قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 6222|ئىنكاس: 16

ئاياللار نىمىشقا ئاسانلا تالاغا قاراپ قالىدۇ؟

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

5

تېما

0

دوست

1116

جۇغلانما

تىرىشچان ئەزا

ئۆسۈش   11.6%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4002
يازما سانى: 46
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 270
تۆھپە : 157
توردىكى ۋاقتى: 49
سائەت
ئاخىرقى: 2012-1-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 16:33:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                        ئاياللار نىمىشقا ئاسانلا تالاغا قاراپ قالىدۇ؟

بۇرادەر ، ئاياللارنىڭ يات ئەرلەرگە بۇزۇلىشى بىلەن باشلانغان ئائىلە پاجىئەلىرىنى تولا ئاڭلايدىغان بولۇپ قالدۇق.
ئاياللار نېمىشقا تالاغا قاراپ قالدۇ؟ئاياللارنىڭ تالاغا قاراپ قېلشىدا ئەرلەرنىڭ مەسئۇلىيىتى بارمۇ -يوق ؟
بىز بۇ ھەقتە ئاز -تولا مۇلاھىزە يۈرگۈزۈشنى مەسئۈلىيەت دەپ بىلدۇق :
كونىلار ئايالدا نەپىس ئۈچ دەپ قارايدۇ : يېمەك -ئېچمەك، كېيىم -كېچەك، سۆيگۈ -مۇھەببەت .ئالدىنقى ئىككىسى ئىقدىساد ۋە ئاياللارنى ماددى جەھەتتىن قاناەتلەندۈرۈش بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ ، ،بۇ ئۇنچېۋالا مۇھىم ئامىل بولماسلىقى مۇمكىن .چۈنكى ،بىر تەربىيىلىك ئايال ، پەزىلەتلىك خوتۇن ھەرگىزمۇ مال - مۈلۈك تۇپەيلى ئۆزى ئەقىدە قىلغان ئۆي ،مېھرىنى بەرگەن ئېرىدىن ۋاز كېچىپ يەنە بىر ئەردىن يەم - ئوزۇق تىلىمەيدۇ.
كىيىم- كىچەك ۋە يېمەك ئېچمەك پاراغىتى تۇپەيلى غېنى -زەردارلارنىڭ كەينىدىن لالما كۈچۈكتەك نايناقلاپ سوكۇلداش پەزىلەتسىز خوتۇنلارنىڭ ئىشى .شۈھبىسىزكى ،مۇنداق خوتۇنلار ئاچكۆز ، تويماس نەپسى تۈپەيلى ئائىلىسىدىن ، ئېرىدىن ئايرىلىپ قېلىش ۋە يات قوللارنىڭ خالىغانچە تۇتۇپ -سىلاپ ئۇينايدىغان ئويۇنچۇقى بولۇپ قېلىشى تۇرغان گەپ ،مەن ساداقەتنى ئىقتىسادىي سەۋىيە بىلەن تەڭداش ئۇرنىغا قويمايمەن .ساغلام ئەقىلگە ئىگە بىر ئايالمۇ ھەرگىز نامراتلىق تۈپەيلى ئېرىنى تاشلاپ كەتمەيدۇ . دېمەككى ، بىر ئايالنىڭ ئۆز ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلىپ ، مۇتلەق ئىتائەتكە كىرىشىدە ئەڭ ھالقىلىق ئامىل دەل سويگۈ -مۇھەببەتتۇر .ئەگەر بىر ئايال ئۆز ئائىلىسى، ئېرىدىن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىسە ، ئۇ قەلبىدىكى ،روھىدىكى ،تېندىكى ئاچارچىلىقنى سىرتتىن ئىزدىشى ياكى ئېرىدىن يىراقلىشىشى مۇمكىن.
ئايالارنىڭ قانائەت تۇيغۇسڭ نۇرغۇن ئامىللاردىن تەركىپ تاپىدۇ، ئۇ ئەرنىڭ كۆيۈنۈشى ھالىغا يېتىشى ،سۆيگۈسى ساداقىتى ، ئائىلە ئۈچۈن چىقارغان كۈچى....قاتارلىقلاردىن كېلىدىغان روھىي قانائەت ۋە -ئەر- ئاياللىق تۇرمۇشتىن كېلدىغان جىنسىي قانائەتتىن تەركىپ تاپىدۇ . ئايال روھىي قانائەت ئارقىلىق ئېرىنىڭ ساداقىتىنى ۋە مېھرىنى تۇلۇق ھېس قىلالىسا ۋە جىنسىي قانائەت ئارقىلىق روھى قانائىتىنى يۈكسەلىككە كۆتۈرۈرەلىسە ، ئەرنىڭ ئالدىدا شەكسىز ئىتاەتتىكى مۇلايىم خوتۇن ،مېھرىبان ئانا ،پەزىلەتلىك ئايالغا ئايلىندۇ .
ئەگەر سۆيگۈ مۇھەببەت ئېھتىياجى يېتەرلىك تويۇنۇش ۋە قانائەتكە ئېرىشەلمىسە ،ھەر قانچە پەزىلەتلىك ئايالمۇ مۇنداق ئەردىن ئۈمۈدسىزلىندۇ ، رايى قايتىدۇ ۋە بۇ ئائىلىدىن تەدرىجىي يىراقلىشىشقا باشلايدۇ . ئۆز ئېرىدىن يېتەرلىك قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشەلمىگەن ئايال ئېرىنى ئەتراپىدىكى ئۆزى ئۈچرىغان ئەرلەر بىلەن سېلىشتۇرۇشقا چۈشىدۇ. مۇشۇنداق چاغدا ئەگەردە يەنە بىر ئەر شۇ ئايالنىڭ ئېرىدىكى ئاجىزلىقلارنى بېسىپ چۈشكۈدەك ساپا بىلەن ئايالنىڭ قەلىب دۇنياسىغا ئىچكىرلەپ كىرىپلا قالسا ئايال كېشى بۇزىلىدۇ ،ئېرىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ ،نىجاتلىقىنى يات ئەرلەردىن ئىزدەشكە چۈشىدۇ .
بىز ئەخلاق ،قانۇن نۇقتىسىدىن ئاياللارنىڭ يات ئەرلەردىن خوشلۇق ئىزدىشىنى چەكلەيمىز ،مۇنداق بولۇشنى خالىمايمىز. ئەمما زەردارنىڭ قوينىدىن چىقىپ ئوتۇنچىغا خۇشاللىق بىلەن خوتۇن بولدىغان ،باينىڭ قولدىن تاپالمىغان بەخت تۇيغۇسىنى تازنىڭ يېغىر گەدىنىدىن ھېس قىلدىغان ،شاھزادىدىن قېچىپ كەمبىغەلگە تېگىدىغان نازىنىنلارنىڭ ھېكايىسى بىزدە ئاز ئەمەس . دېمەككى ،ئايال كىشى بىر ئەردىن سۆيگۈ- مۇھەببەت ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىسا ئۇ ئەرنىڭ ئىتائىتىگە كىرمەيدۇ . ئەر كىشى ئايالنىڭ قورسىقىنڭ تويدۇرۇپ ،ئۈستىبېشىنى پاقىرتىپ ياسىيالمىسىمۇ، ئايالنىڭ كۆڭلىنى ئېلىپ ،روھىنى شاد ،نەپسىنى توق قىلالمىسا خوتۇنىنى خوتۇن قىلىپ تۇتۇپ تۇرالمايدۇ . ئايالىنىڭ كۆڭلى - خاھىشىنى تاشلىۋەتكەن ئەرلەر ئايالىنىڭ جىسمىغىلا،تېنىگىلا ئىگەدارچىلىق قىلدۇ ، ئەمما ئاياللىق قەلبىنىڭ شاھلىق قەسىرىدىكى ئالتۇن كۇرسىغا ئولتۇرالمايدۇ . بۇ كۇرسقا يا باشقا بىر ھارامتاماق ئولتۇردۇ ياكى بۇ ئورۇن بوش قالىدۇ . ئەمما لوگىكا جەھەتتىن قارىغاندا ،بۇ ئورۇننىڭ مەڭگۈ بوش تۇرۇۋېرىشى مۇمكىن ئەمەس . ئاشۇ بوشلۇق ئاستىدا نىكاھ پاجىئەسىنىڭ ئالۋاستى كەمپىرى خورۇلداپ ئۇخلاپ ياتقان بولىدۇ .ئەرلەردىكى بوشلۇق ،سۇسلۇق ،پەرۋاسىزلىق نىكاھ جادۇگىرىنى ئويغۇتۇپ قوپۇردىغان خەتەرلىك خورەكتۇر .

ئەي ،خوتۇنىغا قانداق كۆيۈنۈش ۋە ئۇنىڭ مېھرىدىن قانداق بەھر ئېلىشنى بىلەلمىگەن ئەر .مەسىلنى ئالدى بىلەن ئۆزۈڭنىڭ خوتۇنۇڭنىڭ ئېھتىياجىنى قاندۇرالمىغان ئاجىزلىقىڭدىن ئىزدە .ئەر ھەر تەرەپتن كۈچلۈك بولسا ،خوتۇن كىشى مەڭگۈ ئۇنىڭ ئالدىدا خوشلۇق ئىتائىتىدە كۈلۈمسىرەپ تۇرغۇچى مەلىكىگە ئايلىندۇ . ئەرنىڭ ئاجىزلىقى ئايالىنى ئىتائەتتىن چىقىرىپ ،ئېرىگە ھۆركىرەپ ئۆكتە قوپالايدىغان ،ئەرنى ،نىكاھنى،پەرزەنتىلەرنى كۆزگە ئىلمايدىغان ،نۇمۇستىن قورقمايدىغان ،دەرىجىدە ھازازۇلغا ئايلاندۇرۋېتىدۇ .شۇڭا ئەرنىڭ ئايال ئالدىدىكى كۈچلۈك -ئاجىزلىقى بەكلا مۇھىمدۇر .
بۇ كۈچلۈك -ئاجىزلىق ئۇنىڭ نوقۇل تەن ، جىسىم جەھەتتىكى ھايۋانىي كۈچىگە ئەمەس ،خاراكتېر ،پوزىتسىيە ،مۇئامىلە جەھەتتىكى ئىلمىي كامالەتىگە قارتىلغان .
ئەر خوتۇنۇمنى ئۆز ئىتائىتىمدە ساقلايمەن دەيدىكەنسەن ،خوتۇنىڭنى رازى قىل .ئىتىساد جەھەتتىنلا ئەمەس ،روھى جەھەتتىنمۇ رازى قىلىشقا ھەممىدىن بەك كۈچە .ئۇ يات ئەرلەرنى ساڭا تەققاسلىماس بولسۇن ; ھەتتە يات ئەرلەرگە تىكىلىپ قاراش ۋە نەزەر سېلىشتىنمۇ ئەيمىندىغان بولسۇن .خوتۇنۇڭ سېنىڭدىن يېتەرلىك بىخەتەرلىك ،قاناەت تۇيغۇسىغا ئىرىشىپ تۇرسۇن . ئۆزۈڭنى تىڭلا ،خوتۇنۇڭنى رازى قىلالمىغان يەرلىرىڭىنى تۇلۇقلاپ تۇر .ئەگر ئايال پەزىلەتلىك بولدىكەن ، ئۇنىڭ ھەر بىر ھەركەت -قارشىدىن ئۆزۇڭنىڭ كامالەت يولۇڭنى ۋە ئۇنىڭ قەيىرىڭدىن رازى ،قەيىرىڭدىن نارازىلىقىنى بىلىپ -ھېس قىلىپ تۇرالايسەن .
ئەر ، ئۆزۈڭنى كامىللاشتۇر -دە ئايالىڭنىڭ قەلب سۇلتانلىقىنىڭ يەككە -يىگانە شاھىنشاھلىقىنى ئىگىلە .خوتۇنۇڭغا ياتلارنىڭ پاسكىنا قولى-نەزىرى يەتمىسۇن دېسەڭ ،ئۇنى تىرىشىپ ئۆز ھىمايەڭگە ئالمىقىڭ لازىمدۇر.

كۆزۈڭنى ئاچ ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر .


مەنبە: ئەرلەرگە 101 تەكلىپ
  بۇنى مەن ئىلگىرى بىر قېتىم ئوقىغان ھازىر بەت ئارىلا ۋېتىپ ماكانىم تورىدىن كۆرۈپ بۇ يەرگە يوللاپ قويدۇم ، ئەيىپكە بۇيرىماسسىزلەر

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.23%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1760
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6591
توردىكى ۋاقتى: 1553
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 18:20:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ ھەممە ئەركەكلەر بىلىشكە تېگىشلىك گەپلەر...

قانداق ئەرلەر تالاغا قارايدۇ؟  توغرىسىدا مۇشۇنداق يازما يوقمىكەن؟!
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

0

تېما

0

دوست

35

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   11.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4900
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 35
تۆھپە : 21
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2012-4-26
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 18:59:17 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرنىڭ تالاغا قاراپ قالىدىغىنىنى ئانچە-مۇنچە ئاڭلايدىغانتۇق ،ئەمما  ئاياللارنى تالاغا قارايدۇ دېگەننى ئاشكارە ئاڭلاپ باقمايدىغان.بۇ يەردىكى «ئاسانلا»دېگەن گەپتىن قارىغاندا،مۇشۇ ئاي مۇشۇ كۈنلەردە  ئاياللار ئۈچۈن بۇمۇ مودىغا ئايلانغان ئوخشىمامدۇ؟! ھەرقانچە بولسىمۇ،نومۇس قىلىشنى بىلەيلى،چۈنكى ئېرى بار «ئايال»بولغانىكەن،بالا-پەرزەنتىمۇ بار بولار،سەت ئەمەسمۇ.ئەندى ئاشۇ پەس نەپسىڭىزنى دەپ ھەممىنى قايرىپ قويغۇدەك ئەخلاقسىزلىقنى قىلىشقا سىزنى ئېرىڭىزنىڭ مەلۇم نۇقسانىلا قىستاپ قويمىغاندۇ،ئەي بىچارە!ئۇيغۇردا« ئەرنى ئەر قىلغان خوتۇن،يەر قىلغانمۇ خوتۇن» دەيدىغان چوڭقۇر مەنىلىك ھېكمەت بار،ئوبدانراق تېگىگە يېتىپ كۆرەيلى.

0

تېما

0

دوست

75

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   25%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4945
يازما سانى: 14
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 75
تۆھپە : 45
توردىكى ۋاقتى: 26
سائەت
ئاخىرقى: 2011-12-28
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 21:52:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەرلەرگە 101  تەكلىپ  ،  بۇ كىتاپنى مەن ئەر دىگەن ھەربىر كىشى چوقوم ئوقوپ بىقىشى كىرەك دەپ ئويلايمەن .

6

تېما

0

دوست

430

جۇغلانما

دائىملىق ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2284
يازما سانى: 9
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 119
تۆھپە : 61
توردىكى ۋاقتى: 21
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-23
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 22:47:22 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىما ئىگىسىگە تەشەككۇر  بولسۇن   يازمىللىرىڭىز ئۈزۈلمىسۇن
ئىمىنجان ھىدايەت

0

تېما

0

دوست

10

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   3.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4977
يازما سانى: 2
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 10
تۆھپە : 6
توردىكى ۋاقتى: 1
سائەت
ئاخىرقى: 2011-12-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 22:48:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالىدە تىپىك ئۇيغۇر جەمئىيتىدىكى ئاياللار دىمىگەن ، بەلكى ھەرقايسى مىللەت تەڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان بىر پۈتۈن جەمئىيەت تىلغا ئىلىنغان .ياخشى بولغان ئەر-ئاياللىىق مىھرى-مۇھەببەت تەربىيىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان .ماقالە -ئەسەرلەردىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسلىلەرنى، ھە دىسىلا تارتىپ ئەكىلىپ مىللىتىمىزنىڭ ئەيىپ-نوقسانى قىلىۋالمايلى.ئۈز قىز-ئاياللىرىمىزنى ئەيىبلەپ سۈكۈشتىن ئاۋۋال مىھرىبان ئانىلىرىمىزنى ،ئەخلاقلىق ھەدە-سىىڭىللىرىمىزنى ئويلاپ قويايلى.

1

تېما

0

دوست

151

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   50.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3712
يازما سانى: 25
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 153
تۆھپە : 90
توردىكى ۋاقتى: 34
سائەت
ئاخىرقى: 2011-12-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 23:04:40 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ياخشى تېما ئىكەن، ھەقىقەتەن ئاياللار ئەرلىرىنىڭ ھەر تەرەپتىن ئۇنىڭغا كۆيۈنۈشى، ئۇنىڭ كۆڭلىنى چۈشۈنىشى ۋە مىھرىبانلىق يەتكۈزۈشىگە مۆھتاج. ھەقىقەتەن ئەر بولغان ئادەم ھەر جەھەتتىن ئەرلەرگە خاس جەسۇرلۇق، ۋىجدانلىق بولۇشى كېەك. ئۇنىڭدىن باشقا، شۇ ئەر ياكى ئايالنىڭ ئۆزىنىڭ ياخشى ئوبرازىنى ساقلىيالماسلىقى ئۇلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئېڭىنىڭ سۇسلىقىدىن بولىدۇ، دەپ قارايمەن. چۇنكى بىرنىڭ ئىسلام دىنىمىز مۇسۇلمانلار ئۈچۈن توغرا بولغان مېڭىش يولىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان ماياك، ئادەم بولۇشنى ئۈگىتىدىغان قۇرال، تۈگىمەس بۇلاق ھەم تەڭداشسىز ئەڭگۈشتەر. دىنى ئېتىقادتىن سۇسلىشىش ئادەمنى ھالاكەتكە ئېلىپ بارىدۇ. شۇڭا ئاياللارنىڭ تالاغا قاراپ قېلىشىدا ئۇنىڭ دىنىي ئېتىقاتىنىڭ ئاجىزلىقىمۇ ئاساسلىق سەۋەبلەرنىڭ بىرى دەپ قارايمەن.

7

تېما

0

دوست

5744

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   14.88%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2127
يازما سانى: 279
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1316
تۆھپە : 865
توردىكى ۋاقتى: 181
سائەت
ئاخىرقى: 2015-3-8
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-15 23:07:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ كۈچلۈك -ئاجىزلىق ئۇنىڭ نوقۇل تەن ، جىسىم جەھەتتىكى ھايۋانىي كۈچىگە ئەمەس ،خاراكتېر ،پوزىتسىيە ،مۇئامىلە جەھەتتىكى ئىلمىي كامالەتىگە قارتىلغان .
................................
بىزدىكى ئەرلەردە ھەقىقى كەم بولىۋاتقان نۇقتىلار دەل يورۇتۇلۇپتۇ.
  يەنە بىر نۇقتىدىن ئەرلەرنىڭ جىنسى ھەۋىسىنىڭ30ياشتىن كېيىن ئاجىزلاپ ماڭىدىغانلىقى،ئەكسىنچە ئاياللارنىڭ كۈچىيىپ بارىدىغانلىقىقا ئەمىلىيەتتە چوڭقۇر ھېكمەت يوشۇرۇنغان ئۇقۇم. بۇنى تەپەككۇر قىلىشتىن كۆرە بىزدە ئورۇنسىز ئۆزىدىن خۇدۇك ئېلىش خاھىشى تولىمۇ ئېغىرلاپ بارماقتا.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )