قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 1303|ئىنكاس: 1

قۇمۇل ۋاڭلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

87

تېما

0

دوست

2459

جۇغلانما

تەكلىپلىك ئەزا

ئۆسۈش   100%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  2
يازما سانى: 96
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 557
تۆھپە : 283
توردىكى ۋاقتى: 335
سائەت
ئاخىرقى: 2013-2-27
يوللىغان ۋاقتى 2010-12-29 03:23:14 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
               قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ ئۇزاق ئەجدادى تۇغلۇق تۆمۈرخانغا باغلىنىدۇ . تارىخ 17 - ئەسىرگە قەدەم قويغاندا ئاقسۆڭەكلىرى باش كۆتۈرۈپ چىقىپ ، 1644 - يىلى پۈتكۈل جوڭگونى ئۆزلىرىگە قارىتىدۇ . مانجۇ ئىستىبداتلىرى خەنزۇ مىللىتىدىكى ھۆكۈمرانلار بىلەن بىرلىشىپ ، ھەر مىللەت خەلقى ئۈستىدىن دەھشەتلىك ئېكىسپالاتاتسىيە ۋە مىللىي زۇلۇم يۈرگۈزىدۇ . بۇ دەل شىنجاڭنىڭ شىمالىدىكى جۇڭغارىيەدە تۈبۈتلەر كونتروللىقىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرى خانىدانلىقى ، جەنۇبىي شىنجاڭدا سەئىدىيە سۇلالىسى ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىت ئىدى . سەئىدىيە خانلىقى جەنۇبىي شىنجاڭدا ھاكىمىيەت يۈرەۈزىۋاتقان مەزگىلدىن باشلاپ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىنىڭ كۆپ قېتىملىق ئىسيانلىرىغا تاقابىل تۇرۇپ خەلقنى ئەمىن ئېتىدۇ . 1605 يىلى سەئىدىيە خانلىقىنىڭ 4 - سۇلتانى  مۇھەممەتخان ( خاقانى ئەزىم ) خان نەسەبىدىن بولغان مۇھەممەت شاھىبەگنى قۇمۇلغا ۋالىي قىلىپ بەلگىلەيدۇ . بۇ يىللاردا جۇڭغارلار قۇمۇلغا پات - پات ھۇجۇم قىلىپ تۇراتتى . مۇھەممەتشاھىبەگ جۇڭغارلارنىڭ بىر قېتىملىق كەڭ كۆلەملىك ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ ، ئۇرۇشتا نۇسرەت قازىنىدۇ ، لېكىم مۇھەممەت  شاھبەگ بۇ ئۇرۇشتا ئۆزىنىڭ سول قولىدىن  ئايرىلىپ قالىدۇ . بۇ ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن تۆھپىسى ئۈچۈن مۇھەممەت شاھبەگ مۇھەممەت غازى تارخانبەگ ئۇنۋانىغا ئېرىشىدۇ . مۇھەممەت شاھ غازىبەگ ۋاپاتىدىن كېيىن ئۇنىڭ تارخانبەگلىك ئورنى ئوغلى ئەبەيدۇللدغا قالىدۇ . دېمەك ئەبەيدۇللا تارخانبەگ ئاتىسى مۇھەممەت شاھ غازىبەگ ئورنىغا تۇنجى بولۇپ قۇمۇلغا تارخانبەگ بولىدۇ .
            ئەبەيدۇللا تارخانبەگ . بىرىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەبەيدۇللا 1696 - يىلى جۇڭغارلار ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇپ چىڭ سۇلالىسىگە قارايدۇ . 1897 - يىلى ئەبەيدۇللا چوڭ ئوغلى چوڭ گۇپا (ۋاپا) بەگنى بارىكۆلگە ئەۋەتىپ ، جۇڭغارلارنىڭ قۇمۇلدىكى ۋەكىلى غالداننىڭ ئوغلى ۋە ئۇنىڭ قول ئاستىدىكىلىرىنى تۇتۇپ بېيجىڭغا ياللاپ  ئاپىرىدۇ . شۇ يىلى 10 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى مۇڭغۇللارنىڭ ھاكىمىيەت تۈزۈلىشى بويىچە قۇمۇل ئۇيغۇرلىرىنى قىزىل تۇغلۇق ئۇيغۇر قوشۇنى قىلىپ ئايرىيدۇ . ئەبەيدۇللانى 1 - دەرىجىلىك جاساق قىلىپ تەيىنلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ تارخانبەگلىك نامىنى ساقلاپ قېلىپ ، جاساق مۆھۈرىنى بېرىدۇ ، جىيەكلىك قىزىل تۇغ تەقدىم قىلىدۇ . ئۇنىڭ ئوغلى گۇيا بەگنى 2- دەرىجىلىك بەگلىككە تەيىنلەيدۇ . ئۇ 200 دەك ئادىمى بىلەن تۇرىدۇ . كاڭشى خان 1706 - يىلى ئەبەيدۇللانى بېيجىڭغا چاقىرتىدۇ . ئەبەيدۇللا سەككىز ئۇيغۇرنى باشلاپ خان ئالدىغا نۇرغۇن سوۋغا - سالاملار بىلەن بارىدۇ . شۇ چاغدا تۇنجى قېتىم قۇمۇل قوغۇنى خانغا سوۋغا قىلىنىدۇ . خان بۇ توققۇز ئۇيغۇرنىڭ جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە  قارشى ئۇرۇشتا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىنى ماختاپ ئۇلارغا نۇرغۇن ئىنئاملار بېرىدۇ . خاننىڭ پەرمانى بىلەن قۇمۇلنىڭ ئۇششاق تال دېگەن يېرىدە بۇ توققۇز ئۇيغۇرنىڭ ھەيكىلىنى ياسايدۇ . شۇنىڭدىن كېيىن ھەر قايسى جايلاردىن كەلگەن ئەمەلدارلارنىڭ كىشىلەرگە ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئۆتۈشى تۈزۈم بولۇپ قالىدۇ .
            ئەبەيدۇللا بەگ شۇ قېتىم بېيجىڭدىن قايتقۇچە خەنزۇ ھۈنەرۋەنلەرنى تەكلىپ قىلىپ ، قۇمۇلدىكى جاساق ئوردىسى (كونا شەھەر ئىچىدىكى تۆۋەن ئوردا) نى سالدۇرىدۇ . ئەبەيدۇللا  بېيجىڭدىن قايتقاندىن كېيىن ، كاڭشى خان قۇمۇلدا شەھەر ئەتراپىغا سېپىل سوقۇپ ، مۇكەممەل بىر شەھەر بىنا قىلىشقا پەرمان بېرىدۇ . يەنە ئەبەيدۇللانىڭ تەلىپى بويىچە ، ئۇزۇن يىللىق ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا ئادەم سانىنىڭ ئازىيىپ كەتكەنلىكىنى نەزەردە تۇتۇپ ، شىنجاڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن ئادەم كۆچۈرۈپ كېلىشكە رۇخسەت قىلىدۇ . نەتىجىدە توقسۇن ، پىچاندىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى قارا دۆۋە ، لاپچۇقا ، ئاقسۇ ، كۇچاردىن  كۆچۈرۈلگەنلەرنى توغۇچى ، جىگدە تەرەپلەرگە ؛ قەشقەر ، خوتەن ، يەركەنلەردىن كۆچۈرۈلگەنلەرنى ئاستانە ، سۇمقاغىلارغا ئورۇنلاشتۇرىدۇ . يەنە خان ئەبەيدۇللا بەگنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن قاتناش يول ھەققىدىكى تەلىپىنى قوبۇل قىلىپ ، ئىچكىرىدىن چاقىلىققا ئۆتىدىغان يىپەك يولىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ ، قۇمۇل ئارقىلىق ئۆتىدىغان بۇرۇنقى چوڭ يولنى ئەسلىگە كەلتۈرىدۇ . قۇمۇل سودىگەرلىرىنىڭ گەنسۇ بىلەن سودا ئالاقىسى قىلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ . ئەبەيدۇللا بەگ كاڭشىنىڭ 48 - يىلى ( 1709 - يىلى ) ئالەمدىن ئۆتىدۇ .
           ئىمىن ۋاڭ . ئىككىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى 1709 - يىلى 4 - ئايدا 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، ئىككى يىل تەختتە ئولتۇرۇپ ، 1711 - يىلى ۋاپات بولغاندىن كېيىن 3- ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىمىن 1711 - يىلى دادىسى گۇپا بەگنىڭ 1 - دەرىجىلىك جاساق تارخانبەگلىكىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئۇ قۇمۇل شەھەر ئىچى ئوردا خانى مەھەللىسى (تۆۋەن ئوردا) دە ئولتۇرۇپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى يۈرگۈزىدۇ . ئىمىن ۋاڭ ھەربىي  ماھارەتتە پىشقان بولۇپ ، ئوقيا ئېتىشقا ماھىر ئىدى . ئۇنىڭ ئوقيا ئېتىپ مەشق قىلىش مەيدانى شەھەرنىڭ سىرتىدا ئون موغا يېقىن جاينى ئىگىلىگەنىدى . 1715 - جۇڭغار ئاقسكڭەكلىرىدىن  سەۋاڭ ئارابدان قۇمۇلغا قورشاپ ھۇجۇم قىلىشقا 2000 دىن ئارتۇق ئەسكەر ئەۋەتىدۇ . ئىمىن ۋاڭ ۋاڭ ئوردىسىنىڭ قوشۇنىنى باشلاپ ، چىڭ ئەسكەرلىرىنىڭ قۇمۇلدىكى مۇداپىئە قوشۇنىدىن 200 كىشىنىڭ ياردىمى بىلەن ئۇرۇشقا ئاتلىنىدۇ . ئۇرۇشتا ئىمىن ۋاڭ ئالاھىدە ماھارەت كۆرسىتىدۇ . نەتىجىدە جۇڭغار قوشۇنى مەغلۇب بولۇپ ، شەھەرنىڭ جەنۇبىي تەرىپىگە 20 چاقىرىم چېكىنىدۇ ۋە كېيىن قېچىپ كېتىدۇ . كاڭشى خان بۇ ئۇرۇشتىن كېيىن ئىمىن ۋاڭ ۋە باشقىلارنى 15 مىڭ سەرتەڭگە بىلەن مۇكاپاتلايدۇ . پۇقرالارغا ئاشلىق ، قوي ، كالا ، تۈرلۈك كېيىم - كېچەكلىك رەخت ئىنئام قىلىدۇ . 1718 - يىلى ئىمىن ۋاڭ قۇمۇلدىكى بىر كىشىنى تۇرپانغا بوز يەر ئكزلەشتۈرۈپ ، تېرىقچىلىق قىلىشقا ئەۋەتىدۇ . ئىمىن ۋاڭ چيەنلۇڭنىڭ 4 - يىلى (1740 - يىلى) 12 - ئاينىڭ 10 - كۈنى ۋاپات بولىدۇ .
يۈسۈپ ۋاڭ . تۆتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى يۈسۈپ چيەنلۇڭنىڭ 5 - يىلى ( 1740 - يىلى ) دادىسىنىڭ ئىمتىيازىغا ۋارىسلىق قىلىپ ، قۇمۇلنىڭ باسقاق بېگى بولىدۇ .1756 - يىلى تۇرپاندا جۇڭغارلار بىلەن بىرلىشىپ كۆتۈرۈلەەن ئىسياننى باستۇرۇشتا يۈسۈپ ۋاڭ خىزمەت كۆرسىتىپ خان تەرىپىدىن تارتۇقلىنىدۇ . 1758 - يىلى يەنە يۈسۈپ ۋاڭ ئۆز قوشۇنىنى باشلاپ جەنۇبىي شىنجاڭدىكى چوڭ - كىچىك خوجىلارنىڭ توپىلىڭىنى باستۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان جازا يۈرۈشكە قاتنىشىپ ، جەڭدە ماھارەت كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن گاۋزۇڭ خان تەرىپىدىن ئالاھىدە ئەمەل ئىنئام بىلەن مۇكاپاتلىنىپ ، قەشقەرنى باشقۇرۇشقا تەيىنلىنىدۇ .
          1760 - يىلى گاۋزۇڭ خان يۈسۈپ ۋاڭنى شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى 40 بەگنى باشلاپ پايتەختكە بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىشقا رۇخسەت قىلىدۇ . خان ئۇلارنى نۇرانە سارايدا قوبۇل قىلىپ خاس تون ، تەڭگىلەر بىلەن تارتۇقلايدۇ . راھەتباغدا بىرقانچە قېتىم زىياپەت بېرىدۇ . يەنە خان يۈسۈپ ۋاڭنىڭ قۇمۇلغا قايتىپ بارغاندىن كېيىن بىر يىل دەم ئېلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ . يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىنىسى ئابدۇللانى ئۈچتۇرپاننىڭ ھاكىمبەگلىكىگە تەيىنلەيدۇ .
         1766 - يىلى 500 ئائىلىك دېھقان قۇمۇلدىن ئىلىغا دېھقانچىلىق قىلىشقا كۆچۈرىلىدۇ . 1767 - يىلى 12 - ئايدا يۈسۈپ ۋاڭ ئوغلى ئىبراھىم بىلەن بېيجىڭغا ئىاننى زىيارەت قىلىشقا ماڭىدۇ . شەنشىنىڭ لىڭشى ناھىيىسىگە بارغاندا يۈسۈپ ۋاڭ چېچەك چىقىپ ۋاپات بولىدۇ . ئىبراھىم دادىسىنىڭ جەسىتىنى قايتۇرۇپ كېلىۋېتىپ گەنسۇنىڭ پىڭلياڭ ناھىيىسىگە كەلگەندە چېچەكنى يۇقتۇرۇۋېلىپ ئۇمۇ قازا قىلىدۇ .
        يۈسۈپ ۋاڭ  ھايات ۋاقتىدا قۇمۇل شەھەر سېپىلىنىڭ شىمالىغا يانداش يۈزچى ئېەىزلىكتە ، توققۇز دەرۋازىلىق چوڭ ئوردىنى سالدۇرىدۇ ، قۇمۇل شەھىرىنىڭ شىمالىي تەرىپىدىكى "ئابات باغ" نى ئارىتام ، باغداش باغلىرىنى بىنا قىلدۇرىدۇ . ھېيتگاھ  مەسچىتىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىنى سالدۇرىدۇ .
         ئىسھاق ۋاڭ . چيەنلۇڭنىڭ 32 - يىلى ( 1767 - يىلى ) يۈسۈپ ۋاڭنىڭ ئىككىنچى ئوغلى بەشىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئىسھاق ئىنانچىخان  دەرىجىلىك دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ ، 1771 - يىلى بېيجىڭگە بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ . ئىان 1773 - يىلى ئىسھاقنى ھككۈمرانلىق قىلىش ماھارىتىنى ئۆگۈتىش ئۈچۈن ئىلىغا ، ئىلى جاڭجۈنى شۇجۇدېنىڭ يېنىغا ئەۋەتىدۇ . 1776 - يىلى قۇمۇلغا قايتىپ كېلىپ ۋاڭلىقىنى داۋاملاشتۇرىدۇ . 1780 - يىلى ئىسھاق ۋاڭغا چېچەك چىقىپ ۋاپات بولىدۇ . ئىسھاق ۋاڭغا ئارىتام ، باغداش باغلىرىنىڭ ئوردا قۇرۇلۇشلىرى ، باغ قۇرۇلۇشلىرى پۈتىدۇ . تۈرلۈك كۆچەتلەر تىكتۈرۈلىدۇ . شەھەر ئىچىدە تۇغلۇق مازار ( سۇلتان سېيىت ئەخمەت بەلىخى ) نامىدىكى مەھچىت سېلىنىدۇ .
         ئەردىشىر ۋاڭ . ئالتىنچى ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭى ئەردىشىر چيەنلۇڭنىڭ 45 - يىلى ( 1780 - يىلى 11 - ئايدا ) ئىنانچىخان دەرىجىلىك دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئەردىشىر 1790 - يىلىدىن 1809 يىلىغىچە تكت قېتىم بېيجىڭغا بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ . ئەردىشىر ۋاڭ قۇمۇل ئالتۇنلۇقىدىكى ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئاخىرقى قۇرۇلۇشىنى پۈتتۈرىدۇ . چاڭفۇ ۋە چوقايتۇردىكى باغچىلارنى ئكز نامىغا سالدۇرىدۇ .
    ئەردىشىر ۋاڭ جياڭ چىڭنىڭ 18 - يىلى ( 1813 - يىلى ) 2 - ئايدا ۋاپات بولىدۇ .
بېشىر ۋاڭ . 1813 - يىلى ئەردىشىرنىڭ چوڭ ئوغلى بېشىر دادىسى ئەردىشىرنىڭ ئىنانچىخان ، دوروبېللىق مەرتىۋىسىگە ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئۇنىڭ خانلىق بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى نىسبەتەن يېقىن بولغاچقا ، خان ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى ئۆستۈرۈپ چىۋاڭ قىلىدۇ . مۇھەممەد بېشىر ۋاڭ ئەگەر قوللىرىنى يېنىغا سېلىپ ئۆرە تۇرسا ئىككى قولىنىڭ ئۇچى ئىككى تىزىدىن تۆۋەن تۇرىدىغان ، ساددا كەلگەن كىشى ئىدى . دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىققا ، سودا - سېتىق ئىشلىرىغا ، ئۆي ئىمارەت ، باغ ، مەدرىسە قۇرۇلۇشلىرىغا كۆڭۈل بۆلەتتى . شۇڭا ، قۇمۇل خەلقى دېھقانچىلىق ، چارۋىچىلىق ۋە سودا -سېتىق ئىشلىرى بىلەن كەڭ شۇغۇللانغانىدى . بېشىر ۋاڭ 1815 - يىلى ، 1819 - يىلى رېخىغا(ھازىرقى خېبىي) بېرىپ خانغا كۆرۈشتۈرۈپ قايتىدۇ . 1823 - يىلى ئىككى قېتىم  بېيجىڭغا  بېرىپ خاننى زىيارەت قىلىدۇ . خان ئۇنىڭ مەرتىۋىسىنى يەنە ئۆستۈرۈپ ، خان ئالدىدا ئازادە مېڭىپ يۈرۈشكە رۇخسەت قىلىدۇ . بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە قۇمۇلنىڭ تېرىقچىلىق يەرلىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوردىغا قارايدىغان ، مال - چارۋىلارمۇ ئوردىغا قارايدىغان بولىدۇ . تارىخچى موللا مۇسا سايرامى "تارىخىي ئەمىنىيە" دە : " بېشىر ۋاڭنىڭ يىلقىسىنىڭ سانىنى بىلگىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئىكەن . تاغدىكى قويلىرى 270 قوتان بولۇپ ، ھەر قوتاندىكى قوينىڭ سانى 700 دىن كەم ئەمەس ، 1200 دىن زىيادە ئەمەس ئىكەن "  دەپ يازىدۇ . بېشىر ۋاڭ قۇمۇلدا مەكتەپ ، مەدرىسىلەرنى ، بىنا قىلىپ ، تالىپلارنى يېتىشتۈرۈپ ، ئىلىم ، تىبابەتچىلىكتە مەرىپەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلگەن . بۇ ھەقتە موللا مۇسا سايرامىنىڭ "تارىخىي ئەمىنىيە" سىدە : "بېشىر ۋاڭ ئىلىم - بىلىم ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن مەكتەپ ، مەدرىسەلەر بىنا قىلىپ ، ئىلىم ، تىبابەتچىلىككە كۆڭۈل  بۆلۈپ ، مىللىي تىبابەتچىلىكنى يولغا قويغان . داۋالاش جەھەتتە ئادەتتىن تاشقىرى كۈچ چىقارغان . قۇمۇل خەلقى ئىچىدە ئالىملار ، موللىلار ، ساۋاتسىزلار كەمدىن كەم ئىكەن "  دەپ خاتىرىلەنگەن . بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە ئوردىنىڭ  مەخسۇس نوپۇس دەپتىرى بار بولۇپ ، تۇغۇلغان بالىلار نوپۇس دەپتىرىگە خاتىرىلىنىپ ، يەتتە ياشقا توشقاندا مەكتەپكە كىرگەن - كىرمىگەنلىكى سۈرۈشتۈرۈلۈپ ، مەكتەپكە بارمىغانلىرىنى بېرىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ تۇراتتى . بېشىر ۋاڭ دەۋرىدە ئالتۇنلۇقتىكى ھېيتگاھنىڭ چىنە گۈمبىزى تۇرغۇزىلىدۇ . شەھەر ئىچىدىكى كونا مەدرىسە بىنا قىلىنىدۇ . راھەتباغ ، ئۈزۈملۈك باغلار ياسىلىدۇ .
          1886 - يىلى سۈپۈرگە باشچىلىقىدا بىر قىسىم كىشىلەر ۋاڭغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرگەندە ، سۈپۈرگە خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ، بېشىرۋاڭنى تۇتۇپ بېرىدۇ . 1967 - يىلى 1 - ئايدا بېشىر ۋاڭ خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلىدۇ .
مېھرىبانۇ ۋاڭ . بېشىر ۋاڭ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى مۇھەممەت تۇڭچىنىڭ 6 - يىلى 7 - ئايدا چىڭۋاڭلىققا ۋارىسلىق قىلىدۇ . ئانىسى مېھرىبانۇ ئوردىنىڭ چوڭ ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتىدۇ . ( مۇھەممەت ۋاڭ تۇغما پالەچ بولۇپ ، ئۆز - ئۆزىنى باشقۇرالمىغاچقا) خان 1889 - يىلى مېھرىبانۇغا چىڭۋاڭ فۇجۇڭلۇق مەرتىۋىسىنى بېرىدۇ .
            1873 - يىلى شەنشىدىكى خۇيزۇ قوزغىلاڭچىلارنىڭ باشلىقى بەي يەنخۇ قۇمۇل ۋاڭ ئوردىسىدىكى يۈسۈپ بىلەن مەخپىي ئالاقە باغلاپ ، شەھەر ئىچىنى ئىشغال قىلىدۇ . بەي يەنخۇ مېھرىبانۇنى 2000 دىن ئارتۇق دېھقان بىلەن بىللە چىقتىمىغا ئېلىپ كېتىدۇ . 1877 - يىلى چىڭ ھۆكۈمىتى ئەسكەر چىقىرىپ بەي يەنخۇنى مەغلۇب قىلىدۇ . 1878 - يىلى 1 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى دېھقانلار بىلەن مېھرىبانۇنى قۇمۇلغا قايتۇرۇپ كېلىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ مېھرىبانۇ قۇمۇلنى ئۇرۇشتىن بۇرۇنقى ھالىتىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ . ئاق قالغان يەرلەرنى خەلقكە بۆلۈپ بېرىدۇ . ئالۋان - سېلىقنى ئېلىپ تاشلايدۇ . سۇ ئىنشائات ئىشلىرىغا كۆڭۈل بۆلىدۇ . ئوردىدا گادايلار ئامبىرى سالدۇرىدۇ . كۈندە نەچچە مىڭ نان ياقتۇرۇپ نامراتلارغا تارقىتىپ بېرىدۇ . مۇشۇ تەرتىپ بىلەن بىرقانچە يىللار ئۆتكەندىن كېيىن خەلقنىڭ ھالى ياخشىلىنىدۇ . ئۇياق - بۇياققا قېچىپ ، سەرسان بولۇپ يۈرگەنلەر قايتىپ كېلىدۇ .
           مېھرىبانۇ ۋاڭ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن سۈپۈرگە ۋە بەي يەنخۇغا سېتىلغان يۈسۈپلەرنى تۇتۇپ كېلىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىپ قىساس ئالىدۇ .
          1882 - يىلى مۇھەممەت ۋاڭ ۋاپات بولىدۇ . مېھرىبانۇ ۋاڭ ياشىنىپ قالىدۇ . 1882 - يىلى 7 - ئايدا چىڭ ھۆكۈمىتى شامەىسۇتنىڭ جاساق خوشۇت چىڭۋاڭلىق مەرتىۋىسىەە ۋارىسلىق قىلىشنى تەستىقلايدۇ . مېھرىبانۇ شۇنىڭدىن باشلاپ ۋاڭلىق ھوقۇقىنى شامەخسۇتقا ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ .
- 1930 ) قۇمۇلدا 48 يىل ھۆكۈمرانلىق يۈرگۈزىدۇ . مېھرىبانۇ ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدا سەرسان بولۇپ ، قۇمۇلغا قايتىپ كەلگەندە ، بويىغا يېتىپ قالغان بىر قىزى بار ئىدى . بۇ قىزىنى ئۇرۇش ۋەھىمىسىدە تاغدا قويچى بولۇپ يۈرگەن تاجىدىن تەيجىنىڭ ئوغلى شاھمەخسۇتقا ياتلىق قىلىدۇ . ئۇزۇن ئۆتمەي مېھرىبانۇ ۋاڭ شاھ مەخسۇتنى ئوردا بەگلىكىگە تەيىنلەپ ، ئوردىنىڭ كۈندىلىك ئىشلىرىنى بىر تەرەپ قىلىشقا قويىدۇ . 1882 - يىلى خانلىقتىن شاھ مەخسۇتنى جاساق خوشۇت چىڭۋاڭلىققا تەيىنلەش پەرمانى كېلىدۇ . شۇنىڭدىن باشلاپ ئۇ قۇمۇلنىڭ ۋاڭى سۈپىتىدە تەختكە چىقىدۇ . ئۇ تەختكە چىقىپلا ھاشا كۈنىنى ئۈچ كۈندىن بەش كۈنگە ، كېيىنچە يەتتە كۈنگە كۆپەيتىدۇ . شۇنداق قىلىپ ئۇ ئوردىنىڭ بايلىقىنى خېلى كۆپەيتىۋالىدۇ . باج - سېلىق يىغىش ، ئالۋانغا ھەيدەش ، ھاشا قىلىش ، تۆمۈر ھېساب بويىچە چارۋىلارنىڭ ھېسابىنى ئېلىش قاتارلىق ئىشلار قۇمۇل خەلقىنى جېنىدىن جاق تويغۇزىدۇ . نەتىجىدە 1907 - يىلى "تورپاقلار قوزغىلىڭى" ، 1912 - يىلى "تۆمۈر خەلپە" قوزغىلاڭلىرى كۆتۈرىلىدۇ .
 شاھ مەخسۇت ۋاڭ 1930 - يىلى 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى ئالەمدىن ئۆتىدۇ .
           شاھ مەخسۇت ۋاڭنىڭ بېيجىڭدىكى "قۇمۇل سارىيى" ‏---  بېيجىڭدىكى بۇ ساراي 1879 - يىلى سېلىنغان  بولۇپ ، ئورنى بېيجىڭ شۈنۋومىن ئىچىدىكى تەيپىڭخۇ شىخۇما كوچىسىدا ئىدى . بۇ ساراي ئون مو يەرنى ئىگىلەيتتى . بۇ ئۆيلەر خىشتىن ياسالغان بولۇپ ، جوڭگونىڭ قەدىمكى قۇرۇلۇش تۈسىنى ئالغانىدى . بۇ ساراي ئالدى - كەينى ئىككى ھويلىغا ئايرىلىپ تۇراتتى . ئالدىنقى ھويلىدىكى ئۆيلەر ئىشخانىلار بولۇپ شىمال تەرەپتە ئالتە ئېغىز ، شەرقتە تۆت ئېغىز ئۆي بار ئىدى . ئارقا ھويلىدا ئىككى كورپۇس ئۆي بولۇپ ، ياتاق قىلىناتتى . ھەر بىر كورپۇس ئۈچ ئېغىز ئكيدىن تەركىب تاپقان بولۇپ ، شەرق - غەرب بولۇپ بىر - بىرىگە قارىمۇ - قارشى تۇراتتى .
           قۇمۇل ۋاڭىنىڭ يەنە سەئۇدى ئەرەبىستانىنىڭ مەككە شەھىرىنىڭ ھكسۈيۈن بازىرىدا بىرقانچە ئېغىز ئۆيى بولۇپ ، ھەج - تاۋاپ قىلىشىغا شۇ قايغا بارغان ھاجىلار
تۇراتتى
 
مەنبە: <<شىنجاڭ يېقىنقى زامان تارىخىدا ئۆتكەن شەخسلەر>> ناملىق كىتابتىن ئېلىندى

38

تېما

0

دوست

3137

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   37.9%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  220
يازما سانى: 101
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 744
تۆھپە : 465
توردىكى ۋاقتى: 444
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-15
يوللىغان ۋاقتى 2011-1-18 20:10:47 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ئىلگىرىكى مۇنبەردە ( تورنى قامال قىلىشتىن بۇرۇنقى باغداش مۇنازىرە مۇنبىرى ) دە قۇمۇل ۋاڭلىرى توغرىسىدىكى مەلۇماتلارنى بىرقەدەر تەپسىلى
يوللىغان ئىدىم . بولۇپمۇ قۇمۇلدا ئۆتكەن توققۇز ئەۋلاد قۇمۇل ۋاڭلىرىنىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى يوللاپ بولغان ئىدىم ، ئەلۋەتتە باشقا يولداشلارنىڭمۇ بىرقىسىم يوللانمىلىرى بار ئىدى . بىراق تولىمۇ ئەپسۇس ..................................
مەن بۈگۈن باغداش مۇنبىرىنىڭ قايتا ئېچىلغانلىقىنى بىلىپ يەنە شۇ بۇرۇنقى نام بىلەن ئەزا بولۇپ كىردىم ، ھەمدە  بۈگۈندىن باشلاپ ئەنە شۇ قۇمۇل تارىخى توغرىسىدىكى بايانلارنى ھوزۇرۇڭلارغا سۇنماقچىمەن . باغداشنىڭ كونا يېڭى ئەزالىرى ، ئوقۇرمەنلىرى شۇنداقلا ھەرقايسى ئۇيۇر قېرىنداشلارنىڭ
قوللاپ - قۇۋۋەتلىشىنى ۋە تەكلىپ - پىكىرلىرىنى بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن .
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )