- تىزىملاتقان
- 2010-12-27
- ئاخىرقى قېتىم
- 2015-4-24
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 12586
- نادىر
- 28
- يازما
- 230
ئۆسۈش
100%
|
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ،باغداش تورىنى قىزغىن قوللاپ كېلىۋاتقان تورداشلار ، ئاپتورلار :
تور بېكىتىمىز قايتا ئېچىلغىنىغا ھەش-پەش دېگۈچە بىر يىل بولاي دەپ قالدى ، بىز تور بېكىتىمىز بىر مەزگىللىك تاقالغاندىن كېيىن قايتا ئېچىش ئالدىدا تورداشلارنىڭ قوللىشىغا بۇرۇنقىدەك ئېرىشەرمىزمۇ دىگەن مەسىلىنى كۆپ ئويلىغان ئىدۇق ، دەرۋەقە ئويلىغىنىمىزدەك تور بېكىتىمىز قايتا ئېچىلغاندىن كونا ۋە يېڭى تورداشلارنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى ۋە بۇ بىر يىلدا كۆپ نەتىجىلەرگە ئېرىشتى ، مۇشۇ پۇرسەتتە تور بېكىتىمىزنى قوللىغان بارلىق تورداشلارغا ، مىننەتسىز ئەجىر قوشىۋاتقان ئاپتورلارغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز .
تور بېكىتىمىز قايتا ئېچىلغاندىن بۇ بىر يىل ئىچىدە ئەزالارنىڭ كۈندىن -كۈنگە كۆپىيىشى ۋە تور بېكەت مەزمونلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ مۇلازىمىتىرغا ئازراق بېسىم بولدى ۋە تور سۈرئىتىدە بىر قەدەر ئاستىلاش يۈز بەردى ، بىز تورداشلارغا تېخىمۇ قولايلىق بولۇش ئۈچۈن سەپلىمىسى يوقىرى بولغان يېڭى مۇلازىمىتىر ئورۇنلاشتۇرۇپ بىر قانچە كۈن سىناق قىلىش ئارقىلىق بۈگۈن يېڭى مۇلازىمىتىرغا مۇۋەپپىقىيەتلىك كۆچتۇق .
ئالدىمىزدا يېڭى يىلنى كۈتىۋېلىش ئالدىدا تۇرماقتىمىز تور بېكىتىمىز سۈپەتنى يوقىرى كۆتۈرۈش ،تېخىمۇ ياخشى مەزمون ۋە بىلىملەر بىلەن تورداشلارنى تەمىن ئېتىش ئۈچۈن كېيىنكى يىللىق بىر قاتار يېڭى پىلانلارنى تۈزدى ،ئىشىنىمىزكى كېيىنكى بىر يىلدا تورداشلار ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىمىز ، ھەمدە تورداشلارغا ئۆزگىچە ۋە يېڭى بىلىملەرنى سۇنىمىز !
تور بېكىتىمىزنى قوللاڭ ، ئەتراپىڭىزدىكىلەرگە تەشۋىق قىلىڭ ! ئىشىنىمىزكى سىز قوللىسىڭىز بىز تىرىشساق چوقۇمكى ئەل ئۈچۈن ياخشى خىزمەت قىلدىغان تور بېكەت قۇرۇپ چىقالايمىز !
ھۆرمەت بىلەن :
باغداش تور بېكىتى |
|