پەلەستىنلىك دوكتۇر قىزلار
ئايشەمگۈل نۇرئەمەت
پەلەستىن تىلغا ئېلىنسا مۇتلەق كۆپچىلىگىمىزنىڭ دەرھال كۆز ئالدىغا كېلدىغىنى ئىسرائىلىيەنىڭ تەكرەر ھۇجۇملىرى دەستىدىن سۈرگۈندىلىكتە ياشاۋاتقان بىچارە ئىنسانلار كېلىشى تەبىي. دېمىسىمۇ ئۇ زېمىن توغرىسىدا ئېسىمنى بىلسەم خەلقئارا خەۋەرلىرىدىن دايىم ئايىغى چىقماس ئۇرۇش-جېدەللەرنىڭ ۋە بىگۇناھ ئىنسانلار تارتىۋاتقان سورۇقچىلىقلارنىڭنىڭلا ئۇچۇرلىرىنى ئەڭ كۆپ ئاڭلاپ كەلگىنىم بىر ھەقىقەت. ئەمما بۈگۈنكى يازمامدا سىلەر بىلەن ئورتاقلاشماقچى بولغېنىم، ئۆز ۋەتىنى ئۇرۇش ئوتىدا تۈگىمەس دىشۋارچىلقلارغا كۆمۆلۈپ ياتقېنىغا قارىماستىن، پەلەستىندە تۇغۇلۇپ ۋە ئاساسى مائارىپ تەربىيىسىنىڭ ھەممىسىنى شۇ ۋەھىمىلەر ئىچىدە تاماملىغان بولسىمۇ، ئۆز ئەتراپىدىكى ھايات-ماماتلىق ۋەھىمىسى ئىچىدە تاۋلىنىپ، كوڭلىگە بۈيۈك ئارزۇ-ئارمانلارنى پۈككەن، ھەمدە ئوز خەلقىنىڭ گۈزەل ئەتىسىنىڭ بولدىغىنىدىن بىرەر مىنۇتمۇ ئۈمۇدسىزلىنىپ باقمىغان 3 نەپەر پەلەستىنلىك قىزلار ئۈستىدە بولىدۇ. بۇلاردىن ئىككىسى غەززە رايونىدىن، 3. جىسى باشقا شەھەردىن بولۇپ، ئېلگىرى-ئاخىرى بولۇپ ئەنگلىيەدە ئېلىم تەھسىل قىلغان ۋە قىلىۋاتقانلاردۇر. بۇلار ئىچىدە غەززەلىك لەيلا بىلەن مەكتىۋىمىزدىكى يىلدا بىر بولۇپ تۇردىغان ئوخشىمىغان مىللەت ۋە دۆلەتلەردىن كەلگەنلەرنىڭ مەدىنىيەت ئالماشتۇرۇش پالىيتىدە، ئېمان بىلەن بىر نەچچە خەلقارالىق ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىگىدىن ئۇيۇشتۇرغان كەمبىرىجگە ساياھەت گورپىسىدە، مەجد بىلەن ئوزىمىزنىڭ فاكۇلتىتىمىزدا تونۇشقان. قالغان ئىككەيلەننىڭ پەقەت ئېنگىلىزچە IELTS خەلقارالىق ئىمتاھانىنى تەكرار بېرىپ، ئاخىرى مۇكاپاتلىق ئوقۇشقا كەلگىننى ئاڭلىغىنىم ئېسىمدە. مەجد ھەممە شەرىتلەرگە توشقان ۋە مەكتەپنىڭ دوكتۇرلۇققا كىرىش چاقىرقىنى ئالغان بولسىمۇ، ئىسرائىلىيە ۋە مىسىر تەرەپلەرنىڭ پەلەستىنلىكلەرگە قاراتقان خىلمۇ-خىل توسۇقلىرى ۋە يەكلەش چارىلىرى تۈپەيلى قولىدا ۋىزا بار تۇرۇپ، پەلەستىن چىگرىسىدىن ئۆتەلمەي مەكتەپكە 1.5 يىلدىن كىيىن يېتىپ كەلگەن ئېكەن. بىر-بىرىدىن قەيسەر ۋە روھلۇق كۆرنىدىغان بۇ قىزلار ماڭا ئېلىم ئېلىش ئىستىگىنىڭ رىياللىققا چېقىشى ۋە مۇقەددەس ۋەتىنىنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى ئۈچۈن قاتمۇ-قات توساقلارنى ئادەم ئويلاپ يەتكۈسىز چىدام بىلەن يېڭىپ، ئىمكانىيەتسىزلىكتىن يول تېپىپ ئىلگىرلەۋاتقان، مىڭلىغان چىداملىق پەلەستىنلىكلەرنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ كۆرۈنىدۇ.
ئېمان مەكتىۋىمىزدە قۇرۇلۇش لاھېيلەش كەسپىدە ماگىستىر ئاسپىرانىتلىقنى پۈتتۈرۈپ، ھازىر ئىستانبۇل تېخنىكا ئۇنۋىرسىتىدا دوكتۇرلۇق ئوقۇشىنىنىڭ ئاخىرقى يىلىدا. لەيلا مۇشۇ مەكتەپتە خەلقارا مۇناسىۋەتلەر كەسپىدە ماگىستىرلىقنى تۈگۈتۈپ، ھازىر مەلۇم بىر ساخاۋەت تىپىدىكى ئاممىۋى ئورگاندا خىزمەت قېلىۋىتىپتۇ، ئاندىن كىلەر يىلى دوكتۇرلۇقنى ئوزى ياقتۇردىغان بىر يۆنىلىشتە داۋام قىلغۇسى باركەن (باشقىلاردىن ئاڭلىدىم). بۇ ئىككەيلەن بىلەن تونۇشۇپ، ئاسانلا چىقىشىپ قالدۇق. ھەر ئىككىلىسى ئوچۇق-يورۇق، كەسىپ ۋە ئۆز جەمىيىتىدىكى ئىشلارغا كۆڭۇل بۆلۈپ ئۈلگۈردىغان تۈرگۈن قىزلاردىن بولۇپ، بىرەر تېمىدا پاراڭلىشىپ قالسىڭىز ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرسىنىڭ كەڭرىلىگى ۋە ئۈمۈدۋار خاراكتىرى بىلەن سىزگە بىللە ئۆتكۈزگەن ۋاقىتنىڭ قانچىلىك تىز ئۆتۈپ كەتكىنىنى بىلىندۈرمەيدۇ. ئۇلار ئىككىلىسى ئۆز كەسپى دەرىسلىرىدە كۈتۈپخانا ۋە دەرىسخانا ئارلىقىدا ئالدىراش قاتناپ ئۆتكىنى بىلەن، مەكتەپ ئىچى-سىرتىدىكى خىلمۇ-خىل يىغىلىش ۋە پەلەستىنگە مۇناسىۋەتلىك تىل-مەدىنيەت بايرىمى، ئىئانە توپلاش دېگەنگە ئوخشاش ئىشلاردىن قالماي، ھەتتا گورپا پالىيەتلىرىنى ئاكتىپ تەشكىللەپ، ئۆز خەلقىنى، تارىخىنى ۋە دەرىتلىرىنى بىلدۈرۈشنىمۇ جان پىدالىق بىلەن ئۇستىگە ئالىدىغانلاردىن. شۇڭا بۇلارنى كۆپ ئادەم بىلدىكەن ۋە ھۆرمەت قىلدىكەن. 3-قىز، مەجد يۇقاردا ئىيتىلغان سەۋەپ تۈپەيلى ئوقۇشقا كېچىكىپ كەپ قالغىنى ئۈچۈن مېنىڭدىن ئىككى قارار كېيىنكى يىللىقتا خېمىيە ئېنجىنىرلىقى كەسپىدە ئوقۇۋاتقان بولۇپ، ھازىر دوكتۇرلۇق ئوقۇش پۈتتۈرۈش ماقالىسىنى يېزىش بىلەن ئالدىراش. بۇ قىز ماگىستىرلىقنى مالايسىيادا ئوقۇغان ئىكەن. ئۇ بۇ مەكتەپتە چىگرا توسۇقلىرى سەۋەپلىك كېچىكىپ ئوقۇشىنى باشلىغان بولسىمۇ، ئەمما نېمىلا بولسا تېنچ–ئامان كېلەلىگىنى ئۈچۈن ئۆزىنى يەنىلا تەلەيلىك سانايدۇ. شۇ چىگرا ئەندىشىسى سەۋەپلىك ئۆيىگە قايتىپ ئازراق دەم ئېلىپ كېلىشنىمۇ ئويلىشالماي ئىككى يېرىم يىل ئوتكەندە، بۇ قىزغا ئۆتكەن يىل ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك بىر ئىش بولۇپ، ئانىسىنىڭ راك كېسەل بولۇپ دىياگىنوز قويۇلىشى ئالەمچە ئېغىر كەلدى. لېكىن ئىشەنسەڭلار ئۇنىڭدىكى تەمكىنلىكنى خېلى ئادەم قېلالمايدۇ. چۈنكى ئۆزگە يۇرىتتا يالغۇز ياشاپ، بولۇپمۇ دوكتۇرلۇق ئوقۇش-تەتقىقاتتىن كەلگەن بېسىمدا ئاران تۇرغاندا ئاڭلىغان بۇ كېلىشمەسلىك بىر كەم سۆز قىزنى ئىككى قىلىۋەتتى. كېيىن بىز تولا سوراپ يۈرۈپ، ئاندىن مۇئەللىمگە دەپتىكەن، مۇئەللىم ئۇنى كۆپ ئىلھاملاندۇرۇپ 3 ھەپتىلىك ئويىگە قايتىپ ئانىسىنى يوقلاپ كېلىشكە يولغا سالغان. خۇداغا شۇكرى، ئۇ بۇ يىل بىشىدا بېرىپ، جاھان سەل تىچ چېغى، ساق قايتىپ كېلەلىدى. ئۇ ھەر يەردىن كەلگەن مەن ئۇچراتقان ۋە تۈزۈكرەك بىلگەن مۇسۇلمانلار ئىچىدىكى ئەڭ سەمىمىي ۋە قولىدىن كېلدىغىننى ئادەم ئايرىماي قىلىپ بىردىغان بەكمۇ ئاقكۆڭۈل بىر قىز بولۇپ، ئۇ گەرچە يۇقارقى ئىككىسىدەك پالىيەتچان بولمىغىنى بىلەن، كەسپكە پۇختا، شۇنداق جەسۇر بىرسى. ئۇنىڭ ماتىماتىكا ئاساسى كۆرۈنەرلىك ياخشى بولۇپ، بۇ جەھەتتە يېتەكچى ئوقۇتقۇچىنىڭ ۋە بىزنىڭمۇ ئالاھىدە قايىللىقىمىزنى قوزغايدۇ. بۇلار بىلەن ئارلىشىپ، بەزى مەسىللەردە پىكىرلىشىش جەريانىدا ئالغان ئەڭ جانلىق ۋە چوڭقۇر تەسىراتىم شۇكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئورتاق بىر خىل تۈرگۈنلۈك، ئىزچىل تېرىشىش، سۇنماس ئېرادە، ئۆزلىرى تۇغۇلغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە ئۇرۇش ئايروپىلانلىرى ۋە توپ-زەمبىرەكلەرنىڭ ۋەيرانچىلىقى توختاپ باقمىغان ئاشۇ ئالاھىدە زىمىنىغا بولغان كۈچلۈك مېھىر-مۇھەببەت ۋە ئۇنىڭ كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچتىن ئىبارەت!
ئېمان ۋە لەيلا بىلەن ئارىلاپ بىللە تاماق يىيىشىپ ياكى ئارام كۈنلىرىدە ئۇچرىشىپ قالسام، پات-پات غەززەنىڭ توختىماي بومباردىمان قېلنىۋاتقىننى، مەھەللىسىدىن يېراق بولمىغان جايلاردىكى مەكتەپ، دوختۇرخانا بېنالىرىنىڭ تولىمۇ ئېغىر بۇزغۇنچىلىققا ئۇچۇرغېنىنى ۋە باشقا خوشنا ئەللەرگە كېتەي دېگەنلەرنى قاخشىتىۋاتقان چىگرا ئىشلىرى توغرۇلۇق ئاڭلاپ قالاتتىم. بۇنداق ئىشلار ئەمەلىيەتتە پەلەستىننىڭ ئىسمىنى بىلگەن ھەر قانداق بىر ئادەمگە ئانچە ناتونۇشمۇ ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئەمما ئاشۇ ئۇرۇش ئوتى قاپلىغان، خەلىقلىرى ئاخشىمى ئۇخلىغىننى بىلگىنى بىلەن، ئەتىسى تىچ-ئامان ئورنىدىن قوپۇشىنى بىلەلمەيدىغان بۇ تۇپراقنىڭ يەنە مۇشۇنداق ئۈمۈدۋار، قاراڭغۇلۇق ئىچىدىن شەپەرەڭلەردەك يول تېپىپ، ئۆز زامانداشلىرى بىلەن مائارىپ ۋە يېڭىلىق يارتىشتا دۆلەت ئاتلاپ بەيگىگە چۈشەلەيدىغان، ھەم ئەخلاقلىق ھەم كۆپ تەرەپلىمە ئېقتىدارلىق ئوغۇل-قىزلارنى يېتىشتۈرەلىشى مېنى ئۈن-تۈنسىز قايىل قىلىدۇ. ئۇلار ئۆز رىياللىقىدىن بىخەۋەر ئەمەس. چۈنكى مەيلى ۋەتىنى ئىچىدە ياكى سىرتىدا بولسۇن، ھىچ بولمىسا ئۇلارنىڭ ئومۈرلۈك رەقىبى ئىسرائىليە توغرىلىق يازىدىغانلاردىن بولسىمۇ، پەلەستىنگە ئايىت ۋەقەلەرنى مۇمكىن بولدىغانلىكى مەتبۇئاتلاردىن ئاڭلاپ تۇرىدۇ.
لېكىن شۇنىڭغا ھەيرانمەن، بۇلاردىكى كەم تېپېلدىغان جاسارەت، ئۈمۈدۋارلىق ۋە تەمكىنلىك زادى نەدىن كېلىدىغاندۇ؟! بەلكىم ئاشۇ ئۆرۈلگەن ئۆيلەر، تۈپتۈز قىلۋېتىلگەن مەكتەپ بېنالىرىنى قايتا-قايتا بەرپا قېلغانلار ۋە قېلىۋاتقانلار ئۆز باللىرىغا ھەقىقى تەۋەككۇلچىلىقنىڭ قانداق بولدېغىننى، ئەۋلاتتىن-ئەۋلاتقا مىراس قالىدىغان ۋە كەلگۇسى ئەۋلاتلىرىنى كۈچ ئۇلاپ تېرىشىشقا ئۈندەيدىغان بىردىنبىر چىقىش يولىنىڭ ئۆزىگە ئىشىنىش، ئۆزىگە تايىنىش، مائارىپتا يۈكسېلىش ۋە پەن-تېخنىكىدا قۇدرەت تېپىش ئېكەنلىگىنى دائىم بىلدۈرۈپ تۇرسا كېرەك. شۇڭا يولىنى تېپىپ ماڭالىغان پەلەستىنلىكلەردىن " ۋاي ئەمدى بولار ھالىمىز شۇ، ھەر قانچە قىلساقمۇ ئۆرە بولالمايمىز" دەيدىغان بوشاڭلىق ۋە مەسۇلىيەتسىزلىك ئەمەس،" ياق ئۆرۈلگەن مەكتەپلەرنى ئەسلىدىكىسىدىنمۇ ياخشى لاھىيلەپ قايتا سالىمىز، ئۇلاردا كەلگۈسىدىكى تېنىچ پەلەستىن ئۈچۈن خىزمەت قىلدىغان پىداكار ئالىم-ئېنجىنىرلار ۋە سىياسىيونلارنى تەربىيلەيمىز" دەيدىغان تۈركۈم-تۈركۈم ئېمان، مەجد ۋە لەيلالار يېتىشىپ چىقالىغان.
دوستۇم ئېماننىڭ بىر قېتىملىق سۆھبەتتە خېلى كۆپ بالىلار ئارسىدا دوكلات بېرىپ قىلغان مۇنۇ سۆزلىرى ھېلىمۇ ئېسىمدىن چىقمايدۇ: " بىز پەلەستىنلىكلەرنى نۇرغۇن دۆلەت ۋە خەلقارا تەشكىلاتلار ئىنسانى ياردەملەر بىلەن يۆلەۋاتىدۇ، بۇنىڭغا ھەر زامان مىننەتدارمىز. ئەمما بىزنىڭ ئەقىدىمىزدە "بەرگەن قول تېلىگەن قولدىن ياخشى." دەيدىغان ھىكمەتلىك سۆز بار. شۇڭا بىز ئۆزىمىزگە ئىشنىشىمىز، جاپادىن قورقمايدىغان، كەسىپتە ئۇتۇپ چىقالايدىغان ياشلارغا مەدەت بېرىپ، ئۆز يۇرت-مەھەللىرىمىزنى، مەكتەپ، دوختۇرخانا ۋە كۈتۈپخانىلىرىمىزنى ئۆزىمىزگە تايىنىپ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك."
2016--يىل 20-ئېيۇن (ئەنگلىيە) |