- تىزىملاتقان
- 2011-12-22
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 557
- نادىر
- 0
- يازما
- 33
ئۆسۈش
11.4%
|
بۇ مەزمۇن 28قەۋەتتىكى sarsan88دە2011-12-23 01:13يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
ھوي : بۇرادەر : ئاخسار : نىمە گەپ قىلمىسا گەپ قىللا دەيمەن ،،،،، ھۇررا كۇلۇبىنىڭ نىمىسى سىلى ؟
تەكلىپ قىلىپ دەپ بەك خەلقئارالىق پاراڭدىن بىرنى سېلىپلا ؟ ھەرقايسىلىرى كەلمەملا ماندا بىزدىن نوچاڭ بارمىتى دەپ جەڭ ئېلان قىلىپ ؛
ھە قايسىلىرىنى بىلىمىز جۇما ؟ چوڭراق مۇسابىقە بولسا ئەسلى ھۇررانىڭ باللىرىدىن جىق بولسا 2 سى چۈشە مەيدانغا قالغىنى ھەممىسى كەسپىي باللار ،چۈنكى ئۈرۈمچىدە جىق ئەمەسمۇ پوتبول كەسپىدە توپا بېسىپ قالغان بالىلار ،،،،،،،
.......
يائاللا بۇرادەر . مەن ھىچقانداق قانۇنغا ياكى شەرىئەتكە خىلاپ گەپ قىلمىغان . پەقەت شۇ ھۇررا كۇلۇبىمىزنى تەكلىپ قىلىپ مۇسابىقە ئويناپ تەجرىبە ئالماشتۇرۇشنى دېدىم . گەپنىڭ ئۇرامى ياكى تەلەپپۇزىدىن ھىچقانداق غەيرى مەقسىتىم يوقتى . مەنمۇ سىلىدەك تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرۈپ باقاي :
1.نىمە گەپ قىلمىسا گەپ قىللا دەيمەن دەپسىز . ھىچكىم سىلىنى گەپ قىلمىسىلا دېمىدى
2.ھۇررا كۇلۇبىنىڭ نىمىسى سىلى دەپسىز . پۈتۈن ئۇيغۇر ئۈچۈن ھۇررا مارشىنى كۈيلەۋاتقان ھۇررا كۇلۇبىنىڭ مەستانىسمەن !
3.تەكلىپ قىلىپ دەپ بەك خەلقئارالىق پاراڭدىن بىرنى سېلىپلا دەپسىز . مىللىتىمىزدە ئۆزئارا تەكلىپ دىگەن ئاتالغۇ باردەك قىلغان . سىلىچە خەلقئارالىق پاراڭنى كىم سالسا توغرا بولىدۇ ؟ باجنى قوقماي تۆلەپ ياشاۋاتقاندىكى خەلقئارالىق پاراڭ سالامدىم سالمامدىم بۇ ئىشقا ئاچىراقلىرىنى كېرىۋالمىسىلا . يىرتىلىپ كەتسە ئۆزلىرىنىڭ ئىشى .
4. ھەرقايسىلىرى كەلمەملا ماندا بىزدىن نوچاڭ بارمىتى دەپ جەڭ ئېلان قىلىپ دەپسىز. جەڭ ئېلان قىلىپ ئۇرۇش قىلغىلى بارمايمىز ،مىھماندوست قۇمۇل خەلقىگە ئۇرۈمچى خەلقىنىڭ سالىمىنى يەتكۈزگىلى ،دوستلۇق ئۇرۇقى چاچقۇلى ، پۇتبول مەشئەللىرىنى ياندۇرغىلى بارىمىز .
5.ھە قايسىلىرىنى بىلىمىز جۇما دەپسىز ، يەنە نېمىنى بىلىسىز دەپ بېقىڭ ئاڭلاپ باقاي ، بەك بىلەرمەن ئوخشايسىز قارىغاندا .
6.ھۇررانىڭ باللىرىدىن جىق بولسا 2 سى چۈشە مەيدانغا قالغىنى ھەممىسى كەسپىي باللار دەپسىز . ھۇررا كۇلۇبى شۇنىڭغا ئوخشاش كۆمۈلۈپ قېلىۋاتقان ئېسىل توپچىلارنى تاللاپ چىقىرىۋاتىدۇ . ئۆزلىرى ئىلتىماس قىلىپ كۇلۇبقا قاتناشقان توپچىلارمۇ نۇرغۇن . ھەركىم ئۆزىنىڭ قىزىقىشى بويىچە ياشايدۇ . ھۇررا كۇلۇبى ھازىرغىچە كۇلۇب ئەزاسىدىن باشقا ھىچكىمنى مۇسابىقىگە سېلىپ باقمىدى . ئىچكىرىدە توپ ئويناۋاتقان داڭلىق توپچىلىرىمىزمۇ ئىلگىرى ھۇررا كۇلۇبىنىڭ ئەزاسى ئىدى . سىلىدىن سوراپ باقاي ، كەسپى توپبولچى دىگەن قانداق چۈشەنسەم بولار ؟ 16يىل توپ ئويناپ چۈشىنەلمىگەنتىم ،بىلەرمەن بولغاندىكى چۈشەندۈرۈپ قويسىلا .
7.سىلى ھۇرراغا ۋەكىل ئەمەس پەكىل بولالمايسىلە دەپسىز . مەن ھۇررا كۇلۇبىنىڭ ۋەكىلى ئەمەس ھەم ھۇررا كۇلۇبى ئۈچۈن سۆزلەش مەجبۇريىتىممۇ يوق . پەكىل دىگەن ئاتالغۇنى سىلىگە قايسى نەسلى قۇرغۇر مۇئەللىم ئۆگەتتىكىن . ئاشۇ مۇئەللىمگە يەتكۈزۈپ قويسىلا ئويغۇر خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ۋە فولىكلور ئەدەبىياتىدا پەكىل دىگەن سۆز يوق . بەلكىم سىلىدەك ئۇيغۇر تىلىدا ئىنجىقلاپ سۆزلەيدىغان باشقا مىللەت كىشىلىرىدە مۇشۇنداق سۆز بولسا كىرەك .
8.گەپنىڭ سېسىقىغا ئابدانلا كۆمۈلۈپ قالاتتىڭلا دەپسىز .مەن سىز سېسىق گەپ قىلغۇدەك سىزگە نىمە دېدىم ؟ سېسىق گەپنى سىزگە 40 بابلىق كىتاپ قىلىپ 4 مەۋسۇم دەرس قىلىپ ئۆتكۈچىلىكىم بارتى لېكىن سىزدەك ئادەمگە ئۆزىمىزنى ئۇپراتساق ئىنتايىن ئەخمىقانىلىق بولىدۇ دەپ قارايمەن .
9.قايسىڭ ھۇررا ياكى ھۇررانىڭ ؟؟؟؟؟؟؟؟دەپسىز . مانا مەن ھۇررا ! مانا مەن ئۇيغۇر ئۈچۈن ھۇررا توۋلاۋاتقان ھۇررانىڭ بىر قوللىغۇچىسى ، سىز بەك نوچى ئوخشايسىز ، ناشتىلىقىڭىزغا بۆرە پودىقىدىن كاپ ئېتىپ يەيدىغان ئوخشايسىز . شىڭشىڭشيا دىن ئۇ تەرەپكە ئۆتۈپ خەخنى بىر مۇش سالالىغان بولسىڭىز نوچى سانىلاتتىڭىز ئەپەندىم . . .
گېپىم تۈگىدى .. توۋا .. ھەر ئادەملەر باردە ئەتراپىمىزدا...... |
|