- تىزىملاتقان
- 2016-4-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2016-9-25
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 1374
- نادىر
- 1
- يازما
- 77
ئۆسۈش
37.4%
|
«باغداش مۇنبىرى» نىڭ ھۆرمەتلىك رەھبەرلىرى، باشقۇرغۇچى خادىملىرى ۋە بارلىق ئەزالار ئالدى بىلەن روزى ھېيتىڭلارنىڭ خۇشاللىقتا تىنىچ -ئامان ئۆتكەنلىىكىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن !
«باغداش مۇنبىرى» قۇرۇلغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە بىزلەر كىم «باغداش ئەزالىرى» غا ئەتراپلىق ئۇنۋىرسال بىلىم .... بېرىپ كىلۋاتقان ئۇيغۇر مۇنبەرچىلىكىمىزنىڭ گۈل تاجى بولۇش سۈپىتى بىلەن ھازىرقى كۈنلىرىمىزدە ئىنتايىن ئاز ساندىكى ساناقلىق مۇنبەرلەرنىڭ بىرى بولۇپ قالدى! مۇنبەرنىڭ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن بىز ئەزالار «باغداش» تىن نۇرغۇن بىلىمگە ئېرىشىپ كىلىۋاتىمىز...!
مەقسەت :
تۈنۈگۈن روزى ھېيىت كۈنىدىكى پائالىيەتلىرىمنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بالدۇرلا ئارام ئالغان ئىدىم ... لېكىن كەچ ساائەت 11دە ئۇيقۇم قېچىپ ، <<باغداش مۇنبىرى >> نى ئاچسام قەتتى ئېچىلمىدى، قايتا -قايتا كىرسەممۇ ئېچىلمىدى! بۈگۈن سەھەر سائەت 6 دىن باشلاپ 8 گىچە يەنە ئېچىلمىدى ...! تېخىمۇ بەك ئەنسىرەشكە باشلىدىم ...«باغداش مۇنبىرى» گە نىمە ئىش بولغاندۇ ....؟ دەپ، كۆڭلۈم بەكمۇ يېرىم بولدى ! بۇ ۋاقىتتىكى ھېسياتىم خۇددى ئارزۇلۇق ئوغلۇمنى يۈتتۈرۈپ-يوقۇتۇپ قويغاندەك ھېسىياتقا تامامەن ئوخشاش ساراسىمگە چۈشتۈم .... «باغداش مۇنبىرى» دىكى ئۇزۇن يىللاردىن بىرى توپلانغان نۇرغۇنلىغان ئىسىل تىمىلار ۋە ئۇنۋېرسال بىلىملەرنى ئەمدى كۆرەلمەسمەنمۇ ..."دىگەن تۇيغۇنى سەزگەندەك بولۇپ ،ناھايتى ئازاپلاندىم !!! قولۇم پەقەت ئىشقا بارمىدى ...! قەلبىمنى بىر قارا بۇلۇت توسىۋالغاندەك بولۇپ ھەتتا ئەتىگەندىكى ناشتىلىققىمۇ كۆڭلۈم تارتمىدى ...!خۇشاللىنارلىقى سائەت 9 دا باغداش نورمال ئېچىلدى !!! خۇشاللىقىمدىن قەلبىم لەرزىگە كىلىپ، ئالەمچە سۆيۈندۇم ! خۇددى ئۇزۇن يىل كۆرشەلمىگەن ئەڭ يېقىن دوستۇمنى قايتا تاپقاندەك... بولدۇم !!!
مۇنبەردىكى بارلىق ئەزالارغا مۇراجەت-تەكلىپ!
ھەر بىرىمىز «باغداش مۇنبىرى» نىڭ بىخەتەر -ئامانلىقى ،توريۈزىدە دائىم چاقناپ تۇرۇشى ئۈچۈن بۈگۈندىن باشلاپ مۇنبەردە دۆلەتنىڭ قانۇن -سىياسەتلىرى، دىن ، تارىخ ،شەخىسنىڭ قانۇنىي ھوقۇقى ... قاتارلىق سەزگۈر ،زىل ۋە موھىم تىمىلاردىكى ھەر بىر ئىنكاسىمىزغا قاتتىق دىققەت قىلىپ ، ھەر بىر سۆز-جۈملىلەرنى مېڭىمىزنى ئىشىلتىپ ئويلۇنۇپ يېزىپ ، تەپەككۈر -تەھلىل قىلىپ بولغاندىن كىيىن ئاندىن مۇنبەر يۈزىگە يوللىساق !!! دىگەن سەمىمى تەكلىپىم بار. (مۇنبەردە بەزى ۋاقىتلاردا ئىنكاس يوللىساق كۆزنەك <<ھۆججەت تەستىق >> ھالىتىدە تۇرغاندا باشقۇرغۇچىلار تەستىقلاپ مۇنبەر يۈزىگە يوللايدۇ ، لىكىن بەزى ۋاقىتتا ئىنكاسىمىزنى يوللىغان زامان بىۋاستە مۇنبەر يۈزىگە چىقىىپ كىتىدۇ ) بۇ دىققەت قىلىشىمىز ئەلۋەتتە ئۆزىمىزگىمۇ پايدىلىق ! باغداش مۇنبىرىنى ئاسرىغىنىمىز ئەمەلىيەتتە ئۆزىمىزنى قوغدىغىنىمىز بولۇپ ھىساپلىندۇ !
بۈيۈك ئەجداتلىرىمىز «ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە» ، «ئېغىز يۈگۈرۈكى ئاشقا ، پۇت يۈگۈرۈكى باشقا»، «سۆزلىرىڭ ئېغىزىڭدىكى چاغدا سەن باشقۇرسەن ، ئېغىزىڭدىن چىقىپ كەتسە سېنى باشقۇرىدۇ »... دەپ نۇرغۇنلىغان ھىكمەتلىك ۋە ئىبرەتلىك ماقال -تەمسىللەرنى بىز ئەۋلاتلارغا قالدۇرغان!!!
قالغان كەم قالغان تەكلىپ -پىكىرلەرنى ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى رەھبەرلەر ، خادىملارۋە ئەزالارنىڭ ئەستايىدىل - ئىلمىي ھالدا بىرىشىنى سەمىمى ئۈمىد قىلىمەن !
دەپ: ئادىل سۇلتان
2016-يىلى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشيىن بۇرۇن سائەت 10:30 دا يېزىلدى
|
|