- تىزىملاتقان
- 2011-11-17
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-22
- ھوقۇقى
- 1
- جۇغلانما
- 5933
- نادىر
- 1
- يازما
- 268
ئۆسۈش
18.66%
|
دۇردانىلەر
*مەن بىر ئادەم، بىراق يەنىلا شۇ ئادەم.مەن ھەرقانداق ئەسكىلىكلەرنى قىلىپ كېتەلمەيمەن، بىراق مەن يەنىلا بەزى ئىشلارنى قىلالايمەن.چۈنكى، مەن ئۆزۈم قىلالىغۇدەك ئىشلارنى قىلىشنى رەت قىلمايمەن.
*دۈنيادا كۆپ بەختسىزلىككە شىپا تېپىلىشى مۈمكىن، بىراق شىپاسىنى تاپقىلى بولمايدىغان ئەڭ چوڭ بەختسىزلىك __ ئىنسانلارنىڭ ئېتىبارغا ئېلىنماسلىقىدۇر.
*يىراقنى ئويلىغاندا، خەتەردىن ئۆزىنى قاچۇرۇش خەتەرگە دۈچ كەلگەنلىكىدىن تېخىمۇ بىخەتەر بولماي قالىدۇ. ئاجىزلار بىلەن باتۇرلارنىڭ بەختسىزلىككە ئۇچراش نىسبىتى ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيدۇ.
*بىز بىر ئىشقا پۈتۈن زىھنىمىز بىلەن كىرىشكەن چېغىمىزدا، ئۆز تۇرمۇشىمىزغا ياكى باشقىلارنىڭ تۇرمۇشىغا قانداق مۆجىزىلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىمىزنى بىلمەيمىز.
* نۇرغۇن كىشىلەر قانداق نەرسىلەرنىڭ ھەقىقى بەختنى تەشكىل قىلىدىغانلىقىغا قارىتا خاتا قاراشتا بولىدۇ. بەخت ھەرگىزمۇ ئۆزىنى قانائەت تاپقۇزۇشتىن كەلمەيدۇ، بەلكى ئۇ قىممەتلىك نىشان يولىدا توختىماي ئىزدىنىشتىن كېلىدۇ.
* بىر ئىشىك يېپىلغاندا، يەنە بىر ئىشىك ئېچىلىدۇ. بىراق، بىز دائىم يېپىلغان ئاشۇ ئىشىككە ئىنتايىن كۆڭۈل غەشلىكى بىلەن قارايمىزيۇ، ئاشۇ ئىشىكنىڭ بىز ئۈچۈن ئۇلۇق ئېچىلغانلىقىنى كۆرمەيمىز.
* بىزدە يېتەرلىك قەتئى ئىرادە بولغاندىلا، قىلماقچى بولغان ھەرقانداق ئىشىمىزنى ۋۇجۇتقا چىقىرالايمىز.
*ھاياتلىق ئەگەر باتۇرلۇق بىلەن قىلىنغان تەۋەككۈللۈك بولمىسا، ئۇنىڭغا ھېچقانداق تەبىر بەرگىلى بولمايدۇ.
*كۆز پەقەت كۆرۈش رولىنىلا ئويناپ، ھېچقانداق قاراشقا ئىگە بولمىسا، بۇ بەكمۇ قاباھەتلىك ئىش بولۇپ قالىدۇ.
*بىر ئادەم پەرۋاز قىلىش پۇرسىتى كەلگەندە، ئۇ ھەرگىزمۇ ئۆمۈلەشكە ماقۇل بولمايدۇ.
*ھەقىقى ئۈمۈدۋار ئادەم ھەممە ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىغا ئىشەنمەيدۇ، ئەكسىچە ھەربىر ئىشنىڭ ئوڭۇشلۇق بولمايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
*بىز ئالدى بىلەن مېڭىشنى ۋە گەپ قىلىشنى ئۆگىنىمىز، ئاندىن تېنچ ئولتۇرۇشنى ۋە ئاغزىمىزنى يۇمۇشنى ئۆگىنىمىز.
* ئاددىيلىق بىشىپ يېتىلگەنلىكنىڭ نەتىجىسى.
*زىيادە كۆپ ئويلىنىدىغان ئادەمنىڭ ئىشلىرى ئىنتايىن ئوڭۇشلۇق بولىدۇ.
*چاكىنىلارنىڭ ئويلىرى بىلەن تەۋرىنىپ قالماڭ. سىز بىر ئىشنى خىيال قىلسىڭىز، ئۇلار سىزنى ساراڭ بولۇپ قاپتۇ، دەپ ئويلايدۇ؛ مۇۋەپپىقىيەتكە ئېرىشسىڭىز، ئۇلار سىزنى تەلىيى ئوڭدىن كەپتۇ، دەپ قارايدۇ؛ سىز باي بولۇش يولىدا ئىزدەنسىڭىز، ئۇلار سىزنى ئاچ كۆز دەيدۇ. شۇڭا، ئۇلارغا پەرۋا قىلماڭ، ئۇلار سىزنى چۈشەنمەيدۇ.
*جاسارەت ئالاھىدە بىر خىل بىلىم: قورقۇشقا تىگىشلىك نەرسىدىن قانداق قورقۇشنى، قورقۇشقا تىگىشلىك بولمىغان نەرسىدىن قانداق قورقماسلىقنى ئۆگىتىدۇ.
مەنبەىە__ «تەرمىلەر» 2007- يىللىق 12- سانىدىن ئېلىندى
|
|