ئەخلەت يېمەكلىك دېگەن نېمە؟ .
[align=justify] ئەخلەت يېمەكلىك دېگەن سۆزنى كۆپ ئاڭلايمىز. بۇ سۆز گەرچە ئىستېمالىمىزدا كۆپ ئىشلىتىلسىمۇ لېكىن ھېچبىر لۇغەتتىن ئورۇن ئالمىغان، يەنى قېلىپلاشمىغان بىر ئاتىلىشتۇر. ئۇنداق بولسا قانداق يېمەكلىكلەرنى ئەخلەت يېمەكلىك دەپ ئاتايمىز؟
ئەخلەت يېمەكلىك ئادەتتە كالورىيىسى يۇقىرى، تەركىبىدە ئوزۇقلۇق ماددىلار ئىنتايىن ئاز ياكى تامامەن بولمىغان، يېمەكلىك تالاسى قاتارلىق بەدەنگە زۆرۈر ماددىلار بولمىغان، بۇلار بولغان تەقدىردىمۇ بەدەنگە زىيانلىق تەركىبلەر ئارىلىشىپ كەلگەن يېمەكلىكلەرنى كۆرسىتىدۇ.
ئادەتتە تەركىبىدە شېكەر مىقدارى كۆپ، مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتات تەركىبى تۆۋەن ياكى زادىلا بولمىغان، تويۇنغان ماي ۋە تۇز مىقدارى زىيادە كۆپ بولغان، يېمەكلىكلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت يېمەكلىك ھېسابلىنىدۇ. كۆپ ئۇچرايدىغان ئەخلەت يېمەكلىكلەردىن كەمپۈت، بەرەڭگە ياپراقچىسى، بەرەڭگە قەلەمچىسى، ياغدا پىشۇرغان يېمەكلىكلەر، سېغىز كەمپۈت، كاربونلۇق ئىچىملىكلەر، كىسلاتالىق ئىچىملىكلەر، تاتلىق-تۇرۇملەر بار.
ئەخلەت يېمەكلىك دېگەن بۇ ئۇقۇمنى كىشىلەر ئاڭلىغىلى ئۇزۇن بولغان بولسىمۇ، تاكى يېقىنقى يىللارغا قەدەر ئۇنىڭ زىيىنىنى ھەقىقىي تونۇپ يېتەلمىگەن. 2006-يىلى ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتى نۇرغۇن تالاش-تارتىشلاردىن كېيىن قارار ماقۇللاپ، بالىلار يېمەكلىكلىرىنىڭ ھەقىقىي ساغلام يېمەكلىك بولمىغان ئەھۋالدا ھېچقانداق ئاممىۋى مېدىيالاردا، ھەرقانداق بىر شەكىلدە ئېلان بېرىشىنى چەكلىگەندىن كېيىن بۇ ئۇقۇم كىشىلەرنىڭ ھەقىقىي دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى.
[align=justify]ئەخلەت يېمەكلىك سالامەتلىككە زادى قانچىلىك دەرىجىدە زىيان يەتكۈزىدۇ؟
بۇ توغرىدا تەتقىقاتچىلار تېخىمۇ كۆپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئېھتىياجلىق. چۈنكى ئادەمنىڭ ھەربىر كۈنلۈك كەيپىياتى، ئادەمنىڭ ھېسسىياتى، ئەقلىي قابىلىيىتى، جىسمانىي كۈچ-قۇۋۋىتى بىلەن بىۋاستە ئالاقىسى بارلىقىنى مەيلى ئۇيغۇر تىبابىتى بولسۇن، مەيلى غەرب تىبابىتى بولسۇن ھەممىسىلا ئېتىراپ قىلىدۇ. ئىنساننىڭ كۈندە يەۋاتقان يېمەكلىكىنىڭ تەپەككۇر ئۇسۇلىغا تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىمۇ بۈگۈنكى كۈندە ئېتىراپ قىلىنىشقا ئېرىشىپ كېلىۋاتقان بىر قاراشتۇر.
ئەخلەت يېمەكلىك ھەققىدە ئېلىپ بېرىلغان تەجرىبىلەردىن قارىغاندا، ئەخلەت يېمەكلىكنى كۆپ دەرىجىدە ئىستېمال قىلىش چوڭ مېڭىنى ئېغىر دەرىجىدە غىدىقلايدىكەن، بۇخىل غىدىقلاش كوكايىن ۋە خىروئىننىڭ مېڭىنى غىدىقلىشىغا ئوخشاپ كېتىدىكەن. پول جونسون ۋە پول كېننى ئىسىملىك ئىككى ئالىم بىر گۇرۇپپا چاشقانلارغا ئەخلەت يېمەكلىك يېگۈزۈپ تەجرىبە ئىشلىگەن. ئۇدا بىر قانچە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى بېرىپ باققاندىن كېيىن، چاشقانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىدىكى خوشاللىق رايونى ناركوزلىنىشقا، سىرتتىن كەلگەن ھەرقانداق ئۇچۇرنى قوبۇل قىلماسلىققا باشلىغان. ئۇنىڭدىن كېيىن ئەخلەت يېمەكلىكنىڭ ئورنىغا ساغلام يېمەكلىكلەر بىلەن بېقىشقا باشلىغان. لېكىن چاشقانلار بولسا ئىككى ھەپتىگىچە ھېچقانداق نەرسە يېيىشنى خالىمىغان.
يەنە بىر تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ھامىلدارلىق مەزگىلىدە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى كۆپ ئىستېمال قىلىشى پەرزەنتىنىڭ كېيىنكى ھاياتىدا ساغلام بولمىغان تۇرمۇش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.
ھايات قىممەتلىك، ساغلام، پاكىز نەرسىلەرنى يەپ ئۆتەيلى.
بولسا مۇشۇ تېمىمىزنىڭ ئاخىرىدا يېمەكلىك ئادىتىمىزدىكى ساغلاملىققا پايدىلىق بولمىغان تەرەپلەرنى دېيىشسەك، قانداق قىلغان يېمەك-ئىچمەك ئادىتىمىزنى تەمى ئەسلىگە ۋارىسلىق قىلغان ھالدا، ساغلام يېمەكلىكلەرگە ئايلاندۇرغىلى بولىدۇ، شۇ ھەقتىمۇ پاراڭلىشىپ باقساقكەن دەپ ئۈمىد قىلىمەن.
|