قولاي تىزىملىك
ئىزدەش
بېكەت تەۋسىيەسى:
كۆرۈش: 3592|ئىنكاس: 23
بېسىپ چىقىرىش ئالدىنقى تېما كېيىنكى تېما

ئەدىبىياتىمىزدا خاتا يېتەكلەش مەپكۈرەسى ھەققىدە

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

0

دوست

167

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   55.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  15442
يازما سانى: 1
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 70
توردىكى ۋاقتى: 2
سائەت
ئاخىرقى: 2016-6-20
مەلۇم قەۋەتكە يۆتكىلىش
ساھىبخان
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-15 16:05:12 |ئايرىم كۆرۈش |تەتۈر تىزىش


ئەدەبىياتىمىزدىكى  خاتا يېتەكلەش مەپكۇرەسى  توغرىسىدا
ئابلەت ياسىىن بابا

بۇ ماقالە شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى ژورنىلىنىڭ 2015 - يىللىق 4- سانىدا ئېلان قىلىنغان

    بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى شۇ مىللەت ياراتقان مەنىۋى ۋە ماددىي تەرەزدىكى ئىجتىمائى قىممەتنىڭ جۇغلانمىلىرىدىن ئۆز پىرامىداسىنى شەكىللەندۈرىدۇ. ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان مەزمۇن بىر پۈتۈنلۈككە ئىگە ھاسىلاتلارنىڭ بىرىكىشىدىن تەشكىل تاپىدۇ. بۇ ھاسىلاتلار مەدەنىيەت بەيگىلىرىدە مىللىي سەرمايە سۈپىتىدە ئەكىس ئېتىدۇ. ئەدەبىيات ئەنە شۇ مىللى مەدەنىيەتنىڭ غول تەركىبى قىسىملىرىدىن سانىلىدۇ. ئۇ، ئۆزى ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىق قىممەتى بىلەنلا ئەمەس، مۇھىمى ئۆزىدىكى يېتەكلەش بۇرچى بىلەن بۇ باھانىڭ ساھىبى بولالايدۇ.  ناۋادا ئۇ مىللىي مىراسلارنىڭ چەكلىك ئىپادىلىنىش كۆرۈنىشىگە ئايلىنىپ قالغاندا، ئەدەبىيات مىللەتنىڭ تۈپكى مەدەنىيەت ئۆزلۈكى سۈپىتىدە تېخىمۇ زور مەسئۇلىيەتلەرنى ئارتتۇرۇشقا، تېخىمۇ كۆپ بۇرچلارنى ئۈستىگە ئېلىشقا مەجبۇر بولىدۇ. بەلكى رىئاللىقنى تونۇپ يەتكەن ھەربىر شەخىسنىڭ ئۆگلۈك ئىزتىراپى بۇنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ھال ئەدەبىياتنىڭ مىللى مەدەنىيىتىمىزدىكى ئورنىنى يەنە بىر بالداق يوقىرى كۆتۈرىدۇ.
    ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80 – يىللىرىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتى يىڭى بىر ھاياتىي كۈچ بىلەن جۇشقۇن بىر ھالەتتە ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىپ، خەلقىمىزنىڭ مۇھىم بىر تۇرمۇشى ئەينىكى بولۇپ قالدى. بۇ يىڭى باشلامچى دەۋرگە تەئەللۇق ئەدىبلىرىمىز يول ئاچقۇچىلار بولۇش سۈپىتى بىلەن، گەرچە ھەممە جەھەتتىن  مۇكەممەل دەپ ئېيتالمىىساقمۇ، ئەمما كىشىنى قايىل قىلغۇدەك ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزنى يىڭى ئەسىرگە مۇۋاقىيەتلىك ئۇلاشتۇرۇپ، ئۆز بۇرچلىرىنى ياشلارغا – يىڭى قەلەمكەشكەرگە تاپشۇردى.
    جەمىئىيىتىمز كۆپ تەرەققىي قىلدى. ئىقتىسادنىڭ تىز سۈرئەتتە ئېشىشى، ماددىي تۇرمۇش سەۋىيەرىمىزنىڭ بالداقمۇ بالداق يوقىرى كۆتىرىلىشى، تاشقى مەدەنىيەتنىڭ بورۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە توختاۋسىز غىدىقلىشى، شەھەرلىشىش ( توغرىراقى شەھەر كۆرۈش ) قەدىمىمىزنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئۇيغۇر جەمىئيىتىدە ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان ياكى ئومۇملۇققا ئايلىنالمىغان مەسىلىلەر كۆپلەپ يۈز بېرىشكە باشلىدى. ئەنئەنىۋى بىرلىك، قورۇلما، تۇرمۇش مۇناسىۋەتلىرى مۇتلەقلىكتىن قىلىپ، يىڭى – يىڭى شەكىللەر ئۇيغۇر جەمىئىيىتىگە ناتۇنۇش ئەمەس بولۇپ قالدى.  ئەنئەنە يۈزلەنگەن خىرىس تۇيغۇ ياكى كەلگۈسىگە تەۋە ئىش ئەمەس، بەلكى جىددى رىئاللىق سۈپىتىدە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولىۋاتىدۇ. خىرىس ئىچىدە تەمتىرەپ قالغان ئەنئەنە دەۋرگە ئاۋانگارت بولۇش ئىلتىجاسىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيەتىگە ئىلگىرىكىگە ئوخشىمايدىغان ۋەزىندىكى بۇرچلارنى تەڭلەپ تۇرماقتا. خىرىس بىلەن ئىسلاھات ئارىسىدىكى ئەنئەنە رىئاللىقتىن بەكرەك ئەدەبىي ئىجادىيەت رامكىسى ئىچىدە داۋاملاشماقتا. بۇ ئەھۋالدا ئەدەبىياتنىڭ بۇرچى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا ۋەزنى ئېغىر بىر مەسئولىيەتكە ئايلىنىدۇ. بۇ ئېنىقكى، ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۇرچلىرىنى تاپشۇرۇۋالغان يىڭى ( ياشلارلا ئەمەس ) قەلەمكەشلىرىمىزگە يۈكلىنىدۇ. يىڭى بولغان بىلەن كۆتۈرىدىغان ۋەزنىمىز ئېغىر. بۇ مەدەنىيەتىمىزنىڭ يىڭى دەۋردە بىزگە قويغان بىر سىنىقى شۇنداقلا مىللىيەت باغلامچىسىدىكى يىڭى تۈگۈن. بۇ تۈگۈننىڭ ياخشى چىگىلىش ياكى چىگەلمەسلىكى مەدەنىيەتنىڭ كىيىنكى بوغۇنلارغا يەتكۈزۈلىشىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىدۇر. باشقا نوقتىلارغا ئېسىلماي، پەقەت مۇشۇ نوقتىدىنلا سۆزلىگەن تەقدىردىمۇ، بۇنىڭغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىپ، جىددىي تۇتۇش قىلىشنىڭ تەخىرسىزلىكى مانا مەن دەپ چىقىپ تورىدۇ.
ئەدەبىياتنىڭ ئۆتەيدىغان بۇرچى ئۇنىڭدىكى يېتەكلەش مەپكۈرىسىنى قارىتا ئېيتىلغان بولۇپ، ئۇ خەلقنى توغرا تەرەققىيات يۆنىلىشى ۋە ساغلام سالاھىيەت ئېڭى بىلەن تەمىن ئېتىشنى كۆرسىتىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ بىلىش، تونۇش رولى بولغىنىدەك، ئۇنىڭ تەربىيە ۋە زوقلاندۇرۇش رولىمۇ بار. نۇقۇل بىلىش، تونۇشنى ئۆز رولى دەپ بىلگەن ئەدەبىيات ئۈلۈك نەزىيەگە ئايلىنىپ قالىدۇ. پەقەت زوقلاندۇرۇشنى مەخسەت قىلغان ئەدەبىياتمۇ چاكىنا مەنتىقەلەرنىڭ قۇربانى بولۇپ كېتىش خەۋپىدىن قوتۇلالمايدۇ. تەربىيە بېرىشنى نىشان قىلغان، بىلىش، تونۇش ۋاسىتىلەرىدىن ئۆنۈملۈك پايدىلىنىپ، ئوقۇرمەنلەرنى ئېستېتىك زوقلاردىنمۇ خالىي قويمىغان ئاساستا ساغلام ئەقىدىگە يېتەكلىيەلىگەن ئىجادىيەت بۇرچنى ھەقىقىي ئادا قىلغان ئەدەبىياتتۇر.
    ھەرساھە قەلەمكەشلىرىمىزنىڭ بىلىم قورۇلمىسى، تۇرمۇش تەجىرىبىسى، مەسىلىلەرگە بولغان تونۇش روجەكلىرى، دۇنيا قاراش ۋە قىممەت يۈزلىنىشلىرى، ئىجادىيەتكە تۇتقان پوزۇتسىيە ۋە ئۇنىڭ چىقىش نوقتىلىرى، قەلەم قۇۋۋىتى  دىگەندەك بىر قاتار ئوبيېكتىپ پەرقلەر تۈپەيلى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلغان ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ بىر – بىردىن سان ۋە سۈپەت جەھەتتە پەرقلىنىشى تەبىئىي ئەھۋالدۇر. ئەمما قانداقلا بولمىسۇن ئەدەبىياتىمىزنىڭ خەلقنى تەربىيەلەش، يېتەكلەشتىن ئىبارەت تۈپكى ۋەزىپىسى ئۆزگەرمەيدۇ. ( ئۇنىڭ بۇنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالىغان ياكى چىقالمىغانلىقى باشقا بىر مەسىلە.) بۇ تۈپكى ۋەزىپىدە ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ ئىجادىيەت مىتودى ۋە يېزىقچىلىقتىكى تەپەككۇر رامكىسى ئەدەبىياتنىڭ يېتەكلەش مەپكۈرىسىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە ئەدەبىياتنىڭ بۇرچىغا تاقىلىدۇ.
نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىيات تەرەققىياتىدىن قارىغاندا، بارلىققا كەلگەن يۈكسىلىشلەر، مەيلى سان جەھەتتىن بولسۇن ياكى سۈپەت جەھەتتىن بولسۇن، ۋەياكى يازغۇچىلار قوشۇنىدىكى غولداشلار بولسۇن، ھەقىقەتەن كىشىنى قايىل قىلىدۇ. مىللىي كىملىك دۇچ كەلگەن كەسكىن رىقابەت ۋە تاللاش ئىچىدە تۇرۇپمۇ ئۆز مەۋجۇتلۇقى ۋە ڧونكىسىيەسىنى جانلىق ۋە بىجانىدىللىق بىلەن ئادا قىلىپ كېلىۋاتىدۇ. قايسى نوقتىدىن چىققان بولمىسۇن، ھەممىسىدە ساۋاقتىن ئىبرەت ئېلىپ، بەخىتكە ئېنتىلىشتەك بىر گۈزەل ئىستەك پارلاپ تۇرماقتا. ئەمما، ئەدىبلىرىمىزدىكى مەخسەت گۈزەل بولغىنى بىلەن ئۇنى ئەكىس ئەتتۈرۈش، ئەدەبىي يۇسۇندا پىششىقلاپ ئىشلەپ خەلققە سۇنۇش جەريانىدىكى قوللىنىلغان ۋاسىتە ۋە مەجازلاردا بەزىبىر تۆزەتمىسە بولمايدىغان، ھەتتا ۋاز كېچىش كىرەك بولغان ناتوغرا خاھىش ۋە قىلمىشلارمۇ يوق ئەمەس. ئۆز ئىدىيىسىنىڭ ئىپادىلىنىش جەريانى بولغان ئەدەبىي ئىجادىيەتنى ئوقۇرمەنلەرگە ساغلام نەپ بېرەلەيدىغان شەكىلدە ئېلىپ بېرىش كىرەك. بۇنىڭدا يازغۇچىنىڭ ئۆزىنى توغرا تۇرمۇش شەكلى، ئەقىدە مۇھىتىدىن بىلەك يەنە ئۆزىمىزدىكى ساپ قاراشلار بىلەن سۇغۇرۇشىمۇ مۇھىمدۇر. ئەنئەنىۋى رامكىدىكى ئىجادىيەت قېلىپى يىڭى دەۋردىكى قەلەمكەشلىرىمىزنىڭمۇ تاللىۋېلىشى بولۇپ قالماسلىقى كىرەك.  مەسىلىلەرنى بۇرۇننىڭ كۆزى بىلەن ئەمەس ھازىرنىڭ نوقتىنەزىدىن چىقىپ تەھلىل قىلىشنى ئىجادىيەتتىكى باش تاللاش قىلىش سۈپەتلىك، دەۋر تەلىپىگە ماس كەلگەن، دەۋر يۈكلىگەن مەسئۇلىيەتكە لايىق بىر يازمانىڭ مەيدانغا چىقىشى ئۈچۈن بەكلا زۈرۈر. ھەدىسە سىنىپ قارىشى ئاساسىدىكى تەپەككۇر رامكىسى، ياخشى – ياماننى تەسۋىرلەشتىكى مۇتلەق ماشىنىلاشقان پىرسۇناژ ئوبرازى، ئەنئەنىۋى ئىماگلارنى خۇنۇكلەشتۈرۈش خاھىشى، چەكتىن ئاشقان مەئىشەتۋازلىقنى تۇرمۇش غايىسى سۈپىتىدە كۆرسىتىش يۈزلىنىشى نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ئىپادىلىنىۋاتقان كونا مەنتىقىلەر جۈملىسىدىن بولۇپ، ئۇ ئىجادىيەتتە ئۆزلۈكتىن ھالقىيالماسلىقتىكى چوڭ بىر بويۇنتۇرۇق بولۇپ قالماقتا. بۇ يېتەرسىزلىك ئەدەبىي ئەسەلەرنىڭ چىنلىقىنى تۈۋەنلىتىپ، ئۇنى تۇرمۇشتىن بارغانسىرى يېراقلاشتۇرىۋېتىدۇ. ئىنساننىڭ ئىجتىمائىلىقىنى ئېتراپ قىلىش ۋە ئۇنى ئىجادىيەتتە ھەقىقىي يوسۇندا ئەكىس ئەتتۈرۈش، چېكىدىن ئاشقان مەئىشەت تەسۋىرى ۋە خاھىشىدىن ۋاز كېچىش ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ يىڭى يۈزلىنىشى بولالىغىنىدا، ئىجادىيەتتىكى ئۆزلۈكتىن ھالقىش ئىشقا ئېشىپ، بۇ بويۇنتۇرۇقتىن قوتۇلىشى مۇمكىن. بۇ ھالدا ئەدەبىياتنىڭ يېتەكلەش مەپكۈرەسىمۇ ئۆز ئېزىغا چۈشۈشى مۇمكىن. چۈنكى، ئوبيكتىپ رىئاللىق يازغۇچىنىڭ سوبيكتىپ غايىسى ( ئىجادىيەت مۇشۇ ئىككى نوقتىنىڭ گىرەلىشى ) ئاساسىدا نامايەن قىلىنغىنىدا، ئەدەبىياتنىڭ يېتەكلەش مەپكۈرەسى يازغۇچىدىن سوبيىكتىپ غايىنى رىئاللىقنىڭ يىگانە قۇرۇمى دەپ قارىۋالماستىن بەلكى ئۆزىدىكى سوبيكتىپ غايىلەردىن ھالقىشىنى، يەنى ئومۇمىي غايىگە ياندىشىشنى تەلەپ قىلىدۇ. بۇ ئەدەبىي ئىجايەتلىرىمىزنىڭ ئۆزلۈك قۇرۇلىشىمىزدىكى نىگىزلىق ھالقىشىدۇر.
خەلقنى تەربىيەلەشنى، زوقلاندۇرۇشنى، ئىسلاھ قىلىشتەك گۈزەل ئىستەك، تۈرتكىلەرنى بويلاپ يېزىلغان ئەسەرلەرنىڭ ئوقۇرمەنلەردە ئەكىس تەسىر پەيدا قىلىپ، ئويلىمىغان يەرلەردىن چىقىپ خەلقنى تېخىمۇ ئاينىتىپ قويغانلىقى، كۈتمىگەن نەتىجىلەرنى بېرىپ يامان خاھىشلارنى باش كۈتەرتكۈزۈپ قويغانلىقى، پىكىر جەھەتتىكى بۆلۈنۈش ۋە ئۆزئارا ئىختىلاپنى كۈچەيتىپ بېرىۋاتقانلىقى بىزنى نۆۋەتتىكى ئىجادىيەتلىرىمىز ھەققىدە پىكىر قىلىشقا ئۈندەيدۇ. بۇنىڭدىكى مەسىلىلەرنى تېپىپ چىقىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن تەدبىر قوللىنىشىمىزنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەلۋەتتە بۇنداق ئەكىس تەسىرلەرنىڭ پەيدا بولۇشىنى ئەدىبىي ئىجادىيەتنىڭ ئۆزىدىن كۆرۈشكە بولمايدۇ. ئەمما ئۇنىڭلىق بىلەن ئەدەبىي مەسئۇلىيەتتىن قاچقىلىمۇ بولمايدۇ. ئەدەبىياتنىڭ يېتەكلەش مەپكۈرەسى بىزنى بۇنداق ئاينىشلارغا مەسئۇل بولۇشقا چاقىرىدۇ. چۈنكى، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مەقسىتى پىرىنسىپ جەھەتتىن ئېيتقاندا كىشىلەرنى تەربىيلەش، ئۇلارنى ئاينىتىش ئەمەس. بۇ مەسىلە يازغۇچىلاردىن قەلەملىرىگە بىر ئاز يۈگەن سېلىشنى، مەخسەت ئۈچۈن ( ئەدەبىي ئەسەر يارىتىش ) قوللىنىلغان ۋاسىتىلەردىن غاپىل قالماسلىقىنى ئەسكەرتىدۇ.
    ئالدىدا دەپ ئۆتكىنىمىزدەك، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئەدەبىياتى ھەقىقەتەن كىشىنى سۈيۈندۈرگىدەك بىر تەرەققىيات ھالىتىدە تۇرماقتا. ئەمما بۇ ئىجادىيەتىمىزدە مەسىلە يوقلىقىدىن ياكى يېتەرسىزلىكلەرنىڭ ساقلانمىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. نەتىجىلەرگە يانداشقان سەۋەنلىكلەر ھەم خېلى بار. بولۇپمۇ جەمىئىيەتتىكى باش كۆتۈرىۋاتقان يىڭى ئىللەتلەرگە بولغان ساغلام بىر تونۇشنىڭ، ئەتراپىمىزدا يۈز بېرىۋاتقان خاتالىقلارنى تەنقىد قىلىدىغان دۇنيا قاراشنىڭ كىشىنى قايىل قىلغۇدەك يۇسۇندا پىشىپ يېتىلمىگەنلىكى، مۇھىمى ئومۇملىققا ئايلىنىپ يېتەكچى ئىدىيەگە ئايلىنالماسلىقى، ھادىسىلەردىن خۇلاسە چىقىرىش، ماھىيەتكە ھۈكۈم قىلىشتىكى ئۇنىۋېرسال ساپا ۋە مۇكەممەل بىلىم قورۇلمىسىنىڭ چەكلىكلىكى تۈپەيلى بەزى ئىجادىيەتلىرىمىزدە خاتا خاھىش ئەدەبىي دىت دەپ قارىلىپ مەيلىگە قويۇپ بېرىلمەكتە ياكى چىنلىق سۈپىتىدە تەرىپلەنمەكتە. ھەمدە مۇشۇ خىل سەنەمگە ئېغىش، ئەگىشىش قىسمەن قەلەم ئىگىلىرىدىكى ئومۇمىي كەيپىياتقا ئايلىنىۋاتىدۇ. ئىجادىيەتتىكى بۇ خىل بويۇنتۇرۇقلۇق ئاقىۋەتتە ئەدەبىياتىمىزدىكى ئوقۇرمەنلەرنى خاتا يېتەكلەش مەپكۇرەسىنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. ئەدەبىي ئىجادىيەت بۇ سەۋەپتىن ئەكىس رول ئېلىپ، ئەسلى مەخسەت، نىزاملاردىن چېنىش، مۇنداقچە ئېيتقاندا، تاپتىن چىقىش يۈزلىنىشلىرى كۆرۈلمەكتە. بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزە دەلىللەرنى ئىجادىيەت ئەمەلىيىتى جەريانىدىكى تۈۋەندىكى بىر قانچە نوقتىدىن كۆرۈپ يېتىش مۇمكىن.
    ھاراق – شاراب ۋە كەيىپكە مۇناسىۋەتلىك بايانلارنىڭ كۆپىيىپ، تەسۋىرلەرنىڭ ئىنچىكىلىشى نىمىنى بىلدۈرىدۇ؟
    ھاراق – شاراب مەسىلىسى ئۇيغۇر مەدەنىيەت تارىخىدا توغرا يورۇتۇپ بېرىلمىگەن مەسىلىلەرنىڭ بىرى. تەتقىقات ساھەسىسىكى توغرا يۇرۇتالماسلىق خاتالىقى كۆپ كىشىلەردىكى ناتوغرا ھىسىياتقا پىلتە بولۇپ كەلمەكتە. كىلاسسىك ئىجادىيەت مىراسلىرىمىزدىكى شاراب سۆزى بىلەن شەربەت سۆزىنىڭ يىڭى زاماندىكى ئىلمىي تەتقىقات ۋە تەشۋىقاتلىرىمىزدا پەرق ئەتتۈرۈلمەسلىكى ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتىدىكى تەخىرسىز بوشلۇقتۇر. « قۇتادغۇبىلىك » تە كۆپ تىلغا ئېلىنغان ئىچىملىك ئىستىمالىدىكى شەربەت سۆزىنىڭ ئەسەرنىڭ يەشمىسىدە ئېزچىل شاراب سۆزى  بىلەن ئېلىنىشى ھەمدە كۈنىمىزدىكى ھاراق – شارابقا تەڭداش قوللىنىشى بىزدىكى بۈگۈنكى بۇ تىراگىدىيەنىڭ مەنىۋە دەستىكى سۈپىتىدە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. « قۇتادغۇبىلىك » تىن بورۇنقى  بىز مەزگىللىك قىسمەن دائىردىكى شاراب تارىخىمىزنىڭ بولغانلىقى قانچىلىك كۈچلۈك پاكىت بولغان بولسا، « قۇتادغۇبىلىك » تىن كىيىنكى شارابسىز، بەلكى ئۇنى رەت قىلىش، چەتكە قېقىش تارىخىىمزنىڭ بولغانلىقىمۇ شۇنچىلىك كۈچلۈك پاكىتتۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىز ھازىر ۋارىسلىق قىلىۋاتقان ئۇيغۇر مەدەنىيەت يۇسۇنلىرى « قۇتادغۇبىلىك » كىيىنكى ئىدىئولوگىيە قىممەت قاراشلىرىنى ئۆلچەم قىىلپ قېلىپقا چۈشكەن بولغاچقا، شاراب مەزگىلىنى بىر پۈتۈن تارىخىمىزدىكى بىر مەزگىللىك داۋاملىشىش دەپ قاراشقا بولىدۇكى، ئۇنى نۆۋەتتىكى تىرىك مەدەنىيەت ئۆلچىمىنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە ياكى شۇنىڭغا ئورۇنىشقا بولمايدۇ. مەخسەتنىڭ ئۆتمۈشكە ئايلانغان ئادەتنى قايتىدىن تېرىلدۈرۈشكە ئەمەس بەلكى مىڭ يىللاردىن بىرى پىرىنسىپقا كۆتۈرۈلۈپ ئەمەل قىلىنىپ كېلىۋاتقان تىرىك مەزمۇنلارغا قارىتىىلشى زۈرۈردۈر.
    بو نوقتىدىن چىقىپ سۆزلىگەندە، ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىمىزدىكى ھاراق ھەققىدىكى بايانلار، ھېچ بولمىغاندا چوقۇمكى بىز ھازىر ئەمەل قىلىپ كېلىۋاتقان قىممەت قاراشقا ھۆرمەت قىلىشى كىرەك بولىدۇ. ئومۇمىيلىققا ھۆرمەت قىلىنمىغان، ئۇنى نەزەرگە ئالمىغان ئىجادىيەتنىڭ خەلققە ئىجابىي نەپ بېرىشى ناتايىن.
ئۇيغۇرلارنىڭ باشقا مىللەتلەر بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭ قويۇقلىشىشى، سىرتقى ئۇچۇرلار بىلەن ئۇچىرىشىش چاستوتىسىنىڭ ئېشىشىغا ئەگىشىپ، ھاراق ھەققىدىكى تونۇش ۋە ئۇنىڭغا تۇتقان مۇئامىلەرمۇ ماس ھالدا ئۆزگىرىش ياساپ، ئۇ بورۇنقى قىزىل سىزىق ھالىتىدىن قىلىشقا باشلىدى. بۇ ئەھۋال شەھەرلەردە ياكى ئەنئەنىۋى قىممەت كۈچلىرى بىر ئاز ئاجىز جايلاردا تېخىمۇ گەۋدىلىك ئىپادىلەنمەكتە. ئەنئەنىۋى قىممەت قاراش بىلەن ھاراق تەتۈر تاناسىپ شەكىلدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرماقتا. بۇ ھال ھاراق ۋە ئۇيغۇر ھاراقكەشلىرىدىكى چەكتىن ئاشقان زابويلۇقنىڭ ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى قىممىتىنى ئەڭ ئېغىر دەپسەندە قىلىدىغان بىر كۈچكە ئايلىنىپ قالغانلىىقنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. نۆۋەتتىكى رىئاللىقتىن قارىغاندا، بىزدىكى ھاراق ئىستىمالى باشقىلاردىكى ھاراق ئىستىمالىدىن سان جەھەتتىن پەرق قىلىدىغان بولۇپ، بىزدىكى ھاراق ئىستىمالنىڭ باشقىلاردىكىگە ئوخشاش نۇرمالنى مىقتارنى ساقلاپ داۋاملىشىشى مۇمكىن ئەمەس. بەلكى ئۇ تىزلا شاراببازلىق مەستانىلىكىگە ئايلىنىپ، ئاجايىپ كۈلپەت ۋە كۈڭۈلسىزلىكلەر بىلەن ئاخىرلىشىۋاتىدۇ. تولۇقسىز مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلاردىكى ھاراق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان جىنايەت، تۇرمۇش ۋەيرانچىلىقى، ئىقتىسادى سورۇقچىلىقنىڭ نىسبىتى ھەممىدىن يوقىرى ئورۇندا تورىدۇ. ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە نۆۋەتتە يۈز بېرىۋاتقان ئىجتىمائى ئىللەتلەرنىڭ باش سەۋەبكارى چېكىدىن ئاشقان ھاراق ئىستىمالىنىڭ، كەيىپخۇمارلىقنىڭ جەمىئىيەتلىشىشىگە بېرىپ تاقىلىدۇ. بارغانسىرى ئېغىرلاپ كېتىۋاتقان ئىجتىمائى مەسىلىلەرنىڭ كەينىدە ھاراقكەشلىكتىن ئىبارەت ئەنئەنىمىزگە يات ناچار ئادەتنىڭ بارلىقى ئىنكار قىلىپ بولمايدىغان بىر پاكىتقا ئايلىنىپ قالماقتا. ھاراقنىڭ جەمىئىيەتلىشىشى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىجتىمائى توپ جەھەتتىكى بۆلۈنىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، مىللىي ئويۇشۇش كۈچىمىزنى تۆۋەنلىتىۋاتقان مۇھىم بىر ئىللەتتۇر. بۇ مەسىلىلەرگە قانداق مۇئامىلە قىلىش، ئۇنىڭغا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇش، يۈز بېرىۋاتقان ھادىسىلەرگە قارىتا مۇۋاپىق، زامانغا، تەرەققىيات قەدىمىگە ماسلاشقان ئەمما ئەنئەنىنى ئىنكار قىلمىغان، نېگىزلىك قىممەت قاراشلىرىىزغا مۇۋاپىق كەلگەن بولغان ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە ھەل قىلىش چارىلىنى كۆرسىتىپ بېرىش خەلقىنى تەربىيلەش رولىنى يۈكلىگەن ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىىمزنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسىدۇر.
ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىكى مەيدانغا كېلىۋاتقان ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشىنى، لايىقىدا پىكىر قاتناشتۇرۇشىنى تەقەززا قىلىدۇ. ئەمما، ئادەمنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر نوقتا شۇكى، ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىىمزدە بولىۋاتقان يۈكسىلىشلەردە بۇ ھەقتىكى نىسىۋىلەرنىڭ بولمايۋاتقانلىقى ياكى يېتەرلىك نەزەرگە ئېلىنماسلىقىدۇر. بەلكى ئوت ئۈستىگە ياغ چاچقاندەك، شاراببازلىققا، ھاراققا ئالاقىدار بايان ۋە تەسۋىرلەر كۆپلىگەن قەلەمكەشلەردىكى ئىجادىيەتنىڭ مۇھىم  تەركىبى قىسمىغا ئايلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىدۇر. ئولار خۇددى كۈنسىرى يامراۋاتقان ھاراقكەشلىك، كەيىپخۇرمالقنىڭ جەمىئىيەتلىشىشگە پاس بېرىشىپ بېرىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. بۇ خىل نۇرمالسىز ھادىسە ئەدەبىياتنىڭ رولى ھەققىدە كىشىنى گومانغا سالىدۇ.
    توغرا، ئەدەبىيات تۇرمۇشنى چىن ئەكىس ئەتتۈرۈشى كىرەك. چىنلىق ئەدەبىياتنىڭ جېنى. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ خام ماتىرىيالى ئىجتىمائى تۇرمۇشتىن كېلىدۇ. چىنلىقتىن ئايرىلغان ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ قايىل قىلىش كۈچى بولمايدۇ. ئەمما بۇ دېگەنلىك ئىجادىيەت تۇرمۇشنىڭ ئەينەن ئۆزى دېگەنلىك ئەمەس. ئەدىبىياتتىكى چىنلىق ئۇنىڭ تۇرمۇشقا يېقىنلىقىغا قارىتىلغان. تۇرمۇشتا نىمە بولسا شۇنى خاتىرىلەشكە قارىتىلمىغان. مەلۇم بولغىنىدەك، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ تۇرمۇشتىن ئېلىنغان خام ماتىرىياللىرى يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئارقىلىق تاللاش، شاللاشتىن ئۆتكۈزۈلۈپ، ئەسەرنىڭ چىقىش نوقتىسى ۋە ئۇنىڭدا يورۇتۇپ بېرىلمەكچى بولغان ئاخىرقى نىشاننىڭ، بۇ ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان ئاخىرقى ئۈنۈمنىڭ نىمە ئىكەنلىكىگە ئاساسەن ئېلىپ بېرىلىدىغان جەرياندۇر. پىششىقلاپ ئىشلەش دېگەنلىك ئەسەردىكى مۇشۇ نوقتىغا قارىتىلغان. يازغۇچىنىڭ بۇ جەريانى ئەسەرنىڭ جەمىئىيەتتە، مۇئەييەن بىر ئىجتىمائى توپتا ئوينىغان رولى ئارقىلىق ئۆز قىممىتىنى تاپىدۇ. ئىجادىيەتتە تاللانغان ۋاسىتىنىڭ قانداق بولۇشى ئاخىرقى ئۈنۈمنىڭ سۈپىتىگە بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدۇ.
    نۆۋەتتە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا بارلىققا كېلىۋاتقان خېلى كۆپ نىسبەتتىكى ئەسەرلەردە ( مۇتلەق دېيەلمىسەكمۇ )، مەيلى ئۇ ھاراق، ھاراقكەشلىك باش تىما قىلىنغان ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىسى يوق تىمالاردىكى ئەسەرلەردە بولسۇن،  ھاراق، ئىچىشۋازلىق ھەققىدە مەلۇم مەزمۇنلار بار. بۇ خىلدىكى ھاراق، ھاراقكەشلىك تۇتقا قىلىنغان تەسۋىرلەر خۇددى ئىجادىيەتنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدەك بەزى ئەسەرلەرگە زورمۇ زور، ھېچبىر زۈرۈرىيەتسىز ھالدا، بۇنىڭ ئەسەردىكى رولى، ئەھمىيىتى ھەققىدە قىلچە ئويلىشىلماي، ئىجادىيەتتىكى مودا ھىسابىدا ئوشۇقچە قىستۇرۇلۇپ قۇيۇلماقتا. ئىجادىيەتنىڭ يىل سانى يىڭىلىنىپ ماڭغانسىرى بۇ ھەقتىكى تەسۋىرلەر ئەرلەر بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، يەنە ئاياللاردىكى ئىچىشۋازلىقمۇ ئومۇمىي كەيپىيات سۈپىتىدە ئەدەبىي ئەسەرلەردىن كەڭ ئورۇن ئالماقتا.
    خېلى داڭلىق دەپ ئاتالغان بىر يازغۇچى تەرىپىدىن يېزىلغان، بۇنىڭدىن ئون يىللار ئىلگىرى نەشىر قىلىنغان، ئەر كىشىنىڭ پىشىپ يېتىلىش جەريانىدىكى كىشىلىك تۇرمۇش سەرگۈزەشتىسى باش تېما قىلىنغان بىر روماندا ھاراقكەشلىك ئاجايىپ كەڭرى بايانلار بىلەن يىپىدىن – يىڭنىسىگىچىلىك تەسۋىرلەنگەن. روماننى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن، بۇ بىر ھاراققا بېغىشلانغان، ئۇنىڭدا ھاراقنى قايسى ۋاقىتتا قانداق ئىچىش، كىم بىلەن نىمە ئۈچۈن ئىچىش، ئادەم بولوشتىكى ئاخىرقى مەخسەتنىڭ ھاراق ئىچىش ئىكەنلىكىنى ئۆگىتىش باش تىما قىلىنغان مەخسۇس ئەسەردىكىدەك تەسىراتقا كېلىپ قالدىم. كىشى ئىسىملىرى ۋە يەر – جاي ناملىرى ئۇيغۇرچە بولمىغىنىدا ئىدى، بۇنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشى ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن بىر ئەسەر ئىكەنلىكىگە قەتئىي ئىشەنمەس ئىدىم. ( ھېلىھەم بۇنىڭ ئۇيغۇر تۇرمۇشىغا بېغىشلانغان ئەسەر ئىكەنلىكىدىن گومانلىنىمەن. )
    بۇ رومان، زامان جەھەتتە مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ ئوتتۇرلىرىنى باشلانما قىلىپ ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90 – يىللىرىغىچە بولغان قىسقىغىنا بىر دەۋرنى ئارقا كۆرۈنىش قىلىدۇ. روماندا، ئەينى يىللاردىكى ئاچارچىلىقتىن قېچىپ كۇچا ئارقىلىق غولجىغا چىققان خوتەنلىك بىر جۈپ ئەر – خوتۇنلارنىڭ غولجىلىقلار تەرىپىدىن ياخشى مۇئامىلەگە ئېرىشىپ ئۇبدان كۈن كۆرگەنلىكى، ئاپەتلىك كۈنلەر ئاخىرلىشىپ بازار قويىۋىتىلگەندە خوتەنلىكنىڭ سودا قىلىپ بېييىغانلىقى، بورۇن ئۆزلىرىگە ياخشىلىق قىلغان بىر نەچچەيلەننى شىرىك قىلىپ زاۋۇت قۇرۇپ كۆپ پۇل تاپقانلىقى، كىيىن بۇ خوتەنلىكنىڭ خوتەندىكى ئاكىسىنىڭ كۈشكۈرتىشى بىلەن شىرىكچىلىككە خىيانەت قىلىپ، خوتەنگە بېرىۋېلىپ ئۇلارنى نۇرغۇن زىيانغا ئۇچىراتقانلىقى، غولجىلىقلار شىرىكلەرنىڭ خوتەنگە بېرىپ ئۇنى مەست قىلىپ باغلاپ غولجىغا ئېلىپ كېلىپ ئەنتىنى ئېلىپ قويۇپ بەرگەنلىكى، ئەمما مۇشۇ چاغدا ھېلىقى خوتەنلىكنىڭ قىلغانلىرىغا توۋا قىلىپ، رەسمىي ئادەم بولۇش ئۈچۈن غولجىلىق بۇرادەرلىرىنىڭ ھاراق سورۇنىغا قايتىپ كەلگەنلىكى بىلەن ئاخىرلىشىدۇ. روماندا ئىلگىرى سۈرۈلگەن يۇرتىۋازلىق، كەمسىتىش ياكى باشقا يۇرت ئۇيغۇرلىرىنى ھېچقانچە چۈشەنمەسلىك، تۇرمۇش دېتاللىرىنىڭ ساختىلىقى قاتارلىق ئەجەللىك ئاجىزلىقلىرىنى دېمەي تۇروپ، ماقالىمىزگە مۇناسىۋەتلىك تەرىپىنىلا تىلغا ئالساق، ناھايىتى 400نەچچە بەتلىكلا بۇ روماندا ئالاھەزەل 100 قېتىملىق ھاراق ئولتۇرۇشى ياكى ھاراق ئېچىشلەنلىككە ئائىت تەسۋىرلەر بار. ناۋادا بۇ روماننىڭ ھاراق ياكى ھاراق سورۇنى تەسۋىرلەنگەن قىسمىنى چىقىرىۋەتكەندە، بەلكىم 150بەتتەك مەزمۇن قىلىشى مۇمكىن. روماندا بېرىلگەن دەۋر ئارقا كۆرۈنىشى ئاپتۇر تەرىپىدىن مەدەنىيەت ئىنقىلابى دەپ ئېيتىلغان بىلەن، ئەمما ئۇنىڭدا ئەكىس ئەتكەن تۇرمۇش كارتىنىلىرىدىن بىز بىلىدىغان مەدەنىيەت ئىنقىلابىنىڭ پورىقىنى بىلىش قىيىن. روماندا تەسۋىرلىنىۋاتقان مەدەنىيەت ئىنقىلابى شۇنچە چېڭىغا چىققان ۋاقىىتلاردىمۇ ئاددى كوممۇنا ئەزالىرى بولمىش پىرسۇناژلارنىڭ كۈن ئاشۇرۇپ ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ھاراق سورۇنى، بولۇشىغىچە كەيىپ قىلىپ كۈڭۈل ئېچىش خاھىشى، چەكتىن ئاشقان زابويلۇق ئادىتى، مۇھىمى مۇشۇ ئىللەتلەرنىڭ ئاپتۇر تەرىپىدىن ياكى پىرسۇناژ تىلىدىن بولسىمۇ ھېچقانداق ئەيىب سۈپىتىدە ئىنكاس قايتۇرۇلماسلىقى، بەلكى ئۇيغۇر تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم پارچىلىرىدىن قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر خۇنۈكلىكتۇر. گەرچە، مەن 80 – يىللاردىن كىيىن توغۇلغان، مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى باشتىن كەچۈرۈپ باقمىغان بولساممۇ، ئەمما كۈرمىڭ شاھىت ۋە تاغدەك پاكىت ئارقىلىق مەدەنىيەت ئىنقىلابىنى بىر مۇدھىش زامان، تەتۇر قۇيۇن دەپ بىلىپ كەلگەنمەن. ئۇ ۋاقىتلاردىكى ئاچارچىلىق، يوقسۇزلۇقنىڭ ھەممە كىشىنى قالدۇرماي يوقلاپ چىققانلىقىنى بىلگەنمەن. ئەمما روماندىكى تەسۋىرلەرگە قاراپ ئادەم ئىككىلىنىدۇ. بىز ئاچارچىلىق جاھاننى قاپلاپ خەلق بىر پارچە نانغا زار بولىۋاتقان چاغلار دەپ  بىلگەن بىر دەۋرنى تولا كۈنلىرىنى ھاراق ئىچىپ، دوستلار ئارا يېغىلىپ كۈلكە – چاقچاق بىلەن ئۆتكۈزگەن، تۇرمۇشتىن غېمى يوق بىر توپ كىشىلەرنىڭ ھاراق بىلەن كۈڭۈل خوشى قىلىشىدىكى چاغلار قىلىپ تەسۋىرلىگەن تۇرسا! قورساقنى تويغۇزۇش ئەمەس، ئۇنى ئەستەرلىگىدەك بىرەر يېمەكلىككە ئېرىشىشنىڭ ئۆزىمۇ چوڭ غەنىمەت بولىۋاتقان شۇ دەۋرلەردە نەدىن كەلگەن كەڭتاشا ھاراقكەن ئۇ ئۈزۈلدۈرمەي بولىۋاتقان سورۇنلاردا ئۆكسىمەيدىغان؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ دېگەن پىلانلىق ئىگىلىك يولغا قويىلىۋاتقان چاغلار تۇرسا، پۇل بولغان بىلەنمۇ دەماللىققا سېتىۋالغىلى بولمايدىغان ۋاقىتلار تۇرسا ئۇ لازىمەتلىكلەرنى؟ يەنە دىسەك، ھاراق ھازىرقىدەك كەڭرىچىلىك، تۇرمۇش باياشات بىر دەۋردىمۇ بۇنچىلىك شاراببازلىق يوق ئۇيغۇرلار ئارىسىدا.  ئۇنىڭ ئۈستىگە روماننىڭ يېشىمى سۈپىتىدە بېرىلگەن ئازغان كىشى ئوبرازىدىكى باش قەھرىماننىڭ خاتالىقلىرىغا پۇشايمان قىىلپ، پىشىپ يېتىلگەن، تاۋلانغان رەسمىي ئەر بولۇشنىڭ جەريانى قىلىنىپ، ئەر بولماقلىقنىڭ ئاخىرقى پەللىسىگە ئىشارەت قىلىنغان ئاخىرقى بايانلارنىڭ باش پىرسۇناژنىڭ ھەقەمسايىلىرىنىڭ سورۇنىغا - ھاراق ئولتۇرىشىغا قايتىپ كېلىشى بىلەن تۈگىشىمۇ ئىجادىيەت مۇۋاپىقىيەتلىرىمىز ( ناۋادا بىز رومانچىلىقنى ئەدەبىياتىمىزدىكى بىر مۇۋاپىقىيەت دەپ قارىغىنىمىزدا ) ئىچىدىكى بىر ئېچىنىشلىق تىراگىدىيەدۇر.  
    تونۇلغان بىر ئەدەبىي ئاخبارات يازغۇچىمىزنىڭ ئەدەبىي ئاخبارات توپلىمىدا، ئۇنىڭ زىيارەت جەريانىدا باشقىلار بىلەن بولغان ئۇچىرىشلىرى شۇنچە جېق ئورۇنلار تۇرغۇچىدا ھېچبىر زۈرۈرىيەتسىز ھاراق ئىستىمال سورۇنلىرى ياكى ھاراققا زورلىنىدىغان، ئۇنىڭغا غىدىقلىنىدىغان جايلارغا ئورۇنلاشتۇرىلىدۇ. بۇ توپلامنىڭ كۆپىنچە بايان ئوبيكىتلىرى ياش قىزلار بولۇپ، ئاپتۇرنىڭ بۇ قىزلار بىلەن ھاراق ئېچىشكەش ئولتۇرۇپ سۆھبەتلەشكەنلىكى، ئۇلارنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلىغانلىقى، ھەتتا تېخىمۇ لاۋزىلىشىپ ھاراقنى ئۇ قىزنىڭ قانداق ئىچكەنلىكى، ئۆزىنىڭ قانداق مەستخۇش بولغانلىقى، كوچىلاردا كەيىپنىڭ كۈچى بىلەن قانداق سەيلە قىلىشقانلىقى دېگەندەك قىلىنماسلىق كىرەك بولغان، ناۋادا ھەقىقەتەن مۇشۇنداق قىلىنىپ قالغان تەقدىردىمۇ ئۇنى قەغەز يۈزىدىن يۇشۇرۇش زۈرۈر بولغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ بايانلارنىڭ ئەسەرنىڭ يۇرۇتماقچى بولغان باش تېمىسى بىلەن ھېچبىر باغلىنىشلىقى بولمىغان ئەھۋالدا بۇنداق قىلىشنىڭ ئارتۇقچىلىق ئىكەنلىكى ئېنىق بولغان تەپسىلاتلارنىڭ بۇ قەدەر تەپسىلى ۋە ئاشكارا يوسۇندا ھەتتا بەزى مەزمۇنلاردا چەكتىن ئاشقان قىلىقسىزلىق پاسۇنىدا ئوقۇرمەنلەرگە سونۇلۇشى ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ.
    ئەدەبىياتىمىزدىكى ئىجادىيەتلەردە مەيلى ئۇ رومان بولسۇن ياكى پوۋىسىت ۋەياكى نەچچە بەتلىك ھىكايىلەردە بولسۇن، ھاراققا ئالاقىدار تەسۋىرلەرنىڭ بارغانسىرى كۆپىيىپ قىلىۋاتقانلىقى، بۇ ھەقتىكى ئوبيكىتلارنىڭ ئەرلەدىن ھالقىپ ھەتتا ئاياللارنى تەسۋىرلەشنىڭ ماتىرىيالى قىلىشى، ھەدىسە ۋەقەلىكنى ھاراق ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار بايانلار بىلەن بېيىتىشنى ئەسەرنىڭ جەلىپكارلىقىنى ئاشۇرۇشنىڭ ۋاسىتىسى قىلىۋىلىش، ھاراق ئىچىشنى ئومۇمىي ئادەت دەرىجىسىگە كۆتۈرۈپ، ئۇنى ئەسەرلەرنىڭ مۇھىم دىتاللىرى ھىسابلاپ، ئەسەر ۋەقەلىك تەرەققىياتىغا زۈرۈرىيەتسىز بولسىمۇ ھاراق ۋە ھاراق سورۇنلىرى ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى زورمۇزور قىستۇرۇپ قۇيۇش، ھاراق ئىچىش ۋە ئۇنداق سورۇنلاردا بولىدىغان پاراڭلارغا ئالاقىدار تەسۋىرلەرنىڭ بارغانسىرى ئىنچىكىلىشىشى  ئومۇملىققا ئايلىنىۋاتىدۇ. بۇ خىل ھادىسە ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى تەرەققىيات ئەمەس بەلكى، ئەدەبىياتنىڭ ئىجتىمائى رولىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنىڭ سەۋەبكارىغا ئايلىنىپ قالماقتا. قەلەم ئىگىسىنىڭ ئۆز ئىدىيە ۋە قىممەت قاراشلىرىنى، مەسىلىلەرگە بولغان ئىنكاسىنى يورۇتۇپ بېرىدىغان، ئولارنىڭ جەمىئىيەتتىكى ھادىسىلەرگە تۇتقان پوزۇتسىيەسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ئەسەرلىرى يازغۇچى خاراكتىرىنىڭ، شەخسىيىتىنىڭ قەغەز يۈزىدىكى ئاشكارىلىنىشى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىدىكى بۇ خىل ئېغىش ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، ئەڭ ئاۋۋال ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىدە بار بولغان مۇشۇ خىل ئادەت ياكى تۇرمۇش ئۇسۇلىنى پۇرىتىپ ئۆتىدۇ. ئەمما بۇنداق بولغانلىق ئەدەبىياتنىڭ يېتەكلەش بۇرچىنىڭ ئەمەلدىن قالغانلىقىنى بىلدۈرمەيدۇ. دېمەكچىمىزكى، يازغۇچىلىرىمىز ئىجادىيەت جەريانىدا ئەڭ ئاۋۋال ئومۇمىي مەنپەئەتنى، خەلققە ھەقىقىي كىرەكلىك ئاڭ ياكى كۆرسەتمىنىڭ نىمىلىكىنى، قانداق مەزمۇندىكى ئەسەر مەركىزى ئىدىيىسىنىڭ بىزلەرنى ئۆزىمىزنى ئىسلاھ قىلىشقا، ساغلام تەرەققىي قىلىشىمىزغا يېتەكلەشكە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، نىمىنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇش يولىمىز ئىكەنلىكىنى ھىس قىلدۇرۇشنى، ئاينىپ كەتكەن ناچار ئادەتلەرنى ئەدەتتىكى ئىش سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى يامان قىلىق، ناچار ئەخلاق سۈپىتىدە تەنقىدلىيەلەيدىغان بولۇشنى ھىس قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. يازغۇچىدىن ئۆزىنىڭ يازغانلىرىغا، ئۇنىڭدىكى ئىدىيەلەرگە، ئۇنىڭدىن مەيدانغا كېلىۋاتقان نەتىجىلەرگە مەسئۇل بولۇشنى تەلەپ قىلىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتتىكى بۇ خىل ھاراق – شاراب ۋە كەيىپكە ئالاقىدار بىمەنە دىتاللار، رىئاللىقىتىن چەتنەپ كەتكەن، ئۇيغۇر ئەنئەنىسىگە يۇچۇن، ئادەت – ئۇدۇملىرىمىزغا يات چېكىدىن ئاشقان تەسۋىرلەر ئوقۇرمەنلەرگە نە ئېستېتىك زوق بېرەلىسۇن؟ نە ئوقۇرمەنلەرنى توغرا تونۇش بىلەن تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇشتىن ساۋاق ئېلىشىقا، ئىبرەت ئېلىشىقا، ئۇلارنى تەربىيەلەشكە، مۇھىمى ئولارنى توغرا بولغان قىممەت قاراشقا يېتەكلىيەلىسۇن؟
    دۇرۇس، يېقىنقى يىللاردىن بىرى ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدە سەلدەك يامراۋاتقان ھاراققا ھەددىن زىيادە بېرىلىش، كەسپىي زابويلارغا ئايلىنىپ توپ شەكىللەندۈرىۋاتقانلار دىققەتنى تارتىدۇ.  بۇ خىل ئەھۋال شەھەرلەردىلا ئەمەس ھەتتا يېزىلاردىمۇ ئەۋج ئالماقتا. ھاراقكەشلىك بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ چۈشكۈنلىشىش، ئىجتىمائى ئورنىنىڭ تۈۋەنلىشى، ئىقتىسادتا ئاجىزلىشىشى، ئېغىر جىنايەت نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ئوڭ تاناسىپ شەكىلدە نامايەن بولماقتا. ھاراققا قانچە بېرىلگەن، ھاراقكەش قانچە كۆپ جايلاردا بىچارىلىك ۋە بىقۇۋلۇق شۇنچە ئوچۇق – ئاشكارىلانماقتا. ئەنئەنىلەرنىڭ يېمىرىلىشى، ئائىلىلەرنىڭ بۇزۇلۇشى، ئەۋلادلارنىڭ ئېتىقادسىز چوڭ بولىشى ئېغىرلاشماقتا. ھاراقكەشلىكنىڭ ئىجتىمائىلىيىشىدەك بۇ خىل ناچار يۈزلىنىش پەيدا قىلىۋاتقان تالاي – تالاي پاجىئەلەر، ھاراق سەۋەبلىك بۇزىلىۋاتقان نەچچىلىگەن ئائىلىلەر، ھەق – ھوقۇقلىرى لايىقىدا ھۆرمەت قىلىنمىغان، تۇرمۇشنىڭ جاپالىرىغا تاشلاپ قويىلىۋاتقان مەزلۇم ئاياللار، يېتىم بولۇپ خورلۇققا پاتقان بالىلار، ھاراق ئېچىۋېلىپ قىلىنغان جەڭگى – جىدەل، ئۇرۇش – سۇقۇشلار، قاتىللىق، بۇلاڭچىلىق كەبى جىنايەتلەر، ئەرلەرنىڭ ھاراققا بېرىلىشى سەۋەبلىك ئۇلاردىكى ئۇنتۇلغان مەسئۇلىيەتلەر، تاشلىنىپ قالغان بۇرچلار، مۇھىمى پايخان بولىۋاتقان ئەرلىك سالاھىيەت ۋە ھۆرمەتلەر، غۇرۇر ۋە ئېتىقادلار، ئىسىل قىممەت قاراشلىرىدىن يېراقلىشىۋاتقان ئەۋلادلار، يېمىرىلىۋاتقان ئەنئەنىۋى قورغانلار، ئەۋج ئېلىۋاتقان ئەخلاقىي بۇزۇلۇشلار، سىنىدىن قىلىۋاتقان قىزلىق شەرمىي – ھايا ۋە ئىپپەتلەر  قەلەم تۇتقانلارغا بېرىلگەن قاتتىق بىر سىگنالدۇر.  ئەدەبىياتىمىزنى بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇشقا ۋە ئۇنىڭ توغرا ھەل قىلىش شەكىللىرىنى، كىشىلەرنى بۇنداق پاجىئەلەردىن قوتۇلۇشقا، يېراق تۇرۇشقا يېتەكلەيدىغان، مۇشۇ ھەقتە ساغلام بىر كۆرسەتمە تەقدىم ئېتەلەيدىغان ئىجادىيەتلەرنى مەيدانغا كەلتۈرۈشكە زورلايدۇ. ئەدەبىياتنىڭ تۇرمۇشنى چىنلىق بىلەن تەسۋىرلەش تەلىپى ئۇنىڭدىكى  مەركىزى ئىدىيەنىڭ، ئىلگىرى سۈرۈلمەكچى بولغان قىممەت قاراشنىڭ تۇرمۇشتىكى ئەينەن رىئاللىق ياكى شۇنىڭ كۈچۈرۈلمىسى ئەمەس، بەلكى رىئاللىقتىن ئۈستۈن تورىدىغان، كىشىلەرگە كۆرگىنى ياكى ئويلىغىنى بويىچە ئەمەس،  بەلكى ئۇلار تېخى ئويلاپ يەتمىگەن ياكى ھىس قىلالمىغان  نوقتىلارنى تەقدىم قىلىشى، ئوقۇرمەنلەرنى توغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەشى كىرەك دىگەنلىكتۇر.   
    ھاراقكەشلىك ئۇيغۇرلارغا ئەنئەنە ئەمەس، پاكىت شۇكى، ئۇ ئۇيغۇرلاغا بىرەر مەنپەئەت ياكى پايدا ئېلىپ كەلگىنىمۇ يوق. ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگىنى سورۇقچىلىق، رەسۋالىق، بىقۇۋلۇق ۋە يېمىرىلشتىتۇر. شۇڭلاشقا ئىجادىيەتتە بۇ ھەقتىكى تەسۋىرلەرنى ئوچۇقلاشتۇرۇش، ئىنچىكىلەشتۈرۈشنىڭ ئورنىغا، كىشىلەرنى ئۇنىڭدىن يېراق تورىدىغان، كىشىلىك قەدىر – قىممەتنى ساقلاشقا دەۋەت قىلدىغان، كېلىچەك، تەقدىر ئۈستىدە ئويلىنىدىغان، ئاشۇلارغا كۈڭۈل بۆلىدىغان مەزمۇنلارنى كۆپرەك يورۇتۇپ تەخىرسىز مەسىلىلەرگە تەخىرسىز مۇئامىلە قىلىدىغان ئۇيغاق پوزۇتسىيەنى يېتىلدۈرسەك. ئەمەس بايانلار بىلەن ئىجادىيەتنىڭ قىممىتىنى پاخاللاشتۇرۇپ، ئۇنى سۈپەتسىزلىككە سۆرەش ھەممىمىز كۆرۈشنى خالىمايدىغان بىر ئەھۋالدۇر. چۈنكى، ئىجادىيەتنىڭ سۈپەتسىزلىكى ئۇنىڭ قىممەت قاراشلارنى ئاستۇن – ئۈستۈن قىلىۋېتىشى بىلەن ئىپادىلىنىشى نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئالدىنى ئالمىسا بولمايدىغان بىر تەخىرسىزلىكتۇر.
    ئەدەبىياتتىكى سېرىقلىشىش ۋە بىمەنە مۇھەببەت دىتاللىرىنىڭ جېقلاپ كېتىشى نىمەدىن دېرەك بېرىدۇ؟
    مۇھەببەت تېمىسىنىڭ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا تېماتىك مەزمۇن سۈپىتىدە قوللىنىۋاتقانلىقىغا ئۇزۇن دەۋرلەر بولدى. نەچچە ئۆزگىرىش ۋە بۇرۇلۇشلارنى ياساپ، نادىر نەتىجىلەرنى يارىتىپ بىزنى شاتلاندۇردى. يىڭى  زامان ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىمىز بۇ كونا ئەمما مەڭگۈلۈك تىما بولغان مۇھەببەت تىمىسىنى ئۆزىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن قىلىپ، ئىجادىيەت سەيناسىنى بېيىتىپ كەلدى. ئەمما بۇ سەينادىكى تارىيىش يۈزلىنىشى، يەنى مۇھەببەت ئوقۇمىنىڭ نوقۇل ھالدىكى قىز – ئۇغۇللار ئارىسىدىكى ئىشىققا، ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئاشنىدارچىلىققا مەزكەزلىشىپ قېلىشى بىزنى بىئارام قىلىدۇ. شۇنداقلا بۇ خىل تارىيىشنىڭ نەتىجىسى سۈپىتىدە ئەدەبىياتىمىزدا بارلىققا كېلىۋاتقان يىڭى ئىجادىيەتلەردە غولداپ كېتىۋاتقان  جىنسىيەت دىتاللىرى بىزنى تەئەججۈپلەندۈرىدۇ.
    مۇھەببەتنىڭ، يەنى كېلىپ ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى سۆيگۈگە، مۇھەببەت سەرگۈزەشتىلىرىگە، ئۇلاردا ئەكىس ئەتكەن دۇنيا قاراش ۋە قىممەت يۈزلىنىشلىرىنىڭ ئۆزگىرىش تەرەققىياتىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەرنىڭ بارلىققا كېلىشى ئەلۋەتتە نۇرمال ھادىسە. ئۇنى ئالقىشلاشقا، رىغبەتلەندۈرۈشكە تامامەن بولىدۇ. ئەدەبىياتنىڭ تەپەككۇر ۋە تەسەۋۋۇرىنى كەڭ قاناتلاندۇرۇپ، جەمىئىيەتتىكى رىئال مەسىلىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈش باش تىما قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىمىزدىكى ئەھمىيىتىگە كۆز يۇمغىلى بولمايدۇ. ئەمما باش تېمىنى يۇرۇتىشتىكى ۋاسىتىنىڭ كەچتىن ئېشىشى ياكى ئاخىرقى رامكىلاردىنمۇ ئاينىپ كېتىشى ھاي قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلەدۇر.
ئىلان قىلىنغان ئەسەرلىرىمىزگە قارايدىغان بولساق، ھاراق ۋە جىنسەيەت تەسۋىرلىرى ئەڭ كۆپ چېلىقىدىغان مەزمۇنلارغا ئايلىنىپ قىلىۋاتىدۇ. قانداقلا بىر ئەسەر بولمىسۇن، ئۇنىڭدا جىنسىيەت ۋە شۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇنلارنىڭ كۆرۈلۈش نىسبىتى كۈندىن – كۈنگە يوقىرىلاپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ خىل يامان ئەھۋال رومان ئىجادىيەتلىرىدە بەكرەك گەۋدىلىك.
    ئۇيغۇرلار ئىپپەت قارىشى تولىمۇ كۈچلۈك بىر مىللەت. ئۇلاردىكى نۇرغۇن قىممەت قاراش ۋە مەدەنىيەت ھاسىلاتلىرى دەل مۇشۇ ئىپپەت قارىشى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىكتۇر. ئۇيغۇر كىشىلىك تۇرمۇش پەلسەپەسىدىكى ئاساسىي ئۇل  - نۇمۇس كۈچىمۇ ئىپپەت قارىشىنى تەگ قىلغان. ئۇيغۇر پىسخكىسىمۇ بۇنىڭغا ئالاقىدار مەسىلىلەرگە بەكلا سەزگۈر بولۇپ، تولا ھاللاردا جەمىئىيەتتە ئاسانلا پىكىر ئېقىمى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.  ئۇلاردىكى بۇ قاراش ئۆتكىلى بولمايدىغان قىزىل سىزىق سۈپىتىدە كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدا ھېلىھەم ئۆز كۈچىنى كۆرسىتىپ تورماقتا. جەمىئىيەتنىڭ ئىجتىمائى قورۇلمىسى جىددى ئۆزگىرىش ياساۋاتقان، ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلار تىز سۈرئەتتە ئاجىزلاۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلاردا مەۋجۇت بولغان جىنىس ۋە ئۇنىڭغا ئالاقىدار تېمىلار يەنىلا سەزگۈرلۈك پېتىنى يوقاتماي، ئەنئەنىمىزدىكى نېگىزلىك قىممەت قاراشلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ كەلمەكتە. ناۋادا ئۇيغۇرلاردىكى بۇ ئاڭ يۇقاپ كەتكەندە ئىدى، ئۇيغۇرلارنىڭ نۇمۇس تۇيغۇسىمۇ قۇرۇق نەرسىگە ئايلىنىپ قالغان بولاتتى. دېمەك، ئۇيغۇرلاردىكى بۇ قاراش ئۇيغۇر كىشىلىك مۇناسىۋەت ھالقىلىرىنى بىر – بىرىگە باغلاپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇيۇشۇش كۈچىنى تىرەپ تۇرماقتا. نۇ نوقتىدىن ئالغاندا، ئۇ، كىم بولۇشى ۋە نىمە يۈز بېرىشىدىن قەتئىينەزەر چوقۇم ئەستايىدىل، ئېھتىيات بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كىرەك بولغان بىر تۇسۇقتۇر. ئۇيغۇرلادىكى ئىپپەت قارىشىنى قوغداش ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى قوغداشتىكى مۇھىم تەركىۋى قىسىمدۇر.
    ئەدەبىيات تۇرمۇشنىڭ ئەينىكى. بىر مىللەت مەدەنىيەتىنىڭ، قىممەت قاراشلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى. ئەدەبىياتنىڭ مىللىيلىكى ئۇنىڭ مىللەتكە نىسبەتەن ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلارنى، تۇرمۇش ئۇسۇللىرىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش ۋە ئۇلارنى جارى قىلدۇرىشتا ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئۆز ئەنئەنىلىرى ۋە قىممەت قاراشلىرىغا لايىقىدا ھۆرمەت قىلىش، ئۇنى توغرا ئۇسلۇب بىلەن بايان قىلىش، نېگىزلىك قاراشلارغا ئەمەل قىلىش ئەدەبىياتنىڭ قەلەمكەشلەرگە قويىدىغان مۇھىم تەلەپىدۇر.
    جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىياتى ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئارىلىقنى بارغانسىرى يېقىنلاشتۇردى. يەنى ئاياللارنى بۇسۇغىنىڭ تېشىغا يۈزلەندۈردى. كۆپلىگەن ساھەلەردە ئاياللار ئەرلەرگە ئوخشاشلا ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، مۇئەييەن كۆلەم شەكىللەندۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىلىشى ئۇلارنى يەنە يىڭى – يىڭى مەزمۇنلارغىمۇ باشلاپ كىردى. يات ئەرلەر بىلەن بىمالال ئالاقە قىلىش، كەچلىك سورۇنلارغا قاتراش، قاتار چاي زىياپەتلىرىگە داخىل بولۇش، باشقىلار بىلەن چەكلىمىسىز مۇناسىۋەت ئورنىتىش نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ تۇرمۇشىدا ئادەتتىكى مەسىلەگە ئايلىنىپ قالدى. مەسىلىنىڭ ئىككى تەرىپى بولغىنىدەك، ئاياللارنىڭ ئىجتىمائىلىشى ئۇلارغا بەزى ھەق – ھوقۇقلارنى بەرگىنى، ئۇلارنى يوقىرى ئېمتىيازلاردىن بەھرىمەن قىلغىنى بىلەن، ئۇلارنى يەنە بىر قاراڭغۇ تەرەپكىمۇ سۆرەپ كىردى. ئائىلىسىدىن چېنىش، ئۆز جۇپتىغا خىيانەت، كەيىپ ۋە پۇل – مالغا بېرىلىش، ئاشنىدارچىلىق، داغۋازلىق، باشتۇڭلۇق قاتارلىق بولمىغۇر جىنايەتلەر ئۇلارنى چوڭقۇر ھاڭلارغا، تۇرمۇشنىڭ كۈلپەتلىرىگە، چۈشكۈنلۈكلىرىگە مۇپتىلا قىلماقتا. نۇرغۇنلىغان تىراگىدىيەلەرنىڭ باش ھالقىسىغا ئايلىنىپ قالماقتا.
    تۇرمۇشنىڭ ئىنكاسى بولغان ئەدەبىي ئەسەلەر تۇرمۇشتىكى بۇ ۋەقەلىكلەرنى مەنبە قىلىپ تۇرۇپ، جەمىئىيەتتىكى مۇشۇ خىل مەسىلىلەرگە ئوخشىمىغان نوقتىلاردىن، پەرقلىق قىممەت قاراشلارنى تۇتقا قىلىپ باھا ۋە ئىنكاس قايتۇرۇشقا باشلىدى. ئەمما بىرىنىڭ كەينىدىن بىرى مەيدانغا چىقىۋاتقان بۇ ئىجادىيەتلەر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىغا يىڭى ئىجادىيەت مەنبەسى تەقدىم قىلغان بۇ مەسىلىلەرگە كۆپلىگەن كۈلپەت ساھىبلىرى كۆزلىگەن، ئولار ئۈمىد قىلغان چىقىش يولىنى كۆرسىتىشتىن، ئۇلارغا ئۇلار تەلپۈنگەن ھايات ئىستىلىنى تەقدىم قىلىشتىن ئاجىز كەلدى. ئىجادىيەتلەردىكى ئىنكاس ئۇلارنىڭ خاتا تۇرمۇشىنى تەسۋىرلەش، ئازغۇن يوللىرىنى ئۇچۇقلاشتۇرۇپ بېرىش، ئۇلارنىڭ تىراگىدىيەلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە ئەينەن تاشلاپ قۇيۇشنىڭ نېرىسىغا ئۆتەلمىدى. قىسمەن ئاپتۇرلاردىن باشقىلارنىڭ ئەسەرلىرى ئوقۇغۇچىلارنى ئېنىق بىر يەكۈن بىلەن تەمىن ئېتەلمىدى، بەلكى ئەسەردىكى بايان دېتاللىرى ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ، بۇ خىل ناچار قىلمىشلارنىڭ ئەدەپ كېتىشىگە سەۋەب بولماقتا.
    ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى تىراگىدىيە، ئىجتىمائى تۇرمۇشتىكى تاپتىن چىقىش، ياش قىزلارنىڭ زالالەت كوچىسىغا يەم بولىۋاتقانلىقى، قىز – ئۇغۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەتلىشىش دېگەندەك مەخسۇس مۇشۇ خىل خاس تېمىغا بېغىشلانغان ئەسەرلەردىلا ئەمەس، بۇنىڭغا يېقىنمۇ كەلمەيدىغان مۇناسىۋەتسىز تېمىلاردىكى ئەسەرلەردىمۇ جىنسىيەت ۋە شەھۋانىيلىق ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنىڭ  كەڭرىلىكى، تەپسىلى ۋە ئۇچۇقلۇقى، يەنى كېلىپ ئىنچىكىلىكى ھەقىقەتەن ئەپسۇسلىنارلىق بىر ئەھۋال. نىمىلا دەيلى، قانداقلا باھانە – سەۋەب كۆتۈرۈپ چىقمايلى، ئەدەبىي ئەسەرنىڭ شەھۋانىيەتنى، بۇزۇقچىلىقىنى تەشۋىق قىلمايدىغانلىقى ھەممىگە ئايدىڭ. يەنە كېلىپ بۇ خىل ئەھۋالنىڭ بولغانلىقىلا ئۇنى ئىجادىيەتكە كەڭرى سۆرەپ كىرىشنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە يازغۇچىنىڭ چىقىش نوقتىسىمۇ بۇ ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرنى تەربىيلەشنى چىقىش قىلىدىغان بولغاندىكىن، ئەدەبىي ئەسەرلەردە كەڭ ئورۇن ئالغان بۇ خىل تەسۋىرلەرنىڭ كەلتۈرۈپ چىقارغان سەلبىي تەسىرىنىمۇ، ياشلارغا، ئۆزىنى كونتىرول قىلالمايدىغان تەنتەكلەرگە ئېلىپ كېلىدىغان ئەكىس ئۈنۈمىنىمۇ ئويلىنىپ بېقىشقا، مۇھىمى قەلەم تۇتقۇچىلارنىڭ ئۆز قەلىمىدىن تامغان قورلارغا مەسئۇل بولۇشى كىرەكلىكىنى ئويلاپ بېقىش لازىم بولىدۇ.
    ئەمەلىيەتتە، ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزدىكى بارغانسىرى كۆپىيىۋاتقان جىنسىيەتكە ئائىت مەزمۇنلار ۋە بۇنىڭ ئۇچۇقلىشىپ، چەكتىن ئېشىپ بېرىۋاتقانلىقى يازغۇچىنىڭ يېزىقچىلىقتىكى بەدىئىي دېتىنى ئەمەس بەلكى ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى، پىسخىك ئېغىشىنى ئىپادىلەپ قويىدىغان بارومىتېردۇر. بەدىئىي دىت بۇنىڭ بىلەن ئۆلچەنمەيدۇ ئەلۋەتتە. ئوقۇرمەنلەرنىڭ ساغلام ئېستېتىك زوقىمۇ بۇنى تەلەپ قىلمايدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ مەسىلە شەخىسنىڭ كۆز – قاراشلىرىغا قاراشلىق مەسىلە ئەمەس. ئۇ مىللەتنىڭ قىممەت قارىشىغا مۇناسىۋەتلىك مەسىلەدۇر. ئەتراپىمىزدا بۇ خىل ئەھۋالنىڭ يامراپ كېتىشى ياكى كۆپلەپ يۈز بېرىشى ئەدەبىي ئەسەلەرلىرىمىزدە ئۇنى كۆپلەپ بايان قىلىش، بۇ ھەقتىكى جەريانلارنى ئىنچىكە تەسۋىرلەش ياكى ئۇچۇقلاشتۇرۇش يولى بىلەن ئەمەس، بەلكى بۇنداق ناچار ئىللەتلەرگە قارشى تۇرۇش، چەكلەش، يەكلەش پوزۇتسىيەسى بىلەن ئىپادىلىنىشى لازىم. ئەلۋەتتە ئۇنى ئەدەبىي ئەسەرلەردە ئىنچىكە تەسۋىرلىمەي تۇرۇپمۇ بۇ خىل مەخسەتكە تامامەن يەتكىلى بولىدۇ.
ئەدەبىياتىمىزدا جىنسىيەت، شەھۋانىيلىق،  قىز – ئوغۇللار ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت دېگەندەك بىمەنە مەزمۇنلارنىڭ جېقلاپ كېتىشىلا ئەمەس، بەلكى ناھايىتى ئۇچۇقلىشىپ، ئىنچىكە تەسۋىرلەر بىلەن بايان قىلىنىشى تولىمۇ تېتىقسىز بىر نەتىجىدۇر. ئوقۇرمەنلەرنى زەھەرلەيدىغان، خاتا تۇيغۇ ۋە بىر تەرەپلىمە ھۈكۈمگە سۆرەيدىغان، ئوقۇرمەننىڭ تەپەككۇرىنى ناتوغرا يۆنىلىشكە يېتەكلەيدىغان ناچار ئەھۋالدۇر.  يەنە دەپ ئۆتسەك، ئەسەرنىڭ مەخسىتى بۇنداق مەزمۇنلارنى ئاخىرقى نىشان قىلمىغان ئەھۋال ئاستىدا، بۇ ھەقتىكى تېتىقسىز بايانلارنى ئازلاشتۇرۇپ، ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلنىڭ ھەل قىلىش چارىسى ۋە ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇلماقچى بولغان ئەسەرنىڭ ئاخىرقى يېشىمى ۋە تەشەببۇسنىڭ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىشىغا كۈچىگىنى ياخشى.
    بۇ ھەقتە بىر يۇمۇر ئوقۇغىنىم ئىسىمدە. بىر مۇخبىر داڭلىق بىر يازغۇچىدىن بۇرۇنقى كىلاسسىك ئەسەرلەر بىلەن ھازىرقى ئەسەرلەرنىڭ پەرقى نىمە دەپ سورىغاندا، ھېلىقى يازغۇچى، بۇرۇن بىرەر كىتاپنى ئوقۇپ ئوتتۇرىغا بارغاندىمۇ قىز – ئۇغۇلنىڭ مۇھەببەتلەشكەنلىكىنى كۆرگىلى بولمايتتى. ئەمما ھازىرقى ئەسەرلەردە ئوقۇپ 2- بەتكە بارمايلا ئۇلارنىڭ ھارامدىن بالا تېپىپ بولغانلىقىنى كۆرىسىز، دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ...
    مەلۇم يازغۇچىمىز تەرىپىدىن يېزىلغان، ئوڭ بايان ئۇسلۇبىدىكى بىر جۈپ قىز – يىگىتنىڭ تونۇشىشىدىن باشلانغان بىر روماندا، 3- بەتتىلا باش پىرسۇناژ قىزنىڭ بويىدا قالغانلىقىنى ئوقۇپ يوقىرى يومۇرنىڭ مۇنداقلا دەپ قويغان ھەزىل ئەمەسلىكىنىڭ، ئۇنىڭ يۈز بېرىۋاتقان ئىجادىيەت ئەمەلىيىتىدىن كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ يەتكەنىدىم. ئەپسۇس، غەرپلىك بىر يازغۇچىنىڭ ئېغىزىدىن چىققان بىر گەپنىڭ بىزنىڭ ئارىمىزدا ئەمەلگە ئېشىپ قالغىنى دىسە!
    17 ياشلار ۋاقتلىرىمغۇ دەيمەن. « ئانا يۇرت » رومانى يىڭى نەشىر قىلىنغان ۋاقىتلار ئىدى. سىنىپ مەسئۇلىمىز بۇ كىتاپتىن بىر يۈرۈش سېتىۋېلىپ ئوقۇڭلار دەپ بىزگە تارقىتىپ بەردى. كىتاپ قولدىن قولغا ئۆتۈپ، تالىشىشلار بىلەن ئوقۇلدى. شىڭ شىسەينىڭ بەتقىلىقىغا ئالاقىدار بايانلار بار قىسمى بولۇپمۇ ئوغۇللار ئارىسىدا بەكمۇ تالاشتا قالدى.  بۇ رومان ھەققىدە ياتاقلاردا بولۇنغان پاراڭ ئارىلىقىدا بىر ساۋاقدىشىمىز ئۇچۇقلا قىلىپ، مۇشۇنداق يېرىنى دېمىسەك نىمىشقا ئوقۇيمىز بۇنى دېگەنىدى. بۇنىڭغا ياتاقتىكىلەردىن بىرەر قارشى ئىنكاس چۈشمىگەنىدى...« قىز كۆكسىگە چېكىلگەن كەپتەر » دېگەن ئەسەرنى ئوقۇپ، ئۈزەمنىڭ نىمە ئوقۇۋاتقانلىقىمىنى، بۇ، دىيىلىۋاتقان سېرىق ئەسەرمۇ قانداق، بۇنى نىمىشقا ئاشكارا تارقىتىدىغاندۇ دەپ گاڭگىراپلا قالغانىم ئىسىمدە.  « نازىنىن قىزلار » نەشىر قىلىنغاندىن كىيىن ما ئادەمگە نىمە بولغاندۇ ئەمدى دەپ ئەپسۇسلانغانىدىم. ئاشىقلىقنىڭ گۇناھ ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلاشنى نىشان قىلغان، مۆتىۋەر بىر يازغۇچىمىزنىڭ قولىدىن چىققان، ئوقۇرمەنلەر بىلەن يېقىندا يۈز كۆرۈشكەن بىر روماندا، ئىرى بار چوكاننىڭ يېزىغا چېنىقىشقا چۈشكەن بىر بوز يىگىتكە ئاشىق بولۇپ قالغانلىقى، شۇنىڭ بىلەن ئىرى بىلەنمۇ زورمۇزور ئاجرىشىپ ( بۇ جەرياندا نىكاھىدىكى ئەرگە قىلىنغان خىيانەتلەرمۇ بار. ئەمما بۇ ئاپتۇر قەلىمىدە ئەيىبلىنىش ئۇياقتا تۇرسۇن،  ئاشىقلىق نامى بىلەن ئاقلىنىپ، بىچارە ئەر زومىگەر قىلىپ تەسۋىرلىنىدۇ.) ھېلىقى يىگىت بىلەن مەڭگۈ بىللە ئۈتۈشكە ئەھدە قىلىشىدۇ. ئەمما نامەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن بىر مەزگىل توي قىلالمايدۇ. بۇ ئارىلىقتا قىزنىڭ ئۆيدىكىلىرى قىزنى بۇ ئىشتىن تۇسۇپ قويىدۇ ۋە ئۇلارنىڭ مۇناسىۋەتلىرىگە چەك قويىدۇ. ئەمما بۇ چوكان ئاتا – ئانىسىغا، ھەتتا دادىسىنىڭ ئورۇشلىرىغا پىسەنت قىلماي داۋاملىق ئۇ يىگىتنىڭ ئۆيىگە بېرىۋالىدۇ. قۇلۇم – قشنىلارنىڭ بۇ ئىككىسىنى ئەيىبلىگەنلىكىنى، ساقچىخانىدىن بۇ ئىككەيلەننىڭ بۇنداق مۇناسىۋەتلىرىنى تۇسۇشقا ئورۇنۇشلىرىنى قالاقلىق، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىق قىلىپ ئەيىبلەيدۇ. ھەتتا ئۇ چوكان ئۆيىدىن سولاپ قويغان يەرلىرىدىن قېچىپ ( بۇ ھەقتىكى تەسۋىرلەرى چوكاننىڭ ئۆيدىن قېچىپ چىقىشى باتۇرلۇق مەنىسىدە، ئاتا – ئانىسىنىڭ قىلغانلىرىغا قارىتا مەسخىرە، بىچارە كۆرسىتىش تەلەپپۇزىدىكى بايانلار قەدەمدە بىر ئۇچرايدۇ.) ئارقىمۇ – ئارقا ئۈچ كۈن ھېلىقى يىگىتنىڭ ئۆيىگە بارىدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قۇنۇپ قالىدۇ. بۇ ھەقتتىمۇ ئىككىسىنىڭ كىيىمىنى قانداق سالغانلىقىدىن تارتىپ ھەممە قىلىقسىزلىقلىرى ھەققىدە خېلى كۆپ تەسۋىرلەر بار. 3 – كۈنى قوشنىلارنىڭ پاش قىلىشى بىلەن ساقچىلار كىچىسى كېلىپ نەق مەيداندا بۇ ئىككىسىنى تۇتىۋالىدۇ. ئەمما ئۇلار قىلچىلىك خىجىل بۇلۇشنىڭ، نۇمۇس قىلىشنىڭ ئورنىغا ساقچىلار بىلەن تەڭ زوكۇنلىشىپ قارشىلىشىدۇ. ساقچىخانىغا ئېلىپ بېرىلىپ قىلىنغان سوراقلاردىمۇ بۇنداق ئىشنىڭ ئەخلاقسىزلىق ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلمايدۇ. تېخى چوكاننىڭ ساقچى باشلىقى بىلەن سوراق جەريانىدا بولغان دىئالوگى ئۇ چوكاننىڭ خۇددى دۈشمەننىڭ قولىغا چۈشۈپ قالغان قەھرىماننىڭ نوتۇقلىرىدەك تۈستە بېرىلگەن. قىسقىسى، چوكاننىڭ ھەرقانداق قىلمىشى قەھرىمانلىققا كۆتۈرۈلۈپ تۇرۇپ باھا بېرىلگەن. چوكاننىڭ مۇشۇ قىلىقىلىرى ئارقىلىق بىراۋنى ياخشى كۈرۈپ قېلىشنىڭ خاتا ئەمەسلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ھەقىقەت شۇكى، بىراۋنى ياخشى كۆرۈش گۇناھ بولمىغىنى بىلەن، ئېرى بار بىرىنىڭ ياخشى كۆرۈپ قالدىم دەپلا يەنە بىرىگە چاپلىشىۋېلىشى، نىكاھىدىكى ئىرىگە خىيانەت قىلىشى قانداقلا بىر مەدەنىيەت كونتېكىسىغا قويۇلمىسۇن، ئۇ ئەخلاقسىزلىقلا ئەمەس بەلكى بىر كەچۈرگۈچىسىز جىنايەتتۇر. بۇنداق ئېنىق ھەقىقەتنىڭ قىلچىلىك نەزەرگە ئېلىنماي، ئەخلاق قاراشلىرىمىز ۋە نۇمۇس تۇيغۇلىرىمىزغا خىلاپ، بۇ دەرىجىدىكى چاكىنىلىق مەدھلىنىدىغان، ئەسەرنىڭ جەمىئىيەتتە پەيدا قىلغان تەسىرى بىلەن قىلچە ھىسابلاشمايدىغان، ئۆز قەلىمگە مەسئۇل بولمايدىغان، كىشلەرنى چەكلىمىسىز شەھۋەتكە دالالەت قىلىدىغان بۇنداق ئەسەرنىڭ قانچىلىكمۇ قىممىتى بولسۇن؟
باشتىن – ئاخىر توي قىلمىغان بىر جۈپ قىز – ئۇغۇل ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتكە بېغىشلانغان يەنە بىر رومانىمىزدىمۇ چېكىدىن ئاشقان جىنسىيەت تەسۋىرلىرى ۋە شەھۋانىيەت دېتاللىرىنى بايان قىلىش ئاساسى مىتود قىلىنغان. ھەتتا پۈتۈن ئەسەر قىزنىڭ تىلىدىن بېرىلگەن ئاجايىپ ئۇچۇق ۋە قىلىن بايانلار بىلەن راۋاجلاندۇرۇلغان ھەم شۇ يۇسۇندا تۈگەللەنگەن. ئوقۇرمەن جىسمانىيەت جەھەتتىن ساغلام بولسىلا، بۇ روماندا بېرىلگەن تەسۋىرلەرنىڭ ئۇلارنى ھەر خىياللار، ھەر كويلارغا سالغانلىقى، ئەسەر ئارقىلىق  بىرەر نەپ بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئەسەبلىرىنى چالغىتقانلىقى ئېنىقتۇر. ئازغۇن بىراۋنىڭ قىلمىشىلىرىنى يۇرۇتۇپ بېرىش زۈرۈردۈر، ئۇلارنىڭ كەچمىشلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە يەتكۈزۈپ بېرىش ئەسەرنىڭ ئېھتىياجىدۇر. ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن بۇ دەرىجىدە چاكىنا تەسۋىرلەرنى، بۇنچىلىك كۆپ قىلىن گەپلەرنى، يەنى كېلىپ توي قىلمىغان بىر قىزنىڭ ئېغىزىدىن بېرىشنىڭ زادى نىمە زۈرۈيىتى ۋە قانچىلىك مۇمكىنچىلىكى بار؟ بۇ دەرىجىدىكى جىنسىي ئۇچۇقلۇقنىڭ ئەسەرنىڭ بەدىئىي چىنلىقىنى يوقىرى كۆتۈرۈشكە قانچىلىك پايدىسى بار؟ ئەسەرنىڭ ئاخىرقى نىشانى كىشلەرنى بۇنداق بۇزۇقچىلىقلاردىن خەۋەردار قىلىشمۇ ياكى بۇ يولدا ماڭغانلارنىڭ ئاقىۋىتىدىن ئاگاھلاندۇرۇشمۇ؟ ناۋادا كىشلەرنى بۇنداق بۇزۇقچىلىقلاردىن يېراق تۇرۇشقا دەۋەت قىلىش بولسا، مۇشۇ دەرىجىدىكى بايانلارنىڭ بېرىلىشنىڭ نىمە ئەھمىيىتى بار؟ بۇنداق بايانلارنىڭ كىشىلەرنى تەربىيلەشتىكى، ئۇلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىپ، ساغلام ئىستىلغا يېتەكلەشتە قانچىلىك پايدىسى بار؟ ئۇيغۇرلاردا بارلىققا كېلىۋاتقان ئەسەرلەردىكى بۇ خىل جىنسىيەتكە ئائىت، ئەر – ئاياللار ئوتتۇرىسىدىكى ئىشقىۋازلىق، رەڭلىك سورۇن ۋە ھوقۇقدارلارنىڭ، باشلىقلارنىڭ بۇزۇقچىلىقى مەزمۇن قىلىنغان يالىڭاچ  مەزمۇنلار بەزى ئاپتۇرلارنىڭ ئىجادىيەتلىرىدىن كۆپلەپ ئورۇن ئالماقتا.  تەسۋىرلەش جەھەتتىن بارغانسىرى ئىنچىكىلىشىپ، ئوقۇغان ئادەمنى خىجىل قىىلپ قويىدىغان ھالەتكە كېلىۋاتىدۇ. بۇ ئەدەبىياتىمىزدىكى تەتۇر تەرەققىياتتۇر.
ئەسەردە بۇنداق تېتىقىسىز، يالىڭاچ تەسۋىرلەرنى كۆپەيتىش، بايان ئۇسۇلى جەھەتتىن ئىنچىكىلەشتۈرۈش ھەرگىزمۇ يازغۇچىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنىڭ كۈچلۈكلىكىدىن ياكى يازغۇچىنىڭ تۇرمۇشنى كۆزىتىشىنىڭ چوڭقۇرلۇقىدىن، ھادىسىلەرنى رىئاللىققا يېقىن، چىن يورۇتۇپ بەرگەنلىكىدىن، تۇرمۇشقا چۆككەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىغان پاكىت ئەمەس. ئۇ يازغۇچىنىڭ بەدىئىي دىتىنىڭ يوقىرىلىقى تېخىمۇ ئەمەس. تېگىدىن ئېيتقاندا، بىر ئەسەردە  بۇنداق مەزمۇنلارنىڭ تولا كۆزگە چېلىقىشى يازغۇچىنىڭ ۋەقەلىكنى كونتىرول قىلالمىغانلىقىدىن، پىكىر جەھەتتە قاتمىغانلىقىدىن، تەپەككۇرىنى كونتىرول قىلالمايدىغان ئاجىزلىقنىڭ، ساغلام دۇنيا قاراش ۋە جەمىئىيەتكە مەسئۇل بولۇش ئېڭىنىڭ كەمچىللىكىدىن دېرەك بېرىدىغان بەلگىدۇر. بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يەنە يازغۇچىنىڭ جەمىئىيەتنى كۆزىتىش، ئومۇمىيلىق مەۋقەسىدە تۇرۇپ پىكىر قىلىش، ۋەقەلىكنى ساغلام يۆنىلىشتە تەسەۋۋۇر قىلالماسلىقىدىن، تەپەككۇر جەھەتتىكى يەكۈن چىقىرىش، خۇلاسىلاش لوگىكىسىنىڭ كاملىكىدىن بولىۋاتقان ئىش. ناۋادا يازغۇچى بۇنىڭغا قادىر بولالىغىنىدا، ئەسەرلىرىنى بۇنداق چاكىنا قۇرلار بىلەن بىزەپ قىلىپ يۈرمىگەن بولاتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق بۇنچىلىك كۆپ ۋە ئۇچۇق تەسۋىرلەرنى بەرمەي تۇرۇپمۇ يۈز بەرگەن ۋەقەلىكنى بىلدۈرگىلى، ئىپادىلىمەكچى بولغان ئىدىيەنى تۇلۇق ئەكىس ئەتتۈرۈپ بەرگىلى، ئوقۇرمەنلەرنى يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئاڭقىرىۋېلىش ئىمكانىيىتىگىمۇ ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ناۋادا ئەپچىىلىك بىلەن پايدىلىنىلغىنىدا، كۆپ چىكىت ئارقىلىقمۇ بۇنداق ئىشلارغا ئالاقىدار كۆپ مەخسەتلەرنى ئوقتۇرغىلى بولىدۇ. يەنە كېلىپ ئوقۇرمەن دېگەن ئۇنچىلىكمۇ پەمسىز كەلمەيدۇ. ئىشىقۋازلىق ھەققىدىكى تەسۋىرلەرنى يىپىدىن – يىڭنىسىغىچە ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئولتۇرمىسىمۇ، بۇزۇقچىلىق، شەھۋانىيەتتە نىمە ئىشلار بولىدىغانلىقنى پەرەز قىلىپمۇ بىلىۋالالايدۇ.
    ئەدەبىي ئەسەرلەدىكى جىنسىيەت ۋە بۇزۇقچىلىققا ئائىت مەزمۇنلارنىڭ ھەددىدىن زىيادە چەكتىن ئېشىپ كېتىشى ئويلىغاندىن ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ قالىدۇ. ئىنسان نەپسى جەھەتتىن بۇنىڭغا مايىل بولغىنى بىلەن، ئەقىل جەھەتتىن بۇنى مەلۇم چەكتە كونتىرول قىلىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.  ئۇنىڭ ئاشكارىلانماسلىقىنى، شەخسىي مەخپىيەتلىك سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىپ، پىنھانلىقىنى ساقلىشىنى تەقەززا قىلىدۇ. بۇ ھەقتىكى زىيادە ئۇچۇق ۋە كۆپ تەسۋىرلەر ئوقۇرمەننىڭ ئىچكى خىياللىرىنى ئاشقۇندىتىپ، ھىسىيات جەھەتتىن بىنۇرمال غىدىقلايدۇ، تەپەككۇرنى ئاينىتىدۇ. بۇ ئەھۋاللار تەبىئىىي ھالدا كىشىلەردىكى شەرم – ھايا تۇيغۇسىنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ. ئەخلاقتىن چەتنەش، ئەنئەنىدىن ياتلىشىش،  تاپتىن چىقىش خاھىشى كۈچلەندۈرىدۇ. بۇنداق خاھىشلارنىڭ جەمىئىيەتلىشىشى ياكى كىشىلەرنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا يىلتىز تارتىشى ئەنئەنىگە زور خىرىس ۋە يوقۇتۇشلارنى ئېلىپ كېلىدۇ. بىزنىڭ نۆۋەتتىك رىئاللىقىمىزمۇ بۇ نوقتىنى ئىسپاتلاپ تورۇپتۇ.
    ئەدەبىي ئەسەرنىڭ ئاخىرقى مەخسىتى كىشلەرنى تەربىيلەش، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلەش. ئۇيغۇر ئىجادىيەت لىنيەسىنىڭ مۇھىم نىشانلىرىدىن بىرى ئۇيغۇر ئەنئەنىۋى ئەخلاقىنى قوغداش، ئۇنى جارى قىلدۇرۇش، ھېچبولمىغاندا ئۇنى ھۆرمەتلەشتۇر. قولىغا قەلەم ئالغان ھەربىر ئادەم ئۆز ئىجادىيەت جەريانلىرىدا جەمىئىيەتكە مەسئۇل بولۇش، خەلقى ئۈچۈن خىزمەت قىلىش، كىشىلەرنى توغرا يولغا باشلاش مەسئۇلىيىتىنى بارلىقىنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى، مۇشۇ باش ئىدىيەنى تۇتقا قىلىپ تۇرۇپ ئەسەرنىڭ تەپسىلاتلىرىنى قانات يايدۇرۇشى كىرەك بولىدۇ.
    جاھان ماددىي تەرەپتىن تەرەققىي قىلدى، كىشىلەرنىڭ مەنىۋىيىتىدىمۇ جېق ئۆزگىرىشلەر بولدى، كۆپ پەردىشەپلەر كۆتۈرۈلۈپ كەتتى، نۇرغۇنلىغان ئەخلاقى ئاڭلار تاشلىنىپ ياكى سۇسلىشىپ قالدى... لېكىن ئەدەبىياتنىڭ خەلقنى تەربىيلەش، ئۇلارغا مەسئۇل بولۇش رولى ئۆزگەرمىدى. يازغۇچىلارنىڭمۇ ئوقۇرمەنلەرنى يېتەكلەش مەجبۇرىيىتى ئۆزگەرمەيدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردىن بىزگە كىرىكى جەمىئىيەتتە بۇزۇقچىلىقلارنىڭ مەۋجۇت بولىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرىدىغان ئۇچۇق تەسۋىر ئەمەس، بەلكى تۇرمۇشىمىزدىكى بۇزۇقچىلىقلارغا تۇتۇلغان ئېنىق پوزۇتسىيە، بۇ خىل مەۋجۇتلۇقنى سالاھىيەت نوقىتىسىدىن ئىنكار قىلىش مەپكۇرەسىدىكى يەكۈن ۋە ساغلام يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ئاخىرقى خۇلاسىدۇر. بۇنىڭدىن ئاجىز كەلگەن ئىجادىيەتنى لايەقەتلىك، سۈپەتلىك ئىجادىيەت دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.
    دىننىي ئېتىقادقا ئالاقىدار بايانلاردىكى يەڭگىللتەكلىك ۋە خاتالىقلار نىمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
    ئالدىنقى يىلى مەكتىپىمىزدە دىيارىمىزدىكى ئەڭ نوپۇزلۇق ئۇنىۋېرسىتېت – شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شوغۇللىنىدىغان، تېخى چەتئەلدە ئوقۇپ دوكتورلۇق ئۈنىۋانىنى ئالغان بىر ئۇيغۇر پىروڧڧىسورنىڭ « ئىلىم چىندا بولسىمۇ ئۆگىنىڭلار»دېگەننى ئايەت دەپ ماقالىسىغا يېزىشى غولغۇلا ۋە نارازىلىق قوزغىغانىدى. تورلاردىمۇ بۇ ھەقتە ئاپتۇرغا ۋە ئۇنىڭ بىلىم قۇرۇلمىسىغان بولغان بەزى قاتتىق – يېرىك مۇلاھىزىلەر بولۇپ ئۆتكەنىدى. ھەتتا بەزىلەر ئۇيغۇر زىيالىلىرىنىڭ بىلىم قورۇلمىسىغا بولغان گۇمانىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۈلگۈرگەنىدى. تېگىنى سۈرۈشتۈرگەندە ئەرەبلەردىكى قەدىمقى ھېكمەتلىك سۆز بولغان بۇ بىر جۈملە ئادەتتە جۇڭگۇدىكى مۇسۇلمانلاردا، تولىراقى خۇيزۇلاردا ھەدىس دەپ سۆزلىنىدۇ ۋە بۇ ئارقىلىق جۇڭگۇ بىلەن ئىسلام مۇناسىۋىتىنى باغلاشقا دەلىل قىلىنىدۇ. مەلۇم بولغىنىدەك، ھەدىس ۋە ئايەت ئىككى گەپ. يەنى كېلىپ ئىسلام دىنىدىكى ئوقۇمى ناھايىتى ئېنىق بولغان، ئەڭ دەسلەپكى ئاددى ساۋات. بۇ ھەممە مۇسۇلمانغا ئايدىڭ بىر قاراش. لېكىن، مۇشۇنداق باشلانغۇچ مەلۇماتتىكى بىر ئوقۇم دوكتۇر ئاتالغان بىر پىروڧڧىسورنىڭ ماقالىسىدا كۈلكىلىك ھالدا تۈپتىن خاتا قوللىنىلغان. بۇنىڭ بىلەن يازغۇچىمىز ۋە  بۇ ماقالە  مەسخىرىلىك بىر باھا بىلەن يەكۈنلەنگەنىدى. دېمىسىمۇ ئۇيغۇر مەدەنىيەت مۇھىتىدا چوڭ بولغان، يەنە كېلىپ ئۇيغۇر مەدەنىيىتى تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان بىر پىروڧڧىسورنىڭ قەلىمىدىن بۇنداق ئەجەللىك خاتالىقنىڭ سادىر بولىشى كىشىنى ئاچچىق ئويغا سالىدۇ.
    تەتقىقات ساھەسىگە مەلۇم بولغىنىدەك، دىن بىلەن مەدەنىيەت زىچ مۇناسىۋەتلىك. ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ مۇناسىۋەت ئۇزۇن مەزگىللىك سېڭىشىش، تەسىر كۆرسىتىشنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، ھەتتا بەزىدە قايسى دىن، قايسى مەدەنىيەت ئايرىغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە گىرەلىشىپ كېتىدۇ. دىننىڭ تەسىرىدىن خالىي مەدەنىيەت يوق. مەدەنىيەتتىن مۇستەسنا دىننىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ. دىن ئۆز نۆۋىتىدە يەنە كىشىلەرنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلى ۋە تۇرمۇش شەكلى بىلەن بىرىكىپ، مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم تەشكىلى قىسمىغا ئايلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن دىننىڭ بەزى ئاڭ، ئەھكاملىرى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ بىر بۆلىكىگە ئايلىنىپ كېتىدۇ ھەمدە ئۇزۇن مەزگىللىك تۇرمۇش ئەمەلىيىتىدىن ئۆتۈپ، مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلىنىدۇ. شۇ توپقا تەۋە كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدىكى كىشىلىك پەلسەپە ۋە بىلىش جەريانىدىكى ئەقەللىي ساۋاتلارغا ئايلىنىپ، گاھ يۇشۇرۇن، گاھ ئاشكارا يۇسۇندا ئۆز مەۋجۇتلۇقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ. دىننىڭ مەۋجۇتلۇقى مەدەنىيەتكە خىرىس بولمىغىنىدەك، مەدەنىيەتنىڭ تەرەققىياتىمۇ دىننى خىرەلەشتۈرۈپ قويمايدۇ. دىن بىلەن مەدەنىيەتنىڭ گىرەلىشىشى بىر مىللەتنىڭ ئەنئەنىسىدە ئۆز ئىپادىسىنى تاپىدۇ. ئەنئەنە دىن بىلەن مەدەنىيەتنىڭ گىرەلىشىشىدىن قۇۋۋەت ئالىدۇ. دىن بىلەن مەدەنىيەت سىڭىشىش ئىچىدە مەۋجۇت بولۇش ۋە ماسلىشىش ئىچىدە تەرەققىي قىلىش جەريانىدا ئۆز قىممەتلىرىنى نامايەن قىلىدۇ. مەدەنىيەتنى دەپ دىندىن چېنىششقا، دىننى دەپ مەدەنىىيەتتىن ۋاز كېچىشكە بولمايدۇ. بۇنداق قىلىش كۆز ئالدىمىزدىكى سۈنئىي تەرەققىيات بىلەن نەتىجىلىنىدۇ دە، ئۇزۇنغا قالماي ئۆزىدىكى خاتالىقلارنى ئاشكارىلاشقا باشلايدۇ ۋە جەمىئىيەتنى يىغىشتۇرىۋالغۇسىز تەرتىپسىزلىككە سۆرەپ ئەكىرىدۇ. دىن بىلەن مەدەنىيەتنىڭ مۇناسىۋىتىنى ھەل قىلىنىشنى تەبىئىي تەرەققىياتقا قويۇپ بېرىش كىرەك.
    ئۇيغۇرلار ئەنئەنىۋىلىكى كۈچلۈك بىر مىللەت. ئەنئەنىۋىلىك بىزنى ئۆزئارا باغلاپ تۇرغان مۇھىم بىر رامكا. كۆپىنچە ھاللاردا بىزدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ھېلىھەم ئەنئەنە رامكىسى ئىچىدە يۈرۈشىدۇ. ئۇيغۇر جەمىئىيىتى چوڭ دائىرىدىن ئالغاندا يەنىلا ئەنئەنىنىڭ تەسىر دائىرىسى ئىچىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلمەكتە. بۇ خىل ئەنئەنىۋىلىك تەبىئىيكى بەزى جەھەتلەردىن بىزنى دىن ياكى شۇنىڭغا تەئەللۇق ھادىسىلەر بىلەن ئازدۇر – كۆپتۈر باغلاپ تورىدۇ. ئىلمىي نوقتىدىن قارىغاندا، بۇنىڭ ھېچبىر پاسسىپ تەرىپى يوق. يەنە كېلىپ دىننىڭ پاسسىپ تەرىپى جەمىئىيەتنىڭ تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ تەبىئىي شاللىنىپ ماڭىدۇ. بىر مىللەت مەدەنىيىتىدىكى بەزى ئۆرپ – ئادەتلەرنىڭ ئەنئەنىۋىلىكىنىڭ دىن ياكى ئۇنىڭغا ئالاقىدار ئاڭ ياكى شەكىللەرنى مەنبە قىلغان قىلغانلىقنىڭمۇ ئەجەبلىنىدىغان يېرى يوق. بۇ دۇنيا مىللەتلىرىدىكى ئومۇمىي ھادىسە. بۇ نوقتىدىن قارىغاندىمۇ دىن بىلەن مەدەنىيەتنى زادى ئايرىمەن دېيىشنىڭ ھېچبىر زۈرۈرىيىتى ۋە قىلچە رىئال ئەھمىيىتى يوق.
    دىن ياكى مەدەنىيەتنىڭ كىشىلەرنىڭ ئىدىيە – قاراش ۋە تۇرمۇش ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىشى ماھىيەت جەھەتتىن ئالغاندا، ئەنئەنىنىڭ شەكىللىنىش جەريانىدۇر. ئەنئەنىنىڭ شەكىللىنىشى كىشىلىك تۇرمۇشنىڭ ئىپادىلىنىش جەريانىدۇر. دېمەك، كىشىلىك تۇرمۇش ئەنئەنىنى چەتكە قاقمايدۇ. ئەنئەنە بولسا دىن ياكى مەدەنىيەتنى ئىنكار قىلمايدۇ. بۇلار بىر – بىرىنى شەرت قىلغان ئاساستا بىر پۈتۈنلۈكنى مەيدانغا چىقىرىدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ خام ماتىرىيالى بولغان تۇرمۇش مانا مۇشۇنداق مۇرەككەپ مەزمۇنلاردىن تەركىپ تاپىدۇ. يازغۇچىنىڭ بۇلارنى چۈشىنىشى قانچە چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق بولسا،  چىقىرىلغان يەكۈن ۋە خۇلاسە شۇنچە ئەمەلىيەتكە يېقىن، مۇۋاپىق بولىدۇ. ئىجادىيەتمۇ شۇنچە چىنلىققا ئىگە بولىدۇ. بۇنىڭغا ماس ھالدا ئىجادىيەتنىڭ سۈپىتىمۇ شۇنچە يوقىرى بولىدۇ، ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىش كۈچىمۇ شۇنچە ئاشىدۇ. بۇ يازغۇچىنىڭ ئۇنىۋېرسال بىلىم قورۇلمىسى ۋە ساپاسىغا مۇناسىۋەتلىك.
    بەزى ئۇيغۇر زىيالىلىرىدا سادىر بولىۋاتقان بىر تەرەپلىمىلىك، ئىلمىي جەھەتتىكى ئاجىزلىق، يەكۈندىكى خاتالىق قاتارلىق كەمچىلىكلەر ئۇلارنىڭ ئۆزى تەۋە ئېتىقاد ھەققىدە تولۇقراق چۈشەنچىگە ئىگە بولماسلىقى، ئۇنى توغرا تونۇيالماسلىقى سەۋەبىدىن چىققان بولۇپ، بۇ جەھەتتىكى بىلىمىسىزلىك ئىلىم جەھەتتكى خاتا ئوقۇمغا باشلاپ بېرىۋاتىدۇ. ئۆزى قەلەم تەۋرىتىۋاتقان تىما ھەققىدە ئېنىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇش، ئۇنى ئەتراپلىق چۈشىنىش ئەقەللىي بىر تەلەپ. بۇنداق تەلەپنى قاندۇرمىغان ئىجادىيەتنىڭ خاتا خۇلاسە ۋە بۇنىڭغا چۈشكەن ھەرتەرەپلىمىلىك تەنقىد بىلەن تۈگەللىنىشىگە ئەجەپلىنىپ كېتىشكە بولمايدۇ. ئۇيغۇر تۇرمۇشى ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى، ئۇيغۇر جەمىئىيىتىدىكى ئىجتىمائى مەسىلىلەرنى ئەكىس ئەتتۈرۈشنى مەخسەت قىلغان ئەسەرلەردىكى ئىجتىمائى مۇھىتنىڭ  مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، تەبىئىكى ئۇيغۇرلارنىڭ دىننىي، مەدەنىيىتى بىلەن ئالاقىدار مەزمۇنلاردىن، بۇنىڭغا چېتىلىدىغان تەسۋىرلەردىن، ھەتتا بەزىدە بىۋاستە مۇشۇ تېمىلار نوقتتىسىدىن تۇرۇپ بېرىلىدىغان بايانلاردىن قېچىپ قوتۇلالمايدۇ. بۇھەقتىكى تەسۋىرلەرنىڭ قانچىكى توغرا ۋە رىئاللىققا ئۇيغۇن بولىشى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي قىممەت قارىشى ۋە تۇرمۇش مەنتىقىسىگە، پىسخىكىسىغا مۇۋاپىق ھالدا  يۇرۇتۇپ بېرىلىشى، ئەسەرنىڭ چىنلىقى، ئوقۇرمەنلەرنى قايىل قىلىش كۈچى، ئوينىغان ئىجتىمائى ئۈنۈمى بىلەن بىۋاستە مۇناسىۋەتلىك. ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى بۇ نوقتا يازغۇچىنىڭ قەلەم قۇۋۋىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم تەلەپلەرنىڭ بىرىدۇر.
    ئەمما، مەيدانغا كېلىۋاتقان ئەسەرلەرنىڭ سۈپىتىدىن قارىغاندا ،بۇ ھەقتە ساقلانغان مەسىلىلەر خېلى بار. ھەمدە بۇ مەسىلىلەر ئوقۇرمەنلەردە نارازىلىق شەكىللەندۈرۈپ قويىۋاتىدۇ. بۇ ھەقتىكى بەزى كەمچىلىكلەر بىۋاستە ھالدا ئاپتۇرنىڭ بەدىئىي دېتى، مەسىلىلەرنى ئەتراپلىق كۆزىتىش قابىلىيىتى، ئاخىرقى يەكۈن چىقىرىش ئېقتىدارىغا تەسىر يەتكۈزۈپ، ئەسەرنىڭ قىممىتىنى تۆۋەنلەتمەكتە. ئۇيغۇر مەدەنىيەتىدە دىننىي ئامىللار بولغىنىدەك، ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ تەبىئىي ھالدا دىنغا ئالاقىدار بەزى مەزمۇنلارنىڭ بولۇشى ساقلانغىلى بولمايدىغان بىر مەزمۇن. بۇنداق مەزمۇنلارنىڭ ئەسەردە توغرا رەۋىشتە ئورۇن ئېلىشى ۋە تەسۋىرلىنىشى شۇ ئەسەرنىڭ سۈپىتىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، قايىل قىلىش كۈچىنى ئاشۇرۇش، مۇھىمى ئوقۇرمەنلەرنى يېتەكلەش رولىنى جارى قىلدۇرۇش جەھەتلەردە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
    تۆت يىل ئاۋۋال تەتقىقات تىمامغا ماتىرىيال توپلاش ئۈچۈن خوتەننىڭ يېزىلىرىدا بىر مەزگىل تەكشۈرۈشلەردە بولغان ئىدىم. بۇ جەرياندا كىشىلەر بىلەن خېلى چوڭقۇر سىردىشىش، ئۇلارنىڭ قەلىب سۆزلىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتىم. ئەمەلىيەتتە بۇلار ئىچىدە كىتاب ئوقۇيدىغانلار خېلى بار ئىدى. ئۇلار نەشىر قىلىنغان دىننىي كىتابلارنىلا ئەمەس، يەنە رومان، ژورنال دېگەندەك ماتىرىياللارنىمۇ كۆرەتتى. خېلى كۆپ ساندىكى كىشىلىرىمىز رادىئولاردىن ئاڭلىتىلىۋاتقان ئەدەبىي ئاڭلىتىشلارنى ئۆتكۈزىۋەتمەي ئاڭلايتتى. « ئامەت ۋە ئاپەت»، « جاللات خېنىم» رومانلىرى بىر مەھەل دىھقانلىرىمىزدا رادىئو ئاڭلاش قىزغىنلىقىنى يوقىرى كۆتىرىۋەتكەن ئىدى. بايقىشىمچە، خېلى كۆپ كىشلەر ماشىنىلىرىدىكى ناخشا قويغۇچلارنى ئېتىۋېتىپ رادىيوسىنى ئېچىپ قۇيۇشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدى. ھەر دەرىجىلىك رادىئۇ ئىستانسىلىرىمۇ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ ئىھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ ئەدەبىي ئاڭلىتىش پىروگىراممىسىنى يولغا قويۇپ، بۇ ھەقتىكى قىزغىنلىققا جۇر بۇلۇپ كەلمەكتە. ھىس قىلىشىمچە، خېلى كۆپ ئەسەرلەر رادىئو ئارقىلىق خەلققە يەتكۈزۈلۈپ كەلمەكتە.
    تەتقىقات ئىشى ئۇزۇنغا سوزۇلىدىغان ئىش. تەكشۈرۈشلەرىمنى ئۈزۈلدۈرمەي داۋاملاشتۇردۇم. ھەريىلى مەلۇم ۋاقىت چىقىرىپ بۇ ھەقتىكى ئېزدىنىشلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلدىم. تەتقىقات تىمام دىنغا ئالاقىدار بولغاچقا پاراڭلىرىمىز تەكشۈرۈش دائىرىسىدىن ھالقىپ تەبىئىي ھالدا دىن ھەققىدىكى مەزمۇنلارغا بېرىپ قالاتتى. بۇ جەرياندا، مەن ئۇلارنىڭ بەزى ئاپتورلىرىمىز تەرىىپدىن يېزىلغان، رادىئولاردا ئاڭلىتىلغان بەزى رومانلارغا بولغان تەنقىدلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم. بۇ خىل تەنقىد ئەلۋەتتە روماننىڭ تېلىنىڭ، قۇرۇلمىسىنىڭ  قانداقلىقى دېگەندەك نەزىرىيەۋى ئوقۇملارغا ئەمەس، بەلكى ئاپتۇرنىڭ بەزى مەسىلىلەرنى بايان قىلىشتىكى مەزمۇنلارغا تاقىلاتتى. بىر كۈنى بىر ئائىلىدە سۆھبەتتە بولۇپ قالدىم. سۆھبەت ئارىلىقىدا ردىئودا ئاڭلىتىلىۋاتقان بىر رومان ھەققىدە گەپ بولۇپ قېلىندى. ئۆيدىكى ئەر ساھىبخان، بالىلار تۇشمۇ – تۇشتىن بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىنى سۆزلەشتى. ئايال ساھىبخان بۇ رومانغا بولغان قارىشى سۆزلەپ، روماندىكى دىنغا ئالاقىدار بەزى دىئالوگلارنى كۆرسىتىپ، قاتتىق بىر نارازىلىق تۈسىدە «...خاتا دەپتۇ. مۇشۇنچىلىك گەپلەرنىمۇ بىلمەيدىكەن بۇ يازغۇچى» دەپ مىنى ئۇڭايسىزلاندۇرۇپ قويغانىدى. ئەدەبىىي ئەسەرلەردە بۇ ھەقتە زۈرۈر تۆزىتىشكە تېگىشلىك نوقتىلارنى بارلىقىنى ھىس قىلغان بولساممۇ، ئۇنىڭ بۇ دەرىجىدە نارازىلىققا ئۇچىرىشىنى ئويلاپ باقمىغان ئىكەنمەن. دېمىسىمۇ بۇ دېيىلىۋاتقان گەپ ناھايىتى ئومۇمىي بىر ئوقۇم بولسىمۇ، لېكىن يازغۇچى بىلمەمدۇ ياكى باشقا سەۋەپتىنمۇ بورمىنىلىپ، ئاقنى قارا قىلىپلا تەسۋىرلەنگەنىدى. ئەسەرلىرىمىزدە كۆزگە چېلىقىۋاتقان ھاراققا، شەھۋانىيەتكە ئائىت تەسۋىرلەرگە ئوخشاشلا، دىن ھەققىدىكى خاتا بايانلارمۇ كىشىلىرىمىزنىڭ ئەڭ نارازىلىقىنى قوزغىۋاتقان بىر تىما بولۇپ قالغانىدى. ئەدەبىي ئەسەرلىرىمىزگە قارىتىلغان بۇ ھەقتىكى كۆپ پاراڭلار ۋە تەنقىدلەرنى ئۇچىراتتىم. مەلۇم بولغىنىدەك، خاتالىق سادىر بولىۋاتقان مەسىلىلەر خېلى ساقلانغانىدى.   
    سۈيگۈگە بېغىشلانغان بىر روماندا، ئاپتۇر تىلىدىن بېرىلگەن ھايات ۋە تەقدىرگە دىننىڭ قانداق قارايدىغانلىقىغا ئالاقىدار پەتىۋا شەكىلدىكى بىر ئابزاستا، تولىمۇ كۈلكىلىك مەزمۇنلار بېرىلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئېتىقادى بىلەن پەقەت سېغىشمايدىغانلا بۇ بايانلار ئېنىقلا خاتا بىر قاراش ئىدى. دىندىنمۇ ئىزدەپ بۇنداق گەپلەرنى تاپقىلى بولمايتتى. ئاپتۇرنىڭ بۇنى قانداق ئويلاپ چىققانلىقىغا ياكى قايسى مەنبەلەردىن ئالغانلىقىغا ھەيران قالدىم. قەشقەر كۇچىلىرىغا بېغىشلانغان يەنە بىر روماندا، بىر ھاجىم تىلىدىن دىن دەپ بايان قىىلنغان تەسىۋىرلەرنى ئوقۇپ، تولىمۇ ئەپسۇسلانغانىدىم. ئەسەردىكى بايان دىننىي مەزمۇن سۈپىتىدە ئەمەس، پىرسۇناژ تىلى ياكى بولمىسا ئاپتۇرنىڭ ئۆزىنىڭ قارىشى بويىچە بېرىلگەن بولسىمۇ ھەرھالدا مەيلى دېيىش ئىمكانىيىتى بولغان بۇ بايانلارنىڭ دىن سۈپىتىدە مۇقەددەس كىتاپلاردىن نەقىل ئېلىنغان شەكىلدە ئوتتۇرىغا چىقىشى ئادەمنى بەكمۇ ئوسال قىلىدۇ. يوق نەرسىنى بىرسىگە تېڭىش، ئەمەس ئىشلارنى شۇ دەپ كۆككە كۆتۈرۈش بىشەملىكنىڭ ئىپادىسىدۇر. ئەدەبىي ئەسەر ئوبراز يارىتىش جەريانى بولغىنى بىلەن، رىئاللىققا ئۇيغۇن بولمىغان ياكى ئاممىۋىلاشقان قاراشنىڭ تەتۈرسىگە قىلىنغان ھۈكۈملەر ئوبرازنىڭ چىنلىقىنى يوق قىلىۋېتىدۇ. ئانىنىڭ كەچمىشلىرىگە بېغىشلانغان بىر روماندىمۇ دىن دەپ بايان قىلىنغان ئەمما ئادەمنى ئۇڭايسىزلاندۇرىدىغان خاتا  قاراشلار بار. بۇنداق مىساللارنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىن كۆپلەپ تېپىش مۇمكىن. بۇ ئەھۋال ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىمىزدە داۋاملىق تەكرارلىنىپ تورىۋاتقان، ئەمما ئەدەبىي تەنقىدتىن يېراق تورىۋاتقان بىر يېتەرسىزلىك.
    ئۇيغۇر يازغۇچىلىرىنىڭ قەلىمىدىن چىقىۋاتقان ئەسەرلەردە دىن ۋە ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك تەسۋىرلەردە خاتالىق، بورمىلىنىش ۋەياكى ئۆز قارىشىنى دىن قارىشى قىلىپ تەسۋىرلەش مەزمۇنلىرى خېلى كۆپ ئۇچرايدۇ. بۇنىڭغا ئالاقىدار بەزى تەسۋىرلەر قىستاپ كىرگۈزىلىپ قويۇلغان. بەزىلىرى تۈپتىن خاتا ئىنكاسلار بىلەن تولۇپ كەتكەن. دېيىلمىسىمۇ ياكى ئېنىق چۈشەنجە بېرىپ ئولتۇرمىسىمۇ ئەسەرگە بىرەر تەسىر كۆرسەتمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدىمۇ زورمۇزور دىننىي مەزمۇنلارنى قىستۇرۇش ئارقىلىق ئۆز ئەسىرىنىڭ لايەقەتسىزلىكىنى ئاشكارىلاپ قويىدۇ. بۇ خاتالىقلار ئۆز نۆۋىتىدە يازغۇچىنىڭ ۋەقە، ھادىسىلەرگە تۇتقان پوزۇتسىيە مەسىلىسىلا ئەمەس، يەنە ئۇلاردىكى ئوقۇرمەنلەرگە بولغان مەسئۇلىيەتسىزلىك، ھۆرمەتسىزلىك ھىساپلىىندۇ. ئۆز خەلقىگە مەسئۇلىيەتچان، جەمىئىيەتنى، رىئاللىقىنى ماھىيەتتىن ئاڭقىرالىغان، مەسىلىلەرنىڭ كېلىپ چىقىش سەۋەبىنى توغرا تەھلىل قىلالىغان يازغۇچى بۇنداق سەزگۈر تىمىلاردا گەپ قىلىشتىن ئاۋۋال بۇ ھەقتىكى مەزمۇنلارنى ئوبدان ئىگەللەشكە، ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئېرىشىشكە تېرىشىدۇ. ھەمدە ئۇنى توغرا، ئاممىباب شەكىلدە چۈشىنىپ بولۇپ ئاندىن قەلەم تەۋرىتىدۇ. ھېچبولمىغاندا كەسكىن بايانلار ئارقىلىق خاتا يەكۈن چىقىرىشتىن ساقلىنىدۇ. ئاپتۇرلار ئوبراز يارىتىش جەريانىدا چوقۇم دىننىي تەسىرلەرنى قوشۇش ئارقىلىق پىرسۇناژنىڭ خاراكتىرىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى بىر ئۆلچەم قىلىۋالماي، كىشىلىك خاراكتىرنىڭ تەبىئىيلىكىگىمۇ ئەھمىيەت بېرىپ، دىن ياكى دىننىي خاراكتىر ئارقىلىق سەلبىي ئوبراز يارىتىش رامكىسىدىن ھالقىش، مەسىلىنىڭ ماھىيەتلىك تەرەپلىرىگە چۆكىشنى ئۆگىنىۋېلىشى كىرەك. كونا سىنپىي رامكا ئارقىلىق ئەنئەنىۋى ئىماگلارنى خۇنۇكلەشتۈرۈش چەمبىكىرىنى چۆرىۋېتىش، پىرسۇناژلارغا سىنپىي ئىدىيەنى چىقىش قىلىپ ئەمەس، بەلكى ئىجتىمائى يارالمىش سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىش ۋە ئۇنى ئەسەردە گەۋدىلەندۈرۈشكە كۈچەش كىرەك. يەنە كېلىپ دىن ئەكىس ئەتتۈرۈش ئوبيىكتى بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا پىرسۇناژلارنىڭ دىن ئارقىلىق گەۋدىلىنىدىغان خاراكتىرىگە ئائىت تەسۋىرلەرنى ئارتۇقچە تەكىتلەشنىڭمۇ بەك چوڭ قىممىتى يوق. يازغۇچىلارنىڭ ئاخىرقى يەكۈنىمۇ دىننىي ھۆكۈملەر ئاساسىدا خۇلاسە چىقىرىش مەخسەت قىلىنمىغان كونتىكىستتا، كەسكىن دىننىي مەزمۇنلارنى ئەسەردىكى ۋەقەلىكنىڭ يېشىمى سۈپىتىدە بېرىشنىڭ ئۆزىمۇ بىر بىھۇدىلىق. خاتا بايانلار ئارقىلىق ئوبرازنى ئوچۇقلاشتۇرىمەن دېيىش ناتوغرا ۋاسىتىدۇر. ئۇنىڭ ئۈستىگە بىر خەلىقنىڭ ئېتىقادىغا چېتىلىدىغان مەسىلەر ناھايىتى سەزگۈر مەسىلىلەردىن سانىلىدۇ. بۇ ھەقتە بىر نەرسە دېيىشتە چوقۇم ئەستايىدىل بولۇش، دېيىلگەن گەپنىڭ ئاقىۋىتىگە ئىگە بولالايدىغانغا مەزمۇت ئىشەنچ قىلغاندىن كىيىن ئاندىن بۇ ھەقتە قەلەم تەۋرىتىش كىرەك. يەنە كېلىپ بۇنداق بايانلارنىڭ جەمىئىيەتتىكى ئىنكاسىنىمۇ، ئوينىغان رولىنىمۇ ئەستايىدىل ئويلىنىش زۈرۈر.

    مەن كەسپىي ئىجادىيەتچى ياكى ئەدەبىياتچى ئەمەس. ئەمما ئەدەبىياتقا قىزىقىمەن. ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتىغا، ئىلگىرىلىشىگە كۈڭۈل بۆلىدىغان، ئۇنىڭ يۈكسىلىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلارنىڭ بىرىمەن. ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن رەسمىي ھالدا شۇغۇللانمىغىنىم بىلەن، ئۇيغۇر قەلەمكەشلىرىنىڭ ئەدەبىي ئەسەرلەرىنى مەيلى قايسىلا ژانىردا بولسۇن، ئامال بار قالدۇرماي ئوقۇيمەن ۋە بۇ ھەقتە پارچە – پۇرات خاتىرىلەرنى قالدۇرۇپ ماڭىمەن. بولتۇر يىل ئاخىرىدا ۋىزا ئىشىمنىڭ ئويلىمىغان يەردىن كەينىگە سۈرۈلۈپ كېتىشى سەۋەبلىك ئىككى ئايغا يېقىن ۋاقتىم پىلانسىز ۋاقىت قاتارىدا ئۆز مەيلىمگە قالدى. قىزىقىشىم بويىچە بۇ ۋاقىتنى غەنىمەت بىلىپ بورۇن ئوقۇلماي ياكى مۇنداقلا ئۆتۈپ كەتكەن ئەسەرلەرنى كۇتۇپخانىغا كىرىۋېلىپ ئوقۇپ تۈگەتتىم. بۇرۇن ئوقىمىغان ئەسەرلىرىمنى نوقتا قىلىپ ئوقۇپ چىقتىم. شۇنداق قىلىپ ئۇيغۇر تىلىدا چىققان رومانلارنى ئاساسىي جەھەتتىن ئوقۇپ چىققان بولدۇم. ئەسەرلەردىن كۆپ ھۇزۇر ۋە راھەتلەندىم. تەسەۋۋۇرلىرىم بولۇشىغا قاناتلاندى. ئەمما شۇنىڭغا يانداش يەنە تولا خىيال ۋە پىكىرلەرگىمۇ، گاڭگىراش، ئانچە – مۇنچە ئۈمىدسىزلىككىمۇ چوكتۇم. بەزىدە ئاچچىقىم كەلگەن، ئىچىم سىقىلغانمۇ بولدى. ئەمما بۇ ھىسىيات داۋالغۇشلىرى بېرىپ – بېرىپ مىنى تەپەككۇرغا دەۋەت قىلدى....
    ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى يەنە بىر بۇرۇلۇش باسقۇچىدا تۇرۇپتۇ. ئېتقىساد كۇنسايىن ئېشىۋاتقان، جەمىئىيەت قورۇلمىسى ئۆزلۈكسىز يىڭىلىنىپ، ئەنئەنىۋىلىق كۈچلۈك سىلكىنىش ئىچىدە ئۆزگىرىش ياساۋاتقان يىڭى دەۋردىكى بۇ بۇرۇلۇش بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ھەرقانداق بۇرۇلۇش ياكى خىرىسلارغا ئوخشىمايدىغان بىر ئىسلاھات شەكىلدە كۆز ئالدىمىزدا نامايەن بولماقتا.  ئىجادىيەتتە مەزمۇن ۋە سۈپەت شۇنداقلا كۆلەم جەھەتتىن زور بولغان بىر ھالقىشنى، ئىدىيە جەھەتتە يەنىمۇ پۇختا ۋە مۇستەككەم ئاڭ بەرپا قىلىشنى تەقەززا قىلىپ تۇرۇپتۇ. ئىجادىيەتنىڭ خەلقچىللىقىنى، خەلق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى يەنى ئۇنىڭ مىللىيلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشنى، جارى قىلدۇرۇشنى جىددى تەلەپ قىلىپ تۇرۇپتۇ.
    تۇرمۇشنىڭ خارۇ – زارلىقىدىن، جاپالىرىدىن، قىسمەتلىرىدىن ئىبرەت ئېلىشنىلا ئەمەس، يەنە گۈلگۈن تۇرمۇش شەكىللىرىنىمۇ، ئېتىقاد، ئەنئەنە، تەرەققىيات جىپسىلاشقان، دىيانەت ۋە ئەخلاقنىڭ ئىجابىي  يۈزلىنىشلىرى تۇتقا قىلىنغان ئەسەرلەرنىمۇ مەيدانغا چىقىرىش ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىش، ئەنئەنىگە باغلانغان تىراگىدىيەلەرنىلا ئەمەس، بەلكى ئەنئەنە يۈزلەنگەن ئۈمىدۋار كەلگۈسىنىمۇ، زامانىۋىلىق ئىچىدە پارلاۋاتقان، ئۆزلۈك كۈچىنى كۆرسىتىۋاتقان قىممەت قاراشلىرىمىزنىمۇ، جەمىئىيەتتىكى چىركىن، بۇزۇق تۇرمۇش ئىستىللىرىدىن ساۋاق ئېلىشنى، چۈشكۈن ئوبرازلارنىلا ئەمەس يەنە دىيانەت، ئەخلاق ئارقىلىق ئۆگلۈكىنى نامايەن قىىلۋاتقان جىمجىت روجەكلەرنىمۇ ئىجادىيەت يولى ئارقىلىق ئەكىس ئەتتۈرۈش، داۋاملىق ھالدا سەھرا، زامانىۋىلىقتىن خالى يوقسۇز تۇرمۇش غايە قىلىپ كۆرسىتىلمەي، باياشاتلىق ئىچىدىكى بەختىيارلىق، زامانىۋىلىق ئىچىدىكى ئەنئەنە، بەخىتلىك تۇرمۇش كارتىنىلىرىمۇ نەزەردىن ساقىت قىلماسلىق ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ يىڭى بورۇلۇش دەۋردىكى يىڭى ئىجادىيەت ئىمكانلىرىدۇر. ئەدەبىياتنىڭ يېتەكلەش رولى پەقەت يامانلىقىنى تەسۋىرلەش، ئۇنى مەۋجۇت رىئاللىقنىڭ بارلىق تەرىپى شەكىلدە ئەكىس ئەتتۈرۈشلا ئەمەس بەلكى، ئوقۇرمەنلەرگە يامانلىقنى كۆرسىتىش بىلەن بىللە يەنە ئولارنى ياخشىلىق يوللىرىغىمۇ باشلاش، ئەمەس ھادىسىلەردىن ئىبرەت ئېلىشنىلا ئەمەس يەنە توغرا بولغان ياشاش ئۇسۇلى ۋە ساغلام ھايات يۈزلىنىشلىرىنى كۆرسىتىش، ئۇلارنى ئەسەر ئارقىلىق مەسىللەرگە كۆپ قىرلىق باھا بېرەلەيدىغان، دۇچ كەلگەن ھادىسىلەرگە دادىل يۈزلىنەلەيدىغان، ئۆز خەلقىگە، ئەھلىگە قارىتا ئاڭلىق، ئىستىخيلىق ھالدىكى مەسئۇلىيەت  تۇيغۇسى ھىس قىلىدىغان پىسخىكىغا يېتەكلەشتۇر. بۇنىڭ ئۈچۈن ئەدەبلىرىمىزنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىش ئۈچۈن قاباھەتنىڭ باشلانمىسى بولغان ئىچەرمەن، چېكەرمەنلەر سورۇنلىرى، ئىپپەت تىجارەتخانىلىرى دېگەندەك جەمىئىيەتنىڭ قاراڭغۇ تەرەپلىرىگىلا قاتراۋەرمەي، يەنە جەمىئىيەتتىكى يۈكسىلىۋاتقان ھادىسىلەرگە، پارلاۋاتقان يارقىن نوقتىلارغا نەزىرىنى ئاغدۇرۇپ، ئەھلى دىيانەت، ئەنئەنە سورۇنلىرىنىمۇ ئارىلىشى، ئۇلارغا قېتىلىشى، ئولار بىلەن پىكىرداش، مەسىلەكداش بولۇشى، بۇ ئارقىلىق مەسىلىلەرنى كۆزىتىش، ھۆكۈم چىقىرىش، خۇلاسىلەش سەۋىيەسىنى يىڭىلاپ تۇرىشى كىرەك بولىدۇ. ئۈمىدىمىز، بۇ خىل تاللاش ئەدەبىياتىمىزدىكى يىڭى يۈزلىنىش، يىڭى بورۇلۇش بولسىكەن.   
bagdax

0

تېما

5

دوست

2544

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   18.13%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  16795
يازما سانى: 93
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 5
تۆھپە : 802
توردىكى ۋاقتى: 225
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-21
دېۋان
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-15 17:46:57 |ئايرىم كۆرۈش
نادىر  كۆز قاراشلارنى تەشەببۇس قىلغان نادىر يازمىدىن بىرنى ئوقۇدۇم

2

تېما

11

دوست

2781

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   26.03%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  56316
يازما سانى: 223
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 14
تۆھپە : 853
توردىكى ۋاقتى: 216
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-22
ئورۇندۇق
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-15 19:45:52 |ئايرىم كۆرۈش
ئېسىل يازمىكەن !
دەل شۇ 80ـ يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇر ئەدەبىياتچىلىقىنىڭ يۆلىنىشى تارىخنى تونۇشتۇرۇش ، تۇرمۇش تەرەپلېرىگە يۈزلەندى ...يېقىنقى يىللاردا بىر قىسىم ساياھەت خاتېرىلېرى ۋە مۇھاكىمە خاراكتېرىدىكى تەپەككۇرنى ئاچىدىغان كىتابلارمۇ يېزىلدى ...ۋە بۇ ئاساستا جەمئىيىتىمىزدىكى بولـمىغۇر قىلـمىشلار قامچىلاندى ۋە چەتئەللەردىكى تەرەققىيات ، كىشىلىك تۇرمۇشتىكى ئارتۇقچىلىقلار تۇنۇشتۇرۇلدى ....
مېنىڭچە ئەمدى نۆۋەت تېمىدا دېيىلگەندەك  جەمئىيىتىمىزدىكى يۈكسىلىۋاتقان ھادىسىلەرگە ، پارلاۋاتقان يارقىن نۇقتىلارغا كەلدى ...ئەھلى دىيانەت ۋە ئەنئەنە سورۇنلىرىغا كەلدى ...

14

تېما

1

دوست

1 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   1.95%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  57738
يازما سانى: 1276
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 33
تۆھپە : 3144
توردىكى ۋاقتى: 452
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24

تۆھپىكار ئەزا

يەر
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-15 20:27:43 |ئايرىم كۆرۈش
دەل كۆڭلىمدىكى گەپلەرنى يېزىپتۇ ، بىر قانچە يىللارنىڭ ئالدىدا ‹ ئانا يۇرت › رومانىنى ئوقۇش قىزغىنلىقى كۆتۈرۈلگەن ئىدى ، مەنمۇ ئوقۇپ بولغانتىم شۇ چاغدا ، يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ نوپۇزىنىڭ چوڭلۇقىدىنمۇ ياكى باشقا سەۋەپ بارمۇ ئىشقىلىپ ھېچكىم روماندىن قۇسۇر ئىزدەشكە پېتىنالمايتتى ، ئەمەلىيەتتە روماندىكى قەھرىمان قىلىپ تەسۋىرلەىگەن نۇرى ، مۇختەرباي ، غېنى باتۇر ، سەبىخە دىگەندەكلەرنىڭ تەسۋىرى ساپلا ئوچۇقتىن ئوچۇق  زىناخورلۇق ئىدى ، لېكىن بۇلار مىللىي قەھرىمان قىلىپ تەسۋىرلەنگەن بولغاچقا ياشلىرىمىز بۇنىڭ زىيانلىرىنى تونۇپ يېتەلمەي قارىغۇلارچە ئەگىشىپ مېڭىپ ئازغۇنلۇققا دۇچار بولغانىدى ، يازغۇچىنى كۆككە كۆتۈرۈپ ماختاش بىلەن قوشۇلۇپ بۇنداق بۇزۇقچىلىقلار ئەيىپلىنىشنىڭ ئورنىغا قوغلىشىدىغان مودىغا ئايلانغان ئىدى ، بۇ روماننىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن بۇزۇقچىلىقلىرى ئاز ئەمەس ، مەندىن بىرەرى يۇقىرىدىكى پىرسوناژلارنى قانداق ئادەملەر دەپ سوراپ قالغۇدەك بولسا قىلچە تەمتىرىمەي تۇرۇپ بۇلار بىر توپ زىناخور بۇزۇقلار دەپ جاۋاپ بىرىمەن ، زوردۇن سابىرنىمۇ پۈتۈنلەي دەپ كەتكىلى بولمىسىمۇ بۇزۇق ئەسەر يازىدىغان ئادەم دىيىشىم مۇمكىن
bagdax

1

تېما

0

دوست

1452

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   45.2%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  12453
يازما سانى: 91
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 2
تۆھپە : 453
توردىكى ۋاقتى: 51
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-23
5#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-15 20:43:12 |ئايرىم كۆرۈش
izbasar375 يوللىغان ۋاقتى  2016-6-15 20:27
دەل كۆڭلىمدىكى گەپلەرنى يېزىپتۇ ، بىر قانچە يىللارنىڭ  ...

مانا بۇ 100 نۇمۇرلۇق ئىنكاس بوپتۇ.ئەگەشتىم

0

تېما

0

دوست

2152

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   5.07%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  35824
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 654
توردىكى ۋاقتى: 102
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-18
6#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-15 22:10:20 |ئايرىم كۆرۈش
ياخشى يېزىلىپتۇ.
ئىدىيە ساغلام،كۆز قاراشلار توغرا،دەلىللەر قايىل قىلارلىق ئىكەن.مۇشۇنداق تېمىلارغا داۋاملىق مۇھتاجمىز.

3

تېما

0

دوست

7322

جۇغلانما

سۆزى چەكلەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  41175
يازما سانى: 794
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 11
تۆھپە : 2159
توردىكى ۋاقتى: 345
سائەت
ئاخىرقى: 2016-9-24
7#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-15 23:01:45 |ئايرىم كۆرۈش
مەن بەزى يازغۇچىلارنىڭ قىزى يوقمىكىن دەپ ئويلاپ قالىمەن، چۈنكى ئەسەرلىرىنىڭ بىر قسىىم يەرلىرىدە ئادەم دېمىسىمۇ بولىدىغان شەھۋانىي گەپ-سۆزلەر خېلىلا بار. مۈشۈك ئاسلىنىغا ئانىسى چاشقان تۇتۇشنى ئۆگەتمىسىمۇ ئۆزى تەدىرىجىي تۇتۇشنى ئۆگىنىدۇ، بۇ بارلىق مۈشۈكلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكىدۇر. بەزى جىنسىي تۇرمۇشنىڭ گېپىنى كىتاب يازغاندا دېمىسىمۇ ئىنسانلارنىڭ ھەممىسى بەزى ئىشلارنى قانداق قىلىشنى بىلىدۇ ھەم شۇنداق قىلىش ئارقىلىق ئىنسانىيەت جەمئىيىتى داۋام قىلغان. ئەمما بىر قىسىم يازغۇچىلار ناھايىتى پاسكىنا ۋەقەلەرنى ئېنىق يازىدۇ، مېنىڭ تەشەببۇسۇم يازغۇچىلار كىتاب يازسا ئۆزىنىڭ بالىلىرى دادىسىدىن نومۇس قىلماي ئوقۇيدىغان بولسۇن، دادىسى يازغان كىتابنى كۆرۈپ دادىسىدىن نومۇس قىلىدىغان بالىلارمۇ بار.

0

تېما

0

دوست

190

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   63.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  70862
يازما سانى: 4
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 0
تۆھپە : 62
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2016-7-11
8#
يوللىغان ۋاقتى 2016-6-16 00:37:51 |ئايرىم كۆرۈش
تۇلۇقسىزدىكى چاغلاردا بىر رۇماننى ئ‍ۇقۇغۇنۇم ئ‍ىسىمدە ياش ئ‍ۈسمۈرلەر نەشرېياتى نەشرې قىلغان  ھەقىقەتەن كۈپ قىسىم جايلىرې ئ‍ۇچۇقتىن ئ‍ۇچۇق تەسۋېلەنگەن رۇمان ئ‍ىدى بۇ رۇماندا ئ‍ەينى چاغلاردىكى جەڭگىۋار ياشلار ۋە پىدائىي ئ‍ۇقۇتقىچلارنىڭ ھاياتى سۈزلىنىدۇ بىر مەھەللىنىڭ ئ‍ىمامى تۇلىمۇ خۇراپىي ۋە ناھايىتى شەھۋانىي تەسۋېرلىنىدۇ  ھەتتا ئ‍ۈز كىنىلىگە ......
ئ‍ۇقۇغانغا پۇشايمان قىلغۇزۋەتتى بۇكىتاپنىڭ  بەكلا ئ‍ۇچۇق تەسۋېرلىرې كۈپ ئ‍ىدى مۇشۇنى قانداقمۇ يازغاندۇ دەپ ئ‍ۇيلاپ كەتكەنتىم ۋە ئ‍اخىرېنى ئ‍ۇقۇمۇدۇم   ئ‍ۇ چاغدا مەن 14-15ياش ئ‍ىدىم بۇنداق كىتابلار ھەقىقەتەنمۇ ياش ئ‍ۈسمۈرلەنى زەھەرلەيدۇ
ئ‍انا يۇرتنىمۇ ئ‍ۇقۇدۇم بۇ رۇمان ئ‍ەينى دەۋرنى  ئ‍ارقا كۈرنۈش قىلىپ  ئ‍اپتۇر ئ‍ۈز تەسەۋۋۇرىغا  جىقراق تايىنىپ يازدىمىكى دەيمەن چۈنكى نۇرۇم قاتارلىق بەزى بىر پىرسۇناژلار تۇقۇلمىغۇ دەيمەن .مۇختەرباينىڭ مەھەللىدىكى كۈپۈنچە ئ‍اياللار بىلەن خالىغانچە كۈڭۈل ئ‍ىچېشى ئ‍ىنىق تۇقۇلما . ئ‍ەينى يىللاردىكى  ئ‍اياللار شۇنچە ھايالىق ئ‍ىدى.مۇشۇنداق بەزى بىر يەلىرې كۈڭلۈمنى يىرېم قىلدى ۋە تۇلىمۇ ئ‍ەپسۇلاندىم بۇنداق تەسۋېرلەر ياش ئ‍ۈسمۈرلەرگە قانداق تەسېر بىرە....
باللىرېمىزنىڭ كۇرېيە مۇھەببەت فىلىملىرېدىن زەھەرلەنگىنىمۇ يىتىپ ئ‍اشىدۇ
...
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )