قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 3240|ئىنكاس: 25

زەنجىرلەنگەن نارەسىدە (ئۇيغۇر زۇۋان)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

دوست

5933

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   18.66%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4402
يازما سانى: 268
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى: 1103
تۆھپە : 1096
توردىكى ۋاقتى: 358
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-22
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 12:17:39 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
abida
زەنجىرلەنگەن نارەسىدە
ئۇيغۇر زۇۋان
1
توقسۇ ناھىيە بازىرىنىڭ بازار كۈنى ئادەتتىن تاشقىرى قاينام- تاشقىنلىققا چۆمىدۇ، كەڭ ۋە پاكىزە يوللىرى كىشىگە بىر خىل ئازادىلىك بېغىشلايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە دۆلەت يولى 314- لىنىيىسى ناھىيە بازىرىنى كېسىپ ئۆتكەن بولغاچقا، ئايىقى ئۈزۈلمەي ئۆتىشىۋاتقان ھەر خىل ئاپتومبىللار بۇ خىل قاينام- تاشقىن مەنزىرىنى تېخىمۇ جانلاندۇرىۋىتىدۇ. بۇ ناھىيە جەنۇبى شىنجاڭ تاشيول قاتنىشىنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولۇش سۈپىتى بىلەن داڭ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى بازار ئۆزىنى مەركەز قىلغان ئەتراپتىكى ناھىيە ۋە يېزىلارنى ھەر خىل تاۋارلار بىلەن تەمىنلەيدىغان خاسىيىتى بىلەنمۇ داڭ چىقارغان.

2005- يىلى 11- ئاينىڭ ئاخىرلىرى. بازار ئىچىدىكى مەنزىرە دەرەخلىرى خۇددى باھار پەسلىدىكىدەك ياشىرىپ تۇراتتى، ئەمما يەرلىك دەرەخلەر ئاللىقاچان ئۆزىنىڭ يېشىللىق شەجەرىسىنى يوقاتقان بولۇپ، ئاندا- ساندا يەرگە چۈشۈشنى خالىماي قالغان جاھىل يۇپۇرماقلارنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئاساسى جەھەتتىن يالىڭاچلىنىپ قالغان ئىدى. بۈگۈنمۇ بۇ بازار ئۆزىنىڭ خۇددى ئىلگىرىكى ئاشۇ قاينام- تاشقىنلىق ھالىتىنى يوقاتقۇسى كەلمىگەندەك ئادەتتىن تاشقىرى ئادەملەر دېڭىزىدا پۇشۇلدايتتى، ناھىيىلىك قاتناش بېكىتىنىڭ شىمالى يان تەرىپىگە جايلاشقان توپ تارقىتىش بازىرى ئادەتتىكىدەك تىقما- تىقماق ئادەملەر توپىغا لىق تولغان ئىدى، يەرلىك كىشىلەر بۇ بازارنى تېخىمۇ ئاددىلاشتۇرۇپ «پىپا» دەپ ئاتايتتى، بۇ ئاتالغۇ يەرلىك تىل شىۋىسى بولمىسىمۇ، يەرلىك كىشىلەر مۇشۇنداق ئاتاشقا ئادەتلىنىپ كەتكەن ئىدى. شۇنچە كۆپ ئالارمەنلەرگە يارىشا ساتارمەنلەرمۇ بۇ بازارنىڭ ئاۋات بازارلىق سالاپىتىگە ماس ھالدا تۈرلۈك- تۈرلۈك ماللىرىنى دۇكانلىرىنىڭ ئالدىغا تىزىشىپ، قول- قولىغا تەگمەي، ئالدىراشلىق ئىلكىدە چېپىشاتتى، قوشنا ناھىيە ۋە قوشنا يېزىلاردىن كەلگەن ئۇششاق چەرچى مالچى سودىگەرلەر ۋە ئۇششاق تىجارەتچىلەر قوللىرىغا چىپتا*، تاغار، يەشىك ..... قاتارلىق قاچىلاش سايمانلىرىنى كۆتۈرۈشكەن ھالدا بۇ بازاردىن مال ئىزدىشەتتى...........

توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا قاراقۇم كەنت 3- گوروپ ئەزاسى تۇرجۇن باسىت (ياسالما ئىسىم) ئەنە شۇنداق چەرچى مالچى ئىدى، ئۇنىڭ دىھقانچىلىق ئىشلىرىدىن سىرت ئېچىۋالغان كىچىك تىپتىكى تۇرمۇش بويۇملىرى دۇكىنى بار بولۇپ، دۇكاندا مال كەملەپ، ئۇنى بۇ باغرى ئاتەش قايناق بازارغا باشلاپ كەلگەن ئىدى، ئۇنىڭ قولىدىمۇ بىر نەچچە دانە چىپتا بار ئىدى، ئۇ ئۇياق- بۇياققا قاتراپ يۈرۈپ، ئىككى سائەتكە يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە بۇ چىپتىلارنى مال بىلەن لىق تولدۇردى، ئۇ مال تولدۇرۇلغان چىپتىلىرىنى يۈدۈپ، بازارنىڭ سىرتىغا توختۇتۇپ قويغان ئېشەك ھارۋىسىغا بېسىپ بولۇپ، ئەمدى ماڭاي دەپ ئېشەكنىڭ چۇلۋۇرىنى ئىڭىشىپ تۇرۇپ يېشىۋاتقاندا يېنىغا بىر كىمنىڭ كەلگەنلىك شەپىسىنى تۇيۇپ قارىدى، ئۇنىڭ كۆزىگە بىرىنچى بولۇپ چېلىققىنى توپا باسقان كونا ئاياق كىيىۋالغان بىر جۈپ پۇت بىلەن بۇ بىر جۈپ پۇت يېنىدا قاسماق باسقان يالاڭ ئاياق كىچىك بالىنىڭ بىر جۈپ پۇتى ئىدى، شۇنچە سوغوقتا يالىڭاچ پۇتلۇق بۇ بىر جۈپ پۇت ئۇنىڭ دىھقىتىنى تارتتى، ئۇ يېشىپ بولاي دەپ قالغان چۇلۋۇرنى جايىدىلا قويۇپ، بېشىنى كۆتۈردى، ئالدىدا رەڭگى- روھى سارغايغان، تولىمۇ ئاددى كىيىنگەن، قۇچىقىدا بىر بالىنى كۆتۈرىۋالغان بىر ناتۇنۇش ئايال بىلەن چىرايلىرىنى مەينەتچىلىك باسقان، كىيىملىرى يۈزىدىنمۇ بەك مەينەتلىشىپ كەتكەن كىچىك بىر بالا ئۇنىڭغا قاراپ بوينىنى قىسىپ تۇراتتى، ئۇلارنىڭ چىرايى سارغايغان، روھى تولىمۇ چۈشكۈن ئىدى، بالا يوقاپ كىتىشتىن ئەنسىرىگەندەك ئايالنىڭ پىشىگە مەھكەم ئېسىلىۋالغان ئىدى.

تۇرجۇن باسىت نىمە دىيىشىنى، نىمە قىلىشنى بىلمەي، بىردە ئايالغا، بىردە بالىغا قاراپ تېڭىرقاپ قالدى، ئۇ دەسلەپتە «بۇلار تىلەمچىمىدۇ» دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، پارچە پۇل بىرىپ يولغا سېلىۋېتىشنى ئويلىدى، لىكىن، تىلەمچىلەر ئادەتتە قولىغا بىر تۇتام پارچە پۇللارنى قىستۇرىۋېلىپ، قوللىرىنى كۆتۈرگەن ھالدا «ئامىن» دىگەن ئومۇمى سۆز ئاتالغۇسىنى ئىشلىتەتتى. شۇڭا ئۇ بۇ نىيىتىدىن ياندى- دة، ئۇلارغا چىكىتتەك قاراپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى. ئايال بىر نىمە

دىيىش ئۈچۈن ئاغزىنى ئۆمەللەتتى- يذ، بىردىنلا ئاغزىلىرى ئۈمچۈيۈپ، كۆزلىرىدىن ياش قويۇلۇشقا باشلىدى.

__ بىزگە رەھىم قىلىسىلا بوپتىكەن __ دىدى ئايال يىغلاپ تۇرۇپ. تۇرجۇن باسىت ئۇنىڭ تەلەپپۇزىدىن يەكەنلىك ياكى خوتەنلىك ئىكەنلىكىگە جەزىم قىلدى. ئايال يەنە يىغىسىنى توختۇتىۋالالماي داۋام قىلدى:

__ بىز ئانا- بالا ئۈچىمىز ئاچ قالدۇق، يىگۈدەك بىر نىمىمىزمۇ يوق __ ئۇ ھېقىغداپ تۇرۇپ، ئاران شۇنى دىيەلىدى. ئاپىسىنىڭ پىشىگە مەھكەم ئېسىلىۋالغان بالىمۇ ئاپىسىغا ئەگىشىپ يىغلاشقا باشلىدى.

تۇرجۇن باسىتنىڭ ئۇلارنىڭ تۇرقىغا قاراپ ئىچى سېيرىلىپ كەتتى.

__ سىلى خوتەنلىكما؟ __ دەپ سورىدى تۇرجۇن باسىت كۆڭلىدىكى گۇماننى يۇشۇرالماي.

__ ھەئە __ دىدى ئايال ھېقىغداپ تۇرۇپ _ مەن خوتەن قارىقاشتىن.

تۇرجۇن باسىت قويۇن يانچۇقىدىن بىر تۇتام پۇلنى ئېلىپ، ئىچىدىن ئون يۈەنلىك پۇلدىن بىرنى چىقىرىپ، ئايالغا سۇندى. ئايال پۇلغا قولىنى ئۇزارتمىدى. ئەكسىچە ئۇنىڭ يىغىسى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقتى:

__ بۇ پۇلنى ئالسام قورسىقىمىزنى بىر قېتىم تويغۇزارمىز، كەچتە نەدىمۇ ياتارمىز، ئەتە نىمىمۇ يەرمىز؟ ئۇنىڭ ئۈستىگە __ ئۇ بالىسىنىڭ يالىڭاچ پۇتىغا قارىدى __ بۇ بالامنىڭ پۇتى يېلىڭ..........

ئەتراپتىكى ئالدىراش كىشىلەر ئۇلارغا قاراپ قويۇپ ئۆتۈپ كېتىشەتتى. تۇرجۇن باسىت باشقا گەپ قىلماي ئېشەكنىڭ چۇلۋۇرىغا قولىنى ئۇزاتتى.

تۇرجۇن باسىت چۇلۋۇرنى يەشكەچ بۇ ئايالنى ئالدامچىمىدۇ، دىگەننى يالت قىلىپ كۆڭلىدىن ئۆتكۈزدى، لىكىن ئۇ بۇ خىيالىدىن دەرھال يالتايدى، چۈنكى بۇ ئايالنىڭ ئۇزايىدىن ئالدامچىلىق قىلمايۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ بۇ بىچارىلەرنى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىشنى ئويلىدى، لىكىن ئۇنىڭ ئايالى نىمە دەر؟ ۋات- ۋات خوتۇن بىر ۋاتىلدىغىلى تۇرسا .... ، ئۇ ئىچىدە «نىمىلا گەپ بولسا ئۆيگە بارغاندىن كېيىن بىر نىمە دىمەيمەنمۇ› دىدى، ئۇ بۇ ئۈچەيلەننى ئۆيىگە ئېلىپ كىتىش قارارىغا كەلدى.

_ بىزنىڭ ئۆيگە بارايلى، ھارۋىغا چىقىڭلار! _ دىدى تۇرجۇن باسىت ھارۋىنى يولغا توغۇرلاپ. ئايالنىڭ يىغىسى بېسىقتى، ئۇ ئالمان- تالمان بالىسىنى يىتىلەپ، ھارۋىغا چىقتى.

2
ناھىيە بازىرىنىڭ غەربى قىسمىغا جايلاشقان ئۆگەن يېزىسى يېرى ئاز، نوپۇسى كۆپ، ئاھالىسى زىچ ئولتۇراقلاشقان يېزىلارنىڭ بىرى بولۇپ، مۇتلەق كۆپ ساندىكى دىھقانلار ئېتىز- ئېرىق ئىشلىرىدىن يەڭگىللىگەندە تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىدۇ، ئۇلارنىڭ نەزىرىدە تىجارەتنىڭ چوڭ- كىچىكى يوق، پۇل تاپقىلى بولىدىغانلا ئىش بولسا، قانۇنغا، ئەمىر- مەرۇپلارغا خىلاپ بولمىسىلا، ئۆز كۈچىگە تايىنىپ، ھالال پۇل تاپسىلا __ مەيلى قانداقلا ئىش بولسا قىلسا __ تىجارەت ھىساپلىناتتى.

تۇرجۇن باسىتنىڭ ئايالى ھىنىپەم (ياسالما ئىسىم) يېڭىدىن ئۈزۈپ ئېلىپ كەلگەن كېۋەز غوزىسىنى تۆكۈپ، ئۆينىڭ تېمىغا يانداپ قويۇلغان كارۋاتقا ئۆزىنى تاشلىدى، ئۇ ئەتىگەندىن بىرى ئېتىزلىقتىكى ئاخىرقى كېۋىزىنىڭ غوزىسىنى ئۈزۈپ بولغىچە ھېرىپ ھالىدىن كىتەي دىگەن ئىدى. ئۇ كۈن قايرىلىپتۇ، تاماق ئېتەي، دىگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ، ئورنىدىن تۇرۇشىغا يولدىشى تۇرجۇن باسىت ھارۋىسىنى ھەيدەپ ھويلىغا كىرىپ كەلدى. ئۇ ھارۋىدا ئولتۇرغان ئانا- بالىلارنى كۆرۈپ، ھەيرانلىقتا تۇرجۇن باسىتغا قارىدى، تۇرجۇن باسىت ئايالىدىن كۆزىنى قاچۇرۇپ، ھارۋىنى توختاتتى- دة:

__ ئۆيگە كەلدۇق __ دىدى سەل ئۆزىگە ياراشمىغان پەس ئاۋازدا ھارۋىدىكىلەرگە قاراپ.

ئۇنىڭ ئايالى ھاڭۋېقىپ ئۇنىڭدىن كۆزىنى ئۈزمەي قاراپ تۇراتتى. ناتۇنۇش ئايال ھارۋىدىن چۈشۈپ، ھىنىپەمگە قورۇنغان ھالدا ئەدەپ يۈزىسىدىن سالام قىلدى. ھىنىپەم ئۇنىڭ سالىمىنى خالار- خالىماس ئىلىك ئېلىپ، قايرىلىپلا ئۆيگە كىرىپ كەتتى. تۇرجۇن باسىت ئېشەكنى ھارۋىدىن چىقىرىپ بولۇپ، ئايالنى كارۋاتقا تەكلىپ قىلدى. ئايال قۇچاقتىكى بالىسىنى كارۋاتقا ياتقۇزۇپ قويۇپ، كارۋاتنىڭ قىرىغىلا سۆڭگۈچىنى قويدى، ئۇنىڭ يېنىغا ئاپىسىنىڭ پىشىنى مەھكەم سىقىمدىغىنىچە يېلىقى يالاڭئاياق بالىسىمۇ كېلىپ ئولتۇردى. تۇرجۇن باسىت ھىنىپەم كىرىپ كەتكەن ئۆيگە كىردى.

ھىنىپەم بىر خىل خاپا ھالەتتە ئولتۇراتتى. تۇرجۇن باسىت ئۆيگە كىرىشىگىلا سورىدى:

__ ئۇ كىمۇ؟

تۇرجۇن باسىت سەل ئەيمىنىپراق ئاددىلا ئېيتتى:

__ يوقسۇلكەن، ئاچ قېپتۇ، ياتىدىغانمۇ يېرى يوقكەن، ئەپكەلدىم. چايداندا چاي بولسا چاي قويۇپ بىرىڭلا، ئاندىن بالىسىغا باللىنىڭ كىچىك كېلىپ قالغان ئايىقىنى بىرىڭلا، كىيىۋالسۇن.

ھىنىپەم ئېرىگە سەت بىرنى ئالىيىپ قويۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ، چايداننىڭ يېنىغا كەتتى. ئۇ چاي دەملەپ سىرتقا چىققاندا ئانا- بالا بىچارىلەر يېتىرقاپ ئولتۇراتتى، ھىنىپەم ئۇلارغا داستىخان سېلىپ، چاي قۇيدى. بالا داستىخان ئالدىغا ئېتىلىپ كەلدى- دة، بىر بۇردا ناننى ئېلىپ ئىشتاھا بىلەن يىيىشكە باشلىدى. ئانا بالىسىنىڭ بۇ قىلىقىدىن خىجىل بولۇپ، ئۇنى ھاي دىگەن بولسىمۇ، بالا قىلىدىغىنىنى قىلدى، شۇ تاپتا ئانىنىڭمۇ قورسىقى ئېچىپ، ئۈچۆيى تارتىشىپ كەتكەن بولۇپ، ھىنىپەمنىڭ تولىمۇ سۇس مۇئامىلىسىدىن ئىشتىيى تۇتۇلۇپ قالغان ئىدى، ئۇ بالىسىنى ھاي دەپ ھاي قىلالمىغاندىن كېيىن ھىنىپەمدىن ئۆزرە سورىغاندەك تەلەپپۇزدا:

__ كىچىك بالا دىگەننىزە..... __ دىدى.

ئايال كۆڭلىدە بۇ ئۆي ئىگىسىدىن «كىچىك بالا ئەمەسمۇ، ھىچقىسى يوق» دىيىشىنى كۈتكەن ئىدى، لىكىن ھىنىپەم يەنىلا قاپىقىنى ئاچماي، بەزدەك تۇراتتى. ھەتتا ئۇلارنى چايغىمۇ تەكلىپ قىلىپ قويماي، ئۆيگە كىرىپ كەتتى، ئۇ ئۆيگە كىرىپلا تۇرجۇن باسىتغا كايىغىلى تۇردى:

__ ئاچ قېپتۇ، دەپ ئىككى بالىسى بار ئايالنى نىمىشقا باشلاپ كەلدىڭلا، دەيمەن.

__ ئەمىسە مەن قانداق قىلىمەن، ئاچ قالدۇق دەپ يىغلاپ تۇرسا، ئىچىم ئاغرىپ ئەكەلگىنىممۇ خاتامۇ، ئەمدى! بەك چالۋاقاپ تۇرىۋالساڭ كەتكۈزىۋەت! _ ئۇ كۆڭلىدە كەتكۈزىۋەتمەيدۇ، دىگەن نىيەتتە ئۇنىڭغا دوق قىلدى.

_ كەتكۈزىۋېتىمەنمۇ؟ ماقۇل، مەن كەتكۈزىۋىتىمەن، مېنىڭ ئۆيۈم يىتىم ئوغۇل، تۇل خوتۇنلارنىڭ پاناھلىنىدىغان ئۆيى ئەمەس. __ ھىنىپەم يۈگۈرگەندەك مېڭىپ ھويلىغا چىقتى.

ئايال قولىغا بىر بۇردا ناننى ئېلىپ، ئاغزىغا ئەمدىلا سېلىشىغا ھىنىپەم تەئەددى بىلەن ئۆيدىن چىقىپ كەلدى- دة، قوللىرىنى ھاۋادا پۇلاڭلاتقىلى تۇردى:

_ قورسىقىڭىز تويدىمۇ؟ هة، تويغان بولسا كۈدە- كۆپىلىرىڭىزنى يىغىشتۇرۇپ، نەدىن كەلگەن بولسىڭىز شۇ يەرگە كېتىڭ!

ئايال قاتتىق ئوڭايسىزلاندى، ئۇنىڭ ئىزادىن چىرايلىرى شەلپەردەك قىزىرىپ، پۈتۈن بەدىنى ئوت ئالغاندەك قىزىپ كەتتى، ماغدۇرىدىن كېتەي دىگەن پۇتلىرى ئۇنىڭسىزمۇ لاغ- لاغ تىترەۋاتاتتى، ئەمدىلىكتە بولسا پۇتلىرى تېخىمۇ تىترەپ، ئورنىدىن تۇرسىلا يىقىلىپ كېتىدىغاندەك قىلاتتى، ئورنىدىن تۇرماسلىققا نىمە ئىلاج؟........ ئۇ قولىدىكى ناننى داستىخان ئۈستىگە قويدى- دة، ئورنىدىن ئاستا تۇردى، ئىشتاھا بىلەن نان يەۋاتقان بالىمۇ ئاپىسىنىڭ باشقىلارنىڭ ئالدىدا ئىزاغا قالغانلىقىنى بىلىپ، ئۇمۇ ئاپىسىغا ئەگىشىپ، ئورنىدىن تۇردى. ئايال كارۋاتتىكى بوۋىقىنى ئاۋايلاپ ئېلىپ، تالاغا مېڭىشقا تەرەددۇتلىنىۋاتقاندا سىرتتىن توختى ناسىر (ياسالما ئىسىم) ئايالى ئايشەم ھىمىت (ياسالما ئىسىم) بىلەن كىرىپ كەلدى، ئەسلىدە بايا تۇرجۇن باسىت بىلەن ھىنىپەم جېدەللىشىۋاتقاندا ئۇنىڭ ئوغلى مەكتەپتىن قايتىپ كېلىپ، ھويلىغا كىرگەن ئىدى، ئۇ ئۇلارنىڭ پارىڭىنى ئاڭلاپ، قاتتىق ئۇرىشىۋاتقان چېغى، دەپ ئويلاپ، ئارقىسىغا يېنىپلا توختى ناسىرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئۇلارنى چاقىرىپ چىققان ئىدى. ھىنىپەم قوشنىلىرىنىڭ كىرگەنلىكىنى كۆرۈپ، ئۆزىنى ئاقلىماقچى بولغاندەك ئېرىنى ئەيىپلەش ئاھاڭىدا تېخىمۇ ئەزۋەيلىگىلى تۇردى:

__ ما ئادەمنىڭ نىمە قىلىقى دەيمەن، نەدە بىر تېنىگەن خوتۇننى ئۆيگە باشلاپ كېلىپ. مېنىڭ ئۈستۈمگە ئالاي دىگەنمىكىن، بۇ تۇل خوتۇننى نىمىشقا باشلاپ كېلىدۇ، دەيمەن، ئايشەم. _ ئۇ ئايشەم ھىمىتقا يېقىنچىلىق قىلىپ، ئۇنىڭغا ھال ئېيتقاندەك ئۇنىڭغا قارىدى. ئايشەم ھىمىت نىمە دىيىشنى بىلمەي ئارىسالدى بولۇپ تۇرغاندا توختى ناسىر ئايشەم ھىمىتنى تامنىڭ تۈۋىگە تارتتى-دة، پىچىرلاپ بىرنىمىلەرنى دىدى، ئۇلار پىچىرلىشىۋاتقاندا ئايال باللىرىنى ئېلىپ سىرتقا چىقىپ بولغان ئىدى. توختى ناسىرلار بىر پەس پىچىرلاشقاندىن كېيىن ھىنىپەمنىڭ قېشىغا كېلىشتى.

__ بىز ئەر- خوتــــــۇن مەسلىھەتلىشىپ، ئا خوتۇننىڭ يىتىلىۋالغان بالىسىنى بېقىۋالايلىمىكىن دىيىشتۇق. __ دىدى توختى ناسىر.

_ بېقىۋالامسىلەر- بېقىۋالمامسىلەر، مەن بىلمەيمەن، ئۇنى ئۇ خوتۇننىڭ ئا «ئېرى» دىن سوراشسىلا _ دىدى ھىنىپەم ئاغزىنى پۈرشتۈرۈپ، ئۆيدىن چىقىۋاتقان تۇرجۇن باسىتغا دوق قىلىپ.

تۇرجۇن باســىت ئۇلارنىڭ قېشىغا كەلدى- دة، بىر خىل خۇرسىنىش ئىچىدە ئايالىغا كايىغىلى تۇردى:

_ مەن سەنچىزە ئاشۇ خوتۇننى خوتۇن قىلغىلى باشلاپ كەپتىمەن- دة، پوق يەيدىغان ساراڭ. ئادەمكەنمەن، يۈرىكىم گۆشكەن، بىزنىڭمۇ خوتۇن- باللىرىمىز باركەن، خوتۇن- باللىرىمىز مۇشۇ كۈنگە قالسا قانداق قىلار، دەپ ئىچىم ئاغرىپ ئەكەپتىمەن. پوق يەيدىغان قارا قورساق، تاش يۈرەك. _ ئۇنىڭ بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى يوغىناپ، كۆزلىرى چانىقىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك چەكچەيگەن ئىدى. ئۇ توختى ناسىرغا بۇرۇلۇپ، ئۇنىڭغا قارىدى- دة، دىدى _ بېقىۋالىمەن دىسەڭلار بالىنىڭ ئانىسى بىلەن سۆزلۈشۈپ كۆرۈڭلار، بەلكىم ئۇناپمۇ قالار. 

ئۇلار ھويلىدىن يولغا چىقىشتى، ئايال بىر بالىسىنى كۆتۈرگەن ھالدا يەنە بىر بالىسىنى ئەگەشتۈرۈپ كېتىۋاتاتتى، ئايشەم ھىمىت ئۇنىڭ ئارقىسىدىن بىر دەم يۈگۈرۈپ بېقىپ، ئۇ ئايالنىڭ ئىسمىنى بىلمىگەچكە «ۋوي...!» دەپ توۋلىدى، ئايال ئارقىسىغا قايرىلىپ توختىدى. ھىنىپەمدىن باشقا ھەممەيلەن ئۇنىڭ ئالدىغا باردى. ئۇلار بىردەم پاراڭلاشقاندىن كېيىن توختى ناســـىرنىڭ تەلىۋىگە ئايال قوشۇلدى، توختى ناسىرلار بىلدىكى، ئۇ ئايالنىڭ ئىسمى ئامانگۈل، يىتىلىۋالغان بالىنىڭ ئىسمى پەرھاتجان ئىدى، بۇ بالىلارنىڭ ئاتا- ئانىسى ئىككى بالىنى يىتىم قىلىپ ئاجرىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئايال (بۇ ئايالنىڭ سەرگۈزەشتىسى مۇئەللىپكە قاراڭغۇ) نىمە ئۈچۈنكىن بۇ باغرى ئاتەش ماكانغا پاناھ ئىزدەپ چىققان ئىدى............

توختى ناسىر 1977- يىلى 4- ئاينىڭ 15- كۈنى توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا قارا قۇم كەنتىدە تۇغۇلغان، 1983- يىلى قارا قۇم كەنت باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىپ بىر يىل ئوقۇغاندىن كېيىن مەكتەپتىن چىقىپ، ئائىلە ئەمگىكىگە ياردەملىشىپ يۈرۈپ، 1999- يىلى ئايشەم ھىمىت بىلەن تۇرمۇش قۇرغان. ئاساسلىقى دىھقانچىلىق بىلەن، قوشۇمچە ھەپتىدە 3 كۈن چار بازار قوغلۇشۇپ كۆكتاتچىلىق بىلەن شۇغۇللىناتتى، دادىسى 9 يىلنىڭ ئالدىدا، ئانىسى 4 يىلنىڭ ئالدىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ نە ئاكا- ئىنىسى، نە ئاچا- سىڭلىســــى يوق ئىدى، ئۇنىڭ بۇ دۇنيادا ئايالى ئايشەم ھىمىت بىلەن ئىككى قىزىدىن باشقا بىرەر قېرىنداش ئۇرۇق- تۇغقانلىرى بولمىغاچقا، ئۇلار بىلەن ناھايىتى ئىناق، ئىجىل ئۆتەتتى......

شۇنداق قىلىپ، ئۇلار دەسلەپكى قەدەمدە پەرھاتجاننى توختى ناسىر، ئايشەم ھىمىتلار بېقىۋالىدىغان بولۇپ، ئۆز- ئارا كىلىشكەن بولدى، ئامانگۈل يۈرەك پارىسى بولغان پەرھاتجاندىن ئايرىلغۇسى بولمىسىمۇ، رەھىمسىز رىياللىق ئالدىدا ئۇنى ئۆزىمۇ ئىلگىرى كۆرۈپمۇ باقمىغان، بۈگۈن تەساددىپى ئۇچرۇشۇپ قالغان ناتۇنۇش بىرەيلەنگە بالىچىلاپ بېرىۋەتتى.

توۋا دەيمەن، ئادەملەرنىڭ تەغدىرى ئاجايىپ ئۆگۈرۈشچان بولىدىكەن- دىسە، بىردە خارلىنىدىكەن، ئەسكى دۈشكۆتەكتەك دۈشكەرلىنىپ، بۇ دۇنيادا پۇتىنى سىغدۇرغۇدەك جاي تاپالماي قالىدىكەن، بىردە بولســـا شـــاھ- سۇلتانلاردەك ئەزىزلىنىپ، ئاجايىپ كۈتىلىدىكەن. بايا خارلانغان، ھىنىپەمدىن يەتكىچە ئىزا- ئاھانەتكە قالغان ئامانگۈل بولسا توختى ناسىر ئەر- ئايالنىڭ ئۆيىدە ئەزىز مىھمان قاتارىدا كۈتۈلدى، داستىخان ئۈستىدىكى نازۇ- نىمەتلەرنىڭ كۆپلىكىدىن باياتىن ئېچىپ، كوكىراپ كەتكەن دەخمىزە قورساقنىڭ بىر نەرسە پاتقىدەك يېرى قالمىدى. داستىخان ئۈستىدىكى پاراڭلار ناھايىتى چىرايلىق بولۇندى، ئامانگۈلنىڭ بەزىــــبىر تەلەپلىرى ناھايىتى چىرايلىقچە بىجا كەلتۈرۈلدى، مەسىلەن: ئامانگۈلنىڭ يۇرتىغا قايتىش سەپىرىدىكى خىراجەتلىرى ئۈچۈن توختى ناسىر ئەر- ئايال خوشمۇ- خوش ھالدا يەتتە يۈز يۈەن بىرىدىغان، ئامانگۈلنى توقسۇ ناھىيە بازىرىغا __ بېكەتكىچە ئائىلە بويىچە ئۇزۇتۇپ چىقىدىغان بولدى. توختى ناسىرنىڭ ئايالى ئايشەم ھىمىتقىمۇ ئېيتمىغان بىر ئارزۇسى بار ئىدى، ئۇ بولسىمۇ، ئۇ مۇشۇ ئۆمرىدە بىر ئوغۇل پەرزەند كۆرۈش، ئوغلىنىڭ ئىسمىنى ئەزىمەتجان دەپ قويۇش ئىدى، لېكىن قېرىشقاندەك، ئايالى ئىككى قېتىم ئېغىربوي بولغان بولسىمۇ، ئىككىلىسى قىز بولۇپ توغۇلدى، ئۇنىڭ بۇ ئىككى قىزىنىڭ قىز بولۇپ تۇغۇلىشىدىنغۇ خوشلۇقى ئالەمچە ئىدى، لىكىن ئۇنىڭ قەلبىدە يەنىلا بىر ئوغۇل پەرزەند كۆرۈشتىن ئىبارەت ئارزۇ قىمىتلايتتى، پەرھاتجاننى بېقىۋېلىش خىيالىمۇ مانا شۇ ئارزۇنىڭ تۈرتكىسىدە ئۇنى بىر كۆرۈش بىلەنلا شەكىللەنگەن ئىدى، ئەر- ئايالنىڭ پەرھاتجاننى بېقىۋېلىشتىكى يەنە بىر خىيالى بولسا ئۇلارنىڭ ئەينى چاغدا ئامانگۈل ئانا- بالىغا قاتتىق ئىچى ئاغرىغان، بۇ مەزگىل مۇسۇلمانلارنىڭ رامىزان ئېيى بولغاچقا «ساۋاپ بولىدۇ» (توختى ناسىرنىڭ ئىقرارى، ئايشەم ھىمىتنىڭ بايانىدا شۇنداق بايان قىلىنغان) دىگەن مەقسەتتە يەنە بىرنى تۇغۇش پۇرسىتىدىن ۋاز كېچىپ بېقىۋالغان ئىدى. ئەمدى گەپنىڭ ئۆزىگە كەلسەك، توختى ناسىرنىڭ بالىنىڭ ئىسمىنى «ئەزىمەتجان» غا ئۆزگەرتىش تەلىۋىگىمۇ ئامانگۈل كۈلۈپ تۇرۇپ قوشۇلدى، شۇنداق قىلىپ، پەرھاتجاننىڭ ئىسمى توختى ناسىرنىڭ تەلىۋى ۋە ئارزۇسى بويىچە «ئەزىمەتجان» غا ئۆزگەرتىلىپ، بۇ ئۆينىڭ ئاسراندى بالىسى بولۇپ قالدى، ئامانگۈل بىر نەچچە كۈن مىھمان بولۇپ، ئۆز يۇرتىغا قايتىپ كېتىپ، ئىككىنچى «بالام بار» دەپ بۇ يۇرتقا قايتا ئاياق باسمىدى.

3
شۇنداق قىلىپ، توختى ناسىر بىلەن ئايالى ئايشەم ھىمىت ئامانگۈلنى مىھمان قىلىپ، ئۇزۇتۇپ قويدى. بالا ئۇلارنىڭ ئاسراندى بالىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆيىدە قېپ قالدى. دەسلەپكى كۈنلەردە ئۇلار بالىغا خېلىلا كۈيۈندى، ئۇنى ۋاقتى- ۋاقتىدا غىزالاندۇرۇپ، ئۇنىڭ ھالىدىن خېلى ئوبدان خەۋەر ئېلىپ تۇردى. بالىمۇ ئۇلارغا خېلى ئىچىكىپ، چۇلدۇرلاپ سۆزلەپ تۇراتتى، دەسلەپ ئۆيگە ئاپىسى بىلەن كەلگەندە ھېتىرقاپ تۇرغان بالا ئەمدىلىكتە شاشلىشىپ، قىيغىتىپ يۈرەتتى. يېڭى ئاتا- ئانا ئۇنى ئۆينىڭ يىگىر- يۈتۈم ئىشلىرىغا بۇيرۇيتتى، بالا بىجانىدىل ئورۇنلايتتى، بەزى ھاللاردا بىجانىدىل ئورۇنلايدۇ، دەپ كەتكىلىمۇ بولمايتتى، چۈنكى ئۇ بەرىبىر كىچىك بالا ئەمەسمۇ، ئۇنىڭغا- بۇنىڭغا ھاڭۋېقىپمۇ قالاتتى، ئىش ئۈستىدە ئوينايتتى، بەزىدە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى بۇزۇپ قوياتتى ۋە بەزىدە ئۇلارغا ئاۋارىگەرچىلىك سېلىپمۇ قوياتتى. بۇ چاغدا يېڭى ئاتا- ئانا، بولۇپمۇ يېڭى ئاتا ئۇنىڭدىن بەكمۇ خاپا بولاتتى. قوتاندىكى مالنى ئاساسلىقى مۇشۇ بالا ھەيدەپ يۈرۈپ باقاتتى، بالا كىچىك بولغاچقا مال ئۇنىڭغا جوگاتماي، باشقىلارنىڭ ئېتىزلىرىغا قىيغىتىپ قېچىپ، زىرائەتلىرىنى يەپ، ئۇنىڭ يېڭى ئاتا- ئانىسىغا يېڭى باش ئاغرىقى تېپىپ بېرەتتى، بۇ چاغدا ئاتا ئاچچىقىنى مۇشۇ نارسىدە بالىدىن ئالاتتى، يىنىكرەك بولغاندا ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن ئۇنى تىللايتتى، ئېغىرراق بولغاندا ئۇراتتى. دەسلەپكى چاغلاردا شاپلاق بىلەن پالاق- پۇلۇق قىلىپ ئۇرغان بولسا، كېيىنكى چاغلاردا يۈز ۋە بەدەنلىرىگە كۆك ۋە شاڭ- شۈدۈر چۈشكىچە ئۇرىدىغان بولىۋلدى، ئاتا ئۇنى ئۇرىۋېتىپ، سەت گەپلەر بىلەن تىللايتتى: «سەن مىڭ ئىشلىسەڭمۇ مېنىڭ ساڭا بەرگەن ئاش- نېنىمنىڭ ھەققىنى تۆلىيەلمەيسەن، ھارامدىن بولغان يىتىم ئوغلاق، چوشقىنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن...»، بۇنداق گەپلەر ئۇنىڭ ئاغزىغا رام ئىدى.  ۋاقىت ئۆتىۋەرگەنسىرى بۇ خىل كەيپىيات داۋاملىشىۋەردى. بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىدا تەبىئى ھالدا بىر- بىرى بىلەن قارشـــــــىلىشىش دىسە قارشىلىشىشقا ئوخشىمايدىغان، ئەمەسمىكىن دىسە ئۇنىڭغىمۇ ئوخشىمايدىغان ئاجايىپ بىر چىگىش ھالەت شەكىللىنىشكە باشلىدى، يېڭى ئاتا بالىغا نىسبەتەن يېڭى تۇيۇلمايدىغان بولۇپ قالدى، ئۇ بەزىدە سىرتقا ئوينىغىلى چىقىپ كېتەتتى، بۇ چاغدا ئاتا ئۇنى ھارماي ئىزدەيتتى، ئۇنى تېپىۋالغان يېرىدە دۈشكەلەيتتى، ئۇرۇپ- تىللايتتى.

ۋاقىت ئـۆتكەنسىرى بالا ئاتا- ئانىسىدىن قاچىدىغان، ئۆيدە تۇرغىسى كەلمەيدىغان، ھە دىسە قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ، ئۇلارنىڭ باللىرى بىلەن ئوينايدىغان بولىۋالدى، ئاتا بۇنىڭدىن قاتتىق غەزەپلىنەتتى، تەرەپ- تەرەپكە چېپىپ يۈرۈپ ئىزدەيتتى، بالا تېپىلمىغانچە غەزەپلىنەتتى، غەزەپلەنگەنسىــــــــرى غەزىۋىنى باسالماي تىپىرلايتتى، «خەپ!،»__دەيتتى ئۇ غەزىۋىنى باسالماي چىشلىرىنى قۇم چاينىغاندەك غۇچۇرلىتىپ __ «ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان يىتىم ئوغلاق، تېپىۋالسام نىمە- نىمە قىلىۋاتارمەن، خەپ....!»..... 

بالا قوشنىلىرىنىڭ ئۆيىگە چىققاندا قوشنىلىرى ئۇنىڭدىن گەپ سورايتتى، بالا چۇلدۇرلاپ جاۋاپ بېرەتتى. «ئاتاڭ ئۇردىمۇ؟»، «ھەئە، ئۇردى، ما يىرىمگە ئۇردى». بالا بەدىنىنى ئۇلارغا كۆرسىتەتتى. قوشنىلار ئۇنىڭغا ئىچ ئاغرىتاتتى، ئىچ ئاغرىتىش پەقەت توختى ناسىرنى غەيۋانىسىغا تىللاش، قارغاش بىلەنلا كۇپايىلىنەتتى: «خۇدايىم جاجىسىنى بېرەر، ئۇ نائەھلىنىڭ...!» دەيتتى بالىغا نىسبەتەن ھىسداشلىقىنى، توختى ناسىرغا بولغان غەزىپىنى ئىپادىلەپ. كۆپۈنچە قوشنىلار بالىغا  ئىچ ئاغرىتىپ قولىغا نان، تاماق ۋاقتى بولۇپ قالغان بولسا تاماق بېرەتتى. بەزىدە ئۇلار بالىغا ھىسداشلىق قىلىپ: «ئاپاڭنىڭ قېشىغا كەتكەن بولساڭ بوپتىكەن، ھازىرقى ئاتاڭ سىنى بېقىۋالغان، سېنى ئۇ بېقىۋالغان، سېنى شۇڭا ئۇرامدىكىن تاڭ، ئۆز ئاپاڭنىڭ قېشىغا كېتەمسەن يا؟» دەپ قوياتتى، بالا ئويلۇنۇپ قالاتتى، ئۇنىڭ يۇمران قەلبى ئۆز ئاتا- ئانا بىلەن ئۆگەي ئاتا- ئانىسىنى ئۆز- ئارا سېلىشتۇرۇپ كۆرەتتى، ئانىسى ئامانگۈلنىڭ سىماسى ئۇنىڭ ئېڭىدا غۇۋا ئەكس ئېتەتتى، ئۇنىڭ خىيالىدا ئانىسى ئۇنىڭغا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، كېيىنكى كۈنلەردە ئۆگەي ئاتىسى ھەر قېتىم ئۇنى ئۇرۇپ- تىللىغاندا ئۇنىڭ ئېڭىدا ئانىسى نامايەن بولاتتى- دة: «مەن ئاپامنىڭ قېشىغا كېتىمەن، مېنىڭ ئاپام خوتەندە، ئاپامنىڭ ئىسمى ئامانگۈل» دەيتتى، بۇ چاغدا توختى ناسىرنىڭ قۇيقا چاشلىرى تىك بولاتتى، ئۇنى تېخىمۇ قاتتىق ئۇراتتى، ئۇنىڭ ئېڭىدا: «ما ھارام سۈدۈكنى قارا، خەقنىڭ بالىسىنى مىڭ باقسىمۇ يەنىلا ساڭا ئاش بولمايدىكەنغۇ......» دىگەن خىيال يالت قىلىپ ئۆتەتتى. ئۇنىڭ ئەندىشىسىگە يېڭى بىر ئەندىشە قېتىلدى: «ئاپىسىنىڭ قېشىغا كېتەمدۇ- ية؟!» بارا- بارا توختى ناسىرنىڭ يۈرىكى بالىغا نىسبەتەن قارىداشقا باشلىدى، دائىم دىگۈدەك تاڭ ئاتماستا ئويغۇتۇپ، مال بېقىشقا ھەيدەيتتى، بالا يېرىم ئۇيقۇ كۆزلىرىنى ئاران دىگەندە ئېچىپ، مالنى سىرتقا ئەچىقىپ باقاتتى، بەزىدە ئۇ مال باققان يەردە ئۇخلاپمۇ قالاتتى، بۇ چاغدا مال باشقىلارنىڭ زىرائەتلىرىگە كىرىپ، زىيانمۇ سالاتتى، بۇنى زىرائەت ئىگىسى بىلىپ قالغاندا باش ئاغرىقى بولاتتى، بىلمىسە شۇ پېتى قالاتتى. كۆپۈنچە ھاللاردا بىلمەيتتى، چۈنكى زىرائەت ئىگىسى ھەردائىم ئېتىز بېشىغا چىقىپ، ئېتىزدىكى زىرائەتلىرىنى بېقىپ ئولتۇرمايدۇ- دة.......

شۇنداق قىلىپ، بالا كىچىك بولغاچقا كىچىك بالىلىقىنى قىلىۋەردى، توختى ناسىر بولسا بالىنى توختىماي ئىزدەيتتى، تېپىۋالغان يېرىدە ئۇراتتى، تىللايتتى. قوشنىلارنىڭ كۆزىچىلىمۇ ئۇرۇپ، تىللايتتى. مەھەللىدىكىلەر بالىنىڭ يۈزلىرىنى كۆك- شۈدۈر ھالەتتىلا كۆرەتتى، توختى ناسىرنىڭ تام قوشنىلىرى دايىم دىگۈدەك بالىنىڭ تاياق يىگەن ۋاقتىدىكى ئېچىنىشلىق چىرقىرىغان ئاۋازىنى ئاڭلايتتى، قوشنىلار بىر نەچچە قېتىم ئاجرىتىپمۇ قويدى، لىكىن توختى ناسىر قوشنىلارنى تىللاپ، ئۇلارنىڭ كۆڭلىگە ئازار بىرىپ چىقىرىۋىتەتتى، بارا- بارا قوشنىلارمۇ ئۇنىڭ ئۆيىگە كىرمەس بولدى، بالىنىڭ چىرقىرىغان ئاۋازىنى سۈكۈت ئىچىدە ئاڭلاشقا مەجبۇر بولدى.........

2007- يىلى 2- ئاينىڭ 23- كۈنى توختى ناسىر توقسۇ ناھىيە بازىرىغا ئايالى ۋە ئىككى قىزىنى ئېلىپ، ئادىتى بويىچە كۆكتات ساتقىلى كەتتى، مېڭىشتىن ئىلگىرى بالىغا مالنى بېقىش، مالنى بېقىپ كەلگەندىن كېيىن ئېغىلنىڭ ئۇستىكى قۇرۇق ئوتنى  مالغا سېلىپ بىرىش، ئاندىن ئۆگزىدىكى ئاپتاپقا سېلىپ قويغان كېۋەز غوزىسىنى ئېلىپ چۈشۈپ، چۆلەشنى بۇيرۇپ كەتتى. بالا ماقۇل بولۇپ، مالنى چىقىرىپ بېقىپ ئەكىلىپ، ئېغىلغا سولىدى، ئېغىلنىڭ ئۆگزىسىدىكى قۇرۇق ئوتنى مالغا سېلىپ بەردى. ئاندىن كېۋەز غوزىسىنى ئېلىپ چۈشۈش ئۈچۈن ئۆگزىگە چىقىشىغا يول بويىدا قىيغىتىپ ئويناۋاتقان تەڭقۇرداشلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى، ئۇ بوينىنى ئۇزارتىپ، ئۇلارنى كۆردى، پەستىكىلەرمۇ ئۇنى كۆرۈپ قېلىپ، ئارىسىدىن بىرسى: «ئەزىمەت، پەسكە چۈشە، ئوينايمىز» دەپ ۋارقىرىدى. ئەزىمەتجان گەپ- سۆز قىلماي سېۋەتكە كېۋەز غوزىسىنى ئوچۇملاپ ئالدى- دة، تۇرۇپلا كۆڭلىدە بالىلار بىلەن ئويناش ئىستىگى قۇتراشقا باشلىدى. ئۇ قىلىۋاتقان ئىشىنى شۇ جايىدىلا قويۇپ، شۇتا بىلەن پەسكە چۈشتى- دة، چۇلدۇرلىشىپ، قىيغىتىشقانلارنىڭ توپىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كەتتى...........

توختى ناسىرنىڭ بۈگۈنكى ئوقىتى ياخشى بولدى، بازارغا ئاپارغان كۆكتاتلىرى بالدۇرلا تۈگەپ، كۈن پىشىندىن سەل قايرىلغاندا خوتۇن- باللىرىنى ئېلىپ ئۆيگە قايتىپ كەلدى، ھويلىنىڭ دەرۋازاسى ھاڭغىرىقاي ئوچۇق تۇراتتى، ئېغىلدىكى قويلار ئىگىسىنى كۆرۈپ، ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي مەرىشىپ، خۇددى داتلاۋاتقاندەك قىلاتتى، ئوقۇر قۇرۇغدۇلۇپ قالغان بولۇپ، ھىچقانداق ئوت- چۆپ سېلىنمىغاندەك تۇراتتى. بۇ مەنزىرىنى كۆرۈپ، توختى ناسىرنىڭ قۇيقا چاشلىرى تىك تۇردى، ئۇ چىشلىرىنى قۇم چاينىغاندەك غۇچۇرلۇتۇپ، ئۆزىنىڭ ئەتىگەندە بۇيرىغان ئىشــــــــــــلىرىنىڭ ئەمىلىلەشكەن- ئەمىلىلەشمىگەنلىكىنى كۆرۈپ باقماقچى بولغاندەك شۇتا بىلەن ئۆگزىگە چىقىپ، سېۋەتتىكى ئېلىپ قويۇلغان ئازغىنە كېۋەز غوزىسىنى كۆرۈپ، قەھرى- غەزىۋى قايناپ تاشتى: «مەن بۇيرىغان ئىشنى قىلماپتۇ- دة، خەپ ساخلاندى! ئىتنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن، چوشقىنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن، ھاراملىق! ....». شــــــۇ تاپتا ئۇنىڭ ئەزىمەتجاننى ئېغىزىغا ئېلىپ نەچچە قېتىم چايناپ، نەچچە قېتىم پۈركىۋەتسىمۇ غەزىۋى بېسىلمايتتى، ئۇنىڭ قېنى مېڭىسىگە تەپتى، ئۇنىڭ كۆزىگە ھىچنىمە كۆرۈنمەيتتى، ئۇ ئۆگزىدىن شوتا بىلەن شۇنداق تېز چۈشتىكى يېقىلىپ كەتكىلى تاس قالدى. ئۇ پەسكە چۈشۈپ، دەرۋازىدىن ئوقتەك چىقىپ كەتتى، بالىسىنىڭ بېرىش ئېھتىمالى بولغان جاينىڭ ھەممىسىنى ئىزدىدى، بالىنى تاپالمىغانسىرى ئۇنىڭ غەزىۋى قايناپ تاشاتتى، غەزەپ- نەپرەتلىك قانلىرى مېڭىسىگە كەلكۈندەك ئۇرۇلاتتى، ئۇ يىراق- يېقىن ھەممە جاينى ئىزدىدى، ئاخىرى قوشنا- خۇلۇملارنىڭ ئۆيلىرىنى ئىزدەش خىيالىغا كېلىپ، بىرنەچچە قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە كىرىپ سوراپ باقتى، لىكىن نەتىجىسى بولمىدى.

ئۇ نائىلاج بالا يوقاپ كەتتى دەپ يېزىلىق ساقچىخانىغا ئەھۋالنى ئىنكاس قىلىپ قويۇپ، ئۆيىگە قايتىپ كەلدى، چۈنكى ئۇ بالىنى قېچىپ كەتتىمىكىن دەپ گۇمان قىلىپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭ غەزىۋى بېسىلماي ئىچ- ئىچىدىن بۇغۇلاتتى، ئۇ ھەر قانداق قىلىپمۇ غەزىۋىنى زادىلا باسالمىدى. ئۇ ئايالىنىڭ: «نىمىگە شۇنچىۋالا ئاچچىقلىنىسىز، قورسىقى ئاچقاندا پەيدا بولۇپ قالار» دىگەن سۆزىگىمۇ پارۋا قىلماي بالىنىڭ بېرىش ئېھتىمالى بولغان ھەممە جاينى خىيالىدىن ئۆتكۈزۈپ تىپىرلايتتى. ئوزايىدىن ئۇنىڭ ئەلپازى يامان ئىدى، ئۇ بالىنى تېپىۋالسا چىشىغا ئېلىپ چاينىۋېتىدىغاندەك ئالپازدا ھېلى ھويلىغا چىقاتتى، ھېلى ئۆيگە كىرەتتى. ئۇ شۇ خىل تەرۇزدا يۈرگەندە ھويلىغا راخمان ياسىن كىرىپ كەلدى. توختى ناسىرنىڭ بالىنى ئىزدەۋاتقانلىقىنى راخمان ياسىن باياتىن كۆرگەن، ئۇ خەۋىرىنى ئۇقسا ئۇنىڭغا ئېيتىدىغانلىقىنى دەپ كېتىپ قالغان ئىدى.

__ بالاڭلا ئوسمان ھىمىتنىڭ ئۆيىدىكەن، ئەچىقىۋېلىڭلا. __ دىدى ئۇ ھويلىدا تىپىرلاۋاتقان توختى ناسىرغا، ئۇ توختى ناسىرنىڭ ئەلپازىنى بىلگەچكە __ يەنە، ئۇرۇپ يۈرمەڭلا جۇمۇ. __ دەپ تاپىلاپ قويدى.

توختى ناسىر ھويلىدىن ئوقتەك چىقىپ كەتتى، ئايشەم ھىمىت ئېرىنىڭ ئەلپازىنىڭ يامانلىقىدىن بالىنى قاتتىق ئۇرىۋېتىشىدىن گۇمان قىلىپ ئارقىسىنى تاپ بېسىپ چىقتى.

توختى ناسىر ئوسمان ھىمىتنىڭ ھويلىسىغا كىردى، ئەزىمەتجان ئوسمان ھىمىتنىڭ باللىرى بىلەن غەمتارتماي ئويناۋاتاتتى. ئۇ دادىسىنىڭ چىرايىغا قاراپ، قورققىنىدىن تۈگۈلۈپ، ئۆزىنى دالدىغا ئېلىشقا ئۇيان- بۇيان يۈگۈرۈپ باقتى، لىكىن دادا ئۇنىڭ گەجگىسىدىن كاپلا قىلىپ تۇتىۋېلىپ، سا چۈجىنى يۇلۇپ ئالغاندەك كۆتەرگىنىچە ھويلىدىن تالاغا ئەچىقتى، توخـتى ناسىرنىڭ بۇرۇن تۆشۈكچىلىرى بىر تارىيىپ، بىر كېڭىيەتتى، كۆز ئالمىسى ھازىرلا چانىقىدىن چىقىپ كېتىدىغاندەك غەزەپلىك چەكچەيگەن ئىدى. ئۇنىڭ قەلبىدە مۇشۇ نارسىدىنى ئۇرۇش ئارقىلىق ئاچچىقىنى چىقىرىۋېلىشتىن باشقا ھىچقانداق ئىستەك يوق ئىدى. بالا بولسا قورققىنىدىن تىپىرلايتتى، ئاچچىق چىرقىراپ يىغلاييتتى، «جېنىم دادا، ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، مېنى ئۇرماڭ، ئەمدى ئۇنداق قىلمايمەن، جېنىم دادا ....». جان ھەلقۇمىدا تىپىرلىغان چۈجىنىڭ نالىسىگە سا پەرۋا قىلمايتتى، ئەكسىچە تېخىمۇ ۋەھشىلىكى تۇتۇپ، چۈجىنى تېخىمۇ قاماللايتتى. توختى ناسىر ئوسمان ھىمىتنىڭ ھويلىسىدىن بىر ئاز يىراقلاشقاندىن كېيىن ئەزىمەتجاننى يەرگە ئاتتى، ئەزىمەتجان چىرقىرىغان ھالدا يەرگە پاقىچىلاپ چۈشۈپ، تاياقتىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ ئۆمىلەپ كەتتى، بالا لاغ- لاغ تىترەيتتى، ئۇنىڭ ئاشۇ بىچارە تۇرقىغا قارىغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىچى سىيرىلىشى، ئىچ ئاغرىتىشى ۋە بۇ ئىشنى بولدى قىلىۋېتىشى مۈمكىن ئىدى، لىكىن توختى ناسىرنىڭ بۇ بىچارە نارسىدىگە ئىچ ئاغرىتىش ۋە بۇ ئىشنى بولدى قىلىۋېتىش دىگەندىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى، ئەكسىچە تېخىمۇ ۋەھشىلىكى قوزغۇلۇپ، بالىنىڭ ئۇدۇل كەلگەن يېرىگە ئۇرۇشقا، تېپىشكە، دەسسەشكە باشلىدى. بالىنىڭ سول كۆزىگە تەگكەن بىر تېپىك بىلەن ئۇنىڭ كۆز ئالدى قاراڭغۇلىشىپ، ئېچىنىشلىق چىرقىراپ، دومىلانغىنىچە تولغۇشۇپ كەتتى، كۆز جىيەكلىرىدىن چىپىلداپ قان ئېقىشقا باشلىدى، بالىنىڭ يۈزىدىكى جاراھەت ئاغزىنىڭ ئېچىلىشى ۋە بۇ ئېغىزدىن قويۇلغان قان بالىنىڭ چىرايىنى بىردەمدىلا تونۇغۇسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويدى، بالا ئېچىنىشــــــلىق چىرقىرايتتى، تايــاق ئازابىدىن قورقــۇپ، قۇرتتەك تۈگۈلۈپ تىپچەكلەيتتى ..... بۇ ئىشنى كۆرگەن ئەتراپتىكى قوشنىلار ھاي بەردى:

__ بولدى قىلىڭلا، توختاخۇن.

__ كىچىك بالىنى شۇنچىۋالا ئۇرامسىلە!

__ ھەي ھايۋان قولۇڭنى تارت، ئۇرىۋىرىپ كىچىككىنە بالىنى ئۆلتۈرەي دەمسەن! ........

 ئۇلارنىڭ بۇ ئۇرۇنۇشلىرى بىكارغا كەتتى. ئۇلارنىڭ توختى ناسىرنىڭ قېشىغا بېرىپ، بالىنى ئۇنىڭ قولىدىن ئاجرىتىۋېلىش ئويى بولسىمۇ، لىكىن ئۇنىڭ قېشىغا بېرىشقا پېتىنالمايتتى، چۈنكى ئۇلار بالىنى ئۇنىڭ قولىدىن تالاي قېتىم ئاجرىتىۋېلىشقا ئۇرۇنۇپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ «ئىچكى ئىشـــــى» غا ئارلاشـــقانلىقى ئۈچۈن ئۇلار تالاي قېتىم دەككىسىنى يىگەن ئىدى. توختى ناسىرنىڭ غەزىۋى تېخى بېسىلمىغانىدى. شۇ ئەسنادا ئۇنىڭ ئايالى ئايشەم ھىمىت ئۇنىڭ يېنىغا پەيدا بولدى ۋە ئۇنىڭ قولىنى تۇتىۋالدى. شۇنداقتىمۇ توختى ناسىرنىڭ بولدى قىلغۇسى كەلمەي، بالىنى «قوپ!» دىسە «قوپ!» دەپ ئالدىغا سېلىپ ئېلىپ ماڭدى. بالا قورققىنىدىن ئورنىدىن تۇرۇپ كەتتى، ئۇ دادىسىنىڭ ئالدىدىن قېچىپ كەتمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرغان بولسىمۇ، پۇتۇن بەدىنىنىڭ چىدىغۇسىز ئاغرىشى سەۋەپلىك سەنتۈرۈلۈپ يېقىلىپ چۈشتى. توختى ناسىر بالىنىڭ يېقىلىشى ھامان خۇددى شۇنى كۈتۈپ تۇرغاندەك ئۇنىڭ سۆڭگۈچىگە بىر نەچچىنى تېپىشكە ئۈلگۈردى. بالا يەنە ئورنىدىن تۇردى، بالا دىڭگاقلىغان ھالدا ئاران- ئاران ئۆيى تەرەپكە قاراپ ماڭدى. بالىنىڭ يۈزلىرىدىن شۇرۇلداپ قان ئېقىۋاتاتتى، ئۇنىڭ چىرايى ھۆپپىدە ئىششىپ، تونۇغۇسىز ھالغا كېلىپ قالغان ئىدى، ئۇ تاياق زەربىسىدىن ھېقىغداشقىمۇ ماجالى قالمىغان ھالدا كېتىۋاتاتتى. ئايشەم ھىمىت ئېرىنىڭ قولىنى مەھكەم سىقىمدىۋالغان بولۇپ، ئۇ ئېرىنى شۇنداق تۇتىۋالمىغاندا كېتىۋېتىپ بالىنى نەچچە قېتىم ئۇرۇپ بولغان، سۆڭگىچىگە نەچچە قېتىم تېپىپ بولغان بولاتتى، چۈنكى توختى ناسىرنىڭ تېخى ئاچچىقى بېسىلمايۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئاچچىقى بېسىلمىغانسىرى مىڭ يېرىدىن تۆكۈلۈپ تۇرۇپ بالىنى ئېغىزغا ئالغۇسىز سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ كېتىۋاتاتتى.

قۇياش ئاستا- ئاستا پېتىشقا باشلىدى، كەچكى ئۇپۇقتىكى تۈرمەل- تۈرمەل بۇلۇتلار قۇياشنىڭ ئاخىرقى نۇرلىرىدا قان رەڭگىگە كىردى، مەھەللە ئىچى بىر پەس ئوتقاشـتەك تۈسكە كىرىپ تاۋلىنىۋالغاندىن كېيىن، قۇياشنىڭ پېتىشىغا ئەگىشىپ بارا- بارا قارا چۈمپەردىسىنى كىيىشكە باشلىدى.

ئۇلار ھويلىغا كىردى، توختى ناسىر بالىنى گەجگىسىدىن تۇتۇپ كۆتەرگىنىچە خېچىر ئېغىلىغا ئېلىپ كىردى، ئېغىـــل ئىچىدىن بەدبۇي قىغ پۇرىقى كېلەتتى، ئاچچىق پۇراق دىماقلارنى ئېچىشتۇراتتى، كۆز دىۋارىنى ئاچچىق غىدىغلاپ ياش ئاققۇزاتتى. توختى ناسىر چىراقنى ياندۇردى، ئوقۇرغا باغلاقلىق خېچىر ئۇلارغا قاراپ پۇشقۇرۇپ، كوتمەك قۇيرۇقىنى شىپاڭلىتىپ قويدى، ئۇ ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان بۇ مەنزىرىدىن ھەيران قالغاندەك پات- پات ئۇزۇن بوينىنى ئارقىغا تولغاپ، ئۇلارغا قاراپ قوياتتى. توختى ناسىـــر ئوقۇر ئۈستىدىكى بىر چىپتىنى خېچىردىن يىراق قىلىپ يەرگە سالدى ؤة:

__ ھەي ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان يىتىم ئوغلاق، كېچىچە خېچىرغا ھەمراھ بولۇپ مۇشۇ يەردە يات، __ دىدى. بالا قورققىنىدىن كۆزلىرىنى ئالاق- جالاق قىلىپ، چىپتىنىڭ ئۈستىگە چىقىپ ياتتى، توختى ناسىر بالىغا قاراپ، تازا بىر چەكچەيگەندىن كېيىن چىراقنى ئۆچۈرۈپ چىقىپ كەتتى. بالا گۆردەك قاراڭغۇ ئېغىلدا خېچىر بىلەن قالدى، ئۇ يۈزلىرىدىكى جاراھەتنىڭ دەھشەتلىك ئاغرىقىنى بارا- بارا سېزىشكە باشلىدى، ئۇ ئاغرىق ئازاۋىغا چىدىماي ئۈنسىز يىغلاشقا باشـلىدى. بىر پەســـتىن كېيىن ئەزەلدىن قۇلۇپ سېلىنمايدىغان ئېغىل ئىشىكىنىڭ سىرتتىن «شاراق- شۇرۇق» قىلىپ قۇلۇپ سېلىنغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ، گۆردەك قاراڭغۇ ئېغىل ئۇنىڭغا تېخىمۇ قورقۇنۇچلۇق بىلىندى، بەدىنىنىڭ چىدىغۇسىز ئاغرىقى، مۇدھىچ قاراڭغۇلۇق، قورسىقىنىڭ ئاچلىقى بۇ بىچارە نارسىدىنى چەكسىز ئازاپ دېڭىزىغا غەرق قىلدى. ئۇ شۇ تەرۇزدا يېتىپ قاچانلاردىدۇر ئۇيقۇغا كەتتى.....

ئەزىمەتجان ئېغىل ئىشـــىكىنىڭ «غارت!» قىلىپ ئېچىلغان ئاۋازى بىلەن ئەمدىلا ئۇيقۇغا كەتكەن كۆزىنى ئاچتى، ئۇ تاياق زەربىسىدە تولىمۇ سەزگۈرلىشىپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭ سول كۆزى ئىششىپ كەتكەنلىكتىن ئېچىلمىدى. توختى ناسىر ئېغىلغا كىرىپلا چىراقنى ياندۇردى، ئەزىمەتجان ئۇنى كۆرۈپلا قورققىنىدىن يەنە لاغىلداپ تىترەشكە باشلىدى.

__ تۇرە! __ دىدى توختى ناسىر ئەزىمەتجانغا بۇيرۇق ئاھاڭىدا.

بالا تەسلىكتە ئورنىدىن تۇردى، ئۇنىڭ پۇتلىرى قورقۇنۇچتىن يەنىلا تىترىمەكتە ئىدى. توختى ناسىر بالىنى ئالدىغا سېلىپ، ھويلىغا چىققاندا تۈن يېرىم بولغان ۋاقىت بولۇپ، ئەتراپنى خۇددى قازان كۆمتۈرۈپ قويغاندەك قارڭغۇلۇق قاپلىغانىدى. ئۇ بالىنى باللىرى ياتقان بالىخانىغا ئەكىرىپ، كىيىمى بىلەنلا ياتقۇزۇپ قويدى. بالىنىڭ قەلبىدە توختى ناسىر ئىشىكتىن چىقىپ كەتكىچە قورقۇنۇچى بېسىلمىدى.

تاڭ ئاتتى، ئەتىگەنلىك ھاۋا خېلىلا سوغوق ئىدى. لايدەك ئۇخلاپ ياتقان ئەزىمەتجان قاتتىق سىلكىنىشتىن كۆزلىرىنى ئاران ئاچتى. ئۇنىڭ يۈز- كۆزلىرىدىكى جاراھەت ۋە قېتىپ كەتكەن قان يۇقۇندىلىرى ئۇنىڭ چىرايىنى كۆرگۈسىز ھالغا كەلتۈرۈپ قويغانىدى. سول كۆزى كۈپتەك ئىششىپ كەتكەن بولۇپ، يۇمۇلۇپ قالغان، كۆز ئەتراپى رەڭ سۇۋاپ قويغاندەك كۆكۈرۈپ كەتكەن، يۈزلىرىنىڭ باشقا جايلىرىغىمۇ قالايمىقان جاراھەتلەر ئىـــــــز سالغانىدى. توختى ناسىر ئۇنىڭ ئېچىنىشلىق تۇرقىغا قاراپمۇ يۇمشايدىغاندەك قىلمايتتى، بالىغا يەنىلا قوپاللىق بىلەن بۇيرۇق قىلاتتى، ئۇ دادىسىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن يۈزلىرىدىكى قان يۇقىنى مۇزدەك ســوغوق ســـۇدا يۇيۇپ چىقاردى ۋە دادىسىنىڭ ئالدىغا كېلىپ يۇۋاشلىق بىلەن بوينىنى قىسىپ تۇردى. دادا ئۇنىڭغا چوڭ- كىچىك تەرەت قىلىۋېلىشنى ئېيتتى، بالا ئاقساپ مېڭىپ تەرەت قىلىپ كەلگەندىن كېيىن دادا ئۇنى گەجگىسىدىن تۇتۇپ پەشايۋان تۈۋرۈكىنىڭ تۈۋىگە ئەكەلدى، بالا ھىچ ئىشتىن خەۋەرسىز بولۇپ، دادىسىنىڭ بۇيرۇقىغا سۆزسىز بويسۇنۇشقا مەجبۇر ئىدى، چۈنكى ئۇنىڭ يۈرىكى تاياق زەربىسىدىن، تىل ئىشىتىش ئازابىدىن قاتتىق پۇچۇلۇنۇپ كەتكەن بولۇپ، زەرداپ قان بىلەن لىق تولغان ئىدى. تۈۋرۈكنىڭ يېىنىدىكى سۇپىدا ئىككى يېرىم مېتىر ئۇزۇنلۇقتا تۆمۈر زەنجىر يىلاندەك تولغۇشۇپ ياتاتتى، زەنجىرنىڭ يېنىدا سېرىق رەڭلىك ئوتتۇرىھال چوڭلۇقتىكى قۇلۇپ بار بولۇپ، بۇلارنى نىمە قىلىدىغانلىقى ئەزىمەتجاننىڭ خىيالىغا كىرىپ چىقمايتتى. تۈۋرۈكنىڭ يېنىدا يوغان بىر داستا لىق قاچىلانغان كېۋەز غوزىسى، ئۇنىڭ يېنىدا ئاق رەڭلىك چىپتا بار ئىدى.

__ ئولتۇرە! __ دىدى توختى ناسىر زەھەرخەندىلىك بىلەن بالىغا قاراپ.

قورقۇپ كەتكەن ئەزىمەتجان جايىغىلا ئولتۇردى.

__ مەيەرگە كېلىپ ئولتۇر، دەيمەن، ھەي چوشقىنىڭ بۇرنىدىن چۈشكەن گۇينىڭ بالىسى، __ توختى ناسىر تۈۋرۈكنىڭ يېنىنى كۆرسۈتۈپ قوپال ئاۋازدا ئۇنىڭغا دىۋىنىپ تۇرۇپ ۋارقىرىدى.

بالا ئالمان- تالمان تۈۋرۈكنىڭ يېنىغا كېلىپ، تۈۋرۈككە ئارقىسىنى قىلىپ، سىمونت بىتۇن ئۈستىدە ئولتۇردى. بالا يەنىلا ھىچ ئىشتىن خەۋەرسىز ھالدا ھاڭۋېقىپ تۇراتتى، ئۇنىڭ يۇمران قەلبىنى دادىسىدىن قورقۇشنىڭ دەھشەتلىك بۇرۇقتۇرمىلىرى چىرمىۋالغان بولۇپ، دادىسىنىڭ ھەر بىر سۆزىگە ئۈنسىز بويسۇنۇشقا مەجبۇر ئىدى.

توختى ناسىر يەردىكى زەنجىرنى ئېلىپ بالىنىڭ قورسىقىدىن ئايلاندۇرۇپ، تۈۋرۈككە يۆگىدى ۋە ھېلىقى سېرىق سەڭلىك قۇلۇپنى ئېلىپ، زەنجىرنىڭ ئىككى ئۇچىدىن تارتىپ تۇرۇپ تاقىدى.

ئايشەم ھىمىت ئۆيدىن چىقىۋېتىپ، ئېرىنىڭ بالىنى زەنجىر بىلەن باغلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى توسىدى:

__ ئۇنداق قىلمىساڭلا بوپتىكەن، يامان بولىدۇ.

__ سىلە ئىشىڭلىنى قىلىڭلا، ئەگەر مۇشۇنداق باغلاپ قويمىسام بۇ تۇڭگۇزنىڭ كۈچىگى قېچىپ كەتسە سىلە كۆزۈڭلىنى پارقىرىتىپ تۇرۇپ بېرەسىلە، مەن ئىزدىمىسەم بولماس شذ، يانا. سىلى- چذ، خوتوم كىشى بولغاندىكىن ئارىلاشماڭلا، بولامدۇ!؟ __ ئۇنىڭ تەلەپپۇزى تولىمۇ قاتتىق ھەم قوپال ئىدى.

ئايشەم ھىمىت «نىمە كارىم؟» دىگەندەك قاشلىرىنى ئۇچۇرۇپ قويۇپ ئۆز ئىشى بىلەن بولدى.

بالا ئەمدى بىلدىكى، ئۇنىڭ ئۆگەي دادىسى ئۇنى تۈۋرۈككە باغلىماقچى بولۇپ، بۇ زەنجىر بىلەن قۇلۇپنى تەييارلىغان ئىكەن- دة! بالىنىڭ سەبى قەلبى ئېغىر ئازاپقا گىرىپتار بولۇشقا تىگىشلىك بولسىمۇ، لىكىن بۇلارنى ئۇ ئانچە ھىس قىلىپ كىتەلمەيتتى، چۈنكى ئۇنىڭ يېشى تولىمۇ كىچىك بولۇپ، ئەمدىلا 6 ياشقا قەدەم قويغان نارەسىدە ئىدى.

توختى ناسىر ھېلىقى يوغان داسنى بالىنىڭ ئالدىغا يېقىن قىلىپ سۈرۈپ قويۇپ، يېنىغا چىپتىنى تاشلىدى ؤة:

__ مەن كەلگىچە ماۋۇ غوزىنى چۆلەپ بول، چۆلەپ بولمايدىغان بولساڭ كۆرگۈلىكىڭنى كۆزۈڭگە كۆرسىتىمەن، ئۇقتۇڭمۇ؟ __ دەپ ۋارقىرىدى.

بالا قورققىنىدىن تۈگۈلگىنىچە ئاران دىگەندە «ماقۇل» دىدى- دة، ئۇپۇل- تۇپۇل غوزىنى چۆلەشنى باشلىۋەتتى، ئۇنىڭ قورسىقىدىكى زەنجىر ئۇنىڭ قورسىقىنى مەھكەم سىقىپ تۇرغان بولغاچقا ئۇنىڭ ھەركىتىگە قولايسىزلىق تۇغدۇرۇپ تۇرسىمۇ، بىردەم بولسىمۇ دادىسىدىن نېرى بولغىنىغا كۆڭلى خۇش ئىدى، چۈنكى دادىسى ئۇنىڭغا ئىش تاپشۇرۇپ بولۇپلا بازارغا ئالدىراپ ئېشەكنى ھارۋىغا قېتىش بىلەن بولۇپ كەتكەن ئىدى. ئېشەك ھارۋىغا قېتىلىپ، كۆكتاتلار ھارۋىغا بېسىلىپ بولۇندى، توختى ناسىر ئايالى ۋە ئىككى بالىسىنى ھارۋىدىكى كۆكتاتلار ئارىسىغا پاتقۇزۇپ، ھويلا دەرۋازىسىنى سىرتىدىن قۇلۇپلاپ، توقسۇ ناھىيە بازىرىغا قاراپ كەتتى.

بالا يوغان ھويلا ئىچىدە يالغۇز قالدى، ئۇنىڭ يۈزىدىكى جاراھەت ئېچىشىپ ئاغرىپ ئۇنىڭغا ئارام بەرمەيۋاتاتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاچچىق سوغوق ئۇنىڭ يۇمران تېنىنى ئاچچىق يالاپ ئۆتەتتى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئازاپلارغا بەرداشلىق بېرىپ، قولىدىكى ئىشنى توختاتمىدى، ئۇنىڭ يۇمران قەلبى تىل ھاقارەت ۋە قاتتىق تاياق زەربىسىدىن ناھايىتى كۆپ قېتىم ئازار يىگەن بولغاچقا مۇشۇ ئىشنى قىلىپ بولمىسا دادىسى كەلگەندە تاياق يىيىشى، تىل ئىشىتىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى ....... بىر مەھەل ۋاقىت ئۆتتى، ئۇنىڭ قولى ئىختىيارسىز ئىشتىن توختاپ قالدى، ئۇنىڭ قورسىقى ئاچقان ئىدى، ئۇنىڭ ئېسىگە ئاخشاممۇ ھىچنىمە يىمىگەنلىكى كەلدى، شۇ تاپتا ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئۆز ئانىسى پەيدا بولدى، ئانا ئۇنىڭغا قاراپ يەنىلا كۈلۈمسىرەپ تۇراتتى، ئۆز يۈرەك پارىسىنى يات بىر ئادەمگە بېرىۋەتكەن بۇ ئانىنىڭ تاش يۈرەكلىكى ئۇنىڭ خىيالىغا كىرىپمۇ چىقمايتتى، ئۇنىڭ ياش- قۇرامى ئۇنداق خىياللارنى سۈرۈشكە قادىر ئەمەس ئىدى، ئۇ پەقەت ئۆگەي دادىسى ئۆزىنى باغلاشقا ئۆز ئانىسىنىڭ ئۇنمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، چۈنكى ئۇ دىگەن ئۆزىنىڭ ئۆز ئانىسى- دە !..... ئۇ تۆت ئەتراپىغا سىنچىلاپ قاراپ باقتى، ئۇنىڭ ئەتراپىدا ئاچقان قورسىقىنى گوللىغىدەك بىرەر بۇردا قاتتىق نانمۇ كۆرۈنمەيۋاتاتتى، ئىختىيارسىز ئۇنىڭ كۆزى ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان ئوچاقنىڭ بېشىغا چۈشتى، ئوچاق بېشىدا بىر توغرام قاتتىق نان تۇراتتى، ئۇ ناننى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى دادىسىنىڭ بۇ ناننى يەۋەت دەپ بەرگەندە ئۇنىڭ چىشى ئۆتمەي مۇشۇ يەرگە قويۇپ قويغانلىقى ئېسىگە كەلدى. ئۇنىڭ ھازىرقى تۇرقىدا ئۇ نان ھەرقانچە قاتتىق بولسىمۇ يەۋېتەتتى، ئۇ ئىختىيارسىز ئورنىدىن تۇردى، لىكىن ھىچقانچە مىدىرلىيالمايلا ئىزىدىلا ئولتۇرۇپ قالدى، دەماللىققا قورسىقىنى سىقىپ تۇرغان مۇدھىش قارا زەنجىر ئۇنىڭ ئېسىدىن كۆتۈرۈلۈپ كەتكەن ئىدى، بالا قولى بىلەن زەنجىرنى تارتىپ باقتى، زەنجىر ئۇنىڭ يۇمران قورسىقىنى مەھكەم سىقىپ تۇراتتى، كېيىن خېلى كۈچەپ تارتتى، زەنجىر بوشايدىغاندەك قىلمايتتى، ئۇنىڭ كۆڭلى بۇزۇلۇپ، كۆز جىيەكلىرى لىققىدە ياشقا تولدى، ئاغزى ئۈمچەيدى. ئارقىدىن زەنجىردىن بوشــۇنۇش ئىســتىكىدە خېلىلا كۈچەپ تارتتى، يىغلاپ تۇرۇپ يۇلقۇندى، ئۆزىنى ئۇياق- بۇياقلارغا ئاتتى، زەنجىر ئۇنىڭ قورسىــــقىنى مەھكەم سىقىۋېلىپ، ئۇنى ھىچيەرگە بۇلجۇتمىدى، بالا ئۈن سېلىپ يىغلاشقا باشلىدى .........

مەھەللىدىكى كەپسىز بالىلار مەھەللىنىڭ توپىلىق يوللىرىدا قىيغىتىپ ئويناۋېتىپ، ئەزىمەتجاننىڭ ھويلىسىدىن چىقىۋاتقان ئەزىمەتجاننىڭ يىغا ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالدى- دة، قوشنىلارنىڭ ئۆگزىلىرىگە ئارتىلىپ چىقىپ، ئەزىمەتجاننىڭ تۈۋرۈككە دۈمبىسىنى قىلىپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈشتى ۋە تۇشمۇ- تۇشتىن چۈقىراشتى:

__ ئەزىمەت، نىمە بولدۇڭ؟

__ دادام مېنى ما يەگە باغلاپ قويدى __ دىدى ئەزىمەتجان يىغلپ تۇرۇپ.

كەپسىز بالىلار ئەزىمەتجاننىڭ تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇلغانلىقىنى ئۆيلىرىگە بېرىپ، ئاتا- ئانىسىغا ئېيتىشتى، شۇنداق قىلىپ بۇ خەۋەر مەھەللەگە تارقالدى .....

توختى ناسىر كەچ سائەت ئالتە يېرىملاردا كۆكتاتلىرىنى سېتىپ بولۇپ، ئۆيگە قايتىپ كەلدى، بالا دادىسىنى كۆرۈپلا قورقۇنۇچتىن تىترەشكە باشلىدى ..... توختى ناسىر ھارۋىنى چىقىرىپ بولۇپ، ئېشەكنى قاڭتۇردى، ئاندىن بالىنى باغلاقتىن بوشۇتۇپ ئۆيگە ئېلىپ ماڭدى. توختى ناسىرنىڭ ئاچچىقى بېسىلىدىغاندەك قىلماييتى، ئۇ يەنىلا بالىغا ۋەھىمىلىك ئاۋازدا ۋارقىرايتتى، تىللايتتى، دۈشكەلەيتتى. ئۇ ئەزىمەتجاننى ئۆيگە ئەكىرىپ، ياتىدىغان جايىغا قويۇپ قۇيۇپ «ئۇخلا» دەپ چىقىپ كەتتى. بالا تۆنۈگۈن كەچتىن باشلاپ بۈگۈن بىر كۈن ئاچ قالدى، چىقىپ كېتىدىغاندا بالىنىڭ بىر نىمە يەيمەن دىگۈسى بار بولسىمۇ، لىكىن دادىسىنىڭ قوپال تىگىشىدىن قورقۇپ ئۈنىنى چىقىرالمىدى. بالا ئۇخلاشقا ياتتى، ئەمما  قورســـىقىنىڭ ئاچلىقى ئۇنىڭ ئۇيقىســـىنى قاچۇراتتى، ئۇ كۈندۈزى دەسلەپتە چىدىغۇسىز ئېچىپ كەتكەن قورسىقىنىڭ كېيىن تۇيۇقسىز تويۇپ قالغاندەك بولۇپ قالغانلىقىنى سەزگەن ئىدى، قورساق ئېچىپ، كېيىن ئىشتىيى تۇتۇلۇپ قالىدىغان ئاڭ بۇ بالىدا تېخى شەكىللەنمىگەن ئىدى. شۇ تاپتىمۇ ئۇ قورسىقىنىڭ كۈندۈزدىكىدەك تويۇپ قېلىشىنى ئارزۇ قىلىپ يېتىپ، ئۇنىڭ كۆزلىرى بارا- بارا ئۇيقىغا كەتتى ..... ئۇنى كىندىكىنىڭ ئۈستۈن تەرىپىنىڭ قاتتىق ئاغرىقى ئويغاتتى، ئۇ قورسىقىنىڭ ئاغرىقىغا چىدىيالماي ئۈنسىز يىغلاشقا باشلىدى، ئاخىرى كۈندۈزدىكى ئوچاق بېشىدا كۆرگەن قاتتىق نان ئۇنىڭ ئېسىگە كېلىپ، شەپە چىقارماي ھويلىغا چىقتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ كىچىك تەرىتىمۇ قىستاپ قالغان ئىدى. ئاسمان دۈم كۆمتۈرۈپ قويغان قازانغا ئوخشايتتى، ئەتراپتا ئىتلارنىڭ ئاندا- ساندا قاۋاشلىرى، ئېشەكلەرنىڭ ھاڭراشلىرىنى ھىساپقا ئالمىغاندا ئەتراپ تىنچ ئىدى. بالا قوتاننىڭ يېنىغا بېرىپ، كىچىك تەرەت قىلىپ بولۇپ، ئوچاق بېشىغا كېلىپ ھېلىقى قاتتىق ناننى ئىزدىدى، قېرىشقاندەك بالا ئۇ ناننى تاپالماي بىر دەم ئىزدەپ بېقىپ ئۆيگە كىرىپ كەتتى.

ئەتىسى، يەنى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى توختى ناسىر ئالدىنقى كۈندىكىدەك ئۇسۇلدا ئەزىمەتجاننى تۈۋرۈككە يەنە باغلاپ قويۇپ، خوتۇن- باللىرىنى ئېلىپ، يۇلدۇزباغ بازىرىغا كۆكتات ساتقىلى كەتتى، بىر يېرىم كۈندۈز، ئىككى كېچە ئاچ قالغان بالىغا يىگۈدەك بىر نەرسە بىرىشتىن تۈگۈل «نىمە يەيسەن؟» دەپ سوراپمۇ قويماي چىقىپ كەتتى.

نىھايەت، ئەزىمەتجاننىڭ دادىسى تەرىپىدىن تۈۋرۈككە باغلانغانلىق خەۋىرى مەھەللىگە تارقالغاندىن كېيىن مەھەللىدىكى كىشىلەر ئۆيلىرىدە، كوچا- كويلاردا، دوقمۇش- چاسىدا، ئېتىز باشلىرىدا خېلىلا غۇلغۇلا قىلىشتى، لىكىن ئۇلار ئېغىزدا دىيىش، توختى ناسىرنى غېيۋانىسىغا تىللاش، قارغاش ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش سۆزلەرنى قىلىش بىلەنلا كۇپايىلەندى. لىكىن 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان مۇشۇ مەھەللىلىك غېنى ئەبەي ئىسىملىك يىگىت بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ زادىلا ئولتۇرالمىدى، ئۇ دەسلەپتە «بالا تېخى كىچىك تۇرسا، توختى ھەرقانچە قارا نىيەت بولسىمۇ ئۇنداق قىلماس» دىگەنلەرنى ئويلاپ بۇ گەپكە تازا ئىشەنمىدى، بۇ گەپ ئاينىۋەردى، راست گەپنى قىلغاندا بەزى- بىر يالغان گەپمۇ قېتىلىپ بارغانچە گەپ ئاۋۇدى، غېنى ئەبەي ئالدى بىلەن ساقچىخانىغا ئەھۋال مەلۇم قىلماقچىمۇ بولدى، ئاخىرى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئاندىن بىر نىمە دىمەكچى بولدى- دة، قوشنىلارنىڭ ھويلىسى ئارقىلىق ئۆگزىگە چىقىپ، ئەزىمەتجان باغلاقلىق ھەيلىغا سەكرەپ چۈشتى، ئەزىمەتجان ماغدۈرسىزلىنىپ، بېشىنى تىزىغا قويۇپ ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ ئالدىدا ئىككى داسقا لىق قاچىلانغان غوزا تۇراتتى، غېنى ئەبەي بالىنىڭ ئالدىغا كەلگىچە توڭلاپ قېتىپ قالدىمۇ- نىمە، دىگەنلەرنى خىيالىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنىڭ ئالدىغا كەلدى- دة، بېشىنى ئۈستىگە قارىتىپ كۆتۈردى، غېنى ئەبەينىڭ ئۆز ئاغزىدىكى بايانى بويىچە ئېيتقاندا بالىنىڭ يۈزلىرى تاياق زەربىسىدە خام گۆشكە ئوخشاپ قالغان، سول كۆزى ئىششىپ يۇمۇلۇپ قالغان ئىدى. غېنى ئەبەي بالىدىن:

__ ھەي ئەزىمەتجان، جېنىڭ بارمۇ؟ __ دەپ سورىدى.

بالا ئوڭ كۆزىنى ئېچىپ غېنى ئەبەينى كۆرۈش بىلەن ۋۇجۇدىدا بىر خىل ئېقىم تاراپ، ئۈمچۈيۈپ يىغلاپ كەتتى:

__ جېنىم بار، مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ!

غېنى ئەبەي بالىغا قاراپ ئىختىيارسىز كۆزلىرىگە ياش ئالدى، ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا بالىغا بولغان ئىچ ئاغرىتىــــش، توختى ناسىرغا بولغان غەزەپ- نەپرەت رۆشەن كۈچ سېلىشتۇرمىسىدەك مەۋج ئۇراتتى، ئۇ بىر ھازا نىمە قىلارىنى بىلمەي تۇرۇپ قالدى، تېشىدىن قۇلۇپ سېلىنغان توختى ناسىرنىڭ دەرۋازىسى ئالدىغا مەھەللىدىكىلەر ئاستا- ئاستا يىغىلىشقا باشلىدى، غېنى ئەبەي ئۇلارنىڭ دەرۋازا سىرتىدىكى ئاۋازىدىن ئۈمۈتلىنىپ، ھويلىدىن بىر دانە چوتنى تېپىپ، دەرۋازا سىرتىغا سۇنۇپ بەردى ؤة:

__ قۇلۇپنى چېقىڭلار! __ دىدى.

سىرتتىن بىرسى:

__ خەقنىڭ قۇلۇپىنى چاقساق قانداق بولىدۇ؟ __ دىدى.

__ ئىگىسى مەن، قورقماي چېقىۋېرىڭلار!! ھەممەڭلار بۇ ئەھۋالنى كۆرۈڭلار __ دىدى غېنى ئەبەي قەتئىلىك بىلەن مەيدىسىگە مۇشتلاپ تۇرۇپ.

دەرۋازا قۇلۇپى چېقىۋېتىلىپ، توپلانغانلار ھويلىغا كىرىپ، بۇ ئېچىنىشلىق مەنزىرىنى كۆرۈشتى، زەنجىرلەنگەن بۇ نارىسىدە قارا زەنجىر بىلەن باغلىنىشنى ئاز دىگەندەك يۈزلىرى تونۇغۇسىز، شۇ قەدەر بىچارە ھالەتتە كىشىنىڭ ئىچىنى سىرىلدۈرۈپ ئولتۇراتتى. ھەممەيلەننىڭ كۆزلىرى ياشقا تولدى، تۇشمۇ- تۇشتىن بالىنى زەنجىردىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ ئامالىنى ئىزدىشەتتى، لىكىن قۇلۇپنى چاقاي دىسە بالىنى زەخمىلەندۈرۈپ قويۇشتىن ئەنسىرىشىپ، ئاخىرى ساقچىخانىغا تېلىفون قىلىشتى.

4
دىلو يۈز بەرگەندىن كېيىن توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسى مەزكۇر دىلو ئۈستىدە كەڭ دائىرىدە دەلىل- ئىسپات توپلاشقا كىرىشىپ كەتتى، ئۇلار جىنايەت گۇماندارى توختى ناسىرنى شۇ كۈنىلا توختۇتۇپ قويدى ۋە قانۇن بويىچە سوراق قىلدى، جاۋاپكار ئۆز قىلمىشىغا ئاساسى جەھەتتىن ئىقرار قىلدى، جاۋاپكارنىڭ ئىقرارىغا ئاساسەن دىلو تۇرغۇزۇشقا بولاتتى، لىكىن قانۇنى تەرتىپ بويىچە باشقا يىتەرلىك دەلىل- ئىسپات توپلىمىسا بولمايتتى، شۇڭا رازۋىتچىكلار جاۋاپكارنىڭ خۇلۇم- قوشنىلىرى، دىلو يۈز بەرگەن كۈنى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنى زەنجىر ئاسارىتىدىن قۇتقۇزغان بىر قىسىم كىشىلەرنى مەخسۇس زىيارەت قىلىپ، گۇۋاھلىق ئالدى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ زەخمە دەرىجىسىنى قانۇن دوختۇرىنىڭ باھالاپ بېكىتىشىگە ھاۋالە قىلدى. نەتىجىدە گۇۋاھچىلار تولۇپ- تاشقان قىزغىنلىق بىلەن غەزەپ- نەپرىتىنى ئاران- ئاران باسقان ھالدا جىنەيەت گۇماندارى توختى ناسىرنىڭ ئۈستىدىن بەس- بەستە شىكايەت قىلىپ، گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى بايان قىلدى. ئۇلارنىڭ تەلەپپۇزى تولىمۇ قاتتىق ئىدى، ئۇلارنىڭ جىنايەت گۇماندارىنىڭ قىلمىشى ئۈستىدە شىكايەت قىلىۋاتقاندىكى ھالىتىدىن جنايەت گۇماندارىنىڭ بۇ خىل قانۇنغا خىلاپ قىلمىشىدىن غەزەپلىنىۋاتقانلىقى، زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىغا نىسبەتەن ھىسداشلىق قىلىۋاتقانلىقىدەك روھى ھالىتىنى چۈشىنىۋېلىش تەس ئەمەس ئىدى، لىكىن ئۇلارنىڭ روھى دۇنياسىدا ھىسداشلىق ۋە نەپرەتتىن ئىبارەت ئىچكى ھىسسىياتى گىرەلىشىپ كەتكەن  بولسىمۇ، دىلو ئەھۋالىنى ئەينەن، راستچىللىق بىلەن بايان قىلىۋاتاتتى. توختى ناسىرنىڭ بىر ئايال قوشنىسى گۇۋاھلىق بېرىۋاتقاندا كۆزلىرىدىن ئېقىۋاتقان تارام- تارام ياشلىرىنى توختۇتۇپ بولالمىدى، بولۇپمۇ توختى ناسىرنىڭ بالىنىڭ قورسىقى تويغۇدەك تاماق بەرمىگەنلىكى ئۈستىدە توختالغاندا تېخىمۇ ئىزىلىپ، «هإ!» تارتىپ يىغلاپ كەتتى، رازۋىتچىكلارنىڭ كۆز چاناقلىرىمۇ لىققىدە ياشقا تولۇپ، گېلىغا كەپلىشىپ قالغان قانداقتۇر بىر نەرسىنى غىرت قىلىپ يۈتىۋېتىپ، ئۆزلىرىىنى ئاران دىگەندە بېسىۋالدى، ئۇ ئايال گەپ ئارىلىرىدا بالىغا بولغان ھىسداشلىقىنى ئىپادىلەپ: «كىچىككىنە بىر بالىغۇ، ئۇ قانچىلىك ئاش- نان يىمەكچىدى، بالىنىڭ يەپ كەتكەن بىر بۇردا نېنى، بىر قاچا ئېشى بىلەن ئاشۇ ئۆلمۈگۈر مۇناپىق كەمبەغەل بولۇپ كېتەمتى.....» دىگەندەك بايانلارنى قوشۇپ قوياتتى. دىمىسىمۇ ئەمدىلا 6 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بىر نارىسىدە.......بىر بۇردا نان، بىر قاچا ئاش....... ! تېخى شۇ نارەسىدەنىڭ دىل ئىزاسى...................

دىلو پاش بولۇپ تۆت كۈندىن كېيىن، يەنى 2007- يىلى 3- ئاينىڭ 1- كۈنى توقسۇ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ قانۇن دوختۇرى باھالىغان (2007) 024- نومۇرلۇق جىنايى ئىشلار تېخنىكىلىق باھالاشنامىسىنىڭ نەتىجىسى چىقتى، باھالاشنامىدە: «ئەزىمەتجاننىڭ باش، يۇز ۋە قۇلاق قاسقىنى، گەۋدە ئەتراپى بىسسىز زورلۇق كۈچنىڭ كۆپ قېتىملىق تەسىرىدىن كۆپ قىسىم كىچىك دائىرىدە ھەم كونا- يېڭىلىق دەرىجىسى ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يۇمشاق توقۇلمىلار، نىپىز تېرە يۈزى يىرتىلىپ، سۈرۈلۈپ، سوقۇلۇپ زەخمىلەنگەن، ئوڭ، سول قۇلاق قاسقىنى نىپىز تېرە قىسمىنىڭ زەخمە ئۇزۇنلۇقى 1.5 سانتىمېتىر، سول كۆز قاپاق قىسمىدا قان ئۇيىغان، سول تەرەپ كۆزنىڭ مۈڭگۈز پەردىسىدە قان دېغى بار ۋە ئېغىز بوشلۇقى يۇتقۇنچاق پەردىسى زەخمىلەنگەن، گەۋدە قىسمىدىكى يۇمشاق توقۇلمىلار سوقۇلۇپ زەخمىلەنگەن بولۇپ، كۆلىمى 1.5 سانتىمېتىر، ھازىرقى ئەھۋالدا ‹ئادەەم تېنىدىكى يەڭگىل زەخمىنى باھالاش ئۆلچىمى› نىڭ 3- ماددا 6-، 7-، 8-، 11-، 13- تارماق ۋە 4- ماددا 1- تارماق بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن زەخمىلەنگۈچى ئەزىمەتجان توختىنىڭ زەخمىسى يەڭگىل زەخمە (قىسمەن ئېغىر) گە كىرىدۇ» دەپ باھالاپ بېكىتكەن، باھالاشنامىنىڭ ئاخىرقى نەتىجىسىدە «قىسمەن ئېغىر» دەپ ئىزاھلاپ قويغان بولسىمۇ، ئەڭ ئاخىرقى يەكۈنى يەنىلا «يەڭگىل زەخمە» بولغانلىقى ئۈچۈن ئېلىمىز جىنايى ئىشلار قانۇنىدىكى ئائىلە ئەزالىرىنى خورلاش جىنايىتىگە بەلگىلەنگەن ئەڭ ئېغىر جازا چېكى 2 يىل ئىدى. دىمەك دىلو بېكىتىلىپ، جىنايەت گۇماندارى توختى ناسىر 2007- يىلى 3- ئاينىڭ 9- كۈنى قانۇن بويىچە قولغا ئېلىندى.......

يازمىنى تېخىمۇ بېيىتىش، چىنلىقىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ۋە تېخىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈش ئۈچۈن دىلو قۇرلىرىدىكى بىر قىسىم ھەقىقى بايانلارنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنۇشنى لايىق تاپتىم:

گۇۋاھچى غېنى ئەبەي،31 ياش، توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا قاراقۇم كەنت 3- گوروپتا ئولتۇرۇشلۇق. بۇ كىشى ئەزىمەتجاننى باغلاقتىن بوشۇتۇش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا يۈرەكلىك سەكرەپ چىقىپ، ئۇنى قۇتقۇزغان ۋە دىلو مەلۇم قىلغان بىردىن- بىر كىشى، مەن بۇ يازمىلىرىم ئارقىلىق بۇ ھەققانىيەتچى يىگىتتىن سەمىمى ھال سورايمەن ۋە غېنى ئەبەيگە ئوخشاش ھەق- ناھەق ئالدىدا كۆكرەك كېرىپ مەيدانغا چىقىپ، قارا نىيەتلەر بىلەن قورقماي كۈرەش قىلالايدىغان غالىپلارغا سەمىمى ئېھتىرام بىلدۈرىمەن!...  ئۇ ج خ ئىدارىسىنىڭ رازۋىتچىكلىرىغا بەرگەن گۇۋاھلىقىدا مۇنداق بايان قىلىدۇ:

بۇگۈن (2007- يىلى 2- ئاينىڭ 25- كۈنى) چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 لار ئەتراپىدا ھاۋا يەپ كىرىش ئۈچۈن ئۆيۈمنىڭ ئەتراپىدىكى تۆت كوچا دوقمۇشىغا چىقسام 5- 6 ئادەم پاراڭلىشىپ تۇرۇپتۇ، مەن ئۇلارنىڭ توختى ناسىرنىڭ بېقىۋالغان 6 ياشلىق بالىسى ئەزىمەتجاننى ئۈچ كۈننىڭياقى قورسىقىغا تاماق بەرمەي، تۇۋرۈككە باغلاپ، خورلىغان قىلمىشى ئۈستىدە قىلىشىۋاتقان شىكايىتىنى ئاڭلاپ قالدىم ۋە ئۇلارغا توختى ناسىرنىڭ ئۆيىگە كىرىپ، ئەزىمەتجاننى قۇتقۇزۇشنى ئېيتتىم. بىراق بۇ يۇرتداشلار مېنىڭ گېپىمگە كىرمىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۆزۈم يالغۇز توختى ناسىرنىڭ قوشنىسى مەمەت ئەمەتنىڭ ھويلىسى بىلەن ئۆگزىسىگە چىقىپ قارىسام ھەقىقەتەن بايا يۇرتداشلار ئېيتقاندەك 6 ياشلىق ئەزىمەتجاننى توختى ناسىر تۇۋرۈككە (پەشايۋاننىڭ ياغاچ تۈۋرۈكىگە) باغلاپ قويۇپتۇ. مەن بۇ ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ئەزىمەتجاننى قۇتقۇزماقچى بولۇپ، مەمەت ئەمەتنىڭ ئۆيىنىڭ ئۆگزىسى بىلەن توختى ناسىرنىڭ ئۆگزىسىگە ئۆتۈپ، ھويلىسىغا سەكرەپ چۈشتۈم.

سۇئال: سىز نىمىشقا ھويلا ئىشىكى بىلەن كىرمىدىڭىز؟

جاۋاپ: توختى ناسىر كۈندە چار بازار قوغلۇشۇپ، كۆكتات سېتىش تىجارىتى قىلىدىغان بولغاچقا بۈگۈن ئەتىگەندىلا خوتۇن باللىرى بىلەن ھويلا ئىشىكىنى تاقاپ، يۇلتۇزباغ بازىرىغا كۆكتاتچىلىق قىلغىلى كېتىپتىكەن، ئىشىك تاقاق ئىكەن.

مەن ھويلىغا سەكرەپ چۈشكەندىن كېيىن ئەزىمەتجان باغلاقلىق يەرگە كەلدىم، ئەزىمەتجاننىڭ ئالدىدا ئىككى چوڭ داستا لىق كېۋەز غوزىسى تۇرۇپتۇ، ئەزىمەتجاننىڭ قورساق قىسمىدىن توملۇقى باشمالتاق قولدەك چوڭلۇقتىكى 2.50 مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۇر زەنجىر بىلەن پەشايۋان تۇۋرۈكىنى ئايلاندۇرۇپ باغلاپ، زەنجىرگە قۇلۇپ سېلىپ قويۇپتۇ، ئەزىمەتجاننىڭ يۈز- كۆزلىرى تاياق زەربىسىدە ئىششىپ، كۆكۈرۈپ، خام قاپاقتەكلا بولۇپ قاپتۇ، سول كۆزى تاياق زەربىسىدە ئىششىپ، يۇمۇلۇپ قاپتۇ. قارىسام ئەزىمەتجان توڭلاپ قېتىپ قالغاندەك قىلاتتى. مەن ئۇ بالىدىن: «ھەي، ئەزىمەتجان، جېنىڭ بارمۇ؟» دىسەم، ئەزىمەتجان ماڭا قاراپ، يىغلاپ تۇرۇپ: «جېنىم بار، مېنى قۇتقۇزىۋېلىڭ» دىدى. بۇ چاغدا مەن بالىغا قاراپ، ئىختىيارسىز كۆزلىرىمگە ياش ئېلىپ، نىمە قىلارىمنى بىلمەي تۇرۇپ قالدىم. بەش مىنۇت ئۆتكەندىن كېيىن دەرۋازا ئالدىغا بايا كوچا دۇقمۇشىدا توختى ناسىرنىڭ ئۈستىدىن شىكايەت قىلغانلار يېتىپ كەلدى، بۇ چاغدا مەن ئۇلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ ھويلا ئىچىدىن تېپىپ كەلگەن چوتنى ئۇلارغا سۇنۇپ: «دەرۋازا قۇلۇپىنى چېقىڭلار» دەپ دەرۋازا قۇلۇپىنى چاقتۇرۇپ، يۇرت- جامائەتنى بۇ ئەھۋالنى كۆرسۇن، دەپ باشلاپ كىردىم ۋە بۇ ئەھۋالنى ساقچىخانىغا مەلۇم قىلىش ئۈچۈن گوروپ باشلىقى ئوسمان ساۋۇرغا تېلىفون ئۇرغۇزۇپ، ساقچىخانىغا خەۋەر بەردۇق، كېيىن ساقچىخانىدىن ساقچىلار كەلگەندىن كېيىن نەق مەيداننى تەكشۈرۈپ بولغاندىن كېيىن، ئەزىمەتجاننى قۇتقۇزدۇق.

سۇئال: ئەزىمەتجاننىڭ ئالدىغا قويۇلغان ھېلىقى ئىككى داستىكى كېۋەز غوزىسى قانداق ئىش؟

جاۋاپ: مەن بۇ ئەھۋالنى توختى ناسىرنىڭ خۇلۇم- قوشنىلىرى ۋە يۇرتداشلاردىن ئۇقۇشۇپ كۆرسەم مۇشۇ بىر قانچە كۈندىن بىرى ئۇ بالىنى تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇپ، كۈندە غوزا چۆلەشكە ۋەزىپە قويۇپ قۇيۇپ، قورسىقىغا ئاشمۇ بەرمەي، دەرۋازىنى تاقىۋېتىپ، تىجارەت قىلغىلى چىقىپ كىتىپ، يېرىم كېچىدە قايتىپ كېلىدىكەن. ئەزىمەتجان مۇشۇنداق تۇرىۋاتقىلى توپ- توغرا ئۈچ كۈن بوپتۇ، ئاخشىمى ئات، ئېشەك بىلەن بىرگە ئېغىلغا سولاپ قويىدىكەن.

....................................

سۇئال: توختى ناسىرنىڭ بۇ بالىنى خورلىغان ئىش ئىلگىرىمۇ بوپتىكەنمۇ؟

جاۋاپ: توختى ناسىرنىڭ بۇ بالىنى خورلىغان ئىش بالىنى بېقىۋالغاندىن تارتىپ يۈز بىرىپ تۇرىۋاتقان ئەھۋال. چۈنكى بالىنىڭ يۈز- كۆزىدىكى تاياق تەگكەن، كۆكەرگەن ئىزلار دائىم بار ئىدى، توختى ناسىرنىڭ قوشنىلىرىنىڭ ئېيتىشىچە دائىم ئەزىمەتجاننىڭ چىقىراپ يىغلىغان ئاۋازى ئاڭلىنارمىش، ئەزىمەتجاننى كۆرگەندە دائىم ئۇنىڭ يۈز- كۆزلىرى كۆكۈرۈپ قالىدىكەن، بۇنى مەھەللىدىكى ھەممە ئادەم بىلىدۇ.......

بالىنىڭ خورلۇققا ئۇچرىغان بەزى تەپسىلاتلارنى توختى ناسىرنىڭ بىر قىسىم خۇلۇم- قوشنىلىرى بىۋاستە كۆرگەن، ئاڭلىغان ھەمدە نارەسىدەگە ئىچ ئاغرىتقان، قولىدىن كېلىشىچە ياردەمدە بولغان. بۇ تەپسىلاتلارنى ج خ ئورگىنىدىكى رازۋىتكىچىلار تەپسىلى ئىگەللەپ كۆرگەن. قېنى ئۇلار بۇ ھەقتە نىمە دەيدۇ؟

گۇۋاھچى گۈلبەھرەم توختى، توختى ناسىرنىڭ تام قوشنىسى، 21 ياش، توقسۇ ناھىيە ئۆگەن يېزا قاراقۇم كەنت 3- گوروپ ئەزاسى، دىھقان.

سۇئال: توختى ناسىر ئۇ بالىنى ئەكەلگەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر بېقىش جەريانىدىكى بالىغا تۇتقان پوزىتسىيىسى، مۇئامىلىسى توغۇرلۇق بىلىدىغانلىرىڭىزنى سۆزلەپ بىرىڭ؟

جاۋاپ: مۇشۇ ئۆيگە ئەكەلگەندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ئاتا- ئانىسى ئىككىلىسى ئەزىمەتجاننى دايىم ئۇرۇپ- تىللاپ، خورلاپ، قورسىقىغا تويغىچە ئاش- نان بەرمەي، ئېتىزلىققا ئاپىرىپ ئىشقا سالىتتى.

سۇئال: كونكىرىتنى كۆرگەنلىرىڭىزنى سۆزلەپ باقسىڭىز؟

جاۋاپ: ھازىر 15 كۈندەك بولدى، بىرنەچچەيلەن ئۆيدە بار ئىدۇق، كۈندۈزى پىشىن ۋاقتى بىلەن ئەزىمەتجان ئىككى سىڭلىسىنى سەيناغا باشلاپ كىرىپتۇ، ئەزىمەتجان: «بىزگە نان بىرىڭ، سۇ بىرىڭ، قورسۇغۇم ئېچىپ كەتتى، ئۇسساپ كەتتىم، كۈزلەك (يەر نامى، قاراقۇم كەنتىنىڭ ئايىغى) كە كېۋەز تەرگىلى ئاتام- ئاپام بىلەن بارغان، نان بەرمىدى» دىگەن گەپنى قىلدى، يۈزىگە قارىساق ئاز- تولا يېغىر تۇرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن نان، سۇ ئەچىقىپ بەردىم، چىقىپ كەتتى. بۇ يىل 2- ئاينىڭ 23- كۈنى (جۈمە) مەن يولدۇشۇم بىلەن ئىككىمىز موتودا توقسۇ ناھىيە بازىرىدىن ئۆيىمىزگە قاراپ كېتىۋاتساق ئەزىمەتجان يولدا باشقا بالىلار بىلەن ئويناۋېتىپتۇ، قارىساق يۈزى بەك يېغىر تۇرىدۇ، ئاتا- ئانىسى ئۇرغان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ ئۆيگە كەتتۇق. شۇ كۈنى كەچ نامازشام بىلەن ئۆيدە ئوليۇرساق ئەزىمەتجاننىڭ ئاپىسى ئايشەم ھىمىت دەرۋازىنى ئۇردى، چىقسام ئەزىمەتجان كىردىمۇ، دىدى؛ مەن ياق، دىدىم؛ چىقىپ كەتتى، ئەتىسى 3- شودۇينىڭ شودۈيجاڭى ئوسمان ساۋۇر: «ئەزىمەتجان ئاخشام بىزنىڭ ئۆيگە كىرىپتىكەن، ئاتىسى ئۇرۇپ كەتمىسۇن، دەپ ئەزىمەتجاننى ئۆيىنىڭ ئالدىغا ئەكىلىپ قويغانتىم، ئاتىسى چىقىپ، تىپىپ، ئۇرۇپ كەتتى، ئۇرماڭلا دىسەم ئۇنىماي، بالىنى سىلكىشلەپ ئەكىرىپ كەتكەن» دىگەن گەپنى ئاڭلىدىم.

سۇئال: يەنىچۇ؟

جاۋاپ: ئەزىمەتجان بۇ ئۆيگە كەلگەندىن تارتىپ خوۋلۇق كۆرۈپ باقمىدى، بىر تام- قوشنا بولغاچقا بەزىدە كەچ ۋاقىتلىرى ئۇلارنىڭ ئەزىمەتجاننى «ۋۇي ساخلاندى، يىگەن ئېشىڭنى تۆلەپ بولالمايسەن، ئىتنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن، چوشقىنىڭ قورسىقىدىن چۈشكەن، ھاراملىق............» دىگەن ئەپسانە، سەت گەپ بىلەن تىللىغان ئاۋازنى ئاڭلاپ قالىمىز، بەزىدە ئەزىمەتجاننىڭ چىرقىراپ يىغلىغان ئاۋازىنى، ئۇلارنىڭ ئەزىمەتجاننى ئۇرغاندا «پاڭ- پۇڭ» قىلغان ئاۋازنى ئىلگىرى دايىم ئاڭلاپ قالىمىز.

سۇئال: بۇ قېتىمقى ئەزىمەتجاننى باغلاپ قويغان جەرياننى سۆزلەپ بېقىڭ؟

جاۋاپ: بۈگۈن ئەتىگەن ئوسمان ساۋۇر بىلەن مېنىڭ يولدۇشۇم يولدا پارڭلىشىپ تۇرسا بىزنىڭ مەھەللىلىك تاھىر ھىمىت ئۇلارنىڭ يېنىغا كېلىپ: «توختى ناسىر بالىسىنى سىمدا باغلاپ قويۇپتۇ، ئېغىلغىمۇ سولاپ قويىدىكەن، خالتىنىڭ ئۈستىدە نەچچە ئاخشام ئېغىلدا يېتىپتۇ» دىگەن گەپنى قىپتۇ، شۇنىڭ بىلەن 5- 6 دەك ئادەم توختى ناسىرنىڭ دەرۋازىسىغا كېلىپ قارىسا دەرۋازا تاقاقكەن، شۇنىڭ بىلەن بىزنىڭ سەينا (ھويلا) دىن شۇتا قويۇپ، ئۆگزە ئارقىلىق سەيناغا كىرگەندە بالىنىڭ زەنجىردە باغلاقلىقلىغىنى كۆرۈپ، باشقىلارغا دىگەندىن كېيىن باشقىلار توختى ناسىرنىڭ دەرۋازا قۇلۇپىنى چېقىپ، ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ساقچىخانىغا مەلۇم قىپتۇ. بۇ ئىشتىن قاراقۇرۇم كەنتىدىكى توختى ناسىرنىڭ خۇلۇم- قوشنىلىرى قاتتىق غەزەپلىنىپ كىتىپ، توختى ناسىرنى ئۇرۇپ كەتتى.

سۇئال: ئەزىمەتجاننى نەچچە كۈن باغلاپ قويۇپتۇ؟

جاۋاپ: ئەزىمەتجاندىن ئاچام سوراپتىكەن، باغلاپ قويغىلى 3 كۈن بولدى دەپتۇ، كېچىسى ئېغىلغىمۇ ياتقۇزۇپ قويغانلىقىنى دەپتۇ.

......................................................

رازۋىتچىكلار زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ئەزىمەتجاندىن قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە گەپ سورىغان بولۇپ، ئۇنىڭ بىر قىسىم بايانلىرىنى ئوقۇرمەنلەرگە سۇنىمىز:

ئۈچ كۈننىڭ ئالدىدا قوشنىمىز ھىمىت باقىنىڭ ئۆيىگە چىقسام مېنى بېقىۋالغان ئاتام توختى ناسىر مېنى: «نىمىشقا ئۇ يەرگە چىقىسەن» دەپ ياندۇرۇپ ئەچىقتى، ئاندىن سول كۆزۈمگە تەپتى، ئاغزىمغىمۇ تەپتى، يەنە ئۇزۇن تومپاي كالتەك بىلەن دۈمبەمگە ئۇردى، يەنە ئۇدۇل كەلگەن يەرگە ئۇرىۋەردى، مېنى ئۇرۇپ بولغاندىن كېيىن مېنى خېچىر سولايدىغان ئېغىلغا خېچىر بىلەن بىرگە سولاپ قويدى، مەن ئېغىلدا خاشو ئۈستىدە ئۇخلۇدۇم، ئېغىلدا خېچىرمۇ بار ئىدى. ئەتىسى سەيناغا ئەچىقىپ، سەينادىكى تۈۋرۈككە باغلاپ قويدى، زەنجىر بىلەن باغلىغاندا تۆمۈر زەنجىرنى بەدىنىمدىن يۆگەپ، قورسۇقۇمدىن ئارتىلدۇرۇپ، قۇلۇپ سېلىپ قويدى. ئاندىن داسقا كېۋەز غوزىسى تۆكۈپ: «چۆلەپ چىقار» دىدى. مەن چۆلىمىدىم، يەيدىغان نەرسە بەرمىدى، مېنى شۇ تۈۋرۈككە ئۇدا 3 كۈن (ئىزاھ: دىلو پاكىتىدىن قارىغاندا باغلاپ قويغان ۋاقتى 2 كۈن) باغلاپ قويدى، كەچ ۋاقتى ئۆيگە ئەكىرىپ كەتتى. تۈنۈگۈن قوشنىمىز غېنى ئەبەي مېنى كۆرۈپ قېلىپ، دەرۋازىنىڭ قۇلپىسىنى چېقىپ، مېنى قۇتۇلدۇرۇپ، ساقچىنى باشلاپ ئەكەلدى.

سۇئال: توختى ناسىر سىزنى دەسلەپتە بېقىۋالغان ۋاقىتلاردىمۇ دايىم ئۇرامتى؟

جاۋاپ: ئىلگىرى دايىم ئۇرىتتى، كالتەك بىلەن ئۇرىتتى، قورسۇقۇم تويغۇدەك نەرسە بەرمەيتتى، دايىم ئېتىزلىققا ئەچىقىپ كېۋەز ئوتاش، غوزا چۆلەش، ئوت ئېلىش قاتارلىق ئىشلارغا سالىتتى، قورسۇقۇم ئېچىپ كەتسە قوشنىلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ نان ئېلىپ يەيتتىم ........

يۇقارقى بايانلار دىلودىكى بىر قىسىم گۇۋاھچىلار ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ بايانلىرى. دىمەك يۇقارقى بايانلاردىن دىلونىڭ بىر قىسىم پاكىتلىرى، بولۇپمۇ جاۋاپكارنىڭ ئىنسانى ھىسسىياتتىن چەتنىگەن روھى- دۇنياسىنى يەنىمۇ چۇڭقۇرلىغان ھالدا چۈشىنىۋالالايمىز.

بۇ ئەسەر ئاياقلىشاي دەپ قالدى، مەن قۇرۇق قىستۇرمىلارنىڭ ئاۋۇپ، ئوقۇرمەنلەرنىڭ زىرىكىپ قېلىشىنى خالىمىغانسىرى جاۋاپكارنىڭ ج خ ئىدارىسىدىكى رازۋىتچىكلارغا بەرگەن سوراق خاتىرىسىنىڭ بەزى جايلىرىنى قىستۇرۇپ قويغۇم كېلىۋاتىدۇ، چۈنكى ئادەم ئادەم تۇرۇپ، ئادەمگە ئادەمدەك مۇئامىلە قىلمايدىغان بىر قىسىم ئادەملەرگە ئادەملىك تەربىيىسى بىرىپ قالسا ئەجەپ ئەمەس، دىگەن ئۈمۈتتە بۇ قىستۇرمىنى دىلو قۇرلىرىدىن ئەينەن كۈچۈرۈپ ئالدىم:

سۇئال: ئەزىمەتجاننى باغلاپ قويغىلى قانچە ئۇزۇن بولدى؟

جاۋاپ: 2007- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى ئەتىگەن سائەت سەككىز يېرىم بىلەن بۈگۈن باغلاپ قويغان يەرگە زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇپ، كەچ سائەت ئالتە يېرىم بىلەن ئاجرىتىپ قويۇپ، بۈگۈن يەنە ئەتىگەن سائەت 8 بىلەن باغلاپ قويۇپ، يۇلتۇزباغ بازىرىغا سەي ساتقىلى كەتتىم، ساقچىلار كېلىپ، ئەزىمەتنى ئاجرىتىپ قويۇپتۇ.

سۇئال: سەن ئەزىمەتجاننى باغلاپ قويغاندىن كېيىن تاماق بەردىڭمۇ؟

جاۋاپ: تۈنۈگۈن باغلاپ قويغاندا بىر يېرىم نان بەرگەن، بۈگۈن يەيدىغان نەرسە بەرمىدىم.

سۇئال: سەن ئەزىمەتجاننى باغلاپ قويغاندىن كېيىن يەنە ئۇنى ئىش قىلىشقا بۇيرۇدۇڭمۇ؟

جاۋاپ: مەن ئۇنى باغلاپ قويۇپ، يوغان داسقا كېۋەز غوزىسىنى ئەكىلىپ قويۇپ، چۆلەشكە بەردىم.

...............................

سۇئال: سەن ئەزىمەتجاننى ئۇردۇڭمۇ؟

جاۋاپ: مەن ئۇنى شاپلاق، مۇشت بىلەن ئالدىمىزدىكى ئازنا كۈنى (ئۆتۈپ كەتكەن ئازنا كۈنى دىمەكچى بولسا كېرەك) ئۇردۇم.

سۇئال: ئەزىمەتجاننىڭ يۈزىدىكى جاراھەت قانداق پەيدا بولدى؟

    جاۋاپ: مەن ئۇرغاندىن كېيىن پەيدا بولغان.

    .........................................

  توختى ناسىر جاۋاپكار بولۇپ سوتقا تارتىلغاندا ئۆزىنى خېلى پەردازلاپ ئاقلىدى، ئۇ ئىلگىرىكى سوراقتا قىلغان بايانلىرىدىن يېنىپ: «مەن ئەزىمەتجاننى مۇشت بىلەن ئۇرمۇدۇم، سۆڭگۈچىگە تەپمىدىم» دىدى، بۇ ئۇنىڭ ئاقلاش سۆزى ئىدى، يەنە ئاخىرىدا سوتتىن كەڭچىلىك بىلەن بىر تەرەپ قىلىشنى تەلەپ قىلدى. ئۇنىڭ ئاقلىغۇچىسى: «جاۋاپكارنىڭ بالىسى ئەزىمەتجاننى باغلاپ قويغانلىقى ئاتىنىڭ بالىغا قىلغان تەنبىھى بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ خورلىغانلىق بولمايدۇ، بالىسىنى قورقۇتۇپ قويۇش ئۈچۈن شۇنداق قىلغان، ئۇنىڭ قىلمىشى قەبىھ ئەمەس، ۋاستىسى ۋەھشى ئەمەس، ئاقىۋىتى ئېغىر ئەمەس، بۇ ئاتىنىڭ بالىغا قارىتا تەربىيىنى ئاشۇرىۋەتكەنلىك بولۇپ، بۇ ھەرگىزمۇ جىنايەت ھىساپلانمايدۇ» دىگەن مەزمۇندا جاۋاپكارنى ئاقلىدى، توقسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋاپكارنىڭ ئۆزىنى ئاقلىغان سۆزىنى ۋە ئاقلىغۇچىنىڭ يۇقارقى ئاقلاش سۆزىنى قوبۇل قىلمىدى. چۈنكى ئېلىمىز «جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ خورلاش جىنايىتىگە بەرگەن تەبىرىدە: «خورلاش جىنايىتى دائىم ئۇرۇش، تىللاش، سوغوقتا توڭلىتىش، ئاچ قويۇش، ھەددىدىن ئارتۇق جىسمانى ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلاش ياكى كېسەل بولسا داۋالاتماسلىق قاتارلىق ئۇسۇللار بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنى جىسمانى، روھى جەھەتتە ئازاپلاش، نابۇت قىلىش قىلمىشى قەبىھ بولغان ھەرىكەتنى كۆرسۈتىدۇ، بۇ جىنايەتنىڭ دەخلى- تەرۇز قىلىش ئوبىكتى __ ئائىلە ئەزالىرى ئوتتۇرىسىدىكى باراۋەرلىك ھوقۇقى ۋە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىنىڭ جىسمانى ھوقۇقى» دىيىلگەن. يۇقارقى تەبىرنى دىلو پاكىتىغا سېلىشتۇرۇپ كۆرىدىغان بولساق جاۋاپكار توختى ناسىر ئەزىمەتجاننى دائىم ئۇرۇش، تىللاش، ئاچ قويۇش، ئەمدىلا ئالتە ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان كىچىككىنە نارىسىدە بالىنى ھەددىدىن ئارتۇق ئەمگەك قىلىشقا مەجبۇرلاش، ھەتتا ئۇنىڭ جىسمانى ئەركىنلىكىنى بۇغۇپ، تۆمۈر زەنجىر بىلەن تۈۋرۈككە باغلاپ قويۇش قاتارلىق قانۇن چەكلىگەن قانۇنسىز ھەركەتلەردە بولۇپ، ئېلىمىز «جىنايى ئىشلار قانۇنى» دا رەسمى جىنايەت نامى قىلىپ بېكىتىلگەن ئائىلە ئەزالىرىنى خورلاش جىنايىتىنى شەكىللەندۇرگەن، ئۇنىڭ يۇقارقى قىلمىشىغا ئاساسەن توقسۇ ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسى مەزكۇرغا مۇددەتلىك 2 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. ھۆكۈم ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن جاۋاپكار ھۆكۈمگە قايىل بولماي، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىگە نارازىلىق ئەرز سۇنغان، ئاقسۇ ۋىلايەتلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى دىلوغا ئەستايىدىل قاراپ چىقىپ، نارازىلىق ئەرز بەرگۈچى توختى ناسىرنىڭ «جازا ئېغىر» دىگەن مەزمۇندىكى نارازىلىق ئەرزىنى رەت قىلىپ، ئەسلى سوت ھۆكۈمىنى كۈچكە ئىگە قىلدى..........

دىلو ئاخىرلاشتى، توختى ناسىر تۈرمىگە قامالدى، ئۇنىڭ ئۆمۈر مەنزىلىگە «جىنايەتچى» دىگەن شەپقەتسىز تامغا ئۆمۈرلۈك بېسىلدى، ئۇنىڭ ئايالى بىلەن ئىككى نەپەر نارىسىدە قىزلىرىنىڭ ئىككى يىللىق ھاياتى يۆلەنچۈكسىز قالدى. بۇ كۈتۈلمىگەن ۋەقە بۇ بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ قەلبىگە ئۆچمەس داغلارنى قالدۇردى، ئۇلارنىڭ قەلبىدىكى بۇ داغلار بەلكىم ھازىرچە يوقالماس، ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئاستا- ئاستا يوقۇلار، چۈنكى ۋاقىت ھەممىنى ئۇنتۇلدۇرىدۇ، ئەمەسمۇ. ئەمما، ئۆز ئاتا- ئانىسى تۇرۇپ، يوقسۇزلۇقنىڭ دەردىدە ئۆگەي ئاتا- ئانىغا ئۆگەي بالا بولغان ئەزىمەتجاننىڭ قەلبىدىكى داغنى ۋاقىت ئۇنتۇلدۇرالارمۇ!!!. . . . . . . .

 

 

مەنبەئە: ئىجادىيىتىم.

1

تېما

0

دوست

4425

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3746
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1003
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 20:09:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەب بىئارام بولدۇم، بەدەنلىرىمنى تىترەك بېسىپ، كۆزۈمدىن ياش چىقىپ كەتكىنىنى سەزمەي قاپتىمەن، توۋا، نېمانچە رەھىمسىزدۇ دەيمەن؟ ئىتنىڭ بالىسى، ھايۋان گۇي!
   ئەزىمەتجان قانداق بولغاندۇ؟ دېمەكچى بولغىنىم _ ئۇ بالىنى ئەمدى كىم باققاندۇ؟ شۇنى يېزىۋەتكەن بولساڭلارمۇ بوپتىكەن...
قۇتلان تېلفۇنلىرى

0

تېما

0

دوست

95

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   31.67%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5013
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 25
تۆھپە : 15
توردىكى ۋاقتى: 7
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-5
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 21:15:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
اللاھنىڭ ئىمانلىق بەندىسىمۇ شۇنداق بولامۇ؟؟؟ئەزىمەتجان نەدە قالغاندۇ؟

0

تېما

0

دوست

85

جۇغلانما

يىڭى ئەزا

ئۆسۈش   28.33%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2112
يازما سانى: 17
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 85
تۆھپە : 51
توردىكى ۋاقتى: 100
سائەت
ئاخىرقى: 2011-12-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 21:32:54 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىچىككىنە تۇرۇپ ئۆز ئاتا -ئانىسىنىڭ مېھرى-مۇھەببىتىگە،قوغدىشىغا ئېرىشەلمىگەننى ئاز دەپ،ئاشۇ ئۆزلىرىنى دەڭسىيەلمەي ئۆي تۇتۇشۇپ بالىلىق بولۇپ،بىر-بىرىگىلا  ئەمەس نارەسىدە باللىرىغىمۇ مەسئۇل بولالماي ،بالىلىرىنى يىتىملىك كوچىسىغا تاشلىغان ھەتتا ئاشۇ كىچىككىنەجان ئىگىسىنىڭ يات كىشىلەر ئالدىدا خار ۋە زەبۇن بولۇپ ئاچ-توق قېلىشىغا ،تاياق-توقماق يېيىشىگە سەۋەپچى بولغان ئاۋۇ ھايۋانلارچىلىكمۇ بولالمىغان( ھايۋان  دەي دىسەم ھايۋانلارغا ئوۋال بوپ قالغىدەك!ھايۋان جېنىدا بالىسىنى قوغدىيالايدۇ)مەئۇلىيەتسىز ئاتا-ئانىغا ۋە ۋۇجۇدىدا قىلچىلىك ئنساپ-رەھىم بولمىغان ،ئادىمىلىك سۈپىتىدىن ئايرىلغان مونۇ  مەلئۇن ئەر بىلەن يالماۋۇز خوتۇنغا  چەكسىز غەزەپ-نەپرىتىمنى قەتئى بېسىۋالالمىدىم!چۆچەكلەردىكى يالماۋۇزمۇ بۇلاردەك ۋەھشى ئەمەستۇ؟
 يەنە تېخى ئاران ئىككى يىل كېسىلگىنى نىمىسى؟مەنچە بولسا بۇنداق ئىنسان قېلىپىدىن چىققان ياۋۇز مەخلۇقنى ئۆزى تاپقان ئامال بىلەن تۆمۈر زەنجىردە زەنجىرلەپ،ئالدىغا ئىتنىڭ تاۋىقىنى قويۇپ ،ئىت يېمى بىلەن غىزالاندۇرۇپ،ئىتنىڭ كۈنىنى كۆرسەتسە،ئۆتكەن-كەچكەنلەر چالما-كېسەك قىلىپ ئۆ تسە تازا ياخشى بولاتتى!لەنەت  سەندەك ئادەمسىمان مەخلۇقلارغا!
ئېسىت بىچارە بالا ! كىچىككىنە تۇرۇپ كۆرگەن كۈنلىرىڭگە، يىگەن تاياقلىرىڭغا ئىچىم  ئېچىشىپ كەتتىغۇ؟! 6ياش ..تېخى ئاناڭ قۇچىقىدا ئىللىق پەپىلىندىغان ۋاقىتلىرىڭ ئىدىغۇ  سېنىڭ ؟ياتلار قولىدا بۇنچە خارلانغىنىڭنى بىلسە سېنىڭ مۇشۇ كۈنلىرىڭنىڭ سەۋەپچىسى بولمىش ئاتا-ئاناڭنىڭمۇ  ئىچى مەندەك ئاچچىق بولارمۇ؟ياكى  ....؟

7

تېما

0

دوست

5765

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   15.3%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2127
يازما سانى: 288
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1316
تۆھپە : 869
توردىكى ۋاقتى: 180
سائەت
ئاخىرقى: 2014-1-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 21:54:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇردىن كۇپارلار كۆپلەپ چىقىۋاتىدۇ دىسە،زامان رەپتارى بۇزۇقمۇ ياكى ئادەملەرنىڭ رەپتارى ئەسلى بۇزۇقمۇ؟ ھېلىمۇ ئىسلام بىزگىچە كەپتىكەن،بولمىغاندا دۇنياۋى ئىپلاس خەلق بىز بوپ قالارمىزمىكىن دەپ قالدىم ...

1

تېما

0

دوست

4425

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   80.83%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3746
يازما سانى: 215
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1003
تۆھپە : 668
توردىكى ۋاقتى: 337
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-14
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-16 23:11:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايامدىن بېرى بالامغا قاراپ ئولتۇرۇپ مۇشۇ ئىش ئېسىمگە كېلىپ ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ يەنە بۇ تېمىغا كىرىپ باقتىم، 7 ياشقا كىرىپ قالغان ئوغلۇم ئۆزىنىڭ تامىقىنىمۇ يېگىلى ئۇنىماي، بىز يېگۈزۈپ قويىمىز، بۇ يېشىدا ئەسلىدە ئاتا-ئانىسىغا ئەركىلەپ، ئويناپ، مەكتەپ بوسۇغىسىغا يېڭىدىن قەدەم قويىدىغان ۋاقىتلىرى تۇرسا، بىچارە بالىنىڭ كۆرگەن كۈنى ئىتنىڭ كۈنىدىنمۇ تەسكەن...
   بۇ بالىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى قانداق بولغاندۇ؟ تېما ئىگىسى مۇشۇ ھەقتە ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىسىڭىز بولاتتى...

پەرۋايىم پەلەك

50

تېما

19

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   50.28%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1208
يازما سانى: 897
نادىر تېمىسى: 18
مۇنبەر پۇلى: 7496
تۆھپە : 4075
توردىكى ۋاقتى: 3145
سائەت
ئاخىرقى: 2014-3-20

نادىر يازما چولپىنى پىداكار ئەزا ئۈمۈرلۈك شەرەپ مۇكاپاتى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 10:04:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر قانچە يىللار ئىلگىرى ''شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتى''دىن ئۆزىنىڭ نارىسىدە  قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان بىر مەلئۇن ئۇيغۇرنىڭ قىلمىشلىرى پاش قىلىنغان بىر ماقالىنى كۆرگەنىدىم.ئۇيغۇرزۇۋان قەلىمىدىكى بالىنى باغلاپ قويغان بۇ ئۇيغۇرنى ئۆزىنىڭ  قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئۇيغۇردىن سەل ئىنساپلىقراقكەن،دەپ ئويلاپ قالدىم.

25

تېما

0

دوست

6585

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.7%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1327
يازما سانى: 267
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1635
تۆھپە : 922
توردىكى ۋاقتى: 262
سائەت
ئاخىرقى: 2013-11-1
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-17 11:26:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چىشلىرىم  كىرىشىپ ، مۇشلىرىم  تۈگۈلۈپ  كەتتى.... ... مۇش پەشۋانىڭ قانداق  بولىدىغانلىقىنى  پەيدا  بولغان  غەزىپىم   بىلەن  ئۇ دەلدۇشكە كۆرسۈتۈپ  قويغۇم  كەپ  كەتتى .  ئەي نائەھلى  .. كۆرىدىغان كۇنلىرىڭ  ئالدىڭدا....
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )