دوستلۇق ھەققىدە
ئىرپان ئەرشىدىن دىلمۇك
دوست
(بۇ ئەسىرىمنى مىنىڭ ھايات سەپىرىمدە دەريارىمغا كۆۋرۈك، پىشايۋىنىمغا تۆۋرۈك بولغان جانجىگەر قەدىردانلىرىمغا بىغىشلايمەن.)
دوست دىمەك_ھەمراھ دىمەك، يولداش دىمەك. بىر نان تاپسا، تەڭ بۆلۈشۈپ تەڭ يىمەك.
باشقا كۈلپەت كەلگەندە ھەمراھ بولغۇسى. چىن دوستتىن قەلىب مېھىرگە تولغۇسى.
ھەقىقى دوست سەن چاڭقىغاندا سۇ بىرەر. قەلب گۈلشىنىڭگە خۇش پۇراقىلىق گۈل تىرەر.
ھەقىقى دوست سەن ئۈچۈن گۆردە ياتار. موھتاجلىقتا يۈرگىنىڭدە ئۆزنى ئاتار.
قورشىغاندا ئەتراپىڭنى ياۋ-رەقىپ. ئۇ كىرەر ياۋ ئىچىگە كۆكرەك كىرىپ.
ھەقىقى دوستتىن مۇراد ئەمەلگە ئاشقۇسى. ئۇرغۇپ مىھىر دەريا بولۇپ تاشقۇسى.
ئۇسسىغان تىنىڭگە ھەر ۋاقىت، ھەر دەم. ئۇ ئاتا قىلىدۇ جاسارەت-بەردەم.
گەر ئەجەل قۇشلىرى قونسا بىشىڭغا. ئۇ دۇئا قىلىدۇ تۇپراق بىشىڭدا.
ھەقىقى، چىن دوستتىن ئارتۇق گۆھەر يوق. مھرىدىن قاغجىرغان قەلىب بولۇر توق.
مەن دەيمەن چىن دوسلۇق مىھىر-مۇھەببەت. ئۇ زىنھار بولمىسۇن قايغۇ ۋە نەپرەت.
2016-2-3
ۋاپاسىز دوست
دوست دىگەن ئىسمدىن كۆڭۈل ھاياجان، دوست دىگەن ئىسىمدىن مىھىر نامايان. جەمئيەت ئۆزگەردى، دوستلۇق ئۆزگەردى، ئەمدى شۇ دوستلۇرۇڭ نامەرد ئاتالغان.
دوست ئۈچۈن ئاتىدىڭ جاننى-يۈرەكنى. دوست ئۈچۈن تەغدىم دەپ ئۇلۇغ تىلەكنى. دوست ئۈچۈن يوقاتتىڭ ۋىجدان نۇرىنى، گەر چولاق، ئاتىدىڭ قالغان بىلەكنى.
ئاتىساڭ ھاياتىنى چىن دوسلۇق ئۈچۈن. ئۇ دوستلۇڭ بىلدىلەر دوستلۇق بىر تۈتۈن. ئەتراپتا پەرۋانە، مەدىكار بولساڭ، سەن گاداي ، دوستلۇڭنىڭ بايلىقى پۈتۈن.
دوستۇم دەپ ۋاز كەچتىن ۋىجدان نۇرىدىن. قورقماي ئاتلىدىڭ ئۆلۈم ئوتىدىن. بىلمىدىڭ ئەسلى ئۇ قۇرۇپتۇ قاپقان، سەزمىدىڭ، ئىتىلدىڭ ئۇنىڭ ئوقىدىن.
پۇل تاپساڭ كەتمەيدۇ بولۇپ پەرۋانە، سەن گاداي كەتتى ئۇ، قالدىڭ يىگانە. ئۇنى سەل بۇراردەر ،چىن ئۈلپەت بىلگەن، ئەمدى بىل، ئۇ نامەرد، روھىي زەيپانە.
ياخشلىق قىلدىڭ سەن قولدىن كىلىشچە. بۇرادەر، ئۇ ئالدى سەندىن تۈگكىچە. سەن مۇھتاج يۈرگەندە قەيەردە سۇلتان، ئۇنىڭ بۇ پەس خۇيى چىقماس ئۆلگۈچە.
كۆڭۈلدىن كۆڭۈللەر سۇ ئىچەر ئەسلى. ھەممىمىز قىرىنداش، بىر ئۇيغۇر نەسلى. دوست دىگەن بىر پەيىت، ياخشى تاللىغىن، چىن دوستتىن گۈللىسۇن ھاياتنىڭ پەسلى!
2016-5-19 |