھېچقاچان باشقا قۇشلارنى دورىمايدۇ ، باشقا قۇشلارمۇ بۇلبۇلنى ھەرگىز دورىيالمايدۇ . چۈنكى ، بۇلبۇلنىڭ ئۆز تىلى ، ئۆز سۆيگۈسى ، ئۆز تەپەككۇرى ۋە ئۆز تۇيغۇسى بار .
شائىر-كېپىنەك ئەمەس ، كۆرۈنگەن گۈلنىڭ ھەممىسىگە پەرقسىز قونۇپ ، ھوزۇر-ھالاۋەت ئېلىشنىلا بىلىدىغان؛ شائىر -چىراغ پەرۋانىسىدۇركى ، ھالاك بولۇشىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۆزىنى ئوتقا ئۇرغۇچى!...
شائىر -شاھ ۋە سۇلتانلارنىڭ نازۇ-نېمەتكە تولغان داستىخانلىرى ئەتاراپىدا چۆرگىلەپ يۈرىيدىغان ياكى زاھىتلارنىڭ ئېتىكىدە خورۇلداپ ياتىدىغان مۈشۈك ئەمەس ، بەلكى پايانسىز دەشتلەردە ئەركىن كېزىپ يۈرىيدىغان تەمەسىز ئارىسلاندۇركى ، ئۇنىڭ بىر ھۆركىرىشى بىلەن تاغۇ-تاشلار زىلزىلىگە كېلىپ ، تۈلكە -بۆرىلەر ھۇشىنى يىغقاي! " پادىشاھ نىكولاي ئۈستەلگە بىر مۇشت ئۇرغاندا پۈتۈن ئوردا تىترەپ كېتەتتى ؛ لېف تولىستوي ئۈستەلگە بىر ئۇرسا پۈتكۈل روسىيە زىلزىلىگە كېلەتتى " دېگەن رىۋايەت مۇبالىغە بولمىسا كېرەك . چۈنكى ، لېف تولىستوي شېئىر يازمىغان بىلەن چىن شائىر ئىدى . شائىر پەقەت خەلق بىلەنلا شائىردۇر ۋە مەڭگۈ ئۆلمەستۇر!
مەسىلەن ، چۈيۈەن بىلەن ئەلىشىر ناۋائى ؛ لىبەي بىلەن پوشكىن ؛ بايرۇن بىلەن لۇتپۇللا مۇتەللىپكە ئوخشاش...
مەنبە: ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر شېئىرلىرىدىن
|