تۆۋەندە بىر ئامېرىكىلىق دىنسىزنىڭ ئىسلامنى تونۇش تارىخىنى كۆرىمىز.
ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى بولغان بۇ ئامېرىكىلىق ياش، بىر كۈنى بىر مۇسۇلمان بىلەن بىللە تېلىۋىزوردا ئۇلۇغ رامىزان ئېيىنىڭ ئاخىرقى كۈنىدىكى، مەسجىدۇل ھەرەمدە ئوقۇلغان خۇپتەن نامىزىنى پۈتۈن جەريانى بىلەن كۆرىدۇ.
بۇ ئامېرىكىلىق ھەيران قالىدۇ: نېمىدىگەن كۆپ ئادەم، نېمىدىگەن قىستاڭچىلىق، نېمىدىگەن تەرتىپسىز ئادەم توپى! ئەلۋەتتە، ئۇ كۈنى روزا ھېيىتنىڭ ھارپىسى بولغاچقىمۇ مەسجىددە ئادەم ئۈچ مىليوندىن ئاشقانلىقى مەلۇم.
ئۇنىڭ يېنىدىكى مۇسۇلمان كىشى ئۇنىڭدىن سورايدۇ: سەنچە مۇشۇنچىۋالا كىشىنىڭ ھەممىسىنى رەتلىك سەپكە تۇرغۇزۇپ، نامازنى باشلاش ئۈچۈن قانچىلىك ۋاقىت كېتىدۇ؟
ئۇ جاۋاب بېرىدۇ: ئەڭ ئاز دېگەندىمۇ ئىككى -ئۈچ سائەت كېتىدۇ بۇلارنى رەتكە تۇرغۇزۇشقا.
ئېسىڭدە بولسۇن، -دەيدۇ مۇسۇلمان كىشى ئۇنىڭغا، -مەسجىدۇل ھەرەم تۆت قەۋەتتۇر.
ئامېرىكىلىق گېپىنى ئۆزگەرتىدۇ: -ئۇنداق بولسا 12 سائەتسىز بۇلارنى رەتكە تۇرغۇزغىلى بولمايدۇ.
مۇسۇلمان كىشى ئۇنىڭغا يەنە بىر ئىشنى ئەسكەرتىدۇ: -بىلىشىڭ كېرەككى، ئۇلار دۇنيانىڭ ھەممە يېرىدىن كەلگەن، بىر-بىرىنىڭ تىلىنى بىلمەيدۇ.
- ئۇنداق بولسا، ئۇلارنى رەتلەش قانداقمۇ مۇمكىن بولسۇن؟ كېسىپ ئېيتىدۇ ئۇ.
ناماز ۋاقتى كىرىدۇ. شەيخ سۇدەيس ئورنىدىن تۇرۇپ مۇسۇلمانلارغا قاراپ "ئىستەۋۇ... " دەيدۇ. قالايمىقانچىلىق بىراقلا بېسىقىپ، دۇنيانىڭ ھەر يېرىدىن كەلگەن ئۈچ مىليون مۇسۇلمان سېكونت ئىچىدىلا رەتكە تىزىلىدۇ ۋە نامازنى باشلايدۇ.
ھېكايىمىزنىڭ باش قەھرىمانى بولغان بۇ ئامېرىكىلىق ياش، كۆرگەنلىرىگە ھەيران قالىدۇ، ۋە بۇنىڭدا بىر ئىلاھى كۈچ بارلىقىغا ئىشىنەلمەي تۇرالمايدۇ ۋە شۇنداق دەپ گۇۋاھلىق بېرىدۇ: بىر ئاللاھتىن باشقا ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسەلام ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە بەرھەق پەيغەمبىرى!
|