ئاماننىساخان ۋە ئون ئىككى مۇقام
(ئەلى غوپۇر، ۋېي رەن)
ئاماننىساخان (1534-1567) يەكەن خانلىقىنىڭ ئىككىنچى ئەۋلاد خانى ئابدۇرەشدخاننىڭ خانىشى، شائىرە ۋە مۇزىكانت بولۇپ، تىزناپ دەرياسى بويىدىكى قۇمۇش كەنتى (ھازىرقى مەكىت ناھىيەسى تەۋەسىدە) دە بىر نامزات دېھقان ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاماننىساخاننىڭ دادىسى خەلق سەنئەتكارى بولۇپ، ئاماننىساخان سەككىز ياشقا كىرگەندە ئانىسى ئالەمدىن ئۆتۈپ، دادىسى مەخمۇتنىڭ ئوتۇن كېسىشىگە تايىنىپ تۇرمۇش كەچۈرگەن، گۆدەك چاغلىرىدىن تارتىپلا مەكتەپكە كىرىپ ئىلىم تەھسىل قىلغان، كېيىن دادىسىغا ئەگىشىپ ساز چېلىشنى ئۆگەنگەن، «تەۋراىخىي مۇسقىيۇن» دىكى خاتىرىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاماننىساخان ئابدۇرەشدخاننىڭ خانىشى بولۇپ، ئەينى دەۋرنىڭ يېگانە شائىرەسى ئىدى. «دىۋان نەفىسى»، «ئەخلاق جەمىلە» (گۈزەل ئەخلاق)، «شۇرۇھۇل قۇلۇپ» (قەلىبلەر سۆھبىتى) قاتارلىق داڭلىق ئەسەرلىرى بار ئىدى. بىراق بۇ ئۈچ ئەسەر دەۋرىمىزگىچە يېتىپ كېلەلمىگەن. ئاماننىساخاننىڭ خەتتاتلىق ماھارىتى ناھايىتى يۇقىرى بولۇپ، مۇزىكا جەھەتتىمۇ يۈكسەك ئىستېداتقا ئىگە ئىدى. شۇڭلاشقا ئابدۇرەشدخان ئۇنى بىر كۈرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان. ئاماننىساخان يەنە «ئىشرەت ئەنگىز» (خۇشاللىق قوزغاش) ناملىق بىر مۇقامنىمۇ ئىجاد قىلغان. 34 يېشىدا تۇغۇتىدا ئالەمدىن ئۆتكەن.
ئاماننىساخان بىلەن ئابدۇرەشىدخاننىڭ رىۋايەتلەردەك ھېكايىسى ھەققىدە «تەۋراىخىي مۇسقىيۇن» دا خاتىرە قالدۇرۇلغان. رىۋايەت قىلىنىشچە، ئابدۇرەشخان ۋەزىر-ۋۇزرالىرى ۋە سەركەردىلىرىنى باشلاپ يەكەندىن يولغا چىقىپ، تارىم دەيراىسىنى بويلاپ تەكلىماكانغا ئوۋ ئوۋلاشقا چىقىپ، بۇ جايدا بارگاھ قۇرۇپ بىر نەچچە كۈن تۇرۇپ قاپتۇ. ئابدۇرەشىدخاننىڭ ھەر بىر يەرگە بارسا كونا كىيىملەرنى كىيىپ دېھقانچە ياسىنىپ، قۇنالغۇ ئىزدەش سالاھىيىتى بىلەن چەت جايلاردىكى نامراتلارنىڭ ئۆيىدە قونۇپ، بۇ ئارقىلىق ئەمەلدار-لەشكەرلەرنىڭ پۇقرالارنى ئەزگەن-ئەزمىگەنلىكىنى تەكشۈرۈش ئادىتى بار ئىكەن. بىر كۈنى ئابدۇرەشىدخان ئەكرەم ئىسىملىك بىر مەھرىمىنى باشلاپ ناھايىتى ۋەيرانە بىر ئۆيگە كەپتۇ. بۇ ئۆيدە ئوتۇن سېتىش بىلەن كۈن كەچۈرىدىغان مەخمۇت ئىسىملىك بىر مويىسپىت ئولتۇرىدىكەن. ئابدۇرەشىدخان ئۆينىڭ بۇلۇڭىدا تەمبۇر تۇرغانلىقىنى كۈرۈپ، مەخمۇتتىن چېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىپتۇ. بۇ چاغدا مەخمۇت «مەن چېلىشنى بىلمەيمەن، بۇنى قىزىم ماڭا ئالدۇرغان، ئۇ چېلىشنى بىلىدۇ» دەپتۇ. بۇنى ئاڭلاپ ئابدۇرەشىدخاننىڭ قىزىقىشى تېخىمۇ كۈچىيىپتۇ ۋە مەخمۇتقا: «ئۇنداق بولسا قىزىڭىز چېلىپ بەرسۇن» دەپتۇ. مەخمۇت قىزىغا مېھمانلار ئۈچۈن تەمبۇر چېلىپ بېرىشنى ئېيتىپتۇ. قىز تەمبۇرنى ئېلىپ پەنجىگاھ مۇقامىغا چېلىپ بېرىپتۇ. ئابدۇرەشىدخان بۇنىڭدىن قاتتىق ھەيران بوپتۇ. قىز ئۆزى يازغان تېكىست بىلەن ناخشىنى ئېيتقاندا، ئابدۇرەشىدخان ئاشىقلىق دەستىدىن مەست بوپتۇ. شېئىر مۇنداق باشلىنىپتۇ:
سەڭا يۈز شۈكۈر يارەب بىزگە ئادىل پادىشاھ قىلدىڭ،
فەقر-مىسكىنغە ئابدۇرەشىدخاننى پەناھ قىلدىڭ.
شېئىر مۇنداق ئاخىرلىشىپتۇ:
نەفىسى كېچە-كۈندۈز قىل دۇئا تەڭرى تەقدىسىغە،
كى شاھىڭ ھەققىدە قىلماي قاتتىق گۇناھ قىلدڭ.
قىز تەمبۇرنى چېلىپ بولغاندىن كېيىن ئابدۇرەشىدخان ئالدىراپ: «نەفىسى دېگەن كىم؟ بۇ غەزەل (14 مىسرادىن تەركىب تاپقان بىر خىل شېئىرىي شەكىل) نى كىم يازغان؟» دەپ سورىغاندا، قىز: «<كىشىنىڭ غەزىلىنىمۇ يادقا ئېلىپ ئوقۇمدىكەن كىشى؟ بۇ غەزەلنى ئۈزۈم يازغان، نەفىسى مېنىڭ تەخەللۇسۇم» دەپتۇ، ئارقىندىلا ئاماننىساخان ئۆزى يازغان بىر نەچچە شېئىرنى ئابدۇرەشىدخانغا كۆرسىتىپتۇ. ئابدۇرەشىدخان ئۇنىڭ خەتلىرىنىڭ ھۆسىنىنىڭ ئۆزىگە ئوخشاش چىرايىلىقلىقىنى كۆرۈپ، بۇ خەتلەرنى مۇشۇ كىچىككىنە قىزنىڭ پۈتكىنىگە ئىشەنگۈسى كەلمەي، «قېنى ئەمسە، مەن قاراپ تۇراي، بىر شېئىر يېزىپ بېقىڭ» دەپتۇ. قىز دۈۋەت، كەغەز، قەلەم كەلتۈرۈپ تۆۋەندىكى شېئىرنى يېزىپتۇ.
يارەب بۇ بەندە قىلدى ئەجەب سۇ ئىزەن ماڭا،
گويا بۇ ئۆيدە ئۈندى بۇ ئاخشام تىكەن ماڭا.
ئابدۇرەشىدخان شېئىرنى كۆرگەندىن كېيىن: «ئىشەندىم، مېنى زاڭلىق قىلماڭ»، دەپلا كېتىپ قاپتۇ. ئابدۇرەشىدخان بارگاھىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن كۆرگەن ئەھۋاللىرىنى ۋەزىر، ئەمىرلىرىگە سۆزلەپ بەرگەندىن كېيىن، بېشىغا تاجىنى تاقاپ، ئۈستبېشىغا تونىنى كېيىىپ، دەرھال ئون قوي، چاي، شايى-ئەتلەس تەييارلاپ، يەنە قىرىق كىشىنى باشلاپ مەخمۇتنىڭ ئۆيىگە كەپتۇ. ئابدۇرەشىدخان مەخمۇتقا ئۆزىنىڭ سالاھىيىتىنى ئاشكارىلاپ، قىزىنى ئۆزىگە نىكاھلاپ بېرىشنى ئۆتۈنۈپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاماننىساخاننىڭ ئىسمى ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى بىلەن باغلىنىپ، نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ چۈشىدىمۇ قىلىدىغان ئارزۇسى مۆجىزىلەرچە بىر ئايال زاتىدا ئەمەلگە ئاشىدۇ. بۇ نىكاھ يەكەننىڭ مۇقامنىڭ ئەڭ غايىۋى، نوپۇزلۇق مەركىزىگە ئايلىنىشقا تۈرتكە بولىدۇ.
ئاماننىساخان كىچىكىدىن باشلاپ خەلق مۇزىكىلىرى، سەنەم ۋە مەشرەپلىرىگە ناھايىتى قىزىققان ھەمدە ئۇيغۇر كىلاسسىك شېئىرلىرىغا زور ئىشتىياق باغلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئۇ ئۆزىمۇ شېئىر يېزىش، چالغۇ چېلىش، ناخشا ئېيتىشقا ماھىر ئىدى. ئوردىغا كىرگەندىن كېيىن، ئاماننىساخان ئوردىنىڭ تۈرلۈك قائىدە-يۇسۇنلىرىدىن قۇتۇلۇپ، پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن مۇقامنى تەتقىق قىلىشقا كىرىشكەن ھەمدە مۇقامنى ئىسلاھ قىلىش ئىدىيەسى بىخ ئۇرۇشقا باشلىغان. ئابدۇرەشىدخان بۇنى بىلگەندىن كېيىن، ناھايىتى خۇشاللىق بىلەن ئاماننىساخاننى پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن قوللىغان. تىپتىنىچ ۋە گۈزەل ئايدىڭ ئاخشاملىرى، سەلتەنەتلىك ئوردا، بۈك-باراقسان يېشىللىق، كۆركەم زەرەپشان دەرياسى بويىدا... ئابدۇرەشىدخاننىڭ ھەمراھلىقىدا، چىلانزارلىقلارنى سەيلە قىلىپ، مۇشائىرە قىلىشىپ، ئەر-خوتۇنلار ھال-مۇڭ بولۇشۇپ كىشىلىك ھاياتنىڭ ئەڭ كۆڭۈللۈك دەقىقىلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئورتاق ھالدا ئون ئىككى مۇقامنىڭ يېقىملىق مۇزىكىلىرىنى ياڭراتقان.
ئەينى چاغدا ئاياللارنىڭ مۇزىكا بىلەن شۇغۇللىنىشى ئىسلام دىنى ئەقىدىلىرىگە سۇسلۇق قىلغانلىقنىڭ ئىپادىسى، دەپ قارىلاتتى. ئاماننىساخان بىر ئايال كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن 12 مۇقامنى رەتلەش ۋە ئۇرۇنلاشتا ئەينى چاغدىكى دىنىي ئەمر-مەرۇپلارنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان. ئاماننىساخان ئۇلۇغ بىر شائىرە بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئېنقىكى باشقىلارنى بېسىپ چۈشىدىغان بىلىم ۋە پەم -پاراسەت، يۈكسەك مەلۇماتقا ئىگە ئىدى. ئۇ مۇقامنى رەتلەشكە كىرىشكەن دەسلەپكى مەزگىللىرىدە، ئىشان خۇجا مۇھەممەد شېرىپنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىغان بولىسىمۇ، بىراق كەڭ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىدۇ. بۇ چاغدا ئابدۇرەشىدخان مۇقام ئۇستازى، ماھىر مۇزىكانت قېدىرخاننى مۇقام رەتلەش خىزمىتىگە تەكلىپ قىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئاماننىساخان ئۆزىنىڭ مۇقام رەتلەش ئىشىنى قەتئىيلىك بىلەن داۋاملاشتۇرغان. يەكەن خانلىقى دەۋىرىدىكى مەشھۇر ئۇيغۇر ئەدىب، شائىر ۋە مۇزىكانت قېدىرخان ياركەندىمۇ ئون ئىككى مۇقامنى يۈكسەك مەدھىيەلەپ مۇنداق يازغان؛ «مەن قەلب تارىنى چەككەن ۋاقتىمدا، قەلبىم گۈلىستان بولۇپ، ئادەمنى مەھلىيا قىلىدىغان ناخشىلار خۇددى بۇلبۇلدەك مەشرەپ مۇزىكىلىرىدا پەرۋاز قىلىدۇ، ئون ئىككى مۇقامنىڭ يۈرۈشلۈك ئاھاڭاى خۇددى ئون ئىككى ئايغا ئوخشاش ھەر بىركىشىنىڭ قەلب ئېتىزىنى يورۇتىدۇ، بۇ مېنىڭمۇ-سىزنىڭمۇ ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئاۋام خوشاللىقىنىڭ مەنبەسىدۇر.».
ئون ئىككى مۇقامنىڭ بۇرۇنقى ناخشا تېكىستلىرىدە چۈشىنىكسىز بولغان پارىسچە جۈملىلەر بولغاننىڭ ئۈستىگە مەزمۇنى كونا، دىنىي تۈسى قويۇق ئىدى. ئاماننىساخان ۋە قېدىرخاننىڭ تىرىشچانلىق بىلەن ئۆزگەرتىپ تۈزۈشى نەتىجىسىدە، مۇقامنىڭ تېكىستلىرى راۋان ۋە يېقىملىق بولغان تۈركچە شېئىرىي سۆزلەرگە ئۆزگەرتىلگەن. مەزمۇنىمۇ ناۋايىنىڭ لىرىك شېئىرلىرىنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان. شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاماننىساخان نۇرغۇن شېئىرلارنى يېزىپ مۇقام ئاھاڭلىرىغا كىرگۈزگەن. ئىخلاس بىلەن تۈزىتىش نەتىجىسىدە مۇقاملار تېخىمۇ سېھرىي كۈچكە ئىگە بولغان. ئاماننىساخاننىڭ رەتلىشى ئارقىلىق مۇقاملارنىڭ ئاھاڭى ساپ، نەپىس ۋە تەسىرلىك بولۇپ چىققان. ئون ئىككى يۈرۈش مۇزىكا ئادىللىق، ئاق كۆڭۈللۈك، بەخت ۋە مۇھەببەتنى مەڭگۈلۈك تېما قىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ جوڭخۇا مىللىتىنىڭ پارلاق مەدەنىيىتىگە قوشقان مۇھىم تۆھپىسى بولۇپ، ئون ئىككى مۇقام مۇزىكا، ئەدەبىيات، ئۇسسۇل، تىياتىر قاتارلىق خىلمۇ-خىل تىل ۋە سەنئەت شەكىللىرىدىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر خەلقنىڭ گۈزەل تۇرمۇشى ۋە ئالىيجاناپ خىسلىتىنى ئىپادىلەپ، ئۇلارنىڭ غايىسى، ئىنتىلىشى ۋە ئەينى دەۋىر تارىخىي شارائىت ئاستىدىكى خۇشاللىق ۋە قايغۇلىرىنى ئەكىس ئەتكۈزۈپ بەرگەن. ئۇيغۇر مۇقاملىرى يۈرۈشلەشكەن مۇزىكا، مۇزىكا ئورۇنلاش، ئەدەبىيات-سەنئەت، تىياتىر، ئۇسسۇل قاتارلىقلارنى بىر گەۋدە قىلغان بولۇپ، لىرىكا ۋە بايان ئۆز-ئارا بىرلەشتۈرۈلۈشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە، بۇ خىل مۇزىكا شەكلى دۇنيادىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ سەنئەت تارىخىدىكى يېگانە بىر شەكىل بولۇپ، تەڭدىشى يوق دېيىشكە بولىدۇ.
مۇقاملارنىڭ تارىخى ئۇزۇن، ئارقا كۆرۈنۈشى ناھايىتى كەڭ ۋە چوڭقۇر بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تارىخىي تەرەققىيات قەدىمىگە ئەگىشىپ ئۈزلۈكسىز تەرەققى قىلغان. گەرچە ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئۆرۈپ-ئادەت دائىرىسىگە كىرىدىغان قەبىلىلەر كۆپ، دائىرىسى كەڭرى، مۇزىكا مەدەنىيىتىمۇ كۆپ قاتلاملىق مەنبەگە ئىگە بولۇشتەك ئالاھىدىلىككە ئىگە بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبى بىلەن باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىلىرىدىن پەرقلىنىپ تۇرىدۇ. ئون ئىككى مۇقامنىڭ مەنبەسى زامان ۋە ماكان جەھەتتىن قەدىمدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ئەنئەنىۋى مۇزىكىلار ئاساسىدا يۈرۈشلۈك مۇزىكا ۋە ناخشىلارغا تەرەققىي قىلىش؛ قەشقەر، كۇچا، تۇرپان، قومۇل، خوتەن ۋە دولان قاتارلىق يەرلىك مۇزىكىلارنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى تېخىمۇ گەۋدىلەندۈرۈشىدىن ئىبارەت ئاساسلىق ئىككى ئالاھىدىلىككە ئىگە ئىدى. بۇ خىل زامان ۋە ماكان ئامىللىرى ئۆز-ئارا كىرىشىپ ۋە سىڭىشىپ مۇستەھكەم بىر گەۋدە بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ تۇرمۇش شەكلى، مىللىي ئالاھىدىلىكى، ئەخلاقىي كۆز قارىشى ۋە پىسخىك ساپاسىدىن شەكىللەنگەن مىللىي يەرلىك يۈرۈشلۈك نەزم شەكلى بولۇپ شەكىللەنگەن. بۇ خىل ئالاھىدىلىك بولسا ئۆزگىچە بولغان مۇزىكا شەكلى، ئورۇنلاش ئۇسۇلى ۋە ئۆزگىچە مۇزىكا ئەسۋابلىرى ئارقىلىق تېخىمۇ گەۋدىلەنگەن.
«مۇقام» نىڭ نامشۇناسلىقتا قانداق مەنىگە ئىگە بولىشىدىغان قەتئىينەزەر، ئۇ پەقەت رەتلەنگەن مەلۇم يۈرۈشلۈك مۇزىكىنىڭ مەخسۇس ئاتالغۇسىنى بىلدۈرىدۇ. 16-ئەسىردىن باشلاپ مۇقام ئۇستازى ئاماننىساخان قاتارلىقلارنىڭ يېتەكچىلىكى، نۇرغۇن خەلق سازەندىلىرىنىڭ قېزىش، توپلاش ۋە رەتلىشى ئارقىلىق ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئاخىر ھازىرقىدەك كۆلەم ۋە شەكىلگە كىرگەن بولۇپ، ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامى «راك»، «چەبىيات»، «مۇشاۋىرەك»، «چارىگاھ»،«پەنجىگاھ»، «ئۆزھال»، «ئەجەم»، «ئۇششاق»، «بايات»، «ناۋا»، «سىگاھ»، «ئىراق» قاتارلىق ئون ئىككى يۈرۈشلۈك مۇزىكىدىن تەركىب تاپقان.
ئۇيغۇر ئون ئىككى مۇقامىنىڭ ھەربىرى »چوڭ نەغمە»، «داستان» ۋە «مەشرەپ»تىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ قىسىمدىن تۈزۈلگەن بولۇپ، ھەر بىر يۈرۈشلۈك مۇزىكىدا 20دىن 30غىچە نەغمە، ئون ئىككى يۈرۈشلۈك مۇزىكىدا جەمئىي 300 دىن ئارتۇق نەغمە بولۇپ، ھەر بىر مۇقامنى ئورۇنلاش ئۈچۈن ئىككى سائەتتىن كۆپرەك ۋاقىت كېتىدۇ. ھەر بىر قىسمى يەنە تۆت ئاساسىي مېلودىيە ۋە بىر قانچە ئۆزگىرىش مۇزىكىسىدىن تەركىب تاپىدۇ. بۇنىڭ ئىچىدىكى ھەر بىر مۇزىكىلىق ئەسەر مۇقامنىڭ ئاساسىي مېلودىيەسىنىڭ ئورگانىك تەشكىلىي قىسمى بولۇش بىلەن بىللە، يەنە گارمونىك ئالاھىدىلىككە ئىگە مۇستەقىل مۇزىكىلىق ئەسەردۇر. ئۇيغۇر مۇقاملىرى ئۇيغۇر شېئىرلىرىنىڭ مۇزىكا ئارقىلىق ئىپادىلىنىش شەكلى بولۇپ، ھەر بىر مۇقامغا مەنىسى چوڭقۇر، مەزمۇنى مول، رەڭگارەڭ، ياڭراق، تېتىك، ئورۇنلاشقا قۇلايلىق بولغان قەدىمىي شېئىر، غەزەل ۋە قوشاقلارنىڭ سەپلىنىشى بىلەن مۇقاملار تېخىمۇ جەزبىلىك ۋە جانلىق ئىپادىلەنگەن. بولۇپمۇ ئۇيغۇر شېئىرىيىتىدىكى رېتىمغا ئەڭ باي بولغان غەزەلنىڭ 18 خىل تۇرىقى مۇقاملارنى تېخىمۇ يېڭىلىققا ۋە ئۆزگىچىلىككە ئىگە قىلىپ، مەدەنىيەت خەزىنىسىدىكى بۇ بىباھا گۆھەرنى تېخىمۇ يارقىن ۋە جەزبىدار قىلغان.
«ئون ئىككى مۇقام»نى ئۇرۇنلاشتا، سازەندىلەر ئىشلىتىدىغان چالغۇلاردىن ئاساسلىق داپ، دۇمباق، سۇناي، راۋاب، غېجەك ، ساتار، دۇتار، تەمبۇر، قالۇن قاتارلىقلار بار ئىدى. «ئون ئىككى مۇقام»نىڭ ناخشا تېكىستلىرى بىر قىسىم خەلق قۇشاقلىرىدىن باشقا، ئاساسەن چاغاتاي خانلىقى دەۋىردىكى نەۋايى، لۇتفىي، فۇزۇلىي قاتارلىق ئۇلۇغ شائىرلار ۋە يەكەن خانلىقى دەۋىردىكى سالاھىيى، زەلىلىي، مەشرەپ قاتارلىق مەشھۇر شائىرلارنىڭ چوڭقۇر پەلسەپىۋى پىكىر بىلەن تۇيۇنغان شېئىرلىرىدىن تەركىب تاپقان. مانا مۇشۇ مەزمۇنى ئىنتايىن كەڭ بولغان شېئىرلار ۋە خەلق قۇشاقلىرى مۇقاملارنىڭ ئاھاڭلىرى بىلەن بىرىكىپ، مۇقام ئورۇنلاش پائالىيىتىنى ئەقىل-پاراسەت، شېئىرىي مەنزىرە ۋە تۇرمۇش زۇقى بىلەن تولدۇرۇپ، ئېيتسا-ئېيتسا تۈگىمەيدىغان، ئورۇنلاپ ھارمايدىغان ئالاھىدىلىككە ئىگە قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان بۇلاق، ئابىھايات ۋە ئىللىق قۇياش نۇرىغا ئايلاندۇرغان.
مەنبە: «شىنجاڭ ھەققىدە ھىكايىلەر» توپلىمىدىن ئېلىندى
|