قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 867|ئىنكاس: 0

ئۇيغۇرلارنىڭ دورىلىق چاي مەدەنىيتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 02:32:42 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇرلار ئاجايىپ مېھماندوست ھەم چايخۇمار خەلق. ئۇيغۇرلارنىڭ مېھماندوست، چايخۇمارلىقى ئۇزاق مۇددەتلىك تارىخىي تەرەققىيات، ئىشلەپچىقىرىش پائالىيىتى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرى جەريانىدا تەدرىجىي شەكىللەنگەن. شۇنىڭدەك ئەجدادلاردىن ئەۋلادلارغا ئۈزلۈكسىز داۋاملىشىپ ۋە مۇكەممەللىشىپ كېلىۋاتقان ئۆرپ-ئادەت خاراكتېرىنى ئالغان ئېسىل مەدەنىيەتلەرنىڭ بىرىدۇر.
     ئۇيغۇر تىبابەتچىلىكىدە دورىلىق چاي يەنە چاي دورىسى ۋە چايلىق دەپمۇ ئاتىلىدۇ. ئۇ ساقلىقنى ساقلاش، مىجەزنى تەڭشەپ، سالامەتلىكنى ئاسراش، كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىق خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە دەپ قارىلىدۇ.
     ئۇيغۇر خەلقى دورىلىق چاينى ئىستېمال قىلىشتا پەسىلگە قاراپ تەڭشەشكە، ھەر قايسى پەسىللەردە شۇ پەسىلگە قاراپ ماس دورىلىق چايلارنى ئىچىشكە ئادەتلەنگەن. ياز پەسلىدە بەدەنگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ قاننى سوۋۇتقۇچى، ئۇسسۇزلۇقنى پەسەيتكۈچى دورىلىق چايلارنى، كۈز پەسلىدە ھەزىم قىلىشنى ياخشىلايدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق بولغان دورىلىق چايلارنى، قىش پەسلىدە بەدەننى قىزىتىپ قاننىڭ ئايلىنىش سۈرئىتىنى تېزلىتىدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق ئىسسىق دورىلىق چايلارنى، ئەتىياز پەسلىدە بولسا، بەدەننى كۈچەيتىدىغان، تەبىئىتى قۇرۇق سوغۇق بولغان چايلارنى تەڭشەپ ئىچىشكە ئادەتلەنگەن.
     قىسقىسى ھەر بىر كىشى چاي دورىسىنى پەسىلگە، ئۆزىنىڭ تەبىئىتى، مىجەزىگە قاراپ تەڭشەپ ئىچىشكە ئەھمىيەت بەرگەن. دورىلىق چايلار مېڭە، يۈرەك ۋە ئاشقازاننى قۇۋۋەتلەيدىغان چايلار، ئورۇقلاشقا، تاماكا تاشلاشقا ياردەم بەرگۈچى دورىلىق چايلار، باش ئاغرىقى، نېرۋا كېسەللىكلىرى، نەپەس يولى كېسەللىكلىرى، يۈرەك، مېڭە قان تومۇر توسۇلۇش كېسەللىكلىرى، ئۈچەي كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار، جىگەر، ئۆت كېسەللىكلىرى، بۆرەك، سۈيدۈك يولى كېسەللىكلىرى، تېرە، بوغۇم كېسەللىكلىرى، بەش ئەزا كېسەللىكلىرى، بالىلار كېسەللىكلىرى، شۇنىڭدەك ئاياللار كېسەللىكلىرىگە شىپا بولىدىغان دورىلىق چايلار، ئۇنىڭدىن باشقا، بىر قىسىم مېۋە ھەمدە مېۋە قېقى دەملەنمىسى قاتارلىق دورىلىق چاي تۈرلىرىمۇ بار. پەن - تېخنىكىنىڭ ئۆزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، ئۇيغۇر تېبابىتى ساھەسىدىكى تېببىي خادىملار دورىلىق چاي مەدەنىيىتى ئۈستىدە ئەتراپلىق ئىزدىنىپ، چوڭقۇر تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ، ئىلغار تېخنىكا ئارقىلىق، ئۇيغۇر دورىلىق چاي مەدەنيىتىنىڭ گۈللىنىشىگە زور ھەسسىلەرنى قوشماقتا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )