قولاي تىزىملىك
ئىگىسى: tamche

ئاياللار نىمىشقا ئاسانلا تالاغا قاراپ قالىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

0

تېما

1

دوست

274

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   91.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5063
يازما سانى: 11
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 54
تۆھپە : 49
توردىكى ۋاقتى: 56
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-21
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-19 16:30:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 13قەۋەتتىكى nurدە2011-12-17 12:47يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھەممە كىشى ئۆزىنى ئالدى بىلەن ئاللاھنىڭ ھىمايىسىگە تاپشۇرۇشى شەرت.
1. ئەگەر  نامرات، ئىقتىدارسىز، جىسمانى قۇۋىتى ئاجىز ئىنسانلار ئاياللىرىنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ بىر ئۆمۇر بويتاق ئۆتىشى كىرەكما؟
2.ياشلا تۇل قېلىپ، بىر ئۆمۇر ئۆزىگە كىر قوندۇرمىغان ئانىلارنى قانداق چۈشىنىش كىرەك؟
3.دىئارىمىزدا 20-30يىللاپ كىسەلچان ئەرلىرىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ،پۈتۈن بىر ئائىلىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىۋاتقان ئاياللار ئاز ئەمەس.
4. مەن ئۆزەم بىلىدىغان ھەقىقى ئەھۋال.  بىزنىڭ مەھەللىلىك ئىرى قازالاپ كىتىپ،تۇل قالغان بىر ئانا 20يىل تىرىشىپ 4بالىسىنى بىرياقلىق قىلىپ بولغاندىن كىيىن،ئۆمۈرىنىڭ ئاخىرىنى ساۋاپلىق ئىش بىلەن ئۆتكۈزۈش ئارزۇسىدا بەلنىڭ تۆۋەينى سىزىمىنى يوقاتقان بىر بوۋايغا ياتلىق بولدى. ھازىر بۇ ئانا ئاشۇ يېرىمجان بوۋاينىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىۋاتىدۇ. بۇ چېكىدىن ئاشقان ئەخمەقلىقمىدۇ؟
.......  

1.ئۇيغۇرلاردا < بۇغداي نېنىڭ بولمىسا، بۇغداي سۆزۈڭ يوقمىدى> دەيدىغان گەپ بار. ئۆزى نامرات بولسىمۇ روھى نامرات بولمىسا، بەدەن قۇۋۋىتى ئاجىز بولسىمۇ، تىلى( شىرىن- شىكەر بولۇپ) قۇۋۋەتلىك بولسا، ئۇنداق ئەرلەرنىڭ بەختسىز بولۇشى مۇمكىن ئەمەس.
2.ياش تۇل قالغان ئۇنداق ئاياللارنىڭ قەلىب تۆرىنى شۇ تۈنجى تەگكەن ئېرى ئۆزىنىڭ تەڭداشسىز مۇھەببىتى بىلەن ئىگەللەپ بولغاچقا، ئۇ ئاياللارنىڭ كۆڭلىگە ھەرقانداق ئىسىل ئەرمۇ ھەرگىز سىغمايدۇ. ئىشەنمىسىڭىز ئاشۇنداق بىر ئۆمۈر بويتاق ئۆتكەن ئاياللارنىڭ مۇھەببەت تارىخىنى ئىگەللەپ بېقىڭ.
3. بىرى ئۇ ئايال ساداقەتمەن مۇسۇلمان ئايال. ھەقنى چۈشىنىدۇ، يەنە بىرى ئاشۇ ئەر ئۆزىنىڭ ئاشۇ ئايالىغا ئاللاقاچان ئۆزىنىڭ مۇھەببىتى ۋە ئەركەكلەرچە ئىسىل مىجەزى بىلەن ئايالىنىڭ كۆڭلىنى ئالالىغان. بولمىسا  ئاشۇنداق ئاياللاردىن سۇراپ بېقىڭ. ئۆزىنڭ ئاشۇ مېيىپ ئېرىنى ھەرقانداق كىلىشكەن، ساغلام ئەرگە تەڭ قىلمايدۇ.
4.بۇ ھەرگىز ئەخمەقلىق ئەمەس. بەلكى ئالىجاناپلىق. دۇنيادا ئاشۇنداق ئۆزىنى قوربان بېرىش روھى بولغاچقىلا دۇنيا شۇنداق گۈزەل. تەڭرى ئاشۇ ئايالنىڭ پىداكارلىق روھىنى بىزگە كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىزگە ئادەم بولۇشنى ئۈگۈتىدۇ. يەنە بىر ئويلىغىنىم ئاشۇ بۇۋاي ئىلگىرى ئۆزىنىڭ گۈزەل ئەخلاقى، ئەرلەرگە خاس جاسارىتى ئارقىلىق ئاشۇ ئايالنى تەسىرلەندۈرگەن بولۇشى مۇمكىن، ئەڭ بولمىغاندا مەن ئاشۇ ئەرنىڭ ئىلگىرى ھەممە ئېتراپ قىلىدىغان ياخشى ئادەم ئىكەنلىكىنى جەزىم قىلالايمەن، خاتا پەرەز قىلغان بولسام. تۈزۈتۈش بەرگەيسىز.
   ئەڭ ئاخىرىدا دەيدىغىنىم، مەن سىزنىڭ مۇشۇ تۆت سۇئالىڭىزغا جاۋاپ بېرىپ بېقىش ئۈچۈنلا ئاتايىن بۇ مۇنبەرگە ئەزا بولدۇم. سىز چۇقۇم ھەقىقىي كۈيۈنۇش بىلەن ھەقىقىي مۇھەببەتنىڭ ئاياللارنى بويسۇندۇرالايدىغانلىقىڭىزغا ئىشىنىشىڭىز كېرەك. شۇنداق بولغاندىلا كاللىڭىزدىكى سۇئاللارغا جاۋاپ تاپالايسىز. ئاتاكاچىلىق قىلىپ ئارتۇق سۆزلەپ قويغان بولسام كەچۈرگەيسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )