خالمىرات ئازاتنىڭ «شەكىل نەزەرىيىسى» ھەققىدە ئېيتقانلىرى
file:///C:/Users/ADMINI%7E1/AppData/Local/Temp/msohtmlclip1/01/clip_image001.png
2011-يىلى30-سىنتەبىر چۈشتىن كېيىن، شىنجاڭ ئونۋېرسىتېتى فىزىكا ئىلمى ۋە تېخنىكا ئىنىستۇتىغا فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى ئىلمىي مۇھاكىمە سالۇنى ئىچىشقا تەييارلىق قېلىش ئۇقتۇرۇشىنى يەتكۈزۈپ بىرىش مۇناسىۋىتى بىلەن بارغان ئىدىم. ماشىنىدىن چۇشۇشىمگىلاخالمىرات ئازات ئەپەندىمنى ئۇچراتتىم ۋە قىزغىن سالاملاشقاندىن كېيىن ئۇ مېىنى تەجرىبخانىسىغا باشلىدى. ئەسلىدە ئۇ ئاتايىتەن دەرۋازا ئالدىغا مېنى كۈتىۋالغىلى چىققان ئىكەن. بۇنىڭدىن ئۈستاز خالمىراتنىڭ كەمتەر ۋە پەزىلەتلىك ئىلىم ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن مەن خالمىرات ئازاتقا ئۇقتۇرۇشلارنى يەتكۈزدۇم ھەم ئۇنىڭغا،سىستېملىق تەييارلىق قىلىپ يىغىنغا قاتنىشىشنى، باشقا كەسىپداشلارغىمۇ بۇ ئۇختۇرۇشنى يەتكۈزۈپ قويۇشنى تەشەببۇس قىلدىم. سۆھبىتىمىز كۆپ ھالدا شەكىل نەزەرىيىسىگە مەركەزلەشتى.
خالمۇرات ئازات ھوشۇر ئىسلامنىڭ سۆزىنى كۆرگەنلىگىنى، پىكىرلىرىنىڭ ئوبېكتىپ ياخشى بولغانلىقىنى تىلغا ئىلىپ ئۆتتى. بۇجەرياندا خالمىرات ئازات ئەپەندى شەكىل نەزەرىيىسى تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆۋەندىكىچە بىر قانچە پىكىر-تەكلىپلەرنى بەردى: 1-ئالدى بىلەن فىزىكا نىمىنى تەتقىق قىلىدۇ دىگەن مەسىلىنى ئايدىڭلاشتۇرۋىلىش كېرەك. فىزىكا ماددىنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان پەن. شۇڭا فىزىكاتەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللانغۇچى ئالدى بىلەن ئۆز تەتقىقات دائىرسى ئىچىدەبۇگۇنگە قەدەر بايقالفان تەجرىبە ئەمىليىتى بىلەن نەزىريىۋى چۇشەندۇرۇش ئارىسىدا يېتەرسىزلىكلەربارمۇ-يوق؟ دېگەن مەسىلىنى ئانالىز قىلىپ كۆرۇشىى كېرەك. ناۋادا راستىنلا بەزى يېتەرسىزلىكلەرنى بايقىسا ئۇلارنى ئاۋال ئېنىق كۆرسىتىپ بېرىشى كېرەك. 2-مەن قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ 30 يىل تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويغان «فىزىكىلىق شەكىل نەزەرىيىسى»بىلەن خېلىدىن بېرى تونۇش. مېنىڭچە قاسىم سىدىق ئاكىنىڭ بۇ نەزىريىسىنىڭ تۇپكى چىقىش نوقتىسى: شەكىلسىز ماددا
مەۋجۇت ئەمەس.بۇگۇنگە قەدەر فىزىكا ماددىنىڭ ھەركەت قانۇنىيىتىنى تەتقىق قىلىشتا ماددىنىڭ شەكلىنى ئىتىبارغا ئالمىدى،شۇڭا بۇگۇنكى فىزىكا نەزىريىلىرى مۇكەممەل ئەمەس. دىگەندىن ئىبارەت.
ئەگەر بۇ قاراش توغرا دىيىلسە، قاسىمكام ئالدى بىلەن مادىنىڭ شەكلى بىلەن ئۇنىڭ ھەرىكەت قانۇنىيىتى ئوتتورسىدا قانداق مۇناسىۋەت بارلىقىنى يەنى ماددىنىڭ شەكلى ئۇنىڭ ھەركەت قانۇنىيىتىگە تەسىركورسىتەمدۇ-يوق. قانداق تەسىر كورسىتىدۇ؟دىگەن مەسىلىلەرتەكشۈرۈپ كۆرۈش كېرەك..
3-ماددىنىڭ شەكىلى ئۇنىڭ ھەركەت قانۇنىيىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان بولسا ،تەبىئىكى ئۇنى ئېتىبارغا ئالماسلىق ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك بولغان نەزىريەنىڭ كەمتۈكلىكنى يەنى نەزىريە بىلەن تەجرىبە رىياللىقى ئارىسىدىكى پەرىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.شۇڭا قاسىمكام ئۆز نەزىريىسىدە بۇ كەمتۈكلىكنى مەيلى قايسۇ خىل ئۇسۇلدا تەتقىق قىلسىۇن كىشىلەرنى قايىل قىلارلىق دەرىجىدەكورسىتىپ بېرىشى كېرەك.
4-ھەرقانداق فىزىكا نەزەرىيىسى پەلسەپىۋى تەپەككۇر ۋە لوگىكىلىق قۇرۇلمىدىن باشقا پۇختا تەجرىبە ئاساسىغا ئىگە بولۇشى كېرەك.29-تېئۇرما بۈگۈنكى فىزىكا نەزىريىسى بىلەن قەتئى چىقىشالمايدۇ.29-تېئۇرمىنى ئىسپاتلاش تەجرىبە لايھەسى ۋە جەريانىدىن خەۋىرىم بار، بىراق بۇ تەجرىبە نەتىجىسى يەنىلا قايتا كۈچلۈك دەلىللىنىشى كېرەك. تەجرىبە لايھەسىنى قايتا ئۆزگەرتىپ يەنە ئوخشاش نەتىجىگە ئىرىشكىلى بولامدۇ-يوق؟ ئويلۇشۇپ بىقىش لازىم. مەسىلەن: بىر شار ئىچىگە ئىككى ماتۇرنى دەستىلەپ ئورۇنلاشتۇرۇپ قارمۇ-قارشى يۆنۈلۈشتە ياكى پارالىل ھالەتتىكى قارشى يۆنۈلۈشتە قويۇلغان مۇتورلار ئارقىلىق سىناپ بىقىش ياكى ھەقىقى بوشلۇقتا تەجرىبە ئىلىپ بىرىش قاتارلىقلارنى ئويلۇشۇش كېرەك. تەجرىبە نەتىجىسىگە ئىشەنچ تۇرغۇزۇلغان ئەھۋالدا ئۇنى ھازىر بار بولغان نەزىريە ئارقىلىىق چۇشەندۈرۈش ئىمكانىيىتىنى ئويلوشوش كېرەك،بۇ خىل ئىمكانىيەت بولمىغان ئەھۋالدا ئاندىن يېڭى پەرەز ئۇتتورغا قويوش كېرەك.... 5-قاسىمكامنىڭ ئىزدىنىش روھى ،قۇربان بېرىش روھى،تىرىشچانلىقىدىن تەسىرلەنمەيدىغان ئادەم بولمىسا كېرەك .مەن ئۇنىڭ تېنىگەسالامەتلىك ،تەتقىقاتىغا مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن!
غەيرەتجان ئوسمان بىلىكيار 2011.10.1
|