ئېرىڭىز ئۆز ئۆيىنى راھەت ھېس قىلسۇن
ئېرىڭىز بىر كۈن ئالدىراش ئىشلەپ،ئۆيگە قايىتپ كەلگەندە كۆرگىنى قانداق بىر كەيپىيات؟قانداق ئائىلە ھەر كۈنى ئەتىگەندە ئەرنىڭ خىزمەت قىزغىنلىقىنى ئاشۇرۇپ،روھىنى ئەسىلىگە كەلتۈرۈپ،تىرىشىپ ئىشلەيدىغان قىلالايدۇ؟بۇ سوئاللارنىڭ جاۋابى ئېرىڭىزنىڭ ئىش ئوقىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشى ياكى مەغلۇپ بولۇشىغا تەسەۋۋۇرىڭىزدىكىدىنىمۇ بەك مۇناسىۋەتلىك.
مىنىڭ بىردوستۇمنىڭ ئېرى ھەددىدىن زىيادە ھاراق ئىچىدىغان بولىۋالدى،بەزىدە تېخى خوتۇنىنى قاتىتق ئۇرۇپ سالىدۇ.دەسلەپتە مەن بۇنىڭدىن ئىنتايىن ھەيران قالدىم،چۈنكى ئۇ دوستۇم شۇنداق چىرايلىق،رەتىلىك،پاكىز،خىزمەتتىمۇ خېلى كۆزگە كۆرۈنگەن.ئەجىبا مۇشۇنداق بىر ئايال ئۇ ئەرگە يەنە تېتىمايۋاتقانمىدۇ دەپ خاپا بۇلدۇم،بىر كۈنى ئىككسى يەنە قاتتىق ئۇرۇشۇپتۇ ۋە ئەر يەنە دوستۇمنى ئۇرۇپ،يۈز-كۆزىنى كۆكەرتىپ،بۇرنىنى قانىتىۋېتىپىتۇ.دوستۇمنىڭ ئېرى ماڭا تېلېغون قىلىپ،بىر كېلىپ كەتسىڭىز دېگەندىكىن،مەن دەررۇ تاكسى بىلەن ئۇلارنىڭكىگە يىتىپ بارسام،ئۇ ئەر غەرق مەسىت،دوستۇم بۇرنىغا پاختا تىقىۋالغان،يەرلەر قان بولۇپ كەتكەن.بۇ ئەھۋالدىن نېرۋام ئۆرلەپ،چېچىلىپ كېتىپىتىمەن.لېكىن ئۇئەرنىڭ گېپىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىشىڭ تېگىگە يەتتىم.
ئەسلىدە ئۇ دوستۇم زىيادە پاكىزلىقىدىن ئېرى ئۆيگە كىرىپ بولغۇچە ئايىغىڭىنى ئېرتىمىدىڭ،ئۆيىدە تاماكا چېكىپ،تاملارنى ئىس قىلىۋەتتىڭ.بىزنى زەھەرلىدىڭ،پايپىقىڭنى قالايمىغان تاشلىدىڭ،ئۆيىنىڭ ھاۋاسىنى بۇزۇۋەتتىڭ،سەن بولساڭلا ئۆي قالايمىقانلشىپ كېتىدۇ...دەپ كوتۇلدايدىكەن.ئەر ئۆيگەبىرەردوستىنى ئەكىرىپ بولغۇچە،پول سۈرتكۈچنى كۆتۈرۈپ،پولنى سۈرتۈشكە باشلايدىكەن.سافانىڭ ياسىتۇقلىرىنى كىرقىلىۋېتىدۇ دەپ ياتاق ئۆيىگە ئەكىرىۋالىدىكەن،ھەممە نەرسە چېچىلىپ كەتتى،ئۆيۈمىنى ئاران تازىلاپ قويسام بۇزۇۋەتتىڭلار دەپ خاپا بولىدىكەن...ئىشقىلىپ،بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ مەنمۇ دېمىم سىقىلىپ،نەپەس ئالالمايلا قالدىم.ئۆي دېگەن ئەر-خوتۇن ئىككىيلەننىڭ تۇرسا،ئېرىڭىز ئۆز ئۆيىدە راھەت ئولتۇرالمىسا،ئۇ نەگە چىقىپ ئولتۇرىدۇ؟باشقا خوتۇنلارنىڭ ئۆيىگە چىقىپ ئۇلتۇرسا خۇش بولامسز-يە؟
ئەرلەرگە يىنىك،ئازادە،رەتلىك،ئۆزى خالىغانچە ھەرىكەت قىلىدىغان،گېزىت،كۈلدانلىرىنى تاشلايدىغان،پۇتلىرىنى ئەركىن قويىدىغان ئۆي كېرەككى،ھەرگىزمۇ ھىچقانداق ئەركىن ھەرىكەت قىلالمايدىغان ئوردا-ساراي كېرەك ئەمەس.شۇڭا،ئېرىم تاشلاپ كەتمىسۇن دېسىڭىز،ئۇنىڭغا ئۆز ئۆيىنى راھەت ھېس قىلدۇرۇڭ.
مەنبە: ساقلىۋالغان ماتېرىيال ئىدى. |