قەلبىنۇر ئەلنازىنى ئەسلەيمىز
ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر
«بىز يەنە بىر خۇش ئاۋاز بۇلبۇلىمىزدىن ئايرىلدۇق، سېھىرلىك ئاۋازى بىلەن ئۇيغۇر تىلىنىڭ پاساھىتىنى نامايەن قىلغان، بالىلارچە ئاۋازلارنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ بېرىپ ‹چۆچەكچى موماي› دەپ ئاتالغان ئاتاقلىق ئاۋاز ئارتىسى قەلبىنۇر ئەلنازى 9-ئىيۇن سەھەردە كېسەل سەۋەبى بىلەن 46 يېشىدا بىزدىن مەڭگۈلۈك ۋىدالاشتى.» دۇنيادىكى كۆپلىگەن ئۇچۇردىن دەقىقە ئىچىدە تېز دىدارلاشتۇرالايدىغان ئۈندىداردا تارقالغان بۇ ئۇچۇرنى كۆرگىنىمدە كۆزلىرىمگە ئىشەنمەيلا قالدىم. ئاھ خۇدا، مەن ئۇنىڭ بىلەن تېخى بىر ئاي بۇرۇنلا تېلېفونلىشىپ، ئىنتايىن قىزغىن پاراڭلاشقان، شۇ چاغدا قەلبىنۇر ھەدەم توي خەۋىرىمنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خۇش بولغانىدى. ئەمما غۇلجىدا بولۇپ قالغانلىقى سەۋەبلىك بارالمايدىغانلىقىدىن كۆڭلىنىڭ يېرىملىكىنى، ئۈرۈمچىگە كېلىپلا مەن ۋە ئايالىم بىلەن ئايرىم كۆرۈشۈۋالىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، بىزگە بەخت تىلىگەنىدى. شۇ قېتىملىق تېلېفون پاراڭلىشىشىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىقى بولۇپ قېلىشنى ئويلاپمۇ باقماپتىمەن. مەن ئۈچۈن ئەپسۇسلۇق «ئەڭ ئاخىرقى قېتىملىق تېلېفون پاراڭلىشىش» تىن ھازىرغىچە ئىككىسى بولدى. بىرسى، 2012-يىلى 5-ئايدا ئاتاقلىق يازغۇچى، قۇتادغۇبىلىك تەتقىقاتچىسى يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئاكا بىلەن بولغان تېلېفون پاراڭلىشىش. شۇ چاغدا يارمۇھەممەت ئاكام بىلەن تېلېفون پاراڭلىشىپ، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەيلا ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلاپ، شۇنچىلىك كۆڭلۈم يېرىم بولغانىدى. بۇ قېتىممۇ قەلبىنۇر ھەدەم بىلەن تېلېفون پاراڭلىشىپ، ئارىدىن بىر ئاي ئۆتمەيلا ئۇنىڭدىن مەڭگۈلۈك ئايرىلىپ قاپتىمەن. ياق، مەن ئەمەس، ئۇنى ياخشى كۆرىدىغان، ئەزىزلەيدىغان خەلقىمىز ئۇنىڭدىن تۇيۇقسىزلا ئايرىلىپ قاپتۇ. ئۇنىڭ بىلەن ھەرقېتىم ئۇچرىشىپ قالغىنىمدا، ئىلھام-مەدەت سۆزلىرىدىن شۇنچىلىك سۆيۈنۈپ كېتەتتىم. ئۇنىڭ ئۈندىدارىمدا بولغانلىقىدىن سۆيۈنەتتىم. ئۇ پات-پات يازمىلىرىمنى دوستلار چەمبىرىكىدە تارقىتىپ، ماڭا مەدەت بېرەتتى. سەمىمىي قىلىنغان كىچىككىنە كۆڭۈل بۆلۈشمۇ ئادەمنىڭ ئېسىدىن مەڭگۈ كۆتۈرۈلمەيدىكەن. داڭلىق شائىرىمىز مۇھەممەتجان راشىدىننىڭ ئۇنىڭغا ئاتاپ يازغان «ئاۋازىڭغا ئاخىر زامان يوق» ناملىق شېئىرنى ئۈندىدارىمدا سۆيۈنۈپ تارقاتقانىدىم.
ھازىرغىچە خەلقىمىزنىڭ پەخىرلىك قىز-يىگىتلىرىنىڭ ئارسىدىكى نۇرغۇنلىرىنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈم خەۋەرلىرىنى ئاڭلاپ كەپتىمەن. ئەلۋەتتە، شۇنداق خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندا كۆڭلۈم ئىنتايىن يېرىم بولىدۇ. بولۇپمۇ، ياش تۇرۇپلا بۇ دۇنيادىن ۋاقىتسىز كېتىپ قالغانلارنى ئاڭلىسام، يۈرىكىم ئۆرتىنىپ كېتىدۇ، ئىختىيارسىز كۆز چاناقلىرىم ياشقا تولىدۇ. يارمۇھەممەت تاھىر تۇغلۇق ئاكىنىڭ 53 ياشتا، داڭلىق بالىلار ئەدەبىياتى يازغۇچىسى ئەخمەتجان قۇربان سابىرى ئاكىنىڭ 51 يېشىدا، ئاسىيا بوكس چېمپىيونى ئابدۇراھمان ئابلېكىمنىڭ 37 يېشىدا دۇنيادىن ۋاقىتسىز ئايرلىشى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زىل-زىلە قوزغىدى. ئەمدى قەلبىنۇر ئەلنازى ھەدىنىڭ 46 يېشىدا كېتىشى خەلقىمىزنىڭ يۈرىكىنى يەنە بىر قېتىم چۇلغىدى. دۇنيادا ئەھمىيەتلىك ياشاپ، خەلقى ئۈچۈن مېھنەت سىڭدۈرگەنلەرنى خەلقى مەڭگۈ ئۇنتىمايدىكەن، ۋاپاتىغا چۇڭقۇر قايغۇرىدىكەن. مەشھۇر چاقچاقچى ھېسام قۇربان ئاكىنىڭ ۋاپاتىغا قانچىلىك قايغۇردۇق. يېقىندىن بۇيان ئارقا-ئارقىدىن ۋاپات بولغان سادىر پالۋان تەتقىقاتچىسى تۇرسۇن ياسىن، داڭلىق شائىر قۇربان بارات، يازغۇچى سەمەت دۇگايلى، تەتقىقاتچى قادىر ئەكبەرلەرنىڭ ئۆلۈمىگە قانچىلىك قايغۇردۇق. رەھىمسىز رېئاللىق، قىيالماسلىق بىلەن ئايرىلىش، رېئاللىققا تەن بېرىپ، ئۆزىنىڭ دۇنيادىن ئايرىلىش كۈنىدىن بىخەۋەر ياشاش، بۇلار بەلكىم دۇنيانىڭ ئايلىنىش رەۋىشىدىكى قانۇنىيەتلەردۇر. مەن زادىلا چۈشىنەلمىدىم، قەلبىنۇر ئەلنازى ھەدەمنىڭ كۆڭلى-كۆكسىنىڭ نېمىشقا شۇنچە كەڭرىلىكىنى، ئاۋازىنىڭ نېمىشقا شۇنچە يېقىملىقلىقىنى چۈشىنەلمىدىم، شۇ ئەسنادا ئۇنىڭغا ئەسلا قىيالمىدىم، بەلكىم بۇ قەلبىنۇر ھەدەمدە «مېھىر-مۇھەببەتكە تولغان قەلب» نىڭ بولغانلىقىدىندۇر، دەپ ئويلىدىم. يەرشارى شۇنداق ئايلىنىدىكەن، بىر يەردە توي بولسا، بىر يەردە ماتەم بولىدىكەن. مۇشۇنداق تۆت كۈنلۈك ئالەمدە كىشىلەرنىڭ نېمىگە شۇنچىۋالا تالاش-تارتىش قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيمەن، نېمىگە بىراۋلارنىڭ قەلبىنى رەنجىتىشكە ئارانلا تۇرىدىغانلىقىنى چۈشىنەلمەيمەن، «كىشى ئۆلۈپ كېتىدۇ، سۆزى يادىكار قالىدۇ» دەيدۇ مۇتەپپەككۇر ئالىمىمىز يۈسۈپ خاس ھاجىپ. ئۇنداقتا دۇنيادا بىزنىڭ يامان سۆزلىرىمىز يادىكار قالامدۇ، ئەلۋەتتە ياق. «دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى ئىچىملىك يۇتۇۋېتىلگەن يامان سۆزدۇر، كۆڭلۈڭنى دەريادەك تۇتساڭ، ئىشلىرىڭ ئېقىن سۇدەك ئاقىدۇ، ياخشى نىيەت يېرىم دۆلەت، قۇسۇر ئىزدىگۈچە ھوزۇر ئىزدە، شۇندىلا سەن گۈزەل، مەن گۈزەل، ئۇ گۈزەل، دۇنيا گۈزەل» دېگەن ھېكىمەتلەرنى تارقاتتىم دوستلار چەمبىرىكىمدە. دۇنيانىڭ چاقپېلىكى ئېنتىرنېت تەپەككۇرى بىلەن باغلىنىپ چۆرگىلەۋاتقان، يەرشارى كىچىك كەنتكە ئۆزگىرىپ قالغان ئۇچۇر دەۋرىدە ئۈندىداردىن مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئاقىلانىلىك دەپ ئويلايمەن. مەرھۇم قەلبىنۇر ئەلنازى ھەدەممۇ ئۈندىدارىغا شۇنچىلىك ياخشى مەزمۇنلارنى چىقىراتتى. ئۇنىڭ مەزمۇنلىرىنى ئۇچراتساملا يۈرەك بەرمەي قالمايتتىم.
«ئۆز ئېلىڭنىڭ نېنى يە، كېچە-كۈندۈز غېمىنى يە» دېيلىدۇ ئۇيغۇر خەلق ماقال-تەمسىللىرىدە. قەلبىنۇر ئەلنازىدەك ئەل غېمىدە ئۆتكەن، بولۇپمۇ مىللىتىمىزنىڭ كەلگۈسى، بارلىقىمىز بولغان بالىلارنىڭ غېمىنى قىلغانلارنى ئەل مەڭگۈ ئۇنتىمايدىكەن، ئەسلەيدىكەن. شۇنداق، يېقىندا تۇرۇپ ئەسلەش بىلەن يىراقتا ئەسلەش ئوخشىمايدىكەن، يېقىندا بولغان بولساق، جىنازىڭىزنىڭ بىر بۇرجىكىنى بولسىمۇ تۇتۇۋېلىشقا مۇيەسسەر بولار ئىدۇق. سۆيۈملۈك كىشىلىرىدىن ئايرىلىش يىراقتىكىلەر ئۈچۈن غېرىبلىق ئۈستىگە غېرىبلىق، ئايرىلىش ئۈستىگە ئايرىلىشتۇر. بۇ خىل ھېسىياتنى يۇرتتىن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتقان، ئىچكىرى ئۆلكە ياكى چەت ئەللەردە تۇرۇۋاتقانلار تېخىمۇ چۇڭقۇر ھېس قىلالىشى مۇمكىن. قەلبىنۇر ئەلنازىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يۇم-يۇم يىغلاۋاتقان مۇشۇ دەملەردە بەلكىم ئاشۇ يىراقلاردىكى قېرىنداشلىرىمىزمۇ ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا ئوخشاشلا قىيالماسلىق ياشلىرىنى ئاققۇزغان، قوللىرىنى دۇئاغا كۆتۈرگەن بولۇشى مۇمكىن. قەدىرلىك ھەدەم ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئاۋازى بىلەن چوڭ-كىچىك ھەممەيلەننىڭ قەلبىگە نەقىش ئويغانىدى. ئۇ گاھىدا «چۆچەك» لەردىكى مومايغا ئايلانسا، گاھىدا بەش ياشلىق ئۇكام بىلەن بىرگە سەيلىگە چىققان «يولۇچى» غا ئايلىناتتى. ئەلۋىدا، قەلبىنۇر ئەلنازى ھەدە، سىزگە ئېيتار سۆزۈم كۆپ ئىدى، ھايات بولغان بولسىڭىز قانماي مۇڭدىشار ئىدىم. ئەمدى بۇ ئارزۇلىرىمنى خىيالىمغا قالدۇراي. خەير-خوش خەلقىمىزنىڭ پەرىشتە سۈپەت ئەلنازى قىزى. سىزگە بىزنىڭ قىزغىن، ئۇچۇق-يورۇق، خۇش-چاقچاق خاراكتېرىڭىز يادىكار بولۇپ قالدى. بالىلار بايرىمى بولۇپ بىر ھەپتىدىن كېيىنكى تويۇقسىز ۋاپاتىڭىز قەلبىمىزگە ئۇيۇل بولدى. دۇنيانىڭ ھەر يەر، ھەر جايلىرىدىكى بارلىق ئۇيغۇرلار سىزنىڭ ئۇشتۇمتۇت ئۆلۈمىڭىزگە قايغۇرىمىز، سىزنى ياد ئېتىمىز، مەڭگۈ ئەسلەيمىز.
2016-يىلى 9-ئىيۇن . بېيجىڭ
قەلبىنۇر ئەلنازى بېيجىڭ تىيەنئەنمېن مەيدانىدا قەلبىنۇر ئەلنازى كەسىپداش، دوستلىرى بىلەن بىرگە |