قولاي تىزىملىك
كۆرۈش: 2985|ئىنكاس: 22

كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

71

تېما

0

دوست

4756

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   91.87%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  3
يازما سانى: 146
نادىر تېمىسى: 4
مۇنبەر پۇلى: 1175
تۆھپە : 627
توردىكى ۋاقتى: 65
سائەت
ئاخىرقى: 2012-12-12
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 16:20:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         ئۇ چوقۇم ماركسىسىزمنى خاتا چۈشىنىۋالدى ياكى بولمىسا ماركس، ئېنگىلىس يازغان كىتابلارنى ئوقۇپ باقمىدى. چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنى سوتسىيالىستىك تۈزۈم دېسەك، سوتسىيالىستىك تۈزۈمگە چوڭ ھاقارەت قىلغان بولىمىز، چاۋشيەن قۇرغان ھاكىمىيەتنى، ئەينى ۋاقىتتا سەن دېگەن سوتسىيالىزمنىڭ ئۆزى شۇ دېسەك، بەلكىم ماركس بىلەن ئېنگىلىس قەبرىسىدە ئۆرە-تۆپە بولۇپ كېتىشى تۇرغانلا گەپ، ساقاللىرىنى يۇڭداپ «توۋا خۇدايىم، دۇنيادا مۇشۇنداقمۇ خاتا چۈشىنىۋالغان بارمۇ» دەپ نالە قىلىپ كېتىشى ئېنىق … ماركس تەسەۋۋۇر قىلغان سوتسىيالىستىك تۈزۈمدە ھەممە كىشىنىڭ ئىدىيىسى، دۇنيا قارىشى، تەپەككۇرى بىرلا خىل بولسۇن دېگەن ئەمەس ھەمدە داھىي ياشىسۇن دەپ ئىشتانغا چىقىپ كەتكۈچە ۋارقىراڭلار دېگەنمۇ ئەمەس، ھوقۇق دادىسىدىن بالىسىغا قالسۇن، سىرت بىلەن ئالاقە قىلماڭلار، ئەركىن پىكىر قىلماڭلار، نامايىشنى قاتار تىزىلىپ تۇرۇپ قىلىڭلار دېگەنمۇ ئەمەس. نامراتلىق سوتسىيالىزم ئەمەس، مۇستەبىتلىك سوتسىيالىزم ئەمەس. كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس، بىلىش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىش سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزم دېگەن گەپنىڭ ئۆزى دېموكراتىيە دېگەن گەپ. خاتا چۈشىنىۋالغانلارنى كىم فامىلىلىكلا بولامدىكىن دەپ ئويلىسام، يەنە كۇبادىكى كاستېرومۇ شۇنداق خاتا چۈشىنىۋاپتۇ. جاھاننىڭ ئىشلىرىغا زادى بىر نېمە دەپ بولمايدۇ.

     خوشنىسى بىلەن ئىناق ئۆتمەيدىغان، باشقىلار بىلەن بېرىش-كېلىش قىلمايدىغان، باشقىلارغا نەپ بەرمەيدىغان، باشقىلار بەرسە موك-موك يەپ يوغان سۆزلەيدىغان، تەنتەربىيەدە ئالاھىدە نەتىجە كۆرسەتسە ئۆزى قۇرغان تۈزۈم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ شالۋاقايدىغان، خەلقىنى سۆزلەشتىن مەھرۇم قىلىپ جوڭسەنپۇ كىيىشكە مەجبۇرلايدىغان، ئىنتايىن ياسالما، پارىخور ھاكىمىيەتنى قانداقمۇ سوتسىيالىزم دېگىلى بولسۇن؟! بۇ كىم ئېرسېننىڭ ئەۋلادلىرى سوتسىيالىزم دېگەن تۈزۈمگە تەڭداشسىز ئۇۋال قىلدى. ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەت ھەرگىزمۇ سوتسىيالىزم ئەمەس، ئافرىقىدىكى ئەڭ قالاق قەبىلە تۈزۈمىدىنمۇ ئۆتە ئەخمىقانە ھاكىمىيەت تەشكىلىي شەكلى. ناۋادا ماركس ھايات بولغان بولسا، «سەن دىگەن سوتسىيالىزم مۇشۇمۇ» دەپ ئۆزىدىن سوراپ باقساق بولاتتى، بىراق بۇ رەھمەتلىك ھايات ئەمەس، ئۇنىڭ جەننەتتە بولۇش ئېھتىمالىدىن دوزاقتا بولۇش ئېھتىماللىقى يۇقىرىراق. بىراق ئۇ يازغان كىتاب ھازىرمۇ تۇرۇپتۇ. ئەلۋەتتە ئۇمۇ بىر ۋاقىتلاردا ئاجىز كىشىلەر ئۈچۈن سۆزلەيدىغان بىر ھاكىمىيەت بولغان بولسا دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان ئىدى…

     ماركسىسىزملىق پەلسەپەنى خاتا چۈشىنىۋالغان بۇ ئەقلى كەمتۈكنىڭ ئۆزىنىڭ ھاكىمىيىتىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن، كىشىلەرنى دىنغا ئېتىقاد قىلىش ھوقوقىدىن مەھرۇم قىلىشقا ئۇرۇنۇشىدىن مەنپەئەتى ئۈچۈن ۋاسىتە تالىمايدىغان قەبىھلىكىنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ. ئاللاھنىڭ ھەقىقەتەن رەھمىتى كەڭرىكەن، ئۆزىنى ئېتىراپ قىلمايدىغان مۇشۇنداق گۇيلارغا جاھاننىڭ چوڭ ئىشلىرىنى تۇتقۇزۇپ سىنايدىكەن دېسە…

     چاۋشيەندىكى ئەخمەقلەر قۇرغان ھاكىمىيەت. ئۆزى دەپ ئۆتكەندەك سوتسىيالىستىك ئىلغار تۈزۈلمە بولسا، نېمە ئۈچۈن بىر مىللەت تۇرۇپ كورىيەدەك تەرەققىي قىلالمايدۇ؟ خەلقىگە نېمە ئۈچۈن ئەركىن پىكىر قىلىش ھوقوقى بەرمەيدۇ؟ ئەڭ ئالىي رەھبەر بولغان كىشى نېمە ئۈچۈن دۇنيا يىغىلىشلىرىغا بارالماي، يەر ئاستى ئۆيلەردە مۆكۈپ ياشايدۇ؟ مىليونلاپ ئەسكەر بېقىپ، خەلقنىڭ قان-تەرىنى شورايدۇ؟ گەپ قىلساق گەپ تولا، قىسقىسى ئۇ قۇرغان ھاكىمىيەت سوتسىيالىزم ئەمەس. سوتسىيالىزمنىڭ بايرىقىنى كۆتۈرۈۋالغان ئەڭ مۇستەبىت تۈزۈم، خالاس!
     چاۋشيەن ئۆزىنىڭ مۇستەبىت ھاكىمىيىتىنى قوغداش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتنىڭ دۈشمىنى بولغان يادرو قورالىغا ئىگە بولۇش ئالدىدا، ئۇ يادرو قورالغا ئىگە بولسا، ئەتراپتىكى خوشنا ئەللەر بۇنىڭدىن كىيىن غەم-ئەندىشە ئىچىدە ياشايدۇ. ئەگەر بۇ مۇستەبىت ھاكىمىيەت ئىگىسى يەنە ھايات بولغان بولسا، ھامان بىر كۈنى ئۆزىنىڭ سوبىيېكتىپ ئارزۇسىغا تايىنىپ، جەمەتىنىڭ مەنپەئەتىنى دەپ پۈتۈن بىر ئەلنى خانۇ-ۋەيران قىلىۋېتىشى تامامەن مۇمكىن ئىدى.

     ئەمەلىيەتتە، سوتسىيالىزىم دېگەن شىمالى ياۋروپادىكى ئەللەر تەشكىللىگەن ھاكىمىيەت تەشكىلى شەكلىنىڭ ئۆزى شۇ. بەزىدە سوتسىيالىزم دەپ بەك شالۋاقىغان تۈزۈمنىڭ سوتسىيالىزم بولۇشى ناتايىن، كاپتالىزىم دەپ بەك تىلاپ كەتكەن تۈزۈمنىڭ ئۆزى سوتسىيالىزم چىقىپ قېلىشىمۇ مومكىن. بۇ قانداق مەۋقەدە تۇرۇپ، قانداق كۆرۈشكە، قانداق تەھلىل قىلىشقا باغلىق.

     كىم جوڭئىل ئەپەندى، ئەلۋىدا !

     چاۋشيەن خەلقى، سىلەرگە ئاسايىشلىق، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر سىياسىي رەھبەر تىلەيمەن!

   مەنبە قىسمەت بىلوگى

3

تېما

0

دوست

3425

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5211
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 637
توردىكى ۋاقتى: 461
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 17:15:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنىڭ مۇشۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ ئىنكاس يازغىلى تىزىملاتتىم.ھەقىقەتەن پېچەت يېزىپسىز.قەلىمىڭىزگە بارىكاللا.
تۇنجى قەدىمىمنى ئىنكاس بىلەن باشلاپ تۇراي.
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.
يۇنىل ئوپال سىلىقلاش مېيى

1

تېما

2

دوست

7116

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   42.32%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1370
يازما سانى: 355
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1714
تۆھپە : 1048
توردىكى ۋاقتى: 1285
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 17:49:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 1قەۋەتتىكى maslakdaxدە2011-12-28 17:15يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :
سىزنىڭ مۇشۇ يازمىڭىزنى كۆرۈپ ئىنكاس يازغىلى تىزىملاتتىم.ھەقىقەتەن پېچەت يېزىپسىز.قەلىمىڭىزگە بارىكاللا.
تۇنجى قەدىمىمنى ئىنكاس بىلەن باشلاپ تۇراي.  

كەچۈرۈڭ ،سورىۋالسام ...سىز مۇرات مۇئەللىممۇ ؟
چىقىپ «بوران» كۆچۈپ «قۇملار» كۆمۈلگەيمۇ ئىزىمىز ؟

2

تېما

1

دوست

5972

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   19.44%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4620
يازما سانى: 107
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 365
تۆھپە : 1674
توردىكى ۋاقتى: 162
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-3
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 18:23:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مىراس قېرىندىشىم، بىر بىر چاغلاردا «خاس ھاجىپ مۇنبەر»ىگە «زىيالىلار ۋە سېسىق 9-»نى سىز يوللىغانمۇ؟  بۇ يازمىڭىزنى ئوقۇپ  دەرھال شۇ ئەسەر ئېىسىمگە كەلدى.شۇ چاغدا   «زىيالىلار ۋە سېسىق 9-»نى ئوقۇپ يىغلاي دېسەم تېخى، كۈلەي دېسەم تېخى.......قالتىس يېزىلغان ئەسەركەنتۇق ئۇ.
شۇمۇ سىزنىڭ ئەسىرىڭىزمۇ؟

297

تېما

34

دوست

7 تۈمەن

جۇغلانما

دەلىللەنگەن ئەزا

ئۆسۈش   0%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  251
يازما سانى: 3183
نادىر تېمىسى: 7
مۇنبەر پۇلى: 14516
تۆھپە : 12046
توردىكى ۋاقتى: 4345
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-22

پىداكار ئەزا ئىنكاس چولپىنى

يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 18:35:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىم ئەپەندى سىزدە ئەھمەت نىجاتتەك ئىمان ئىسلاممۇ يوق تۇرسا، سوتسيالىزىم دىگىنىڭىز بىر يالغانچىلىق بولاپ قالسا سىز ئۆز جەمەتىڭىزنىڭ مەنپەئەتى ئۇچۇن كونۇپكا باسمايدۇ دىگىلى بولاتتىمۇ ،

ئاپتۇرنىڭ يېزىش ئۇسلۇبىغا ۋە جىگەرلىك پىكرىگە   تولىمۇ قايىل بولدۇم

167

تېما

12

دوست

3 تۈمەن

جۇغلانما

پاكلىق ئەلچىسى

ئۆسۈش   63.24%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  255
يازما سانى: 1761
نادىر تېمىسى: 19
مۇنبەر پۇلى: 6590
تۆھپە : 6593
توردىكى ۋاقتى: 1553
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-24
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 18:39:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چاۋشيەن خەلقى، سىلەرگە ئاسايىشلىق، ئەقلى-ھۇشى جايىدا بىر سىياسىي رەھبەر تىلەيمەن! 
ئەمما، بىر قېلىپتىن چىققاندەك ، مۇم ھەيكەلدەك سىياقتىكى ئوغلىنىڭ تۇرقىدىن ھېچبىر ياخشىلىقنىڭ ئالامىتى كۆرۈنمەيدۇ!
مىللەت سۈكۈت ئىچىدە گۇمران بولىدۇ!

3

تېما

0

دوست

3425

جۇغلانما

ئاكتىپ ئەزا

ئۆسۈش   47.5%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  5211
يازما سانى: 118
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 635
تۆھپە : 637
توردىكى ۋاقتى: 461
سائەت
ئاخىرقى: 2015-4-4
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 19:56:10 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مەزمۇن 2قەۋەتتىكى بارخاندە2011-12-28 17:49يوللىغان يازمىسىغا نەقىل :

كەچۈرۈڭ ،سورىۋالسام ...سىز مۇرات مۇئەللىممۇ ؟  

ياق.مەن مۇرات مۇئەللىم ئەمەس.
سەھەر تۇرغانلار كەچتە خاتىرجەم.

4

تېما

7

دوست

6577

جۇغلانما

تۆھپىكار ئەزا

ئۆسۈش   31.54%

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  4048
يازما سانى: 257
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى: 1485
تۆھپە : 1017
توردىكى ۋاقتى: 633
سائەت
ئاخىرقى: 2015-1-11
يوللىغان ۋاقتى 2011-12-28 21:41:32 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا!مەن يەنە بىر بوزقىرنى كۆرگەندەك بولدۇم.
مەن چاۋشىيەندە ئاشلىقنى دېھقانلار تېرىپ ھۇسۇلىنى ئەسكەرلەر يىغىپ كوممۇناچە تەقسىملەپ بىرىشىدۇ دەپ ئاڭلىغان بۇ راستمىدۇ؟
سەمىمى بۇلۇش ئەڭ ئەلا گۈزەل ئەخلاقتۇر
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | دەرھال تىزىملىتىش

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

( 新ICP备06003611号-1 )