- تىزىملاتقان
- 2011-1-28
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-3-24
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 17377
- نادىر
- 8
- يازما
- 657
ئۆسۈش
18.44%
|
ئۇلۇغلۇق ھەقىقەتتىن سۆزلىسە،ھەقىقەت ماھىيەتتىن دىرەك بىرىدۇ ،زامان-زامانلاردىن بېرى مىڭلىغان-ئونمىڭلىغان ئۇلۇغلار،ئۇلۇغ ھەقىقەتلەر بارلىققا كەلدى لېكىن ھەقىقەتتىن تۇغۇلغان ئۇلۇغلۇق ساناقلىقلا ساقلىنىپ قالدى ،نۇرغۇن ھەقىقەتنىڭ جەسەتلىرى تارىخنىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا تاشلىنىپ،قەبرىسىز ،ئۇن-تىنسىز يوقاپ كەتتى.ھەقىقەت ئىگىلىرى بىلەن كەڭ ھەقىقەت بوشلىغىدىن كىلىپ چىققان تاناسىپسىزلىق بۇ پاجئەنى كەلتۇرۇپ چىقارغان ئىدى.نۆۋەتتىكى مىللى مائارىپىمىزدا دەل مانا بۇ پاجئە قايتا دەۋىرلەنمەكتە،ۋە كۆزگە كۆرۇنمەس جاھالەت قايتا يۇز بەرمەكتە ئىدى.
پاجئەنىڭ سەۋەبلىرى تۇۋەندىكىچە:
1. ئۇقۇم ئېنىقسىزلىغى.
بىزنىڭ كاتتىلىرىمىز،ئىلىم ئەھلى سانالغان زىيالىيلىرىمىزتالاي ئىلمى سۆھبەتلەردە بولسىمۇ لېكىن پكىر بىردەكلىگگە كەلمىگى بەس مۇشكۇل .سەۋەپ شۇكى ئۇلاردىكى پىكىر ۋە تېرمىنلارنىڭ ۋەزنى ۋە مەزمۇنى ئوخشاش ئەمەس ئىدى،بۇ خۇددى شەيىخ سەئىدى ئېيتقاندەك ھادىسە ئىدى.
ھىكايەت:تۇرك،ئەرەب،پارس،ۋە يۇناندىن بولغان تۆت كىشى سەپەرگە چىقىدۇ،يولدا بىر كىشى بۇلارغا تەڭگە سوۋغا قىلىدۇ.
-بۇ پۇلغا ئەنگۇر ئالايلى،- دەيدۇ پارىس ئۆز تىلىدا.
-ياق،ئەيناب ئالايلى،دەيدۇ-ئەرەب ئۆز تىلىدا.
- ياق ،بۇ پۇلغا ئۈزۈم ئالايلى،- دەيدۇ تۈرك ئۆز تىلىدا.
- ياق ،بۇ پۇلغاسىتافىل ئالايلى،- دەيدۇ يۇنان ئۆز تىلىدا.
بىراق يوقىرقى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ‹‹ئۈزۈم ›› دىگەن مەنىدە ئىدى،بىز ئوخشاش بىر مىللەت بولساقمۇ لېكىن روھىيىتىمىز چاك-چېكىدىن بۆلىنىپ كەتكەن ئىدى،چوڭلار كۆپىنچە ئەرەب،پارىس،روسلارنىڭ تەسىرىدىكى زىيالى بولسا يېڭى يىتىلگەن كۆز قارچۇغىمىز بولغان ئەۋلاتلار دەل شەرىقنىڭ يېڭى زامان زىيالىلىرى ئىدى،بىر ئائىلە مۇھىتىدىمۇ بۇ پاجئە كۇندە تەكرارلىنىپ تۇرماقتا ئىدى،بۇۋاي-مومايلار ئىسلام مۇھىتىدىكى ئائىلە تەربىيسىنى بەرسە ،ياش ئاتا-ئانىلار كاللىسى ئوچۇق‹‹ زىيالى ›› بولغاچقا بالىلىرىنى ئۆز مەيلىچە تەربىيلەيتتى،بەزىلىرى بالىلىرىنى خەنزۇۋان قىلىپ تەربىيلەيتتى،بەزىلىرى مىللى مەكتەپلەردە تەربىيلەيتتى،نۆۋەتتىكى قوش تىل مۇھىتىدىكى بالىلار بۇ ئۇچىنجى تۇركۇمدىكى يېڭى مىۋىلەر ئىدى،مانا بۇ ئەۋلاتلار ئارىسىدىكى ئۇقۇم ئېنىقسىزلىغىنى شەكىللەندۇرىدىغان كەلگۇسىدىكى بوشلۇق ئىدى.كىتابلىرىمىزمۇ دەل ئۇقۇم ئېنىقسىلىغى سەۋەبىدىن شۇنچىلىك ئەبجەش ۋە چۇشىنىكسىز بولغاچقا ،كىتابلىرىمىز شۇنچىلىك ئەخلەت ھالەتتە ئىدى،ئەخلەت زىيالىيلار قوشۇندىن بارلىققا كەلگەن بىلىمنىڭمۇ رەڭگى ئۆڭۇپ كەتكەن ،پۇراپ قالغان بولىدۇ ،شۇڭا بۇ كەڭ جەمئيەت بوشلىغى بالىلىرىمىزغا ساپاسىزلىق ۋە ماڭقۇرتلۇقتىن باشقىنى ئۆگەتمەيدۇ،قۇرتلاپ كەتكەن پاسكىنا كۆلدىن پاكىز نەرسىنى تاپماق بەس-مۇشكۇل.
2. شائىر ۋە كىتابخان.
ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەت شائىر بىلەن كىتابخاننىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشاپ قالىدۇ،ئۇلۇغ شائىرنى تالانت ۋە مۇھىت يىتىلدۇرمەيدۇ،بەلكى دانا كىتابخان تەربىيلەيدۇ،ئەخلەت شائىرلارنى دانا كىتابخان شاللاشنى بىلىدۇ،ئەمما ماكان ۋە زامان چەكلىمسى سەۋەبىدىن كىتابخانغا بۇنداق ھوقۇق بىرىلمىگەندە ،ئەخلەت شائىرلار شۇ قەدەر كۆپىيىپ كىتىدىكى سەنئەت -سەنئەتكە،ئادەم-ئادەمگە زادىلا ئوخشىماي قالىدۇ ،نەتىجىدە كىتابمۇ كىتابقا زادىلا ئوخشىماي قالىدۇ.
رىۋايەتلەردە خاتىرلىنىشىچە ،ئاماننىساخان بىلەن ئابدۇرەشىدخان كۆرۇشكەن ۋاقىتتا ،شاھ شۇنداق سۇرىغان ئىكەن.
- خانقىز ،قايسى شائىرلارنىڭ كىتابىنى كۆرىدىلا؟.
- ئالىيلىرى،مەن ،سەككاكى،لوتفى،ناۋائىنىڭ كىتابلىرىنى ئوقۇيمەن.
شائىرە ئاماننىساخان نۇقۇل تالانت ئىگىسى بولۇپلا قالماي بەلكى دانا كىتابخان ئىدى،ئۇ ئۇلۇغ دەپ قارالغان ئىلىم ئەھلىلىرىنى تاللىيالغان ئىدى،مىر ئەلشىرنىڭ كىتابىدا خاتىرلىنىشىچە شۇ چاغدىكى ئۆزىنى شائىر چاغلايدىغان زىيالىيلار ھەقىقەتەن كۆپ ئىدى.نۆۋەتتىكى زامان ئەخلەت كىتابخان ۋە ئەخلەت ئاپتۇرنىڭ زامانى ئىدى،بۇ زاماندىكى ئىلىم ئەھلى سانالغانلارنىڭ يۇلتۇزى خىرە ئىدى ،ئۇلارنىڭ كىتاب-ئۇگۇتلىرىنىڭ خېرىدارلىرى ئاساسەن يوق ئىدى،فارابىنىڭ دىيىشىچە ‹‹ جاھالەتلىك ئەلدە ئىلىمسىزلىك ئىلمدەك پارلاپ تۇرىدۇ›› ،جۇڭگۇدا ‹‹مەدىنيەت زور ئىنقىلابى›› يۇز بەرگەندە تالاي قىرغىنچىلىق بولغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ قىرغىنچىلق دەل مەدىنيەت قىرغىنچىلىق بولغان ،كىتابلار كۆيدۇرۇلگەن ،ئىلىم ئەھلىلىرى ئۆلتۇرۇلگەن ياكى خارلانغان، ئەمما ھازىرچۇ،كىتابلار كۆيدۇرۇلمىگەن بىلەن ئىلىم گويا ھۇما قۇشىدەك بۇ جايدىن ئىز-دىرەكسىز يوقالغان،ئالىملار ئۆلتۇرۇلمىگەن بىلەن ئىلىم ئەھلى سانىلدىغان زىيالىيلارنى يۇرەكلەر تونىماس بولۇپ كەتكەن ئىدى.ياخشى-يامان،ھەقىقەت-سەپسەتە،پەرىشتە- شەيتان،ھالال- ھارام بۇ جايدا ۋىسال پەيزىسىنى سۇرمەكتە ئىدى،شۇڭا چوڭدىن-كىچىككىچە ھەممىسى‹‹ ئۇر توقماق ››خىيالىدىن ئۇيغىنالماي ياشايتتى، مائارىپمۇ بۇ مۇھىتتىكى ساددا مائارىپ ئىدى،مائارىپنىڭ شەكىل ئۆزگەرتىشىدىن باشقا يېڭىلىق يوق ئىدى،مائارىپنىڭ مىۋىلىرىدە ئەقىل مىۋىسى بولغان ئىجادىيەت ناھايتى كەم ئىدى.ئۇلۇك بىلىم تاغدەك دوۋىلنىپ كەتكەن بولسىمۇ بالىلارنىڭ چىرايىدىن زىرىكىشلىك،ئوقۇشتىن بىزار بولۇش كەيپىياتى پەۋقۇلئاددە ئېغىر ئىدى،بالىلاردا ئۆگىنىش قىزغىنلىقنىڭ يوقاپ كىتىشىدىكى سەۋەب زادى نەدە؟.
سەۋەب شۇكى مائارىپنىڭ جەلىپ قىلىش كۇچى يوق،ئىجادىيەت بوغۇلغان،مائارىپ قېلىپ ۋە تۇزۇمدىن ئۆرنەك ئېلىپ قالغان ،بالىلاردىكى ئىنسانى خىسلەتلەر بوغۇلغان بولغاچقا بالىلارنىڭ ئىنسانغا خاس ئىنسانى تەبىئىتى قۇرۇشقا باشلىغان ئىدى ،جۇڭگۇ مائارىپى بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن بولغاچقا ھازىر كۇچەپ مائارىپ ئىسلاھاتى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ ،لېكىن ئىسلاھات ئەڭ ئاخىرقى نۇقتىدا بۇ يەنىلا ئەمەلگە ئاشمايۋاتىدۇ.ئىسلاھات چوقۇم ماھىيەتتە ،ئەقىل مىۋىسى بىلەن مائارىپ جەريانىدا يۇز بىرىشى كىرەك ئىدى. |
|